قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5263|ئىنكاس: 35

ئۇيغۇرلاردىكى كىملىك كىرزىسى(ئۇمۇن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

16

دوست

3207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1028
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 05:30:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۇيغۇردىكى سالاھىيەت كىرزىسى

(ئۇمۇن)


     ئىنسان ئۆزلۈكنى تونۇش جەريانىدا ئەتراپىدىن مۇۋاپىقيەت شىرنىللىرىنى يىغىدۇ.مىللەتمۇ مۇئەييەن شارائىتتا مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆزلۈكنى تونۇشنى شەرىت قىلىدۇ.يەككە شەخىسكە نىسبەتەن مەن ئاتالغۇسى تەبىئىيلا سىرىتقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن سىلىشتۇرۇش ئىلىپ بارىدۇ.ئاخىرىدا شەخىسكە نىسبەتەن مەن كىم؟سوئالى كىشىلىك سالاھىيەتنى بەلگىلەيدۇ.
      ئومۇمىي مىللەتكە نىسبەتەن مەن كىم سوئالى ئىنتايىن موھىم.مىللەتكە نىسبەتەن ئوخشىمىغا ھەزارات(كۈلتۈر)،ئوخشىمىغان دىن،ئوخشىمىغان ئىدولوگىيە،ئوخشىمىغان جۇغراپىيىۋىي ئورۇن،ئوخشىمىغان ئىنتنىك تەركىپ،ئوخشىمىغان مەنپەئەت ئورتاقلىقى قاتارلىق ئامىللار سالاھىيەت بەلگىلەشىتە موھىم ئورۇن تۇتماقتا.بىر مىللەت يۇقارقى ئامىللار  ئاساسىدا بىر نەچچە سالاھىيەت بىلەن سالاھىيەتلىنىدۇ.مەسلەن ئامرىكا بىر خىرىستىيان جەمىيىتىدىن ئىبارەت دىنننىي سالاھىيەتتىن باشقا،دىمۇكراتىك دۆلەت ،غەرىپ دۆلىتى،شىمالىي ئامرىكا دۆلىتى،)ياۋرۇپا مىللىتى،ئىندىئان مىللىتى،نىگىر مىللىتى(دىن ئىبارەت ئىتنىك تەركىپنىڭ قوشىلىشىدىن شەكىللەنگەن ئامرىكان دۆلىتى،غەرىپ مەنپەئىتىدىكى يادرۇ دۆلىتىدىن ئىبارەت كۆپلىگەن سالاھىيەت بىلەن سالاھىيەتلىنىدۇ.
      سالاھىيەت مەيلى يەككە شەخىس ۋە مەيلى ئىجدىمائىي توپقا نىسبەتەن بولسۇن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.توغرا نىشان ۋە ئىستىراتىگىيىلىك پىلان كۆرسەتكۈچ تۈزۈش ئۈچۈن كۆپ قىرلىق سالاھىيەت ئەندىزىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.دۆلەت ۋە مىللەتكە نىسبەتەن سالاھىيەتتىن ئوبدان پايدىلىنىش ۋە سالاھىيەت ئارقىلىق مەنپەئەتكە ئىرىشىش ئىنتايىن موھىم.مۇرەككەپ سىياسىي كىلىماتتا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە قانداق ماسلىشىش مىللىي مەنپەئەتنىڭ ئىشقا ئىشىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل.ئۇيغۇر مىللىي تارىخىدىكى كۆپ قىرلىق ھۆكىمەتلەر مەسلەن ئەينى يىلى خوتەندە قۇرۇلغان  ھاكىميەت،ياقۇب بەگ ھاكىميىتى،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قاتارلىق دۆلەت ياكى دۆلەت تۈسىنى ئالغان غەيرىي ھاكىميەتلەر بولسۇن ھەممىسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەئەت كۈرشىدە قانداق ماسلىشىشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تىراگىدىيەگە ئايلاندى.مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن بۇرۇن سالاھىيەت بىكىتىش كىرەك.مەن مەن بولغانلىقىم ئۈچۈن سەن بىلەن مۇناسىۋەت باغلىيالايمەن.مىنىڭ مەنلىكىم سۇبىكتىم تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنسا كىم بىلەن مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش،ۋە كىمدىن قانداق مەنپەئەتكە ئىرىشىش ئۈستىدە گاڭگىراش پاتقىقىغا پىتىپ قالىمەن.ئۇيغۇر مىللىي تارىخىدىن ساۋاق ئىلىش ۋە ساۋاق ئىلىش جەريانىدا كەلگۈسى ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلەش ئىنتايىن موھىم.
       سالاھىيەتنى بەلگىلەش داۋامىدا تەڭشەلگەن سالاھىيەت چىگراسى مۇناسىۋەتنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاقلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىر ھاكىميەت ئاستىدىكى مىللەتلەردە ئوخشىمىغان سالاھىيەت تونىشى بولىشى مومكىن.ھەتتا بىر مىللەت ئىچىدىمۇ ئايرىم سالاھىيەت تەلەپ قىلىدىغان توپ ئايرىپ چىقىلىشى مومكىن.بۇ دۇنيا تارىخىدا تامامەن كۆرۈلگەن ھادىسە .مەسىلەن شىمالىي چاۋشەن بىلەن كورىيە دەل مۇشۇ خىل سالاھىيەت بەلگىلىشىدە چىگرا سىزىغان.ئۇلار سوۋىت ئىتىپاقى ئىدولوگىيە تاجاۋۇزى سەۋەپلىك بىر مىللەت ئىچىدە كومىنىزىم ۋە ئەركىن دىمۇكراتىيە ئوتتۇرسىدا سالاھىيەت بەلگىلگەن.ۋە شۇ خىل(تۆمۈر پەردە(بويىچە دۆلەت چىگرىسىنى بەلگىلىگەن.سۇداننىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى جەنۇپتىكى خىرىستىيان سالاھىيەتلىك كىشىلەر بىلەن شىمالدىكى مۇسۇلمان سالاھىيەتلىك كىشىلەر ئوتتۇرسىدا دىننىي سالاھىيەت چىگراسى سىزىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.بۇنۇڭغا ئوخشاش مىساللار كۆپ.
سالاھىيەت بەلگىلەش مىللەتنىڭ سىرىتقى ئالاقە سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ.ئۇنداقتا سالاھىيەت بەلگىلەش ئۈچۈن قايسى مەنبەنى چىقىش قىلىش كىرەك؟كۆپ قىرلىق سالاھىيەت بەلگىلەشتە قايسى سالاھىيەت يىتەكچى سالاھىيەت بولىدۇ؟قايسى سالاھىيەت مىللەت مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ؟
ئۇيغۇر مىللىي سىياسىي تارىخى،ئىدولوگىيە تارىخى،جۇغراپىيىۋىي موھىت،دىننىي موھىيىتى قاتارلىقلاردىن قانداق مۇناسىۋەت،توغرىسى قانداق سالاھىيەت مۇناسىۋىتى كەلتۇرۇپ چىقىرشىمىز كىرەك؟


1.ئۇيغۇر مىللىي تارىخىدىن سالاھىيەتكە نەزەر



      ھون ئىتىپاقى يىمىرىلگەندىن كىيىنكى ئۇيغۇر تارىخى كۆچۈش،بىرىكىش،قىتىلىش ،بۆلۈنۈش جەريانلىرىنى بىشىدىن كەچۇردى.كۆكتۇرۇك خانلىقىدىن كىيىنكى ئۇيغۇر-ئورخۇن خانلىقى  ۋە قارخانىلار سۇلالىسى ،ئاندىن سەئىدىيە تۈرۈك ئاتالغۇسىنى مىللەت نامى قىلغان دۆلەت بولىشىغا قارىماي بۈگۈنكى كۈندە سىياسىي  نامىمىز مىللەت نامى سۈپىتىدە ئورنىتىلدى.تۈركىيە تۈرۈكلىرىدىن باشقىلار تارخىي ناملىرىنى تاشلىشىپ يىڭى مىللەتچىلىك روھى بىلەن قاپلىنىپ تۈركىي دىگەن ئومۇمىي نامدىن باشقا سالاھىيەتنى يەككە ناملىرىغا تىگىشۋىتىشتى.دىننىي جەھەتە ئىسلام دىنىنىڭ كىرىشى بىلەن مىللىي ئۇيۇشۇشچانلىق ئۈممەت ئۇيۇشۇشچانلىقىغا ئورۇن بەردى.ئاخىرىغا بىرىپ ئۆز مىللەتلىرىنىڭ نامىنى تامام ئۇنتۇپ ئورنىغا قانداشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق مۇسۇلمان ۋە ياكى يەتتە شەھەرلىك دىگەن سالاھىيەتلەرنى بىرىپ يۇردى.مۇسۇلماندىن ئىبارەت دىننىي سالاھىيەتنى ،يەتتە شەھەرلىكتىن ئىبارەت جۇغراپىيىۋىي سالاھىيەتنى قانداشلىق سالاھىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇندى.
      3-يىللىقتا ئوقىيدىغان ئۆمۈت مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇ ئۇنۇڭ ئىجدىمائىي سالاھىتى ،ئۆيىنىڭ دۆڭمەھەللىدە ئىكەنلىكى ئۇنۇڭ جۇغراپىيىۋىي سالاھىيىتى،ئىسمىنىڭ ئۆمۈد ئىكەنلىكى ئۇنۇڭ قانداشلىق سالاھىتى.
      ئەمدى سىز ئۆمتتىن سەن كىم دەپ سوراڭ ؟!ئۇ سىزگە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشى كىرەك.ئۇ سىزگە مەن دۆڭمەھەللىلىك دەپ جاۋاپ بەرسۇنمۇ ياكى مەن ئوقۇغۇچى دەپ جاۋاپ بەرسۇنمۇ ياكى مەن ئۆمۈد دىسىنمۇ؟
       مىللەتكە نىسبەتەن قانداشلىق ئۇنۇڭ ئەڭ موھىم سالاھىيىتى.قانداشلىق سالاھىتى بىلەن سالاھىيەتلەنگە مىللەت كۆپ قىرلىق سالاھىيىتنى ئالماشتۇرۇپ قويماي ھەزىم قىلالايدۇ.سىز ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىڭىزدا باشقىلارغا ئاتۇشلۇق ئىكەنلىكىڭىزنى دەيسىز،خامسۇ تونىشىڭىزغا ئۇيغۇر دەيسىز ،ئىشكىرگە بارسىڭىز شىنجاڭلىق،ئامرىكىغا بارسىڭىز جوڭگولۇق،ئافرىقىدىكى ياۋرۇپالىققا نىسبەتەن سىز ئاسىيالىق.بىر خىرستىيان ياكى پورۇسلاۋىيە مۇرتى ئالدىدا مۇسۇلمان.كۆپ قىرلىق سالاھىيەتكە نىسبەتەن توغرا تونۇش بولمىسا، ئاسانلا نىشاندىن ئادىشىشقا مەجبۇر بولىسىز.سالاھىيەت بىكىتىشتە ئىتراپ قىلىشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا بار ئۇ بولسىمۇ يىتەكچى سالاھىتىمىزدىن باشقا ھەرقانداق سالاھىيەت سۈنئىي شەكىللەنگەن سالاھيىەتتۇر.ئۇنداقتا يىتەكچى سالاھىيەت قايسى سالاھىيەتنى كۆرسىتىدۇ؟سۈنئىي سالاھىيەتكە سىلىشتۇرۇلغان سالاھىيەت تەبىئىي سالاھىيەتمۇ قانداق؟
مىللەتكە نىسبەتەن پىشقان يىتەكچى سالاھىيەت ئۇنۇڭ تەدبىر بەلگىلىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل ھىسابلىنىدۇ.ئۇنداقتا مىللەتكەن نىسبەتەن پىشقان سالاھىيەت نىمىنى كۆرسىتىدۇ .تەبىئىي سالاھىيەتچۇ؟
       ئورتاق قانغا ئىگە سالاھىيەت بىردىن بىر ھەقىقەتتۇر.قانداشلىقتىن ئىبارەت ئىلاھىي ئۆزگەرمەس سالاھىيەت مىللەتنىڭ يىتەكچى سالاھىيىتى بولىشى كىرەك.تەڭرى بەلگىلىگەن ئۆزگەرمەس تەبىئىيلىك ئۇنۇڭ سالاھىتىنى تونىتىدۇ.دىننىي سالاھىيەت بىلەن قانداشلىق ئۈستىدە تۇختالغاندا قانداشلىق ئاۋۋال شەكىللىنىدۇ.ئۇندىن كىيىنكى ھەقىقەتنى تونۇش جەريانىدىكى ئىزدىنىش دىنننىي سالاھىيەتنى بىكىتىدۇ.مانا بۇ خىل سالاھىيەت يىتەكچى ۋە تەبىئىي سالاھىيەتنى كۆرسىتىدۇ.
       ئۇيغۇرغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلۇق ئۇنۇڭ يىتەكچى سالاھىيىتى بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت.مۇسۇلمانلىق سالاھىتى ئىككىلەمچى سالاھىيەت ئۇ ئۆزگۈرىشچانلىققا ئىگە.خىرىستىيان ئۇيغۇرغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت قانداشلىق سالاھىيەت ئۇنۇڭ سالاھىيىتى،خرىستىيانلىق دىننىي سالاھىيىتى بىراق ئۇنۇڭ يىتەكچى سالاھىيىتى ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت.
       مىللىي تارىختىن ئۆرنەك ئىلىپ قارايدىغان بولساق يىتەكچى سالاھىيەتنى ئۇنۇتمىغان مىللەت قەد كۆتىرىدۇ.ئىككىلەمچى سالاھىيەتنىڭ كۈچىيىشى يىتەكچى سالاھىيەتنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالسا مىللىي توپ ئىچىدە گاڭگىراش يۈز بىرىدۇ.ئىختىلاپ بار شەخىس بولسىمۇ ئاف غوجىنى مىسالغا ئالساق ئۈممەتچىلىك ئىدىيىسىنى قورال قىلغان غوجا مىللىي غورۇرىنى يوقىتىش بەدىلىگە سەئىدىيەنى يىقىتتى. ئۇنۇڭدىكى ئۈممەتچىلىك مىللەتنى ئىنكار قىلىپ مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچى تۆۋەنلىتىۋەتتى.


2.جۇغراپىيىۋىي موھىت


      ئىككى ئويمانلىق غايەت زور تاغلار بىلەن قورشالغان ،پايانسىز قۇملۇقلار ،دىڭىزدىن يىراق موھىت شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىۋىي سىياسىتىنى بەلگىلىگەن.مەدەنىي دۆلەتلەردىن يىراق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇش ئورنىغا جايلاشقان بىتەلەي رايون سىياسىي رىئاللىقتا زەرداپقا تولدى.بىكىك جۇغراپىيىۋىي خارەكتىرگە خاس جۇغراپىيىۋىي سالاھىيەتكە ئىرىشكەن شىنجاڭ رايونى ئىمپىريالىستلىق دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇش ئورنىغا جايلاشقىنى ئۈچۈن خەلقارا جۇغراپىيىۋىي سىياسەتتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.ھون دەۋرى ۋە ئۇنۇڭدىن كىيىن غەربى يۇرۇت دەپ ئاتالغان)ئورخون يىنسەي ۋادىسىنى مەركىزى رايون قىلىنغان دەۋىر(نۆۋەتتىكى رايون  شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ غەرىپكە كۆچىشى بىلەن دۆلەت نامىدا ئاتالدى.قارخانىلا سۇلالىسى دىگەندەك.كىيىنچە بۆلۈنگەن قارخانىلا سۇلالىسى شەرقىي تۈكسقان ۋە غەربىي تۈسقان دەپ ئاتالدى.18-19-ئەسىردە بولسا يەتتە شەھەر دەپ ئىلىندى.ياقۇپ بەگنىڭ دۆلىتىمۇ يەتتە شەھەر دۆلىتى دەپ ئاتالغان رايوندۇر.ئوخشىمىغان جۇغراپىيىۋىي سالاھىيەت ئەمەلىيەتتە سىياسىي ئامىلنىڭ تەسىردىن بولۇپ ئورخۇن-ئۇيغۇر خانلىقىغا نىسبەتەن شىنجاڭ غەربىي يۇرۇت بولاتتى.يەتتە سۇ رايونىغا نىسبەتەن شەرقىي تۈركىسقان ئاتالغۇسىغا ئىگە ئىدى .غەربىي تۈركىي رايونلارنىڭ شنجاڭنى يەتتە شەھەر دەپ ئاتىشى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇپتىكى يەتتە شەھەرنى كۆزدە تۇتقان بولىشى مومكىن.
ئوخشىمىغان جۇغراپىيىۋىي سالاھىيەت ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئىڭىدا ئوخشىمىشغان سۇبىكتىپ يىقىنلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.ئۆز يۇرۇتلۇقىغا يان بىسىش توسۇپ بولغىلى بولمايدىغان ھادىسىدۇر.بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار قايسى خىل جۇغراپىيىۋىي سالاھىيەتنى ئۆزىگە ھازىرلىشى كىرەك.دۇنيا دۆلەتلىرىگە قاراپ باقايلى.شەرقىي ئاسىياغا نىسبەتەن شەرىققە جايلاشقان ئامرىكا غەرىپ دۆلىتى دىيىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ شىمالىي ئامرىكا قۇرۇقلىقىدىكى دۆلەت.لىكىن ئۇ ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىۋىي سالاھىتىنى غەرىپ دەپ جاكارلىدى.مەملىكىتىمىز بولسا ئۆزىنى شەرقىي ئاسىيا دۆلىتى دەپ تونيىدۇ.بۇ خىل ئەندىزىگە قارىغاندا بىز ئۆزىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىتى دەپ تونىشىمىز كىرەك.چۈنكى بۈگۈنكىدەك رايونلار بىر گەۋدىلىشىۋاتقان زاماندا تار جوغراپىيىۋىي سالاھىيەت كاتوگورىيىسىيىسىگە بىكىنىۋىلىش  ئوخشاشلىق بىرىكىپ،پەرىقلىق تىپىشىۋاتقان جەمىيەتتە شاللىنىپ كىتىشكە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.جۇغراپىيىۋىي سالاھىيەت جۇغراپىيىۋىي سىياسەتتە موھىم رول ئوينايدۇ.

3.دىننىي سالاھىيەت


       ئىپتىدائىي تەبىئىي ئىلاھىيەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى بولغان ئانىمىزىم)كۆپ تەڭرىچىلىك(ئىنسان تەپەككۇرىنى،تەسەۋۋۇرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئىپتىدائىي ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ دىننى موھىتىنى تەشكىل قىلدى.ھون دەۋرى  ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگىچە شامان دىنى شەكلىدە تارالغان بۇ دىن ئۇيغۇر دىننىي تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.كىيىن بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ تارىلىشى شامان ئەقىدىللىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن مىڭ يىلدىن ئوشۇق ئىسلام دەۋرى باشلاندى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكىن موڭغۇل ئىمپىريىسىدىن كىيىن جەڭگىۋارلىققا تولغان ئىسلام دۇنياسى مەزھەپ توقۇنۇشلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.كىيىن ئوسمان ئىمپىريىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرىقنى ئىشغال قىلىشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى تىنىچلىققا ئىرىشتى.يىقىنقى زامان تارىخىغا كىرىشىمىز بىلەن غەرىپنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ قالاق،چىرىك خەلپىلىك يىقىلىپ نۇرغۇن ئۇششاق دۆلەتلەر ئوتتۇرا شەرىقتە شەكىللەندى.چىگرا كىرزىسى ،مەزھەپ توقۇنىشى،پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن ئوتتۇرا شەرىق جەڭگاھقا ئايلىنىپ قالدى.ئىسلام دۇنياسى جەڭگىۋارلىقىنىڭ يوقۇلىشى تاشقى دۈشمەننىڭ تەسىرىدىن ئەمەس بەلكى دىننىي ئىدولوگىيەنىڭ چىرىكلىشىدىن كىلىپ چىقتى.
        ئىدىيە دۇنيانى كونتۇرۇل قىلىدۇ .مارتىن لوتىر ئىسلاھاتىدىن كىيىن پاكلانغان خىرىستىيان دۇنياسى تارىخ سەھنىسىگە چىقتى.دىننىڭ كىشىلەرگە بولغان كونتۇرۇللىقى يۈكسەك دەرىجىدە بولىدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن دىننىي جەھەتتە پاكلانماي تۇرۇپ باشقا جەھەتتە تەرەققىياتقا ۋە ئىستىقبالغا ئىرىشمەك مۇتلەق مومكىن ئەمەس.ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىدولوگىيە جەھەتتە چىرىكلىشىپ كىتىشىدە دىننىي جەمىيەتنىڭ مونوپۇللۇق فۇنكىسيىسى مەسئول بولىدۇ.بۇخىل ئىدولوگىيە كىسىلى  ئەرەپ ئەللىرى بولمىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەردە تىخىمۇ ئىغىر. مەسىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ سانلىق دىننىي خادىم مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن ئەمەس.بۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغانلار بىلىپ ئوقىيدىغانلاردىن مۇتلەق  كۆپ.ئۇيغۇر دىيارانىڭ مەنىۋىي نىشانى بولغان دىنننىي تەرغىبات ئارقىلىق مىللەتنى ئويغۇتۇش پارازىت دىنني خادىملارنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراۋاتىدۇ.نەتىجىدە ئىسلامغا ئىتىقاد قىلىۋاتىمەن دەيدىغان،ئەمەلىي ھەركىتى بولسا رادىكاللىق ۋە ئىسلامغا زىت ئەھۋال بولىدىغان كىشىلەر پەيدا بولغان.مەزھەپ مەسىلىسىدە خۇدانى تونىغانلا كىشى ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ پىشىنى تۇتقان كىشىدۇر.ئۇ مەيلى شىئە بولسۇن مەيلى سۈنئىي بولسان ۋە مەيلى باشقا ھەرقانداق مەزھەپكە ئىتىقاد قىلسۇن.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىسلام دىننىي سالاھىيىتىگە ئىگە.بۇ دۇنيادا يەككە شەخىسنىڭ ھەركىتى قانۇن دائىرىسى ئىچىدە بولسا ئۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئاقىۋىتىنى بەلگىلىشى بويىچە بولىدۇ.شىئە بىلەن سۈنئىي ئىسلام پۇقراسى.ئۇلار بىر مەسچىتتە ناماز ئوقىسا ئۆز ئارا قۇدىلاشسا بولىدۇ.ئەمما رادىكال كاللىلارنىڭ بىر بىرىگە ئىدىيە جەھەتتە دىكتاتورا يۈرگۈزۈشى بۇخىل مۇناسىۋەتنى بۇزىدۇ.باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە ھوجۇم قىلىش دەل بۇ خىل ئىسلام سالاھىيىتىنىڭ بۆلىنىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
       دىننىي سالاھىيەتنى بىكىتىشتە دىندىن مىللەتنى ئايرىۋىتىش كىرەك.دىن دىگەن دىن مىللەت دىگەن مىللەت.بىز ئەرەپكە تەۋە ئەمەس بىز تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە.ئەمما بىز ئىسلامغا ئىتىقاد قىلىمىز.سالاھىيەت بىكىتىشتە بولسا بىز ئۇيغۇر،ئاندىن مۇسۇلمان.


4.ئىدولوگىيە


      دىن ئىدولوگىيە ساھەسىگە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ھەركىتى مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىچىدە گۈللىنىشكە باشلىدى.لىبرال ئىدىيىلەر بىلەن ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ھەركىتى كۈچىيىشكە باشلىدى.ئۇيغۇر رايونىدىمۇ بۇخىل ئۆزگىرىشلەر يوق ئەمەس .شەخسەن ئۆزۈم نۆۋەتتە سىياسىنىڭ تەسىرى بىلەن بىزدە بەش خىل ئىدولوگىيە ئىقىمى بار دەپ قارايمەن.
1.ئىسلام ئۈممەتچىلىك
2.مىللەتچىلىك
3.كونسىرۋاتىپلىق
4.رادىكاللىق
5.بىپەرۋالىق

      ئىسلام ئۈممەتچىلىكى-ئىسلام دىننىي سالاھىتىنى يىتەكچى سالاھىيەت قىلغان توپ.
     مىللەتچىلىك-يەككە مىللىي سالاھىيەتنى يىتەكچى قىلغان توپ.
      كونسىرۋاتىپلىق-سوغاق قان ۋە غەرىپكە مايىل توپ.
      رادىكاللىق-ئىسلام رادىكال ئىدىيىلىرى،ۋە مىللەتچى رادىكال ئىدىيىلەر بىلەن يۇقۇملانغان توپ.
      بىپەرۋالىق-جەمىيەت ۋە سىياسىي نۇقتىنەزىرىدە ئۆمۈتسىزلىك ياكى قورقۇنۇچ بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنىلا ئويلايدىغان،باشقا مەسىلىلەرگە نىسبەتەن قۇلاقنى يوپۇرۋالىدىغان توپ.
       ئىدولوگىيە ساھەسىدىكى ئوخشىمىغان،زىت كۆزقاراشلار ئوخشىمىغان ئىدولوگىيە سالاھىتىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.بەزىللىرى توقۇنۇش كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.بۇخىل ئوخشىمىغان ئىدولوگىيە سالاھىيىتىنى بىر مىللەت ئىچىدە سىغدۇرۇش ئىنتايىن كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان مەسىلە.بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئىدولوگىيە سالاھىيىتى ناھايىتى موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.زىتلىقى چوڭ،تارقاق ئىدولوگىيە قاراشلىرى مىللەتكە نىسبەتەن ئىغىر ئاقىۋەت كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مومكىن.ئۇنداقتا ئۇيغۇرغا نىسبەتەن كۆپ قۇتۇپلاشقان بۇخىل ئىدولوگىيە بىلەن ئىدولوگىيە سالاھىتى بىكىتمەك مومكىنمۇ؟بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كىرەك؟
       بىر توپ ئىدىيە سىغىشمىسا يىتەكچى ئىدىيە ئاساسىدا توپلۇنۇش كىرەك.ئۇنداقتا يۇقارقى بەش خىل ئىقىم ئىچىدە قايسىسى يىتەكچى ئىدىيە بولىشى كىرەك.مىنىڭچە ھىچقايسىسىنى يىتەكچى ئىدىيە بولالمايدۇ.چۈنكى بۇخىل ئىدىيىلەردە سىغىشالماسلىق ۋە زىتلىق خاھىشى ئىنتايىن كۈچلۈك.يىتەكچى ئىدىيە بۇ بەش خىل ئىدىيەگە نىسبەتەن چوقۇم ئورتاقلىققا،ھەمىبابلىققا ئىگە بولىشى كىرەك.
ۋەتەنپەرۋەرلىك دەل بۇ بەش خىل ئۇقۇمنى بىرىكتۇرىدىغان يىتەكچى ئىدىيە.تارقاقلىقنى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن زور ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ھەرخىل كۈچلەرنىڭ ئۇيۇشىشىغا موھىم يۆنىلىش ھازىرلاپ بىرىدۇ.بىراق مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە  ھەركەت يۆنىلىشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىگە خىرىس ئىلىپ كىلىدۇ.ئە،قاسىمى ۋە ئۈچ ئەپەندى ئوتتۇرسىدىكى ئىدىيە سىغىشماسلىق تىراگىدىيەنىڭ سەۋەبىي بولىشى مومكىن.ئۇلاردا بىرلىككە كەگەن يىتەكچى ئىدىيە ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇپنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن يىمىرلىپ كەتكەن.ئەمەلىيەتتە ئىدولوگىيە سالاھىيىتى بىكىتمەك ۋە ئۇيۇشتۇرماق بىرەر سىياسەتچىنىڭ ھىيلىگەرلىكى بىلەن نەتىجىلەنمىسە بىرلىككە كەلمىگى تەس.


5.مەدەنىيەت سالاھىيىتى ۋە مەنپەئەت سالاھىيىتى


       مەدەنىيەت ئىقتىساد ۋە سىياسىيغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.سىياسىي ۋە ئىقتىساتمۇ مۇئەييەن ھالدا مەدەنىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەدەنىيەت ئورتاقلىقى مەنپەئەت ئورتاقلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشتىكى موھىم ئامىلنىڭ بىرى.جوڭگونى يادرو قىلغان شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت چەمبىركى شەرقىي ئاسىيا خەنزۇ مەدەنىيىتىگە تەۋە دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قانائەتلەندۇرۋاتىدۇ.تىل يىقىنلىقى،مەدەنىيەت ئوخشاشلىقى مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە كۈلتۈر ئوخشاش رايونلارنىڭ بىرگەۋدىلىشىشىدە موھىم رول ئوينىتىدۇ.ئىنگىلىز-خىرىستىيان مەدەنىيىتىنى يادرو قىلغان غەرىپ تىل ۋە مەدەنىيەت يىقىنلىقى سەۋەپلىك بىرگەۋدىلىشىش يولىغا ماڭغان.بۇ كاتالىزاتور تەسىرىدە غەرىپ ئورتاق مەنپەئەتكە شىرىكتۇر.
        ئۇيغۇردىن ئىبارەت تىپىك ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىتى جۇغراپىيىۋىي سالاھىيەتتە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ شەرىقتىكى پارچىسى ھىسابلىنىدۇ.تۈركىي مىللەتلەردىكى تىل يىقىنلىقى،مەدەنىيەت ئوخشاشلىقى ھەيران قالارلىق نەتىجىگە سەۋەپكار بولىشى مومكىن.تۈركىي مىللەتلەردىكى مەدەنىيەت ئورتاقلىقى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرىكىشى كىرەكلىكىنى ئايان قىلماقتا.ئىقتىسادىي ساھەدە بىر گەۋدىلىشىش تۈركىي رايونلارنىڭ بىر گەۋدىىلىشىشىدىكى تۇنجى قەدەم.شىنجاڭ كارخانلىرى بىلەن تۈركىي دۆلەتلەر كارخانلىرى ئوتتۇرسىدا قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىشى كىرەك.پەيتى كەلگەندە  ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي چەمبىركى قۇرۇلسا تۈركىي مىللەت مەنپەئىتى بىر بالداق يۇقۇرغا كۆتۇرۇلگەن بولىدۇ.ئوخشاش ھەزارارتلار بىر گەۋدىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزى تەۋە ھەزارات بىلەن بىر گەۋدىلەشمەسلىك مىللەت ۋە دۆلەتنى مەنپەئەتتىن يىراق قىلىدۇ.باشقا ئەمەلىي ھەركەتلەردە ئامالسىز بولساق ھىچقىسى يوق.ھازىرچە مەدەنىيەت ۋە مەنپەئەت ئورتاقلىقىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كىرەك.

خۇلاسە:
        سالاھىيەتنىڭ مىللەت سىياسىتىنى بەلگىلەشتە تۇتقان ئورنى چوڭ.توغرا سالاھىيەت بەلگىلەش ۋە سالاھىيەت ئارقىلىق كەلگۇسىي مەنپەئەتكە شىرىك بولۇش ئۆمۈدسىزلىك خىرىسىنى يىڭىشتىكى موھىم شەكىل.ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش سىياسىينىڭ دۈشمىنى.ئەخلاق ۋە پەزىلەتكە ئوخشاش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تىرمىنلار سىياسەتچى ئۈچۈن ئەيىپتۇر.پاكىستاندىكى ئىزىلىشلەرگە قاراپ يىغلىغان كىشىلەر پاكىستان ھۆكمىتىگە مايىل بولسا ياكى ئاتالمىش ئامرىكا يەھۇدىي ئىتىپاقىنى ئۆچ كۆرۇپ ئىراق مىللەتچىللىرىنى داھىي چاغلىسىا كىكىردەككە ئەكەلگەن پىچاقنى ئۆز بوينىغا سۈرگەندەكلا ئىش بولىدىغىنى پىكىر قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن سىر ئەمەستۇر .بىزگە قىلچى زىيىنى يوق ئامرىكا بىلەن پۇت تىپىشىپ قۇمدەك چىچىلىپ ئۆز ئۆزىگە ئورا كولاۋاتقان ئەرەپلەرگە بولاشسا ئادىللىقنى قوغلىشىۋاتقاندەك كۆرىنىشى مومكىن. بىراق سىياسىي نۇقتىدىن ئالغاندا بۇ ئۇچچىغا چىققان ئەخمەقلىقتۇر.كىشىلەر شۇنى ئىسىدە چىڭ تۇتىشى كىرەككىن ئەزگۇچى بىلەن ئىزىلگۇچىدە ئىككى خىل ئالامەت ئاياندۇر.ئەزگۇچىدە زالىملىق،ئىزىلگۇچىدە نادانلىق.ئەرەپلەرنىڭ نادانلىقى تۈگىمىگۇچە دۇشمەنلىرىنىڭ زالىملىقى تۇگىمەيدۇ.بۇ قانۇنىيەتنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىساق ئەقىلچىلىككە نەقەدەر تەشنا ئىكەنلىكىمىز ئايدىڭ بولىدۇ.
قەلەمچى:ئۇمۇن
‏(دىۋان)




56

تېما

4

دوست

9926

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 2094
توردىكى ۋاقتى: 2157
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 12:17:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

7

دوست

4095

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21988
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1294
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 13:12:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amirka يوللىغان ۋاقتى  2014-4-6 11:58
ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز ئويغاق ئۇيغۇر زىيالسى ئىكەن ...

ناھايىتى توغرا سۆزلەپسىز. سىزنى ئازراق چۈشەنگەندەك بۇلىۋاتىمەن.......

5

تېما

0

دوست

3449

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7186
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 325
تۆھپە : 879
توردىكى ۋاقتى: 515
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 14:29:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن  قىممىتى  بار  ماقالا ئكەن،  رەخمەت،  مۇشۇنداق  ماقاللارغا  تەشنامىز.بەكمۇ  سۇيۇندۇم،

0

تېما

2

دوست

1945

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25749
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 15:23:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك بىزنىڭ خەلىق بارغانچە نىمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىۋىتىپتۇ.يازمىڭىزنىڭ قاراتمىلىقى ۋە كىشىنى قايىل قىلىش سەۋىيەسى ئىنتايىن كۈچلۈك.ئەرەپ دۆلەتلىرىدە تەربىيلەنگەن ،ئوقۇش پۇلىنى دۆلەت كۆتۈرگەن،ۋە ۋەتەندە مائاشلىق موللا بولغان كىشىلەرنىڭ بىردىن بىر ئورتاقلىقى ئۇلارنىڭ تەرغىباتى غەرىپ ئامرىكىنى ۋە يەھۇدىنى دۈشمەن كۆرۈش. مىللى ئۆرۈپ ئادەتنى ،ۋە مىللەتنى ئىنكار قىلىش بولىۋاتىدۇ. بۇ تەبىكى شۇنى يورىتىپ بىرىدۇكى بىزنىڭ دۆلىتىمىز ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ مەلۇم ئىش بىرلىكى ۋە مەقسەتلىك تەربىيەسىنىڭ مەھسۇلى. بۇ تەربىيەنىڭ مەھسۇلىنىڭ بىز ئۇيغۇر خەلىقىغە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھەرقانداق ئەقلى ئويغاق ئادەم ئىچىنىش ۋە كەلگۈسىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە كۈزىتىۋاتماقتا.ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە زىچ ئۇيۇشتۇردىغان كۈچ ياكى ئىدىيە ۋەتەن پەرۋەرلىكتۇر.ۋەتەن پەرۋەرلىك مەيلى دىنى جەھەتتىن بولسۇن،ياكى مىللەت نوقتىسىدىن بولسۇن ھايات ۋە مامات سىزىقىدا بىر -بىرى بىلەن كىسىشىدۇ.

0

تېما

2

دوست

1945

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25749
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 15:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amirka يوللىغان ۋاقتى  2014-4-6 11:58
ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز ئويغاق ئۇيغۇر زىيالسى ئىكەن ...

سىزگە يىزىلغان ئىنكاسلارنى ئوقۇپ شۇنى ھىس قىلدىم.سىزگە يىزىلغان بارلىق ئىنكاسلارنى مەزمۇنىنى يىغىپ كەلسەك پەقەت بىرلا مەزمۇنغا يىغىنچاقلىغۇلى بولىدۇ.ئۇ بولسىمۇ قورقۇش.يەنى سىزنى تىللا ۋاتقانلار ئۆز توپىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ياد پىكىرنى كۈچىنىڭ يىتىشىچە چەتكە قاقىدۇ. بۇ خىل پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدا ئۆزىگە ئوخشىمىغاننىڭ ھەممىسى دۈشمەن. بۇ زىيادە بىكىنمە مۇھىتتا ياشىغانلىقنىڭ نەتىجىسى.پىكىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئورۇنلۇق.بىراق سىزنىڭ بىر ھەپتىلىك تاماقنى بىر قىتىمدا يەيسەن دىيشىڭىز بىرئاز ئورۇنسىز.چۈنكى بۇنداق چىڭ تۇرۋالسىڭىز گىپىڭىز ھەرقانچە ئورۇنلۇق بولسىمۇ خەقنىڭ سىز

0

تېما

2

دوست

1945

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25749
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 15:42:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amirka يوللىغان ۋاقتى  2014-4-6 11:58
ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز ئويغاق ئۇيغۇر زىيالسى ئىكەن ...

سىزگە يىزىلغان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئوقۇپ چىقىپ شۇنداق يەكۈنگە كەلدىم.قورقۇش. بۇنداق دىيشىمدە سىزگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزتوپىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەش پىسخىكىسىدىن،ئۆزلىگە ياد بولغان پىكىرنى دەرھاللا ئۆزجايىدا ئۇجۇقتۇرۋىتىشنى مەقسەت قىلغان.ئۇزۇن مەزگىل بىكىنمە ھاياتتا ياشىغان كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتىدا ئاسانلا ياد پىكىرنى دۈشمەن كۆرۈپ ئۇنى يەكلەش ۋە يوقۇتۇش ئىستىكى بولىدۇ.سىزنىڭ پىكىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئورۇنلۇق.بۇنى ھسسىيات پەردىسى كۆزىنى توساۋالغانلارنىڭ كۆرەلىشى ناتايىن.ئەمما سىزنىڭ بىرھەپتىلىك،ياكى بىرئايلىق تاماقنى بىرقىتىمدا يەۋىتىسەن دەپ تۇرۋىلىشىڭىز سەل ئارتۇقچە.چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا سىزنىڭ ھەرقانچە توغرا بولسىمۇ لىكىن سىزگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك،ئۆچمەنلىك  تۈپەيلى ،سىزنىڭ ئىلغار پىكىرىڭىزنىڭ يولىنى توسۇپ قويىدۇ،ۋە ئەكىس تەسىر بىرىدۇ.شۇڭا بەزىدە ئۇلارنىڭ غورۇرىنىمۇ ئويلىشىپ تۇرغىنىڭىز ياخشى. شۇنى ئۇنۇتمايلى ئۇلارمۇ بىزنىڭ قان قىرىندىشىمىز.

0

تېما

2

دوست

1463

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 23:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن سۇيۇندۇم ، ياخشى يىزىپسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )