- تىزىملاتقان
- 2011-4-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 30
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
10%
|
لايىق ئىزدەش ئېلانى
فىڭ ۋېيشىڭ
(مېكرو ھېكايە)
ئەنگىلىيلىك يازغۇچى ماۋھام، ئەسلىدە ھېچقانداق نامى چىقمىغان، پەقەت ئادەتتىكى ھەۋەسكار قەلەمكەش ئىدى. بىراق ئۇ ئىجتىھات بىلەن جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۆزىدە ياخشى بىر تالانىتنى ھازىرلىدى. ئۇ ھەمىشە، شېئىر- قوشاق، ھېكايىلەرنى يازاتتى. ئۇ يازغان ھېكايىلەرنىڭ مەزمۇنى خېلى چوڭقۇر بولسىمۇ، بىراق نامى چىقمىغاچقا كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئېلىنمىغاندى.
ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن كىتاب سودىسى قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئەھۋالى تازا ياخشى بولماي قالدى.
نامراتچىلىق دەستىدىن تىڭىرقاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ ئاجايىپ بىر ئۇسۇلنى سىناپ باقتى، نەتىجىدە ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش بولدى.
ئۇ، تۇرمۇشى تازا ياخشى بولمىسىمۇ، يەنىلا ئازراق پۇل خەجلەپ، گېزىتكە بىر پارچە لايىق ئىزدەش ئېلانى چىقاردى. ئېلاندا:
<<مەزكۇر كىشى، ياش ھەم نەچچە مىڭ يۈەنلىك مۈلۈككە ئىگە باي، تەنھەرىكەت ۋە مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدۇ. لايىقلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ، ماۋھامنىڭ ھېكايىلىرىدىكى ئايال باش پېرسۇناژ بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، خارەكتېرى شۇنىڭغا ماس بولۇشى كېرەك>> دېيىلگەنىدى. ئېلان چىقىشى بىلەن، ماۋھامنىڭ ھېكايىسنىڭ داڭقى پۇر كەتتى. بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا گېزىتمۇ سېتىلىپ بولدى. باسما زاۋۇتلارمۇ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، سودىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىغا ماسلاشتى.
ئەسلىدە، بۇ <<لايىق ئىزدەش ئېلانى>> نى كۆرگەن، توي قىلمىغان قىزلار، ئايال باش پېرسۇناژنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش، باي يىگىتنىڭ كۆڭلىگە قانداق قىزلارنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىغا قىزىققان ئىدى.
نۇرغۇن يىگىتلەرمۇ، زادى قانداق قىزلارنىڭ ھەقىقىي جەلىپ قىلارلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇشتى.
يەنە كېلىپ ئۇلار قىز دوستلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن بالدۇر بېلىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گېزىتنى بەس- بەستە سېتىۋىلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ماۋھامنڭ نامى بىراقلا كۆتۈرۈلدى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ھېكايىسىمۇ سودىگەرلەرنىڭ سودىسىنى جانلاندۇرىۋەتكەنىدى.
<<ئاغزىدا كۈلكە- چاقچاق، قوينىدا پالتا- پىچاق>> دېگەندەك، ماۋھام كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىدىن پايدىلاندى. قارىماققا، دېمەكچى بولغىنى ئېنىقتەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مەقسىتى يوشۇرۇن ئىدى. نەتىجىدە، ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ھېكايىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازار تاپتى.
<<ئاددىي قائىدىلەر>> ناملىق كىتابتىن ئەخمەتجان مەمتىمىن تەرجىمىسى
ئېزاھات: بۇ تەرجىمە ئەسەر ھېچقانداق مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان. شۇڭا باشقلارنىڭ خالىغانچە كۆچۈرىشىگە بولمايدۇ. |
|