قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4555|ئىنكاس: 49

پاقىنىڭ دۇنيا تارىخىغا كۆرسەتكەن تۆھپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

37

دوست

2906

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 18:29:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پاقىنىڭ دۇنيا تارىخىغا كۆرسەتكەن تۆھپىسى



     مەن بۇ پاقا تەجىربىسىدىن ئىلھام ئىلىنغان سىياسەتنى بىر دۇنيا تارىخىغا ئائىت بىر كىتابتىن 4- 5 يىل ئىلگىرى كۆرگەن ئىدىم ،ئەسلى تەپسىلى يازاي دەپ ئۇ كىتابنى ئىزدەپ تاپالمىدىم ئىسمىمۇ ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ ، لىكىن ئاساسلىق مەزمۇنى ئىسىمدە قالغانلىقى ئۇچۇن تورداشلار بىلەن بەھىرلەنگىم كەلدى .بۇ ۋەقە بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا بولغان ئىش بولۇپ ئەنگىليىلىكلەر مۇستەملىكە قىلىۋالغان رايۇنلادا بولۇپمۇ ئافرىقا ۋە ھىندىستان ۋە بەزى ئەرەب دولەتلىرىكى خەلىقلەرنىڭ ئەنگىليە مۇستەملكچىلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ ۋە كەسكىن قارشىلىقلار بولۇۋاتقان ئەنگىليەنىڭ بۇ ئىسيانلارغا تاقابىل تۇرۇپ بولالماي بۇ يەردىكى ھوكۇمرانلىقلىرى تەۋىرنىپ تۇرغان مەزگىلدە يۇز بەرگەن بولۇپ ئەنگىليەنىڭ زىمىن ھوكۇمرانلىقىدىن ۋاز كىچىپ ئۇنىڭ ئورنىغا مەدىنىيەت ھۇكۇمرانلىقىغا ئالماشتۇرشىغا سەۋەب بولغانمىش .
      بۇ ۋەقە مۇنداق يۇز بەرگەمىش ،  ئەنگىليەنىڭ ئۇرۇشتىن چىكىنگەن بىر پىشقەدەم ئوفىتسىرى بولۇپ ئۇ كىشى ئۇرۇشتىن چىكىنگەندىن كىيىن ئوزىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئۈگەنگەن ھاشارەتشوناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇنلىنىپتۇ ، ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدا ئەسكەرلىكتە بىرگە تۇرغان بىر سەبدىشى بولۇپ ئۇنىڭ ھازىر ئەمىلى ئوسۇپ گىنرال بولۇپتۇ ، ئۇ ھەر قىتىم بوش ۋاقتى بولسا بۇ ھاشارەتشوناس سەبدىشىنى يوقلاپ كىلىپ ئۇنىڭ تەتقىقاتى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ھال-مۇڭ بولۇپ كىتىدىكەن .
     بىر كۇنى بوش ۋاقتىدا گېنىرالئادىتى بويىچە ھاشارەتشۇناسنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ ، ھاشارەتشۇناس چۈشلۈك تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان بولۇپ ، ئىشىنى قويۇپ گىنرالنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپتۇ گىنرال تۈزۈت قىلماسلىقنى بۇيرۇپ ئۇنىڭغا تاماقتا ياردەملەشمەكچى بوپتۇ ، ھاشارەتشۇناس قوشۇلۇپتۇ ۋە ئۇنى ئاشخانا ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ ، ئۇ ئاشخانىدا ئۆزىنىڭ تەجىربە قىلىدىغان بەزەن ھاشارەتلىرنىمۇ قويۇپ قويىدىغان بولۇپ ، گىنىرالغا دەخلىسى بولۇپ قالماسلىقى ئۇچۇن ئۇلارنى يۆتكىۋەتمەكچى بولۇپتۇ ،ئۇ قولىدا بىر پاقىنى كۆتۇرۇپ سىرىتقا مىڭىۋاتقاندا پاقا ياغ قايناۋاتقان قازاننىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئۇنى كۆلچەككە ئوخشۇتۇپ قالغانمۇ تۇيۇقسىز ھاشارەتشۇناسنىڭ قولىدىن سەكرەپ چىقىپ قازاندا قايناۋاتقان ياغقىلا سەكرەپتۇ ، قازاننىڭ يىنىدىكى ئۇستەلدە كۆكتات توغراۋاتقان گىنرال دەرھال ئۆزىنى چەتكە تارتىپتۇ ، پاقا قازانغا قانچىلىك تىزلىكتە ئۇنى ئىلىپ سىرىتقا تاشلىۋەتمەكچى بولۇپتۇ ، گىنرال دەرھال ئۇنى توسۇۋىلىپ پاقىنى ماڭغىلى قويۇشنى بۇيرۇپتۇ ، گىنرالنى ھەيران قالدۇرغىنى پاقىنىڭ 250 گىرادۇسلۇق قايناۋاتقان ياغنىڭ ئىچىدىن ناھايىتى تىزلىكتە سەكرەپ چىقىپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ھەركەت قىلىۋاتقانلىقى بولۇپتۇ ۋە دەرھاللا ھاشارەتشۇناسقا ئۇنىڭدىنمۇ ساغلام كۇچلۇك بىر پاقىدىن بىرنى ئەكىلىشنى بۇيرۇپتۇ ، ھاشارەتشۇناس ئۇنىڭ دىگىنىدەك بىر چوڭ جانلىق پاقىدىن بىر ئەكىلىپتۇ ، گىنرال دەرھال قازاننى يىڭىلاپ ئۇنىڭغا لىق سوغۇق سۇ قۇيۇپ ئوچاققا ئىسىپ پاقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ بىرىپتۇ پاقا قازاننىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ كۆلچىكىدە ئۇزگەندەك ناھايىتى راھەتلىنىپ ئۇزۇپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ، شۇ چاغدا گىنرال ئوچاققا ئوت يىقىپ ئوتنىڭ كۇچىنى بەك تۆۋەن قىلىپ پاقىنى كۈزتۈزپتۇ پاقا سۇنىڭ بارا-بارا ئىللىشىغا قاراتا تىخىمۇ راھەتلىنىپ ئۈزۈپ ئويناپتۇ ، سۇنىڭ قىززىقلىقى ئاشقانسىرى پاقىنىڭ ھەركىتى تەدرىجى ئاستىلاپ پۇت-قوللىرى كالۋالاشقىلى تۇرۇپتۇ لىكىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ قانداق بىلسۇن ، سۇنىڭ گىرادۇسى يۇقۇرلىغانسىرى پاقا ھالسىزلىنىپتۇ ئاخىرى پۇت-قوللىرى ھەركەتتىن توختاپ بۇ دۇنيادىن مەڭگۇلۇك خوشلىشىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلەلمەي كىتىپ قاپتۇ ، گىنرال بىر خىل مەمنۇنىيەت بىلەن ھاشارەتشۇناسدىن بايىقى قايناۋاتقان ياغقا چۇشۇپ كەتكەن پاقنىڭ نىمە ئۇچۇن ھايات قالغانلىقىنى بۇ پاقىنىڭ نىمە ئۇچۇن ئۆزىنىڭ ئۆلگىنىنىمۇ بىلمەي ئۆلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ ، ھاشارەتشۇناس بىرىنجى قىتىملىق پاقا كۈچلۈك بىسىم ئاستىدىن ئۇنىڭ سەزگۇرلۇكى ئېشىپ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ھايات قالغانلىقىنى ئىككىنجى قىتىملىق پاقىغا بىراقلا كۈچلۈك بىسىم قىلىنماستىن تەدرىجى ئاز-ئازدىن ئۇ ئوزى سىزىۋىلالمىغىدەك بىسىم قىلىنىپ كەلگەنلىكتىن بۇ ئاستا خاراكتىرلىق "زەھەر" ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ جىنىنى ئاستا-ئاستا ئالغانلىقىنى سوزلەپتۇ .
     گىنرال ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپتۇ ۋە ئۆزىگە يەنە  ساغلام پاقىدىن ئىككىنى بېرىشنى ئېيتىپتۇ ، ئۇ بىرىپتۇ گىنرال پاقىنى ئىلىپ دەرھال خان ئوردىسغا قاراپ چىپىپتۇ ۋە بارلىق ۋەزىر-ۋۇزرالارنى چاقىرىپ ئۆزىنىڭ مۇستەملىك رايۇنىدىكى قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش توغۇرلۇق بىر مۇھىم دوكلاتى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۇپتۇ ، گىنراللارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بىر خىل شۇبھىلىك نەزەردە قارىۋىتىپ ئۇنىڭ چۇشەندۇرشىنى ئىيتىپتۇ ، ئۇ ئۆزىنىڭ يىغىن مەيدانىغا ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئوچاق - قازنىغا ئوت يىقىپتۇ قازاندىكى ياغ قىززىشقا باشلاپتۇ ، گىنراللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى سوراپتۇ ، ئۇ ئۇلارغا ئۆزىگە بىر ئاز ۋاقىت بىرىپ قىلىۋاتقان ئىشىنى ئىنچىكە كۈزتۈشنى ئېيتىپتۇ ۋە قازاندىكى قايناۋاتقان ياغقا بىر پاقىنى تاشلاپتۇ ، پاقا دەرھاللا سەكرەپ چىقىپ يەرگە چۇشۇپ يەردە كەلسە-كەلمەس يەرلەرگە قاراپ قىچىپتۇ ، گىنراللار بۇ ئىشنى كۆرۇپ ناھايىتى ھەيران قاپتۇ ، گىنرال ئۇلارغا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش ئەمدى باشلىندۇ دەپتۇ ۋە قازاننى ئالماشتۇرۇپ سوغۇق سۇ قۇيۇپ يەنە بىر پاقىنى قازانغا قويۇپ بىرىپتۇ پاقا ناھايىتى راھەتلىنىپ قازاننىڭ ئىچىدە ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ، بۇ قىتىم گىنراللارنىڭ ھەممىسى قازاننىڭ چۆرىسىگە ئولۇشۇپ تىخىمۇ دىققەت قىلىشقا باشلاپتۇ ، گىنرال ئوتنى يىقىپ پەسلىتىپتۇ ۋە ھەممە گىنراللارغا بىر خىل غەلبىدىن پەخىرلىنىۋاتقاندەك قاراپ چىقىپ دىققەت بىلەن كۈزتۇشنى ئېيتىپتۇ ، سۇ ئىللىغانسىرى پاقا ناھايىتى راھەتلىنىپ ئۇزۇپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ سۇنىڭ قىززىقلىقى تىخىمۇ ئاشقانسىرى بۇ پاقىنىڭمۇ پۇت-قوللىرى كالۋالىشىپ ھەركىتى ئاستىلاپتۇ ۋە ئاخىرى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئەھۋالدا بۇ دۇنيادىن كۆزى ئوچۇق ھالدا خوشلىشىپتۇ .
     بۇ تەجىربە تۈگۈگەندىن كېيىن باش ۋەزىر گىنرالغا قاراپ ئۇنىڭ قانداق پىلانى بارلىقىنى سوراپتۇ ، گىنرال  - دەرھال بارلىق مۇستەملىك رايۇنلاردىكى قارشىلىق قىلغۇچلارنى قۇرال كۇچى بىلەن قىرىشنى توختۇتۇپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا ئەركىنلىك بىرىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا  سودا ، مەدىنىيەت ئۇرشى ئىلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ زىمىنىدىكى بارىلىق تەبىئى بايلىقلارنى ئىچىش ھوقۇقى ، ئۆزلىرنىڭ ماللىرنى ئۇلارغا مەجبۇرى سېتىش ، ئۇ يەرگە كان-كارخانا ، ئەيشى-ئىشرەتخانا قۇرۇپ ئۇلارنى سودا ۋە مەدىنىيەتتە ئىسكەنجىگە ئىلىپ ئوزلىرنىڭ مەدىنىيەت ۋە سودا مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرنى ئەنگىليەگە كىلىپ ئوقۇتۇش توغۇرلۇق تەشۋىقات تەربىيەلەرنى ئىلىپ بىرىپ ئۆزلىرنىڭ خىرىستىئان دىنى مەدىنىيتى ۋە ئىنگىلىز تىلىنى ئۇلارغا سىڭدۇرۇپ بارا-بارا ئۆزىگە مەدىنىيەت ۋە تىلدا ئۆزىگە قوشۇۋىتىش پىلانى بارلىقىنى ئىيتىپتۇ .
     باش ۋەزىر بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن بارلىق گىنراللارغا بۇ ئىشنىڭ تەييارلىق پىلانىنى قىلىشنى بۇيرۇپ ئۆزىنىڭ ئايال پادىشاغا خەۋەر قىلىش ئۇچۇن بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغىن زالىدىن ئايرىلىپتۇ .
      ئەمدى بۇگۇنكى دۇنياغا قارىساق بۇ پاقىنىڭ " تۆھپىسىدىن " دۇنيا غەرىب مەدىنىيتىنىڭ ۋە پۇل-مۇئامىلسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ بولدى ، مانا بۇ پاقىنىڭ دۇنيا تارىخىغا كۆرسەتكەن كاتتا تۆھپىسىدۇر .                 
uyghuray

0

تېما

3

دوست

3659

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16842
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1112
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 19:17:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى بارلىق ئۇيغۇرلار ياخشى ئوقۇپ  تەپەككۈر قىلىشى ۋە ھەزىم قىلىشى،  ھېچ ئاما ھېچ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.

0

تېما

37

دوست

2906

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 19:20:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
moma يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 19:17
بۇ ماقالىنى بارلىق ئۇيغۇرلار ياخشى ئوقۇپ  تەپەككۈر قىل ...

توغرا دىدىڭىز ماڭغىمۇ شۇ چاغدا بەك تەسىر قىلىپتىكەن ھازىرغىچە ئىسىمدە تۇتۇپ كەلدىم .

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6148
توردىكى ۋاقتى: 2522
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 19:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
satuk يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 19:20
توغرا دىدىڭىز ماڭغىمۇ شۇ چاغدا بەك تەسىر قىلىپتىكەن ھ ...

  ئاجايىپ ئامالكەن، ھىندىستانلىقلار ھازىرمۇ ئەنگىلىيەنىڭ مەكتەپلېرىدە ئۇقۇپ كەلگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇقۇتقۇچى بۇلالايدىكەنمىش...
  قانونىمۇ شۇنىڭغا ئۇخشايدۇ دەمدۇ تىخى، ئادۇۋكاتلېرىمۇ ئەنگىليەدە ئۇقۇپ كىلىپ ئادۇۋكات بۇلىدۇ دەيدۇ، ئاستا ئىللىۋاتقان سۇغا سەت چۈشۈپتۇ، بىراقلا ئەنگىليىلىكنى كۆرسەڭ 60 مىتىردىن سالام قىل دىسە ئۇنىمايدۇ ئەلۋەتتە...
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1809

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11157
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 525
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 22:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش ئەھلى . بايام بىر تورداش مىسرانىم مۇنبىرىگە  ‹‹  نۇمۇسسىز كۆچۈرمىكەشلەر ئۇۋىسى ‹ ئەبۇغازى ئىجادىي › . دەپ مەزمۇنى ئەشەددى سېسىق تىللار بىلەن يېزىلغان بىر تېما يوللىنىپتىكەن . ئىلمى پىكىر بەرگەن ھەر قانداق بىر ئەزانى تېما ئىگىسى زەھەردەك ئاچچىقى بىلەن شۇنداق سەت تىللا بىلەن تىللاپ كەتتىكى ئادەم ئوقۇسىمۇ بىر قانچە كۈنگىچە تاماق يىگۈسى كەلمەيدىغان بوپ قالىدۇ . مەنمۇ ئىلمى يۇسۇندا چىرايلىق ئىككى ئېغىز گەپ قىلىۋىدىم ئاچا سىڭىللىرىڭنى ھاۋا تاپان قىلىۋېتىمەن دەپ ئېغىزىنى بۇزۇپ مىنى ئورۇنسىز ھاقارەتلەپ تاشلىدى . شۇنىڭ بىلەن مىسرانىم باشقۇرغۇچىلىرىغا تۆۋەندىكىدەك ئىنكاس يازسام ئىككى يىلدىن ئاشقان ئەزالىق سالاھىتىمنى قىلچىلىك ئويلاشماستىن قايسى بىر دەلتۈش ، گالۋاڭ باشقۇرغۇچى مىنى چەكلەپ قويۇپتۇ . نەچچە ۋاقىتتىن بىرى باشقا مۇنبەرلەردىكى ئەزالار مىسرانىم باشقۇرغۇچىلىرىنى بىكار قالسا تېما ، ئىنكاس ئۆچۈرۈپ زىرىكىپ قالسا ئەزا چەكلەپ ئوينايدۇ دىسە ئىشەنمىگەن ئىدىم ، بۈگۈن بېشىمغا كەلگەندە ئاندىن ئىشەندىم . ماڭا ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەستىن مىنى  چەكلىۋەتكۈدەك مىسرانىم ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۋىتىش توغۇرلۇق ياكى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىگە زىت ئىنكاسمۇ يازمىغانتىم بولمىسا . يازغان ئىنكاسمنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك . ئەينەن كۆچۈرۈپ قوياي ....

باشقۇرغۇچىلاردىن ، نەشە چىكىپ پاڭ بولۇپ كەتكەن بۇ بالىنىڭ تېمىسىنى دەرھال دەپنە قىلىۋېتىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن . ھىلىمۇ ئالىم ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ تېمىسىدىكى بىرسى بىرسىمىزنى ھاقارەتلەپ تىللىشىپ كەتكەن گۇناھلىرىمىز يىتەر . سىلەرمۇ بۇ سېسىق گەپلەرنى كۆرۈپ سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك كۆزۈڭلارنى يۇمۇۋېلىپ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرۈۋەرسەڭلامۇ بولماس . ھىلى ھەممۇ يازما سانىڭلار باشقا مۇنبەرلەردىن نەچچە ھەسسە كۆپ بۇلاۋاتىدۇ . قىسقىسى غەيۋەت سورىنى ھازىرلاپ بىرىپ ئېلاندىن كىرىم قىلغان تاپاۋەت كىشىگە ياخشى ھەزىم بولماس .

پاگۇنسىز مۇنبەر باشلىقى مارشال ئەپەندىممۇ چاينى قېنىق دەملەپ قويۇپ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرغۇچە ئاتارمەن چاپارمەنلەرنى دەرھال ھەركەتكە كەلتۈرۈپ يىڭىدا تەخىتكە چىققاندا مۇنبەر ئەھلىگە بەرگەن قەسىمىنى تۇلۇق ئىجرا قىلسا بولمامدىغاندۇ ؟

ھەق گەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن ھىلىمۇ مىنى نەچچە قېتىم مىسرانىمنىڭ بەختىگە ئولتۇردىغان پاراڭ قىلدىڭ دەپ نەچچە قېتىم مۇنبەر تۈرمىسىگە تاشلاپ يەنە چەكلەشنى بىكار قىلىپ  بولدۇڭلا . يەنە خۇيى تۇتقان بولسا مارشال دىگەن ئۇلۇغ نامىمغا ھاقارەت كەلتۈردۈڭ دەپ قولىدا ئۈچ خىل ئارمىينىڭ ھوقۇقى بار مارشال ئەپەندى يەنە چەكلەپ قويا . ئەمما مىنى مىڭ قېتىم چەكلەپ قويسىمۇ  مىسرانىمدا داۋاملىق مۇشۇنداق ناھەقچىلىق سېسىقچىلىقنىڭ بولىشىنى ۋىجدانىم خالىمايدۇ . شۇڭا ئازراق كاپىلداپ قويدۇم . ئۆزلىرىنى مەركەزنىڭ رەھبىرىدەك ھىس قىلىدىغان ، قولىدىكى ھوقۇقنى ئەڭ چوڭ بەختىم دەپ بىلىدىغان باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدە قايتا بىر ئويلۇشۇپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

سىزلەرچە مىنى مۇشۇ ئىنكاسنى يازغانغا چەكلەپ قويغىنى توغۇرمىدۇ ؟ يەنە كىلىپ مىسرانىمدىكى ئەزالىق سالاھىتىم ئۈچ يىلغا يىقىنلاشقان تىرىىشچان ئەزالىق سالاھىيتى ئىدى . مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە مىنى ھەرگىزمۇ يۇقارقى ئىنكاس سەۋەبى بىلەن چەكلىمىگەن بولىشى مۇمكىن . يىقىندىن بىرى يىڭى تەخىتكە چىققان بىر قانچە مۇئەككەللەر بىلەن پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقماي دائىم زىل تېمىلاردا دوقۇرشۇپ قالاتتۇق . بەلكىم شۇ مۇئەككەللەر مەقسەتلىك ھالدا ئۆچىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن مىنى چەكلەپ قويغان بولىشى مۇمكىن .



35

تېما

2

دوست

4705

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 78
تۆھپە : 1490
توردىكى ۋاقتى: 401
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 23:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل يازمىكەن!

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

9118

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   82.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 622
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1730
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 00:07:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالىدىغان ئشلاركەن جۇمۇ بۇ،،،،،،،ياخشى تىمىكەن.

1

تېما

4

دوست

2502

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11798
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 687
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 00:34:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-4 22:40
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم:

بىز خوتەنلىكلەر پاقىنى قومچاق دە ...

پاقىنى پاقا دەيتمىز، پاقىنىڭ بالىسىنى قۇمچاق دەيتمىزا ئەينا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )