ھاۋشىمايدىغان كۈچۈك
(ھېكايە)
تىلىۋالدى تىرەك بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كىچىك ئوغلى تۇرغۇنجانغا يېزا مەركىزىدىكى بازاردىن بىر قۇر كىيىم ئىلىپ بىرىپ، كۈن ئولتۇراي دىگەندە ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ھويلا دەرۋازىسىنىڭ قېقىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆيدىكىلەر دەرۋازىنى ئاچتى. تىلىۋالدى تىرەكنىڭ ئۆيگە كەلگەنلىكىنى بىلگەندەك ھويلىدىكى كونا قوتاندا ياتقان ئېشەكمۇ ھاڭراپ، كالىمۇ مۆرەپ مەھەللىدىكلەرگە ئۆيگە ئادەم كەلگەنلىكىنى خەۋەرمۇ قىلىۋەتتى. تىلىۋالدى تىرەككە بەك ئامراق كۈچۈكىمۇ ھويلىغا پەيدا بولدى،-دە ئۇدۇل تۇرغۇنجاننىڭ قىشىغا بىرىپ بىللە ئوينايدىغاندەك قىياپەتتە قۇيرۇغىنى شىپپاڭشىتتى. تىلىۋالدى تىرەك قولىدىكى سومكىلارنى پېشايۋاننىڭ سۇپىسىغا قوياي دەپ تۇرشىغا بالىسى تۇرغۇنجاننىڭ <ۋايجان> دېگەن ئاۋازى ھەممەيلەننى چۈچۈتۈۋەتتى. _ پۇتۇمنى كۈچۈك چىشلىۋالدى ۋايجان، ماۋۇ كۈچۈك چىشلىۋالدى، تۇرغۇنجاننىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغان مەھەللىدىكىلەر ھويلىغا يۈگۈرىشىپ كەلدى، تۇرغۇنجانىڭ پۇتىدىن قان ئېقىۋاتاتتى . _ بالىنى ئۆيگە ئىلىپ كىرىپ پۇتىنى تېڭىڭلار!،- دەپ ۋاقىرىدى تىلىۋالدى تىرەك. بالىنىڭ پۇتى تىڭىلغان بولسىمۇ يىغىسى توختىمىدى، بالىنىڭ يىغىسىغا چىدىمىغان دادىسى ئامال قانچە، ئاخىرى ھەقەمسايىسىنىڭ ئۈچ چاقلىق توكلۇق ھارۋىسىدا تۇرغۇنجاننى يېزا مەركىزىدىكى دوختۇرخانىغا ئىلىپ باردى. دوختۇرلار ئەستايىدل تەكشۈرۈپ پەي تومۇرى ئۈزۈلگەنلىكىنى، پەينىڭمۇ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىنى ھازىرلا ئوپراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. يېزا دوختۇرخانىسىدا بۇنداق نازۇك ئوپراتسىيەنى قىلىش ئىمكانىيتى بولمىغاچقا، تىلىۋالدى تىرەك ۋە مەھەللىدىن بىللە كەلگەنلەر تۇرغۇنجاننى ناھىيىدىكى خەلق دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ باردى. ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىكىلەرمۇ يېزا ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالىتىگە ئاساسەن ئۇيان-بۇيان قارىماستىن بالىنىڭ پۇتىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئازادە ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ داۋالاش ئىلىپ باردى. دوختۇرلارنىڭ داۋالىشى ئەستايىدىل بولغان بولسىمۇ تۇرغۇنجاننىڭ پۇتىدىكى زەخمىلىنىش نازۇك يىرىدە بولغاچقا تۇرغۇنجاننىڭ پۇتى تىز ئەسلىگە كىلەلمىدى، دوختۇرخانىدا بىر ئايدىن ئارتۇق داۋالىنىپ ئاران ماڭىدىغان بولدى، دوختۇرلار ئۆيگە بىرىپ مەلۇپ مەزگىل ئارام ئىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.- _ دوختۇرلارغا رەخمەت، بالام ھەر ھالدا ماڭغىدەك بولدى، ئەمما بىر ئىش مىنى بەك گۇمانغا سىلىپ قويدى،-دېدى تىلىۋالدى تىرەك. _ نېمە ئىش؟_ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى. _ ئاۋۇ لالما كۈچۈكنىڭ ھاۋشىماي كىلىپلا بالامنى چشلىۋالغىنىنى دەيمىنا: بۇ كۈچۈكنىڭ ئانىسىمۇ ھەر ھالدا ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئادەم كەلسە ياكى بىر شەپە ئاڭلانسا ھاۋشىپ ئۆيدىن ئادەم چىقاندا ئاندىن توختايتى. بۇ لالمىنىڭ دادىسىمۇ ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىقىسىگە ئىلىپ بارسام مۇسابىقىلىشىدىغان دۈشمىننى كۆرسە ھاۋشىماي تۇرالمايتى. ئاۋۇ ھاراملىق كۈچۈكنىڭ بالامنى كۆرگەندە قۇيرۇغىنى شىپپاڭشىتىپ كىلىپ ھاۋشىماي ئۇنى چىشلەپ زەخمىلەندۈرۈشى مىنىڭ گۇمانىمنى قوزغاپ قويدى،_ دېدى غەزەپلەنگەن ھالدا تىلىۋالدى تىرەك. _ تىلىۋالدى ئاكا، باللىرىغا بايراملىق كىيىم ئىلىپ بىرىپ كۈچۈككە ئىلىپ بەرمىگەچكە باللىرىنى چىشلىگەن گەپ، ئۇ كۇچۈككىمۇ ھىچ بولمىغاندا قاسساپلار تاشلىۋەتكەن بىرەر تال بەز بولامدۇ ياكى پايخان سۆڭەك بولامدۇ ئالغاچ كىلىپ بەرگەن بولسىلا باللىرىنى چىشلىمەيتى،_ دېدى قوشنىسى مۆمىنجان. مۆمىنجاننىڭ بۇ گىپىگە باشقىلار كۈلۈشتى. _ ئاشۇ كۈچۈك توغرا قىلغان، نېمىشقا دىگەندە تىلىۋالدى ئاكام كۈچۈككىمۇ بايراملىق كىيىم ئىلىپ بىرىشى كېرەك ئىدى، _ دېدى يەنە بىرەيلەن. تىلىۋالدى تىرەك بالىسىنى ئۆيگە ئىلىپ كەتتى. دوختۇرخانا ئالدىغا يىغىلغانلاردىن بىرەيلەن: _ تىلىۋالدى ئاكامنى نېمىشقا تىلىۋالدى تىرەك دەيدۇ؟،_ دەپ سورىدى دوختۇرخانا باشلىقىدىن. دوختۇرخانا باشلىقى تىلىۋالدى تىرەك دېگەن لەقەمنىڭ تارىخى كىلىپ چىقىشىنى تولۇق بىلەتتى. _ بۇ مۇنداق ئىش، تىلىۋالدى تىرەكنىڭ دادىسىنى توختى تۈگمەن دەيتۇق. چۈنكى توختى تۈگمەننىڭ ئۆيى مەھەللىدىكى كونا تۈگمەننىڭ قىشىدا ئىدى. كېيىن ئۇن زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇپ بۇ تۈگمەن ئشلىتىلمەي ئۇنىڭ ئورنى ئۆزگەرتىۋېتىلدى. توختى تۈگمەننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا دادىسىدىن قالغان قاپاق تېرەكلەر بار بولۇپ، ئۇ تېرەكلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يوغىناپ يىراقتىن كۆرۈنىدىغان بولغان. كىشىلەر بۇ مەھەللىنى باشقا مەھەللىلەردىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن قاپاق لەنگەر دەپ ئاتاشقان. توختى تۈگمەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوغلى تىلىۋالدى ئاخۇن چوڭ بولۇپ كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولدى، بۇ مەھەللىگە تىلىۋالدى تىرەكنىڭ مەھەللىسى، تىلىۋالدى ئاخۇننى تىلىۋالدى تىرەك دەپ ئاتاشتى. كىشىلەر تىلىۋالدى تىرەك دەپ زاڭلىق قىلغاندەك ئاتاشقان بولغاچقا، تىلىۋالدى ئاخۇن بۇ تىرەك ماڭا لەقەم بولۇپ قالمىسۇن دەپ ھېلىقى يوغان قاپاق تېرەكنى كېسىۋەتكەن ئىدى. كىشىلەر يەنە تىلىۋالدى كۆتەك دەپ ئاتىدى، كۆتەكنى كولىۋەتسە تىلىۋالدى ئورەك دەپ ئاتىدى، ئورەكنى تىندۇرۋەتسە تىلىۋالدى تىندۇرما دەپ ئاتىدى. تىلىۋالدى تىرەكنىڭ ئويى توغرا يولنىڭ دوقمۇشىدا بولغاچقا، تىلىۋالدى تىرەك تېرەكنى كىسىپ يوقاتتى، تىلىۋالدى تېرەكمۇ قېرىدى، ئەمدىكى مەسىلە ئۇنىڭ ھېلىقى ئىت چىشلىۋالغان بالىسى چوڭ بولغاندا مەھەللىدە شۇ قالىدۇ، شۇڭا بۇ مەھەللىگە تۇرغۇن دوقمۇش مەھەللىسى دېگەن ئىسىمنى قويايلى، تۇرغۇنجاننى تۇرغۇن دوقمۇش دېسەك بولىۋىردۇ، دەپ مۇزاكىرە قىلغان، مىنىڭ توختى تۈگمەن، تىلىۋالدى تىرەك، تۇرغۇن دوقمۇش ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم شۇنچىلىك._ گېپىنى توختاتتى دوختۇرخانا باشلىقى. _ ئاجايىپ ئىشلاركەن، ئاجايىپ دېيىشكىنىچە دوختۇرخانا ئالدىغا يىغىلغانلار تارقىلىپ كىتىشتى. تىلىۋالدى تىرەك بالىسىنىڭ ئاقساپ مىڭىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدى<< ھەي ئېشەك، شۇڭا ساڭا نوختا سالغان بىز، ھەر كۈنلىكى ئۈچ ۋاخ ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك، ئېشەك ئۇ بەرىبىر ئېشەك. ھەي كالا، شۇڭا سىنىڭ بوينىڭغا بويۇنتۇرۇق سىلىپ، قوشتىن_قوشقا، قوشتىن چىقساڭ سۆرەمگە سالغان بىز. ھەي ئىت، سىنىڭ شۇنداقلىغىڭدىن زەنجىردە باغلاپ، يالاققا يۇندە قۇيۇپ سۆڭەك بىرىپ باققان بىز. ئەمدى باغلاقتىن بوشۇتۇپ ھويلا ئەتراپىدا ئەركىن يۈرسۇن دىسەم ھاۋىلداپمۇ قويماي بالامنى چىشلىدىڭ، سەن توغرا قىلدىڭ كۈچۈك. چۈنكى مەن ساڭا يالاقنى يالاشنى، سۆڭەكنى غاجاشنى، رەقىبىڭنى تالاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، سىنىڭ جاجاڭ يەنىلا باغلاق، ياتار جايىڭ قاراڭغۇ قاۋاق، يەيدىغىنىڭ چىۋىندىن ئاشقان تاماق. ھەي ھاۋشىمايدىغان كۇچۈك، ئانا-دادىسىنى دورىمىغان كۈچۈك. سەن ھاۋشىمىساڭ ئىتنىڭ بالىسى دىگىلى بولامدۇ؟ بەلكىم سەن ھارامدىن بولغان كۈچۈك ... >> تىلىۋالدى تىرەك قوللىرى تىتىرگەن ھالدا بۇ كۈچۈكنى ئىشىك ئالدىدىكى تۈنۈگۈنلا كېسىۋېتىلگەن قاپاق تىرەكنىڭ كۆتىكىگە زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇپ، بالىسىنى يىتىلەپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى. ماڭا يۇقارقى تەپسىلاتلار قازاق يازغۇچىسى تاڭجارىقنىڭ :
كۈچۈك بىقىپ ئىت ئەتسەم، چىشلەپ پۇتنى قاناتتى، مەرگەن قىلىپ ئۆگەتسەم، ئوقيا بىلەن مىنى ئاتتى.
دىگەن شىئېردىكى مەزمۇنلارنى ئەسلەتتى.مەنمۇ شۇنداق دېدىمكى: ھەي ھاۋشىمايدىغان كۈچۈك، سەن ھاۋشىمىساڭ سىنى ئىتنىڭ بالىسى دىگىلى بولامدۇ؟.
(مەخەت ئابدۇرېھىم)
|