ئىگىلىك تىكلەش مېلودىيەسى(2)
قەيسەر مىجىت
تۇرالغۇ -ئۆيگە بولغان ئىھتىياج - ئىنساننىڭ قاندۇرمىسا بولمايدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئىھتىياجلىرىنىڭ بىرى، چۇنكى 21- ئەسىردىكى سۇن ۋۇ كوڭ ياكى بۇلۇتنىڭ ئۇستىدە ئۇخلىمايدۇ، ياكى بېيىجىڭدىكى جوكۇودىيەن ئۆڭكۈرىدە تۇنىمەيدۇ.
ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ سۇنۋۇكوڭنىڭمۇ تۇرالغۇغا بولغان ئىھتىياجىنىڭ سۇپىتى ئۆستى.
ئۇنىڭ بۇك-باراقسان ئورمانلىقلار بىلەن پۇركەنگەن قۇشلىرى سايراپ تۇرغان، سۇلىرى شاقىراپ تۇرغان ھاۋاسى ساپ يەرگە سىلىنغان داچىدا ئولتۇرغۇسى بار. سۇن ۋۇكوڭ ئاجىزنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان، ئاز-سانلىقنىڭ بايلىقىنى تالان تاراج قىلىدىغان زالىم،چىرىك پارىخور يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسا بەلكىم پەيمانى توشۇپ چىنچېڭ تۇرمىسىگە قامالغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئاشۇنداق داچىدا ئولتۇرالايدۇ.
ئەمما ھوشۇرگۇل بىلەن بوقاجىغا ئوخشاش ئاۋام خەلقچۇ؟
ئۇلار دىھقان بولسا يىزىلىق ھۆكۈمەت پىچىپ بەرگەن جايلىق يەرگە تۆت تامنى قوپارسىلا بولىدىغۇ دەيدۇ بەزىلەر.
ئەلقىسسە،ئۇلار بۇغدىيىنى ئورۇپ، خامىنىنى قىتىپ، شامالدا سورۇپ، دىنىنى ئايرىپ، ئۆيىنىڭ تېمىنى بۇزۇپ ھويلىسىنى كىڭەيتىپ ياشاپ تۇرسۇن، ئەمدى گەپنىڭ فوكۇسىنى بىراقلا چەتئەللەردىن ئۆي-زېمىن سىتىۋىلىشقا يۆتكەيلى:
بەلكىم كىشىلەر "ئامىرىكا چۇشى" دىگەن ئىبارىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىبارىنى 1931-يىلى ئامىرىكىلىق جەيمىس ترۇسلوۋ ئادامس دىگەن كىشى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ئۇ بۇ "چۇش" نى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
كىشىلەر كىلىپ چىققان ئىجتىمائى (سىنىپ) ۋە ئائىلە ئارقا كۆرىنىشىنىڭ نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بۇ زىمىندىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئىرىشكەن نەتىجىسىگە ماس ھالدا ياخشىراق، مولراق، ھەم تولۇقراق بولىدىغان پۇرسەتلەرگە ئىگە بولۇشى كىرەك".
دىمەك، "ئامىرىكا چۇشى" - قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان بۇ زىمىندا كىشىلەرنىڭ تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز ئارزۇلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىغىغا بولغان بىر خىل غايىۋى ئىشەنچ ھەم ئەركىنلىك ئۇقۇمىنى ھەقىقى مەزمۇنغا ئىگە قىلىدىغان گۇللىنىش ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە بولغان تەلپۇنۇشتىن ئىبارەت؛
ئامىرىكىدا شەخسلەرنىڭ ئۆي سىتىۋىلىشى -ئامىرىكا چۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەزمۇنلاردىن بىرىنىڭ كونكىرتنى ئىپادىلىنىشى.
كىمنىڭ ياخشى ئۆيدە ئولتۇرغۇسى، پەرزەنتلىرىنى ئوبدان شارائىتتا چوڭ قىلغۇسى يوق؟
ئىنسانلا بولىدىكەن ئۇنىڭ تۇرالغۇ ئۆيگە ئىھتىجايى بار.
لىكىن ئىھتىياج بىلەن تەلەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار.
تۇرالغۇ ئۆيگە نىسبەتەن تەلەپ بولمىسا، ئۆي-مۇلۇك بازىرى شەكىللەنمەيدۇ. چۇنكى بازاردا سودا قىلىدىغان ئىككى تەرەپ يەنى ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى بولىدۇ. ئالغۇچى تەرەپتە چوقۇم ئۆيگە بولغان تەلەپ بولۇشى ئۇچۇن ئىككى ئامىل ھازىرلىنىشى يەنى ئىھتىياج ۋە سىتىلىۋىش كۇچى بولۇشى كىرەك.
ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيگە بولغان ئىھتىياجى ئومۇمىيۇزلۇك بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتا زۆرۇر بولغان ئىقتىدارى يەنى سىتىۋىلىش كۇچى چەكلىك.
ئەركىن بازارنىڭ بىر ئالاھىلىدىگى شۇكى - بايلىق باھانىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق نىسبەتەن ئادىل تەقسىملىنىدۇ. يەنى ئۆي بازىرىنى مىسال ئالساق ئۆي ئالغۇچى ۋە ئۆي ساتقۇچى ئىككى تەرەپ ئىختىيارى ھالدا باھادا كىلىشەلىسە ئكي ئالغۇچى بۇ سودىدىن رازى بولۇپ پۇلنى يەنى ئۆزىنىڭ قان تەرى ئارقىلىق توپلىغان ئەمگىگىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆي ساتقۇچىنىڭ ئۆيى بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. ئۆي ساتقۇچى بولسا ئۆزى رازى بولغۇدەك باھانى قوبۇل كۆرگەندىن كىيىن ئۆينىڭ مەڭگۇلۇك ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قارشى تەرەپكە ئۆتكۇزۇپ بىرىدۇ. دىمەك ئىككى تەرەپ رازى بولغان بۇ سودىدا نە جىدەل نە خاپىلىق كۆرۇلمەيدۇ، مانا بۇنىڭ ئۆزى ئوي-زىمىندىن ئىبارەت بايلىقنىڭ بازاردا باھا ئارقىلىق زىيان زەخمەتسىز تەقسىملىنىشىدۇر، چۇنكى بۇ سودا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نەزىرىدە ئادىلدۇر. ئىنىقكى قەيەردە ئادىللىق بولمايدىكەن، شۇ يەردە ماجرا بولىدۇ. ئىجتىمائى مەسىلىلەردىمۇ شۇنداق، سودا -تىجارەتتىمۇ شۇنداق. قەدىمقى يىپەك يولىنى بەرپا قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىرسىيىتىدە ئادىللىققا بولغان مايىللىقنىڭ كۇچلۇك بولۇشىنىڭ يەنى بىر سەۋەبى بەلكىم ئەجدادلىرىمىزنىڭ سودىدىكى ئادىللىقنى ھاياتتىكى ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مىزانى قىلىپ كەلگەنلىگىنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كىرەك. شۇنداق بولغانلىقتىن بۇ خىل ئادىللىق ئىرسىيىتى كۇچلۇك ئادەملەردىن بۇگۇنكى كۇندىمۇ -باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ باراۋەرسىزلىگىگە ئىتىراز بىلدۇرۇپ ئازاپ چىكىۋاتقانلار بار.
كىشىلەر ئۆينى ھەر خىل مەقسەت ئۇچۇن ئالىدۇ. تۇرالغۇ ئىھتىياجى قىنىپ بولغانلار ئۇنى بىر خىل بايلىقنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئالىدۇ. چۇنكى ئىقتىسادتا پۇلنىڭ پاخال بولۇشى يەنى پۇلنىڭ سىتىۋىلىش كۇچىنىڭ يىلدىن يىلغا توۋەنلەپ بىرىشى ئۇزلۇكسىز ئەھۋال. مەسىلەن ئۆتكەن يىلى 10،000 يۇئەنگە ئالالىغان نەرسىنى بۇ يىل ئالماقچى بولسىڭىز 12،000 يۇئەن تۆلەشكە مەجبۇر بولىسىز. مۇبادا سىزدە ئوتكەن يىلى 1،000،000 يۇئەن بولغان بولسا، ھىلىقى 10،000 يۇئەنلىك نەرسىدىن ئۆتكەن يىلى ئالغان بولسىڭىز 100 دانە ئالاليتتىڭىز، بۇ يىل 100 دانە ئىلىشىڭىز ئۇچۇن 1،200،000 يۇئەن كىتىدۇ. دىمەك سىز ئۆتكەن يىلىدىكى بايلىقىڭىزنىڭ قىممىتىنى بۇ يىل ساقلاپ قىلىشىڭىز ئۇچۇن سىزنىڭ بايلىقىڭىز بىر يىل ئىچىدە 20% ئكسۇشى كىرەك (ئىقتىسادشۇناسلىقتا پۇل پاخاللىغىنى ئۆلچەيدىغان - ئىستىمالچىلار باھا كۆرسەتكۇچى ئۇقۇمى بار، مەسىلىنىڭ چۇشۇنۇشۇلۇك بولۇشى ئۇچۇن مەن بىرلا نەرسىنى پۇتۇن توۋارلارغا ۋەكىل قىلىپ ئالدىم).
ئۇنداقتا قانداق قىلىشىڭىز كىرەك؟ بانكىغا ئامانەت قويسىڭىز، 2% ئۆسۇم بىلەن ئاران 20،000 يۇئەن ئۆسۇم چىقىدۇ، دىمەك كىلەر يىلىگە كەلگەندە بايلىقىڭىز ئازلايدۇ، چۇنكى بۇ يەردە مۇھىم نەرسە پۇلىڭىزنىڭ سانى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىتىۋىلىش كۇچى.
ئۇنداقتا پاي-چىكى ياكى زايوم ئالامسىز؟
پاي -چېكى خەتىرى بار ئەمما سالغان مەبلىغىڭىز قايتىپ كەلسە پايدىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ، لىكىن بۇ سىزنىڭ قانچىلىق خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشىڭىزغا پايدىلىق. بىيىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىگە قارىسىڭىز ئۇلار ئىشچانلا ئەمەس مۇھىمى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغۇچىلاردۇر.
ئەگەر سىز خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىمىسىڭىز زايوم ئىلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. زايوم خەتەرسىز دەپ قارىلىدۇ، يەنى سىز ئوتكەن يىلى 7% قايتىش بىلەن 1،000،000 زايوم ئالسىڭىز بۇ يىل كەلگەندە 1،000،000 پۇلنى قايتۇرۇپ ئالغاندىن سىرىت زايوم سىتىۋالغىنىڭىز ئۇچۇن 70،000 يۇئەن پۇلنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالىسىز.
خوش، ئەمدى سىز بۇ 1،000،000 نى مەبلەغ سىلىپ ئۇرۇمچىدىن ئىككى يۇرۇش ئوي ئىلىپ قويغان بولسىڭىز، نوپۇسنىڭ قۇمدەك كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ئۆيگە بولغان تەلەپ كۇچلۇك بولۇپ كىتىپ بۇ ئويىڭىزنى بىر يىلنىڭ ئىچىدە 500،000 يۇئەن پايدىسىغا سىتىۋەتتىڭىز، ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئۆي-مۇلۇككە سالغان مەبلىغىڭىزنىڭ قايتىشى 50% بولغان بولىدۇ.
ناۋادا ۋەتەندە ئۆي-مۇلۇك بازىرى تويۇنغان بولسا يەنى پايدا ئىلىش پۇرسىتى توۋەنلەپ كەتكەن بولسا،لىكىن سىزدە مەبلەغ بولسا، چەتئەللەردىن ئوي-زىمىن ئىلىپ قويۇشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟
مەن ۋەتەندىكى بەزى كىشىلەرنىڭ تۇركىيەدىن ئۆي ئىلىپ قويۇۋاتقانلىقلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن. مەيلى ئۇ تۇرالغۇ ئۆي بولسۇن ۋە ياكى مەبلەغ شەكلىدە ئىلىنىپ قويغان ئۆي بولسۇن، چەتئەللەردە ئۆي-زىمىنغا مەبلەغ سالغاندا چوقۇم ئالدى بىلەن شۇ يەرنىڭ ئىجتىمائى، سىياسى مۇقىملىغى ۋە ئىقتىسادى گۇللىنىش ئەھۋالىنى ياخشى كۇزۇتۇش كىرەك. چۇنكى ئۆي-مۇلۇك - مۇقىم مۇلۇك بولۇپ مەلۇم دولەت ۋە جەمىيەت ئۇرۇش ھەم ئىچكى قالايمىقانچىلىق كىرىسىزىگە چۆككەندە ئۇنىڭ قىممىتى تىك سىزىقلىق سۇرەت بىلەن چۇشۇپ كىتىدۇ، ھىچقانداق بىر ئىدراكلىق ئادەم قۇملۇققا ئۆي سالمايدۇ. ئىجتىمائى مالىمانچىلىق كۆرۇلگەندە، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋال قوغلىشىدىغىنى پىششىق ئاش - ئالتۇن كۇمۇش، دوللار بولۇپ ئۇلارنىڭ قولدىن تىزراق چىقىرىۋىتىشكە ئالدىرايدىغىنى مۇقىم مۇلۇكتۇر.
ئامىرىكا دۇنيادا ئىقتىسادتا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسى تۇزۇمى مۇقىم، ئىقتىسادى ئاساسى پۇختا، خەلقىنىڭ ئىجادچانلىغى ئۇستۇن بولغانلىقتىن ھامان دۇنيادىكى كۆچمەن بولۇش ئىستىگىدىكى ئادەملەرنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك تاللاش نىشانى بولۇپ كەلگەن. بۇ دۆلەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەرمۇ بۇ تۇزۇم تەمىنلىگەن خۇسۇسى مۇلۇكچىلىكنىڭ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغان تەرىپىنى ئىشەنچلىك بىلىپ بۇ دۆلەتكە ھەر خىل شەكىلدە بايلىغىنى يۆتكەپ كىلىدۇ. بۇ كىشىلەر جوڭگۇدىنمۇ ۋە بەزى مۇسۇلمان دولەتلىرىدىنمۇ بار بولۇپ ئۇلار - ھەر قايسى تۇرلەرگە مەبلەغ سىلىش (بۇ ھەقتە ئايرىم توختىلىمەن) شەكلى بىلەن ئۆز بايلىقىنىڭ بىر قىسمىنى ئامىرىكىغا ئۇزۇندىن بۇيان يوتكەپ كەلگەن ۋە يۆتكەپ كىلىشمەكتە. بۇ شەكىللەرنىڭ بىرسى - يەر زىمىنغا مەبلەغ سىلىشتۇر.
سىز سورىشىڭىز مۇمكىن، ئامىرىكا گىراجدانى بولماي تۇرۇپ ئامىرىكىدىن يەر-زىمىن سىتىۋالغىلى بولامدۇ؟ ئامىرىكا ئىستىمالچىلارنىڭ دۆلىتى. پۇلىڭىزلا بولىدىكەن ئالىمەن دىگەن نۇرغۇن نەرسىنى سىتىۋالالايسىز، جۇملىدىن ئۆي-زىمىنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. مەسىلەن سىزنىڭ بالىڭىز بوستونغا ئوقۇشقا كەلدى دەيلى، سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشلۇق سالاھىيىتى - ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىدە بولسۇن، ئۇنداقتا بالىڭىز ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگىچە 5 يىل ۋاقىت كىتىدۇ دىسەك، بىر ئىيىغا 600 دوللاردىن ئۆي ئىجارىسى تۆلىسە - بىر يىلدا 7،200 دوللار ئىجارىگە كەتسە، 5 يىلدا 36000 دوللار ئىجارىگە كىتىدۇ. ناۋادا سىز 300،000 دوللارغا توت ئىغىزلىق كونىراق ئۆي ئالسىڭىز، بىر ئىغىزىدا بالىڭىز تۇرسا، قالغان ئۇچ ئىغىز ئۆينى ئېيىغا 600 دوللاردىن ئىجارە بەرسىڭىز، ئۇ چاغدا ئىيىغا 1800 دوللار كىرىم قىلىسىز. ئۇنداقتا بىر يىلدا 21،782 دوللار كىرىم قىلىسىز، باشقا شارائىت ئوزگەرمىگەن شارائىت ئاستىدا سىز بەش يىلدىن كىيىن بىرىنجىدىن 110،000 دوللارنى ياندۇرۇپ ئالىسىز، ئىككىنجىدىن بالىڭىز ئۆيمۇ-ئۆي كۆچۈپ يۇرمەيدۇ خاتىرجەم ئوقۇيدۇ، پىسخىك بىسىم ئاز بولىدۇ ئۇچىنچىدىن بۇ 5 يىل ئىچىدە ئۆينىڭ باھاسى ئۆسۇپ قالسا بەلكىم ئۇ ئۆينى 400000 دوللارغا ساتالىشىڭىز مۇمكىن، بۇنداقتا سىزنىڭ ئالىدىغان پايدىڭىز ھەقىقەتەن يۇقۇرى بولىدۇ. (ئۆي-مۇلۇك بېجى، سېتىش بېجى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرى نەزەرگە ئالغۇسىز دەپ پەرەز قىلىندى)
شۇنداق ئىكەن ئامىرىكىدىن قانداق ئۆي سىتىۋالىسىز؟
ئامىرىكىدا ئۆي سىتىۋالغاندا مۇنۇ ئۇچ ئامىل ناھايىتى مۇھىم: ئۆي باھاسى، بانكىدىن ئالىدىغان قەرز پۇلنىڭ ئۆسۇم نىسبىتى، سىزنىڭ يىللىق كىرىمىڭىز. ئەگەر سىز ئامىرىكىدا قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە مۇقىم خىزمىتىڭز بار ھەمدە يىللىق كىرىمىڭىز بىلەن ئوي سىتىۋىلىشقا قۇربىڭىز يىتىدىغان بىرسى بولسىڭىز، ھازىرقى شارائىتتا سىتىۋالغان ئۆينىڭ باھاسىنىڭ 10-20% ئىنى چوقۇم تۆلەپ قالغان قىسمىنى بانكىدىن قەرز ئالىسىز. بانكا بىرىدىغان قەرز سوممىسى ئادەتتە رايونلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئۆسۇم نىسبىتى بانكىلارغا قاراپ بولىدۇ، ئەمما بۇنى سىز ئۆزىڭىز بانكىلار بىلەن سۆزلىشىپ، سىلىشتۇرۇپ قارار چىقىرىشىڭىز كىرەك. بانكىدىن قەرزلا ئالدىڭىز سىز بۇ قەرزنى قايتۇرۇپ بولغىچە بانكىباي جازانىخورنىڭ توقمىقى بىشىڭىزغا دىۋەيلەپ تۇرغىنى تۇرغان، يەنى بۇ ئۆي تېگى تەكتىدىن ئالغاندا بانكىنىڭ ئۆيى، بىر ئىككى قىتىم ئايلىق قەرز ھەققىنى تولىيەلمىسىڭىز بانكىباينىڭ دوغىلىرى رەھىمسىزلىك قامچىلىرىنى ئوينىتىپ كۆزىدىن قان ئىقىتىپ "ئۆينى تاپشۇرۇش" قا قىستاپ خەت شەكلىدە كىلىدۇ.
ئامىرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستىمىسىنىڭ ئايلىنىشى مىنى بەزىدە ھەر خىل ئويلارغا سىلىپ قويىدۇ، بۇ سيستىما پۇقرالارنى تىرىشىپ سەگەكلىك بىلەن خىزمەت قىلىشقا قىستايدىكەن. بىر قىتىم سەۋەنلىك قىلدىڭىزمۇ، ئىشتىن قالىسىز، ئىشتىن قالغاندىن كىيىن بانكىغا تۆلەيدىغان ئايلىق پۇلنى تۆلىيەلمەي قالىسىز- شۇنىڭ بىلەن بانكا ئۆيىڭىزنى تارتىۋالىدىكەن دە سىزنىڭ ئىلگىرى چەككەن جاپالىرىڭىزنىڭ مىۋىسى بىر كۇندىلا ككپۇككە ئايلىنىپ كىتىدىكەن. بۇنداق پاجىئەدىن خالى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەشكە توغرا كىلىدىكەن.
مۇبادا يىنىڭىزدا پۇل بولسا ھەممىنى تۆلىۋىتىپ بانكىباينىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلسىڭىز ئەلۋەتتە ياخشى، لىكىن ئامىرىكىلىقلار باج تاپشۇرغاندا -ئۆي ئۇچۇن بانكىغا تاپشۇرغان ئۆسۇمنىڭ ئاز-تولا پايدىسى بولىدىكەن. بەزى كىشىلەر مۇشۇنى دەپ ئوينىڭ پۇلىنى بىراقلا تۆلىۋەتمەيدىكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كىم پۇل تاپىدۇ، ئەلۋەتتە، بانكىباي!
ئامىرىكىدا ئۆي ئىلىشنىڭ يۇزەكى قەدەم باسقۇچلىرى مۇنداق:
ئۇيغۇرجاننىڭ نىسبەتەن مۇقىم خىزمىتى بار، شۇڭا ئۆي ئىلىش تەلىۋى ھازىرلاندى ئۇنىڭ 5 ياشلىق بالىسى بار، شۇڭا ئۇ بالىسىنىڭ ياخشى مەكتەپكە كىرىشىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇۋاپىق دەپ قارىغان يەردىن بۇ يىل سىنتەبىردىن بۇرۇن ئۆي سىتىۋالماقچى. كۆپىنچە ھاللاردا بۇنداق كىشىلەر - ئۆي مۇلۇك شىركەتلىرىنىڭ ئۆي سىتىۋىلىشقا ياردەم بىرىدىغان خادىملارنى ئىزدەپ تاپىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرجان لىسانى تاپسۇن دىسەك بۇ لىسا ئۇيغۇرجاننى ياكى ئۆزى سايە قىلغان ئۆيلەرنى كۆرسىتىشكە ئىلىپ بارىدۇ، ياكى ئۇيغۇرجان ئۆزى قىزىققان ئۆيلەرنى كۆرۇشكە ئىلىپ بارىدۇ. ئوخشاشلا، ئۆي ساتقۇچىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ بىر ۋەكىلى بولىدۇ. ئىككى تەرەپ باھادا كىلىشكەندىن كىيىن ئىلىش-سىتىش توختامىغا قول قويىدۇ. ئاندىن پۇلنىڭ تۆلەم مەسىلىسىگە چۇشۇدۇ. شۇنى ئىيتىش كىرەككى، ئۇيغۇرجاننىڭ يىنىدا 110،000 دوللار پۇلى بار بولۇپ بۇ 500،000 دوللارلىق ئوينى ئىلىش ئۇچۇن ئۇنىڭ 20% ئىنى بانكىغا تۆلىشى كىرەك، ئاندىن بانكا ئۇنىڭغا 400000 دوللار پۇلنى 5% ئۆسۇم بىلەن 30 يىللىق مۆھلەت بويىچە قەرز بىرىدۇ. سىز بانكىغا تۆلەيدىغان ئايلىق تۆلەمنى ۋاقتىدا تولەپ ماڭسىڭىز 30 يىل ئىچىدە 30 يىل بۇرۇن ئالغان قەرزگە تۆلەيدىغان ئومۇمى پۇلىڭىز 773024 بولىدۇ، يەنى سىز 30 يىل ئىچىدە 373،024 پۇلنى بانكىنىڭ سىزگە قەرز بەرگىنى ئۇچۇن ئۆسۇم قىلىپ تۆلەيسىز. ئەگەر ئۆسۇم نىسبىتى 6% بولسا يەنى بىر پىرسەنت يۇقۇرى بولسا ئۇ چاغدا سىزنىڭ بۇ 30 يىل ئىچىدە تولەيدىغان ئومۇمى پۇلىڭز 863352 بولۇپ 463352 پۇلنى بانكىغا ئۆسۇم قىلىپ تولەيسىز، يەنى 1% ئارتۇق ئوسۇم نىسبىتى سىزنى ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە 90،328 پۇلنى بانكىنى ئارتۇق تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ.
ئەمدى بۇ جەريانلار تاماملانغاندىن كىيىن ئۆي قولىڭىزغا ئوتۇشتىن بۇرۇن ئايرىم پۇل خەجلەپ ئۆي سۇپىتىنى تەكشۇرىدىغان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ قانداق سىر ئىشلىتىلگىنىگىچە تەكشۇرتىسىز، مەسىلە بايقالغان ھامان ئۆي ساتقۇچىغا مەلۇم قىلىپ ئۇنىڭ ئوڭشاپ بىرىشىنى ئىلتىماس قىلىسىز، ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى، سىز ئۆي-مۇلۇك ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۇشۇپ ئوي ئالغانلىق، ساتقانلىق توختامنامىسىگە قول قويىسىز...
ئادەتتە ئۆي ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئىككى تەرەپكە مىڭىپ بەرگەن لىسا قاتارلىقلارغا ئۆينىڭ سىتىلىش باھاسىنىڭ 5%ئىنى ئۆي ساتقۇچى تەرەپ بىرىدۇ، يەنى لىسا سىزنىڭ ئۆي ئىلىشىڭىز ئۈچۇن مىڭىپ بەرگەن تاپان ھەققى ئۇچۇنلا 12،500 ئالىدۇ..دىمەك ئامىرىكىدا ئۆي ئىلىش بۇ يەرنىڭ پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئاشۇنداق مۇرەككەپرەك بولغان يەردە، ئەلۋەتتە بىر چەتئەللىككە نىسبەتەن تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ.
يىقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۇشۇپ دوللار ئېشىۋاتىدۇ.ئەگەر بۇ يۇزلىنىش داۋاملاشسا سىز بايلىغىڭىزنى خەلق پۇلى شەكلىدە ساقلىسىڭىز زىيان تارتىسىز.
ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ دەۋرىلىگى بولىدۇ، نۆۋەتتە ئامىرىكا ئىقتىسادى 2008-يىلى باشلانغان پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇپ قايتا تىرىلىش ۋە جانلىنىشقا قاراپ ماڭماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى كۆتۇرۇلۇپ تۇرالغۇ ئۆيگە بولغان تەلىۋى ئاشىدۇ. تەمىنلەش ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تەلەپنىڭ ئىشىشى ئۆي باھاسىنى كۆتۇرىۋىتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئىككى خىل يۇزلىنىش يەنى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۇشۇش يۇزلىنىشى ۋە ئامىرىكىدا ئۆي باھاسىنىڭ ئىشىش يۇزلىنىشى كۆرۇلۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا قولىدا ئېىشىنچە مەبلىغى بولغان ئۇرۇمچىدىكى سالى لاپلاپنىڭ ئامىرىكا ئۆي-مۇلۇك بازىرىغا مەبلەغ سىلىشى - ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ قىممىتىنى ساقلايدىغان ھەم زورايتىدىغان ئاقىلانە تەدبىردۇر.
لىكىن سالى لاپلاپ - بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى ياخشى چۇشەنمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ئامىرىكا ئۆي-مۇلۇك بازىرىغا مەبلەغ سىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەمدە بولالايدىغان ئىشەنچلىك بىر شىركەتنىڭ مۇلازىمىتىنى كىرەك قىلىشنىڭ لازىملىغىنى ھىس قىلىدۇ. ئەمدىكى گەپ، مۇشۇنداق مۇلازىمەتتە سۇپەتلىك، ئىناۋەتتە ئىشەنچلىك شىركەت بارمۇ يوق؟
شەيئىلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىدۇ، ئاجىزلىقتىن كۇچلىنىدۇ. سالى لاپلاپ ئەپەندىم، سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ شۇنداق بىر شىركەت دۇنياغا تەۋەللۇت بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەگەر سىز مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇپ قالسىڭىز ئىككىلەنمەي پۇرسەتنى كۇتۇپ تۇرۇڭ-دە سىزنىڭ تېخىمۇ بىيىشىڭىز ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىدىغان بايبول شىركىتى بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ.
شۇنى ئۇنۇتماڭكى، بەيگىدە ئالدىدا ماڭغان چوقۇم چىمپىيون بولىدۇ!
|