قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 891|ئىنكاس: 3

تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

2

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-29 18:40:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك



ئاپتورى: ئەكبەر ئەمەر


          تارىخىي رومان بىر دۇنياۋى ئەدەبىيات ھادىسىسى بولۇپ، باشقا ئەللەردە تارىخىي رومان ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى ئىزدىنىش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخىي رومان قىزغىنلىقى كىشىلەرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن يېڭى بىر ھادىسىدۇر. ھازىرغىچە بىزدە كۆپلىگەن تارىخىي رومانلار نەشر قىلىندى، ئەمما تارىخىي رومان بىر يېڭى ھادىسە بولغانلىقتىن، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتمۇ ھازىر باشلانغۇچ ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. باشقا ئەللەر ۋە خەلقلەر ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلاردا بۇ ھادىسە بالدۇر بارلىققا كەلگەن، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىمۇ بۇرۇن باشلانغان. شۇڭا ئۇلار تارىخىي رومانچىلىقتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ۋە يېتىشكە تېگىشلىك ئۆلچەملەر ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات تەجرىبىسى بىلەن تونۇشۇش، ئۇلار دۇچ كەلگەن ۋە ساقلىنىشقا تىرىشقان مەسىلىلەردىن خەۋەردار بولۇش بىزنىڭ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات تەجرىبىلىرىمىزنى بېيىتىدۇ.
      تارىخىي ئەسەرلەردىكى بەدىئىيلىك بىلەن تارىخىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش تارىخىي رومان تەتقىقاتىدىكى ئاساسلىق مەسىلىدۇر. چۈنكى، تارىخىي روماننى تارىخنىڭ ئۆزى دەپ قارىۋېلىش ۋە تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنىڭ مەلۇم تارىخىي ۋەقەلەرگە بولغان ساداقەتمەنلىكى نۇقتىسىدىن ئۆلچەش ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخىي ئەسەرلەرگە بولغان تەلىپى ۋە زوقلىنىش دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىسىدىن خەۋەردار بولۇش يازغۇچى ۋە تەنقىدچىلەرلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوقۇرمەنلەر نۇقتىسىدىنمۇ مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
”ئوكسفورد ئەدەبىي تېرمىنلار قىسقىچە لۇغىتى“ (99 - بەت)دە تارىخىي رومانغا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: "روماندىكى پائالىيەت مەلۇم تارىخىي دەۋردە ھەم ئەسەر يېزىلىۋاتقان ۋاقىتتىن خېلى بۇرۇن (ئادەتتە بىر ياكى ئىككى دەۋر، بەزىدە بىر قانچە ئەسىر بۇرۇن) يۈز بەرگەن ھەم شۇ دەۋرنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن روماننى كۆرسىتىدۇ." بۇ تەبىردە ئىخچام ۋە ئېنىق ھالدا تارىخىي روماندا ئەكس ئەتكەن دەۋرنىڭ ۋاقىت چېگراسى نۇقتىسىدىن تارىخىي رومان ئۇقۇمى ئىزاھلانغان. ئەمما، بەزى تەتقىقاتچىلار تارىخىي روماندا ئەكس ئەتكەن رېئاللىققا ئېنىق ۋاقىت چېگراسى بەلگىلەپ بېرىشنىڭ قىيىنلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن: دان ئۇنگرىيانو ئۆزىنىڭ "تارىخنى پىلانلاش −− ئىمپېرىيە دەۋرىدىكى رۇس تارىخىي رومانلىرى" ناملىق مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرىدە ئاشۇ خىل قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق دېگەن: "تارىخىي رومانلارنى ھازىرقى تۇرمۇش ھەققىدىكى رومانلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خىرونولوگىيەلىك يۇقىرى چېگراغا (ۋاقىت چېگراسىغا) تەبىر بېرىش قىيىن. يەنە بىر تەرەپتىن، بىر روماننى ئوڭايلا "تارىخىي رومان" دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويىدىغان، تەسۋىرلەنگەن پائالىيەت يۈز بەرگەن پەيت ۋە شۇ پەيتنىڭ ۋاقىت دائىرىسىگە ئاساسلانغان دەل فورمۇلا يوق." مۇشۇ خىل قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن، دان ئۇنگرىيانو تارىخىي رومان ئەكس ئەتتۈرگەن دەۋرگە ۋاقىت نۇقتىسىدىن مۇنداق ئىزاھ بەرگەن: "شۇنىسى تېخىمۇ مۇھىمكى، روماندىكى پائالىيەت دەۋرداشلار تەرىپىدىن باشقا دەۋر دەپ قارالغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولۇشى كېرەك." ("تارىخنى پىلانلاش"، 11 - بەت) ئۇنىڭ تەبىرى باشتا نەقىل ئېلىنغان تەبىرگە قارىغاندا مۈجمەل تەسىر بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ تارىخىي روماندا ئەكس ئەتكەن دەۋرگە ئېنىق ۋاقىت چېگراسى بېكىتىپ بېرىشتىن ساقلانغان، مۇشۇ خىل ئېنىقسىزلىقنى كۆزدە تۇتقان ئەھۋالدا تارىخىي رومانغا مۇنداق تەبىر بېرىش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن: رومان يېزىلغان دەۋردىكى كىشىلەر تەرىپىدىن باشقا دەۋرگە تەۋە دەپ قارالغان ۋەقەلىكلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىر تارىخىي دەۋرنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن رومان تارىخىي روماندۇر.
          تارىخىي روماننىڭ تەبىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئەگەر ئادەتتىكى مەنىدىكى رېئالىستىك ئىجتىمائىي رومانلار ئۆز دەۋرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى، پىسخىكىسى ۋە ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە، تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان بىر رېئاللىقنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى، پىسخىكىسى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، تارىخىي رومانغا ئۇنى روماندىن پۈتۈنلەي ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان تەبىر بەرگىلى بولمايدۇ. "رولىج ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي تەنقىد ئېنسىكلوپېدىيەسى"دە ئامېرىكىلىق ئەدەبىي تەنقىدچى خاررى شاۋ تارىخىي روماننىڭ تەبىرىنىڭ روماننىڭ تەبىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئېنىق پەرققە ئىگە بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق سوئال قويىدۇ: "تارىخىي روماننىڭ ئومۇمىي سالاھىيىتى نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر تۇراقسىز بولىدۇ؟" ئارقىدىنلا ئۇ بۇ خىل ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ بىر سەۋەبى شۇكى، تارىخىي رومان ئۆزىگە خاس شەكىل بايلىقلىرىدىن مەھرۇم، ئۇ ھەر دائىم روماننىڭ شەكىللىرىگە تايىنىدۇ." تارىخىي روماننىڭ تەبىرى ۋە ئۇنىڭ ژانىر تەۋەلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئېنىق بولماسلىقى ھەققىدىكى قاراشلار ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بۇ ژانىرغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر رېئالىستىك ئىجتىمائىي رومان ئۆز دەۋرىنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرسە، تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇڭا، تارىخىي رومان ئەمەلىيەتتە رېئالىستىك روماننىڭ شەكىل ئۇسلۇبلىرىغا تايىنىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدا تارىخىي رومان توغرۇلۇق مەخسۇس ئىزدەنگەن گېئورگى لۇكاچ "تارىخىي رومان" ناملىق ئەسىرىدە، تارىخىي روماننىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق توختالغاندا تارىخىي رومان بىلەن رېئالىستىك روماننىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىگەن. لۇكاچنىڭ كۆرسىتىشىچە، شوتلاندىيەلىك يازغۇچى ۋالتىر سىكوتنىڭ تارىخىي رومانلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، ھەقىقىي تارىخىي رومانلار دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ۋالتىر سىكوتنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن ئەنگلىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. دان ئۇنگرىيانونىڭ رۇس تارىخىي رومانلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋالتىر سىكوتنىڭ تارىخىي رومانلىرى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن رۇس ئەدەبىياتىدا تارىخىي رومان ھادىسىسى مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن رومانلارنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ۋە بۇ ئەدەبىيات ھادىسىسىنىڭ پۇشكىننىڭ »كاپىتان قىزى«، تولستوينىڭ »ھاجى مۇراد« ۋە »ئۇرۇش ۋە تىنچلىق« قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. روشەنكى، ۋالتىر سىكوتنىڭ تارىخىي رومانلىرى پۈتكۈل ياۋروپادا تارىخىي رومانلارنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقىشىغا باشلامچى بولغان. رۇس تارىخىي رومانلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىمۇ ئۇنىڭ تارىخىي رومانلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
          لۇكاچنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تارىخىي رومان رېئالىستىك ئىجتىمائىي روماندىن ئايرىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ نۇقتىنى ئۇ ماركس پەلسەپىسىنىڭ تەھلىل قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بارلىق ئۇلۇغ ئەسەرلەر ئەمەلىيەتتە رېئالىستىك ئەسەرلەردۇر، ئەمما رېئالىستىك ئەسەرلەرنىڭ نامايەندىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپادا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر مۇرەككەپلىشىپ بارغان، بۇ خىل ئۆزگىرىش رېئالىزملىق ئەنئەنىگە يېڭى مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلگەن. يەنى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىش تەبىئىي ھالدا شۇ رېئاللىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىمەكچى بولغان رېئالىستىك ئۇسلۇبتىن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە رېئالىستىك ئۇسلۇبمۇ بارا - بارا ۋايىغا يېتىشكە باشلىغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى رېئالىزم ئېقىمىدىكى ئاپتورلاردىن شۇ خىل مۇرەككەپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە تەلەپ قىلغان. لۇكاچنىڭ قارىشىچە، رېئالىستىك ئۇسلۇب ۋايىغا يەتكەندىن كېيىن تارىخىي رومانلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. تارىخىي رومانلار كىشىلەرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، تارىخىي رومانلار ئارقىلىق ئاپتورلار ئۆز دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەم يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن تارىخىي ئامىللارنى رېئالىستىك ئۇسلۇبتا ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. لۇكاچنىڭ تەتقىقاتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تارىخىي رومان رېئالىستىك روماندىن ئايرىلىپ چىققان، مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلار بولسا، رېئالىزمنىڭ ۋايىغا يەتكەن ئۇسلۇبلىرى ئارقىلىق تارىخقا ئايلانغان رېئاللىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەكس ئەتتۈرگەن رومانلاردۇر.

مەنبە : تارىم ژۇرنىلى

  داۋامى بار

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 00:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتش Pنى  باسسام ي  بولۇپ چىقاۋالدى توغرا چۇشۇنىڭلار

مەنغۇ تارىخى رومانلارنى ئوقىغانچە  قايمقۇپ قېلىۋاتىمەن  ،سەۋەبى تارىخى رومان بولغاندىكىن  چىنلىقنى ئىپادىلىسە ياخشى بولاتتى ،بۇ تارىخ بولغاندىكىن بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ يازسا ئاندىن تارىخ بولمامدۇ ،تارىخىمۇ  دەۋىرگە ماسلىشىپ ئوزگىردىغان نەرسە ئەمەستۇر ،بىرنى ئوقىسا بىر خىل مەنە چىقىۋاۋتقان يەنە بىرنى ئوقىسا يەنە بىر خىل  مەنە ،قايسىغا ئىشىنىشنى بىلمەي گاڭىگىراپ قېىلۋاتىمەن ،قايسى راس قايسى يالغان بۇ تارىخنىڭ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

5426

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1642
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 13:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ،تارىخى رومانلاردا مۇنداق بىرقانچە مەسىلىلەر بار :
1. تارىخى دەۋىرنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىگىگە بولغان تەتقىقات چوڭقۇر ئەمەس .
2.شۇ دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ تەپەككۈر ئالاھىدىلىگى ۋە شەكلىگە بولغان تەتقىقات يېتەرلىك ئەمەس .
3.شۇ دەۋىردىكى مەلۇم جاي ياكى مەلۈم رايۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى ، قاتناش قۇراللىرى قاتارلىقلارنى چۈشۈنۈشى يېتەرلىك ئەمەس .
مەسىلەن ،بىر كارۋان بىر كۈندە يول يوق شارائىتتا نەچچىلىك يول  يۈرەلەيدۇ ؟ بىر ھەربى قوشۇن بىر كۈندە پۈتۈن سەپ بويىچە قانچىلىك ئىلگىرلىيەلەيدۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆتەڭلەر ،ۋە شۇ ئۆتەڭلەردە كىملەرنىڭ ياشىغانلىغى ،ئۆتەڭلەرنىڭ ئورنى ۋە سانى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات يوق دېيەرلىك  .
يوقارقىلار تارىخى رومانلارنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ قويىۋاتقان ئامىللاردۇر .چۈنكى ھازىرقى ئوقۇرمەنلەر ئەقلىي تەپەككۈر قىلغۇچى ئالى تەپەككۈرلۈك پۇخرالاردۇر،ئۇلارنىڭ كۆزىنى بويىماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس.............

8

تېما

2

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 10:31:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقىسىنىڭ داۋامى


گەرچە تارىخىي رومان رېئالىستىك ئىجتىمائىي روماندىن ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن رېئاللىق تارىخقا تەۋە بولغانلىقتىن تارىخىي رومان يەنە بەزى ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. تارىخىي رومانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئۇ ئاساسەن مەلۇم شەكىلدە ساقلانغان ۋە داۋاملاشقان تارىخ بىلىملىرىگە تايىنىدۇ. يەنى، تارىخىي رومان باشقا دەۋردىكى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكتىن، ئاغزاكى، يازما ماتېرىياللار ۋە يازغۇچى بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخىي كەچمىشلەرنى مەنبە قىلىدۇ. قىسقىسى، تارىخىي ۋەقەلەر كۆپ ئەھۋاللاردا ھەر خىل شەكىلدە ئالدىنئالا تەييار ھالەتتە مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بىزنىڭ تارىخىي رومانچىلىقىمىزدىن قارىغاندا، »تارىخى رەشىدىي«، »تارىخى ئەمىنىيە«، »تارىخىي ھەمىدىيە« قاتارلىق مۇنەۋۋەر تارىخىي ئەسەرلەر ۋە ھازىر تىلىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ۋە تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تارىخ تەتقىقات ئەسەرلىرى، شۇنداقلا يازغۇچىلار (مەسىلەن: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر قاتارلىق يازغۇچىلار)نىڭ تارىخقا ئايلانغان كەچۈرمىشلىرى تارىخىي رومانلار ئۈچۈن مول مەنبە بولۇپ كەلدى. ئومۇمەن بۈگۈنكى دەۋر نۇقتىسىدىن ئالغاندا، تارىخىي بىلىملەرنىڭ ئومۇملىشىشى، تارىخ تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە بۇ جەرياندا بەزى تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭلىشىشى تارىخىي رومان ئاپتورلىرىنى ئىلگىرىكى ئاپتورلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخىي ۋەقەلەر كۆپىنچە قېلىپلاشقان، خۇلاسىلەنگەن ۋەقەلەر بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى زور قىزىقتۇرۇش ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. كىشىلەرنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشى، يەنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان، ئۆتكەن، تارىخقا ئايلانغان بىر دەۋرنىڭ ھەرىكىتى ۋە يۆنىلىشىگە بولغان قىزىقىشى ئۇلارنىڭ تارىخىي رومانلارنى يېزىش ۋە ئوقۇش قىزغىنلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يىغىنچاقلىغاندا، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ھەر خىل شەكىللەردە تەييار ئۇچرىشىشى، كىشىلەرنىڭ يېڭىدىن ئويغانغان تارىخ تۇيغۇسى سەۋەبلىك تارىخىي بىلىملەرنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئامىللار تارىخىي رومانلارنى ئادەتتىكى ئىجتىمائىي رومانلارغا ئوخشىمىغان ھالدا تەييار ھەم قىزىقارلىق ۋەقەلىك زاپىسىغا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان.
باشقا خەلقلەر، بولۇپمۇ رۇسلارنىڭ تارىخىي رومان تەجرىبىسىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، تارىخىي رومانلارنىڭ ۋەقەلىك ئامبىرىغا ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بەزىدە تارىخىي روماننىڭ يېتەرسىزلىكىگە ئايلىنىپ قالغان. رۇس تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تارىخىي رومان ئاپتورلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تەييار تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئاجايىپ - غارايىپلىقى ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن، بەدىئىيلىكى تۆۋەن، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ دۆۋىسى بولۇپ قالغان تارىخىي رومانلار بارلىققا كەلگەن. دان ئۇنگرىيانو ئۆز تەتقىقاتىنىڭ كىرىش سۆزىدە تارىخىي رومانلاردا ئوڭايلا پەيدا بولىدىغان، كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەنلىك توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق بىر ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن: »تارىخىي رومان بىر گۇمانلىق ژانىر. ئۇنىڭ نامى تارىخنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن پايدىلانغان، دائىم ئۆتكەن دەۋرگە تەۋە، ئاساسىي ئېقىندىن چەتنىگەن، ئىككى خىل پىروزا تەسۋىرىنى ئارىلاشتۇرغان بىر دۆۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئەسەرلەر تەرىپىدىن بۇلغانغان... تارىخىي خاتىرە ئادەتتىكى يازغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ بايانلىرى ئۈچۈن تەييار قېلىپلارنى تەمىنلەيدىغان رەڭ بەرگۈچى كىتاب سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ« دەيدۇ. (»تارىخنى پىلانلاش«، 3 - بەت)ئوڭايلا سادىر بولىدىغان مۇشۇ خىل سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى رۇس ئەدەبىياتىدا دەسلەپتە تارىخىي روماننى ئىنكار قىلىدىغان بەزى قاراشلار بارلىققا كەلگەن. شۇنداق بىر خىل قاراش تارىخىي رومانچىلىق رۇسىيەدە مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان.
1833- يىلى ئوسىپ سېنكوۋىسكىي تارىخىي رومانچىلىقنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېگەن: "مەن تارىخىي رومانلارنى ياقتۇرمايمەن. (بەلكى) ئەخلاقىي رومانلارنى ياقتۇرىمەن. بىر نىكاھسىز بالىنى قولۇمغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىمەن. قارىشىمچە، تارىخىي رومان ئائىلىسى ۋە قەبىلىسى يوق نىكاھسىز بالا. ئۇ تارىخ بىلەن بەدىئىي تەسەۋۋۇر سادىر قىلغان ئېغىر زىنانىڭ مەھسۇلى. مەن ئەخلاقىي رومانلارنىڭ ساپلىقىدا چىڭ تۇرىمەن، تارىخ ياكى تەسەۋۋۇرنىڭ قانۇنلۇق پەرزەنتى بىلەن ئالاقە باغلاشتا چىڭ تۇرىمەن، تارىخىي رومان... سەنئەتنىڭ ساختا شەكلى. راست ! ئۇ سەنئەتنىڭ ساختا شەكلى.« (»تارىخنى پىلانلاش«، 3 - بەت) ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىخىي رومان بەدىئىي تەسەۋۋۇر بىلەن تارىخنىڭ نامۇۋاپىق بىرىكىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇغانلار ئاقىۋەتتە ياكى گاڭگىراپ ياكى ئادىشىپ قالىدۇ. بۇ قارىشىنى ئۇ مۇنداق ئىپادىلىگەن: »ئوقۇرمەن ھەر دائىم ھەقىقەت بىلەن توقۇلمىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن پەيدا بولغان بىلگىلى بولمايدىغان نەرسىلەردىن ئەنسىرەيدۇ. ھەر قەدەمدە ئاپتورنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەكچى بولىدۇ ھەمدە ھەر بىر قەدەمدە يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرى ئۈستىدە قانداق ئويلىنىشنى بىلمەي قالىدۇ ۋە ياكى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن يازغۇچىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشىدۇ.« (»تارىخنى پىلانلاش«، 7 - بەت) ئۇ تارىخىي رومان ئاقىۋەتتە ياكى تارىخ ھەققىدە ھەقىقىي بىلىم بېرەلمەيدۇ ۋە ياكى يۇقىرى ئېستېتىك زوق بېرەلەيدىغان بەدىئىي ئەسەر بولۇپ چىقالمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇنى ئوقۇغان كىشى تارىخ ياكى ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ھېچقانداق تەسىراتقا ئىگە بولالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئەدەبىيات ھادىسىسىنى ئىنكار قىلىشى رۇس ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلار (مەسىلەن: »كاپىتان قىزى«، »ئۇرۇش ۋە تىنچلىق« ۋە »ھاجى مۇراد« قاتارلىقلار) تېخى بارلىققا كەلمىگەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان بەدىئىيلىكى تۆۋەن، پەقەتلا تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچى بىلەنلا پۇت تىرەپ تۇرغان تارىخىي رومانلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانىدى. مۇشۇ نۇقتىغا ماس ھالدا دان ئۇنگىرىيانو ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا رۇسىيە تارىخىي رومانچىلىقىدا بارلىققا كەلگەن تارىخىي رومانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى، ئەمما ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىكلىرىنىڭ (بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان) بىر قانچە ساناقلىق ئەسەرلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ھازىر تارىخىي رومانچىلىق بىر مەزگىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، مۇنەۋۋەر كىلاسسىك نامايەندىلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تەنقىدچىسى خارولد بىلۇم تارىخىي روماننى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ "غەرب كىلاسسىكلىرى" ناملىق ئەسىرىدە بۇ خىل قارىشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: "تارىخىي روماننىڭ قىممىتى مەڭگۈ تۆۋەن... بۇ تارماق ژانىر كىلاسسىك قاتارىغا كىرەلمەيدۇ ... تارىخ يېزىقچىلىقى ۋە بايان پىروزىچىلىقى ئايرىلىپ كەتتى ھەم بىزنىڭ تۇيغۇمىز ئۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە ماسلاشتۇرالمايدۇ." ("غەرب كىلاسسىكلىرى"، 12 - بەت) ئەگەر بىلۇمنىڭ قارىشى تارىخىي رومان ھادىسىسى دەسلەپتە بىخلىنىشقا باشلىغان مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، بەلكىم قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان بولاتتى. بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ قارىشىنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سېنكوۋىسكىي ۋە بىلۇم تارىخ بىلەن بەدىئىيلىك رومان شەكلىدە بىر يەردە ئۇچرىشالمايدۇ، تارىخىي روماننىڭ تەييار ۋەقەلىك زاپىسىنىڭ بولۇشى تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ مۇنەۋۋەر بەدىئىي ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ قارىغان. ئۇلار تارىخىي روماننىڭ بەدىئىيلىككە زىت ئەمەسلىكى، يازغۇچىنىڭ تارىخقا مېخانىك ھالدا سادىق بولۇشىنىڭ روماننىڭ شەكلى ۋە ئىمكانىيىتى ئىچىدە مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ھەم يەنە ھاجەتسىز ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان.
تەييار تارىخىي ۋەقەلەر قارىماققا تارىخىي رومان يازغۇچىلىرىنى مەلۇم ئارتۇقچىلىق ۋە قولايلىقلارغا ئېرىشتۈرگەندەك تەسىر بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تارىخىي روماننىڭ ئاپتورى تەييار تارىخىي ۋەقەلەر سەۋەبلىك تەييار ۋە قولايلىق ئىمتىيازلارغا ئېرىشمەستىن، بەلكى يەنە تەسۋىرلەۋاتقان ۋەقەلىكنىڭ زامان ۋە ماكان ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، خاس ھەم يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، ئەگەر تارىخىي رومان يازغۇچىسى تارىخىيلىق بىلەن بەدىئىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمايدىكەن، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقالمايدۇ. ئىتالىيەنىڭ داڭلىق تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئالىسساندرو مانزونى مۇشۇ خىل قىيىنچىلىق توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "گەرچە بىز ئۇ (تارىخىي رومان) نىڭ تارىخ ۋە ئەپسانە چوقۇم تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىسى ياكى باغلىنىشىنى بەلگىلىيەلمەيمىز. قىسقىچە قىلغاندا، تارىخىي رومان قانائەتلىنەرلىك ھالدا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئەسەر ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىرى زىدىيەتلىك." ("تارىخنى پىلانلاش"، 4 - بەت) تارىخىي روماننىڭ مانزونى بۇ يەردە كۆزدە تۇتقان ئاساسلىرى بەدىئىيلىك ۋە تارىخىيلىق بولۇپ، ئۇ تارىخىي روماننىڭ بۇ ئاساسلىرىنى زىددىيەتلىك دەپ قارىغان. بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئازراق توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
كۇلتۇر تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تارىخنى بەدىئىي تىلدا يېزىشتا موللا مۇسا سايرامى ئىنتايىن يۇقىرى بىر پەللىنى ياراتقان. ۋەقە - ھادىسىلەرگە بولغان سوغۇققانلىق ۋە ئوبيېكتىپلىق، تارىخىي ماتېرىياللارنى تاللاشتىكى تەنقىدىي پوزىتسىيە، كىلاسسىك ئەدەبىيات ئارقىلىق ۋايىغا يەتكەن بەدىئىي تىل قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلار سايرامىنىڭ تالانتى بىلەن قوشۇلۇپ "تارىخى ئەمىنىيە" ۋە "تارىخى ھەمىدىيە" قاتارلىق نامايەندە تارىخ ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەمما، سايرامىنىڭ بەدىئىي تىلى ئۇنىڭ تارىخنى ئۆز ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە ئەينەن تەسۋىرلەش مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. گەرچە ئۇنىڭ تارىخنى بايان قىلىشتا ئىشلەتكەن تىلى بەدىئىي تەسۋىرنىڭ نامايەندىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىنى ھەرقانداق مەنىدىكى تارىخىي رومان دېيىشكە بولمايدۇ. تارىختا ھەقىقىي ئۆتكەن پېرسوناژ ھەم ۋەقەلەر بەزىدە ئۇنىڭ قارا يۇمۇرغا تولغان تىلى، ئۇنىڭ تەسۋىرلەۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن ساقلىغان ناھايىتى مۇۋاپىق ئارىلىقى ۋە ئارتۇقچە قىممەت ھۆكۈمى يۈرگۈزۈشتىن ساقلىنىشىدەك ئالاھىدىلىكلەر بىرىكىپ، ئۇنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىدە خۇددى مۇنەۋۋەر پىروزا ئەسەرلىرىدىكىگە ئوخشايدىغان پارچە - پارچە بەدىئىي تەپسىلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەلۋەتتە بۇ تەپسىلاتلار روماننىڭ ئۆلچىمى بويىچە پارچە - پۇرات ھېسابلانسىمۇ، ئەمما تارىخ بايانچىلىقنىڭ مېتودى ۋە شەكلى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ياكى پارچە - پۇرات ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئاشۇ تەپسىلاتلار موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىنىڭ ئورگانىك، ئىزچىل قىسىملىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ خىل ئەھۋال ئۇنىڭ تارىخنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، يەنى تارىخچى سۈپىتىدىكى موللا مۇسا سايرامىنىڭ بەدىئىي ماھارىتى پىروزا ئەمەس، بەلكى تارىخ بايانچىلىقىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىمكانىيەتلىرى ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، تارىختىكى پېرسوناژلار ۋە تارىخىي تەپسىلاتلار موللا مۇسا سايرامىنىڭ بەدىئىي ماھارىتى بىلەن ئۇچراشقان پەيتلەردە ئىنتايىن يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈم ھاسىل بولغان. ئەمما، تارىخ بايانچىلىقىنىڭ مېتودى ۋە شەكلى بۇ بەدىئىي تەپسىلاتلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلما ئارقىلىق ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشى ۋە رومان شەكلىدىكى بىر پۈتۈن بەدىئىي قۇرۇلمىنىڭ ئورگانىك قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇپ قالغان. موللا مۇسا سايرامىنىڭ مۇشۇ مېتودى سەۋەبىدىن، بىز شۇ دەۋر تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنىڭ كەم تېپىلىدىغان چىن ۋە بەدىئىي تەسۋىرىگە ئېرىشتۇق. موللا مۇسانىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى بىزنى تارىخىي روماننىڭ ئاتالمىش زىددىيەتلىك ئاساسلىرىنى ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، تارىخنى يۇقىرى ئىمكانىيەتتە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بىر ئادەم تارىخىي روماننى ئەمەس، بەلكى تارىخچىلىق ياكى تارىخ بايانچىلىقىنى تاللايدۇ. چۈنكى، پىروزىنىڭ شەكىللىرىگە قارىغاندا تارىخچىلىقنىڭ مېتودى ئۇنى تارىخنى ئەينەن تەسۋىرلەش، تارىخىي ۋەقە ۋە تەپسىلاتلارغا ئەڭ زور ئىمكانىيەتتە سادىق بولۇش مەقسىتىگە تېخىمۇ ئۇدۇل ۋە دەل يەتكۈزىدۇ. شۇڭا موللا مۇسا تارىخنى ئۆز قىياپىتىدە بايان قىلىش ئۈچۈن، گەرچە يېتەرلىك بەدىئىي ئىقتىدارى بولسىمۇ، بەدىئىي ئەدەبىيات شەكلىنى ئەمەس، بەلكى تارىخ بايانچىلىقىنى ئۆزىگە مېتود قىلغان. ئۇنىڭ بەدىئىي تىلىمۇ تارىخچىلىقنىڭ مېتودى ۋە ئىمكانىيىتى ئىچىدە قانات يايغان.
يۇقىرىقى مۇنازىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا، ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس كوللىڭۋۇد تارىخچى بىلەن تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق توغرۇلۇق توختالغاندا ئۆزىنىڭ »تارىخ ئىدىيەسى« ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: » تارىخىيلىق ئۇقۇمىنىڭ قانچە غەلىتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تارىخچى مەلۇم <تۇراقلىق> نۇقتىلار −− ئازدۇر - كۆپتۇر مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىتلار −− بىلەن ھەپىلىشىدۇ، مەنىلىك بىر سۈرەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تارىخچى بۇ نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئۇ يازغۇچىغا يېقىنلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىككىلىسى شۇ جەرياندا تەسەۋۋۇرىغا تايىنىدۇ. ئەمما ئۇلار شۇ نۇقتىدا پەرقلىنىدۇكى، تارىخچى ئۈچۈن بۇ نۇقتىلار ئىسپاتلانغان بولىدۇ، يازغۇچى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى يارىتىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئەدەبىياتچى <ھېچقانداق يەردە، ھېچقانداق ۋاقىتتا يۈز بەرمىگەن> ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. تارىخچى ياراتقان سۈرەت بولسا ۋاقىت ۋە بوشلۇققا ئورناشقان بولىدۇ." ("تارىخ ئىدىيەسى"، 642 - بەت) بىز يەنە سايرامىنىڭ ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. تارىخ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ناھايىتى بەدىئىي ھالدا ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاشۇ تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى تەسەۋۋۇرغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە تارىخىي يازمىلار ئاساسىدا قايتا سىزىپ چىققان. بەدىئىي ئەسەردىلا ئۇچرايدىغان پېرسوناژ ۋە ئايرىم - ئايرىم ۋەقەلىكلەرمۇ پاكىتلارغا ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تارىخ ئەسىرىنىڭ مۇھىم ۋە چىن تەپسىلاتلىرىدىندۇر. بۇ تەپسىلاتلار چىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا بەدىئىي ئۈنۈمگە زىت كېلىپ قالمىغان ۋە ياكى بەدىئىي بولغاچقا پاكىت ئاساسىنى يوقىتىپ قويمىغان.
تارىخچىلىقنىڭ مېتودىدىن قارىغاندا، تارىخچىلىق بەدىئىي توقۇلما ۋە پاكىتسىز تەسەۋۋۇرغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئامىللار تارىخچىلىقنىڭ رېئاللىققا سادىق بولۇش ئاساسىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. تارىخچى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلمىدىن ساقلىنىدۇ. خۇددى موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخچىلىق تەجرىبىسىدىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدىكى تارىخىي پاكىتلار ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىزچىللىقى ئەمەس، بەلكى تارىخچىلىقنىڭ ئىمكانىيىتى ئىچىدە قانات يايغان. شۇڭا بۇ تەپسىلارنىڭ بەدىئىيلىكى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشتىن قەتئىينەزەر، موللا مۇسانىڭ تارىخقا سادىق بولۇش مەقسىتى ئالدىدا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشكەن. شۇنىسى روشەنكى، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك تارىخچى بىلەن تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تارىخقا سادىق بولۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. گەرچە تارىخىي رومانلار تارىخچىلىقنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئوزۇقلانسىمۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ تارىخچىلىق ياكى تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. بىر تارىخچى تارىخىي خاتىرىلەر ۋە يازمىلار ئۈستىدە سوغۇققان تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، ئۇلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھەقىقىيلىرىنى ئېلىپ قېلىپ ساختىلىرىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇ ئۇسۇلدا ئۇ مەلۇم تارىخىي ۋەقەلەر ۋە بىرپۈتۈن تارىخىي دەۋرنىڭ پاكىت ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەسلىي ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي بىلىمىنى موللا مۇسا سايرامىدەك بەدىئىي تىلدا بايان قىلىشى تامامەن مۇمكىن. ئەمما بىز ئېيتقاندەك، تارىخچىنىڭ بەدىئىي ئىقتىدارى يەنىلا تارىخ بايانچىلىقىنىڭ مېتودى ۋە قۇرۇلمىسىغا بويسۇنىدۇ.
بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلما تارىخچىنىڭ تارىخنى ئەينەن تەسۋىرلەش مېتودىغا زىت كېلىدۇ، ئەمما بۇ ئامىللار تارىخىي روماننىڭ بەدىئىي ئەسەر سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ دېگەنلىك يازغۇچى تارىخقا سادىق بولۇشتىن خالىغانچە ۋاز كېچەلەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان، خۇلاسىلەنگەن ۋە قېلىپلاشقان رېئاللىق ھەققىدىكى ئەسەر بولغانلىقتىن، يازغۇچى تارىخىي دەۋرگە بولغان مەلۇم ساداقەتمەنلىكتىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكى روماننىڭ شەكىل ۋە ئىمكانىيەتلىرى يول قويغان دائىرىدە بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تارىخقا بولغان ساداقەتمەنلىكى تارىخچىنىڭ تارىخقا بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن پەرقلىنىدۇ. گېئورگى لۇكاچ "تارىخىي رومان" ناملىق ئەسىرىدە تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېگەن: "روماندا مەلۇم دەۋر ھاياتىنىڭ ماددىي ئاساسىنى قايتا بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ساداقەتمەنلىك مۇھىمدۇر. كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، رومان دىرامىغا قارىغاندا مەلۇم باسقۇچنىڭ ئالاھىدە تارىخى ۋە ئىندىۋىدۇئال پەيتلىرىگە تېخىمۇ بەكرەك باغلانغان بولىدۇ. ئەمما، بۇ تارىخىي رومان ھەرقانداق تارىخىي پاكىتلارغا باغلانغان دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە بۆلۈنگەن ئومۇملۇقنى ھەم تارىخنى ساداقەتمەنلىك بىلەن تەسۋىرلەش ئۈچۈن يازغۇچى ئاشۇ تارىخىي پاكىتلارنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك." ("تارىخىي رومان"، 942 - بەت)
تارىخىي رومان يازغۇچىسى مەلۇم تارىخىي دەۋردىكى ۋەقەلەرگە توقۇلما پېرسوناژلارنى كىرگۈزىدۇ ھەم تارىختا ئۆتكەن پېرسوناژلارنىڭ دىيالوگلىرى ۋە پىسخىك تەسۋىرلىرى ئۈستىدە ئەركىن تەسەۋۋۇر يۈرگۈزىدۇ ۋە توقۇلما قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بىر تارىخ تەتقىقاتچىسى تارىخىي رومان يازغۇچىسى بەھرىمەن بولغان ئەركىنلىككە ئىگە بولالمايدۇ. تارىخ تەتقىقاتچىسى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرسە، تارىخىي رومان يازغۇچىسى بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى، ھالىتى ۋە ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئەركىن تاللايدۇ ۋە توقۇلما قىلىدۇ، تارىخنىڭ ئومۇمىي ھەرىكىتىگە توقۇلما پېرسوناژلارنى قاتناشتۇرىدۇ. يازغۇچى تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، روماننىڭ بەدىئىي ئىزچىللىقى ئىچىدە تارىخنىڭ ھەرىكىتىنى ھەر خىل توقۇلما ۋە چىن پېرسوناژلارنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ ياكى تارىخىي روماندا بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە تارىخنىڭ ھەرىكىتى پېرسوناژلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت ھەم پائالىيەتلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: قاراخانىيلار تارىخىنى يېزىۋاتقان بىر تارىخچى تارىخىي قول يازمىلار ۋە تەتقىقاتلار ئاساسىدا ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش، گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش ئومۇمىي ئەھۋالىنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر تەپسىلاتلىرى پاكىت ۋە پاكىتلار ئاساسىدىكى مەنتىقلىق قىياسلارغا تايىنىدۇ. ئەمما، بىر رومان يازغۇچىسى بولسا ئەركىن تەسەۋۋۇر، ھەرخىل توقۇلما ۋە چىن پېرسوناژلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پائالىيەتلىرى ئاساسىدا شۇ خانلىق بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىدۇ. بۇ جەرياندىكى تەپسىلاتلار چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلمىنىڭ مەلۇم بىرىكىشى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن شۇ تارىخىي روماندا قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، يازغۇچى روماننىڭ ئىمكانىيەتلىرى ۋە شەكىللىرى ئىچىدە چىن ۋە توقۇلما پېرسوناژلار ھەم تەپسىلاتلارغا تايانغان ھالدا، تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنى سادىقلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مۇنەۋۋەر تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئەمەلىيەتتە تارىخىي پاكىتلارنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگە تايىنىپ خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تارىخىي تەپسىلاتلارغا قاتمال ھالەتتە سادىق بولۇشى ھاجەت ئەمەس. تارىخىي تەپسىلاتلارغا بولغان قاتمال سادىقلىق يازغۇچىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنىڭ جارى بولۇشىغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. تارىخىي رومان ئىجادىيىتىدە يازغۇچىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر تارىخىي بىلىمى يازغۇچىنى تارىخقا بولغان كۈچلۈك ۋە مېخانىك ساداقەتمەنلىككە يېتەكلىمەيدۇ. خۇددى لۇكاچ ئېيتقاندەك: »بىر يازغۇچىنىڭ مەلۇم بىر دەۋر ھەققىدىكى بىلىمى قانچە چوڭقۇر ھەم تارىخىي بولىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ تېما دائىرىسى ئىچىدە شۇنچە ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدۇ ھەم ئايرىم تارىخىي پاكىتلارغا تېخىمۇ ئاز باغلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ." ("تارىخىي رومان"، 942 - بەت) شۇڭا يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تارىخىي بىلىمى ئۇنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگە ئوخشاشلا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلدۇر. ئەمما، يازغۇچى ئۆز تارىخىي بىلىمىنىڭ مول بولۇشى سەۋەبىدىن ئايرىم تارىخىي پاكىتلارغا باغلىنىپ قالماستىن، بەلكى تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى، تارىخنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدىكى چوڭقۇر تونۇشى ۋە مول بىلىمىگە تايىنىپ پېرسوناژلار ۋە تەپسىلارنى ئەركىن تاللايدۇ ۋە توقۇلما قىلىدۇ، مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋرنىڭ قۇرۇلمىسى ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ. بىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك، تارىخچى مۇئەييەن پاكىتلارغا تايىنىپ سىزىپ چىققان بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ماھارىتى ئارقىلىق قايتا نامايان قىلىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ توقۇلما قىلىش ۋە تەسەۋۋۇر ئەركىنلىكى ئۇنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى ئەڭ ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ پېرسوناژلار ۋە تەپسىلاتلار ئۈستىدە توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئەركىنلىكى بولغاچقا، بەدىئىي ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شارائىتىغا ئىگىدۇر. ئايرىم تارىخىي پاكىتلارغا باغلىنىپ قالماسلىق، بەلكى پېرسوناژلار ۋە تەپسىلاتلار ئۈستىدە خالىغانچە تاللاش، بەدىئىيلەشتۈرۈش ۋە توقۇلما قىلىش ئۇنىڭ ئەسىرىنى تارىخ ھەققىدىكى بەدىئىي ئەسەر سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. توقۇلما تەپسىلاتلار ۋە پېرسوناژلار ئۇنىڭ تارىخ ھەققىدىكى ئەسىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم سەھنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ ئاشۇ ئەركىنلىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ ئەسىرىنى بەدىئىيلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكۈزۈشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. گېئورگى لۇكاچنىڭ تەتقىقاتىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، تارىخىي روماننىڭ مۇنەۋۋەر بەدىئىي ئەسەر سۈپىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئۈچۈن يازغۇچى تارىخىي پاكىتلارغا مېخانىك ھالدا باغلىنىپ قالماسلىقى، بەلكى تەپسىلات ۋە پېرسوناژلار ئۈستىدە ئەركىن توقۇلما ھەم بەدىئىيلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، رېئالىستىك بەدىئىي ئۇسلۇبنىڭ يۇقىرى ئىمكانىيىتى ۋە ۋايىغا يەتكەن شەكلى ئارقىلىق تارىخىي دەۋرنى بەدىئىي ئۇسۇلدا ئىپادىلىشى كېرەك. تولىستوي ياكى پۇشكىننىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلارنىڭ مۇئەييەن تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ئىچىدە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرى، بولۇپمۇ پىروزىچىلىقتا بارلىققا كەلتۈرگەن بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تارىخىي رېئاللىقنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
يۇقىرىقى مۇھاكىمىلەردىن شۇنى يەكۈنلەشكە بولىدۇكى، تارىخىي رومان رومانچىلىقتىن ئايرىلىپ چىققان مۇستەقىل ژانىر ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى رومانچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىرى ۋە شەكىللىرىگە باغلانغان، خۇددى گېئورگى لۇكاچ ئېيتقاندەك، "ھازىرقى زاماندىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىنىڭ ئەكسىچە، تارىخىي رومان تارىخقا ساداقەتمەن بولۇش بىلەنلا ئايرىم ژانىر بولۇپ قالمايدۇ." ("تارىخىي رومان"، 152 - بەت) تارىخىي رومان ئەكس ئەتتۈرگەن رېئاللىقنىڭ ئۆتمۈش ياكى تارىخقا تەۋە بولۇشى سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي رومانلارغا قارىغاندا مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇنى رومانچىلىقتىن ئايرىم ژانىر قىلىپ قويالمايدۇ. گېئورگى لۇكاچ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: "تارىخ بىلەن ھەپىلىشىش يازغۇچىنىڭ ئالدىدا دائىم ئۆزىگە خاس ھەم ئالاھىدە خىزمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئەمما بۇ ئالاھىدە مەسىلىلەرنىڭ ھېچقاندىقى تارىخىي ئەدەبىياتنىڭ مۇستەقىل ئەدەبىيات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئاساس بولالمايدۇ... تارىخىي رومان مۇمكىنچىلىكلىرى ۋە ۋاسىتىلىرى نۇقتىسىدىن روماندىن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇ ھەرقانداق ژانىر ياكى تارماق ژانىر ھاسىل قىلالمايدۇ. تارىخىي روماننىڭ ئۆتكەن تارىختىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت ئالاھىدە مەسىلىسى روماننىڭ ئومۇمىي شارائىتلىرى ئىچىدە ھەل قىلىنىشى كېرەك. خۇددى كىلاسسىك ئاپتورلارنىڭ ئەمەلىيىتى كۆرسىتىپ بەرگەندەك، روماننىڭ ئومۇمىي شارائىتلىرى مۇشۇ خىزمەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بارلىق زۆرۈر ئامىللارنى تەمىنلەيدۇ." ("تارىخىي رومان"، 132 - ، 152 - بەتلەر) لۇكاچنىڭ يۇقىرىقى تەھلىللىرى مۇھاكىمىمىزگە ماس ھالدا تارىخىي رومانچىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە رومانچىلىقنىڭ شەكىل ۋە ئىمكانىيەتلىرىگە تايانغانلىقى ھەم شۇڭا رومانچىلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، روماننىڭ شەكىل ۋە ئىمكانىيەتلىرى تارىخىي روماننى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شارائىتى ۋە ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكتىن، تارىخىي روماننىڭ ئۇتۇقلۇق چىققان ياكى چىقمىغانلىقى روماننىڭ بەدىئىي ئۆلچەملىرى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ.
دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىن قارىغاندا، ئەدەبىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى تارىخىي رومانچىلىقنى كۆپ خىل ئۇسلۇب ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكتىن، تارىخىي رومانمۇ باشقا مۇنەۋۋەر رومانلارغا ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلار ۋايىغا يەتكەن بەدىئىي ئۇسلۇب بىلەن تارىخنىڭ ئىنتايىن مۇۋاپىق بىرىكىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىشى تارىخىي روماننىڭ يۇقىرى بەدىئىيلىككە يېتەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارغا رەددىيە بېرىدۇ. شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان رېئاللىق ھەققىدىكى رېئالىستىك رومان. مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلار مۇنەۋۋەر رومانچىلىقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يىلتىز تارتقان. مۇنەۋۋەر تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى رومانچىلىقنىڭ ئاللىقاچان ۋايىغا يەتكەن شەكىل ۋە بايان ئىمكانىيەتلىرى ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرگەن.
باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەدەبىياتىمىزغا تەتبىقلىساق، تارىخىي روماننى تارىخنىڭ ئۆزى دەپ قاراپ، يازغۇچىنىڭ تارىخقا مۇتلەق سادىق بولۇشىنى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئۆلچىمى قىلىش، تارىخىي رومان يازغۇچىسىدىن تارىخقا خۇددى تارىخچىدەك سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىش نامۇۋاپىقتۇر. يۇقىرىدا تەھلىل قىلغىنىمىزدەك، روماننىڭ شەكىللىرى ۋە بەدىئىي ئىمكانىيەتلىرى يازغۇچىنى تارىخچى بەھرىمەن بولالمايدىغان ئەركىنلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا تارىخىي رومانغا باھا بېرىشتە يازغۇچىنىڭ ئاشۇ بەدىئىي ئىجادىيەت ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى بەدىئىي سەۋىيەسىنى ئۆلچەم قىلىش مۇۋاپىق، تارىخىي رومان بىلەن ئىجتىمائىي روماننىڭ مۇشۇ خىل مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك، رومانلارنىڭ ئاللىقاچانلا بارلىققا كەلگەن بەدىئىي ئۆلچەملىرى تەبىئىي ھالدا تارىخىي رومانلارنىڭ بەدىئىيلىك ئۆلچىمى بولالايدۇ. ئەگەر ئىجتىمائىي رومان ئۆز دەۋرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرسە، تارىخىي رومان تارىخقا ئايلانغان بىر دەۋرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئىجادىيەت جەريانلىرىدىكى ئوبراز يارىتىش، پېرسوناژلار ۋە ئۇلارنىڭ دىيالوگلىرىدىكى خاسلىق، بايان، تەسۋىرىدىكى جانلىقلىق قاتارلىق ئامىللار ئىجتىمائىي روماندا قانچىلىك مۇھىم بولسا، تارىخىي روماندىمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر. تارىخىي روماننىڭ بەزى خاسلىقلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بەدىئىيلىك ئۆلچەملىرى تارىخىي ۋەقەلەرگە قارىغاندا تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالمايدۇ. تارىخىي رومانلاردىكى پېرسوناژلار خۇددى مۇنەۋۋەر رومانلارنىڭ پېرسوناژلىرىغا ئوخشاشلا جانلىق ۋە تىرىك بولۇشى ھەم يۇقىرى خاسلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت ۋە پائالىيەتلىرىمۇ مۇشۇ خاسلىق ئىچىدە داۋاملىشىشى، تارىخنىڭ ھەرىكىتى، تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىمۇ پېرسوناژلارنىڭ خاسلىققا ئىگە پائالىيەت ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشى كېرەك.

مەنبە :تارىم يۇرنىلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )