قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1735|ئىنكاس: 45

ئەركيار:كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەتتە ئۈمىد يوق!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 01:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەتتە ئۈمىد يوق!


مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


      كىتاب ئوقۇمايدىغان،كىتابنى قەدىرلىمەيدىغان  مىللەتتە ئۈمىد يوق. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش سانى0.7پارچە،كورىيەلىكلەرنىڭ7پارچە،ياپۇنلارنىڭ40 پارچىدىن توغرا كېلىدىكەن.رۇسلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش سانى55پارچە ئىكەن.بۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئوتتۇرىچە سانىنى ئاز دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
     ياپونىيەلىك باشقۇرۇش ئىلمى ئۇستازى ئوخمايى كېنىچىنىڭ «دېۋەڭ جەمئىيەت»ناملىق كىتابى جۇڭگولۇقلارنىڭ چېكىسىنى قورۇپ قويدى. ئۇ كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:«جۇڭگودا ساياھەتتە بولغىنىمدا شەھەرلەردە كوچا-كوچىلاردا ئۇۋىلاش دۇكانلىرىنى كۆردۈم،ئەمما كىتابخانا ناھايىتى ئاز.جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش ۋاقتى 15مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ.كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىتاب سانى ياپونىينىڭ نەچچە ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.جۇڭگو تىپىك دېۋەڭلىشىۋاتقان جەمئىيەت،كېلەچەكتە تەرەققىي تاپقان دۆلەتكە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد يوق››.
مۇنۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئادەملىرى كىتاب ئوقۇشقا ئامراق.بىرى،ئىسرائىلىيە،يەنە بىرى ۋىنگىرىيە.
     ئىسرائىليىدە يىلىغا ھەربىر ئادەم ئوتتۇرىچە 64پارچىدىن كىتاب ئوقۇيدۇ.دۆلەت نۇپۇسىنىڭ80پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ  يىلىغا ھەربىر ئادەم ئوتتۇرىچە 68پارچىدىن ئارتۇق.  يەھۇدى ئانا ئىش ئۇققىدەك بولغان بالىسىدىن سورايدۇ:«ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيگە ئوت كېتىپ قالسا ئەڭ ئاۋۋال نېمىنى ساقلاپ قالىمىز،بالام؟».بالىسى پۇل-پۇچەك ياكى ئالماس،ئالتۇن دېگەندەك پۇللۇق نەرسىلەرنى ئاۋۋال قۇتقۇزىۋېلىشنى دېگەندە،يەھۇدى ئانا بالىسىغا كەسكىن قىلىپ ئېيتىدىكەن:«بالام،بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئەمەس،بىلگىنكى ئەڭ ئاۋۋال كىتابلارنى قۇتقۇزىۋالىمىز!كىتابقا ساقلانغىنى پاراسەت،بۇ پۇل ۋە ئالماس دېگەنلەردىن ئەتىۋە،ئەقىل-پاراسەتنى ھېچكىم ئېلىپ كېتەلمەيدۇ». شۇڭلاشقىمۇ  يەھۇدىيلار دۇنيادىكى بىردىنبىر ساۋاتسىز ئادەم يوق مىللەت .يەھۇدىيلارنىڭ قارىشىدا كىتاب ئوقۇش ئادەت بولۇپلا قالماي،بىرخىل گۈزەل ئەخلاق.ئىسرائىليىدە كىتابلارنىڭ باھاسى ئۆرە،ھەربىر كىتابنىڭ باھاسى كەمىدىمۇ20دوللار ئەتراپىدا، ئەمما ئىسرائىليىلىكلەر كىتاب سېتىۋېلىشقا كەلگەندە «قولى ئوچۇق». 5مىليۇن نۇپۇسلۇق بۇ دۆلەتتە بىرمىليۇندىن كۆپرەك ئادەمدە كىتاب ئارىيەت ئېلىش كېنىشكىسى بار بولۇپ، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىتاب سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بىر ئالاھىدە ئەھۋال باركى،پۈتۈن مەملىكەت سودا-سېتىق ۋە ھەرقانداق پائالىيەتنى توختىتىپ ئۆيدە ئىبادەت-تىلەك بىلەن ئۆتىدىغان«چوڭ ھاردۇق كۈنى»دە كىتابخانىلار تاقالماستىن نورمال تىجارەت قىلىدۇ. ئىبادەتتىن يانغان كىشىلەر كىتابخانىغا كېلىپ جىمجىت كىتاب كۆرۈشىدۇ ياكى كىتاب سېتىۋالىدۇ.
       زېمىنى ۋە نۇپۇسى جۇڭگونىڭ 100دىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان دۆلەت ۋىنگىرىيەدە بولسا ھەر500ئادەمگە بىردىن كۈتۈپخانا توغرا كېلىدۇ.
دۆلىتىمىزدە بولسا 459مىڭ ئادەمگە بىر كۈتۈپخانا توغرا كېلىدۇ. ۋىنگىرىيلىكلەر يىلىغا ئوتتۇرا ھېسابتا 20نەچچە پارچە كىتاب سېتىۋالىدىغان بولۇپ غەربى ياۋرۇپا مىيقىياسىدىن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئالدىدا تۇرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ 1990-يىللاردىكى سىتاتىسكىسىدا ھەربىر ئادەم يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5پارچە كىتاب سېتىۋالىدىكەن،ھازىر بۇ سان ئازلاپتۇ.

بىلىم ــ كۈچ،بىلىم ــ بايلىق.
        كىتاب ئوقۇش،ئۆگىنىشكە ئېتىبار بەرگەن دۆلەت چۇقۇم ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.ئىسرائىليەدە نۇپۇس ئاز،ئىقتىساسلىقلار جىق.دۆلەت قۇرۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار 8 كىشى،بۇنىڭ ئىچىدىن18.5پىرسەنتى يەھۇدى.ئىسرائىليەنىڭ مۇھىت شارائىتى ناچار،دۆلىتىنىڭ كۆپ قىسمى قۇملۇق،ئەمما ئۇلار ئەقىلگە «مەبلەغ» سالغانلىقى ئۈچۈن پەلەستىن  ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئىسرائىليىلىكلەر تېرىغان،ئېشىنغان  ئاشلىقلىرىنى نېفىتىغا تېگىشىپ يەيدۇ. ئۇلار دۆلىتىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ بولدى،ئاشلىق تېرىپ ئۆزلىرىدىن ئېشىپ باشقا دۆلەتلەرگە ئىكىسپورت قىلىدۇ. ئاشۇ قەۋملەر كىتابخۇمارلىقلىغى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى ياراتتى.
          ۋىنگىرىيەدە نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلار14كىشى بولۇپ نۇپۇسىغا سۇندۇرغاندا ۋىنگىرىيەنى «نوبىل مۇكاپاتى دۆلىتى»دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ۋىنگىرىيىلىكلەرنىڭ كەشپىياتلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز. كىچىكى سەرەڭگە،ماي قەلەم،تېلفۇن ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى،بېسىم ئۆزگەرتكۈچ،گازلاندۇرغۇچ، تېلۋىزۇرنىڭ تەسۋىر يايغۇچى لامپىسىدىن تا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ سېستىما لايىھىسىگىچە (مەسىلەن:جون.ۋون.نوئىمان)ئاشۇلارنىڭ تەپەككۇرىدىن كەلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ۋىنگىرىيە كەشپىياتتا ئالتۇن دەۋىر ياراتتى.يەنى،يىلىغا ئوتتۇرىچە كەشپىيات سانى400دىن ئارتۇق بولۇپ،كەشپىيات دۆلىتى بولۇپ قالدى.
بۇنىڭ تېگىنى سۈرۈشتۈرسىمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ كىتابخۇمارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بىر دانا مۇنداق دېگەن:
       بىر ئادەمنىڭ مەنىۋى تەربىيەت تارىخى دەل شۇ ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش تارىخىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى پەللىسى شۇ مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇش سەۋىيسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىر جەمئىيەتنىڭ ئالغا باسقان ياكى چېكىنگەنلىكىگە قاراشتا كىتاب ئوقۇشنىڭ قانچىلىك يىلتىز تارتقانلىقىغا قاراش كېرەك. بىر دۆلەتتە كىملەرنىڭ كىتاب كۆرىۋاتقانلىقى،قانداق كىتابلارنى كۆرۈۋاتقانلىقى شۇ دۆلەتنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ.
بەزىلەرنىڭ قاقشىمىغى ھەق:«ھازىر خەت تۇنۇيدىغانلار كۆپ،كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئاز».كىتاب ئوقۇش بىر ئادەمنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي،بىرمىللەت ۋە بىرجەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلە ئايدىڭلىشىپ بۇ يەرگە يەتكەندە،شۇ مىنۇتلاردا ۋاقتىمىزنىڭ نېمىگە سەرپ بولۇپ يېتىشمەي قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.
كىتاب ـــ بىلىم بۇلىقى. كىتاب ئوقۇماسلىق تولىمۇ قورقۇنچلۇق! كىتاب ئوقۇمايدىغان،كىتابنى قەدىرلىمەيدىغان  مىللەتتە ئۈمىد يوق...

پايدىلانمىلار:
1.ئۈندىداردىكى ئوخشاش تېمىدىكى خەنزۇچە يازما
2.http://www.qstheory.cn/wz/wzxb/201307/t20130722_251529.htm

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 12:20:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق… بىر كىتاپ بىر ئۇستازدۇر…
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

543

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25368
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 12:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ..
  كىتاپ ئوقىغاندا تاللاپ ئوقۇش بولۇپمۇ  ياشلار ئۈزنىڭ يىشىغا تۇتقان يولغا قاراپ پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان كىتاپ خەۋەرلەرنى  كۆپرەك ئوقۇپ ئەمەللىيىتىگە ئىش ھەركىتىگە ئاساس سىلشىى كېرەك دەپ قارايمەن .

2

تېما

69

دوست

6665

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2002
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 13:07:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق كىتاپ بىرئۇستازدۇر،بۇگۈنكى دۇنيا پىرئۇستازدۇر.

2

تېما

0

دوست

216

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27250
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 13:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرمۇ كىتابغانلارمۇ قۇپقۇرۇق بوپم قالدى!~

0

تېما

2

دوست

5414

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1638
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 13:27:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tewelgha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-2 13:30  

كىتاپ ئوقۇش بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ موھىم يولى، لىكىن بىردىن بىر يولى ئەمەس .ئەمىلىي بىلىملەر  كىتاپقا يېزىقلىق بولماستىن بەلكى ھاياتلىقنىڭ ھەربىر قەدەملىرىگىچە يېزىلغان بولىدۇ .رايونىمىزدا ھازىر 9 يىللىق مەجبورى مائارىپ ئومومىلاشتى ،دېمەك مىللىتىمىز كىشىلىرى ئىچىدە ئۈمرىدە كىتاپ ئوقۇماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس .لىكىن ،ئۆزىنىڭ كىيىنكى تەرەقىياتى ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇيدىغانلار ئازراق بولىشى مۈمكىن .بونىڭ سەۋەبى ،جۇغراپىيەلىك ۋە ئىقتىسادى شارائىت شۇنداقلا شۇ كىشىنىڭ نەشىرياتتىن چىقىۋاتقان كىتاپلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشى بىر ئادەمنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىغىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان موھىم ئامىل  .
بىر ياخشى كىتاپ بىر مەكتەپ بىلەن باراۋەر ،لىكىن ،بىر ناچار كىتاپ ياكى بىتئەت كىتاپ پەيدا قىلغان ئىدىيە كىرلىرىنى يۈيۈپ چىقىرۋىتىشكە قادىر  نەرسە دۇنياغا تېخى ئاپىرىدە بولىمىغان بولىشى مۈمكىن .
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )