- تىزىملاتقان
- 2012-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 996
- نادىر
- 0
- يازما
- 63
ئۆسۈش
99.2%
|
abdurahman0998 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 12:48
بىر بىرىڭلارغا يول قويساڭلار زادى بولماسما قېرىنداشلى ...
قاراڭ، بىر ئوبدان تىما ئىكەن، كىتاب ئوقۇشقا تەۋسىيە قىپتۇ. ياخشى تىما ئىكەن.
ھوزۇرلىنىپ ئوقۇۋاتسىڭىز، پوككىدە بىرسى قوپۇپ بىزنىڭ خەقلىرىمىز دىنغا ئانداق قىلىپ كەتتى مانداق قىلىپ كەتتى، ۋاي زادى موللام دىگەن ئاقچى خەق كۆكچى خەق، شۇڭا بىز تەرەققىي قىلالماي قالغان، بولمىسا بۇ چاققا قۇياشقا چىقىتۇق دەپ ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوقلا ئىسلام تەشەببۇس قىلىدىغان چاقىرىقلارنىڭ بىرى بولغان ئوقۇشنى ئەكىلىپ ئىسلام ياكى موللىلار بىلەن سوقۇشقا سالىدۇ.
مەن دەيمەن شۇ موللىلارمۇ ئوقۇمىسا موللا بولالمايدۇ. چۈنكى ئىلىمسىز ئىبادەت مەۋجۇد ئەمەس. لىكىن ئارىمىزدا زادى موللامدىن قۇتۇلساق ئاندىن بىز تەرەققىي قىلىپ كىتىتۇق دەيدىغان كىشىلىرىمىز بار ئىكەن. موللامدا نىمە گۇناھ؟
سىز ئاق كۆڭۈل ئىكەنسىز، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقسىكەن دەيدىكەنسىز، ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن، لىكىن ئەمەلىيەت يۇقارقىدەك.
پەيغەمبىرىمىز بىر يامان ئىشنى كۆرسەڭلار ھەرىكىتىڭلار بىلەن، ئۇنداق قىلالمىساڭلار سۆزۈڭلار بىلەن توسۇڭلار، ئەگەر ئۇنىمۇ قىلالمىساڭلار دىلىڭلاردا نارازى بولۇڭلار، ھەقىقەتەن بۇ ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر دىگەن.
شۇڭا ئىسلامنى ۋە ئىسلامنى يەتكۈزگۈچى ئۆلىما، ئۇستازلارنى ئاللىقانداق قالپاقلار بىلەن كەمسۇندۇرىدىغانلارغا شەخسەن مەن يول قويالمايمەن.
دىندا زورلاش يوق، ئەمما ئىسلامنى كەمسىتىپ ئۇنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنىنى خۇنۈكلەشتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قىلمىشىنى مەن ئەركىنلىك دەپ قارىيالمايمەن.
چۈنكى سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز باشقىلارنىڭ زىيىنى ئۈستىگە قۇرۇلماسىلىقى كىرەك.
شۇڭا مەن بۇنداق كىشىلەرگە يول قويالمايمەن.
ھەتتا، دىنسىز لېنىننىڭمۇ بىر گىپى بار: باراۋەرلىكنى قايرىپ قويۇپ ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەش زۇلۇم دەيدىغان.
مىنىڭ مۇشۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر بىلەنلا ئەمەس بارلىق ئىنسانلار بىلەن ئىتتىپاق ئۆتكۈم بار، لىكىن مىنى يوقىتىشنى ئويلايدىغان، مىنى پەس كۆرۈدىغان ياكى مىنىڭ ئىتىقادىمنى پەس كۆرۈدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان بىرىگە مەن يول قويالمايمەن.
مەن ئاللاھدىن بىزگە ھىدايەت ۋە بىرلىكنى تىلەيمەن، شۇ سەۋەبتىن بىرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاساسسىز باشقىلارنى قارىلايدىغانلار، ۋە ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ بىزنى ھەر تۈرلۈك قالپاقلار ئاستىدا بۆلۈپ، ئاندىن ئۆزى ياقتۇرمىغان بىر گورۇھ كىشىنى ھەممىنى قىلغان مۇشۇ دەيدىغان نائەھلى كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرالمايمەن ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا يول قويالمايمەن. |
|