- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3166
- نادىر
- 0
- يازما
- 358
ئۆسۈش
38.87%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-1 02:27
مەن ھەممىڭلارنىڭ ئىنكاسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي ،خاتالىق بولسا كەچۈرۈڭلار .
تىما ئىگىسىگە رەھمەت .
بۇ تىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى تىمىدا ئەسكەرتىلگەندەك ،بىراق كېيىن رەتلەپ قىسقارتىپ قەلەمگە ئالغان ئىگىسىنى ئەسكەرتمىگىنى توغرا بولماپتۇ .
1 - تۇغلۇق تۈمۈرخان ( ئەگەر تارىخ چاقچاق قىلمىغان بولسا) راستىنلا چىڭگىزخاننىڭ نەسلىدىن .
2- سەئىدخاننىڭ 1514 - يىلى سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇرنىڭ تارىخىدا يېڭى سەھپە ئېچىلدى .
3 - سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك موڭغۇللار قۇرغان خانلىق ئىكەن دىگەن سۆز خاتا بۇلۇپ قاپتۇ . ئۇنداق ئەمەس، موڭغۇللار بۇ دەۋردە ئاللابۇرۇن ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان يەردىكى خەلقلەرگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن . مەسىلەن ياۋرۇپا يۈرۈشىدىكىلەر ۋە خانلىق قۇرغانلار شۇ يەردە شۇ خەلققە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن . ئوتتۇرا ئاسىيادىكىللىرى شۇ يەردىكى ، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزبېك ،قازاق ،قىرغىز،رايونىمىزدىكىللىرى ئۇيغۇرغا دىگەندەك . مەسىلەن مىنىڭ ئانا جەمەتىمنىڭ تاغا تەرەپ تۇققانلىرىمىزنىڭ لەقىمى «قالماق » . بۇ شۇ دەۋردە نازارەتچى بەگلىككە تەيىنلەنگەن بىر موڭغۇل ، ئۇيغۇرلار بىلەن تويلۇشۇپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن ، پەقەت نەچچە يۈزيىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار قويغان لەقەم (قالماق، بىز خوتەندە چوڭلار ھازىرمۇ موڭغۇللارنى قالماق دىيىش ئادىتى بار ) ساقلىنىپ قالغان . بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن فىرانسيەلىكلەر سۈرۈشتۈرسە ئاتا- بوۋىسى نىمىس بولۇپ چىقىدۇ . نۇرغۇن نىمىسنى سۈرۈشتۈرسە ئاتا- بوۋىسى فىرانسوز بولۇپ چىقىدۇ ، بۇ پەقەت ئاسسىمىلاتسىيەنىڭ نەتىجىسى . ئەگەر بۇ جەرياننى شەرھىلىسەك توم بىر كىتاپ بولۇپ چىقىدۇ .
بىر مىللەتنىڭ ساپ شۇ مىللەت قېنىدىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . شۇڭا سەئىدىيە خانلىقىنى موڭغۇللار قۇرغان دىيىش خاتا .
ئەگەر شۇنداق دىسەك تېخى يېقىنقى زاماندىكى قۇمۇل ۋاڭلىرىمۇ، سۈرۈشتۈرسەك موڭغۇللارغا بېرىپ تاقىلىدۇ ،چۈنكى بۇ ۋاڭ جەمەتى ئانا تەرەپتىن تۇغلۇق تۈمۈرخانغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىسەك چىڭگىزخانغاننىڭ نەسلىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ،كىممۇ مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭنى موڭغۇل دەيدۇ . بۇ ئادەم باشتىن ئاخىرى موڭغۇللار بىلەن جەڭ قىلغان ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلمىغان ياخشى ئىشلىرى ئاز قالغان ئادەم، ئەڭ ئاخىرىدىمۇ ئۇيغۇرنى دەپ كاللىسى كەتكەن .
4 - بۇ تىما مەيلى كىمنىڭ بولسۇن پىكىر دائىرسى ئىنتايىن تاركەن .
مەسىلەن :ئۆز زامانىسىدا تۇرپاننى مەرگەز قىلغان ،ياكى يەكەننى مەرگەز قىلغان بولسۇن (دەسلەپتە بۆلۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ ) بۇ بىر پۈتۈن خانلىقنىڭ زىمىنلىرىنىڭ بىر قىسمى خالاس . بىر دۆلەتنىڭ بىر قىسمى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا شۇ دۆلەتنىڭ ئارمىيىسى قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ . بۇ خانلىق ئارمىيىسىنى ئۆز تەۋەسىدىكى بارلىق پۇقرالاردىن ئەسكەرلىككە ئالغان يىگىتلەردىن تەشكىللەيدۇ .قانداقتۇ تۇرپاندا ئۇرۇش بولسا تۇرپانلىق ،ئاقسۇدا ئۇرۇش بولسا ئاقسۇلۇق جەڭ قىلىدىغان ئىش يوق ،ئەگەر ئۇنداق بولسا پۈتكۈل تاجاۋۇزچىلىققا بىر رايوندىكى خەلق قانداق تەڭ كىلىدۇ ، خان بولغان ئادەم قانداق خان ئاتىلىدۇ . مەسىلىنى بۇنداق تار مەھەللىۋازلىق نوقتىسىدا تۇرۇپ تەھلىل ۋە بايان قىلىش خاتا. بۇ ھەم بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر پۈرۈنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىق . ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ يۇرۋازلىققا چېكىت قويۇپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تەقدىرداشلىقىنى ئومۇملاشتۇرىشىمىزغا پايدىسىز .
5 - تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئەمىر خۇدايدات جەمەتى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇلغانلىقىغا پىكىر بىرلىكى بار . ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ تۇرپان ،ئاقسۇ ،تاشكەنت قاتارلىق جايلارنى پايتەخت قىلغان،كېيىنكى يەكەن . مەيلى نىمە بولسۇن تۇرپان باشتىن ئاخىرى مۇھىم بىر مەرگەزلىك ئورنىدىن قالمىغان . يەنى تاشكەنت پايتەخت بولغاندىمۇ تۇرپاندا ئەھمەتخان كىچىك خان بۇلۇش سالاھىتى بىلەن تۇرپاننى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى پايتەخت قىلغان . ئەخمەتخان باتۇرلىقى بىلەن داڭ چىقارغان ، يەنى موڭغۇللار تەرىپىدىن قاتىل خان دەپ ئاتالغان . ئەخمەتخان دەۋرىدە موڭغۇللارغا، ئۇيغۇرلار ئەڭ ئەجەللىك زەربىلەرنى بەرگەن ۋە ئەخمەتخان يۇقۇرىدا دىگىنىمىزدەك موڭغۇللار تەرىپىدىن قاتىل(ئالەچە)خان دەپ ئاتالغان (باھادىرنامە) . مۇشۇ مەزگىلدىكى مۇشۇنداق نەچچە تۈمەن كىشىلىك كۈچلۈك قوشۇن خاسلا تۇرپان خەلقىنى مەنبە قىلىپ تەشكىللەنگەنمۇ .
6 - تۇرپان ۋە قۇمۇل خەلقىنىڭ يەككە ھالدا يالغۇز جەڭ قىلىش ئەھۋاللىرى ئۇيغۇر بىر پۈتۈن خانلىق بولۇشتەك ئورنىدىن قالغان ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن . بۇ بىر ئايرىمىلق يەككىلىك. ئەگەر يازماقچى بولساق ئىنىق ئەسكەرتىپ ،( يىل ۋاقىتلىرىنى توغرا ئەسكەرتىپ). دەل شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرنىڭ بىر پۈتۈن ۋاقتى ئەمەس بەلكى پارچە - پارچە بولغان ۋاقىتتىكى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش كېرەك .
7 - ئىمىن خۇجىغا كەلسەك بۇ كىشىنىڭ چىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ چىققىنى راست . بىراق ئۇنىڭ بەگ بۇلۇشى ئۆزىنى - ئۆزى بەلگىلەش يولى بىلەن بولغاچقا موڭغۇللار ئەلۋەتتە ئىتىراپ قىىلمايدۇ . شۇڭا ئۇ تەبىئى ھالدا موڭغۇللار بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان ، كۈچى يەتمىگەچكە چىڭ ئارمىيىسىنى چىللىغان . مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئاپاق خۇجىنىڭ يولى بىلەن ئوخشاش يول تۇتقۇچى .
سەن باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ سىياسى مەخسەتلىرىڭگە يەتمەكچى بولغاندا، ياردەم بەرگۈچىمۇ سەندىن چوڭ چوتلارنى سوققان بولۇدۇ . دىمەك سىنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا ئۇتۇش نىسبىتىڭ بەك ئاز بولىدۇ . بىراق بۇ خىل يولمۇ سىياسىدىكى بىر يول . |
|