ئارقا ئىشىك ( ساتىرا)
ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن پويىز قاتنايدۇ. (خەلق تەمسىلى)
بار ئىكەن،يوق ئىكەن زامانىمىزدا، ھەقىقەت تاج كىيگەن دەۋرانىمىزدا. بار ئىكەن بىر ئىشىك ئورنى نا ئېنىق، لىكىن ئۇ ئىشىكنىڭ خىرىدارى جىق. ئارقا ئىشىك دەيدىكەن ئۇنىڭ ئىسمىنى، كۆرگىلى بولماسكەن شەكلى،جىسمىنى.
ئېچىلار ئىكەن ئۇ بەزى سول ياندىن، كۆپىنچە ئارقىدىن،دالدا-پىنھاندىن. يوق ئىكەن ئېسىغلىق پەيزىسى ئۇنىڭ، يا پوستا ئەسكىرى نەيزىسى ئۇنىڭ. شۇڭا كۆپ كىشىلەر تاپالمايدىكەن، تاپسىمۇ ‹دىتى يوق›ئاچالمايدىكەن
بەك ئاسان تاپاركەن‹دىتى بارلىرى› ھوقوقى،تونوش،دوست،ئېپى بارلىرى). بىردەمدە پۈتتۈرۈپ ئىشىنى ئۇلار، ئوڭلاركەن مۈشكۈلى،بېشىنى ئۇلار. ئۇ نۇرغۇن نەرسىگە ئىكەن ھامىلدار تۇغۇپتۇ ھەتتا ئۇ نەچچە ئەمەلدار.
ئۇنىڭدىن نى ئىلمىي ئەرباپلار چىقمىش، نە ئىلمىي توم تۈرۈك كاززاپلار چىقمىش. بەزىلەر داشۆگە ئاشۇ ئىشىكتىن، غىپ قىلىپ چىقىشتى (ئارقا تۆشۈكتىن) كۆپلىرى تەلمۈرۈپ ئالدى ئىشىككە، بۆلۈنۈپ تەسەللى ئاتلىق بۆشۈككە. تەلمۇرە-تەلمۈرە كۆزلىرى تالدى، نەتىجە؛ ئاخىرى كوچىدا قالدى.
يوق ئىكەن ئۇ ئىشىك ئېچىلمىغان جاي، ئۇرۇغى بولمىسىمۇ چېچىلمىغان جاي. ئىدارە،ماگازىن ھەم دوختۇرخانا، گۆش دۇككان،ئۇن پونكىت،كىنو،ئاشخانا. ھەممىسى،ھەممىسى،ھەممىسىدە بار، قاتنايدۇ ئۇنىڭدىن مىڭلاپ خېرىدار.
بىردەرتمەن بىر يىلچە ئالدى ئىشىكتىن، ماڭدى ھەم كىردى ئۇ نەچچە تۆشۈكتىن. ئالدىغا ئۇچرىغان قانچە كادىرنىڭ، كوجاڭۇ،چۈيجاڭۇ ھەتتا نازىرنىڭ. قويمىدى ئارامى،ھەپىسىلىسىنى، ھەل قىلماق ئۈچۈن ئۆ مەسىلىسىنى. شۇندىمۇ ئىشىنى قىلالمىدى ھەل، (ئۇمۇ چوڭ ئېلىشتى قويۇۋەتمەي بەل)
كىيىن بىر تونۇشى كۆرسىتىپ ئەقىل، دىدىكى؛بۇرادەر ئىشنى مۇنداق قىل. جايلىدى بىر سومكا دوستى دىگەندەك، تولدۇرۇپ سوغىغا يىگەن- ئىچكەندەك. دەل مۇشۇ بىز دىگەن ئىشىكتىن ئۇنى، شۇڭغۇتتى چاققانلىق بىلەن بىر كۈنى. يۈرۈشۈپ كەتتى ئىش ئۇزۇن ئۆتمەستىن، ھەل بولدى ھەممىسى ھەپتە كۈتمەستىن.
بۇ ئىشىك ھەققىدە بولدى تولا سۆز، غەزەپلىك تىكىلدى مىليۇنلىغان كۆز. شۇ غەزەپ ياسىسا كۈچلۈك بىر دولقۇن، نەپرەتلەر ئوت ئېلىپ بولسا بىر يالقۇن، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلسا شۇنداق ئىشىكنى، تۈزلىسە تىندۇرۇپ ئەسكى تۆشۈكنى، قۇتۇلسا ئەل بۇ بىر بالا-ئاپەتتىن، بولاتتى خەلق رازى بۇ ئادالەتتىن.
مەنبە؛توي چاچقۇسى ناملىق شىئېىرلار توپلىمى ئاپتۇرى؛ غېنىزات غەييۇرانى.
|