قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2665|ئىنكاس: 8

قەيسەر مىجىت: ئالتۇن بۆشۈكتە ئەللەيلەنگەن چاغلار-(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 15:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئالتۇن بۆشۈكتە ئەللەيلەنگەن چاغلار

قەيسەر مىجىت


      ئېلاۋە: مۇبادا سىز مىنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئوقۇپ تۇرغان بولسىڭىز دىققەت قىلغان بولىشىڭىز مۈمكىن. مەن شۇ كەمگىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىم ھەققىدە بىر نىمە يازمىدىم. چۈنكى نۆۋىتى كەلگەندە يازماق بولغان ئىدىم.  بۈگۈن پۇرسەت تۇغۇلدى. بۇنى ئەسلىدە تەكلىپ بويىچە  ئىزدىنىش مۇنبىرىدە  ئىلان قىلماق بولغان ئەمما يوللىيالمىدىم. ئەمدى ئۇنىڭغا باشقا يىڭى ئەسەر يوللاشقا قەرزدارمەن.  


************************************************************************************

        (بۇ يازمىنى ئانا مەكتىۋىم قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىق 4-سىنىپ مۇدىرى ھۆرمەتلىك ئۇستازىم ئەركىن ھوشۇر مۇئەللىمگە ۋە 1988-يىلى شۇ سىنىپنى بىللە پۇتتۇرگەن ساۋاقداشلىرىمغا بىغىشلايمەن)

كۈمۈشتەك يالتىرايدۇ قارلىق تاغلار،
يېشىللىق دۇنياسىدۇر ئېتەكلىرى.
ئېدىرلار نار تۆگىنىڭ ئۆركىشىدەك،
باغرىدا يەلپۇنىدۇ چىچەكلىرى...

قاپتال ۋە جىرالىرى يېشىل جاڭگال،
قارغايلار ساما بىلەن بوي تالاشقان،
ئېدىرلار ئارىلىقى قويۇق چاتقال،
ياپ يېشىل توقايلىقلار قۇچاقلاشقان.


****************

يەر بىلەن خەيرلىشىپ كۈن پاتىدۇ،
ئۇپۇقلار قىزىرىدۇ يالقۇن بولۇپ.
سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ئاچار قۇچاق،
ئاۋۇللار دەريا بويى سالقىن بولۇپ.

تېنچىماس ئانا ئاۋۇل، ئويغاق دەريا.
سىر ئىلىپ قىز يىگىتلەر كۈلۈشىدىن.
تېنچىماس ئاي پارلىغان گۈزەل دۇنيا،
جىر-جىرلاپ گارمۇن تارتىپ يۈرۈشىدىن


***********************


مېھماندوست چەكسىز يايلاق -يېشىل يايلاق،
شۇنچە كەڭ، شۇنچە يېشىل شۇنچە ئەزىم.
قاياققا نەزەر سالساڭ گۈزەل ھايات،
گۈزەلدەك تۇيۇلىدۇ بار كائىنات.

*********************

             ئۇلۇغچاتتا تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئەدەبىيات دەرسلىگىمىزگە كىرگۈزۈلگەن تالانتلىق شائىر قۇربان بارات ئەپەندىنىڭ 1962-يىلى يىزىلغان "يېشىل ھايات" ناملىق بۇ شىئرىنى قانچە قىتىم ئوقۇغۇنىم ئىسىمدە يوق.  ئۆسمۈرلۈك قەلبىمگە چېچىلغان ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋەس ئۇرۇغىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئېسىل شىئرلارنى ئوقۇش ئارقىلىق بىخ سۈرگەنلىگىدە شەك يوق. مەن قايسى بىر ماتېريالدا قۇربان بارات ئەپەندىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغانلىغىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاتا-ئاناممۇ تولۇق ئوتتۇرىنى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا مىنىڭ بۇ مەكتەپكە ھەم ھۆرمىتىم بار ئىدى ھەم ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھەۋەس قىلاتتىم.
             1985-يىلى 23-ئاۋغۇستتا ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئۇلۇغچات ناھىيىلىك مۇئارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىغى ئاسانبېك تۇردى - مەمۇرى تەۋەلىك جەھەتتىن ئوبلاستلىق ئورمان مەيدانىغا قارايدىغان كەنشىۋەر تۈزلەڭ ئورمان مەيدانىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈزلۈكسىز ئوقۇشىنى رەت قىلدى. شۇ چاغلاردا دادامنىڭ "بۇ بالىلار ئوقۇشسىز قالسا بولمايدۇ" دەپ جىددىلىشىپ كەتكەنلىرى ھازىرمۇ ئېسىمدە. دادامنىڭ بىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىغىغا چەكسىز رەھمەت!
           1985-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا تولۇق 1-يىللىقتا ئوقۇش ئۇچۇن ئۇلۇغچات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە باردۇق، باردۇق دە بىز بۇرۇن ياتقان ياتاقلارنىڭ كۇمپەيكۇم بولغىنىنى، يىڭىدىن سىلىنغان ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ يىرىمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكىنىنى كۆردۇق. ئىچىمىز ئاچچىق بولدى، تەبىئەتتىن كەلگەن بالاغا نىمە ئامال؟ شۇنىڭ بىلەن چىدىر ئۆيلەرنى ھەم ياتاق ھەم سىنىپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئوقۇش باشلىنىپ ئىككى ھەپتىگىچە يىرىم كۈن چىدىر ئۆيدە دەرس ئوقۇساق، يىرىم كۈن ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلەرنىڭ ياغاچ تېشىنى ئايرىش بىلەن مەسغۇل بولدۇق. ئاسانبېكنىڭ يولسىزلىقىغا ئامال قىلالمىغان دادام ئەينى چاغدا ئۆزى ئوقۇغان ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىدارىمىزنىڭ شوپۇرى - ھۇسەنجان تۆلەندى ئاكىغا قارا ماشىنىنى ھەيدىتىپ مەكتىۋىمىزگە كەلدى-دە 20-30 دەك ئوقۇغۇچىنىڭ يوتقان كۆرپە ۋە ساندۇقلىرىمىزنى چىدىر ئويدىن كۆتەرتكۇزۇپ "ئازات" ماركىلىق قارا ماشىنىغا باسقۇزۇپ ھەممەيلەننى ئورمان مەيدانغا ئىلىپ كەتتى.
بۇ ئىشلار جىددى يۈز بەرگەنلىكتىن چوڭقۇر مىھرىمىز بار ساۋاقداشلار ئۆز-ئارا خاتىرە ئالماشتۇرۇشالمايلا  ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن چالا-پۇلا خوش دىيىشىپ ئورمان مەيداندىكى ئۆيىمىزگە بىر خىل تەسۋىرلىگۇسىز قىيىن روھى ھالەتتە يەنى ھەم بۇ يەردىن قىيالماسلىق ھەم يىڭى يەرگە بولغان تەشۋىش ئىچىدە قايتتۇق.
         شەنبە كۈنى ئۆيلىرىمىزدە بىر قونغاندىن كىيىن، دادام ئەتىسى يەنى يەكشەنبە كۈنى ھەممەيلەننى ئاشۇ قارا ماشىنا بىلەن ئىلىپ ئاتۇشقا جايلاشقان - قىزىلسۇ ئوبلاستلىق بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىلىپ كىردى.
        مۇبادا دادام ئاشۇنداق كەسكىن تەدبىر قوللانمىغان بولسا بىزنىڭ ئوقۇشۇمىزغا باشقا بىرەرى كۆڭۈل بولەر ئەمەس ئىكەن. شۇ چاغدا مەن دادامنىڭ چىرايىدىن بىر خىل كۈچلۈك ئاچچىقنى ھىس قىلغان ئىدىم. چۈنكى ئاسانبېك بىلەن دادام ئىككىسى بىزنى ئوقۇتۇش مەسىلىسىدە جوزا مۇشلىشىپ كەتكەن ئىكەن. دادامغا ئاسانبەكنىڭ "بالدارىڭدى ئوقۇتبويبۇز، بىزدەن تەمىناتتى جەپ كەتىپتىر" دىگىنى بەك ھار كەلگەن ئىكەن. (يەر تەۋرەشتە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ خىزمەت كۆرسەتكەن بۇ يولداش كىيىن ئەمىلى ئۆسۈپ ئوبلاست باشلىغى بولۇپ بىر مەزگىل ئىشلىدى، چوقۇم ھازىر پىنسىيەدە)
         ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ - ئەينى چاغدا بەلكىم قۇربان بارات ئەپەندىلەر لاي ئىتىپ، قىش قۇيۇپ سالغان ئۆيلەر بولسا كىرەك  (شائىرنىڭ بۇ مەكتەپ قۇرۇلغانلىغىنىڭ 30-يىللىقىغا ئاتاپ يازغان "سەن بۈركۈت ئۇۋىسى-سەن ئالتۇن بوشۇك" دىگەن  شىئىرىدا مۇشۇ تەسۋىرلەر بار)، بىر خىل ئازادە ھەم چوڭ سىلىنغان ئۆيلەردىن بىرىنى ياتاق قىلىپ ئورۇنلاشتۇق.
        ئادەم دىگەن ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مەھەللە كويدىن، تاغ-دەريادىن، مېھرى سىڭگەن، ئۇسقىنى چۈشكەن تونۇش تۇپراقتىن كىچىككىنە يىراققا بارسىمۇ ئۇنى مۇساپىرلىق تۇيغۇسى باسىدىكەن. بولمىسا، ئاتۇش دىگەن مىنىڭ ئەجدادلىرىم ئاپىرىدە بولغان ئانا زېمىن. كۆپچىلىكنىڭ ئىسىدە بولسا كىرەك، ئۈرۈمچىدە موزېيخانىدا ئون مىڭ يىللىق تارخقا ئىگە ئاتۇش ئادىمىنىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىگى بار، ئۇ تاش دەل ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىن تىپىلغان.  مىنىڭ دادامنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىلىپ چىقىشى مانا ئاشۇ ئاغۇ دىگەن تاغلار ئارىسىغا جايلاشقان، ھاۋاسى ساپ،  سۇنىڭ بىشى بولغان سۆيۈملۈك گۈزەل ماكاندىن بولۇپ، نۇرغۇن زامانلار ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرى كۆپىيىپ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاغۇغا ئوخشاش ھاۋاسى ساپ، شۇ چاغلاردا يېرى مول، سۈيى ئەلۋەك بولغان ئۇستۇناتۇشنىڭ  قايراق تەۋەسىگە كۆچۈپ يەرلەشكەن ئىكەن شۇڭا چوڭلار ئۆزلىرىنى  ھازىرمۇ "ئاغۇ ئۇرۇغى" دەپ قويۇشۇدۇ. (مەن بۇ ھەقتە، "بىر ئاتۇش -جان ئاتۇش" دىگەن يازمامدا توختالدىم، يەنى ئۈستۈنئاتۈشنىڭ ئەسلى ئاھالىسى ئاتۈش دىگەن بۇ يۇرتىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىن كۆچۈپ چىقىپ بۇ سۆيۈملۈك يۇرتنى بەرپا قىلغاندۇر، بۇ مىنىڭ خۇلاسەم)
           گەرچە ئۆزۈم ئانا يۇرتۇمدا- ئاتۇشتا بولساممۇ، تاغدا تۇغۇلۇپ تاغدا ئۆسكەنلىگىم، بىراقلا شەھەرگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوقۇشقا كىرگىنىم ئۇچۇن  ئاز-تولا يېتىرقاش تۇيغۇسىغا چۆمدۈم. چۈنكى كىچىك ئۆسمۈرنىڭ كۆرگىنى ئاز، ھىس تۇيغۇلىرى سەبى-دە؟
ئامىرىكىلىقلاردا: "خۇدا بىر ئىشىكىنى ئىتىۋالسا، يەنە بىر ئىشىكىنى ئىچىپ بىرىدۇ" دىگەن گەپ بار ئىكەن، بۇ بىزدىكى "كەچ قويغان خۇدايىم ئاچ قويماپتۇ" دىگەن سۆزگە باراۋەر مىنىڭچە. ھاياتتىكى بەزى ئىشلار بىر قارىساڭ راست شۇنداق بولىدىكەن.
          ئاسانبېكنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بىزگە ئىشلىتىشى تۈپەيلى  بىزنىڭ ئاتۇشنىڭ بازار ئىچىگە جايلاشقان قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگىنىمىزمۇ ناھايىتى ياخشى بوپتىكەن. نىمە دىگەن بىلەن چوڭ يەرنىڭ چوڭلىغى بار ئىكەن. بۇ مەكتەپتە ھەر قايسى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلار بولۇپلا قالماستىن يەنە ئاتۇش شەھەر تەۋەسىدە ئوقۇشتىكى ئەلاچىلىغى بىلەن داڭ چىقارغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىكەن.
           ئاتۇش دىگەن قىزىق يۇرت، ئادەملىرى جەمىيەتتە كىمنىڭ ھال-ئوقىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىگە دىققەت قىلسا، مەكتەپلەردە كىملەرنىڭ بالىسىنىڭ ئەلا ئوقۇيدىغانلىغىغا دىققەت قىلىدۇ.  كىشىلەر بۇ خىل قىزىقىش ئارقىلىق تۇرمۇشتا ياكى ئۆزلىرىگە ئۆرنەك ئىزدەيدىكەن ياكى پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە.
ئەمدى ئويلىسام كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەر ئىككىسىگە نەزەر ئاغدۇرۇشى توغرا ئىكەن.  يەنى ئۇلار "ئىككى قولدا، ئىقتىساد ۋە مۇئارىپتىن" ئىبارەت ئىككى مۇھىم نەرسىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىكەن.
        قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق سىنىپىغا ئاتۇش شەھرىنىڭ ھەر قايسى يىزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوبلاستقا تەۋە يىراق-يىقىندىكى چارۋىچىلىق ۋە ئورمانچىلىق، دىھقانچىلىق مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى كىلىپ ئوقۇيدىكەن.
        بىز كەنشىۋەر ئورماندىن كىرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈچىمىز يەنى ئەنۋەر ئابلا، مەمەتجان ئۆمەر تولۇق بىرىنجى يىللىققا ئوقۇشقا كىرگەن ئىدۇق. مەكتەپ ئىلمى ئوقۇتۇش بۆلۈمى -ئەنۋەر ئابلانى سىنىپ مۇدىرى ئېلى ئۆمەر ئىسىملىك ئۇنىۋىرسىتىتتا خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن سىياسەتتىن جانلىق پايدىلىنالايدىغان يەنى شوپۇرلۇق ئاققاندا شوپۇر، ئوقۇتقۇچىلىق ئەتىۋارلانغاندا ئوقۇتقۇچى بولغان ئۆز ئىشىغا پۇختا بىر ئوقۇتقۇچى سىنىپ مۇدىرى  بولغان تولۇق بىرىنجى يىللىق بىرىنجى سىنىپقا، مەن بىلەن مەمەتجان ئۆمەرنى تولۇق بىرىنجى يىللىق -4- ئىنجى سىنىپقا تەقسىم قىلىشتى. بىزنىڭ سىنىپتا  50 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىدىغۇ دەيمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلىگىدىن ھەممىمىز ھەر خىل ئاھاڭدا ئۆزىمىز بىلگەننى سۆزلەپ خۇددى ھەرە كۆنىگىدىكى ھەرىلەر غۇجۇلداشقاندەك غۇجۇلدۇشۇپ ئادەمنىڭ  مىڭىسىنى يەپ كىتەتتۇق دىسە.
        شۇ چاغلاردا ئاتۇشنىڭ ھەر قايسى يىزا ئادەملىرىنىڭ سۆز تەلەپۇززىدا ئاز-تولا ئۆزگىچىلىك بولىدىغان. بەلكىم رادىئو-تىلىۋىزورنىڭ كەڭرى ئومۇملىشىشى بىلەن بۇ ئۆزگىچىلىكمۇ يوقۇلىۋاتقان بولسا كىرەك. مەسىلەن، ئاغۇدىن كىرگەن ئوقۇغۇچىلار "نەۋاداڭ" دىسە، ئۇستۇناتۇشتىن كىرگەنلەر "نىم دەسە دەمەن"، شورۇقتىن چىققانلار "قايدا قىيسە" دىسە، مېيىدىن كەلگەنلەر "تاڭتېيدامدۇ؟ (تاڭ ئېتىۋاتامدۇ؟) ...دىيىشىپ سۆزلىشىپ كىتىشەتتى..
مەن گەرچە تاغلىق رايۇندا چوڭ بولغان بولساممۇ سۆز ئاھاڭىمدا بىرەر ئۆزگىچىلىك يوق ئىدى. بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدە ئوبلاستقا قاراشلىق ئوپالغا يىقىن يەرگە جايلاشقان "مەرگىزى باقمىچىلىق مەيدانى"  (جوڭياڭچاڭ) دىگەن يەردىن كەلگەن تۇرسۇنجان يۈسۈپ ئىسىملىك ساۋاقدىشىمىز بولىدىغان. ئۇنىڭ سۆز ئاھاڭى تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ ، ئۆزگىچىلىگىدىن بەكلا قىزىق ئىدى" سۆزلىسە ئاخىرقى سۆزى پويىزنىڭ ۋاگونىدەك ئۇزۇراپ كىتىدىغان يەنى "ئەتمەمسەئەئەئە، قىممامسەئەئە"...ئۇنىڭ قارا رەڭلىك سۆكنەي شەپكىسىنى كىيىۋىلىپ تۇرۇپ سۆز قىلغاندا ئاۋازلىرىنى سوزۇپ گەپ قىلىپ تۇرىدىغان قىياپەتلىرى ھازىرمۇ ئىسىمدە.
           يا ئاللاھ، بۇ بىز تاغدىن كىرگەن مەمەتجان ئىككىمىزنىڭ دەسلەپكى ھالىغا. بۇ مەكتەپكە  ئىككى ھەپتە كىچىكىپ كىرگىنىمىز ئۇچۇن ھەمدە بۇ شەھەرلىك بالىلارنى بىلمىگىنىمىز، باشقا يەردىن كىرگەن بالىلار توپ توپ بولۇپ كىرگىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ توپلۇق ئېڭى كۈچلۈك بولغىنى ئۇچۇن دەسلەپكى ھەپتىدە بۇ ئىككىمىز يىتىم بالىدەك بوينىمىزنى قىسىپ قالدۇق. ئۆزىنىڭ 14-15 ياش ئىكەنلىگىگە قارىماي:
يار بىلەن ئويناۋىتىپ،
   سۇندى مىنىڭ نازۇك قولۇم.
     دەپ ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن دۇتارنى كارامەت پەيزى چىلىپ شوخلۇق قىلىپ قويىدىغان مەمەتجانمۇ جىمىپ كەتتى، يوغان كۆزلىرىنى پىيالىدەك پارقىرىتىپ ئەتراپىدىكىلەرگە يىتىرقاپ قارايدۇ، مەن "دەرستە بۇ شەھەرلىك بالىلارنىڭ كەينىدە قالارمەنمۇ" دەپ ئەندىشىدە ئەڭ ئالدىنقى پارتىدىن بوينۇمنى سوزۇپ خۇددى ئۇۋىسىدىن بىشىنى چىقىرىپ تەبئەتكە قورقۇپ قاراۋاتقان بالا توشقاندەك كەينىمگە قايرىلىپ "بارمۇسەن" دىگەندەك قىلىپ مەمەتجانغا قاراپ قويۇمەن ئۇنىڭدىن مەدەت ئىزدەيمەن.
       بىزنىڭ سىنىپ مۇدىرىمىز - ئۇنىۋىرسىتىت ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنى ئەلا ئوقۇغان ئەركىن ھوشۇر مۇئەللىم ئىدى. ئۆزى ناھايىتى ئوچۇق-يورۇق، دەرسنى ياخشى سۆزلەيتتى. ئەركىن مۇئەللىم
       مەمەتجاننى ئىگىز بوي بولغىنى ئۈچۈن سىنىپنىڭ كەينىدە ئولتۇرغۇزدى، مەن پاكارراق بولغىنىم ئۇچۇن مىنى ئالدىدىكى پارتىدا ئولتۇرغۇزدى. تەلىيىمگە يەنە بىر دۇشەنبىسى دەرسكە كىرسەم مىنىڭ پارتامدا كۆك كۆزلىرىنى تاشقى پىلانتنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆزلىرىدەك پالدىرلىتىپ بىر ھەپتە بۇرۇنقى مىنىڭ ھالىتىمدە ياتسىراپ بىرسى ئولتۇرىدۇ، قارىسام ئۇستۇن ئاتۇش ئوچاردىكى مۇئارىپچى تالىپجان ئاكامنىڭ (رەھمەتلىك تالىپجان ئاكام مۇنەۋۋەر مۇئارىپچى بولۇپ قازا قىلىپ كەتتى، ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي، ئامىن) ئوغلى ئەنۋەر ئولتۇرىدۇ. ئۇنى كۆرۈپ مەن، مىنى كۆرۈپ ئۇ خوش بوپ كەتتى. مەن ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە تاغدىن ئوچاردىكى چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە چوڭ دادامنىڭ قويلىرىنى نەۋرە تۇققانلىرىم بىلەن بىللە سەھەر قوپۇپ مەھەللىنىڭ ئىتىزلىقلىرىدا بىقىشىپ بىرەتتىم، ئەنۋەرمۇ قويلىرىنى باققىلى چىقاتتى، بىز شۇ يەردە تونۇشۇپ دوست بولۇشقان ئىدۇق، يەنى ئۇ مىنىڭ بالا دوستۇم ئىدى. بىز ئىككىلىمىزگە جان كىردى. ئىككى دىگەن ھامان بىردىن چوڭ-دە!
          ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ھەر ھەر يەردىن كەلگەن ساۋاقداشلار بىلەن ئاستا-ئاستا تونۇشۇشقا باشلىدۇق. ئەمدى ئويلىسام بۇ 50 دىن ئارتۇق ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى ئېسىمدە تولۇق قالماپتۇ. قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللار ياخشى ئىسىمدە قاپتۇ.
        بىراۋنىڭ ئىسىدە قىلىشىڭ ئۈچۈن ئەستە قالغۇدەك بىرەر ئىشىڭ بولۇشى كىرەك.  
سىنىپىمىزغا ئاغۇ يېزىسىدىن كىرگەنلەردىن ئىلھام، ئەنۋەر مومىن، يالقۇن، نىجات ۋايىت قاتارلىق ئوغۇللار ھەمدە ھۆرىگۇل، تۇرسۇنگۇل تۇردى، رەيھانگۇل لەخەت ئىسىملىك قىزلار بار ئىدى.
        ئىلھام ئۆزى ساقال بۇرۇتلۇق بولغاچقا ئۇنىڭغا "ئىلھام بۇرۇت" دىگەن لەقەم دەرھاللا سىڭدى. ئەمما ئۇنىڭغا ھەقسىز سىڭگەن لەقەمگە كۆز تەگدىمۇ قانداق بىر يىلى ئۇرۇمچىدىن بىر سېرىك ئۆمىگى ئاتۇشقا كىلىپ ئويۇن قويغان ئىدى، ئىلھام سېرىكتە كۆرگەن ئاغزىدىن ئوت چىقىرىش ئويۇنىغا قىزىقىپ قىلىپ ياتاققا كەلگەندىن كىيىن بىر بوتۇلكا بېنزىننى ئاغزىغا تەككۈزۈپ  سېرىكچىنى دورايمەن دەپ يۈزىگە ئوت قويۇۋىلىپ ساقاللىرى كۆيۈپ كىتىپ نەچچە ئاي ئىت يېغىنى يۈزىگە  سۈركەپ، يۈرەكلىك ھالدا كوچىغا چىقالماي ئازاپ ۋە ئاۋارىچىلىق تارتىپ يۈرگەن ئىدى. شوخلۇقنى ئازراق قىيتمىز ياش باللا، ماقىما؟ شوخلۇقتىن ئاغيىق چىقىتتۇا ئەينا!
       ئەنۋەر مۆمىن - ئاغۇدىكى بىر قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ئوغلى بولۇپ ئۆز ئىشىغا پۇختا،  تىرىشچان  شۇنداقلا تەنتەربىيەگە ھىرىسمەن  فۇتبولنى چىرايلىق ئوينايدىغان، يۈگرەش سۈرىتى سىنىپ بويىچە تىز، چامباشچىلىققا كۇچلۇك ھەۋىسى بار بالا ئىدى. پىرقىراپ پەشۋا ئىتىشقا ماھىر ئىدى، بارماقلىرى بىلەن قۇم خالتىغا ئۇرۇپ ئوينايتى.  ئۇ مىنىڭ دەرستە ياخشىلىقىمغا ھەۋەس قىلىپ، مەن ئۇنىڭدىكى پەشۋا ئىتىشقا ھەۋەس قىلىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتكۇزىۋەتتۇق.
         يالقۇن - ئۆزى كۆك كۆز، تەتۇر ئۇستىقان مىجەزى ئىغىر ئەمما تۇتۇپ قالسا، سىسىق گەپنى قۇچقاچنىڭ پوقىدەك چىقىرىپ قويىدىغان بالا ئىدى. ئۇ ئوبلاستلىق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ چىلىش كوماندىسىدا بىر مەزگىل تەربىيىلەنگەن ئىدى -يۇ ئەمما بىر قىتىممۇ رەسمى مۇسابىقىغە چۇشۇپ باققىنى يوق ئىدى، دىمەك ئۇ ھىلىقى كۆك رەڭلىك بىر يۇرۇش تەنتەربىيە كىيىمىنى بىكارغا كىيگەن  جىڭ موما بىلەن، بولاق مانتىنى بىكارغا يىگەن ئىدى. ياخشىمۇ كىيىۋاپتىكەنسەن، يىۋاپتىكەنسۇن يالقۇن؟
      نىجات ۋايىت - ئاغۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى داڭلىق تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ۋايىت مۇئەللىمنىڭ ئوغلى بولۇپ ئۆزى ئىگىز بويلۇق، ۋالىبولنى ناھايىتى ياخشى ئوينايدىغان، شوخ ھەم قىلىقلىرى ھەييار بىرسى ئىدى.
ھۆرىگۇلنى كۆرگەن ئادەم چوقۇم ئېرلاندىيەلىك دەپ قالاتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ قەدەر كۆپ-كۆك ئىكەنكى بەئەينى ھىلىقى بۇندىن 30 يىل ئىلگىرى دۇنياغا مەشھۇر "National Geograpic" دىگەن جورنالنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان ئافغان قىزنىڭ كۆزىنىڭ ئوزى!
ھەممىدىن تۇرسۇنگۇل تۇردىنىڭ ئېلى ئۆمەر مۇئەللىمنىڭ خەنزۇچە دەرسىدىكى بىر ئىشى ئىسىمدىن چىقمايدۇ. تۇرسۇنگۇل رەڭگى-روھى قىزغۇچراق، بەكلا قاڭشارلىق بۇرنى ئۇزۇن قىز بولۇپ، بىر قىتىملىق دەرس ۋاقتىدا ئېلى مۇئەللىم ئۇنى "فاڭ جې مىن" دىگەن دەرستىكى خام سۆزلەرنى ئوقۇشقا بۇيرىدى. تۇرسۇنگۇل ئورنىدىن تۇرۇپلا چۈشۈپ كەتتى ئاغۇ ئاھاڭىدا...
- فاڭ جىيى مىئەننن
-ھوي ھوي، ئاۋۇ دوسكىنىڭ بىشىدىن ئوقۇڭ دىدى مۇئەللىم كۈلۈپ كىتىپ.
دەرس تىكىستى 13-دەرس ئىدى.
- دى شى سەن كىئىئىئى
       بۇ ئۇزۇن ئاھاڭلار خەنزۇچە ئەمەس، ئۇيغۇرچە يەنە كىلىپ ئاتۇشنىڭ ئاغۇ پەدىسىدە-دە. مۇئەللىم يەنە بۇيرىدى.
-زەيلەي يىبىيەن (يەنە بىر قىتىم).
        نەچچە قىتىملاپ ئوقۇسىمۇ تۇرسۇنگۇلنىڭ ئاھاڭىدا ئۆزگىرىش بولامدىغان؟ بالىلار كۈلۈپ كىتىشتى، ئادەم دىگەننىڭ شەيتىنى بەزىدە تۇتىدىكەن دىسە، ئىككى مۈرەمگە كۈندە توققۇز قىتىم سۈپلەپ تۇرىدىغىنىمغا قارىماي شۇ كۈنى مىنىڭ شەيتانلىرىم تۇتۇپ كەتتى.  مەنمۇ بالىلارنىڭ كۈلگىنىگە، تۇرسۇنگۈلنىڭ چىراي تۇرقۇغا قاراپ كۈلۈپ تاشلىدىم. بىچارە تۇرسۇنگۇل تىرنىقىنى تاتىلاپ بىر دەم مۇئەللىمگە، بىر دەم بالىلارغا قارايدۇ.
           رەيھانگۈل لەھەتمۇ قاڭشارلىق قىز بولىدىغان، ئەمما دەرستە ياخشى ئىدى. بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، سىنىپىمىزدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچى قەيسەر سوپۇر ۋە مەن- ئىككىمىز "قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ" ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش پۇرسىتىنى رەت قىلغاندىن كىيىن، بۇ پۇرسەت قۇشى رەيھانگۇل لەھەتنىڭ بىشىغا قوندى. رەيھانگۇل لەھەت بىز تولۇقنى پۇتتۇرگەن 1988-يىلى ماي ئىيىدىلا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندى.
       سۇنتاغ يېزىسىدىن ئابلەي ئابلىز، مەسەق، بۇئايشەم، ئىممىگۇل، ھاۋاگۇل (ھەۋۋىگۇل دەپ قوياتتۇق)
        ئەيساجان، ئايگۇل، تۇرغۇن ئىمامھۈسەن قاتارلىق ساۋاقداشلار بار ئىدى.
       ئابلەينىڭ بوي-تۇرقى مەن بىلەن تەڭ بولۇپ، مىجەزى ئوچۇق، خۇشخۇي ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن مەن ۋە ئىممىگۇل، رەيھانگۈل لەھەتلەر بىرلىشىپ مەن يازغان "يانچۇقچى" ناملىق ئتوتنى مەكتەپ سەھنىسىدە ئورۇنداپ چىقىپ بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئىدۇق.
        مەسەق - كىچىك پىئل بالا بولۇپ كۆڭلىنىڭ يىرىمى ئوقۇشتا يىرىمى پۇل تىپىشتا ئىدى. كىتاپلارنى قۇچاقلىۋالغىنى بىلەن سەپمە ئاياغنى كىيىۋىلىپ تولاراق ۋاقىتتا ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قوياتتى، كىيىن ئۇنى تىجارەتچى بوپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىم.
          بۇئايشەم - ئىگىز بوي، ئۇستىقانلىق كەلگەن، كەمسۆز ئەمما تىرىشچان قىز ئىدى.
         ئىممىگۇل - مىجەزى تولىمۇ ئوچۇق، كۈلۈپلا يۇرىدىغان قىز بولۇپ سۇنتاغدىن ھەركۇنى ئايالچە ۋەلسىپىتكە مىنىپ ئۆزىنى خۇددى ماياتنىكقا ئوخشاش تەۋرىتىپ يۇرۇپ مەكتەپكە كىلىپ ئوقۇيتتى.
        ھەۋۋىگۈلمۇ - گەپ سۆزلىرى تۈز، خۇشچىراي قىز ئىدى.
       ئەيساجان - يۇزلىرى قىزىلراق كەلگەن ئىغىر بىسىق بالا بولۇپ كىيىن ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ شۇ يەردە خىزمەتكە چۇشتى.
       ئايگۇل - ئىگىز بويلۇق، تولىمۇ گەۋدىلىك قىز بولۇپ  ماڭسا يەرنى گۇس-گۇس دەسسەپ ماڭاتتى.
گەپ-سۆزلىرىنىڭ گاڭگۇڭلىغىدا بەزى مىشچان ئوغۇللارنى يىغلىتىپ قوياتتى دىسە.
تۇرغۇن ئىمامھۈسەن - سۇنتاغنىڭ مەھشەتتىن بولۇپ يىقىن ئۆتەتتۇق. مىنى ئۆيىگە چاقىرىپ قوندۇرغان ئىدى.
       مەن ئۇنىڭ شاراپىتى بىلەن "سۇلتان ساتۇق بۇخراخان"نىڭ قەبرىسىنى كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم.)رەھمەت ساڭا تۇرغۇن، سەن بولمىغان بولساڭ، مەنمۇ بۇ ئۇلۇغ ئەجدادىمىزنىڭ قەۋرىسىنى كۆرمەيلا ئامىرىكىغا كىتىپ قالىدىكەنمەنتۇق(  تۇرغۇننىڭ دادىسى ئاتۇشتا بىر ئامانەت قەرز كوپىراتىۋىنىڭ مەسۇلى ئىدىغۇ دەيمەن، بىر قىشتا ئۆيىگە بارسام، شاپ بۇرۇت كەلگەن ئىمامھۈسەن ئاكا ئالايىتەن ئۆيىنىڭ نەرىدۇر ساقلىغان موناقى ئۈزۈملەرنى ئىلىپ كىلىپ مەن بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا قىشتا  - ئۈزۈم ساقلاش ئوڭاي ئەمەس ئىدى.تۇرغۇننىڭ قىلىقلىرى قىزىق بولۇپ توختىماي سائىتىنى بۇراپ قۇلىقىغا تەڭلەپ تىڭشاپ قويىدىغان، بەزىدە مىجەزى ئىتتىكلەپ كىتىپ قالسا  بالىلار بىلەن بىر-ئىككىنى سىلىشىپ قالاتتى. بىر قىتىملىق جىدەلدە قۇلىغى ئازراق يىرتىلىپ كىتىپ قىش بويى قۇلىقىغا بىر قارا رەڭلىك قاپچۇقنى كەيدۇرۇپ چىققان ئىدى، ئۇ چاغدا بالىلار ئۇنىڭغا "تۇرغۇن يىرتىق قۇلاق" دەپ لەقەم قويۇپ قويۇشقان ئىدى، ئۇنىڭ قۇلىغى ساقىيىشى بىلەن يەنە بىر جىدەلنىڭ سەۋەبىدىنمۇ  كالپۇكىغا دەز كىتىپ كالپۇكىغا ماز قويۇپ يۇردىمۇ ئىشقىلىپ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ لەقىمى "تۇرغۇن ماز كالپۇك"قا ئۆزگەردى. ئىشقىلىپ بالىلار توختىماي بىر-بىرىگە ئاشۇنداق لەقەملەرنى قويۇپ، ھەتتا ئۇنى بۇنىڭغا چىتىپ ئوينىشىپ قويىدىغان. بۇ بەلكىم 15-16 ياشلارغا كىرگەندە بالىلاردىكى ھورمۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك؟
           ئېسىمدە قىلىشىچە  سۇنتاغدىن يەنە بىر قىز چىققان ئىدى، ئىگىز بوي، كۆزلىرى يوغان ئۆزى چىرايلىق. بۇ قىزنىڭ دادىسى ئاتۇشنىڭ قايناق بازىرىدا ئاشخانا ئاچاتتىغۇ دەيمەن، بىز بىلەن بىر يىللا ئوقۇدى-يۇ توختاپ قالدى، توي قىلىمەن دەپ توختاپ قالدىمۇ، ياكى دادىسىغا ياردەم بىرىمەن دەپمۇ، بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايلىق بىر جۇپ كۆزىلا ئىسىمدە قاپتۇ. دەپ ئۆتكىنىمدەك دەسلىۋىدە، ئۇ چاغلاردا بويۇم پاكارراق بولغىنى بىلەن سىنىپنىڭ كەينىگە قاراپ قوياتتىم . مەنغۇ مەمەتجاننى ئىزدەپ قارىدىم دەپ ئويلايتتىم. بەلكىم مىنىڭمۇ ھورمۇنلىرىم جىم تۇرمىغان بولسا كىرەك؟.
ئاتۇشنىڭ ئازاقتىن مۇختەر روزى، توختاخۇن، ئەركىن دەيدىغان ئوقۇغۇچىلار كەلگەن ئىدى.
مۇختەر روزى-ئاق سىرىق بالا بولۇپ كۆڭلى ناھايىتى ئىنچىكە ئىدى، ناخشىنى ياخشى ئىيتاتتى. ئۇ ئۆزى بولمىسىغۇ مەندەك بىر يىرىم چىقاتتى، ئەمما سەل قاتتىق گەپ قىلىپ قويساڭ كۆزىگە ياش ئالاتتى.
         توختاخۇن - دادىسىدىن كىچىك يىتىم قالغان يۈزىگە پاشا قونىۋالسىمۇ "قوغلىۋەتسەم كۆڭلىگە كىلىدۇ" دەپ ئويلايدىغان، ماڭسىمۇ يەرنىڭ مىڭىسى ئاغرىپ كىتىدىغاندەك بوش دەسسەپ ماڭىدىغان بالا ئىدى. كىيىن ئۇ ئۈرۈمچىدە بانكا مەكتەپتە ئوقۇپ ئويتاغ يىزىلىق بانكىدا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ دادامغا تونۇشلۇق بىرىپتىكەن.
          ئەركىن - ئۆزى ئىگىز، شادا پاچاق بالا بولۇپ، بىرەر ئىشتا ئازراق پايدا ئىلىش پۇرسىتى بولسىلا قولدىن بىرىۋەتمەيدىغان ئۆز ئىشىغا پۇختا بالا ئىدى. شۇ چاغلاردا ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرىنىڭ مەكتەپ سەيناسىغا كىرىپ ئوڭ تەرەپكە قارىسىلا بىر چوڭقۇرچاقتا ۋاسكىتبول ۋە ۋالىبول ئويناش مەيدانلىرى بار ئىدى. بىز ياتاقتىكى بالىلار دەرستىن يانغاندىن كىيىن ياتاقتا قىلىدىغان ئىش بولمىغاندىن كىيىن، توپ مەيدانى بوش بولسىلا بىراز ۋالىبول ئويناپ ئاندىن ۋاسكىتبول ئوينايدىغان گارنى ۋارتا قىلىپ ئۇ يەردە فۇتبول ئوينايتتۇق. بۇ ئەركىننىڭ كەلگەن توپنى تىپىمەن دەپ ھاۋاغا قۇرۇق تىپىدىغىنىنى دىمەيسىلەر، توپ شۇنىڭ پۇتىغا كەلگەندىلا قىچىپ كىتىدۇ -دىسە. كىم ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپا بولدى شۇ ئۇتتۇراتتى. بىر قىتىم ئۇ نىجات ۋايىت بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ توپ ئويناپ بىر ئوبدان كىلىۋاتقان توپلارنى چاتىرىقىدىن ئوتكۇزۇۋىتىپ يىڭىلىپ قالدى، جىلە بوپ كەتكەن نىجات ۋاقىرىدى ئۇنىڭغا:
- سەن ياغاچ، ياغاچتەك قىتىپ تۇمىغان بولساڭ، يىڭىلمەيتتۇق.
      شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا "ئەركىن ياغاچ" دىگەن نام سىڭىپ قالدى.
       ئويلاپ باقسام شورۇقتىن بىرلا دولقۇن ئەكبەرلا بىزنىڭ سىنىپقا ئوقۇشقا كەلگەن ئىدى. دولقۇننىڭ دادىسى شورۇق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئاتا-بالا ئىككىسىلا بەئەينى گېرمانلارغا ئوخشايتى. مەن ئۇلارنىڭ ئويىگە بىر نەچچە رەت ئۈجمە يىگىلى بارغان ئىدىم. دولقۇننىڭ كۆزى كۆك، يۈزلىرى سىرىق بولغاچقا ئۇنى "دولقۇن سېرىق" دەپ قوياتتۇق. ئۆزى تىرىشچان دەرستە ياخشى بالا ئىدى.
شۇ چاغلاردا  قىياسىمچە ئاتۇش ناھىيىسىگە (ئاز ۋاقىتتىن كىيىن شەھەر بولدى) قاراشلىق ئىدارە جەمىيەت ۋە بەزى يىزىلاردىن كەلگەن بالىلار ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە (تەختىيۇن مەكتەپكە باراتتى يەنى بەزىلەر ئۇ يەرنى تەختى ھۇن دەپمۇ ئاتايتتى ) باراتتى، ئوبلاستقا قاراشلىق ئىدارە-جەمىيەت ۋە بەزى يىزىلارنىڭ بالىلىرى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىلەتتى. (ئاتۇش شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنى ئۇستۇناتۇش يېزىسىغا جايلاشقان  بولۇپ بىلىشىمچە ئۇنىڭ تارىخى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە قارىغاندا ئۇزۇنراق،بەلكىم بۇ ئاكا-ئۇكا مۇسابايوپلارنىڭ مەرىپەت مەشىلىنى بۇ يۇرتتا ياققىنىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كىرەك)
            مەن كىرگەن سىنىپتا قەيسەر سوپۇر ئىسىملىك دەرستا ئالامەت ئەلاچى بىر ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. (قەيسەر سوپۇر ھازىر ئۇرۇمچىدىكى داڭلىق 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى)

              ئۇنىڭغا ياندىشىپ ماڭىدىغىنى ئادىل جۇماخۇن ئىسىملىك ئاق پىشماق، سىمىزرەك كەلگەن بالا ئىكەن. مەن كىرىپ بايقىدىمكى بۇ ئىككىسىنى           مەكتەپتە داڭقى بار ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىن دەپ قارايدىكەن مەكتەپتىكى بالىلار.
      شەھەر ئىچىدىن كىلىدىغان بالىلاردىن يەنە ئەركىن نامان، شاۋكەت ئىمىن قاتارلىق بالىلار بار ئىكەن.
       قەيسەر ئۆزى ئىگىز بوي، ئورۇقراق، قاڭشارلىق كەلگەن بالا بولۇپ ھەممە پەنلەردە ياخشى بولۇپمۇ تەبىئى پەنلەردە ئالاھىدە ياخشى ئىكەن.
ئادىل جۇماخۇنمۇ ياخشى ئوقۇيدىغان بالا بولۇپ ئەمما دەرسلەردە سۇئالنىڭ يامىنىغا كەلگەندە تىككىدە تۇرۇپ غىڭشىپ قالاتتى. ئەركىن نامانمۇ ئوقۇشقا ھىرىسمەن بولۇپ شۇ چاغلاردا ئۇ ئادىل جۇماخۇننىڭ ئىنىسىدەك ئۇنىڭ كەينىدىن چىقمايدىكەن.
شاۋكەت ئېمىن - دۇنيادىن چىققان بىر غەمسىز بالا بولۇپ، كىيىنكى يىللاردا   ئۇ ئەركىن نامان، ئەنۋەر تالىپ، قەيسەر سوپۇر بىر نەچچىمىز يىقىن دوست بوپ كەتتۇق.
       ئۆز نوۋىتىدە دەپ قوياي-ھە. بۇ بالىلارمۇ مىنىڭ خاراكتىرىمگە قاراپ ماڭا خاس لەقەم قويۇشتى. بولۇپمۇ ئۆز-ئارا چىلىشىپ ياكى سوقۇشۇپ ئوينىغان ۋاقتلىرىمىزدا، ماۋۇ شاۋكەت بىكاردىن بىكارغا كىلىپ مىنى ئۇرۇۋىلىپ قىچىپ كىتەتتى-دىسە. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى قوغلاپ تاكى ئۇ ئاخىرى ئۆزى  "ۋاي بولدى بۇدۇشقاق، ئۆتنەڭنى ئىلىۋال" دەپ تۇرۇپ بەرمىگۇچە بولدى قىلمايدىغىنىمغا قاراپ مىنى "بۇدۇشقاق" دەپ قويۇشاتتى. مەن مۇنداق ئويلايتتىم شۇ چاغدا  "ئەگەر بوپتۇ دەپ تۇرۇپ بەرسەم، بۇ تەرەققى قىلىپ چاقچاقتىن -بوزەك قىلىشقا ئايلىنىپ كىتىدۇ".
سىنىڭمۇ  مۇشقا مۇش، تېپىككە-تېپىك  قايتۇرىدىغىڭنى بىلسە كىشى، ئاندىن ئۆزىنىڭ گەپ سۆزى ۋە ئىش ھەركىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ يا؟
       بالىلارچە خىياللار دە، لىكىن پۇتۇنلەي ساددىلىق دىگىنىمۇ بولمايدۇ ئۇ قاراشنى.
مەن بۇ سىنىپقا كىرگەن دەسلەپكى كۈنلىرى ھودۇقۇپلا يۈردۈم. مۇئەللىملەر دەرستە بىرەر سۇئالنى سوراپ بولغىچە ھەممە "مەن مەن" دەپ تالىشىپ قول كۆتۈرىشىدۇ. مەمەتجان ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ شۇمشۇيۇپ تۇرۇشۇمىز،. چۇنكى بىز ئىككى ھەپتە كىچىكىپ كىرگەندىن كىيىن بۇ ئوقۇشقا، ئالدىنقى دەرسلەرنى ئۇقمايمىز دە-.
- پاھ نىمە دىگەن ئەقىللىق بالىلار بۇ، شەھەرنىڭ بالىلىلىرى راست ئەقىللىقكەن. : ئەمدى مەمەتجان ئىككىمىز كەينىدىن سانىغاندا بىرىنجى، ئىككىنجى بولۇپ ئوقۇيدىكەنمىزدە.
مەن شۇنداق دەپ ئويلىدىم-دەسلەپتە، ئەمما كەينىدە دەرستە قالماسلىققا بەل باغلىدىم. بىر ھەپتە ۋاقىت ئوتكەندىن كىيىن يۇز بەرگەن مۇنۇ ئىشلار ماڭا ئىلھام بولدى.
فىزىكا دەرسىنى  - مەمەتېلى دىگەن ئۇنىۋىرسىتىت فىزىكا فاكۇلتىتىنى پۇتتۇرگەن بىر ئوتتۇرا ياش مۇئەللىم بىرىدىكەن. شۇ چاغلاردا فىزىكا دەرسىدە مۇنداق بىر مەشق بار ئىدى. "مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقى شىمالىدىكى خىيلوڭجىئاڭ ئۆلكىسىدىكى تاغلاردىن ئاتقا ياغاچ سورەپ چۇشكەندە،  سۇركىلىش كۇچى......"
مۇئەللىم دەل شۇ سۇئالنى دەرسخانىدا ئىشلەشكە بۇيرىدى. ئىشلەپ بولغانلار قول كۆتۇردۇق. مۇئەللىم بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابىنى تەكشۇرۇپ بولۇپ مىنىڭكىنى تەكشۇردى ۋە ئاندىن كىيىن مىنى دوسكىغا چىقىپ جاۋاپنى يىزىشقا بۇيرىدى. 100 دىن ئوشۇق كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇرىدۇ. مەن مەشق دەپتىرىمنى ئىلىپ دوسكىغا چىقتىم ۋە تەمتىرەپ تۇرۇپ جاۋابنى دوسكىغا يازدىم. مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلاردىن سورىدى:
-بۇ ساۋاقداشنىڭ جاۋابى توغرىمۇ خاتا؟
-"خاتا" ھەممە بىردەك ياڭراق ئاۋازدا جاۋاپ بىرىشتى.
مەن خۇددى مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا كۇرەشكە تارتىلغان "ھوقۇقدار"دەك شۇمشۇيۇپ تىترەپ كەتتىم.
-سىلەرنىڭ خاتا، بۇ ساۋاقداشنىڭ توغرا دىدى مۇئەللىم، سىنىپ ئىچى جىمىپ كىتىشتى، مەن بۇ ئۇشتۇمتۇت كەلگەن مۇئەييەنلەشتۇرۇشتىن خوش بوپ خۇددى شۇڭقاردەك بىرنى كىرىلىۋەتتىم.
      ئەسلىدە مەندىن باشقا ھەممە ساۋاقداش كۈچنىڭ بىرلىك مىقدارىنى توغرا شەكىلگە ئايلاندۇرۇشتا ئازغان ئىكەن. ئۆزۈمغۇ تۇرمۇشتا قالايمىقانراق بالا، لىكىن مۇشۇ بەزىدە مۇھىم نەرسىگە كەلگەندە خىلىلا دىققەت قىلىمەن .
ئەدەبىيات دەرسىدىمۇ تىزلا ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللىدىم.
ماتىماتىكا دەرسىنى رابىيە خانىم بىرەتتى. ئىسترونومىيە دەرسىنى ئەركىن ھوشۇر مۇئەللىم بىرەتتى. بۇ ئىككى دەرستە قەيسەر سوپۇر ھەممىنى بىسىپ چۇشەتتى. مىنىڭ قەيسەر بىلەن دوستلىشىپ ئۇنىڭدىن كۆرگەن پايدامنىڭ بىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىتاپخانىغا بىرىپ ئابدۇراھمان ۋەكىلى تۈزگەن ماتىماتىكا،  ۋە ئابلىمىت تۆمۈر ئەپەندى بىلەن سابىت موللاخۇن ئەپەندىم)ساۋۇت مۇئەللىم ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن(  تۈزگەن خىمىيەگە ئائىت قوشۇمچە مەشق كىتاپلىرىنى ئىلىش بولدى. بۇ كىتاپلارنىڭ بۇ پەنلەرنى ياخشى ئۈگۈنۈشۈمگە پايدىسى كۆپ بولدى. ئۇلۇغچاتتا ئوقۇۋەرگەن بولسام قوشۇمچە ئۈگۈنۈش ماتىرياللارنى ئالىدىغان پۇلغا بەلكى باققالنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ شاپتۇل يەۋەتكەن بولاتتىم.!  ئادەم بەزىدە كۆرۈپ بەزىدە دوراپ ياخشى-ياماننى ئۈگۈنۈپ قالىدۇ.
        بىزگە  خىمىيە دەرسىنى خوتەن ئالى تېخنىكومدا ئوقۇغان ئابدۇلجان خەتتاپ مۇئەللىم بەرگەن ئىدى. ئابدۇلجان مۇئەللىم دەرسنى ياخشى ئۆتەتتى. ئۇ بىر قىتىم تولۇق 1-يىللىقلار ئارا خىمىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە مەن بىرىنجى چىقتىم.
     مەكتەپلەردە ساۋاقداشلارنىڭ تەرەپلەرگە بۆلۈنۈپ بىرسى بىرسىنى چەتكە قاقىدىغان، بوزەك قىلىدىغان ئىشلىرى بولىدىغۇ، بۇ ھەتتا ئامىرىكا مەكتەپلىرىدىمۇ  يۈز بىرىدۇ. مىنىڭ مۇشۇ
        مۇسابىقىدە بىرىنجى چىقىپ قىلىشىم بىلەن سىنىپىمىزدىكى دەرستە ئەلاچى -ئادىلجان جۇماخۇن ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىشقا باشلىدى.
- ھە قارا، ما پاكانى، تاغدىن تۈنۈگۇن چۈشۈپ، قاندا بۇ بىرىنجى بولاپ كىتىدا....ئۇ بۇ گەپلەرنى دىگەندە يۇقۇرى كالپۇكى كۆتۈرۈلۈپ، كۆزلىرى قىسىلىپ كىتەتتى. )لىكىن مەن ھازىر  پاكار ئەمەس -ھە، ئوتتۇرا بوي. چۈنكى مەن ئۈرۈمچىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا كىيىن ئىگىز ساھىپجامالغا تەلەپ قويۇپ قالسام ئۇنىماي قالمىسۇن دىگەن ئەندىشىدە تورنىكنى جىق تارتىۋەتكەن جۇمااااا(
        ئۇ چاغدا ئەركىن نامان ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتەتتى خۇددى ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسىدەكلا ئادىلنىڭ سايىسىدە يۈرەتتى، ئەركىننىڭ بويى مەن بىلەن تەڭ ئىدى بولمىسا، "كىچىك كىچىكنىڭ قاياشى بولماي" ئۇمۇ ئادىلغا يان بىسىپ مەن بىلەن قىيىشىپ يۈردى. بۇ ئىككىسى ھەتتا ئابدىلجان مۇئەللىمنى       مىنىڭ بىرىنجى بوپ كەتكىنىمگە نارازى بولۇپ ئىزدەپ چىقىشتى. ئادىلجان جۇماخۇننىڭ چىرايىدا مەنسىتمەسلىك، تەن بەرمەسلىك، ۋە ئاچچىق، ئەركىننىڭ قولىدا ھىلىقى كادىرلار قولغا ئىسىۋالىدىغان قارا رەڭلىك يىغىن سومكىسى پۇلاڭشۇيدۇ....
-بۇ تۈنۈگەن تاغدىن چۈشۈپ قايدا بىرىنجى بولاپ كىتىدۇ،...
ئابدىلجان مۇئەللىمنىڭ جىلە بوپ كىتىپ ئادىلنى سىلكىگىنى ئىسىمدە.
مەن "تاغلىق" بولغانلىغىم ئۇچۇن بۇ "شەھەرلىكلەرنىڭ سۆيۈملۈك قىلىقلىرىغا" قاراپ قاراپ قوياتتىم ئۇلارنىڭ  مىنى سەۋەپسىزلا  ئۆچ كۆرۇۋاتقىنىغا قاراپ نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم.  
        ئىشقىلىپ تولۇق بىرىنجى يىللىقنىڭ بىرىنجى مەۋسۇمى مۇشۇ ئىككىسىنىڭ سەۋەبىدىن مەن ئۇچۇن ئۆتكۈزۈش بەكلا تەس بولغان مەزگىل بولدى.
"خۇدانىڭ بەرگىسى كەلسە پەيغەمبەر غىڭ قىلالماپتۇ" دەپ  يىل ئاخىرىدا قەيسەر سوپۇر ئىككىمىز ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ سايلاندۇق. ئادىلنىڭ بۇنىڭغا چىدىماي شۇ چاغدىكى سىنىپنىڭ يەر ئاستىغا ) شاللارنى قۇموۇرىۋەتكەندىن كىيىن
لەخمىدەك بولاتتى(  كىرىۋىلىپ بىر ھازاغىچە چىققىلى ئۇنىماي تۇرۇپ كەتكەنلىرى، سىنىپنىڭ تاملىرىغا ئۇرۇپ كەتكەنلىرى ئىسىمدە. ئۇنىڭ يەنە مۇشۇنداق سەۋەپتىن تولۇق 3-يىللىقتا 3-قەۋەتلىك بىنانىڭ قايسى بىر قەۋىتىدىن سەكرەپ ئاچچىغىنى چىقارماقچى بولغىنىنى
ۋە پۇتىنى جاراھەتلەندۈرىۋالغىنىنى دىمەيسىلەر....بىر قارىساڭ ھەيران قالارلىق، يەنە بىر قارىساڭ ئەپسۈسلىنارلىق ئىش-تە؟     
بىر مەۋسۈم ئۆتكەندىن كىيىن ئەركىن مۇئەللىم مىنى ئۈگۈنۈش باشلىغى سايلاپ قويدى. ئادىل بۇنىڭغىمۇ نارازى بولدى، مەنمۇ ئوقۇشۇمنى ئوقۇۋەردىم. ئەمما مىنىڭمۇ ئاچچىغىم بار-دە؟
           ئۇ چاغلاردا ئۈگۈنۈش باشلىقلىرى ساۋاقداىشلارنى ئۈگۈنۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ، ئۇلارنىڭ ھەركەتلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىشلار بار ئىدى. مەن ماۋۇ ئۈستۈنئاتۈشنىڭ بوستان كەنتىدىن ئوقۇشقا كىرگەن نۇرۇللانى ئۈگۈنۈش قىلغۇزالماي قىزىرىشىپ قالاتتىم دىسە. ۋاي ئۈگەنمىسەڭ نىمە كارىم دىمەپتىكەنمەن، ئەگەر مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا كوممۇنانىڭ بىرەر ئەترىتىگە ئەترەت باشلىغى بوپ قالغان بولسام، تاڭ سەھەر 4 بىلەنلا كىشىلەرنى سەھەرلىك دولقۇنغا چىقىشقا مەجبۇرلايدىغان ئاخماق ئاكتىپتىن بىرىسى بولاتتىممىكىن-تاڭ. نىمىلا دىگەن بىلەن ئادەم ئۆزى چوڭ بولغان جەمىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. نۇرۇللا مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ ياخشى ئوقۇغان بولسا كىيىن ئالى مەكتەپتىن چىكىندۈرۈلۈپ كەتمەيتتى. مىنىڭمۇ كۆڭلۈم ياخشى-دە؟ ئوقۇمىساق نىمە بولىمىز؟ ياشلىرىمىز نىمە بولىدۇ؟
      تولۇق بىرىنجى يىللىقنىڭ ئىككىنجى مەۋسۇمدە ئوخشاش يىللىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئوبلاست بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزىلىدىغان ماتىماتىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلارنى تاللاش ئۈچۈن ئىمتىھان ئىلىندى. تەربىيەلەش نىشانى قىلىنىپ بىزنىڭ سىنىپتىن قەيسەر سوپۇر ۋە مەن، دولقۇن ئەكبەر، رابىيە خانىمنىڭ سىنىپىدىن تاھىر ئابدۇقادىر، ئۈمىت مەمتىمىن (رەھمەتلىك ئۈمىت -قىزىلسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرى مەمتىمىن مۇئەللىمنىڭ ئوغلى بولۇپ  ئەقىللىق ۋە شوخ بالا ئىدى مەن بىلەن چېقىشىپ قوياتتى. تىببى ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۇرگەن يىلى كىسەللىك سەۋەبى بىلەن قازا قىپ كىتىپتۇ، ياتقان جايىڭ جەننەتتىن بولسۇن ئاداش!)، ئابلىكىم قىرغىز (ئۆزى ئۇيغۇر ئەمما ئاتا ئانىسى چارۋىچىلىق رايونىدا تۇرۇپ كىيىن يۇرتى ئاتۇشقا يۆتكىلىپ كەلگىنى ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى ماڭا ئوخشاش بىرەر ئىككى قىرغىزچە جىرنى جىرلاپ قويىدىغىنى ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ ئابلىكىم قىرغىز دەپ ئاتاپ قويۇشاتتى(. ئېلى ئۆمەر مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدىن ئەنۋەر  روزى، مەمتىمىن قارى، ئىلھام ھاشىم (رەخمەتلىك ئىلھام بۆرەك كىسىلى بىلەن ياشلا كىتىپ قالدى، ياتقان جايىڭ جەننەتتىن بولسۇن دوستۇم!)، ئەمرۇللا جامال قاتارلىق ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپتۇق.
        بىزنى ماتىماتىكا ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تىلىۋالدى مۇئەللىم تەربىيلىدى. مانا مۇشۇ 3 ھەپتىلىك تەربىيلىنىشتە مىنىڭ ماتىماتىكا بىلىمىم چوڭقۇرلاشتى. مۇسابىقىدە ئاقتۇ ناھىيىسىدىن قەيسەر ئابدۇقادىر دىگەن بالا چىمپىيۇن ، بىزنىڭ مەكتەپتىن قەيسەر سوپۇر، مەن ۋە تاھىر ئابدۇقادىر )بۇ تاھىر شۇ چاغلاردا  ئوبلاستتا  ئامىنە چاڭۋېي يەنى ئامىنە دائىمى ھەيئەت دەپ ئاتالغان ئايالنىڭ بالىسى بولۇپ ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى(   ئۇچىمىز ئىككىنجى بولۇشتۇق. بىر چاغدا تەتىلنى تۈگۈتۈپ مەكتەپكە كەلگىنىمدە تىلىۋالدى مۇئەللىمنىڭ ماڭا مۇكاپات سۇپىتىدە ئۇستەل چىرىغى ۋە بىر ھۆججەت سومكىسىنى بەرگىنى ئىسىمدە.
       شۇ چاغدا مەكتەپ ئىتتىپاق  كومىتىتىنىڭ تۇرسۇن قادىر دەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچىسى بولىدىغان،)كىيىن ئاقتۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكۈلۈپ كىتىپتۇ(  بىزگە سىياسەتتىن دەرس بىرەتتى، كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا سىنىپلارغا كىرىپ تەكشۇرۇپ، خۇشاۋاز بوپ قالغان چاغلىرىدا شۇ زاماندىكى  ئاتۇش تەۋەسىدىكى داڭلىق ناخشىچى - تۇنسايىم توختىنىڭ ناخشىسىدىن بىر ئىككىنى غىڭشىپ قويۇپ چىقىپ كىتەتتى. ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا ئۇنىۋىرسىتىتنى پۇتتۇرۇپ  ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ قۇرۇلغانلىغىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلەپ تارقاتقان  خاتىرلەش ئىزنىگىنى تاقىۋالغان بىرەرى پوچىلىق قىلىپ سالغانمۇ بىرەر قىتىم ، بىر قىتىم دەرستە بىزگە مۇنۇ گەپنى دىگىنى ئېسىمدە قاپتۇ:
-بەزىلەر تېخى يوغان يەدە ئوقۇدۇم دەپ كىرىلىپ يۈرۈشۈپ كىتىدىكەن  بىزمۇ ئۇقىمىز خېلى بىر نىمىنى.
مۇئەللىم شۇنداق دەپ تۇرۇپ "نىمە ئۇچۇن" دىگەن گەپنىڭ خەنزۇچىسىنى دوسكىغا يازغان ئىدى، ئۇنىڭ چىرايىدا ئاچچىق بىر كۆزى قىسىلىپ كەتكەن، قوسىغى ئالدىغا دومبىيىپ چىقىپ كەتكەن چۈنكى ئۆزى سېمىزراق كىشى ئىدى....
          مەن بۇ مۇئەللىمنىڭ دوسكىغا يازغان خەنزۇچە خىتىگە قاراپ "ھەجەپ بىلىملىك مۇئەللىمكىنە بۇ" دەپ ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىقىغا ھەۋەس قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئىدىم...
بىزگە تارخ ۋە جۇغراپىيە دەرسىنى تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن ھاجى سابىر مۇئەللىم بىلەن ھاجى ئىشان مۇئەللىملەر ئۆتكەن ئىدى.


0

تېما

0

دوست

4220

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1340
توردىكى ۋاقتى: 491
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 18:30:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ    ئەلەيكۇم    قەيسەر    ئەپەندى   ،    سىزنىڭ    ئەستە   تۇتۇش   قابىليىتىڭىز    نىمە    دىگەن    يەخشى    ،     ساۋاقداشلار    ئارىسىدىكى    شۇنچىۋالا    ئىشلار    ئېسىڭىزدە   تۇرۇپتا   .    ئەسلىمىڭىزنىڭ    داۋامىنى    كۇتۇىمىز   .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

8

دوست

1599

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23688
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 19:49:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yiganayapraq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-31 17:46  

ئاخىرى كەلدى،ئوبىلاسلىق بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە،يەنە دىسەم يەنە شۇ،نىمە دىگەن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىز يۇقۇرى...مەن ئالي مەكتەپتىكى باللارنىڭ ئىسمىنىمۇ تاس قالىمەن دىيەلمىگىنى...
ئوبىلاسلىق بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپ مىنڭ 6يىللىق ئانا مەكتىۋىم،گەرچە سىز تولوق ئوتتۇرغا كەلگەن85-يىلى مەن تېخى 3 ياشقا كىرگەن بولساممۇ،ئەڭ ئاخىردا چىققان ھاجى ئىشان مۇئەللمنىڭ بىزگە تارىخ دەرىس بەرگىنى ھىلىمۇ يادىمدا،ئاغۇلۇق مۇئەلىممىتى،ياپاناھ بەكمۇسۈرلۈك، قاتتىق قول مۇئەللىم ئىدى،ياز كۈنلىرى قولىمىزنى قۇيۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ قوللىرىمىز تەرلەپ كېتەتتى...
تېخى بىر ياز ۋاقىتتا بىر ساۋاقدىشىم شۇنداق ئوبىرنىغا چىققىسى كېلىپ كەتسىمۇ دىيەلمەي جىددىچىلىككە سىنىپقا كىچىك بىر ئېرىق بۇلۇپ قالغىنى شۇنداق ئىسىمدىن چىقمايدۇ.بەكمۇ قورقاتتۇق بۇ مۇئەللىمدىن...بۇ ئىش سىنىپتا،يىللىقلار ئارسىدا بىر مەزگىلگىچە بېسىقمىغاندى...ئوغۇللارنى مەيدانغا تەرەت قىلىدۇ دەپ سىنىپ مەسئۇلىمىز سىنىپ يىغىنىدا دائىم تەنقىتلىگەچ بۇ قېتىم ئۇغۇللارغا بولۇپ بەرگەن بىزغۇ مەيدانغا تەرەت قىلىدىكەنمىز،قىزلار سىنىپقا قىلىدىكەن ئەمەسمۇ دەپ...ۋاي-ۋاي بەكلا ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بۇ باللار...بۇ بىچچارا قىزمۇ يىغلاپ بىر توختىمىغان،نەچچە كۈن مەكتەپكە كەلمەي سىنىپ مەسئۇلىمىز كىرىپ ئېلىپ چىققانغۇ دەيمەن.ھەي كىچىك چاغلاردە شۇمۇ...
سىزنىڭ ھاجى ئىشان مۇئەللىمنى قانداق تەسۋىلىگىنىڭىزنى بىر ئاڭلاپ باققىم كەلدى...ئاخىرىنى ساقلايمىز ئەمسە...

2

تېما

8

دوست

4371

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 1268
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 00:34:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپداشكەنمىز ، لىكىن سىز بۇ مەكتەپكە كەلگەندە مەن ئاران بىر ياشكەنمەن . شورۇق ئايرىم ئەمەس ، سۇنتاغ يېزىسىنىڭ كەنىتى .

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1404
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 11:35:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل ئەسلمىلەر كىشىگە ھاياتنىڭ شېرىنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇىدۇ .

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27535
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 12:47:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەنمۇ  بالىلىق  ۋەقتىمنى ئەسلەپ  قالدىم ....

0

تېما

7

دوست

2799

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 21:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازغاندىن ساۋاقداشلىرىڭىز يوق ئىكەن-دە؟

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەۋرىسىگە بارغان بولسىڭىز بىزنىڭ ئۆينىڭ بۇسۇغىدىن ئۆتەپتىكەنسىز ئاينا.

0

تېما

0

دوست

481

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   90.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 13:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلىرىڭىز كۆرسە چوقۇم خوشال بولىدۇ.ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىڭزگە قايىلمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )