يۇلتۈزلارنىڭ قانداق پەيدا بۇلشى،ۋاقىتقا ئەگىشپ قانداق ئۆزگىرشى، ئۆزگىرش جەريانى ۋە ھەربىر جەرياندىكى تۈزىلشى ھەققىدىكى فىزىكىلىك مەسلىلەر 19-ئەسىردىن بۇيان فىزىكا ۋە ئاستۇرنومىيە ئالىملىرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ كەلمەكتە. لېكىن ئۈزۈلمەس ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات ئاستىدا بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار يۇلتۇزلار ھەققىدە بۇسۇش خارەكتىرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. بىرنجى ئەۋلاد يۇلتۇز تەخمىنەن ئالەملىك چوڭ پارتىلاش يۈزبېرىپ 200 مىليون يىلدىن كىيىن شەكىللەنگەن. نۇرمال يۇلتۇز ھېدىروگىن(H2، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئېلمىنىتلار بار،He,O قاتارلىق.) گازىنى ئاساسلىك تەركىب قىلغان گاز بىسىمسى بىلەن ئۇنىڭ ئۇزىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولغان(Pressure=Gravity ,2-رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك) شار ياكى شارسىمان شەكىلدىكى بىرخىل ئاسمان جىسمى. دەسلەپتە يۇلتۇزلار(protostar) يۇلتۇز تۇمانلىرىدا(Nebulae ,1-رەسىمدە كۆرسىتلگەندەك) شەكلىنىدۇ. تۇماندىكى ماددىلار (ئاساسلىقى چاڭ-توزانdust، ھېدىروگىنH) تاتىش كۇچى سەۋەبلىك بىر نوقتىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىپ يىغلىدۇ، يىغلىش جەرياندا زىچلىقى بارغانسېرى ئىشىپ بىرىپ تېمپۇراتۇراسى ئاشىدۇ، تېمپۇراتۇرا ئىشىپ Hنىڭ كۇيۇش نوختىسىغا يەتكەندە دەسلەپكى يۇلتۇز شەكلەنگەن بۇلىدۇ(تېمپۇراتۇرا ئىشىپ Hنىڭ كۇيۇش نوختىسىغا يېتەلمىسە ئاخىرىدا بۇ پىلانىت(Planet) ياكى قىزىل، قارا پەتەك يۇلتۇز(Red,Brown Dwarf) قاتارلىق باشقا ئاسمان جىسملىرنى شەكلەندۇردۇ). نۇرمال يۇلتۇز ئاساسلىقى مەركەز(core)، رادىئاتسىيىسە رايۇنى(radiative zone)، ئالمىشىش رايۇنى(zone convective، بۇ رايۇنىڭ فىزىكىلىك ئىپادلىنىشى بىرقەدەر مۇرەككەپرەك، ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا ئىچ - سىرتىدىكى يۇقىرى-تۆۋەن تېمپۇراتۇرلىق ماددىلار ئۆز-ئارا ئۇرۇن ئالمىشىدۇ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغانلىقىم ئۇچۇن ئالمىشىش رايۇنى دەپ ئالدىم،3-رەسىمگە قاراڭ)، سىرتقى يۈز(surface) قاتارلىق بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەن. يۇلتۇز شەكىللەنگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىكى ماددىلار توختامسىز كۆيۈپ يادرو رىئاكسىيە يۈز بىرىپ زور ئىسسىقلق ئېنىرگىيسى قۇيۇپ بىرىدۇ، بۇ دەل يۇلتۇزلارنىڭ ۋالىلداپ نۇر چىقىرىپ چاقناپ تۇرشىدىكى سەۋەب(HكۆيۈپHeغا ئايلىنىدۇ،HeكۆيۈپCغا،CكۆيۈپOغا....داۋاملىشىپ ماڭىدۇ، ماسسىسى ئوخشاش بولمىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئاخىرىدا كۆيۈپ بوپ ئۆلگەندە توختايدىغان ئېلمىنىتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئېغر ماسلىق يۇلتۇزلارنىڭ مەركىزى كۆيۈپ تۈمۈرگە (Fe) ئايلىنىدۇ-دە ئىچدىكى تارتىش كۈچى سىرتىدىكى گاز بىسىمدىن بەكلا چوڭ بوپ يۇلتۇز مەركەزگە قاراپ يىغلىشقا باشلايدۇ. مەلۇم دەرجىگە بارغاندا دەرجىدىن تاشقىرى يىڭى يۇلتۇز بوپ پارتىلايدۇ(Supernova Explosion) ۋە نىتۇرون يۇلتۇز(Neutron Star)، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر(Black hole) قاتارلىقلارغا ئايلىنىدۇ. ماسسىسى تۇۋەنراق بولغان يۇلتۇزلار، قۇياشنىڭ 0.8ھەسىسىدىن 8 ھەسىسىگىچە بولغان يۇلتۇزلار، ئۆلگەندىن كىيىن ئاق پەتەك يۇلتۇزغا(White dwarf) ئايلىنىدۇ.). يۇلتۇزلار شەكىللەنگەندىن تارتىپ ئۆلگۈچە بولغان ۋاقىتتا ھەرخىل جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ(4-رەسىمگە قاراڭ)، مەسلەن:ئاساسى قىسىم باسقۇچ(main squence)، قۇشۇمچە گىگانت باسقۇچ (sub giant)، قىزىل گىگانت (red giant)، يىقىنلاشقۇچى گىگانت باسقۇچ (asymptotic giant branch) ياكى بىۋاستە دەرجىدىن تاشقىرى گىگانت (supergiant) قاتارلىقلار. قايسى جەرياندىن ئۇتۇش يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. يۇلتۇزلارنىڭ ئۆلگەندە قانداق شەكىلدە پارتىلىلاپ نېمىگە ئايلىنشىمۇ ئۇنىڭ دەسلەپتە شەكىلەنگەندىكى ماسسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قۇياشنىڭ ھازىرقى يېشى تەخمىنەن 5 مىليارت يىل، ئۇ يەنە تەخمىنەن 5 مىليارت يىل ئىچىدە قىزىل گىگانت جەرياننى باشتىن كەچۇرپوپ ئۆلۈپ ئاق پەتەك يۇلتۇزغا(5-رەسىمگە قاراڭ) ئايلىنىدۇ. تاق يۇلتۇزدىن باشقا يۇلتۇزلار يەنە جۈپ يۇلتۇزلار(6-رەسىمگە قاراڭ)، ئۈچ يۇلتۇزلار، تۆت يۇلتۇزلار سىستېمىسى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرلىدۇ(بۇنىڭدا يۇلتۇزلار ئۆز سىستېمىسىنىڭ ماسسا مەركىزىنى ئوربىتا قىپ ئايلىنىدۇ). كۆپ يۇلتۇز سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگۈرۈشى، ئۇنىڭ فىزىكىلىق جەريانلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ بۇلىدۇ. يۇلتۇزلارنى تەتقىق قىلىش بىزنىڭ ئالەمنى ۋە ئۆزىمىزنى چۈشنىشمىزگە ئىنتايىن چوڭ رولى بار، مەسلەن: يەرشارىدىكى ئېغر ئېلمىنىتلار دەل چوڭ ماسىلىق يۇلتۇزلارنىڭ پارتىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئېلمىنىتلارنىڭ كىيىن يەرشارىغا چۈشىشىدىن بولغان دەپ قۇبۇل قىلىندى. بۇ بىر تەس لىكىن قىززىقارلىق بولغان بىر ساھە، مەن كىيىن بۇھەقتىكى تىخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرغا سۇنۇشقا تىرشىمەن. كەسپى ئاتالغۇلارنى ئۆزۈمنىڭ چۇشەنچىسى بۇيىچە ئالدىم پىكىر-تەلەپلىرىنى بېرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. R.Emden(1907), A. S. Eddington(1926), S. Chandrasekhar(1939), M. Schwarzschild(1958), R. kippenhahn & A. Weigert(1990), and P. Eggleton
(2006).
1-رەسىم: كۇنۇسسىمان يۇلتۇز تۇمىنى(ئۇستى The Cone Nebula )، يۇلتۇز بۇلىتى دەپ ئالساقمۇ بۇلىدۇ. ئاستىدىكى مۈشۈك كۆزى يۇلتۇز تۇمىنى (The Cat's Eye Nebula). 2-رەسىم: يۇلتۇزدىكى فىزىكىلىق تەڭپۇڭلۇك. 3-رەسىم: يۇلتۇزدىكى ئاساسلىق رايۇنلار. 4-رەسىم: يۇلتۇزلار بېسىپ ئۆتىدىغان بەزى باسقۇچ جەريانلار(بۇ ئاستۇرنومىيەدىكى داڭلىق H-R گىرافىكى). 5-رەسىم: قۇياشنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش سىخىمىسى، ئەڭ ئاخىردا ئۆلۈپ ئاق پەتەك يۇلتۇزغا (white dwarf) ئايلىنىدۇ. 6-رەسىم:ماسسا مەركىزىنى ئوربىتا قىپ ئايلىنۋاتقان جۈپ يۇلتۇز.
|