قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1318|ئىنكاس: 4

قەيسەر مىجىت: ئالتۇن بۆشۈكتە ئەللەيلەنگەن چاغلار-(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 20:25:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئالتۇن بۆشۈكتە ئەللەيلەنگەن چاغلار-(2)


قەيسەر مىجىت


            بىز ئوبلاستلىق بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئاز كۈندىن كىيىن مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ سكىرتارى تۇرسۇن قادىر مۇئەللىم سىنىپىمىزغا كىرىپ "مىجىت ئابلىز" ئىسىملىك بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ  ۋاقىتسىز قازا قىلغىنى ئۈچۈن بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئۆيىنىڭ ئىش- كۈشلىرىگە ياردەم بىرىشىمىز لازىملىغىنى ئىيتتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق خاسىيىتى بار ئىشتىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالمايمەن-دە. ئېسىمدە قىلىشىچە  بىر نەچچىمىز مەرھۇم مىجىت مۇئەللىمنىڭ ئاتۇشتىكى شۇ چاغدا مەشھۇر "شىئاڭگاڭ بازىرى" دەپ ئاتىلىدىغان بازارنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان ئۆيىگە بىرىپ ھويلىسىدىكى ئەنجۇر كۆچىتىنى كۆمۈشۈپ كەلدۇق . ئۇ مىنىڭ ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم ئەنجۇر كۆچىتىنى كۆمۈشۈم ئىدى. كىيىن ئۇقسام مىجىت ئابلىز مۇئەللىممۇ يات ئەمەس ئىكەن (ئاللا ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن). ئاتا-ئانام ئوقۇغان مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھەم ئويتاغدا قىسقا مەزگىل بىللە ئىشلىگەن بولۇپ ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ تاغىسى ئىكەن.
        بىز تاغدىن كىرگەنلەر 20 دىن ئارتۇق بولۇپ ھەر قايسى يىللىقلارغا بۆلۈندۇق. سىڭلىم ئايشەمگۇل تولۇقسىز ئوتتۇرا 2-يىللىققا بۆلۈندى، ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرى دەسلەپتە ئابلەت ئىسىملىك، ئورۇقراق كەلگەن چىكىلىرىگە ئاق چۇشۇشكە باشلىغان تەمكىن تەبىئەتلىك مۇئەللىم بولۇپ ھازىر ئۇقسام ئۇ مۇئەللىم ھىلىقى CCTV دا ئېنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان ئۈمىت ھاجى ئۇكامنىڭ چوڭ دادىسى ئىكەن ئەمەسمۇ؟، كىيىن سىڭلىمنىڭ سىنىپ مۇدىرى تۇراخۇن ئىسىملىك خۇشخەت يېزىشقا ماھىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدى.
      ئۇلۇغچاتتا ئوقۇۋاتقان چىغىمىزدا ھەممىمىز شەھەر نوپۇسى بولغاچقا مەكتەپكە نوپۇسىمىزنى كۆچۈرۈپ ئاپارغان ئىدۇق، ياتاقلىرىمىز بىكارلىق، تاماقلىرىمىز ئۈچۈن ئائىلە شارائىتىمىزغا قاراپ ئېيىغا بەش موچەندىن تارتىپ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ يىرىم يۇئەنگىچە تۆلەيتتۇق، مەمەتجان ئۆمەر ئىككىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى خىزمەتچى يەنى قوش مۇئاشلىق بولغانلىقتىن ئىيىغا ئۇچ يىرىم يۇئەندىن تۆلەيتتۇق. مەكتەپ يەنە ھەر يىلى كۈز كەلگەندە سىنىپتا باھالاش ئىلىپ بىرىپ قىيىنچىلىغى بار دەپ قارالغان ئوقۇغۇچىلارغا بىرەردىن تەنتەربىيە ئايىغى، قىلىن مايكا ۋە قىشلىق ئىشتان بىرىشەتتى. ئەمدى بۇ نەرسىلەر - تولا ۋاقىتتا يىراق يەرلەردىن كەلگەن بالىلارغا تىگەتتى. شۇ قاتاردا ئەلۋەتتە بىزنىڭ مەيداندىن كەلگەن بالىلارنىڭ ئىككى ئۈچىگە تىگىپ قالاتتى-دە بەزى بۇيۇملار. ناھىيىلىك مۇئارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىغى ئاسانبېكنىڭ دادامغا "ئورمون مايداندان بالدارى بىزدەن تەمىناتتى جەپ كەتىپتىر" دىگىنىدە مۇشۇنى كۆزدە تۇتقان بولسا كىرەك.
     لىكىن بىز ئاتۇشقا كىرگەندە پىلانلىق ئىگىلىك يىمىرىلىشقا، توۋار ئىگىلىگى جانلىنىشقا باشلاۋاتقان چاغلار ئىكەن.
بۇ يەردە بىزنىڭ شەھەر نوپۇسى بولۇش بولماسلىغىمىز بىلەن كىمنىڭ كارى بولسۇن. ھىلىقى ئوتتۇرا بوي قىزغۇچراق رەڭلىك دۇخاۋىدىن تىكىلگەنمۇ ئەيتاۋۇر ئاشۇنداق بىر رەختتىن تىكىلگەن بىر دوپپىنى كىيىۋىلىپ تاماكىنى چىكىپ قويۇپ بىشىنى پەسكە ئىگىپ مىڭىپ گەپنى ئاز قىلىدىغان مەكتەپ خوجۇلۇق بۆلۈمنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسىغا مەسئۇل 50 ياشلاردىن  ئاشقان ھوشۇر ئىسلام ئىسىملىك مەڭىزلىرى قىزىل، چاچ ساقاللىرىغا ئاق سانچىلغان ئادەمنىڭ ھىچنىمە بىلەن كارى يوق، پۇلنىلا تونۇيدۇ. ئۇ  ئادەمنىڭ ئۆز ئىشىغا پۇختىلىغىنى دىمەيسىلە. ھەر كۇنى تاماق سىتىلىدىغان چاغدا ئاشخانىغا پەيدا بولۇپ ئىشلارنى كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ، ياكى مۆمىن ئاشپەزنى تونۇشلىرىغا تاماقنى كۆپ بىرىۋىتىدۇ دەمدىكىن، ياكى پۇلنىڭ كەم يىغىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قالامدىكىن، ئىشقىلىپ زىيان چىقىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغاندەكلا يۇرەتتى.
       ئۇلۇغچاتتا مەكتىۋىمىز خوجۇلۇق بۆلۈمنىڭ كادىرى ئەرگەش ئىسىملىك كىشى ئىدى، بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىتى بولماي قالسىمۇ "بولۇپتۇر ئەمى، ئالىپ جە" دەپ ياتاقتا ياتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق ئىشىدا كەڭرەك ئىدى. ھۆزەمبىللا خوراز كاكىلاپ سالسا سالىدۇكى ماۋۇ ھوشۇر ئاكا بىرەر قىيىنچىلىغى بار ئوقۇغىچىغا ئۇنداق سېخىلىك كۆرسىتىدىغاندەك ئەمەس...
         بۇ يەردە ئۇلۇغچاتتىكىدەك تاماقلىرىدىن قۇرۇت چىقىپ قالسىمۇ مەيلى دەپ قۇرۇتنى ئىلىۋىتىپ يەۋىرىدىغان تاماقلار نەدە تۇرۇپتۇ؟  تاماقنىڭ ئاساسەن بىكارلىغىدىن بولسا كىرەك كۆكتات ئورۇسىدا ساقلانغان كۆكتاتلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ قالغان كىچىك ئاق قۇرۇتلار كۆزىمىزگە دىۋە بولۇپ كۆرۇنۇپ كىتەتتى.  "ئەرزان گۆشىڭ شورپىسى يوق"، "بىكارلىق مانتا بەرسە پىيىزى باركەن دەپتۇ" دىگەن گەپلەر دەل شۇ دە. لىكىن ئاتۇشقا كىرگەندىن كىيىن ھىس قىلدۇقكى سۇپەتسىز بولسىمۇ بىكارلىق تاماق يەيدىغان ئۇنداق كۈنلەر كوممۇنانىڭ كەلمەسكە كەتكىنىدەك كەلمەسكە كەتكەن ئىدى.
        ئۇ چاغلاردا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشى ئومۇمىيۇزلۇك تۆۋەن بولۇپ، پۇلنىڭ راۋۇرۇس كۈچى بار ئىدى.  مەن بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن ماقال-تەمسىللەرگە يوشۇرۇنغان ھىكمەتلەرگە ئاجايىپ قايىل. ئەگەر كىشىلىرىمىز ئاشۇ ماقال تەمسىللەردە ئىيتىلغان گەپنى چۇشۇنۇپ ياشىسا ئىشىنىمەنكى مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋە بەختلىك ھايات كەچۇرەلەيدۇ. بۇ ماقال تەمسىللەرنىڭ ئالدىدا نىمە ئۇ "ئۇ ئىزم"، بۇ ئىزم" دىگەنلەر؟.خۇددى ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق" بولغىنىنىڭ ئەكسىچە پۇل تۆلەپ يىگەن نەرسە ئېغىزغا بەك تىتىيدىكەن.  ماۋۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدىكى تاماقلارنىڭ سىتىلىش باھاسى ئادەتتە 50 مودىن بىر كويغىچە بولۇپ پېتىر مانتا، پولو، ۋە مەزىلىك پىشۇرۇلغان قوي گۆشى شورپىلىرىنى ھەر كۈنى نۆۋەت بىلەن ئىتىپ ساتاتتى، شورپىلارنىڭ بىر قاچىسى بىر كويلار ئەتراپىدا ئىدى ئىسىمدە قىلىشىچە...ھازىر ئۇ تاتلىق شورپىلارنى 10 دوللارغىمۇ تاپالمايمەن ماۋۇ بوستوندا.
       ئاغۇدىن كىرگەن مومىن ئاشپەز تاماقنى مېزىلىك ئىتەتتى، شۇڭلاشقىمىكىن، چۈش بولا بولمايلا ياتاقتا ياتىدىغان بالىلارنىڭ نەپسى تاقىلداپ ئاشخانىغا يۈگرەيتتى. سىلەر ھازىر ئابدۇكىرەم ئابلىز، ئابلىكىم كەلكۇنلەر بىلەن ئىتوت ئويناپ چىقىدىغان يالقۇن قۇرباننى ئوبدان بىلىسىلەر چوقۇم. ئاشۇ يالقۇن ئاغۇدىن كىرىپ ماڭا ئوخشاش ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيتتى، بىزدىن بىر سىنىپ يۇرۇقى بولۇپ خۇدابەردى دىگەن خېمىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سىنىپىدا ئىدىغۇ دەيمەن. ئۇ شۇ چاغلاردىمۇ قىزىق بالا ئىدى، ئۆزىنى ۋە ئەتراپتىكىلەرنى خوش قىلالايدىغان. مەن ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلىدىممۇ ياكى باشقىلاردىنمۇ تازا ئىسىمدە يوق،  ئۇنىڭ چۈش بولاي دىگەندە ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇرۇنراق قويۇپ بىرىشىنى ئارزۇ قىلىپ قوشىغىنى تەلەڭگىسىگە ئۇرۇپ "قوساق ئاچتى، دەرس خوش ياقمايدۇ ئەمدى"، "ئاۋال تاماق ئاندىن دەرس" دەپ ئوقۇتقۇچىلارغا سىگنال بىرىدىغان قىلىقىنىڭ بارلىغىنى. بەلكىم ئۇ ھازىر ئۇرۇمچىدىكى سورۇنلاردا تاماقلارنىڭ موللىقىدا، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىكى ئاشۇ سۆيۇملۇك قىلىقلىرىنى ئەسلەپ تۇرسا كىرەك.  مەن ئۇنىڭ ئاشخانىدىن ياتاققا قايتقىچىمۇ تەلەڭگە قاچىسىنى داپ قىلىپ چىلىپ ماڭىدىغانلىغىنى كۆرەتتىم.
        "ئادەم كىچىكىدىن، مايسا كۆكىدىن" دىگەن شۇ دە. كىيىن ئۇ سەنئەت مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى. ئاڭلىساق ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىمۇ كۈلدۈرىۋىتىپتىكەن قىزىق گەپ ۋە ئىشلارنى قىلىپ. شۇ چاغدا مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ يىنىدىلا بىر تەنتەربىيە زالى بولۇپ ئاشخانىدىن تاماق سىتىۋىلىش ئۈچۈن ئادەتتە بالىلار قاتار ئۆچۈرەتتى تۇرۇشاتتى، ئەمما ماۋۇ يالقۇنغا ئوخشاش شوخراقلىرى، ھىلىقى ئاغۇدىن كىرىپ رابىيە خانىمنىڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان تەنھەركەتچى ئىسرايىل قارىغا (چىرايى قارىراق بولغاچقا ئىسرائىل قارا دەپ ئاتايتى بالىلار، ئۆزى ئىگىز بوي، ئورۇق ئەمما ۋالىبولغا كارامەت ئۇستا بالا ئىدى، ئاغۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋايىت مۇئەللىمنىڭ تۆھپىسى بولسا كىرەك، مۇشۇ ئاغۇدىن كىرگەن ساۋاقداشلار تەنتەربىيەدە مەكتەپ بويىچە ئالدىدا ئىدى) ئوخشاش بالىلار سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالاتتى- دە بەزىدە تەرتىپ بۇزۇلۇپ كىتەتتى، مىنىڭ كۆز ئالدىمدا شۇ بالىلارنىڭ بىر بىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ دىگۇدەك ئاشخانىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىغا ئىسىلىۋىلىپ پۇل ۋە قاچىسىنى مومىنگە تەڭلەپ تەقەززا بىلەن تۇرۇپ كىتىشلىرى كۆرۇنۇپلا تۇرىدۇ... ھىلىقى مەرگىزى باقمىچىلىق مەيدانى (جوڭ ياڭ چاڭ) دىن كەلگەن ئىگىز بويلۇق، قارا كۆزلۇك گۇزەل كەلگەن خانقىزنىڭ ھېيىقىپ، خىجىل بولۇپ قاچىسىنى قۇچاقلاپ بۇلۇڭدا تۇرۇپ كىتىشلىرىچۇ ئۇنى بىر دىمەڭ.... كىچىككەنمىزدە! بىز بالىلارنىڭ ئەقلىمىز بولسا ئاشۇنداق قىزلارغا بۇرۇن ئۆچۈرەتنى بىرىپ ئاندىن ئوغۇللار ئالمامتۇق دەيمىنا؟ ھەي نەپسى بالا سويمەكلەر....
        مەكتەپنىڭ ئاشخانىسى چوڭ ھەم پاكىز بولۇپ  مۆمىن ئىسىملىك ئاشۇ ياش يىگىت ئاشپەزلىك قىلىپ چۆگىلىتەتتى. بىزنىڭ سىنىپتىكى ئەركىن ياغاچ ئۇنىڭغا بەكلا يىقىنچىلىق قىلىپ كىتەتتى، ياكى تاماقنى ئىتتىكرەك سىتىپ بىرىدۇ ياكى جىقراق بىرىدۇ دەمدىكىن...ئۇنىڭ مۆمىنگە قىلغان مۇئامىلىسى بەئەينى بىر قورچاق مۇئاۋىن سكىرتارنىڭ باش سكىرتارغا قىلغىنىدەك مۇئامىلە ئىدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلەيدىغىنىڭ بىر كىچىك كارتىنىسى ئىكەن شۇ ئىشلارمۇ.
        ئىقتىسادشۇناسلىقتا "تەمىنلەش تەلەپنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ" دەيدىغان قاراش بار، يەنى بۇ پەلسەپىدىكى "ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ" دىگەنگە ئوخشاش گەپ بىر قارىساڭ. تاغدا تۈزۇك بازار بولمىغاچقا  كىشىلەر پۇل خەجلىمەيمۇ ياشىيالىغان بىلەن شەھەردە پۇل بولمىسا كۈن ئوتكۇزمەك تەسكە چۇشىدىكەن. چۇنكى پۇل خەجلىمەي دىسەڭمۇ ئىھتىياجىڭنى قوزغاپ تۇرىدىغان نەرسىلەر كۆپكەن ئەمەسمۇ بۇ بازاردا! ئۇ چاغدا كوممۇنا تارقىلىپ دىھقانلار يەرگە ئىگە بولۇپ ئۇلارنىڭ قىزغىنلىغى ئۇرغۇپ دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلارنى قاپلىغان چاغلار بولۇپ بۇ يەل -يىمىشلەرنىڭ كۆپ خىللىغى ھەم تاتلىقلىغى....بۇ ئاتۇشنىڭ كىچىك مۇشتۇمچىلىك گىردىلىرىنىڭ يىيىشلىكلىگى، تاماقلىرىنىڭ بولۇپمۇ سامسىلىرىنىڭ  مەززىلىكلىگى، قوسىغىڭ تويغان بىلەن كوزۇڭ تويمايدۇ. شۇ تاپ مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقان چىغىمدىمۇ ئىغىزىمغا سۇ كىلىۋاتىدۇ، ئىت يىللىق ئادەم ئەمەسمۇ، رېفلىكىسنىڭ تەسىرى كۇچلۇك-ھە ھا ھا..ھا...
         بىز بىلەن ئورماندىن كىرگەن بالىلارنىڭ ئاتۇشتا تۇققانلىرى يوقلىرى - ئاتا-ئانىسى نەچچە ئايدا خەجلەيسەن دەپ بەرگەن پۇللىرىنى ئىككى-ئۇچ ھەپتىدىلا خەجلەپ بولۇپ قىيىنچىلىق تارتىپ قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىر مۇئاش، 5-6 دىن بالا، يەنى بىرلا دادىسى ئىشلەيدۇ، دادىسىنىڭ ئالغان مۇئاشىغا ئاران ئۇن-ياغ ۋە ئۇنىڭ موخۇركىسى ئاران كىلىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا بىر ئادەم ئۇچۇن شەھەردە بالا ئوقۇتماق ھەقىقەتەن تەس. ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىغى بارلاردىن بىر نەچچىسى بىر مەۋسۇمنىمۇ تۇگۇتەلمەي مەكتەپتىن چىكىنىپ چىقىپ كەتتى. قوساق تويمىسا، كاللىغا قانداقمۇ دەرس چۇشسۇن، ئاۋال تائام ئاندىن كالام شۇنداققۇ! خۇداغا شۇكرى ھەر ھالدا مىنىڭ ئاتا-ئانام خىزمەتچى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتۇشتا ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز ۋە ئاتا-ئانامنىڭ خىزمەتداش، ساۋاقداش دوستلىرى كۆپ بولۇپ قاپتىكەن. مەن  مۇشۇ ئاتۇشتا ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ۋە بەزى ياخشى كىشىلەرنىڭ بىزگە يەتكۇزگەن ياخشىلىقلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلىگىنى ھىس قىلىپ قالدىم. ئەسلى بۇ يازمامدا بۇ ھەقتە توختىلىش خىيالىم يوق ئىدى، ئەمما ھىسسىياتىم مىنى شۇنداق قىلىشقا ئالدىرىتىۋاتىدۇ.
        ئۇيغۇرلاردا "تاغىدىن تاغا ياخشى، ھاممىدىن باداڭ' دىگەن گەپ بار. بۇ گەپلەرنىڭ قاچان دىيىلگىنىنى ھىچكىم دەپ بىرەلمەيدۇ، لىكىن بۇ گەپنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ھامما-تاغىسىنىڭ ئۆزىنىڭ "تۇققىنىم" دەپ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالمىغىندىن رەنجىگەن بىر كىشىنىڭ سۆزى ئىكەنلىگى ئىنىق. بىزگە بۇ گەپلەر دىيىلگەن شارائىت ئىنىق ئەمەس.
        كۈزەتسەم ئادەملەر نەچچە تۇرلۇك بولىدىكەن. بىر قىسىم كىشىلەر بار ئىكەن، ئۇلاردا شارائىتلا بولىدىكەن، ئۆزىنىڭ ئادىمىگەرچىلىكىنى، مېھر-مۇھەببىتىنى تۇققانلىرىغا ھەتتا ياتلارغىمۇ يەتكۇزۇپ تۇرىدىغان، يەنە بىر تۇركۇم كىشىلەر بار ئىكەن، ئۇلاردا شارائىت بولسىمۇ، ياتلار تۈگۈل ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاجىز بىر تۇققانلىرىغىمۇ قارىمايدىغان.
ئەمىلىيەتتە ئادىمىگەرچىلىكنى بىلىدىغان ئادەم - ئەقىللىق ئادەم، ھاياتنى چۇشەنگەن ئادەم ئىكەن. ئادىمىگەرچىلىكى يوق ئادەم - نادان ئادەم، كۆزى كىچىك، بېخىل ئادەم ئىكەن. بۇنداق ئادەمنىڭ ھەقىقى دوستى، تۇققىنى بولمايدىكەن، بۇ دىگەنلىك "بەرسەڭ ياخشى، بەرمىسەڭ يامان" دىگەن گەپ ئەمەس، مەن تازا دىققەت قىلىپ سىلىشتۇرۇپ كۆرسەم، بىزدىكى ئادىمىگەرچىلىك بىر ئىسىل ئىنسانپەرۋەرلىككە تولغان خىسلەت ئىكەن، ئۇ مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ھىسسىياتىنى كۇچەيتىپ مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن. ئۇ بىر خىل روھى كۇچنىڭ كىلىش مەنبەسى ئىكەن، ئەنە شۇنداق روھتىن كىچىكلەر ئۈلگە ئالىدىكەن ۋە ئۇنىڭ تۇرتكىسىدە خەلقىغە بولغان مۇھەببىتى كۈچۈيۈپ بىغىشلاش روھىنى يىتىلدۇرىدىكەن. قانداق كىشىلەردە بىغىشلاش روھى بولىدۇ؟ شەخسىيەتچىلىك ۋە مەن-مەنچىلىكتىن ئۇزاپ كەتكەن، ئەقىللىق كىشىلەردە! پۇرسەتپەرەسلەر پەقەت ئەقىللىق بولۇپلا كۆرۈنۈلەيدۇ ۋە سۇنئى ھالدا خوشال ياشىيالايدۇ خالاس!
        مەن ھاياتىمدا مەيلى ئۇرۇق تۇققانلىرىم بولسۇن ۋە ياكى ئەمەسلەر بولسۇن، نۇرغۇن ياخشى ئادەملەرنىڭ ئادىمىگەرچىلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن تەسىرلىنىپ چوڭ بولغان بىرسى. بۇ چەتئەلدىكى ھاياتىمدا كىملەرنىڭ قاچان ماڭا نىمە ھىممەتلەرنى كۆرسەتكەنلىكلىرىنى كۆڭۈل ئەينىكىمدىن ئۆتكۇزۇپ ئۇلارنى مىننەتدارلىق ھىسسىياتىم بىلەن ئەسلەپ تۇردۇم.
        مەن ئاتۇشتا ئوقۇۋاتقاندا ھەر ھەپتە ئاخىرى بولۇشى بىلەن ياكى پارتىيە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئانامنىڭ نەۋرە ئىنىسى مامۇتجان ئاكام ۋە ياكى تاشقى سودا ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان دادامنىڭ نەۋرە ئىنىسى قەدىرلىك ئىسلامجان ئاكام (مەرھۇم ئىسلامجان ئاكام بىلىمگە قىزىقىدىغان، ياخشى ئوقۇغانلارنى، ئۇرۇق-تۇققان ئەلە مەلىدىكىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئاجىزلارنى يۆلەيدىغان سېخى كىشى بولۇپ 1993-يىللىرىغۇ دەيمەن 41-42 يىشىدا ياشلا تۇرۇپ قازا قىلىپ كەتتى، ئاللاھ ياتقان جايىنى
جەننەتتىن قىلغاي) مىنى ۋە سىڭلىمنى ئۆيىگە ئىلىپ كىتىپ قوندۇراتتى. ئىسلامجان ئاكامنىڭ ئايالى خانقىز ئاچام سۇنتاغدا تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ مېھرى ئىسسىق، ئوڭلۇق ئايال ئىدى، سىڭلىمنىڭ چاچلىرىنى تاراپ ئۆرۈپ قوياتتى. ئىسلامجان ئاكام تاكى بۇ دۇنيادىن كەتكۈچە مىنى قوللاپ ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۇرۇپ تۇردى. ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھەر قىتىم ئۈرۈمچىگە كوماندىروپكىغا چىققاندا مىنى ئىزدەپ كىلەتتى، بازارغا ئىلىپ چىقىپ ئايلاندۇرۇپ خەجلەيدىغانغا پۇل بىرەتتى، ھەتتا مەن شاڭخەيدە ە ئوقۇۋاتقاندىمۇ 4 قىتىم 200 يۇئەندىن پۇل سىلىپ ياخشى ئوقۇشۇمنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرغان ئىدى. ئۇ مەندىن زور ئۈمىت كۇتەتتى. ئۆزى كىتاپنى كۆپ كۆرەتتى، نامازنى قازا قىلمايتتى. بەختكە قارشى ئىسلامجان ئاكام مىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققىنىمنى كۆرەلمەي تۈگەپ كەتتى. خىلى بىر ۋاقىتقىچە ئۆيدىكىلەر بىلەن ئىسلامجان ئاكامنىڭ گىپىنى قىلساق ھەممەيلەن كۆزىمىزگە ياش ئىلىپ يۇرۇشكەن ئىدۇق.
         مەن 2011- يىلى  ۋەتەنگە بىرىپ ئۈستۇناتۇشتىكى ئۆيىمىزگە چۈشكەن كۈنى چۇشتىن كىيىن ئۇرۇق-تۇققانلار، ئەلە مەلىدىكىلەر مەن بىلەن كۆرۇشكىلى بىزنىڭ ئۆيگە كىلىشىپتۇ شۇ قاتاردا ئىسلامجان ئاكامنىڭ ئايالى خانقىز ئاچام ۋە ئوغلى مۇتەللىپلەر كۆرۈشكىنى كەپتۇ. مۇتەللىپ ئىسلامجان ئاكامنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چىرايىدىن مېھر يىغىپ تۇرۇدىغان ئەسىل يىگىت بوپتۇ، شاڭخەي  تىببى ئىنىتستوتنىڭ ماگىستىرلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ۋاقىت قىس، شۇنداقتىمۇ مەن شۇ ئادەملەر توپىدىن ئۇنى يانغا تارتىپ سورىدىم:
-مىنىڭ يىنىمغا چىقىپ ئوقۇپ دوختۇر بولۇپ قالامسەن؟ ماقۇل دىسەڭ مەن بار مانا.
_ياق ئاكا دىدى ئۇ، ئەمدى مەن ئوقۇشنى تۈگۈتۈپ ئانام ۋە سىڭىللىرىمغا بالا، ئاكا بولۇپ ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ.
ئۇنى ئاڭلاپ كۆزۈمگە ياش كەلدى-دە ئۆزۈمنى تۇتالماي قىلىشتىن ئەنسىرەپ ئۇنى قۇچاقلاپ قويدۇم.
ئەل-يۇرتنى، ئۇرۇق تۇققانلارنى ئۇزۇن يىلدا بىر كۆرۈپ يۇرۇگۇم بىراقلا ئىرىپ كەتكەن بولسا كىرەك.
        بىر كۈنى ئوبلاستلىق بانكىدا خىزمەت قىلىدىغان دادامنىڭ تۇققىنى ئەبەيدۇللا مامۇت ئاكىنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدىم، بارغان چاغدا كۆڭلۈم ئىلىشىپ بارغان، ئۆيگە بىرىپلا ياندۇرۇپ  قاتتىق ئاغرىپ كەتتىم، ئەھۋالنى كۆرۇپ ئەبەيدۇللا ئاكام مىنى دەرھال ۋەلسىپىتىگە مىندۇرۇپ ئوبلاستلىق دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ ئوكۇل سالغۇزۇپ كەلگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن ساقىيىپ كەتكەن ئىدىم. ئاتا-ئاناملار 2004-يىلى ئامىرىكىغا كەلگەندە ئەبەيدۇللا ئاكامنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ئاشۇ قىلغان ياخشىلىغىنى ئۇلارغا قايتا سۆزلەپ بىرىپ ئۇلار ۋەتەنگە قايتقىنىدا ئەبەيدۇللا ئاكامغا  ئازراق كوڭلۇمنى ئەۋەتكەن ئىدىم. دادام سالىمىمنى يەتكۇزگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلغىنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئەبەيدۇللا ئاكام كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ. دىمەك، ياخشىلىق قىلىۋەرسەڭ، بەشى  ئۇنتۇپ قالسىمۇ، ئىككىسى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، مەن شۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى، قورقماي ياخشىلىق قىلىۋىرىڭلار جۇمائائا ماڭا توغرا كىلىپ قالسا، ھا ھا، ھا...
       بىر ئويلىساڭ كىشىگە قىلغان ياخشىلىق روھى بانكىغا قويۇپ قويغان ئامانەت!
       بۇرۇن كەنشىۋەر ئورمان مەيداندا ئىشلىگەن سانىيە ئاچام ئۇستۇناتۇش ئوچاردىكى يۇرت چوڭلىرىدىن سېلىمھاجى ئاكىنىڭ قىزى بولۇپ ئۇ كىيىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كىرىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۆيى ئوبلاستلىق پوچتا تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئىچىدە ئىدى. مەن 8-9 ياش چاغلىرىمدا سانىيە ئاچامغا ھەمرا بولۇپ ياتىقىدا بىللە قونۇشۇپ بىرەتتىم، دىدىمغۇ بىر يازمامدا،  تاغدا، ئورمانلىقنىڭ ئارىسىدا جىننىڭ ۋەسۋەسى كۈچلۈك بولىدۇ دەپ، ئۇنداق يەردە تەنھا قالغىنىڭدىن بىرەر مۇشۇكنى بولسىمۇ ھەمرا قىلىپ ياتساڭ كىچىدە قارا باسمايدۇ، مەن نىمىلا دىگەن بىلەن 8-9 ياشلىق ئوغۇل بالا ئىدىم دە. سانىيە ئاچام لەغمەنگە بەك ئۇستا ئىدى، سىڭلىم ئىككىمىزنى ئۆيىگە چاقىرىپ تۇراتتى.
            ئاتۇشتا نەبى پازىل ئىسىملىك بىر چوڭ زىيالى ئادەم بار بولۇپ نۇرغۇن كىشى تونۇيدۇ. ئۆزى ئەسلى ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىيىنكى يىللاردا قىزىلسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلانغان ئىدى نەبى مۇئەللىمنىڭ دادىسى رەھمەتلىك پازىل مۇئەللىم (پارتىيە مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئاڭلىشىمچە مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ بۇ دۇنيادىن بۇرۇن كىتىپ قالغان ئىكەن، ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇنئ ئامىن!)
        نەبى مۇئەللىمنىڭ نۇرلۇق چىراي تۇرقى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا. ئۆزى ئىگىز بوي، سالاپەتلىك ھەقىقى زىيالى ھەمدە ئۆزى تىرىشچان، خۇشخۇي بەكمۇ سالاپەتلىك كىشى بولۇپ نەبى مۇئەللىمدىن ھەقىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ يارقىن ئوبرازىنى كۆرگەن ئىدىم. نەبىكام داداملار ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چىغىدا دەرس ئۆتكەن بولسا كىرەك، نەبى مۇئەللىمنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى. تەقدىر دىگەن ئاجايىپ  بولىدىكەن، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا نەبى مۇئەللىممۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ داداملار خىزمەت قىلىدىغان ئويتاغ ئورمان مەيدانىغا چۈشۈرۈۋۈتىلگەن ئىكەن. ئۇ يەردە دادام -ئانام نەبى مۇئەللىمنى "ۋاي نەبى مۇئەللىم" دەپ بەك ھۆرمەت قىلىشىپ كۆز تىگىپ كەتكۇدەك دەرىجىدە قىرىنداشتەك ياخشى ئۆتۇشتى. نەبى مۇئەللىمنىڭ مەن بىلەن تەڭ مۇساجان دەپ بىر ئوغلى بار ئىدى، تەتىل مەزگىلىدە ئۇ ئويتاغقا چىقاتتى، ئۆزى كەم سۆز، ئوماق كۇلۇپلا تۇرىدىغان بالا ئىدى. مەن ئوبلاستلىق بىرىنجى ئوتتۇرىغا كىرگەندە ئاشۇ مۇساجان مىنى ئىزدەپ كىلىپ سىڭلىم ئىككىمىزنى نۇرغۇن قىتىم ئۆيىگە ئىلىپ بارغان ئىدى. مۇساجاننىڭ ئانىسى خەلچەمايىم ئاچامنىڭ ئىتىپ بەرگەن تاماقلىرىنىڭ تەمى ھازىرمۇ ئاغزىمدا بار. دىمەك تۇزىنىڭ تەمى بار كىشىلەر ئاسان ئۇنتۇلمايدۇ.
        ئاتا-ئاناملار بىلەن نەبى مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىرمۇ ئۇرۇق-تۇققاندەك ئىزدىشىپ ياخشى ئۆتىشىدۇ، دادامدىن ئاڭلىسام نەبى مۇئەللىم مىنى سوراپ تۇرىدىكەن، سىزگە ئامىرىكىدىن چەكسىز ھورمەت سالاملىرىمنى يوللايمەن نەبى مۇئەللىم!
ئاللاھ تېنىڭىزنى ساغلام قىلسۇن!
          مەن يىقىندا  بالا دوستۇم مۇساجان بىلەن دوستلۇق رىشتىمىزنى قايتا چىڭىتىۋالدىم.  ئۇ ھازىر پاراڭ دىگەننى كومبايىندا قوناق سوققاندەك سوقىدىغان گەپچى بوپ كىتىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلۈم بەكلا خوش بوپ قالدى.   
            يەنە ئەسلىسەم نۇرغۇن ئىشلار ۋە نۇرغۇن ياخشى كىشىلەر. ..ھىلىمۇ ياخشى ئاشۇ قارىماققا جاپادەك ئاشۇ كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپتىكەنمەن، شۇڭا باھار كىرسىمۇ ئۇنىڭغا ئىرەن قىلماي  ئۆيدىن تالاغا چىقماي شۇ تاتلىق كۈنلەرنى ئەسلەپ يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەگەر ھاياتىم تۈز سىزىقلىق يۆنۈلۈش بويىچە بولغان بولسا، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە نىمە ئىش قىلاتتىمكىن تاڭ..بەلكىم مەھەللەمگە ئىزىپ كىلىپ قالغان بۇغا ۋە توشقانلارنى قوغلاپ كىتەر بولغۇيتۇم.
ماڭا ئۇرۇق تۇققانلار ۋە يىقىنلارنىڭ ھىممەت شاپائىتى كۆپ مەدەت بولغىنى بىلەن  بۇ خىل پۇرسىتى يوق ئۇنىڭ ئۇستىگە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىغى بولغان تاغدىن كەلگەن بەزى بالىلارنىڭ ئوقۇشنى تاشلاپ تاققا چىقىپ كىتىشى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى.
       ياخشى يەرى مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۇتتۇرگەنلەرنىڭ ھەممىسى  رايونىمىزدىكى ئالى ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا ئۆتۈپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ كەتتى. تۇرسۇنجان ئۇرايىم يىزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىتىغا ئۆتتى، ئەنۋەر ئابلا خوتەن ئالى تېخنىكومىغا، مەمەتجان ئۇرۇمچىدىكى قاتناش مەكتەپكە، مەيدانىمىزنىڭ دوختۇرى ھۆرمەتلىك ئىسمايىل دوختۇرنىڭ بالىسى تېرىشچان ئىنىم نۇرمەمەتمۇ ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپكە ئوتتى ....
     مەن يەنە بىزگە 10-يىللىقتا دەرس بەرگەن سۆيۇملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ سىماسىنى ئەسلەپ چىقتىم.
      بىز 10-سىنىپقا چىققاندا ماتىماتىكا دەرسىنى سىنىپ مۇدىرىمىز - ئەركىن ھوشۇر مۇئەللىم، ئەدەبىياتنى ئەسقەر ئەيسا مۇئەللىم، خەنزۇ تىلىنى ئۆزى 8-سىنىپقىچە خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ماينۇر خانىم، خىمىيە دەرسىنى دىھقان تۇرۇپ ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈپ دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا ئۆتۈپ ئوقۇتقۇچى بولغان ئاچچىغى يامان يۈزلىرىدىكى قىزىل گوشلىرى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئەمما شاھماتنى شاھمات تاختىسىنىڭ ئۈستىگە يىتىۋىلىپ تۇرۇپ ئوينايدىغان خۇدابەردى مۇئەللىم،  فىزىكىنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنى پۇتتۇرگەن ئابلىكىم مۇئەللىم (فىسى مۇئەللىم دەپمۇ قوياتتى بالىلار، چۈنكى فىزىكىدا بىر بەلگىنى قانداق ئوقۇيمىز دەپ بىر ئوقۇغۇچى سورىسا، فىسى دەپ ئوقۇيمىز دەپ جاۋاپ بەرگىنى ئۈچۈن)، تەنتەربىيە دەرسىنى بىر مەۋسۈمى ئۆزى ۋىجىك كەلگەن ئاتا-ئانامغىمۇ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئەمما ناھايىتى سەۋىيەلىك مەمتىلى مۇئەللىم، يەنە بىر مەۋسۇمى ئەركىن مۇئەللىممۇ ۋە ياكى كاتتايلاقتىن كەلگەن  بۇرۇت قويۇۋالغان شەپكىسىنىڭ ئىچىگە قەغەز قويۇۋالامدىكى ئىشقىلىپ شەكپىسى قىتىپلا تۇرىدىغان مىجىت مۇئەللىممۇ ئىشقىلىپ ئىككىسنىڭ بىرسى ئۆتتى.
         ئويلىسام ئويلىسام مەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھەققىدە توختالغۇدەك بىر نەرسە تاپالايدىكەنمەن، ئەمما سىلەرگە ئاز-تولا كۇلكە ئاتا قىلالايدىغانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتەي -ھە!
خۇدابەردى مۇئەللىمنىڭ خېمىيە دەرسىدە يۈز بەرگەن مۇنداق بىر قىزىق ئىش ئىسىمدىن چىقمايدۇ، بۇ يەنە ئەركىن ياغاچقا مۇناسىۋەتلىك-ئىش.
خۇدابەردى مۇئەللىم دەرس ئۆتۇۋاتقان بىر كۈنى بۇ ئەركىنگە دەرس خوش ياقمىدىمۇ سىنىپنىڭ كەينىدە ئولتۇرغاندىن كىيىن مۇئەللىم دىققەت قىلمايدۇ دەپ ئويلىغانمۇ گىزىتتىن ھىلىقى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ سازايى قىلىنغان كىشىلەرگە كەيگۈزىلىدغان قالپاققا ئوخشاش قالپاقنى ياساپ ئولتۇرغان گەپ، ئىش ئۇنىڭ بىلەنلا پۇتسىغۇ مەيلىغۇ. ئۇ يەنە گىزىتتىن تاماكۇ چىكىدىغان غاڭزا ياسىغان گەپ.
          دەرس ئۆتۈۋاتقان  خۇدابەردى مۇئەللىم ئەركىننىڭ خىيالىنىڭ باشقا يەردە ئىكەنلىگىنى سېزىپ قىلىپ ئاچچىق بىلەن ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ئەركىن ئۆزى ئىگىز شادا پاچاق بالا بولۇپ ئورنىدىن روھسىزلا تۇردى، ئۇنىڭ تۇرقى بەئەينى ماناس ئۇرۇشىدا مىللى ئارمىيەگە ئەسىرگە چۇشكەن، ئوردىن كاكارلىرى ئۈزۈپ تاشلانغان گومىنداڭ كاپىتانىنىڭ ئۆزى.
-نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن، ئالە پارتاڭدىن ئاۋۇ نەرسىنى.
خۇدابەردى مۇئەللىم غەزەپ بىلەن بۇيرۇق قىلدى.
ئەركىنگە نىمە ئامال. ئۇ پارتىدىن ھىلىقى ئۆزى ياساپ پۇتتۇرگەن قەغەز قالپاقنى، قەغەز غاڭزىنى ئىلىپ قولىدا تۇتۇپ تۇردى. خۇدابەردى مۇئەللىمنىڭ غەزىپى 40 گەز ئۆرلىدى بولغاي،  قىزىل رەڭلىك مەڭزى لىپىلداپ كەتتى.
-كىيە ئاۋۇ نەرسەڭنى، بىشىڭغا كىيە، تىقە ئاغزىڭغا ئاۋۇ غاڭزاڭنى.
        ئەركىن دەل مۇئەللىم دىگەندەك قىلدى. قەغەز قالپاق بىشىدا، غاڭزا ئاغزىدا. ئۇنىڭ ئىجادچانلىغىنى دىمەيسىلەر. غاڭزىنى ئۆزىنىڭ بويىغا ماسلاشتۇرۇپ  ئۇزۇن ياساپتىكەن ئۇ چىشلىگەن غاڭزىنىڭ ئۇچى
پارتىغا تىگىپ تۇرىدۇ دىسە...ئۆزى بەكلا ئىگىز، پارتا بىلەن ئۇنىڭ ئىغىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق خىلى بار، دىمەك ئۇ ياسىغان غاڭزىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلىغىنى ئۆزۈڭلار پەرەز قىلىپ بىقىڭلار، خالايىق....مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا 'كىچىك قوغدىغۇچىلار"  كىشىلەرگە قالپاق كەيدۈرگىنى بىلەن، ماۋۇ بىزنىڭ ئەركىن ئۆزىگە ئۆزى كەيگزدى -دە بۇ قالپاقنى!  
مۇئەللىمدە تىرىكىش، بالىلاردا پىخىلداش، ئەركىندە ئىلاجىسىزلىق ھەم خىجىللىق. شۇنداق قىلىپ مۇئەللىم دەرستىن چۇشكەندىن كىيىنلا ئاندىن ئۇ ئەسلى قىياپىتىگە كەلدى، بىر نەچچە كۇن ئۇنىڭ بۇ ئىشى سىنىپتا ۋە ياتاقتا بالىلارغا كۇلكە  بولۇپ بەردى
"مۇشۇككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن' نەق مۇشۇ.
دىمىسىمۇ ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئۈچۈن دەرس سۆزلەۋاتقاندا  ئوقۇغۇچىلار دىققەت قىلمىسا ئەلۋەتتە ئاچچىغى كىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار مەيلى قايسى مەكتەپنىڭ بولسۇن، ئوقۇغۇچىلىرى دىققەت قىلىۋاتامدۇ يوق، كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم شۇنداقلا ياتاقدىشىم ئاقسۇ بايدىن كەلگەن تۇرسۇن ئەلى ئىيتىپ بەرگەن بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بىرەي.  مەن مۇشۇنداق مەن كۇلگەندىن باشقىلارمۇ كۇلسۇن دەپ ئويلايدىغان ئادەم. مەن ھەر مەۋسۇم ئوقۇش باشلانغان ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلىرىمغا  مۇشۇ ھىكايىنى ئىيتىپ ئۇلارنى ھەم كۆلدۈرىۋىتىمەن، ھەم ئۇلارغا دەرسىمدە دىققەت قىلىشى ھەققىدە سىگنال بىرىمەن.  بۇنىڭ ئۈنۈمى ئىزچىل كورۇلۇپ كەلمەكتە، خۇداغا شۇكرى.
باي ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرس ئۆتۇۋىتىپ تۇيۇقسىز بالىلارنىڭ ئوزىگە ئويلانمايلا، نىمە دەرس ئوتۇۋاتقانلىغىنى چۇشەنمەيلا ئەگىشىپ مىڭىۋاتقانلىغىنى سېزىپ قاپتۇ.
مىنۇس بىرگە مىنۇس ئۈچنى كوپەيتسەك پلوس ئۈچ، شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق
-ئىككىنى كۇۋادراتقا كوتۇرسەك توت شۇنداقمۇ؟
- شۇنداق
-بايدا ئىشەكنىڭ مۈڭگۈزى بار، شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق....خىيالى ھەر-ھەر يەردە ئۇچۇپ يۈرگەن  بالىلارنىڭ كوپىنچىسى بىردەك توۋلاپتۇ.
مۇئەللىم كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاچچىغىدا قولىدىكى بورنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتقان ئىكەن.
        ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىققا قاراپ يىتىلىۋاتقان چاغلىرىڭدا ئۆز-ئۆزۇڭنى تونۇپ يىتىشىڭ بىلەن بىرگە، ئىززەت ئابروي چۇشەنچىلىرىڭمۇ تەڭ يىتىلىپ ماڭىدىكەن. ئادەم دىگەن ئاڭ شەكىللەنگەندىن باشلاپلا دوستلۇققا مۇھتاج بولىدىكەن. ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە ئىپادىلىنىدىغان دوستلۇقنىڭمۇ ئۆزگىچە مەزمۇنلىرى بولىدىكەن.
بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق دوستلۇق ھىسسىياتلىرىمىز ۋە كۆڭلىمىز بار ئىدى. ئۈگۈنۈشنى بىللە قىلغاندىن سىرت دوستلار ئارا مەكتەپنىڭ ئالدىدا لەڭپۇڭ ساتىدىغان لەڭپۇڭچىدىن لەڭپۇڭ ئىلىپ بىر بىرىمىزنى لەڭپۇڭ يىيىشكە تەكلىپ قىلىشاتتۇق
         ياكى بولمىسا مەكتەپنىڭ دوقمۇشىدا يەنى ئوبلاستلىق سودا مىھمانخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىراق يەردىكى بىر چۆچۈرىخانىغا كىرىپ چۆچۈرە ئىچىشكە تەكلىپ قىلىشاتتۇق.
بۇ چۆچۈرىخانىنىڭ ئىگىسى رەخمىتۇللا ئىسىملىك 70 لەرگە يىقىن سۇنتاغدىن چىقىپ مۇشۇ چۆچۈرىخانىنى ماڭغۇزىدىغان ئىگىز بوي ئەمما يۇۋاش كىشى ئىدى. رەخمىتۇللاكام چۆچۇرىنى ھەقىقەتەن تەملىك ئىتەتتى، بولۇپمۇ زىرە سىلىپ پىشۇرغان ئۇ چۆچۇرىنىڭ مېزىلىك ھىدى پىشماي تۇرۇپلا ئادەمنىڭ ئىشتەيلىرىنى قوزغىتىۋىتەتتى دىسە...
سەن بىر توپنىڭ ئىچىدە ياشايدىكەنسەن، ئۇلارنىڭ كۈلكىسى سىنىڭ كۈلكەڭ، يىغىسى سىنىڭ يىغاڭ، نەپىسى سىنىڭ نەپىسىڭ بولغاندىلا ئاندىن راھەت ياشايدىغانلىغىڭنى ھىس قىلىدىكەنسەن. شۇ توپنىڭ ئىچىدە ھامان بىرلىرى بىر ئىشلارنى قىلىشقا باشلامچى بولىدىكەن، قالغانلار ئەگىشىدىكەن مەيلى ئۇ توغرا بوپ كەتمىسىمۇ.
       شۇ چاغدا تىببى مەكتەپكە بارىدىغان يولدا كاتتايلاقتىن كەلگەن قوغۇنچىلار قوغۇنلىرىنى .يولنىڭ بويىغا تىزىۋىلىپ چاپانلىرىنى يىپىنچاقلىۋىلىپ غۇۋا چىراق يورۇغىدا يانپاشلاپ يىتىپ تۇرۇپ قوغۇن ساتىدىغان. ياز ئەمدى ئاخىرلاشقان كۈلەرنىڭ ئاخشاملىرى ماۋۇ بىزنىڭ ياتاقتىكى ھەممەيلەننىڭ قوزغىلىپ چىقىپ 2-3 موچەندىن پۇل يىغىش قىلىپ گەپكە ئۇستۇراق نىجات ۋايىتنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ قوغۇن "ئولجا" ئىلىپ يىگىنىمىز ئىسىمدە (رازى بولۇڭلار ئۇ قوغۇنلارغا ھە كاتتايلاقتىن كەلگەن قوغۇنچى تۇققانلار، بىز بالىلىق قىپتۇق) يەنى نىجات قوغۇنچىغا قاراپ توۋلايدۇ ئۈنلۈك:
-ۋا ئاكاۋا  نەچچە پۇلدىن ساتتاڭ بۇ قوغۇننى...
-بىر كوي
-ئىككىنى بىر كويغا پۇڭغا بىرەمسە؟
نىجات ئىككى قوغۇننى بىر يىرىم كويغا سۆزلىشىپ بولغۇچە 5-6 قوغۇن بالىلارنىڭ چاتىراقلىرىدىن دومىلاپ ئوتۇپ بولىدۇ، قوغۇن دومىلاتقانلارنىڭ ئىچىدە ئىچىدە ھەتتا كاتتايلاقتىن كەلگەن يۇۋاش رەھمىتۇللامۇ بار...
          مەن ئەتراپىمدىكى ئادەملەرگە، قوشنا سىنىپتىكى ساۋاقداشلارغىمۇ دىققەت قىلاتتىم، دەرستە ياخشى بالىلار بىلەن ئۆز ئارا سالام سائەت قىلىشىپ ياخشى ئۆتەتتىم. كىيىن بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇپ ئەسقەر كۆك بورىنىڭ ئومىگىدە ساز چىلىپ يۈرگەن دىلمۇرات غوپۇر ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، كىچىك پىېل  دوستانە يىگىت بولۇپ، ئاق بىر كەپكىسى بولىدىغان دائىم كىيىۋالىدىغان، ئۆيى شورۇق تەرەپتە بولسا كىرەك شۇ ياقتىن كىلەتتى.  مەن ئامەرىكىغا تۇنجى ماڭغاندا ئاينۇر ئىسىملىك كەلپىندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ مەندىن بىر يىلچە بۇرۇن ئامىرىكىغا چىقىپ كەتكەن بىر ئەقىللىق قىزنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئۇنىڭ بىر خالتىسىنى ئىلىپ كەلمەكچى بولۇپ ئاينۇرنىڭ بىيجىڭدە خىزمەت قىلىدىغان دوستىنى ئىزدەپ بىر ئىدارىگە تىلىفۇن قىلسام بىر ئايال ئىلىپ بەك ياخشى ياردەمدە بولدى، ئاڭلىسام گىپىدىن ئاتۇش تەلەپپۇزى چىقىۋاتىدۇ، "سىز ئاتۇشتىنمۇ دىسەم"، "ھە ئە" دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىلىپوندا پاراڭلىشىپ قالدۇق، بىلسەم ئۇ مۇشۇ دىلمۇراتنىڭ ئاچىسى - گۇلباھار ئاچا ئىكەن. تونۇش چىقتۇق دىگەن گەپ ئىشلار راۋان بولدى دىگەن گەپ. مەرگىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان گۇلباھار ئاچام ئىشلىرىمغا تېگىشلىك ياردەمدە بولدى (رەھمەت گۇلباھار ئاچا، دىلمۇرات بۇنى ئوقۇپ قالساڭ، گۇلباھار ئاچامغا سالىمىمنى يەتكۇزۇپ قويغىن!)
          ئۇستۇناتۇشنىڭ لەڭگەرمۇ، لايلىقمۇ ئىشقىلىپ ئاشۇ ئىككىسىنىڭ بىرىدىن  كىرگەن ئىگىز بويلۇق، تەتۇر ئۇستىخان خېلىل ئىسىملىك بالا بولىدىغان رابىيە خانىمنىڭ سىنىپىدا ئوقۇيدىغان، خېلىل دادىسىدىن كىچىك قالغىنى بىلەن چوڭ دادىسى بارلىق تاپقان تۈپكىنىنى خېلىلغىلا بەرگەنمۇ ئۇ بەكلا قاۋۇل ئىدى، قارا كۇچ دىسە تازا بار، ئوقۇشى نورمال. ئۆزى ئىغىر بىسىق، قارىماققا يۇۋاش. بەزىلەر ئۇنى يۇۋاش كۆرۈپ بوزەك قىلسىمۇ ئۇ دەسلەپتە پىسەنت قىلماي ئۆتكۇزۇۋەتكەنلىكتىن بالىلار ئۇنىڭغا خاخۇل دەپ لەقەم قويۇپ قويۇشقان بولسا كىرەك مەن ئۇنى بەزىلەرنىڭ خېلىل خاخۇل دىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. خاخۇل دىگەن گەپنى مەن تازا چۈشۇنۈپ كىتەلمىگەن ئىدىم، لىكىن سەل كەمسىتىش مەنىسى بار دەپ چۇشۇنەتتىم.
          بىر قىتىم بىر شەھەرلىك بالا ئۇنى يەنە بوزەك قىلماقچى بولغىنىدا خېلىل ئۇنى كاللا قويۇپ يىقىتىپ كارۋاتقا پاتۇرىۋەتكەن ئىكەن، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭغا ھۆرت-پۆرت دەيدىغانلار يوقۇدى.
بەزىدە غۇرۇرنىڭ دەپسەندە بولماسلىقى ئۇچۇن بولسىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە قاننىڭ تولۇشىمۇ ياخشى ئىشكەن.
باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسىنىڭ ئەكسىچە كىيىن مەن ئۇنى خېلىل زىرەك دەپ ئاتىدىم نىمىشقا دەمسىلەر؟
         مەن ئۇ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىشكە ئاز قالغاندا قەشقەردە موتوتسىكىلىت رىمونت دۇكىنى ئاچقان ئاكىسى (ئىسمى ئىمىنجان ئىدىغۇ دەيمەن) مىنى ئىزدەپ كىلىپ  دادامنىڭ ئالدىدا خېلىلغا ياردەم قىلىپ قويۇشۇمنى تاپىلاپ كەتكەن ئىدى. داداملار بىلەن ياخشى تونۇشىدىكەنتۇق. مەن ۋەدەم بويىچە ياردەمدە بولغان ئىدىم.  
مانا مىنىڭ ئۆزىگە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە قىلىپ قويغان كىچىككىنە ياردىمىمنى ئۇنتۇماي  شۇ يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن چىلىش ۋە بوكسىيۇر مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولغاندا ئالغان مۇكاپاتىغا بىر تەنھەركەتچىلەر كىيىمىنى ئىلىپ رەھمەت دەپ كەپتىكەن، ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ئۇستۇناتۇشقا بارسام قايراق بازا (پەيسۇ دەپمۇ قويۇشۇدۇ) دا ئۇچراپ قىلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان ئوندەك بالىنى ئاشخانىغا باشلاپ
          نەچچە قاسقان مانتا ئالغان ئىدى. ھازىرمۇ دادامنى كورسە مىنى سوراپ تۇرىدىكەن، بۇنداق ئادەمنى خاخۇل دىمەيمىز ئۇنى زىرەك دەيمىز، ياشاپ كەت خېلىل زىرەك!
       بىز 10-سىنىپقا چىققاندا توختى موللاتاجى ئىسىملىك ھىلىقى "يول باشلىغۇچى" فىلىمىدە بوۋاينىڭ رولىنى ئىلىپ چىققان ئارتىنىڭ قىزى ئۇرۇمچى14 -ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان گۈلقىز بىزگە ساۋاقداش بولۇپ قوشۇلدى. ئۇ  بىزنىڭ سىنىپتىكى ئەنۋەر مۆمىننىڭ ۋە كىيىن ساۋاقدىشىم مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ئايالى بولمىش ئۇنىۋىرسىتىت خېمىيە فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان  نۇرگۇلنىڭ تۇققىنى ئىدى.



0

تېما

8

دوست

1599

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23688
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 15:11:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي،ما قەيسەركام نىمانداق ئادەمگە يېقىشلىقتۇ،نىمە ئادەمنىڭ بىر يەرلىرى تارتىشىپ تۇرۇدىغاندۇ دىسەم يات ئادەم يوقكەن ئەمەسمۇ.....شۇ بېيجىڭدىكى گۇلباھار ئاچام بىلەن ئۇرۇق-تۇققان كىلىمىز بىز....خېلىلا يېقىن ئارلىشىپ ئۆتىدىغان تۇققان ئاچام ئۇ...دىلمۇراتكام ئۈرۈمچىدە ئالدىراش بۇلۇپ بۇ يەردە بەلكىم بۇ يەردىكى يازمىنى تېخى كۆرمىدىغۇ دەيمەن،مەن بىر يەتكۈزەي بۇ سالىمىڭىزنى.... ئاخىرى سىز بىلەنمۇ تۇتۇشىدىغان بىر يەر چىقىپتۇ....
ھاجى ئىشان مۇئەللىمنى بىر تەسۋىرلەپ بىرەرمىكىن دىسەم ئۇ مۇئەللىم چىقماي قاپتۇ... بوپتۇ ئىسىڭىزگە كەلگەندە يەنە بىر يېزىپ قالارسىز...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

7

دوست

2799

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 01:37:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ئەسلىمىنى يازغىچە يۇرتىڭىزنى قانچە سېغىنغانسىز -ھە؟

0

تېما

4

دوست

462

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9261
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 18:01:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىر ئويلىساڭ كىشىگە قىلغان ياخشىلىق روھى بانكىغا قويۇپ قويغان ئامانەت!
بۇ  بىر جۇملە سۆز ماڭا بەك ياقتى. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزگە قايىلمەن

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27839
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 00:28:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قەيسەر ئاكا، سېنىڭ  شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ،ئانا  يۇرتنى ۋە بۇ  سۆيۈملۈك زىمىندىكى قېرىنداشلىرىنىڭنى ئۇنتۇپ قالماي  ، قىممەتلىك ۋاقتىڭنى  چىقىرىپ  شۇنچە  ئېسىل  يازمىلارنى  ۋەتەندىكى  دوس  بۇرادەرلىرىڭگە  سۇنغىنىڭنى كۆرۈپ ساڭا بولغان ھۆرمىتىم  يەنىمۇ ئاشتى ،ئاللا  ئىشىڭنى ئاسان قىلسۇن! ئېسىڭدىمۇ 1987-يىللاردا سەن  ئېنگىلىزچە ئۈگۈتۈپ  قوياي  دىسەڭ  ،بەكمۇ نادانلىق    ئېنىقراق ئېيتسام ساراڭلىق قىپتىكەنمەن   ھەي ئىسىت ...
قەيسەر  ئاكا  ساڭا  دەيدىغان  گەپلىرىم  يازسام  تۈگىمەيدۇ ، بىراق كۆپ گەپ قىلىپ  ۋاقتىڭنى  ئېلىشنى  توغرا  كۆرمىدىم ، شۇڭا   گەپنى قىسقارتاي ، «ئۈمىتلىك»  ئوغلۇڭغا   سالام   ئېيتىپ  قوي ،  ئاللاغا  ئامانەت  كۆرۈشكىچە  ئامان  بول . سېنى  چەكسىز ھۆرمەت بىلەن سېغىىپ ئىنىڭ: نۇرمۇھەممەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )