بازاردىكى ئادەملەر ۋە ھاجەتخانىدىكى مەن
ئوغلانى
مەن پىسخولوگ ئەمەس ، شۇنداقلا قانداقتۇر مەلۇم ساھەدىكى داڭلىق بىلىمدارمۇ ئەمەس ،شۇڭا پىسخىكا ھەققىدە سۆزلەش مىنىڭ ۋەزىپەممۇ ئەمەس . مەن پەقەت نۇرغۇن كىشىلەر بار بازارغا بارغان ،لىكىن ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇشنى بىرخىل ئىلگىرلەش دەپ بىلىدىغان تولىمۇ ئاددىي بىر يىگىتمەن .
مەن نىمشقا ھاجەتخانىنى تاللايمەن ؟ ئاشۇ كوچىدىكى ئادەملەرنى توۋلاپ توختىمايدىغان ، مانتا ،سامسىلارنىڭ پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ قورساق ئاچ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن گۈل ،ئېغزىدىن شۆلگەي چىقىرىپ ،ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، مۇشۇ تاماقلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ يالماپ -يالماپ قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقانلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كۈلۈپ ئولتۇرماي يەنە نىمىشقا ئاشۇ بەدبۇي ، كىشىلەر كىرىشكىمۇ ئالدىراپ يەنە چىقىشقىمۇ ئالدىرايدىغان ،بىردەم تۇرۇشنى ئەخمەقلىق دەپ بىلىدىغان ئاشۇ يىرگىنىشلىك يەرنى تاللايمەن ؟ مە ساراڭمۇ ؟ مانا بۇ سۇئاللارنى كۆڭلۈمدىكى يەنە بىر مەن مىنىڭدىن توختىماي سورايتتى ، لىكىن مەن ئۇنىڭغا ئۈنىسز ھالدا بىر ئېغىز جاۋاب بېرىشنىمۇ خالىمايتتىم .
مەن كىچىك ۋاقتىمدا بىر كىچىك بارزار بار ئىدى ، بۇ بازار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدەمېڭىش ئىنتايىن تەس ئىدى ، مەن ئانامغا ئەگىشىپ سەي بازىرىغا باراتتىم ، ئۇ يەردىكى تالاش-تارتىشلار شۇنچىلىك كۆپ ئىدى ، كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن قىستىلىشىپ مەندەك كىچىكلەر نۇرغۇن ساغرىلارنىڭ ئارسىدا ئەنجۇرگە ئوخشاش مىجىلىپ كەتكىنى تاس قالاتتى . كىيىن رەخت بازىرىغا باراتتىم ، ئۇ يەردىكى ئاياللار بىلەن سودا قىلىش خۇددى مايمۇننىڭ تۈكىنى يۇلغانغا ئوخشاپ قالاتتى . ھەر قېتىم بىر باھا چۈشۈرۈپ سورىساق بىر تۈكىنى يۇلغاندەك چىرقىراپ سۆزلەيتتى . كىين مەن گۈرۈچ بازىرىغا باراتتىم ، بۇ بازاردىمۇ كشىلەرنىڭ مىنى ئىش كۆرمىگەن دەپ زاڭلىق قىلىشلىرى ، تېخى «ئۇكام ، سەن ماڭا بىر پۇل (ئون كوي ) بەرگىن مەن ساڭا ئىككى پۇل (بىر كويلۇقتىن )بېرەي » دىيىشلىرى مىنى تولىمۇ ئاچچىقلاندۇراتتى . ئۇنى خۇددى بىر ئاختا قىلىۋەتكەن كالىدەك كۆرۈپ غەزەپلىك ئالىيىپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتەتتىم .
بازاردا تۇغقانلارنىڭ باللىرى بىلەن كۆرۈشەتتىم ، چوڭلارنىڭ گەپلىرى مىنى ھەيران قالدۇراتتى :
ــ مىنىڭ بالام تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدۇ ، يا ئەتىگەن قوپمايدۇ ، سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن ئالماشتۇرىۋالسام بولمامدۇ ؟ نىمىدىگەن ياخشى بالا بۇ ؟ ــ دەيتتى ئانام مىنىڭ بىر ئىككى كەمچىللىكىمنى مىسال ئېلىپ .
ــ مەيلى جۇمۇ ــ دەپ قوياتتى تۇققانلار .
شۇنىڭدىن باشلاپ مىنىڭ ئانام باشقىلارنى ماختاشقا باشلىدى ، ئۇ سەھەر تۇرىدۇ ، مەنمۇ سەھەر تۇرۇشۇم كىرەك ، ئۇ كەتمەن چاپىدۇ ، مەنمۇ كەتمەن چېپىشىم كىرەك ، ئۇ كىۋەز تېرىدۇ ،مەنمۇ كىۋەز تېرىشىم كىرەك ... دىمەك مەنمۇ «ئۈگۈنۈش» كە باشلىدىم .
بىز يەنە تاش يولدىن ئۆتەتتۇق ، ئانام قولۇمدىن تۇتۇپ ماڭاتتى ، بىز مال بازىغا باراتتۇق ، ئانام قولۇمدىن ... ، دىمەك ، مىنىڭ ھەرقانداق بىر يەرگە بېرىشىم ئانامنىڭ قولۇمنى يىتلىشى ئارقىلىق پۈتەتتى .
باشتا دىگەن ئاشخانىغا بارساممۇ يېنىمغا ئانام ئولتۇرۇپ ماڭا پۇل تۆلەپ بېرەتتى ، ئۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى مىنى يۈتۈپ كىتىسەن دىگەن گەپ ئىدى .
دىمەك پۈتۈن بىر بازاردا پەقەت ھاجەتخانىغا كىرگەندە ئانامنىڭ قولۇمدىن تۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرىمەيتتىم، مىنى سېلىشتۇرىشىدىن ، يەنە ماڭا چەك قويۇپ مىنى كىچىك بالا كۆرۈپ مىنى خۇددى بوزەك قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيتتىم .
كېيىنچە مەن يەنە بىر ئىشنى بايقىدىم .
مەن بازاردا دادامدىن سورىدىم ، «قانداق چوڭ بولىمەن ؟» دەپ ، دادام قىسقا قىلىپ « مەن ساڭا دەپ بېرەي ... » ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق تەجىربىللىرىنى سۆزلەشكە باشلىدى ، مەن ئانامدىن سورىدىم ،«قانداق چوڭ بولىمەن؟» دەپ ، ئانامدىنمۇ ئوخشاش جاۋاب ئالدىم . ئاكا ،ھەدە ،بوۋا مومىلىرىممۇ ئوخشاش جاۋاب بېرىدۇ ،بۇ مىنىڭ كۆڭلۈمگە ئايان .
ئۇنداقتا مەن قانداق چوڭ بولىمەن ؟
مەن بايقىدىمكى ھاجەتخانىغا كىرگەندە بولسا ھېچكىمدىن سۇئال سوراشقا بولمايدىكەن ، يەنى پۈتۈن سۇئاللارغا ئۆزەمدىن سورايدىكەنمەن ، ئاشۇ ئىچىمدىكى ئۆزەمدىن سورايدىكەنمەن ، ئۆزەم بىلەن ھەقىقىي پاراڭلىشىپ ئۆزەمنىڭ كۆڭۈل سىرىمنى ،كۆڭۈل گەپلىرىمنى چىن يۈرۈكۈم بىلەن ئاڭلايدىكەنمەن ، ئۆزەمنى زاڭلىق قىلمايدىكەنمەن ، ئۆزەم كۆڭلۈمگە نىمە كەلسە ئويلايدىكەنمەن ، يەنى دادامنىڭ ، ئانامنىڭ توسۇشىمۇ يوق ئىكەن ، نىمە ئويلاي ، نىمە دىسەم باشقا ھاجەت قىلىۋاتقانلار مىنى ساراڭكەن دەپ كارى بولمايدىكەن . دىمەك مەندە ئۆزۈم بىلەن سىردىشىش پۇرسىتى ، ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى بىلىش پۇرسىتى دەل شۇ يەردە ئىكەن .
شۇڭلاشقا مەن ئويلاپ قالدىم .
بازاردىكى ئادەملەر شۇنچىلىك كۆپ ،لىكىن ئۇلار مىنى تونۇمايدۇ ، پەقەت شۇ ھاجەتخانىدىكى ئۆزەملا ھەقىقىي ئۆزەمنى تونۇيدۇ ،مەن ئۇنى تېپىشىم كىرەك .
2014-03-28
باغداشقا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
|