قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6783|ئىنكاس: 57

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە خۇشخەۋەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

31

دوست

7510

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 2516
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 14:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگەجان ئامېرىكىدىن خەۋەر قىلىدۇ:  
ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى پىرافىسورى، پەخىرلىك ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى تۈنۈگۈن (2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى) «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. «تەبىئەت» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىش دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىملارغا نېسبەتەن پەقەت بىر يېتىش تەس بولغان غايە بولسىمۇ، بۇ ئىش دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە نېسبەتەن دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى. بىلگىنىڭلاردەك ئۆتكەن يىلى «تەبىئەت» ژورنىلى تەرىپىدىن يىللىق «دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 ئالىم» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 2007-يىلى «تەبىئەت» ژورنىلىدا تۇنجى پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز «تەبىئەت»، «ھۈجەيرە» قاتارلىق دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلمىي قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى ماقالىلىرى دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور تەسىرلەرنى قوزغاپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىن ھالقىپ جەمئىيەتتە كىشىلەر بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان ئىلمىي پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يېڭى نەتىجىسىگە مۇبارەك بولسۇن!



ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ماقالىسىمۇ ئالاھىدە بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان ئىككى ھۈجەيرە باسقۇچىدىكى تۆرەلمىنىڭ ھۈجەيرە دەۋرىيلىكىنىڭ بۆلۈنۈش ئارىلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتقان سىتوپلازمىسى خۇددى بۆلۈنۈش مەزگىلىگە كىرگەن ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدەكلا چوڭلارنىڭ بەدەن ھۈجەيرە يادروسىنى قايتا پىروگراممىلاش ئارقىلىق مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرالايدىكەن. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، ئىلگىرى تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بۆلۈنۋاتقان ئەمما تېخى ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسى بولمىسا قەتئىي بولمايتتى، ئەمدى بۇ يېڭى نەتىجە ئاللىقاچان ئۇرۇقلىنىپ ئىككى ھۈجەيرىلىك تۆرەلمە ھالىتىدىكى سىتوپلازمىنىڭمۇ ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئالىملارنىڭ ئىلگىرىكى قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ تەتقىقات چاشقان ئۈستىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، پات ئارىدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئوخشاش تەجىرىبىنى ئىنسانلاردىمۇ ئىشلەپ چىقماقچى ئىكەن. ئەگەر ئىنسانلاردا مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، ئۇ ھالدا غول ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈشتىكى تۇخۇمغا بولغان مۇتلەق ئېھتىياج ئازىيىپ دوختۇرخانىلاردا تاشلىۋىتىلىدىغان تۆرەلمىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. ئەسلى ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. ھازىرچە ماقالىنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇراي، قىزىققانلار ئوقۇپ بېقىڭلار:

http://www.nature.com/nature/jou ... ll/nature13134.html



ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەرنى سىز ياخشى كۆرىدىغان باشقا تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

1

تېما

2

دوست

1686

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16403
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 524
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 14:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.  


يۇقارقى خەۋەرنى مەن ئىزدىنىش مۇنبىرىدە كۆرۈپلا باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللىغان :

http://www.kyomm.com/uy/forum.php?mod=viewthread&tid=1759
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

7

دوست

4095

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21988
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1294
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 15:00:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! ئۇيغۇر ئوغلانلىرى يارايدۇ!

1

تېما

1

دوست

904

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27291
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 15:17:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەنىڭ كۆزى سىزدە ، ھەر قېتىم  ئوغلانلىرمىزنىڭ مۇۋاپىقيەتلرىدىن خەۋەردار بولغاندا ، جاسارىتىم تولۇپ تاشىدۇ . ئوگنىشتە تېىخمۇ تىرشىدىغان بوپكەتتىم .

7

تېما

4

دوست

5483

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1551
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 15:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە ياخشى

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 16:01:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن يېڭىلىقكەن، بۇنداق خەۋەرلەر ئادەمنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدۇ. ما ئاستىدا نىمە جىدەل بوپ كەتتى ئەمدى، ئەھ!

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 16:04:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئالىمىمىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

0

تېما

4

دوست

2494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9094
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 157
تۆھپە : 683
توردىكى ۋاقتى: 409
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 16:25:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوبدان تىمىدا ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق كونا زىدىيىتىڭلىنى سۆرەپ كىلىپ  ياقا سىقىشىپ تىرناق يارىسى قىلىۋېتىپسىلەر باللا.باغداشنىڭ تىمىلىرى ياخشى،ئەزالىرى كۆپ ،بولمايدىغان يىرى مۇتھەملەرگە تەدبىر يوق.مۇتھەم ئاشتى باشقۇرغۇچى يوق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )