جوڭگو تارىخىدىكى 4 قېتىملىق غەربىي رايوننى ئېچىش
(مۇھەممەت ئەيسا تەرجىمىسى)
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ،جوڭگونىڭ خەن ،تاڭ،يۇەن،چىڭ سۇلالىسىدىن ئىبارەت بىر قانچە سۇلالە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك غەربىي رايونغا بولۇپمۇ ھازىرقى شىنجاڭ ۋە شىزاڭ رايونلىرىغا قارىتا كۆلىمى زور بولغان ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان .ئىلگىرى ئۆتكەن ئاچقۇچىلارنىڭ ئىزلىرىغا قارايدىغان بولساق ،بۇلار بىزنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىشىمىزغا زور ئىلھاملارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە
جاڭچىيەن غەربىي رايونغا ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە بارغان ،ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە غەربىي رايون قاتناش ئالاقىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بىۋاستە ئالاقىلىشىنى ئورنىتىپ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئېچىش ۋە تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى.مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربىيخەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايونىدا «قۇرۇقچى بەگ»مەھكىمىسى تەسىس قىلىشى غەربىي رايوننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تاماملىغان ئىدى.مۇشۇنىڭ ئالدى- كەينىدە غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئېچىش،تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئەمەللەشتۈردى.بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ،چىگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلىش خەنزۇ ئەسكەر ۋە خەلىقلەرنى تەشكىللەپ غەربىي رايونغا كىرگۈزۈپ ئەسكەرتۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ،چىگرا رايوننى قوغداغش بولسا خەن دەۋىرىدە غەربىي رايوننىي باشقۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي خىزمەت ئىدى .تارىخىي ماتىرياللارداخاتىرلىنىشكە ئاساسلانغاندا غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي رايوننى ئاچقان 100يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئەسكەرلەر 500مۇدىن كۆپرەك قاقاسلىقنى ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلغان ،بۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاشلىق مەسىلىسى ھەل بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنى كىرگۈزۈپ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن .
تاڭ سۇلالىسى دەۋىرىدە
غەربىي رايوننى ئېچىش يەنە بىر يېڭى باسقۇچقاكىرگەن .دائىرە جەھەتتىن قارىغاندا ئىلگىركى ئېچىش ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭغامەركەزلەشكەن ،لېكىن تاڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى غەربىي رايوننى ئېچىش شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تارقالغان،جەمىي 11چوڭ بوز يەر ئېچىش رايون بارلىققا كەلگەن.ۋاقىت جەھەتتىن ئالغاندا تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى ئېچىش پائالىيىتى 161يىل داۋاملاشقان بولۇپ ،ئالدىنقى ھەر قايسى سۇلالىلەردىن ئېشىپ چۈشكەن .ئادەم سانىجەھەتتىن غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى بوز يەر ئاچقۇزۇشقا كەلگەن ئادەملىرى تەخمىن يىگىرمە مىڭ كىشى ئەتراپىدا بولغان .ئەمما تاڭ سۇلالىسى دەۋىرىدە غەربىي رايوندابوز يەر ئاچقۇچ ئەمەلدارئەسكەر سانى50مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن .تاڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئېچىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك بىر قانچە ئالاھىدىلىك بار . بىرىنچىدىن: ناھايىتى مۇكەممەللەشكەن ئارمىيە،مەمۇر باشقۇرۇش ئاپاراتىنى قۇرۇپ چىققان .بۇ مەركەزنىڭ مەمۇرىي ،ھەربىي بۇيرۇقلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە ،يەنە ئېچىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىق بولغان . ئىككىنچىدىن :ئۇنۋېرسال ئېچىشقا ئېتىبار بېرىپ ھەممە تەرەپلەردىن تەڭ ئېچىشنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرغان .يەر شارائىتىغا ئۇيغۇن بولغان بوز يەر ئېچىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ،پۇقرالارنى بوز يەر ئېچىشقا جەلىپ قىلىپ پۇقرالارغا يەرنى ئىجارىگە بېرىش ،بۆلۈپ بېرىش تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەن ،ھەربىي جەھەتتىن ئەسكەر بىلەن دېھقاننى بىرلەشتۈرۈشتەك ھۆكۈمەت ئەسكىرى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ھەربىي قىسىملارغاچىگرىنى قوغداش بىلەن بوز يەر ئېچىپ ئاشلىق تېرىشتەك قوش ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدۇرغان. ئۈچىنچىدىن :ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەتىگەھۆرمەت قىلىپ مىللىي كەمسىتىش يۈرگۈزمىگەن ،يۇقىرىدىكى بىر قاتار تەدبىر ۋە سىياسەتلەرتاڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى ئېچىشتىكى 2-قېتىملىق يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىغان.
ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ
|