قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2909|ئىنكاس: 25

سىپرۇستىكى تۈرك دىيالېكتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

0

دوست

2305

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3368
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 254
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 14:11:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىپرۇستىكى تۈرك دىيالېكتى

(نۇرەتتىن دەمىر)
باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى
تەرجىمەقىلغۇچى: دىلئارام ۋەلى

تېما

        سىپرۇس دىيالېكتى دىققەتنى تارتقۇچى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تىللارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، تىل قاتلاملارغا بۆلۈنۈشى، دىيالېكتولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقاتلار تەجرىبە ھالىتىدە تۇرماقتا. تۆۋەندە ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان تەتقىقاتلار ۋە ئۆزىمىز توپلىغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن، سىپرۇس دىيالېكتى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچە بېرىمىز ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ نەتجىلىرى سۇنىمىز. مەقسەتتىن يىراقلاپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئايرىم نۇقىتىلارغا ئىچكىرىلىمەيمىز. مۇھىم نۇقتىمىز سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ فونېتىكىسى  بولمىغاچقا، مىساللار ئۆلچەملىك تۈركچىگە يېقىن، شۇنداقلا سىپرۇس دىيالېكتىدىكى فونېمىلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان تىرانسكىرپىسىيە بەلگىلىرىدە كۆرستىلىدى. مىساللاردىكى مەنبەسى كۆرسىتىلمىگەنلىرى بىزنىڭ توپلىغانلىرىمىزدىن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

سىپرۇس دىيالېكتى


       سىپرۇس دىيالېكتى دېگەن بۇ ئاتالغۇ سىپرۇستا ئىشلىتىلىدىغان، ئۆلچەملىك تۈرك تىلىنىڭ بىرقىسىمى بولغان ۋە تۈركچىنىڭ باشقا دىيالېكتىدىن پەرقلىنىدىغان، شۇنداقلا تۈركچىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دىيالېكتنى كۆرسىتىدۇ. سىپرۇس دىيالېكتى يەنە ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە شېۋىلەرگە بۆلۈنىدۇ. ماقالىدا كۆرسىتىلگەن سىپرۇس دىيالېكتى 1571- يىلىدىكى ئوسمانلىلارنىڭ فەتھىسىدىن كېيىن، ئوخشىمىغان زامانلاردىكى كۆچۈش، سۈرگۈنلەر بىلەن ئارالغا كەلگەن تۈركلەر تەرىپىدىن قوللىنىلىدۇ. بۇ دىيالېكت ئۆزىگە خاس شەرتلەر بىلەن ئۆزىنى ساقلاپ كەلمەكتە ۋە تۈركىيەدىكى باشقا دىيالېكتلاردىن پەرقلىق ھالدا بىر ئارالدىلا ئىشلىتىلمەكتە. سىپرۇس ئارىلىدىلا ئىشلىتىلگەچكە،بۇ دىيالېكت تۈركچىنىڭ باشقا دىيالېكتىدىن تەبىئىيلا ئايرىلغان ۋە خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن خالىي قالغان. بۇ دىيالېكت شۇ ئارالدىكى گېرىكچە ۋە ئېنگىلىزچە قاتارلىق تىللار بىلەن قويۇق ئۇچراشقان. بۇ ئەھۋال سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ خاسلىقىنى پەيدا قىلغان. 1974- يىلىدىن باشلاپ ئۇ ئارالغا يېڭى بىر بۆلۈك كىشلەرنىڭ كۆچۈپ بېرىشى، خەلقئارالىشىشنىڭ نەتىجىسى بولغان تېلېۋوزۇرلارنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەر يىلى مائارىپ ئېھتىياجىدىن نۇرغۇن ياشلارنىڭ كېلىشى بىلەن سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ تۈركچىنىڭ باشقا دىيالېكتى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيدى. بۇ ئارالدا تۈركچىنىڭ يېڭى ھاسىلاتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

سىپرۇس دىيالېكتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار


       سىپرۇس دىيالېكتى ھەققىدە تۇنجى مەلۇماتنى ھەسەن ئەرەن بەرگەنىدى.  بۈگۈنكى كۈندە سىپرۇس دىيالېكتى  ھەممىدىن بەك  دىققەتكە سازاۋەر بولغان شېۋىلەر دىيالېكتتىن ئىبارەت. ئەرەن 1959- يىلى بۇ ئارالدا ئۈچ ئاي تىل تەكشۈرگەن ۋە بەزى يېزىلاردىن يىغقان تىل ماتېرىياللىرى بىلەن سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە تەتقىقاتنى قولغا ئالغانىدى (1963). ئۇ سىپرۇس دىيالېكتى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەرنى بەرگەن، بۇ ھەقتە ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئۇنىڭدىن باشىقا كىشى قەلەم تەۋرەتمىگەن. كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇغان سىپرۇسلىق ئوقۇغۇچىلار سىپرۇس دىيالېكتى ھەققىدە باكلاۋۇرلىق دېسىرتاتىيەلىرىنى ياقىلىغان ( مەنبە: سائول، 1997). بۇ دېسىرتاتسىيە ياقىلىغانلار دەسلەپكى مەزگىللەردە سىپرۇس دىيالېكتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى داۋاملاشتۇرغان ( گۈركان ،     1997 ، ساراچئوغلى 1992، تاشچى 1986 ).  سىپرۇستا قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتىلاردا بارا-بارا تىلغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئارالغا كەلگەن تەتقىقاتچىلار دىققىتىنى سىپرۇسىتىكى تۈركچىگە قاراتقان. بۇنىڭ بىلەن سىپرۇس دىيالېكتى ھەققىدىكى تەتقىقاتتا گۈللىنىش بارلىققا كەلگەن ۋە بۇ شېۋىلەر خىلمۇخىل نۇقتىلاردىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئۆلچەملىك تۈرك تىلى چىقىش قىلىنىپ، سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ ئۆلچەملىك تۈرك تىلىدىن فونېتىكا، شەكىل ۋەفونكىسىيە نۇقتىدىسىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلكىلىرى سۆزلەنگەن ( ئەرەن 1963، دۇمان 1999، ئارغۇنشاھ 2001)، يەنە بەزىلىرىدە سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ ئالاھىلىكىلىرى ئۆلچەملىك تۈرك تىلىدىن ئايرىلغان ھالدا چۈشەندۈرۈلگەنىدى ( دەمىر 2002 ئا، 2002 ب، 2002س، 2002 د، 2002ئى؛، دۇمان 2000؛ ئىمەر2001؛ ئۆزتۈرك 2000، 2001، ۋانجى 1990). بۇ ئارىدا سىپرۇس دىيالېكتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ كاتالوگى ( سائول 1997) ۋە ماقالىلار توپلىمى ( ئارغۇنشاھ 2000) بېسىلغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا «تۈرك تىلى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانلىرىدا سىپرۇس دىيالېكتى ھەققىدە ئاممىباب ماقالىلارمۇ بار. ( دەمىر 2003، ئارغۇنشاھ 2003، چەلەبى 2003، دۇمان 2003).

سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ مەنبەسى


        ئەرەن سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزى توپلىغان سۆزلۈك ماتېرىياللىرى ئاساسىدا سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ شەكللىنىشىگە كونيا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، ئانتالىيە، ئىچەل، ئالانيا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى. (1963) بۇ خۇلاسە ئارال فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە ئەۋەتىلگەن تۈركلەرنىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغىمۇ ئۇدۇل كېلىدۇ. ئەرەننىڭ بۇ قاراشلىرى باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ ئېتىراپىغا ئېرىشكەنىدى. بۇ ئومۇمىيۈزلۈك قاراشنىڭ ئاساسى  تۈرك تىلى دىيالېكتىغا مۇناسىۋەتلىك تىل پىرىنسىپلىرى بويىچە يېزىلغان  ئىككى  پارچە  ماقالىدىكى تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمى ئىدى (كرال 1980، بوسچوتەن 1991، قاراخان 1996). مەسىلەن،  كرالنىڭ تۈرك تىلى دىيالېكتلىرىنى تۈرگە ئايرىشتا قوللانغان 18 ئۆلچىمىگە قارىغاندا، سىپرۇس دىيالېكتى 3- ۋە 4- گۇرۇپپىدىكى دىيالېكتلارغا 13 ئۆلچەم بويىچە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇلاردىن 3-گۇرۇپپىغا تەۋە دىيالېكتلار: ئافيون، ئايدىن، بالىكەسىر، بۇردۇر، دەنىزلى، ئەسكىشەھەر، ئىسپارتا، ئىزمىر، مانىسا، مۇغلا ۋە ئۇشاق دىيالېكتى. 4- گۇرۇپپىغا تەۋە شېۋىلەر: ئەنقەرە، ئىچەل، قايسەرى، قىرشەھەر، كونيا، نەۋشەھەر، نىگدە ۋە يوزغات دىيالېكتى.
        ئومۇمىي قاراشقا ئاساس بولىدىغان يېقىنلىققا قارشى ھالدا، سىپرۇس دىيالېكتىدىمۇ ئارخائىك سۆزلەر تىلنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ ئالاھىدىلىكلەردىن چىقىپ، سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ تۈرك تىلىنىڭ يەرلىك ۋارىيانتلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىمىز. باشقا ماقالىلىرىمىزدا (2002س، 2002 د، 2002ئى) تەتقىق قىلىپ كونكېرىپ كۆرسەتكەن ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىر قىسىمى ئۆلچەملىك تۈرك تىلى ۋە ئۇنىڭ دىيالېكلىرىدىلا ئەمەس، باشقا تۈركىي تىللاردىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. ئارالغا ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا كەلگەن كۆچمەنلەر، سىپرۇس دىيالېكتى بىلەن تەسىرلەشكەن تىللار، كېيىنكى چاغلاردىكى ئۆلچەملىك تۈرك تىلىنىڭ  كۈچلۈك تەسىرى، دىيالېكتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، ھېچ بولمىغاندىمۇ تۈركىيە تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك بولسىمۇ بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ تىلى بولۇشى، تىل ئۆزگىرىش جەريانىدىكى تىل ئىچى ۋە تىل سىرتى ئۇچرىغان تەسىرلەرنى نەزەرگە ئالغاندا، ئارالدىكى تۈركچىنىڭ شۇنچىلىك مۇرەككەپ ئىكەنلىكى ۋە ئەرەننىڭ قارىشىنىڭ تارىخ نۇقتىسىدىن توغرا بولسىمۇ، لېكىن سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ ھازىرقى تۈركىيە تۈركچىسدە ئىگەللىگەن ئورنىنى چۈشەندۈرۈشكە تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. 1974- يىلىدىن كېيىن تۈركىيەدىن كۆچۈپ بارغان كىشىلەر ئارالدىكى تىل ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋەتتى. لېكىن بۇ مۇرەككەپلىكنىڭ ئەكىسىچە، تەرەققىيات كۆز ئالدىمىزدا بولغاچقا، بىز تىلنىڭ ئۆزگىرىشنىڭ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋە قانداق نەتىجىلەنگەنلىكىنى بىلىشكە قادىرمىز.

سىپرۇستا يېزىق تىلى – ئېغىز تىلى – شېۋە


        يەرلىك ئالاھىدىلىكتىن خالىي بولۇش ــ شۆھرەتكە ئىگە، تاللانغان ۋە كودلانغان بىر ئۆلچەملىك تىلنىڭ ئىشلىتىلگەن ۋە يېزىلغان ۋارىيانتىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر ئۆلچەملىك تىلمۇ بىر يەرلىك ئېغىز تىلىغا تايانغان بولىدۇ. لېكىن جەمىئيەت تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن رەسىمىي ۋە يېرىم رەسمىي ھالدا باشقا جايلاردىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قوللىنىلىدۇ. ئۆلچەملىك يېزىق تىلى بىلەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز ئارسىدا مۇھىم پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئۆلچەملىك تىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ۋارىيانت بولۇش سۈپىتى بىلەن رەسمىي سورۇنلاردا قوللىنىشى كېرەك. ئۆلچەملىك ۋارىيانت ئوخشاش ۋاقىتتا يەرلىك ئېغىز تىلىنىڭ ئۆزگىرىشىدە يېتەكلىگۈچى رولىنى ئوينايدۇ.
        سىپرۇستىكى ئۆلچەملىك يېزىق تىلىمۇ تۈرك تىلىنى ئۆلچەملىك تىل قىلىپ ئىشلىتىدىغان باشقا يەرلەردىكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. يەرلىك ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان ئۆلچەملىك ئېغىز تىلى سۈپىتىدە، سىپرۇستا ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ توغرا دەپ قوبۇل قىلىنغان، مەكتەپلەر، رەسمىي ئورگانلار، يۇقىرى قاتلامدىكى مەمۇرلار ئۆلچەملىك تىل ئىشلىتىدىغان جايلاردا، تەلەپپۇز ئۆلچىمىنىڭ شۇ جايغا خاس ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەكىسىچە، تۈركىيەدىكىلەر بىلەن بىرلىككە كېلىشى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ بۇنى يەتمەكچى بولغان ئۆلچەم دەپ  قارىغانلىقىنى كۆرسىتمىز. لېكىن سىپرۇستا كەڭ قوللىنىلغان ئېغىز تىلى بىز سىپرۇس دىيالېكتى دەپ ئاتىغان ۋارىيانتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
        تۈركىيەدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېغىز تىلى كۆپ، لېكىن بۇ ۋارىيانتلارنىڭ نوپۇزلۇق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش قىيىن. بولۇپمۇ ئۆلچەملىك تىل غالىب ئورۇندا ھەر ۋاقىت بىرىنچى تۇرۇپ، ئېغىز تىلىدىكى ئۆزگىچىلىكلەردىن يىراق تۇرىدۇ. سىپرۇستا بۇ ئەھۋال باشقىچە. ئارالدا سىپرۇس ئۆلچەملىك تىلى بولمىسىمۇ، خىلمۇخىل سەۋىيەدىكى مەكتەپلەر، رەسمىي ئورگانلار، رادىيو- تېلېۋېزىيە، يىغىن قاتارلىق ئۆلچەملىك تىل ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدىغان جايلاردىمۇ كۆپىنچە سىپرۇس دىيالېكتى ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق بولغاچقا سىپرۇس دىيالېكتى تۈركىيە ئىچىدە سۆزلىشىلىدىغان شېۋىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ نوپۇزلۇق بىر ئېغىز تىلى بولۇپ، باشقا شېۋىلەردە كۆرۈلگەن ئاجىزلىقلاردىن خالىي تۇرماقتا. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ تىل ئىگەللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تەكشۈرۈشتە، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى(KKTC) باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىق تىلىدا ئۆلچەملىك تىلدىن يىراقلاشقان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كۆپلۈكى، يەنى ئۇلارنىڭ ئېغىز تىلىنىڭ يېزىق تىلىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئېنىقلانغان، شۇنداقلا ئېغىز تىلىنىڭ يېزىق تىلىغا كىرىشى نەتىجىسىدە، ئېغىز تىلىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرىنىڭ يېزىق تىلىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن (پەھلىۋانلى 2000:11). مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىك تىلىدا دەرس سۆزلىشى ئۆلچەملىك يېزىق تىل مائارىپىدىكى مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سىپرۇستا يەرلىك ئېغىز تىلىنىڭ نوپۇزغا ئىگە بولۇشى ئۆلچەملىك ئېغىز تىلىنىڭ ئومۇملىشىدىكى زور توساق بولۇپ قالغان. پەقەت 1974- يىلىدىن كېيىن ئارالغا كەلگەنلەرنىڭ تەلەپپۇزىدا سىپرۇس دىيالېكتىغا خاس ئالاھىدىلىكلەر ئاز ئىپادىلەندى. تۆۋەندىكىلىرى ئۇلارنىڭ ئېغىز تىلىدا كۆرۈلگەن بەزى ئالاھىدىلىكلەردۇر
.

فونېتىكا


       سىپرۇس دىيالېكتىدا بار تاۋۇشلار تۈركچىنىڭ باشقا دىيالېكتىدىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇنىڭغا كۆرە ئۆلچەملىك تۈرك تىلىدا بار سەككىز سوزۇق(  a, e, ı, i, o, ö, ü) ۋە تۈركچىنىڭ باشقا ۋارىيانتلارنىڭ كۆپىدە بار يېپىق e فونېمىسىمۇ بار. سىپرۇس دىيالېكتىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار پىرىنسىپ جەھەتتىن تۈركىيە تۈركچسى بىلەن جىپسا كېلىدۇ. ئومۇمى جەھەتتىن بەزى تاۋۇش ھادىسلىرى تۈركچىدىن بولغىنىدەك، مەنبەسى باغلىنىشلىق ۋارىيانتلاردىنمۇ پەرقلىق.
سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى،  ئەرەبچە ۋە پارسچە مەنبەلىك سۆزلەردىكى ع(ئەين)، ﺀ(ھەمزە)لەر بىلەن كۆرسىتىلگەن سۆزلەر تۈركچىدە سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنسا، سىپرۇستا قىسقىلا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ma'dem, lazım < lāzim, malum< ma'lūm, cami        ئەرەبچە ۋە پارسچە مەنبەلىك سۆزلەردىكى ئۇزۇن تاۋۇشلار يوقالغاچقا، تۈركچە سۆزلەردە ئىككىلەمچى سوزۇق تاۋۇشلار سۈپىتىدە ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن:
bā < bana, sā< sana, bicēz        لېكىن بۇنداق ئىككىلەمچى سوزۇق تاۋۇشلار سىپرۇس دىيالېكتىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەس. مەسىلەن، بەزى شېۋىلەردە yapmācān, beklēcek دېگەن شەكلىدە ئۇچرىغان شەكىللەر yapmaycam, bekleycek شەكلىدە ئۇچرايدۇ.
(1)     Bicēz gün belamı bulacam dėdi gecirmeycem dėdi. = ST “Bir gün belamı bulacağım, [artık Kuzeye yolcu] gecirmeyeceğim dedi.


(1) بىر كۈن بالا-قازا كېلىدۇ، مېنىڭدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ دېدى.

         سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكى ئىچىدىكى ئىككى تۈرلۈك تاۋۇش تۈرلىنىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتمىز. بۇلارنىڭ بىرى كۆرسىتىش ئالماشلىرىنىڭ بولۇشلۇق شەكىللىرىدە كېلىش قوشۇمچىسىدىن بۇرۇن كەلگەن / ş / تاۋۇشىدۇر. مەسىلەن: buraşta ,oraşta ,suraşta. سۆز ئاخىرىسى ئالماشلىرىدا  تۈركىيە دىيالېكتىدا بۇنداق بىر / ş /  تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇپ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن،  ھازىر  بۇ تاۋۇشنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلگۈدەك بىر ماتېرىيال يوق. ئىككىنچىسى بولسا، سوئال قوشۇمچىسىدىن كېيىنكى، بولۇپمۇ گازىماغۇسا رايونىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر/z /  تاۋۇشىدۇر. مەسىلەن: yapmaz mızdı, yapma mızdı, dėme mizdi, orda mızdı  . بۇ تۈرلىنىشتىن ئەقىلگە كېلىدىغىنى بولۇشسىز كەڭرى زامان قوشۇمچىسىدۇر. پەقەت مىساللاردا بېرىلگەن /z / تۈرلىنىشى ئىسملاردىن كېيىن كەلگەن سوئال قوشۇمچىلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ.

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى


        سىپرۇس دىيالېكتىدا سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىدۇ. تۈركچىدە سوزۇق تاۋۇش بويىچە ماسلىشىشنىڭ سىرتىدا قالغان، باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرمۇ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدۇ. مەسىلەن: varkıt, fakır .ئۆلچەملىك تۈرك تىلىدا ماسلىشىش بويىچە قوللىنىلسا، سىپرۇس دىيالېكتىدە پەقەت تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلىرى قوشۇلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇلار شەرت قوشۇمچىسى –sa، رەۋىشداش قوشۇمچىلىرى-(y)kan , -(X)kan, –Xnca، ile  باغلىغۇچىسىنىڭ پۈتكەن شەكلى ۋە da باغلىغۇچىسىدۇر.

(2) Tabii ben geni güneydeykan tanırdım = ST 'Tabii ben onu güneydeyken tanıyordum'.
(2) مەن ئۇنى جەنۇبتكى چېغىمدىلا تونۇيتتۇم.

(3) Neysa geşdik oraşdan tamam dėdi devam ėdin dėdi asger. Gdik, gėşcinca duyarık Memed Dayı dėr .gorkuyu atdınız artık dėdi. = ST 'Neyse, oradan gectik, tamam, devam edin, dedi asker. Gectik, gecince Mehmet dayı, korkuyu attınız artık, dediğini duyuyoruz'.
(3) نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ يەردىن ئۆتتۇق، بولىدۇ، داۋام قىلىڭ، دېدى ئەسكەر. ئۆتتۇق، ئۆتكۈچىلىك، مەھمەت تاغا، قورقۇتىۋەتتىڭىز، دېگىنىنى بىلىمىز.

(4) Oğlan beğenmessa ne olur? = ST 'Oğlan beğenmezse ne oluyor'.
(4) ئوغۇل  ياقتۇرمىسا قانداق بولىدۇ؟

(5) Ertesi sabah erkenden fırınnara verirdik badadezleri, etlerinan beraber = ST 'Ertesi sabah erkenden patatesleri etler ile fırınlara verirdik.
(5) ئەتىسى ئەتتىگەن سەھەردىلا ياڭيۇلارنى گۆش بىلەن پىشۇراتتۇق.

(6) Gėceleyin da ışık goyardık, dolma sarardık, kofde yapardık = ST 'Geceleyin de ışık koyar, dolma sarar, kofte yapardık.
(6) كەچتىمۇ چىراغ يېقىپ، قىيما قىلىپ، كاتلىت( بىر خىل قىيمىلىق تاماق) قىلاتتۇق.

مورفولوگىيە


       ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ھەققىدە سۆز  بولغاندا، بار ماتېرىياللىرىمىزدىن پەقەت سىپرۇس دىيالېكتىگە خاس بولغانلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش سەل قىيىن، لېكىن بىر قانچىسىنىڭ سىپرۇس دىيالېكتىدە ئالاھىدىراق قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. بۇلاردىن بىرى كىچىكلىتىش ۋە ئەركىلىتىش مەنىسىنى بېرىدىغان cXk- قوشۇمچىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىدۇر. مەسىلەن:
(7) Bėş on dane goyuncuk var  = ST 'Beş on tane koyun var.

(7) بەش-ئون دانە قوي بار.

(8) Gızcık, benim gız gucağımdaydı  = ST 'Kızcağız, benim kız kucağmdaydı.
(8) قىزچاق، مېنىڭ قىزىم قۇچىقىمدا ئىدى.

       دۇمان ئەپەندى بۇ قوشۇمچىنىڭ سىپرۇس دىيالېكتىدىكى قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكىنى تۈركچىنىڭ ئۆزىدىكى بىر ئۆزگىرىش دەپ قارايدۇ (2000) ۋە قەدىمكى ئاناتولىيە تۈرك تىلى دەۋرىدىكى ئەسەرلەردىن مىسال كەلتۈرۈپ بۇ قارىشىنى ئىسپاتلايدۇ. لېكىن قەدىمكى ئاناتولىيە تۈرك تىلى بىلەن سىپرۇس دىيالېكتى ئارىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن بىر تارىخى بوشلۇق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركچىنىڭ باشقا دىيالېكتىدە بۇ ئالاھىدىلىك كەڭرى ئەمەس. شۇڭلاشقا، cXk- قوشۇمچىسىنىڭ قوللىنىش ئالاھىدىلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈسىتىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش كېرەك.
ئىسىمدىن ئابستىراكت ئىسىم، يەر ئىسىمى، ئەسۋاب ئىسىمى ياسايدىغان lXk- قوشۇمچىسىنىڭ باف رايونىدىكى كىشىلەر ياشىغان ئاقدوغان، ئاقىنجىلار دېگەن جايلاردا كۆپلۈك مەنىسىدە قوللىنىلىدىغانلىقىنى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. لېكىن بۇ ئالاھىدىلىك ئارالغا نىسبەتەن ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەس.


(9)İnsanlık da hal iyne adsan yere düşmez = ST 'Hal o kadar kalabalık ki iğne atsan yere düşmez  <<ۇنچىلىك قىستا-<<<(9)قىستاڭكى، يىڭنە تاشلىساڭ يەرگە چۈشمەيدۇ.

(10) O gadar tavuşanlık da vuramaylım bi tane = ST 'O kadar cok tavşan var, bir tane vuramayalım mı?
(10) شۇنچىلىك جىق توشقان باركەن، بىرنى تۇتمايلىمۇ؟

تۈرلەش مورفولوگىيەسى              سىپرۇس دىيالېكتىنى باشقا شېۋىلەردىن ئايرىدىغان ئالاھىدىلىك تۈرلىنىش مورفولوگىيەسىدە، بولۇپمۇ پېئللارنىڭ تۈرلىنىشدە كۆرۈلىدۇ. تۈرك تىلى ئىسىملارنىڭ تۈرلىنىشىدە ناھايىتى مۇرەككەپ ئۇزۇن تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن، سىپرۇس دىيالېكتىمۇ ھەم شۇنداق.

ئىسىملارنىڭ تۈرلىنىشى                  سىپرۇس دىيالېكتىدا ئاز بولسىمۇ، ئىسىملارنىڭ تۈرلىنىشدە ئالاھىدىلىك بار. بۇلاردىن ئەڭ بەك كۆزگە چېلىقىدىغىنى ھۆكۈم باغلامچى پېئىل قوشۇمچىسى dXr- نىڭ ئۆلچەملىك تۈرك تىلى ۋە تۈركچىنىڭ باشقا شېۋىلەردىن پەرقلىق قوللىنىلىشىدۇر.

(10) Usda seni isdeller dėdim telehonda dėdim gene. Sor dėdi gene dėdi baa kimdir  = ST 'Usta telefonda seni isterler dedim ona. Sor ona dedi bana, [arayan] kim?
(10) ئۇستا تېلېفوندا سېنى ئىزدەيدىكەن، دېدىم ئۇنىڭغا. سورا ئۇنىڭدىن دېدى ماڭا، ( ئىزدىگەن) كىم؟

(11) Geldik köye o gün da aklımdadır abam bişirdiydi magarına tavuunan, çok eyi hatırlarım = ST 'Köye geldiğimiz o gün aklımda, ablam tavuklu makarna pişirmişti, çok iyi hatırlıyorum.
(11) يېزىدا كەلگەن ئۇ كۈن ئېسىمدە، ئاچام توخۇ گۆشى سېلىپ سۇيۇقئاش ئەتكەنىدى، بەك ئېنىق ئەسىلىيەلەيمەن.

        ئۆلچەملىك تۈرك تىلىدا ھۆكۈم باغلامچى پېئىل قوشۇمچىسى ئۆزى ئۇلانغان سۆزنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىدۇ، بەزىدە سۆزگە شۈبھە مەنىسىنىمۇ قاتىدۇ. بۇ غەرب تىللىرىدىكى، مەسىلەن، ئېنگىلىزچىدىكى « to be»، گېرمانچىدىكى« sein » بىلدۈرگەن مەنىلەرنى بىلدۈرسىمۇ، ھازىرقى تۈركچىدە ئىسىمغا خەۋەر مەنىسىنى بېرىش ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان بىر تەركىب ئەمەس. مەسىلەن:( Asker(dir. بۇ قوشۇمچە سىپرۇس دىيالېكتىدە ئۆلچەملىك تىلغا قارىغاندا ئىسىم جۈمىلىلىرىنىڭ كەينىگە تېخىمۇ جىق قوشۇلىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا قايتا كۆچۈرۈلۈشتۇر. ( كۆچۈرلۈش ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە بىلىش ئۈچۈن يوھانسۇننىڭ 1992-يىلىدىكى ماقالىسىگە قاراڭ).
ئىسىمنىڭ تۈرلىنىشىدىكى يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئالاھىدىلىك يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ile باغلىغۇچىسىنىڭy)nan, -Xnan) – شەكلىدە قوشۇلۇپ، ئىشىنىڭ ۋاسىتىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىدۇر.بۇ يەردە قوشۇمچىنىڭ كەينىدىكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئالدى- ئارقا بويىچە ماسلىشىشقا بويسۇنمايدۇ.  

(12) E neyinan gideceyik = ST 'E, ne ile gideceğiz?'
(12) نېمە بىلەن كېتىمىز؟

(13) Körebe? Gozlerimizi bağlardık, bir mendilinan gözleri bağlanır, kimi yakalanırsa o dutulur  = ST 'Körebe mi? Gozlerimizi bağlardık, bir mendil ile gözleri bağlanır, kim yakalanırsa o tutulur'.
(13) قارىغۇ چاشقانمۇ؟ كۆزلىرىنى تاڭدۇق، بىر قولياغلىق بىلەن كۆزلىرى تېڭىلىدۇ، كىم يېڭىلىپ قالسا، شۇ تۇتۇلىدۇ.

(14) Gara Memed dėdikleri bir adamnan tanışdım  = ST 'Kara Mehmet dedikleri bir adamla tanıştım'.
(14) قارا مەھمەت دەپ بەرگەن ئادەم بىلەن تونۇشتۇم.
       ئىگىلىك  كېلىش قوشۇمچىسىنىڭ سوزۇق تاۋۇشلاردىن كېيىن y)Xn)– ھالىتىدە كېلىشىمۇ، يوقىرىقىلارغا ئوخشاش دىققىتىمىزنى تارتىمىغان، لېكىن سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەشكىل قىلغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكتۇر.

(15) Arabayın icine çekdim . = ST 'Arabanın içine çektim'.
(15) ھارۋىنىڭ ئىچىگە تارتتىم.

(16) On gün galdım Larnakayın içinde  = ST 'Larnaka'nın içinde on gün kaldım'.
(16) لارناكانىڭ ئىچىدە ئون كۈن تۇردۇم.

(17) Orda okuduk birinciyi bitirdik, ikinciyin da ilk donemini rahatlığınan okuduk  = ST 'Orada okudum. İlkokulu bitirdim, ortaokulun da ilk donemini rahatlıkla okudum'.
(17) ئۇ يەردە ئوقۇدۇم. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈردۈم، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىنى ئەركىن- ئازادە ئوقۇدۇم.

پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشى        
     پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشىدىكى ئىگىلىك ئۆزەكلىك شەخس قوشۇمچىلىرى -m, -ñ ~ n, o, -k, - ñ Xz, -lAr لار بىلەن، ئالماش ئۆزەكلىك شەخس قوشۇمچىلىرى -Xm ~ -Xn, - ñ ~ n ~ sXn, o, -Xk, -sX ñ Xz, -lAr لار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تۆۋەندە كۆرسىتىدىغان مىساللاردىكى شەخس قوشۇمچىلىرىدىكى بۇ ئەھۋاللار تۈركچىنىڭ باشقا دىيالېكتىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەيل قوشۇمچىلىرىنىڭ ھەممىسى شەكىل جەھەتتىن،يەنە شۇنداقلا رول جەھەتتىن پەرقكە ئىگە.

ھازىرقى زامان- كەلگۈسى زامان
        پېئىللار مورفولوگىيەسى جەھەتتە سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى شۇلاردۇر: تۈركچىنىڭ تارىخى دەۋرلىرىدە كۆرۈلگەن ھازىرقى زاماننىڭ كەڭرى زامان بىلەن ئىپادىلىنىشى ۋە يېڭى ھازىرقى زامان قوشۇمچىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى. بۇنىڭغا كۆرە، سىپرۇس ئېغىزلىرىدا،çalışırık، ئۆلچەملىك تىلدا çalışıyoruzياكى çalışırız .
سىپرۇس دىيالېكتىدا ھازىرقى زامان رولىنى بىلدۈرگەن كەڭرى زامان قوشۇمچىلىرىنىڭ تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
Yap-ar-ım / yapar-ın      yap-ar-ık
Yap-a- ñ /yap-a-n        yap-ar-sı ñ ız
Yap-ar                 yap-al-lar

بولۇشسىز
Yapma-m              Yapma-y-ız
Yapma-n               Yapmaz-sı ñ ız
Yapmaz                Yapmaz-lar
        يوقىرىدىكى ئۆرنەكتىن كۆرگىنىمىزدەك كەڭرى زامان قوشۇمچىلىرىنىڭ بولۇشسىزلىق ئەھۋالى ئۆلچەملىك تۈركچىدىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇ يەردە قوشۇمچىلار –Ar, - (X)r شەكلىدە كېلىدۇ. پەقەت IIشەخس بىرلىكنىڭ بولۇشلۇق پېئىللىرىدە قوشۇمچە تەركىبىدىكى /r/ ، بولۇشسىز پېئىلىدە /z/ تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. شەخسنى بىلدۈردىغان قوشۇمچىلارنىڭ II شەخس بىرلىك ۋە I شەخس كۆپلۈكتە تەرتىپى بويىچە –n –Xk بولۇشى ۋە I شەخس بىرلىكتە –Xn بولۇشى باشقا شېۋىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. پەقەت III شەخس كۆپلۈكتە  /r/  بىلەن ئاخىرلاشقان پېئىللاردا، باشقا كۆپلىگەن شېۋىلەردىمۇ بولغىنىدەك، تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىش  كۆرۈلىدۇ: rl- > -ll-، مەسىلەن:  yap-ar-lar > yap-al-lar.
        بېرىلگەن تۈزىلىش پەرقدىن قارىغاندا،  قوشۇمچىدا سىپرۇس دىيالېكتىگە خاس ئەسلى ھالەت فۇنكىىسىيەدە گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ. يەنى كەڭرى زامان قوشۇمچىسى دەپ بىلىنگەن–Ar, - (X)r قوشۇمچىلىرى سىپرۇس شېۋىلىردە قەدىمدىن بىلدۈرۈپ كەلگەن ھازىرقى زامان مەنىسىنى ھازىرمۇ بىلدۈرمەكتە. تۆۋەندىكى  X)r, -Ar,  ėderik, gelirim, alırık, giderik) –مىساللىرىدا كەڭرى زامان، ئاخىرىدىكى جۈمىللەردىكى yazar, gelirim, gelir  دېگەن مىساللاردا ھازىرقى زامان مەنىسى بىلدۈرۈلگەن. bakıñ bakdım, دېگەنلەردە پېئىل بىلدۈرگەن ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:
(18) Saat bir buçukda işden paydoz ėderik. İki buçukda gelirim köye. Bizim yaz gış hep aynidir. Her gün altı buçuk yėdiye çeyrek gala iş alırık. Altı buçukda giderik iş yerine. = ST 'Saat bir bucukta işten paydos ederiz. İki buçukta köye gelirim. Bizim yaz kış hep aynı. Her gün altı buçuk yediye çeyrek kala iş alırız. Altı buçukta iş yerine gideriz'.

(18) سائەت بىر يېرىمدا ئىشتىن چۈشىمىز. ئىككى يېرىمدا يېزىغا كېلىمەن. بىزنىڭ ياز، قىشىمىز ھەممىسى ئوخشاش. ھەر كۈنى ئالتە يېرىم ياكى يەتتىگە چارەك قالغاندا ئىش ئالىمىز. ئالتى يېرىمدا ئىش ئورنىغا بارىمىز.
(19) Ben İsgeledeyim dėdim. İşden  gelirim aha bakıñ otomobilin üsdünde   yazılar yazar dėdim, işden gelirim falan dėdim ben. = ST ‘Ben İskele’deyim, İşten geliyorum, işte bakın otomobilin üstünde yazılar yazıyor, işten geliyorum falan dedim ben’.

(19) مەن ئىسكەلەدە، ئىشتىن كەلدىم، خىزمەتتە ماشىنىدا ئەسەر يازىمەن، ئىشتىن كەلدىم...، دېدىم مەن.
(20) Bakdım aynadan iki dane ışık gelir arkadan Leymosun'dan taraf. = ST 'Aynadan baktım. Arkadan, Limasol tarafından iki tane ışık geliyor'.
(20) ئەينەكتىن قارىدىم، كەينىدىن لىمانسول تەرەپتىن ئىككى دەستە نۇر كۆرۈندى.
سىپرۇس دىيالېكتىدا ھازىرقى زامان بىلەن كەڭرى زاماننىڭ ئايرىلماسلىقى ۋە يېڭىyor (X)-  نىڭ ۋارىيانتلىرىنىڭ ئاز ئىشلىتىلىشى، بۇ قوشۇمچىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. سىپرۇس دىيالېكتى ئاناتولىيەدىكى مەنبەسىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا، ھازىرقى زامان يېڭىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شېۋىلەردە تېخى تاماملانمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ھازىرقى زاماننى بىلدۈرىدىغان يېڭى بىر قوشۇمچىغا ئېھتىياجلىق بولمىغانلىقى، شۇنداقلا ئارالدىكى گېرىكچىدە بۇنداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولماسلىقى بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ( سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ ھازىرقى زامان بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەڭرى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دەمىرنىڭ 2002- يىلىدىكى 7-پارچە ماقالىسىگە قاراڭ). نېمىلا بولمىسۇن، سىپرۇس دىيالېكتىدا yor (X)- شەكلى ئاز بولسىمۇ قوللىنىلىدۇ. 21- مىسالدا كۆرۈلگەن بۇ شەكلىنىڭ ئۆلچەملىك تىلنىڭ تەسىرى بىلەن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېنىق. Bilemeyyoruk قا ئوخشاش مىساللار بولسا، بۇ شېۋىلەردە ھازىرقى زامان قوشۇمچىسىنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ ئەمدى باشلانغانلىقىنى ئەمما تېخى گۈللىنەلمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
(21) Usda dėdi baa nere gidiyon dėdi baa, dėdim gene asger gelir arkadan usda dėdim gene. Rum asgeri gelir dėdim, bak gene dėdim, ilgilen dėdim gene, sokuldum içeri ben. Torbaynan beraber godum urubalaı çıkdım.   Deyiyor   asger   usdaya   düdük çalarık diyor ne durmadı arabañız diyor.  =  ST  'Usta   bana   nereye gidiyorsun dedi. Ona arkadan asker geliyor usta dedim, Rum askeri geliyor, bak ilgilen dedim ona. İçeri gittim. Elbiseleri torbayla birlikte koyup çıkktım. Asker   ustaya, düdük çalıyoruz, arabanız niye durmadı diyor'.
(21) ئۇستا ماڭا: نەگە ماڭدىڭ دېدى. ئۇنىڭغا: ئارقىمىزدىن ئەسكەر كېلىۋاتىدۇ، ئۇستا،  دېدىم. گېرىك ئەسكەرلىرى كېلىۋاتىدۇ، قاراڭ، دېققەت قىلىڭ، دېدىم. ئىچكىرى ماڭدىم. كىيىملەرنى سومكا بىلەن قويۇپ چىقتىم. ئەسكەر ئۇسىتىغا: دۈدۈك چالدۇق، ھارۋىڭىز نېمىشقا توختىمايدۇ، دېدى.
ۋاستىلىك ئۆتكەن زامان
سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ پېئىل مورفولوگىيەسىدە، دەسلەپتە ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان، سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىكلەردىن بىرى mXş- قوشۇمچىسىنىڭ ئىنتايىن ئاز قوللىنىلىشى، تېخىمۇ توغرىسى ۋاستىلىك ئىپادىلەشنىڭ تەرەققىي قىلمىغانلىقىدۇر.
(22) Birisi atıldı dėdi, Vuda guyusunda bir dėve geberdi. = ST 'Birisi atıldı ve Vuda kuyusunda bir deve gebermiş dedi'.
(22) بىرسى ئېتىلدى ۋە ۋۇدا قۇدۇقىدا بىر تۆگە ئۆلۈپتۈ دېدى.
(23) Adam da gorgdu o şėyden sora, vurma olayından sora, döndü geldi evine   yatdı. Az saat cok saat sonura /.../ iki gişigeldi/.../ Gak gėdelimdėdi da sen bir adam   vurdun. Muakeme ėdeceyikseni. = ST 'Adam o vurma olayından sonra korkmuş,   dönmüş gelmiş evine yatmış. Bir müddet sonra /.../iki kişi gelmiş /.../. Kalk gidelim, sen bir adam vurmuşsun, seni yargılayacağız, demiş'.
(23)  ئۇ ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن قورقۇپتۇ، قايتىپتۇ، ئۆيىگە كەپتۇ، يېتىپتۇ. بىر مۇددەتتىن كېيىن ئىككى ئادەم كەپتۇ. قوپ كېتەيلى، سەن بىر ئادەم ئۇرۇپسەن، سېنى سوتلايمىز دەپتۇ.

(24) E nedir o dabanca, ,kim goydu oraya? Uzandım bagdım dabanca yog.   Meyer arabanın glajıynan isdobunu gördüler bunnar, kölge  akseddi  doşemeye,   dabanca bellediler. = ST  'E, o tabanca nedir, kim  koydu oraya. Uzandım baktım tabanca yok? Meğer bunlar arabanın debrejiyle firenini gormüşler, döşemeye gölge aksettiği için tabanca sanmışlar'.
(24) ھە، ئۇ تاپانچا نېمە؟ كىم قويدى ئۇ يەرگە. سوزۇلۇپ قارىدىم تاپانچا يوق؟ ئەسىلىدە ئۇلار ھارۋىنىڭ دەبرەژى بىلەن فىرەنىنى كۆرگەن ۋە چۈشكەن كۆلەڭگىسىنى تاپانچا دەپ قالغانىكەن.

مىساللاردا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك mXş- قوشۇمچىسى ئاز قوللانغاننىڭ ئەكىسىچە، سۆز تېمىسى dX- قوشۇمچىسىنىڭ كۆپ قوللىنىشى ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ چۈشەنچە بېرىشتۇر. بۇنىڭغا كۆرە،  dX- قوشۇمچىسى تۈركچىنىڭ باشقا دىيالېكتىدە بەك جىق ئۇچرىمايدىغان بىر شەكىلدە سۆزلىنىۋاتقان ئۇچۇرنىڭ ھېس قىلىشتىن، چۈشىنىشتىن، ئومۇمىي تەجرىبىلەردىن ئۆتۈپ ۋە باشقا يوللار بىلەن ۋاستىلىك بولۇپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ( ترابزون دىيالېكتىدىكى ئوخشاش ئەھۋال ئۈچۈن، برەندېمونننىڭ 1999، 199غا قاراڭ).
كەلگۈسى زامان
سىپرۇس دىيالېكتىدە مەيل قوشۇمچىلىرىدىمۇ ئايرىم تەتقىقات قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت. شەرت قوشۇمچىسىنىڭ ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتىنىڭ يوقلۇقى ۋە پەقەت ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكلىsa- نىڭ بارلىقى يۇقىرىدا كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلدى. كەلگۈسى زامان قوشۇمچىلىرىدىمۇ فۇنكىسىيە جەھەتكە قارىغاندا شەكىل جەھەتتە خېلى جىق پەرقلەر بار. تۆۋەندىكى شەكىللەردە I ۋە II شەخس بىرلىك بىلەن I شەخس كۆپلۈكتە سىپرۇس دىيالېكتىغا خاس ئالاھىددىلىكلەر قوللىنىلماقتا. بولۇپمۇ I شەخس شەكلىنىڭ قوللىنىلىشى سىپرۇس دىيالېكتىغا نىسبەتەن تىپىك مىسال ھېسابلىنىدۇ.
yapacayım                              yapacayık
yapacañ ~ yapacan                        yapacaksınız
yapacak                                 yapacaklar

باشقا قوشۇمچىلار
سىپرۇستا زۆرۈر مەيلى قوشۇمچىسى بولغان mAlI- مۇ قوللىنىلمايدۇ. بۇ قوشۇمچە بىلدۈردىغان مەنىنى تۆۋەندە كۆردىغىنىمىزدەك lazım، lüzumدېگەن سۆزلەر  ئىپادىلەيدۇ. بۇيرۇق- تەلەپ مەيلى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان -AyIm AsIn,- -sXn, -AlIm,  -AsXnXz, -sXnnAr قوشۇمچىلىرى بېقىندى جۈملە تۈزۈشكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرىدىكىدەك ئوڭغا بېقىنغان(باش جۈملىسى ئالدىدا، بېقىندىسى كەينىدە) ۋە باش جۈملىنىڭ تەركىبى بۇيرۇق- تەلەپ مەيلى قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىدۇ.

(25)Usda ben çabalarım gaçayım gideyim kuzeye = ST 'Usta ben kuzeye kaçıp gitmeye çabalıyorum'.
(25) ئۇستا، مەن شىمالغا قېچىپ كېتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن.

(26) Ben isderdim o sanatı da oğreneyim = ST 'Ben o sanatı da oğrenmek istiyordum'.
(26) مەن ئۇ سەنئەتنىمۇ ئۆگىنىشنى خالايتتىم.

(27) Gorkarım dėdi bu saatda gideyim Duzlaya dėdi = ST 'Bu saatte Tuzlaya gitmeye korkarım, dedi'.
(28) بۇ چاغدا تۇزلاغا كېتشىكە قورقىمەن، دېدى.


سىنتاكىسىس
سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ ئۆلچەملىك تۈركچىدىن ئەڭ جىق پەرقى سىنتاكىسىستا كۆرۈلىدۇ. ئۆلچەملىك تۈركچىدە قوشۇمچىلار بىلەن بەزى ئەھۋاللار سىپرۇس دىيالېكتىدە تەسۋىرى شەكىل (ئانالىتىك) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ تەپسىلاتى ۋە تەتقىقاتى بۇ ماقالە دائىرىسىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلار ھەققىدە توختالمايمىز. تۆۋەندە بىر نەچچە مىسال بېرىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

ئارزۇ ئىستەك مەيلى
سىنتاكىسىس دائىرىسىدە ئەڭ كۆپ كۆزگە چېلىقىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى ئىستەك جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلىشىدۇر. تۈركچىدە ئىستەك جۈملىلىرى mA(k) (+ iyelik) + iste بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. Gitmek istiyorum.( كېتىشنى ئىستەيمەن). بۇنىڭ بىلەن -iste پېئىلىنىڭ بىر ياردەمچى پېئىل بولىدىغان- بولمايدىغانلىقى تالاش- تارتىش ئۈستىدە. لېكىن بۇ بىزنىڭ مۇھاكىمە دائىرىمىزدە ئەمەس. سىپروس دىيالېكتىدا ئىستەك پۈتۈنلەي ھىندى- ياۋروپا تىللىرىدىكىدەك -iste پېئىلىنىڭ كەينىدىن ئىستىگەننى كۆرسەتكەن بېقىندى جۈمىلىلەر كېلىپ تۈزۈلىدۇ. بۇ يەردە ئىككىنچى پېئىل ئارزۇ- تىلەك قوشۇمچىلىرىدىن ئۇيغۇن بولغىنى بىلەن تۈرلىنىدۇ. ئىگىنىڭ ئوخشاش ياكى پەرقلىق بولغىنىغا كۆرە، ئىستەكنى بىلدۈردىغان جۈملىلەرنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە ( بۇ مەزمۇن بىلەن باغلىنىشلىق تېخى جىق مەلۇماتلار ئۈچۈن دەمىرنىڭ 2003- يىلدىكى ماقالىسىگە قاراڭ):
.ئىگىسى ئوخشاش بولمىسا                              ئىگىسى ئوخشاش بولسا
1. P. Sg. İsderim gideyim                        isder gideyim
2. P. Sg İsdeñ gidesiñ                             isder gidesin
3. P. Sg İsder gidsin                               isder gidsin
1. P. Pl. İsderik gidelim                           isder gidesiñ
2. P. Pl. İsdersiniz gidesiñiz                       isder gidesiñiz
3. P. Pl. İsdeller gidsinner                         isder gidsinner

(28) İstedi okula gidsin. = ST ‘Okula gitmek istedi’.
(28) مەكتەپكە بېرىشنى ئىستىدى.

(29) Böyük gızını isder yollasın. = ST ‘Büyük kızını yollamak istiyor’.
(29) چوڭ قىزىنى ئەۋەتىشنى ئىستەيدۇ.

(30) İsder alayım bir arabacık gendine = ST ‘Ona bir araba almamı istiyor’.
(30) ئۇنىڭغا بىر ھارۋا ئېلىشىمنى ئىستىدى.

زۆرۈرىيەت مەيلى
سىپرۇس دىيالېكتىدە سىنتاكىسىس ئالاھىدىلىكىدىن يەنە بىرى، كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك زۆرۈرىيەت مەيلىدە كۆرۈلىدۇ. ئۆلچەملىك تۈركچىدە mAlI- قوشۇمچىسى بىلەن ياكى  -mA + ئىگىلىك  + gerek/lazımياكى   -mAk gerek/lazımبىلەن ئىپادىلىنىدىغان زۆرۈر مەيلى سىپرۇس دىيالېكتىدە  lazım/lüzum + پېئىل+ بۇيرۇق- تەلەپ مەيلى قوشۇمچىسى بىلەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

(31) Lüzum gideyim = ST ‘Gitmem lazım’.  
(31) كېتىشىم كېرەك.

(32) Bu arada tabii dönünca da geldim yukarı, lazım bisikleti alayım da gideyim aşşaa ben tekrar. = ST 'Bu arada tabi dönünce yukarı geldim, bisikleti alıp da aşağı tekrar gitmem lazım'.
(32) بۇ ئارىدا ئەلۋەتتە يانغانچە يۇقىرىسىغا  كەلدىم. ۋېلىسىپتىنى ئېلىپلا تۆۋەينىگە يەنە كەتمىسەم بولمايدۇ.   

(33) Lazım anlasın benim Türk oldu:mu = ST ‘Benim Türk olduğumu anlamalı’.  
(33) مېنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىمنى بىلىشى كېرەك.

(34) Lazım gidelim eve da yemek yeylim = ST ‘Eve gidip yemek yemeliyiz’.
(34) ئۆيگە كېتىپ، تاماق يەيلى.

باغلىغۇچى ئالمىشى بىلەن باغلىق جۈملىلەر
باغلىغۇچى ئالمىشىغا ئىگە بولۇش سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ سىناكىسىس جەھەتتىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. كۆرسىتىش ئالماشلىرى بولۇپ şu, o  şu, o su, hani ۋە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە  ki قوللىنىلىدۇ.  تەركىبىدە بۇلار بولغان جۈملىلەر باش تەركىبلەردىن كېيىن كېلىدۇ ۋە رولى جەھەتتە ، تۈركچە باغلاشتۇرۇش تىپىدىن قارىغاندا، بۇلار سۈپەتداشلاردىن تۈزۈلگەن ۋە باش تەركىبلىرىدىن بۇرۇن كەلگەن جۈملە تىپىغا تەۋەدۇر. ( دەمىرنىڭ 2002-يىلىدىكى 5- ماقالىسىگە قاراڭ).

(35) Mesela anamın duyduğu bişey varıdı, Baflılarınan ilgili, annadsın. Çocuk şu vurmuş gendine bişeyler varıdı hatırlañ anne? = ST ‘Mesela annemin duyduğu bir  şey vardı, Baflılarla ilgili, [onu] anlatsın. Kendine bir şeyler vuran çocuğu hatırlıyor musun, anne?'
(35) مەسىلەن، ئانام سەزگەن بىر ئىش بار ئىدى، بافلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، (ئۇنى) سۆزلەپ بەرسۇن. ئۆزىگە بىر نەرسە ئاتقان بالا ئېسىڭدە بارمۇ، ئانا؟

(36) Söyle şu aradım gendini = ST ‘Onu aradığımı söyle’.
(36) ئۇنى ئىزدىدىم شۇنداق.

(37) O gelin ki aldıñ hiş yaramaz (Gürkan 1997, 148)  = ST 'Aldığın o gelin hiç yaramaz'.
(37) ئالغان ئۇ كېلىن شۇنداق بوشاڭ.
Hazır بىلەن مۇناسىۋەتلىك زامان ئىپادىسى
بىر ئىشنىڭ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يۈز بېرىشى مەنىسىدىكى زامان ئۇقۇمى ئۆلچەملىك تۈركچىدە yaz-  بىلەن ياكى  neredeyse, az kalsın, az kaldı, az dahaبىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما سىپرۇس دىيالېكتىدە Hazır+ پېئىل+ بۇيرۇق- تەلەپ مەيلى قوشۇمچىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇمۇ بۇ دىيالېكتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

(38) Hazır öleyim = ST ‘Az kalsın ölüyordum’.
(38) ئۆلگىلى تاس قالدىم.

(39) Ateş hazır Osmanıñ gözüne gidsin = ST ‘Ateş az kalsın Osman’ın gözüne gidiyordu’.
(39) ئوت ئوسماننىڭ كۆزىگە كىرىشكە تاس- تاماس قالدى.

X)mXş)- نىڭ ئوخشىمىغان ئىشلىتىلىشى
باشقا بىر ماقالىمىزدە ئايرىم ھالدا سىپرۇس دىيالېكتىدىكى ئىسىملارغا قېىتىلىپ ۋاسىتىلىكلىكنى بىلدۈرگەن X)mXş)- نىڭ جۈملىدىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق ( بۇنىڭ ئۈچۈن دەمىرنىڭ 2002- يىلىدىكى 4- ماقالىسىغا قاراڭ). بۇ يەردىكى يەنە بىر ئەھۋال  شۇكى، X)mXş)- قوشۇلغان ئىسىمنىڭ جۈملە ئاخىرىدا كەلمەسلىكىدۇر. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ فۇنكىسىيىلىك بىر سەۋەبىمۇ يوقىرىدا تىلغا ئالغان ماقالىدە كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، X)mXş)- نىڭ ئورنىدىكى تۇراقسىزلىق، جۈملىدىكى مۇھىم ياكى يېڭى ئۇچۇرىنى تەكىتلەش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ: بېشىدا كەلگەن چاغدا جۈملىگە « گويا، ئېيتقىنغا كۆرە، شۇنداق سۆزلەيدۇ، ئەمما ئىشەنمە» دېگەندەك مەنىلەرنى قاتىدۇ. باشقا ئەھۋاللاردا X)mXş)- مۇھىم ياكى يېڭى ئۇچۇرنى بىلدۈردىغان سۆزلەردىن كېيىنلا كېلىدۇ.
(39a)  Miş Ahmet okula gitmeyecek yarın = ST ‘[Güya / söylediğine göre] Ahmet yarın okula gitmeyecekmiş’.  
(39ئا) (گويا، دېگەندىكىدەك) ئەھمەت ئەتە مەكتەپكە بارمايمىش /بارمايدىكەن.
(39b) Ahmetmiş okula gitmeyecek yarın = ST ‘Yarın okula Ahmet gitmeyecekmiş’.  
(39ب) ئەتە مەكتەپكە ئەخمەت بارمايمىش /بارمايدىكەن.
(39c) Ahmet okulamış gitmeyecek yarın  = ST ‘Ahmet yarın okula gitmeyecekmiş’.

(39س) ئەھمەت ئەتە مەكتەپكە بارمايمىش /بارمايدىكەن.
(39d) Ahmet yarınmış okula gitmeyecek = ST ‘Ahmet okula yarın gitmeyecekmiş’.
(39د) ئەھمەت ئەتە مەكتەپكە بارمايمىش /بارمايدىكەن.
كۆرسىتىش ئالمىشى gendi
ئۆلچەملىك تۈركچىدە ئۆزلۈك ئالماش رولىنى ئوينايدىغان kendi  سۆزى سىپرۇس دىيالېكتىدە تۈرلۈك ۋارىيانتلاردا كۆرسىتىش ئالماش قىلىپ قوللىنىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇ شېۋىلەرنى تۈركچىنىڭ باشقا دىيالېكتىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر.( ئۆزتۈركنىڭ 2001- يىلدىكى ماقالىسىگە قاراڭ).

(40) Sen gızım gir yikan dėdi gendine. = ST ‘Kızım, sen girip yıkan dedi ona’.
(40) قىزىم، سەن كىرىپ يۇيغان، دېدى ئۇنىڭغا.  

(41) Bu defa imam bir mekdup yazar gızın babasına, senin gızın dėdi gendine, kötülük yapar = ST ‘Bu defa imam kızın babasına bir mektup yazar, senin kızın dermiş ona, kötülük yapıyor’.
(41) بۇ قېتىم ئىمام قىزنىڭ دادىسىغا بىر خەت يېزىپتۇ ۋە  سېنىڭ قىزىڭ، دەپتۇ ئۇنىڭغا، ئەسكىلىك قىلدى.
بىر قاراشتا ئۆزلۈك ئالمىشى بىلەن كۆرسىتىش ئالمىشى ئارلىشىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. ئەمما سىپرۇس دىيالېكتىدە بۇ ئالماشنىڭ ئۆلچەملىك تۈركچىدىكى ئەسلى رولى بولغان ئۆزلۈك ئۇقۇمى gendi gendini, gendi gendine غا ئوخشاش gendi سۆزنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن ئىپادىلىندۇ ۋە يالغۇز gendi سۆزى ئۆزلۈك ئۇقۇمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ.

Yok بىلەن بولۇشسىزلىق
سىپرۇس دىيالېكتىدە پېئىللارنىڭ بولۇشسىزلىق شەكلى  ئادەتتە –mA بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما II شەخستە كەلگەن پېئىللارنىڭ بولۇشسىزلىقى ئۆزىنىڭ ئالدىدا كەلگەن yok بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

(42)Terlikinan girilir, yok giresin potinciklerinan = ST ‘Terlikle girilir, ayakkabıyla girilmez’.
(42) ساپما كەش بىلەن كىرىدۇ، ئاياغ كىيىپ كىرمەيدۇ.

(43) Yok gidesiñ eve da yalıñız sıkılasıñ = ST ‘Eve gidip de yalnız sıkılmayasın’.
(43) ئۆيگە كەتسەڭمۇ يالغۇز  سىقىلمايسەن.

سوئال
جاۋابىغا  Evet/hayır بېرىلىدىغان سوئال جۈملىلەرنىڭ قوشۇمچىسىز تۈزۈلۈشىمۇ سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ تۈركچىدىن ۋە باشقا شېۋىلەردىن پەرقىلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. بىلگىنىمىزدەك، ئۆلچەملىك تۈركچىدە بۇ تۈردىكى سوئال جۈملىلەر mX دېگەن سوئالنى بىلدۈردىغان قوشۇمچە بىلەن تۈزۈلىدۇ. سىپرۇس دىيالېكتىدە سوئال مەنىسى ئۇرغۇ ئارقىلىق بىلدۈرىلىدۇ ( سىپرۇس دىيالېكتىدىكى ئۇرغۇ ھەققىدە چەلەبىنىڭ 2002- يىلدىكى ماقالىسىگە قاراڭ).

(44) GelDİN = ST Geldin mi?
(44) كەلدىڭمۇ؟

(45) Annen evdėDİR = ST Annen evde mi? = ST 'Annen evde mi?'
(45) ئاناڭ ئۆيدىمۇ؟

(46) Burda oynanan çelik çomak oyunu giBİ? = ST 'Burada oynanan çelik çomak oyunu gibi mi?'
(46) بۇ يەردە ئوينالغان پولات چوماق ئويۇنىغا ئوخشاشمۇ؟

سوئالنىڭ ئۇرغۇ بىلەن ئىپادىلىنىشى شەرقىي ئاناتولىيە دىيالېكتى ۋە ئەزەربەيجان تىلدىمۇ ئۇچرايدۇ. لېكىن سىپرۇس دىيالېكتىدىكى  ئۇرغۇ شەكلى ئۇلاردىن پەرقلىنىدۇ. يەنى ئۇرغۇلۇق بوغۇم ئەزەربەيجان تىلىدىكىگە ئوخشاش سوزۇلمايدۇ. بۇ ھەققىدە توختۇلۇش بۇ ماقالىمىزنىڭ دائىرىسىدە ئەمەس ( بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئۈچۈن ئىمەرنىڭ 2001- يىلىدىكى، چەلەبىنىڭ 2002- يىلىدىكى ماقالسىگە قاراڭ).

تۈگۈنچ         
         يوقىرىدا كەلتۈرگەن ئالاھىدىلىكلەرنى تېخىمۇ كونكېرىتلاشتۇرۇش ۋە كۆپەيتىش مۇمكىن. شۇنداقلا بۇلارغا سىپرۇس دىيالېكتىدىن كەڭرى مىساللار تېپىش مۇمكىن. بۇ قەدەر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغىنىغا قارىماي، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئالاھىدىلىكلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز تېخى ئاساسى بىلىم خاراكتېرلىكتۇر. سىپرۇس دىيالېكتىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبىنى تېخىمۇ ياخشى بىلشكە ئېھتىياجىمىز بار.  يەنە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر  ئارالدا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تىللارنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى مەيلى ئۆلچەملىك تۈركچىدە بولسۇن، مەيلى سىپرۇس دىيالېكتىنى تەشكىل قىلغان شېۋىلەردە بولسۇن، بۇ تۈر ئەگرى- توقايلىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىر قىسىمىنى تۈركچىنىڭ  ئىچىدىكى بىر تەرەققىيات سۈپىتىدە چۈشەندۈرۈش قىيىندۇر. لېكىن ئۆلچەملىك تۈركچىدىكى ھەر بىر قانۇنىيەتسىز ئەھۋاللارنى، سىپرۇس دىيالېكتىگە خاس ھەربىر تەركىبنى ئاۋال گېرىكچىدىن كىرگەن دەپ چۈشەندۈرۈش بىزگە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ تەپسىلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. سىپرۇس دىيالېكتىنىڭ تۈركچىدىن ئايرىلىپ( ئارقىدا) قېلىشىدىن پەيدا بولغان، ئاناتولىيە دىيالېكتىدىمۇ كېيىنكى ئەسىرلەردە ئۆزگىرىپ كەتكەن بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قالغانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى  كېرەك.

0

تېما

5

دوست

831

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 17:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز -ئۆزىگە تەسەللى بىرىش تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى قۇرال
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 17:45:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-4-6 17:22
نىمە بۇ تېما دەپ مۇشۇنىمۇ يازدىڭىزما؟ خەقنىڭ ۋاقىتىنى  ...

ساقتۇ؟...
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

313

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   6.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25578
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 23:12:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-4-6 17:22
نىمە بۇ تېما دەپ مۇشۇنىمۇ يازدىڭىزما؟ خەقنىڭ ۋاقىتىنى  ...

باغداشقا يېزىلىدىغان تېما-ئىنكاسلارنى كىم بەلگىلەپ بېرىدۇ؟ مەن بىر تېما يازماقچى ئىدىم،ياردەم قىلارسىزمۇ؟

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 23:31:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-7 13:40  
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-6 22:50
ئابلىمىت ئاكا،تورداشلاردىن بۇنداق مەسخىرە تۈسىنى ئا ...

ھەر كالتە ئاقساقاللار يازغان تىمىلارغا قاراپ ئولتۇرىمىز، باشقىلارغا دەخلى قىلىشتىن ساقلىنىش تەربىيسى بىزدە يوق ئەمەسقۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )