قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2924|ئىنكاس: 10

ۋاز  كېچىشنى  ئۈگىنىۋېلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 2942
توردىكى ۋاقتى: 2303
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 16:37:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                   ۋاز  كېچىشنى  ئۈگىنىۋېلىڭ

      سۆيگۈ - مۇھەببەت  ھەرقانداق  لەززەتلىك  ۋە  كىشىنى  مەھلىيا  قىلىدىغان  بولسىمۇ  ،  ئەمما  ئۇنى  ۋاقتى - ۋاقتىدا  پەرۋىش  قىلىپ  تۇرمىغاندا  ۋە  ئىككىلا  تەرەپ  تەڭ  ئەھمىيەت  بەرمىگەندە  ،  ئارىدىكى  ھېسىيات  سۇسلىشىپ  ياكى  باشقا  ياققا  بۇرۇلۇپ  كېتىشى  مۇمكىن  .   ياكى  مۇھەببىتىڭىز  سىزگە  تۇيۇقسىزلا  بىۋاپالىق  قىلىپ  ،  باشقا  بىرىنى  تېپىۋېلىشى  مۇمكىن  .   بۇنداق  چاغدا  ،  سىز  بىر  ئادەم  ھەرقانچە  تىرىشچانلىق  كۆرسەتكەن  تەقدىردىمۇ  ،  مۇھەببەتنى  قۇتقۇزۇپ  قالالىشىڭىز  ناتايىن  .  شۇڭا ،  بۇنداق  چاغدا  ئەڭ  ياخشىسى  مۇھەببەتتىن  دادىللىق  بىلەن  ۋاز  كېچىڭ  .
     بەزى  چاغلاردا  سىزنىڭ  ياكى  ئوبىكتىڭىزنىڭ  سەۋەنلىكلى  تۈپەيلىدىن  ،  سۆيگۈ - مۇھەببەت  سىزدىن  بەكلا  يىراقلىشىپ  كېتىشى  مۇمكىن  .  بۇنداق  چاغدا  ،  سىز  ئۇنى  ھەرقانچە  قوغلاشقان  بىلەنمۇ  يېتەلمەي  ئارماندا  قېلىشىڭىز  مۈمكىن  .  شۇڭا ،  ئەڭ  ياخشىسى  بۇنداق  مۇھەببەتتىن  ۋاز  كېچىشىڭىزگە  توغرا  كېلىدۇ  .  ئەگەر  ۋاقتىدا  ۋاز  كەچمىسىڭىز  ،  سىزگە  ئاز  بولمىغان  ئاۋارىچىلىقلارنى  كەلتۈرۈپ  قويىشىمۇ  مۇمكىن  . 
     مەلۇم  بىر  تېخنىكوم  مەكتەپتە  ئوقۇيدىغان  قىز - يىگىت  قىزىقىشىنىڭ  ئوخشاشلىقى  ،  بىر - بىرىگە  كۆيۈنىدىغانلىقى  بىلەن  بىر -  بىرىگە  كۆڭۈل  بېرىشتى  .  ئۇلار  مەكتەپنى  شېئىردەك  گۈزەل  مەنىلەرگە  تولدۇرۇپ  ئۈچ  يىلنى  توشقۇزدى  .  مەكتەپ  پۈتكۈزگەندىن  كېيىن  قىز  بىلەن  يىگىت   ئايرىم -  ئايرىم  مەكتەپلەرگە  تەقسىم  قىلىندى  .  شۇنداقتىمۇ  ئۇلارنىڭ  مۇناسىۋىتى  ئىنتايىن  يېقىن  ئىدى  .  ئۇلار  كەلگۈسى  بىر  ئىككى  يىل  ئىچىدە  توي  قىلىشقا  پۈتۈشتى  .  شۇ  ئەسنادا  قىز  بىلىم  ئاشۇرۇشقا  بارىدىغان  بولۇپ  قالدى  .  ئۇلار  مەسلىھەتلىشىپ  ،  بۇ  قىممەتلىك  پۇرسەتنى  قەدىرلەشنى  ،  توينى  قىز  ئوقۇش  پۈتكۈزۈپ  كەلگەندىن  كېيىن  قىلىشنى   پۈتۈشتى  ،  شۇنداق  قىلىپ  قىز  ئوقۇشقا  كەتتى  .  بىر  مەۋسۈمگىچە  سۆيگۈگە  تولغان  خەتلەر  ئارىدا  ئۈزۈلمىدى  .  ئەمما  بىر  مەۋسۈمدىن  كېيىن  قىزدىن  خەت - خەۋەرمۇ  بولمىدى  .  يىگىت  ئۇنى  ئىزدەپ  چىققان  بولسىمۇ  ،  قىزنىڭ  ئىدىيە  جەھەتتىن  بەك  ئۆزگىرىپ  كەتكەنلىكىنى  ،  غەيرى  كىشىلەر  بىلەن  قويۇق   ئارىلىشىدىغانلىقىنى  بىلىپ  قالدى  ۋە  ھەسرەتلەنگەن  ھالدا  قايتىپ  كەلدى  .  شۇنىڭدىن  كېيىن  يىگىت  كۈنلىرىنى  ھاراق  ئىچىش  ،  قايغۇلۇق  ناخشىلارنى  ئېيتىش  بىلەن  ئۆتكۈزىدىغان  بولۇپ  قالدى  .  بىر  نەچچە  يىل  ئۆتكەندە  ،   يىگىت  نېرۋىسىدىن  ئادىشىدىغان  بولۇپ  قالدى  .  ئۇ  بالىلارغا  ياخشى  دەرس  بېرەلمىگەچكە  ،  مەكتەپتىنمۇ  توختۇتۇپ  قويۇلدى  .  ئەمدى  ئۇ  بىر  كېرەكسىز  ئادەمگە  ئايلىنىپ  قالغانىدى  .........
       يۇقىرىدىكى  ۋەقەلىكتە  ،  يىگىت  قىز  بىلەن  بولغان  مۇھەببىتىنىڭ  ئەمدى   داۋاملاشمايدىغانلىقىنى  بىلىپ  يەتكەن  بولسىمۇ  ،  ئۇنىڭدىن  ۋاقتىدا   ۋاز  كېچەلمىگەن  ،  ھەسىرەت  چەككەن  ،  دەردىنى  ھاراقتىن  ئالماقچى  بولغان   ،  ئەمما  ئاخىرىدا  ئۆزىنى  تۈگەشتۈرىۋالغان   .
      شۇڭا  ،  بۇ  قىسقىغىنە  ھاياتلىقتا  ،  قانداق  قىيىنچىلىققا  يولۇقماڭ  ،  ئۆزىڭىزگە  پۇختا  بولۇشنى  ئۇنتۇماڭ  ،  بولۇپمۇ  مۇھەببەت  ئەيۋەشكە  كەلمىگۈدەك  ھالغا  كېلىپ  قالغاندا  ،  ئۇنىڭدىن  دادىللىق  بىلەن  ۋاز  كېچىشنى   ئۈگىنىۋېلىڭ  . 
     
                  مەنبە  :    ئازاپ   دېڭىزىدىن  قۇتۇلۇڭ  دىگەن  كىتاپتىن   .

5

تېما

0

دوست

4628

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1794
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 917
تۆھپە : 799
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 19:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا جىياڭ جېيېشىنىڭ بىر تاكتىكىسى بارغۇ«ئىلگىرلەش ئۈچۈن چېكىنىش» دەپ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

http://risaletmerdan.blogbus.

58

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6204
تۆھپە : 4009
توردىكى ۋاقتى: 4240
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 19:43:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاز كىچىش يېڭى پۇرسەتلەردىن دېرەك بىرىدۇ. مەن ۋاز كىچىشنى بىر خىل ئىقتىدار دەپ بىلىمەن.

30

تېما

5

دوست

7295

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1679
تۆھپە : 1077
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 01:36:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاز  كېچىش  ھۆكۈم  ئىقتىدارىنىڭ  يۇقىرلىقىدىن  بولىدۇ،شۇڭا  ئىككىلىنىشكە  قارىغاندا  ۋاز   كېچىش   كۈچلۈكرەك...

5

تېما

0

دوست

2033

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 402
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 465
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 09:45:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاز كېچىش بىرخىل پاراسەت،يىتەرسىزلىك بىر خىل شاپائەت .

1

تېما

0

دوست

1388

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2131
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 330
تۆھپە : 199
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 15:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كۆرۈشنى ،ئېرىشىشنى بىلىپ ،قەدىرلەشنى بىلمىگەن ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنچىۋالا تۈگەشتۈرىۋېلىشقا ھەرگىز ئەرزىمەيدۇ ،نېمە قىلىدۇ ئىككى كۈنلۈك ئالەمدە ئۆزىنى ئۇنداق قىيناپ ؟ ئادەم  دېگەننىڭ  بېشىغا  نىمە كۈنلەر كەلمەيدۇ ، بىر ئادەم ئۈچۈن مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قېلىش كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇنلىغان سىناقلار ، بوران -چاپقۇنلار  ئىچىدىكى ئىنتايىن ،ئنتايىن كىچىك بىرقىسىمى خالاس .  قەيسەررەك بولۇش كېرەك . يىغلاڭغۇلۇقتىن ھېچنەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدىكەن .

0

تېما

0

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20322
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 00:16:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاز كىچىشنى بىلمىگەن كىشىلەر بىر ئۇمۇر ئازاپ ئىچىىدە ۋەياكى پۇشايمان ئىچىدە ئۇتىدۇ.

4

تېما

0

دوست

1282

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19287
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 11:56:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرقى ئىنكاس ناھايتى ئۇرۇنلۇق ،ئەگەشتىم !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )