- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1233
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
23.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ABDILKERIM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-14 20:23
ئەيىبنى ئېتىراپ قىلغانلىق- ياخشى باشلىنىش، ئۇنى تۈزەتكەنلىك يۈكسىلىشتۇر! لېكىن ھەر ئىش لايىقىدا، نورمال بولغىنى تۈزۈك !
-----------------------------------
راس دەيسىز قىرىندىشىم . «مىللەتپەرۋەر»لىك قالپىقىنى كىيىشكە ئالدىراپ، ئەكسىچە مىللىتىمىزنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، ھە دىسىلا ئەيىپ نوقسانلىرمىزنى بايان قىلدىغان ئاشۇ ئاتالمىش مىللەتپەرۋەر قەلەمكەشلەرگە مەنمۇ ئازراق سوزلەي .
ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر جۇملە سوزى بار : بىز نىمىشقا مۇشۇنداق ھالغا چۇشۇپ قالمىز دەيدىغان . بۇ سۇئال ئۇچۇن ئۇلا نۇرغۇن نوقسانلىرمىزنى كورسۇتۇپ بېردۇ .
بۇنىڭ سەۋەبىنى بەزىلەر ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت شارائىتتىن ، دىنى ئىسلامدىن ، ھازىرقى مائارىپ قۇرۇلمىمىزدىن ، ئەجداتلىرمىزنىڭ بەزى خاتا باسقان قەدەملىردىن ،مىللىتىمىزنىڭ ئىتپاقسىزلىغىدىن كوردى .
ئەتەراپىمىزدىكى مۇھىت شارائىتتىن كورگۇچىلەرگە:- بىز مۇشۇنداق مۇھىت ۋە مۇشۇنداق شارائىتتا ياشاۋاتقىلى يېقىنراق ۋاقىتنى دىسەك 60 يىل يىراققار ۋاقىتنى دىسەك 150 يىل بولدى . بىزگە مۇشۇ ۋاقىت يەتمەمدا ؟ يەنىلا ئازلىق قىلامدا؟ ئازدىگەندە بەش ئەۋلات ياشلىرمىزنى تەربىلەپ يىتىشتۇرۇشكە بۇ ۋاقىت كەڭرى يېتىدۇ.
دىنى ئىسلامدىن كورگۇچىلەرگە :-بىز ئىسلامنى قۇبۇل قىلغىلى 1000يىلدىن ئاشتى.بىزنىڭمۇ شۇنداق مەدىنىيەتلىك قۇدرەتلىك دۇلىتىمىز بولغان .ئاشۇ دەۋىرلەدە ياۋرۇپا مەدىنىيىتى بىزدىن 500يىل ئارقىدا ئىدى.بۇ بىر ھەقىقەت.
ھازىرقى مائارىپ قۇرۇلمىسىدىن كورگۇچىلەگە؛-بۇ سىياسەت بىز ئۇيغۇرلاغىلا ئەمەس پۇتۇن مەملىكەت خارەكتىرلىك سىياسەت. بىزگە ئېغىر كەلگىنى تىل مەسىلىسى . باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنۇش ئارقىلىق مىللىتىدىن تېنىپ كەتكەنلەرنى تېخى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم.بۇ يەردىكى مەسىلە باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنۇش ئارقىلىق باشقىلار تەرەپكە ئېغىپ كېتىش ۋە باشقىلارنىڭ مەدىنىيىتىنى سىڭدۇرۇپ ئۇز مەدىنىيىتىنى ئۇنتۇپ قىلىش. مانجۇلا بىلەن ئىندىئانلانىلا كورمەي ھازىرقى تاتارلا بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇشقاقلىردىكى يەھۇدىلاغا ،چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرمىزغا قارىساق بۇلدۇ.ئاۋۋال يېزىق تىل مەدىنىيەت ئاندىن مىللەت يۇقۇلدۇ دىگەن سەپسەپە ماركىسنىڭ نەزىريىسى. بىزنىڭ تىلىمىز يېزىقىمىز مەڭگۇ يۇقالمايدۇ .چۇنكى بىزدە نەچچە مىڭ يىللىق مەدىنىيەت ۋە ساپ ئەقىدە بىلەن ئىتىقات قىلدىغان دىنىمىز بار. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز ئانچە ئاز خەقمۇ ئەمەس. ھازىر مائارىپتىن ئۇمۇتسىزلىنىپ پۇتۇنلەي تاشلاپ بىردىغان ۋاقىت ئەمەس. مۇشۇنداق شارائىت ئىچىدىن ئۇزگىچە مائارىپ ئۇسۇلىنى ئىزدەيدىغان ۋاقىت .يەنى ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپىنىڭ ئەڭ ئەڭ ئەڭ ئەسقاتىدىغان ۋاقتى.
ئەجداتلىرمىزنىڭ خاتا باسقان قەدەملىردىن كورگۇچىلەرگە :-بىز نىكەمگىچە ئاشۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان يالدامىسىدىن چىقالمايمىز؟ نەچچە يىل تىللىدۇق ، نەچچە يىل قاغىدۇق لىكىن ھىچ بىر پايدىسى بولمىدى .ياكى بىرسى ئەسلى سەن مانداقتىڭ دەپ ياردەم قۇلىنى سوزمىدى .قولدىن بىرىپ قويغانلىرمىز ئۇچۇن قاقشايدىغان ئاغرىنىدىغان ۋاختىمىز ئەمەس .چوڭ لالقىلىق ئۇمۇتنى باشقىلاردىن كۇتۇدىغان خەقنىڭ ھىسداشلىغىنى كەلتۇردىغان ۋاختىمىزمۇ ئەمەس. ئەمدى بولا . بىز ئارقىمىزغا ئەمەس ئالدىمىزغا يەنى كەلگۇسىمىزگە قارايلى.
مىللىتىمىزنىڭ ئىتپاقسىزلىغىدىن كورگۇچىلەگە :-مەن تېخى ئۇيغۇرلانىڭ بىرنەچچە توپقا بۇلۇنۇپ قۇرال كالتەك ،پالتا پىچاق كوتۇرشۇپ ئۇزئارا قىرغىن قىلىشقىننى كورمىدىم. دىمەك مىللىتىم ئوم ئىتپاق. پەقەت ئازراق كىچىك مەسىللەدىلا بەزى كوز قاراشلا سەككىزگە قارشى ئىككىدەك ياكى توققۇزغا قارشى بىردەك مۇشۇنچىلىك پەرەق بار خالاس.
دىمەك قول يەتمىگەن شاپتۇلغا ئېسىلىپ ئاغزىمىزنى ئېچىپ چىۋىن چىچىۋاتقىچە تۇرىلىۋەمەي كوز ئالدىمىزدىكى ئەڭ ئاددى ئەڭ ئەڭ ئەڭ مۇقەددەس ئىشتىن باشلايلى. ئۇزىمىزنى ، ئائىلىمىزنى، ئەۋلاتلىرمىزنى تەربىلەشكە ئەكمىيەت بېرەيلى. ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپىنىڭ ئەڭ ئەسقاتىدىغان پەيتى يىتىپ كەلدى .ئۇيغۇرغا ئەڭ مۇھۇم نەرسە بىر ئەۋلات ساپالىق ، مەدىنىيەتلىك، بىلىملىك ۋە ئىمان ئەقىدە بىلەن ياشايدىغان ياشلار كېرەك. بۇلانىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى بۇلادىنمۇ بىرقەدەر ياخشى بۇلۇپ چىقىدۇ ، ئۇلادىن كىيىنكى ئەۋلاتلا تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق بولغاندا سىز يەنىلا ئاشۇ ئارزۇ غايە ئۇمۇتلىرىڭىزنى ئۇيلامسىز؟ ئۇ دەۋىرگە كەلگەندە.................................................. ئۇگۇنەيلى ئۇگۇتەيلى، ئۇگەنمەسلىك مىللىتىمىز ئۇچۇن جىنايەتتۇر. ئۇگەتمەسلىك كىلىچىگىمىز ئۇچۇن خىيانەتتۇر. |
|