قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 712|ئىنكاس: 2

ئىختىساد ۋە تۆت تادۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1595

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 13:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  

ئىختىساد ۋە تۆت تادۇ



     ئىختىساد دىگەن ئەرەپچە گەپمىكىن ؟ئۇيغۇرچىدا ئەزەلدىن نىمە دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. ھازىرقى ئىستىمالىمىزدا  يانچۇققاجۇغلىغان پۇلنى كۆرسىتىدۇ.تىخىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلىسەك ياكى قەلەمگە ئالساق،  ئىقتىساد دىگەن ئەۋىلى بىر پەن. بۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا چۇشلۇق ھۇنەرلىرى خىزمەتلىرى بۇلىدۇ.بىركىشىنىڭ ياكى بىر ئائىلىنىڭ ئىختىسادى ئادەتتىكىچە تاپقاندا خەج قىلىپ،بولمىسا يۇگۇرەپ يۇرۇپ بارغا قانائەت يىڭىچە سانائەت دەپ ئۆتكەنگە ، بىردۆلەتنىڭ بىر رايۇننىڭ بىر قەۋىمنىڭ ئىختىسادى ئاددىي ئىش ئەمەس، بۇنى ئالدىغاماڭدۇرۇش تىخىمۇ شۇنداق.
    كۆپۇنچە ئىختىسادنىڭ يۇكسىلىشى ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تۆت ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ.
    ماكان جەھەتتەپاكىت قىلساق؛ يىپىك يۇلى قەدىمدە شەرىق غەرىپ مەدىنىيەت ئىختىساد يۇرشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان. بۇخىل ئەۋزەللىك يىپەك يۇلىغا نۇرغۇن ئىختىساد ، ئىلىم ھۇنەر ، كۇچ بەخىش ئەتكەن.كىيىن بىر مەھەل دىڭىز يۇلىنىڭ گۇللىنىشى يىپەك يۇلىغا بولغان ئىھتىياجنى پەسەيتىپ، بۇرايۇنلارنىڭ ئىختىسادىغامەلۇم ئەكىس تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئەرەپ ئەللىرىدىن نىفىت كۆپ چىقىدۇ، نىفىتچىلىق تەرەققىي قىلغان.خوتەندىن تاش چىقىدۇ ، تاشچىلىرى باي.دىمەك بىر رايۇننىڭ ماكان شارائىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ئىختىساد گۇللىنىشىدىمۇ مۇھىم نوختىلارنىڭ بىرى. ئەرەپ ئەللىرى نىفىتكە كۇچەيدۇ، ياۋرۇپادا ھۇنەر سەنئەت يىڭى تىخنىكا باشلانغان جاي،ئامرىكىدا بولساسايمان ئىڭى تەدبىر پۇل گەۋدىلىنىدۇ،شەرىقتە نۇرغۇن نۇپۇس تۇپەيلى ئاش ئىھتىياج ئاساسىي سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.
     ئاندىن زامان تەسىرى بۇلىدۇ؛بۇنى ھەم پۇرسەت دەپ چۇشۇنۇشكە بۇلىدۇ. بازاربىرمەھەل ئاشقا ئىھتىياجلىق بولسا ، بىرمەھەل كىيىمگە پاختىغا،قىش بولسا كۇمۇرگەمۇشۇنداق ئىھتىياجى بۇلىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتلەرنى ئالدىدىن بايقاپ ،توغرا مۆلچەر بىلەن ۋاختىدا چىڭ تۇتسا يەنە پايدا ئالغىلى بۇلىدۇ.بەزىلەر ئۇرۇشقا چىقىپ قىلىچ پالتايەر، بەزىسى قەلئە ساقلاپ قىرىپمۇ كىتەر‹قۇتادغۇ بىلىگ›دەپ، پەلەك بۇرجى تەلەي ئوڭغا تارتمىسىمۇئىختىسادتتا مىڭ كۇچىگەن بىكار . ۋاقىت زامانمۇ تۆت پەسىل بۇيىچە ماڭىدۇ.كۆپۇنچىلەرئىسلام مەدىنىيەت گۇللىنىشىنىڭ ياۋرۇپا ئەدىبىيات سەنئەت گۇللىنىشىگە ئۇل سالغانلىقىنى،بۇنىڭدىن ياۋرۇپا سانائەت ئىنقىلاۋىنىڭ كىلىپ چىققانلىقنى چەتكە قاقمايدۇ.دىمەك تۆتىنجى ئىرانىڭ تۇنجى باھار  قەدىمىنى ئەرەپلەر باشلىغان بۇلۇپ،بۇمىڭ يىل ئەپچۆرىسى تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىش بىلەن سۇپەتلەنگەن.ئاندىن داۋىنىچنىڭ ئۆزنىڭ رەسىمىنى ئۆزى سىزغاندىن باشلاپ،توك ماتۇرلارنىڭ كەشىپ قىلىنىشى،بۇنىڭغا نەچچە قىتملىق دۇنيا ئۇرشىنىڭ پىلتە بۇلىشى،ئاتۇم ياسىلىشى، قاتارلىقلار بىلەن بارا بارا قۇرال سايمان ئادىللىق ياز گەۋدىلەندى.يازمۇ <ئۆز ئىچىدىن ياۋرۇپا ئەدىبىيات سەنئەت سانائەت گۇللىنىشىنى بىلىش ، نەچچە قىتىملىق دۇنيا ئۇرشىنى ئادىللىق ،تىلفۇن تىۋۇزۇر كومپىيتۇر قاتارلىقلارتەرەقىياتىنى ياخشىلىق،ھازىرقى تەبىئىي ئاپەت كىسەل كىرزىسلارنىڭ پۇرقىنى تەقۋادارلىق قىش دەپ> تۆت ھالەتنى ئىما قىلماقتا.ئالدىمىزدا تىخى ‹قىيامەت بولمىسىلا›ياخشىلىق گەۋدىلىنىدىغان سۇ خۇسيەتتىكى كۇز پەسلى، ئاندىن ھاۋا خۇسيەتتىكى تەقۋادارلىق ئۆز ئىچىگەئالغان قىش پەسىللىرى بار.

ئادەم ئامىلىمۇ ئىختىسادنىڭ مۇھىم ئامىلى؛ قۇشقاچ سويسىمۇ قاسساپ سويسۇن دىيىشىدۇ. خۇي خۇلىقىدا بولمىسا تىڭىپ قۇيۇپ بىر باشقا ئىلىپ چىققىلى بولمايدۇ.ئىختىساسلىقلار قۇشۇنى يىتىلدۇرۇش ، كىچىگىدىن ئۇنۋىرسال پەنلەر ، مۇھىم تىخنىكا ئىلىم بىلەن تەربىيلەش،قىسقىسى ئىشنىڭ ھۆدىدىسىدىن چىقالايدىغان قابىل ئادەم بۇلۇشمۇ ئىختىسادقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسان ،بۇرۇن كۆز ئىغىز قۇلاقتىن ئىبارەت مۇبارەك تۆت ئەزادىن كىلىپ چىققان ئىنكاسلارنى، مىڭە بىلەن يۇرەكتە تادۇغا سالغۇچى.مىڭىدەھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم ئەكىس ئەتسە، يۇرەكتە دىل ئۇيات قىلىق ئەكىس ئىتىدۇ.تۆت خىل مىجازدىكى ئىنسان بولغانغا ئوخشاش ئىنسانىيەتنى تۆت خىل مىجازدىكى قەۋىملەر تەشكىللەيدۇ.سامغاتەۋە سەئۇدىي يەئۇدىيلار بىلىش سۇپەتتە  يىڭىلىق ئارزۇ تەرققىيات بۇيىچە ماڭىدۇ،بىرى مۇسا ئەلەيھىدەك ئەسلىيەتكە، بىرى سامرىدەك ھۇنەرگەباشلايدۇ.بىلىش تۇپراق بولغاچ بۇلار تەبىئى تۇپراق خۇسيەتتىكى ئالتۇنغا مايىل كىلىدۇ.ھام ئۇرۇقلىرى روملۇق ئىنگىلىزلاردابولسا قۇرال تەدبىر پۇل ئەكىس ئىتىپ ، ئادىللىق ئوتنى دەستەك قىلىدۇ‹ئەركىنلىك ھەيكىلىنىڭ قولىدا ئوت بار›.ياپەسكە تەۋە تۇرۇكلەردە بولساياخشىلىق سۇپەتتىكى سودا ئەكىس ئىتىپ، ئات ماشىنا سۇ نىفىتكە مايىللىق گەۋدىلىنىدۇ.ھىندى پارىس نىگىر ۋە يۇرۇتداشلاردا بولسا ئاش كىيىم ئۆي ئىھتىياج دائىملىق قىززىق تىما.مۇشۇنداق بىربىرىنى باشلايدۇ،تۇزەيدۇ،باغلايدۇ تۇراقلاشتۇرىدۇ.
     ئۇندىن باشقا مەدىنىيەت ئامىلىمۇ ئىختىسادنىڭ مۇھىم پارامىتىرى؛ مەدىنىيەت جەھەتتە شەرىق تەقۋادارلىق تىپىدىكى پادىشاھچەمەدىنىيەت ئەندىزىسىنى روياپقا چىقارغان بۇلۇپ، كىچىگى چوڭىغا، چوڭى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭىغاقاتلاممۇ قاتلام بوي سۇنۇپ،ئاجايىپ غارايىپ مۇداپىيە تاملىرى كۇنەگ رىجىلىرىنى  ھاسىل قىلغان. بۇھالەت ئەنە شۇنداق قىشنى بىرنىڭ ئۇستىگە بىرنى تىزمىسا تام بولمايدىغانلىقىنى كۇچلۇك پاكىت بىلەن نەزىرىمىزگە تاشلايدۇ.شەرىق خالىسا ھۇنەر تىخنىكا ئەمىلىي ئۇنۇمدارلىق قىممىتىگە يەتمەكتە. خالىمىسا ئاسارەئەتىقە سۇپەتتە مۇزىيلارنى بىزىمەكتە.بۇتىپتا  مۇشۇنداق غايەت زور ئىھتىياج بارئىختىسادقاتەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىختىسادى يۇرشىدىمۇ جەمەت خاراكتىرى ئەكىس ئەتكەن بۇلۇپ،بىزنىڭ باققائوخشاش ئۇرۇك شاپتۇل ئۇزۇم دەرەخ ھەممىنى ئارلاشتۇرماستىن،بىر جەمەتتە خاس ئۇرۇك، بىرجەمەتتەشاپتۇل، بىر رايۇندا ھۇنەرسەنئەت،بىر جايدا كىيىم كىچەك مۇشۇنداق خاسلىق كۇلەم بىلەن خاراكتىرلەنگەن.مەسلەن؛بازاردا خىنەنلىكلەر تاشچى، گۇۋادۇڭلۇقلار سودىگەر،يەنە بىريەرلىكلەرچىنە قاچىچى.ماۋۇ دوقمىشتىكى ئۇيۇنچۇق دۇكىنى بىلەن ئاۋۇ دوقمىشتىكى ئۇيۇنچۇق دۇكىنى تۇققان ياكى يۇرۇتداش.ماۋۇ شەھەردىكى بىلەن ئاۋۇ شەھەردىكىسىمۇ شۇنداق،ئادەمگە ئۆمۇچۇك تورىنى ئەسلىتىدۇ. دۆلىتىمىزدە ئۆي مۇلۇك قىزىق تىمابۇلۇپ، ئىختىسادنى جانلاندۇرۇپ ئىھتىياجنى قوزغۇتۇشتا ناھايتى مۇھىم رول ئالماقتا.دىمەك مەدىنىيەت ئامىللىرىنى ئويلاشمىغاندا ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلانمىغاندا، ئىختىساد بىلەن مەنىۋىيەت ئۆزئاراتوقۇنۇشۇپ نورمال يۇرۇشكە تەسىر قىلىدۇ.
    يۇقارقىدەك تۆت خىل شارائىت پىشىپ يىتلگەندە ، تەڭپۇڭ ھالەتتە ھەركەتلەنگەندە ئاندىن ئىختىسادگۇللىنىش باسقۇچىغا كىرەلەيدۇ.
    ھەرقانداق نەرسە تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزۇلگىنىدەك،بىر دۆلەتمۇ تۆت ئاساس بىلەن تۇزىلىدۇ.ئادەتتە ئالىم ھاكىم باي پۇقرا دەيمىز، ئالىم بىلىشنىڭ خۇددى ئاينىڭ ئونبەشى ئايدىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ بولغاندەك ، شۇنىڭغا ماس،دۆلەتنىڭ ئەۋىلى باشلايدىغان بىلىش تۇپراق سۇپەتتىكى ئوڭ سول قانات كۇچلىرى بۇلىدۇ.بىرى تەرەققىياتنى گۇللىنىشنى ياقىلىسا، بىرلىرى ئەنئەنىۋىيلىك مۇستەھكەملىكنى ياقىلايدۇ. باشلاش رولىنى ئۆتەيدۇ.ئاندىن ئادىللىق ئوت ئەكىس ئەتكەن ھاكىمنىڭ  ئارمىيە ئەدىلىيە ساقچىلىرىدىن ئىبارەت ئۇچ پۇتى بۇلىدۇ<ئادىللىقنىڭ ئۇچ پۇتى بار>.ئادىللىق بىلەن خاتىرجەملىك ئىختىساد گۇللىنىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.يەنە ياخشىلىق سۇ بۇيىچە بايلارنى چۆرىدىگەن ئىگىلىك ئىختىسادى<ياخشىلىق تۆت> بۇلىدۇ.ئىختىساد تەرەققىياتنىڭ ئىنىرگىيسى.يەنە تەقۋادارلىق بۇيىچە مەركەز ئۆلكە ناھىيەيىزا كەنتە مەھەللە ئەزا دىن ئىبارەت ئورۇنلار، يەتتە قەۋەت بۇيىچە بىر بىرىگە بويسۇنۇپ بىر دۆلەتنى تۇزىدۇ، ئاسمان ھاۋا يەتتە قات.
     بىر دۆلەت ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىسادمۇ يەنە چوڭ جەھەتتىن تۆت تادۇغائايرىلىدۇ.
     مەكتەپ - باشلانغۇچ تىن تاكى ئالىم چىقىدىغان تەتقىقات ئورۇنلىرىغىچە ،ھەرساھە ھەركەسىپ تەربىيلەش ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.ھۇنەر مەكتەپتىن چىقىدۇ.
     بانكا -بانكا سىستىمىسى، باج ،ئىستىرخىۋانىيە قاتارلىق ئۇچ ساھانى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بانكىدا پۇلغا ئۆسۇم ئالىدۇ. ئىسلام مەدىنىيتىدە ئۆسۇم ئىلىش خاتا،بۇنىڭغا ماس گۆرۆكەشلىك توغرا. بەلكى ئايىقى يوق پۇل مۇئامىلە كىرزىسلىرىنىڭ ئامالى گۆرۆنى تەتقىق قىلىشتىن چىقىشى مۇمكىن.
     ئاكسىيە- بۇ مەبلەغ يۇرۇشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.شىركەتلەر باردەسمايىسىنى ئاكسىيەشىركىتىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ، مەلۇم نىسبەتتە پىيىنى بازارغا سالىدۇ. پاينى پايچىكلار ئالغاندىن كىيىن، شىركەت كارخانلار مەبلەغگە ئىگە بۇلۇپ، پايدا ئالسائۇلەشتۇرىدۇ، زىيان تارىتسا تەخسىملەيدۇ. پاينى ئىلىپ سىتىشقا بۇلىدۇ. دۆلىتىمىزدەشاڭخەي بىلەن شىنجىندا ئىككى بازار بار. بۇنىڭمۇ بىلىش سۇپەتتە سىزىق كۆرسەتكۇچ سانلىق مەلۇمات تەتقىق قىلدىغان باشلايدىغان ئورۇنلىرى،ئادىللىق بۇيىچە قائىدەقانۇن ئىجراقىلدىغان ساقچىلىرى.سودا مۇھىتى تەشكىللەپ ئاردىن پۇل ئۇندۇردىغان بىدىكلىرى ‹بىرپايغا بىر مو تۇتىدۇ›. ۋە بارپۇلنى بىكارقويغىچە دەپ يەنە مەبلەغ سالدىغانلىرى فونىد شىركەتلىرگە ئوخشاش مۇشۇ ساھالەردىن تەركىپ تاپىدۇ.ياكى مۇشۇ ساھالەربىرلەشتۇرۇلۇپ  ئاكسىيە ئورۇنلىرىنى تۇزىدۇ.
     كارخانا شىركەتلەر- ئاساسلىقى مەسھۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ.بۇلار خاراكتىر جەھەتتە  يىڭى تىخنىكاشىركەتلىرى ، توشۇش ئۇچۇر كەسىپلىرى. ھەربىي ئەستەھە، ئىنىرگىيە،مىتالچىلىق،داۋالاش،يىمەك ئىچمەك كىيىم كىچەك تەشۋىقات ئۆيمۇلۇك قۇرلۇشى قاتارلىقلار بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
     بىريىل تۆت پەسىل بۇيىچە ماڭىدۇ. شۇنىڭغا قىياسەن ئىختىسادنىڭمۇ تۆت پەسلى بۇلىدۇ. بىرىنجى قۇرلۇش پەسلى ، بۇپەسىلدە ماكان ئەۋزەللىكى چىقىش قىلىنىپ،ئاساسەن تەبىئي بايلىقلاردىن پايدىلىنىشنى كۇچەيدۇ.ياكى تەبىئي بايلىقلاردىن پايدىلىنىش خاراكتىرىنى ئالىدۇ.ئىككىنجى تۇزەش قىلىپلاشتۇرۇش پەسلى بۇلۇپ، قانۇن تۇزۇملىرى مۇكەممەللىشىدۇ،ۋە پۇرسەت ئىڭى مۇنداقچە دىگەندە پۇرسەتكە بىقىپ بىيىش پۇل تىپىش ئاساس بۇلىدۇ.ئۇچۇنجى گۇللىنىش پەسلى بۇلۇپ، ئادەم ئامىلى ئاساس.ئىختىساسلىقلار بايلىقنىڭ مەنبىيى بۇلۇپ قالىدۇ. تۆتتىنجى تۇيۇنۇش پەسلى بۇلۇپ،مەدىنىيەت ساتىدۇ. موداماركا يارتىپ شۇئارقىلىق ئىختىسادنى گۇللەندۇردۇ. قەدىمدەپەرغانىنىڭ ئاتلىرى مودا بولغانلىق توغرىسىدا مەلۇماتلار بار.ئات سودىسى نۇرغۇن ئىختىسادىي قىممەت ياراتقان.
      دۆلىتىمىزنىڭ تەقۋادارلىق ھاۋا خۇسيىتى گەۋدىلىك بۇلۇپ، شۇنىڭغا ماس تەقۋادارلىق يەتتە قەۋەت بۇيىچە ماڭىدۇ. قۇتادغۇ بىلىگدىكى  يەتتە يۇلتۇز نۇجۇم قائىدىسىنى ئىختىسادقا تەدبىقلىساق، مەسلەن؛دۆلىتىمىز ئىختىسادى قۇرلۇش پەسلىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاش ئالدىداتۇرۋاتىدۇ. ئاكسىيە كۆرسەتكۇچىمۇ تۆت قىتىملىق چوڭ ئۆسۇشنى باشتىن كۆچۇرگەن بۇلۇپتۇ.2009-يىلدىن بۇيانقى 4-ئۆسۇش ،ئالتە قىتىملىق كىچىك ئۆسۇشنى ئۉز ئىچىگەئالدى. بىرىنجى باسقۇچتا سىمىنۇت ئالتۇن،ئىككىنجى باسقۇچتا يول مىتال، ئۇچۇنجى باسقۇچتا ھەربىي ئەستەھە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش،تۆتىنجى باسقۇچتا سۇچىلىق ماشىنا،  بەشىنجى قىتىملىقىدا داۋالاش ، ئالتىنجى ھازىرقى بۇلىكىدە نىفىتچىلىق گەۋدىلەندى دەپ ئويلايمەن. يەنە،يەتتە باشاق بۇغداي يىزائىگىلىكى قاتارلىق يەتتە قەۋەتنى تاماملاپ، ئىككىنجى پەسلى قانۇنچىلىق پۇرسەت ئاساس بۇلىدىغان دەۋرىگە دادىل قەدەم ئالغۇسى.
      بىر رايۇن بىلەن بىر رايۇننىڭ ئىختىسادىنىڭ خاراكتىرى ئوخشاش بولمايدۇ.كۆپۇنچە يىڭىلىق يىڭى مەسھۇلات ‹پاتنىت›بولسا، ئۇنى توغرا تەدبىر بىلەن مەبلەغ سالسا، ئىھتىياج سىتىۋىلىپ ئاندىن پايدىغا ئايلىنىدۇ.شۇنىڭغا ماس ياۋرۇپائەللىرى ئەزەلدىن يىڭىلىق تىخنىكا ئەھيا بولغان جايلار، توك بىلەن ماتۇر شۇيەردەكەشىپ قىلىنغان. بۇ تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىشنى يىڭىلىقنى كۆرسەتسە. ئامرىكا ،قانۇن قۇرال پۇل ئىختىسادىي تەدبىرلىرى بىلەن ئوت سۇپەتتىكى ئادىللىقنى تەدبىرنى كۆرسىتىدۇ.نۇرغۇن ئىختىسادىي تەدبىرلەرنى شۇلار پەيدا قىلدۇ.يەنە ئەرەپ ئەللىرىدىن نىفىت كۆپ چىقىدۇ. نىفىت زامانىۋىيلىقنىڭ ئىنىرگىيسى. مول ئىنىرگىيە زاپىسى دۇنيائىختىسادىنى ياخشىلىق سۇبىلەن تەمىن ئىتىپ، مەبلەغ مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۇردۇ.شەرىق ئەللىرىدە نۇپۇسى كۆپ ، غايەت زور ئىھتىياجى بىلەن ھاۋاتەقۋادارلىقنى گەۋدىلەندۇردۇ. ياۋرۇپا نى مىڭە دىسەك، ئامرىكا يۇرەك،ئەرەپ ئەللىرى ئاشقازان، جۇڭگۇنى ئۆپكە دىيىشكە بۇلىدۇ. ياۋرۇپا پايدا ئالسا ، شەرىققە ئەكىس تەسىرقىلىدۇ. جۇڭگۇئىختىسادى مەسىلىگە يۇلۇقسا ، دۇنيا ئىختىسادىغا زۇكام تىگىدۇ.تەدبىرنىمۇ مەبلەغگە ئاساسەن چىقىردۇ. بۇلار ئوتتۇرسىدا تۆت تادۇچە مۇناسىۋەت بولىدۇ.
     ئىختىسادنىڭ نۇرمال يۇرىشى ئالتۇن پۇل نىفىت ئاش تىن ئىبارەت تۆت ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. سەۋەپ جەريان نەتىجە مۇناسىۋىتى بۇيىچە قارغاندا ،ھۇكۇمەت ئالدى بىلەن نۇرغۇن پۇل تارقىتىپ، ھەرساھا ھەر رايۇننى ئۇمۇمىي يۇزلۇك قوللايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كارخانلارمەبلەغگە ئىگە بۇلۇپ ھەرساھا ئورتاق گۇللىنىدۇ.خۇددى ھازىرقى ئامرىكىنىڭ كەڭرى پۇل سىياسىتىگە ئوخشاش. ھۇنەر سەنئەتنىڭ گۇللىنىشى ‹ ھۇنەرسەنئەتكە رەڭلىك مىتال خام ئەشيا قىلىنىدۇ› ھەم پۇلنىڭ كۆپلەپ تارقىتىلىشى سەۋەپلىك پۇل پاخاللىقى يۇزبىرىدۇ.پۇل ئەرزان كۆپ ئىشەنىچسىز بولغاچقائالتۇن ئۆسىدۇ. خۇددى بىر يىلقىدەك قاتلاپ 1600دوللارنى كۆرسىتىدۇ.ئاندىن ھۇكۇمەت بانكا تەييار پۇل نىسبىتىنى ئۆستۇرۇش، قەرىزنى ئازايتىش،زاييۇم تارقىتىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن پۇلنى قىسىشقا باشلايدۇ. پۇلنى قىسقانچە پۇل ئازلىغانسىرى مەبلەغ قىسىنچىلىقى يۇزبىرىپ پۇل قىممىتى ئۆسۇشكە باشلايدۇ.ئاندىن ساھالار ئارا رايۇنلارئارا قوللاش سالمىقى يۇقرى كۆتۇرلىدۇ.نوختىلىق ساھالار بۇلۇپمۇ ماشىناسازلىق تەرەققىي قىلغانسىرى ، نىفىت ئىنىرگىيە ئىھتىياجى يۇقرى كۆتۇرلىدۇ.بارابارا نىفىت ئۆسىدۇ.نىفىتنىڭ ئۆسىشى تەدىرجى ئۇغۇت باھاسىغا تەسىر قىلىپ ئاش ئۆسىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ. بۇۋاقىتلاردا بايلىق تەخسىملىنىش تەكشى بولمىغاچ  مۇقۇمسىزلىق ئامىللىرى پەيدا بۇلۇشقا باشلايدۇ،ھۆكۇمەت ياردەم بىرىش نامراتلارنى يۇلەش قاتارلىق تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.دىمەك ئالتۇن  پۇل نىفىت ئاشنىڭدەۋرىيلىك يۇرىشى گەۋدىلىنىشى بىلەن ئىختىساد قۇشۇلما قىممەت پايدىغا ئىگە بۇلىدۇ.
      كىرزىس دىگەنلىكنى ئىختىسادنىڭ كىسىلى دىيىشكە بۇلىدۇ.مىجازنىڭ تادۇلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كىسەل كەلتۇرۇپ چىقىردۇ.2008-يىلى ئامرىكىدا رەنىلىك قەرىز تۇپەيلى  ئىختىسادىي كىرزىس يۇزبەرگەندە، نىفىت بىلەن ئاش بەسلىشىپ ئۆسۇپ، ئامرىكىدىكى ئۆيمۇلۇك زىيادە چۇشۇپ كەتكەن.ئاسمان يەتتە قات بولغاندەك، ئۆي قەۋەتلىك ھەم ھاۋىغا سىلىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى.بۇيەردىكى ئاش بىلەن ئۆينى ھاۋاغاقىياس قىلىشقا بۇلىدۇ.دىمەك كىسەل ھاۋادا بولغاچ،داۋاسى تۇپراق ئالتۇن بۇلۇپ ، ئالتۇن1800يۇز دوللارنى كۆرسەتتى.ئامرىكا كەڭرى پۇل سىياسىتىنى يۇرگۇزۇپ ئالتۇننى ئۆستەردى.ئالتۇن ئۆسكەنچە ئاش ئۆي چۇشىدۇ، چۇشكەنچە خەقلەر ئاش تىرىمايدۇ، ئۆي سالمايدۇ.نەتىجىدە بۇنىڭغائىھتىياج ئىشىپ،ئاش ئۆينىڭ ئۆسىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ .بۇ ئۆسەپ ئالتۇننى چەكلەيدۇ.ھازىرقى ياۋرۇپا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىمۇ شۇنداق ،كىسەل پۇلدىن چىقىپ ئىختىساد قەرىزگەبۇغۇلدى.مەبلەغ سۇ نىفىتتە گەۋدىلەندى.پۇل چۇشسە نىفىت ئۆسىدۇ. چىكىگە يەتكەندە  پۇل ئۆسۇپ ، نىفىت چۇشىدۇ.دىمەك بۇنىڭ داۋاسى نىفىتتىن چىقىدۇ.ئوتتۇراشەرىق ۋەزىيتىنىڭ مۇقۇمسىزلىقى نىفىتنى ئۆستۇرۇپ، قىممەت نىفىت بارابارا ئۇلارنى قەرىزگە  بوغدى. بۇنىڭ داۋاسى مۇقۇملۇق، نىفىتنىڭ چۇششى.
      ئارىمىزدا بەزى بايلىرىمىزنىڭ ئالتۇن قاش بىلەن ھەپىلىشىدىغانلىرى بار،دوللارچىلارمۇبار،نىفىتقا قارغاندا ماشىنا سودىسى خىلى قىززىق، مەبلەغ سۇپەتتىكى پايچىلارمۇ خىلى بار.ئارمان پاي بازىرىغا كىرىمىز دەۋاتىدۇ‹تۇشقاندەك يۇز يىل ياشىغىچەم يولۋاستەك بىريىل ياشا›،بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش. ئاش سودىسى قىلىدىغانلارمۇ ئانچە مۇنچە ئۇچرايدۇ،كۆپۇنچىمىزبۇلاردىكى مۇناسىۋەتنى بىلمەي پىشانىمىزگە قويىمىز.
      بۇنىڭدا، دۆلەت ئالدى بىلەن نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ2009-يىلدىكىدەك قەرىزنى كەڭ كۇشادە تارقىتىپ، ئىختىسادنىڭ ھەممە ساھالىرىنى قوللايدۇ، بۇچاغلاردا دەسلەپ پاي ئۆسىدۇ،ئومۇمىيۇزلۇك ئۆسىدۇ.ئاندىن ئاستا ئاستا رەڭلىك مىتال گەۋدىلىنىدۇ.ئالتۇن كۇمۇش قىززىيدۇ. بۇۋاقىتتادەسلەپ پاي ئاندىن ئالتۇن كۇمۇشتە يۇرسە بولىدۇ.بىرىنجى دەۋىردە ئالتۇن كۇمۇش  ‹تۇپراق› ئەكىس ئىتىدۇ.
     ئاندىن نۇرغۇن پۇل سىلىنغاچقا پۇل پاخاللىقى يۇز بىرىدۇ. دۆلەت تەدبىر چىقىرىپ پۇلنى قىسسىشقا باشلايدۇ.ئالتۇن زىيادە ئۆسكەچكە، ئاش بۇلالماي دەسلەپ ئالتۇن پەسلەپ ئاش قىزىرىدۇ.خەلقارادا ئاش سىتىۋىلىشنىڭ پۇرسىتىگە ئۇزۇن قالمىدى دەپ ئويلايمەن. ئاندىن ئاستا ئاستا پۇلنىڭ قىممىتى گەۋدىلىنىدۇ.خۇددى2011-يىلى كونا پۇل سەكلىگەندەك.بۇدەۋىردەپۇل ‹ئوت›تەدبىرئاساس بۇلىدۇ. پاي بىلەن نىفىتتا جىق مەنا قالمايدۇ.
      پۇلنى قىسىۋالغاچقا نۇرغۇن كاخانلار ئۇسساشقا باشلايدۇ.يامانراقلىرى بايراقداربۇلۇپ ماڭىدۇ.بۇچاغدا ھۆكۇمەت ساھالەر ئارا، رايۇنلار ئارا قوللاشقا باشلايدۇ.بىردەم ئۇ رايۇننى بىردەم بۇساھانى قوللايدۇ. پۇل قىممەتلەشكەنچە،نىفىت  ئەرزانلىشىدۇ.ئىھتىياج كۇچۈيۈپ ماشىنا قىززىيدۇ.بۇ پاي بازىرىنى ئاستا -ئاستا ھاۋاغا كۆتۇرىدۇ.ماشىنا كۆپ بولغاچقاكېيىنچە نىفىت ئۆسىدۇ.دىمەك بۇدەۋىردە نىفىت‹سۇ›مەبلەغ ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
      ئاندىن رايۇنلار ئارا ساھالەر ئارا ئىختىسادىي پەرىقلەر زورىيىشقا باشلايدۇ.سىياسىي ئۇگۇنۇش مۇقۇملۇق خىزمىتى كۇچىيدۇ.بايلار مودا قوغلىشىپ ئۆي ئىلىشقا باشلايدۇ.نامىراتلارئۆي ئالالمايدۇ.پاي يۇقرى نوختىغا ئىتىپ، پەسلەشكە باشلايدۇ.نىفىت قىممەت بولغاچقائۇغۇت قىممەتلشىدۇ،ئاش قىزىرىپ رول ئالىدۇ. بۇچاغدا ئاشتا پايدا بار.ئۆي ئالسىمۇ قىسقامۇددەتتە پايدا ئالغىلى بۇلىدۇ. بارا بارا ئاش‹ ھاۋا› قىززىق بۇلۇپ قالىدۇ. بازار زىمىستانغاكىرىپ، قايتا باھار بۇلىدۇ.
     خۇلاسىلىغاندا،ئالتۇن زىيادە ئۆسسە،پۇلنىڭ غىمىغا كىرىش. پۇل ئۆسكەندە چىكىنىپ، نىفىت ماشىنىغا پاي بازىرىغا قاراش.بۇ ھەقدارىغايەتكىلى تۇرغاندا ئاشقا ئۆيگەمەدىنىيەت سەنئەتكە مايىل بۇلۇش مۇشۇنداق دەۋرىيلىنىدۇ.پۇلنىڭ بىر ئۇچچى بىلەكتە ،بىر ئۇچچى يۇرەكتە،بۇلۇپمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بىلىكى ھەم يۇركىدە.
بازار ئىگىلىكى دىن پايدىلاندىم.

1

تېما

3

دوست

2419

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11798
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 661
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 00:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 تاتۇ دىگەن نىمە ئۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

287

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   95.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6195
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 00:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 ئاناسىر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )