ھەممە ئىشتا مومكىنچىلىك بار
2013 -يىلى خاربىن نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قېلىنىپ ياشلار ئارسىدا كەڭ تەسىر قوزغىغان ..ھەم ئەڭ بازارلىق بولىۋاتقان كىتاپ،ئامىركا پىرىزدىنتى ئوبامانىڭ ھايات مۇساپىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنىپ ھازىرغىچە 5- قىتىم بىسىلدى. ياشلارنىڭ ئالغا ئىنتىلىشىگە ،ئۆز ئارزۇ ئارمانلىرىغا يىتىش ئۈچۈن تېرىشىشىغا تۈرىتكىلىك رول ئوينايدىغان بۇ كىتاپنى ،بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭمۇ بىرە رەت ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ قاراپ ئىپتىخار تەرجىمە گورۇپپىمىز بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ ،ھەم ئىلكىتاپ نۇسخىسىنى تۈزۈپ چىقتۇق، تەرجىمە خېزمىتىگە قاتناشقان گورۇپپا ئەزالىرى زېلال 1APOLO ئۆرتەن iptihar ئىلچى قاتارلىق تورداشلارغا چىن يۈركىمىزدىن رەھمەت ئىيتىمىز..ھەم جەمىيەتتىن
بىر ئادەمنىڭ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاشۇرالماسلىقى ئۇنىڭ قانداق باشلىغانلىقى ، قانداق تەربىيەگە ئېرىشكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، مۇھىمى ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدا توغرا يۆنىلىش بىكىتكەنلىكىدە . پەقەت ئۆزىگە توغرا يۆنىلىش بىكىتكەندىلا ئاندىن ئۆزىگە خاس يولنى تاپالايدۇ ، قاراڭغۇلۇقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ مۇۋەپپىقىيەتكە يىتەلەيدۇ .
غايىگە ئىرىشكەندىلا ئالغا باسقىلى بولىدۇ ، بىراق غايىگە ئېرىشىشلا كۇپايە قىلمايدۇ ، بىز ئورنىمىزنى بەلگىلىشىمىز كېرەك . بۇنىڭدا ئۆزىمىزنىڭ نەدە تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپلا قالماي ، مۇۋەپپىقىيەتكە قانچىلىك يىراقلىقىمىزنى ، قانچىلىك قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغىنىمىزنى ئالدىن پەرەز قىلىشىمىز كېرەك .
ئوبامانىڭ ئەزەلدىن رەقىپلىرى بىلەن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى ئۇنىڭ سالاھىتى ۋە سىياسەتتە تۈزگەن كونكېرىت ماددىلىرى . ئوباما سەھنىگە چىقىپلا خەلق تۇرمۇشى بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى ، ئۆزىنى «قېرىنداشلىرىنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھى»دەپ ھېساپلىدى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەڭ مۇھىمى مەڭگۈ كەمبەغەللەر ، ئۇلار بۇ دۆلەتنىڭ تۈۋرىكى ، بەزىلىرى ھەتتا دۆلەتنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . شۇڭلاشقا ، مەيلى قاچان بولمىسۇن ئوباما شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى ، ئۆزى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر تۆۋەن كىرىملىكلەردۇر .
ئوباما نۇتىقىدا كۆپ قېتىم بۇ قاتلامدىكىلەرنىڭ ھېكايىسىنى تىلغا ئالغان ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا تىرىشىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن . ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇلار ناھايىتى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ ،بىراق تىرىشىپ ياخشىلىغاندا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ، ئۇنىڭ نامراتلارنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قىلىشقا ئىشەنچى تولۇق .
نۇتۇق داۋامىدا ئوباما ئامېرىكىدىكى نامراتلىقنى ئۆزگەرتىشتە ھەممەيلەننىڭ قەھرىمانغا ئايلىنىشىنى مۇراجەت قىلدى ، خىزمەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغانلارغا كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت بېرىش بۇنىڭدىن كەلگەن ئايلىق مائاشى ئارقىلىق بالىلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك بېقىش ھەم تەربىيلەش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ھەم بالىلىرىغا خوشال-خورام ئوينايدىغان ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش . ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا جىددى ھەل قىلىش لازىم بولغان داۋالىنىش كىرىزىسى ، ئىسراپچىلىق ، كېسەللىك ، ئاستا خارەكتىرلىك كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجەت قىلدى ھەمدە ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق سىياسىي خىراجەتنى ئازايتىش تەكلىپىنى بەردى . شۇنداق قىلىپ ئوباما ئۆز مۇراجەتلىرىنى ھەربىر خەلىقنىڭ يۈرىكىگە سىڭدۈردى . زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ قالسا ھەربىر كىشىنى ئېرىشىشكە تىگىشلىك بولغان داۋالىنىش پاراۋانلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئامېرىكىنى نېفىتنىڭ بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ، قايتىدىن ئېنىرگىيە چوڭ دۆلىتى بەرپا قىلىدىغانلىقى ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ، تۆۋەن سەرپىياتلىق يېڭى ئىنىرگىيىنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشچان ئېنىرگىيىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى . ئۇ:« ئامېرىكا يېڭى بىر ئەۋلات ئامېرىكىلىقلارنىڭ يىتەكلىشىدە قايتىدىن قەد كۆتىرىدۇ ، ئۇلار كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرالايدۇ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىدۇ ، ئىقتىسادنى قوزغىتىدۇ ، دۇنياغا ئۈلگە تىكلەيدۇ ، ئامېرىكا ئىلگىرىكىدەكلا كۈچلۈك ، ئۇ قايتىپ كەلدى .» دېدى .
ئوباما ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلىدۇ . ئامېرىكىلىقلار نېمىگە ئېھتىياجلىق ؟ ھازىر قانداق ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ ؟ كەلگۈسىدە قايسى يۆنىلىشتە تەرەقىي قىلىدۇ ؟ قانداق قىلىپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ ؟ بۇ مەسىلىلەر ئۇنۇڭغا ئېنىق . شۇڭلاشقا ئوباما پىرىزىنت سايلىمىدا يۇقىرى ئەمىلىي كۈچىنى نامايەن قىلدى ، باشلىنىشتا كۆزگە بەك چېلىقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ، ھەتتا بەزىلەر تەرىپىدىن پىرىزىنت بولىشى مۈمكىن ئەمەس دەپ قارالسىمۇ بىراق ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئارزۇسىنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇردى .
|