قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5852|ئىنكاس: 57

ئىچكىرىدىكى سىتودېنتلارغا مۇراجەت!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 21:13:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىچكىرىدىكى سىتودېنتلارغا مۇراجەت!



    ھازىرقى دەۋېر قانداق دەۋېر ؟ سىتودېنتلارنىڭ زىممىسىدە يەنە قانداق ۋەزىپىلەر بار؟مىللەت يەنە نىمىگە مۇھتاج؟مىللىتىمىز بىزنى نېمە ئىش قىلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ؟ بىز نىمە ئۇچۇن ئوقۇيمىز؟بىز نىمە ئۇقۇشىمىز كىرەك؟........ مىنىڭ بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئاتىكاچچىلىق قىلىپ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئىمتىيازىم يوق.پەقەت ھەممەيلەن بۇ توغۇرلۇق ئۇيلۇنۇپ باقساڭلار كۇپايە!
     يېقىندا گۈلەن ئەپەندىنىڭ"ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇلار: مەسىلە ۋە مۇلاھىزە "دىگەن ماقالىسىدە ئىچكىرىدىكى كۆپلىگەن ئالى مەكتەپلەردە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان نۇمۇر سىزىقىنى 36نۇمۇر ،45 نۇمۇر ياكى50 نۇمۇر.... قىلىپ بىكىتىلگەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغاندا ھەرخىل ئىنكاسلار ئوتتۇرغا چىققان ئىدى.بەزىلەر بۇنداق سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كىرەك دىسە ،يەنە بەزىلەر ئۆزىنى ئاقلاپ بۇنداق سىياسەت بولسىمۇ ھەممەيلەن ئاساسەن 60 تىن يۇقىرى ئالىدۇ دىدى. "تەكشۇرۇش قىلماي تۇرۇپ،پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ"دىگەندەك.مەنمۇ مۇشۇ مەسىلەنى چۆرىدەپ مەلۇم بىر مەكتەپتە كىچىككىنە تەكشۇرۇش ئېلىپ بادىم.جەمى 70 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ"سىز مەكتىپىڭىزدىكى بۇ خىل ئىمتھاندا نۇمۇر سىزىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان سىياسەتكە قانداق قارايسىز؟" دىگەن سۇئالغا %30قوشۇلمايمەن،%29قوللايمەن،%41بەرىبىر دەپ جاۋاپ بەرگەن.
      شۇ ئارقىلق بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ تۈرگە بولدىم.1.تۈر:بۇ خىل ئېتبارغا قارشى تۇرغۇچىلار 2.تۈر:بۇ خىل ئىتبارنى قوللىغۇچىلار3.تۈر:بەرىبىر دىگۈچىلەر.بۇ ئۈچ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتى،كەسىپىگە بولغان قىزىقىشى قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك پەرىق بارلىقنى بايقىدىم.
      مەيلى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى بولسۇن،مەيلى كەسىپكە بولغان قىزىقىشى بولسۇن،بۇ خىل ئېتبارغا قارشى تۇرغۇچىىلارنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسى يۇقىرى ئىكەن.ئەمما بۇ ئېتبارنى قوللىغۇچىلارنىڭ مەيلى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى بولسۇن،ياكى كەسىپكە بولغان قىزىقىشى بولسۇن ھەممىدىن تۆۋەن.بۇ بەلكىم بۇ ئىتبارنى قوللىغۇچىلارنىڭ نىمىشقا بۇ خىل ئېتىبارغا مۇھتاج بوپقالغانلىقىغا بىر خىل جاۋاب بولىشى مومكىن.
       ئەمدى ئۈگۈنۈش نەتىجىسى بىلەن ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى ۋە كەسىپكە بولغان قىزىقىشى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆزەتكىنىمدە ئالدىنقى بىر مەۋسۇمدا ھەممە پەندىن 60 دىن يوقىرى ئالغاللارنىڭ ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى ۋە كەسىپكە بولغان قىزىقىشى يەنىلا يۇقىرى،بەزى پەنلەردە 60بىلەن ئىتبار نۇمۇرى سىزىقى ئوتتۇرسىدا ئالغانلار ۋە ئىتبار نۇمۇرى سىزىقىدىنمۇ تۇۋەن ئالغانلارنىڭ ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى ۋە كەسىپكە بولغان قىزىقىشى يەنىلا تۆۋەن .

         بۇ خىل ئېتبار سىياسىتى ئەسلىدە ئاسىاسى ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بولسا بولاتتى،ھازىر بۇ خىل ئېتبار تىرىشماسلىققا سەۋەپ بوپتۇ.بۇ خىل ھالەتنى كۆزدە تۇتۇپ مەن يۇقىرىقى دوكلاتنى شۇ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە سۇندۇم.ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن بۇ خىل ئېتبار سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى باشقىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشنى ،ئاساسى ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم سىنىپ تەشكىللەپ ئايرىم كۈچەيتىش مەشىقى ئېلىپ-بېرىشنى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۇرىدىغان ھەرخىل پائالىيەت سەھنىلىرىنى ھازىرلاپ بىرىشنى(مەسىلەن :ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش،ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق شەخىسلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ لىكسىيە ئورۇنلاستۇرۇش دىگەندەك) تەلەپ قىلدىم.ئەمما قىزىق يىرى مەكتەپ رەھبەرلىكى تېخى ئىنكاس قايتۇرماستا،شۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالدى.بەزىلىرى بۇ خىل تەلەپكە قەتئىى قارشى ئىكەنلىكىنى ھەرخىل ئۇسۇللاردا ماڭا بىلدۇردى،ھەتتا مۇشۇ مەكتەپكە كىلىپ ئوقۇغۇسى بار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار)مۇ ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ ئۈلگۈردى. بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە ئەگەر بۇ خىل ئېتبار سىياسەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا كەلگۈسىدە بۇ مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويغانلىق بولارمىش،ئەگەر ئۇلار مۇشۇ سەۋەپتىن ئوقۇش پۇتتۇرەلمىسە ئاتا-ئانىسىغا يۇز كىلەلمەيمىش.يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشچە ھازىر ئالى مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ھېچقانداق ئىشلىتىلىشى بولماسمىش.......
كۆپچىلىككە ئايان بۇ بىرلا مەكتەپنىڭلا ئىشى ئەمەس ،ئىچكىردىكى نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەردە بۇ خىل ئوخشاش ھالەت مەۋجۇت.سىلەردىن سورايدىغىنىم،ھەممەيلەن ئۆزىڭلارنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار،بۇ زادى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولسا ئۇنداقتا قانداق ھەل قىلىمىز؟بىز قانداق قىلساق ئاتا-ئانىمىزغا يۇز كىلەلەيمىز؟قانداق قىلساق كەلگۇسى ئەۋلادلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويمايمىز؟مۇنبەردىكى ئاتا -ئانىلار: ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ قانداق ئوقۇشىنى ،قانداق ئۇقۇش پۇتتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىسىلەر؟مۇنبەردىكى مائارىپچىلار سىلەرچە بۇ خىل ئىتبار ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرلەنى كۆرسىتىدۇ؟  

مۇنبەردىكى دوستلار ئىچىدە ئىچكىرىدە ئوقۇپ باققان ياكى ئۇرۇق-تۇققان،دوستلىرىڭىلارنىڭ مەكتەپلىرىدىكى
(بولسا مەكتەپ نامىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ)نۇمۇر ئۆلچەملىرىنى ۋە بۇجەھەتتىكى ئويلىرىڭلارنى دەپ باقساڭلار.

0

تېما

0

دوست

1260

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23855
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 13:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا ھىشقايسىڭلا گەپ قىلمايسىلە بۇ بىر قارشى تۇرۇشقا تىگىشلى مەسىلىكەنغۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

4226

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1342
توردىكى ۋاقتى: 491
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 13:36:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىر   يۇرىتتا   ئېككى   ئارال   بار   بولۇپ   ،    ھەر   ئېككى   ئارالدا    كىيىكلەر   ياشايدىكىن   ئەمما   بىر   ئارالدا   بۆرىمۇ   باركىن   .    بۆرە   بار   ئارالدىكى   كىيىكلەر   شۇنداق   ساغلام   شۇنداق   قاۋۇل   ياشاپ    ئەۋلات   قالدۇرۇپ    شۇ   ئارالدا    داۋاملىق   ياشاپ    كىلىۋىتىپتۇ   .   بۆرە   يوق   ئارالدىكى    كىيىكلەرنى    بولسا    ھەر   خىل   كىسەللەر   چىرماپ   نەسلى   قۇرۇش   گىردابىغا   بىرىپ   قاپتۇ    .

1

تېما

3

دوست

1765

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24972
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 560
توردىكى ۋاقتى: 445
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 14:03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپتە 50نۇمۇر ئىدى.ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا شىنجاڭلىق باللا دەرستە ئاجىز دەيدىغان قاراش ئېغىر.مەن بىرىنجى يىللىق ئالىي ئالگىبراسىدا 53 ئالغان.كىيىن مىنىڭ نۇمۇرۇمنى ئىتىبار قىلىپ 60قىلىپ قۇيۇپتۇ.باشقا 50نەچچە ئالغان باللا قايتا ئىمتىھانغا قاتناشىتى.مەن بۇنىڭدىن قاتتىق نۇمۇس قىلدىم.ئۆزەمگە ئوخشاش ئويدىكى باللىدىن بىرنەچچەيلەن مەكتەپكە نارازىلىق ئىلتىماس سۇنماقچى بولدۇق.بىراق بۇئىش ئىچىمىزدىلا كۆپۈككە ئايلاندى.قارشى تۇرىدىغانلار ناھايىتى جىق،قارشى تۇرۇش ئەمەس نۇمۇر چېكىنى تېخىمۇ تۆۋەنلەتسۇن ديدڭغانلار ناھايىتى كۆپ،«مەلۇم مەكتەپتە نۇمۇرنى يىلتىزدىن چىقىرىپ 10غا كۆپەيتىدىكەن»دەپ(نۇمۇر سىزىقى 36دىگەن گەپ).ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلايچۇ دەپ كارىم بولمىدى،تىرىشىپ ئوقۇدۇم،لىكىن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قاپتىمەن،مەن ئىمتىھاندا 60 نەچچە ئىلىپ سالدىمما،بولدى،باشقىلار ئىتىبار قىلغان گەپ دەپلا ئويلايدىكەن.خىزمەت ئىزدەيدىغان ۋاقىتتا،سىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىڭلار ئاسان،سىلەرگە ئىتىبار بار دەپلا چۈشىدۇ(.نەدە شۇنداق،كەمسىتمىسىلا دوپپىنى ئاسمانغا ئاتىمىز،سىنىپتىكى نان قېىپىى ،يۇرتىدا خىزمەت تاپالمىغان تاغار قېقىندۇرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئورۇنلارنى تاللاپ،ئىختىساسلىق بولۇپ كەتكىنىگە،يامان ئەمەس ئوقۇغان يەرلىك  بالىلارنىڭ شىنجاڭدىن خىزمەت تاپالماي ئىچكىرىدە قېلىشقا مەجبۇر بولاۋاتقانغا قاراپ ئىچىم قاتتىق ئاچچىق بولغان.)باشتا مەسخىرە قىلدى دەپ ئاچچىقلاندىم،ھازىرقارىسام ئۇلار راستلا شۇنداق ئويلايدىكەن.بۇنىڭ سەۋەبى دىمىسىمۇ ئازتولا مۇشۇنداق ئىتىبار سىياسەتلەر بار،يەنى بىرسى خاتا تەشۋىقات بەك جىق.نىمىلا بولسا «دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرگە بولغان ئىتىبار سىياسىتى» دەپ تەشۋىق قىلىدىكەن.يول سالسىمۇ ئىتىبار،دەريا چاپسىمۇ ئىتىبار،مەكتەپ سالسىمۇ ئىتىبار.رايوننى تەرەققى قىلدۇرۇش ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى شاپائەت دەپ تەشۋىق قىلىش خاتا.
مەن بۇخىل ئىتىبار سىياسەتلەرگە قارشى،ئۇ بىزنى تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالدۇرىدۇ.كۆرۈنۈشتە ئىتىبار قىلغان بىلەن قاتارغا ئالمايدۇ.مۇھىم مەسىلىدە سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزدىن گۇمانلىنىدۇ،ئىشلەتمەيدۇ.چوڭراق مەنپەت كەلگەندە سەن ئىتىباردىن پايدىلانغان ئەمدى بۇنىڭدىن بەھرىمان بولۇش سالاھىيىتىڭ يوق دەيدۇ.

1

تېما

1

دوست

904

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27291
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 14:29:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئشلارنى ھەل قىلمىز دەپ چاپقىلى بىر  يىل  بۇلاي  دىدى . بۇ  مەكتەپ  نىمنى  ئويلايدىكىن  تاڭ . ھەر خىل  سەۋەبلەرنى كۆرستىپ  ئارقىغىلا  سۈرۇدۇ .  

2

تېما

1

دوست

4417

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10928
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 221
تۆھپە : 1193
توردىكى ۋاقتى: 380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 15:42:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپتە ھازىر شىنجاڭلىقلارغا ئايرىم دەرس ئۆتىدۇ ،ئىتبار قىلدۇق دەپ ،ئىمتاھان سۇئالىنى ئايرىم چىقىرىپ بېرىدۇ ئاسانراق قىلىپ .ئويلاپ قالىمەن بىز بەك دۆتمۇ ياكى جاپادىن قورقىدىغانلارمۇ؟ بىز كېيىن ھېچ ئىش قىلمىساق ،پۇل مۇئاش كارتىمىزغا ئۇرىلىۋەرسە .....................................بىراق ھازىر رىقابەت دەۋرى دېگەننى ھېچكىم يادىغا ئالمايدىغان ئوخشايدۇ.

4

تېما

3

دوست

4654

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6538
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 338
تۆھپە : 1280
توردىكى ۋاقتى: 366
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 17:50:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خېخەي ئونۋېرسىتىدا،بىزنىڭ مەكتەپتە بۇنداق ئېتىبار يوق،نۇمۇر چۇقۇم 60تىن ئېشىشى كېرەك،بولمىسا لاياقەتسىز،بىرىنچى ،ئىككىنچى يىللىقتا بەزى دەرىسلەر شىنجاڭلىق،شىزاڭلىق،چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم سىنىپ ئېچىپ بېرىلىدۇ،‹ماتىماتىكا،فىزىكا،ئىنگىلىزتىلى ...›قاتارلىق پەنلەر،قالغان دەرىسلەر باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ئۆتىلىدۇ.

2

تېما

0

دوست

1863

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25440
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 566
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 22:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ ئىلمان سۇدا پاقا ئوينىتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىكەن ئەمىسە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )