قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1634|ئىنكاس: 14

«ئەي،قەدىردان ئەر» ئاڭلاۋاتامسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1705

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24348
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 540
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 19:33:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


«ئەي،قەدىردان ئەر» ئاڭلاۋاتامسەن

«قۇتادقۇ بىلىك»تىن ئېلىندى

ئەقىل قايدا بولسا،ئۇلۇغلۇق بولۇر،
بىلىم كىمدە بولسا،بۈيۈكلۈك تاپۇر.
ئەقىللىق ئۇقار ئول،بىلىملىك بىلۇر،
بىلىملىك،ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر.

       زىمىنغا تۇنجى بولۇپ ئاپىرىدە قىلىنغان ئىنسان — ئادەم ئاتا،يەنى ئەر زاتى بولدى. ياراتقۇچىنىڭ ئادەم ئاتىنى ئىنسان زاتىنىڭ يىلتىزى قىلىپ يارىتىشىدا، ھەتتا پەرىشتىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرىشىدا، ئۇنى دۇنيادىكىنى ئۆزى ياراتقان مەخلۇقلىرى ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك قىلىپ يارىتىشىدا، زىمىندىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بوسۇندۇرۇپ بىرىشىدە كارامەت ھىكمەتلەر بولۇشى مۇقەررەر. ئايال زاتىنى، يەنى، ھاۋا ئانىنى  ئادەم ئاتىنىڭ قوۋۇغىسىدىن يارىتىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ بەرگەن، بۇ ھەققىدە ئەرەبلەردە مۇنداق بىر ھېكمەت بار: ئايال ئەرگە يوغانچىلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇ ئادەم ئاتىنىڭ باش سۆڭىكىدىن يارىتىلمىغان، شۇنداقلا خار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئادام ئاتىنىڭ پۇت سۆڭىكىدىنمۇ يارىتىلمىغان، بەلكى ئەرنىڭ قانىتى ئاستىدا تۇرۇشى ئۈچۈن ئادەم ئاتنىڭ قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان.
      جەمئىيىتىمىزدە مەيلى توي-تۆكۈنلەردە بولسۇن، مەيلى نەزىر-چىراقلاردا بولسۇن، مەيلى مەكتەپ قورۇلىرىدا بولسۇن، مەيلى تور، مەتبۇئاتلىرىمىزدا بولسۇن زامانىمىزدا قىز-ئاياللارنىڭ ئاللىقانداق بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى، خۇددى ئاممىۋىي تېلفۇندەك، چىقىشىپ ئۆتۈش ئوڭاي قىزلار ناھايىتى كۆپ، ئۆي تېلفۇنىدەك خۇسۇسىي قىزلار، يەنى، ئۆيلەنگۈدەك قىزلارنى تاپماقنىڭ تەس بوپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى پاراڭ تېمىلا خېلى ئاۋۇپ قالدى. ئەمما مەن بۇنداق قارىمايمەن، بۇنداقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆز يومۇۋالغىلى بولمىسىمۇ، ئىسىل نەسەبتىن بولغان، ياخشى ئائىلىلەردە چوڭ بولغان ۋە چوڭ بولىۋاتقان ئاجايىپ ياخشى، ئەقىدىلىك، پاكىز قىزلار ئىنتايىن نۇرغۇن. ئەلۋەتتە بۇ بىكاردىن-بىكار پەيدا بولمىدى، موشۇ پاراڭلارنىڭ باش پىرسوناژى ھەم سەۋەبچىسى بولمىش ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ھېچبولمىغاندا ئاشۇنداق سورۇنلاردا بولسىمۇ، يالغاندىن بولسىمۇ، ياخشى، ھايالىق قىزلارنىڭ رولىنى ئېلىپ قويماستىن، خۇددى ئەرلەر ھېچكىم ئەمەستەك (مەۋجۇتلۇقىمىزنى بۇلارغا ھىس قىلدۇرالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىمىز بولسىمۇ ھىس قىلالىغان بولساقچۇ كاشكى...)، يۇرت-جامائەت دىگەن بىر گەۋدىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندەك ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق چۈمپەردىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ ھېلىقىلار بىلەن كىيىم-كېچەك، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە كوچا تالىشىشى بولدى. جەمئىيىتىمىزدە ئاشۇنداق بىر تائىپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر رېئاللىق. مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە مۇنداق پاراڭلارنىڭ بولۇشى موقەررەر، ئەكسىچە رېئاللىققا ھېلىقى «قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال» دىگەن بىز ئۈچۈن ئارتۇقچە بولغان «ھېكمەت»تەك بىركۆزىمىزنى يۇمۇۋېلىپ،ھېچ ئىش بولمىغاندەك، زىيادە ئاڭلىقلىق بىلەن ھەممىنى توغرا چۈشىنىپ، ھەتتا، خۇددى ياخشى بىر پۇرسەتنى بايقاپ قالغاندەك «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ» يۈرۈش بىز ئۈچۈن بىر كىچىك قىيامەت!
      ئەلۋەتتە ئۆز تىرىشچانلىقى، جاسارىتى بىلەن ئائىلىنىلا ئەمەس جاھاننى چۆرگىلىتىۋاتقان بىزگە ئۈلگە بولىدىغان ئەرلىرىمىز جەمئىيىتىمىزدە ناھايىتى كۆپ، ماقالىمىزدا موشۇ تۈرگە كىرەلمىگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەرلەر توغرىسىدا قىسىقىچە توختالماقچى.
      بۇ توغرىدا قەلبى ئويغاق زىيالىيلىرىمىز «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك»،«بىزگە قانداق دادىلار كېرەك»، «بىزگە قانداق يىگىتلەر كېرەك»،«كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» قاتارلىق نۇرغۇن ماقالە-ئەسەرلەرنى يازدى، مەكتەپ، لىكسىيەلەردە ھەم بۇ توغرىدا تەربىيە قىلىپ ئۆتۈپ كىتىشنى ئۇنۇتمىدى، مەنمۇ ھەم موشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان تولۇق ھىسسىياتلىق ھايات ئادەم بولغىنىم ئۈچۈن مەنمۇ موشۇ تىمىدا ئويىنىشتىن مۇستەسنا بولمىدىم.
      يېقىندا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىنى كۆرۈۋېتىپ گۈلنىسا ئابلىزنىڭ «ئەي،قەدىردان ئەر» ناملىق نەسىرىنى قايتىلاپ ئوقۇپ قالدىم، ئوقۇغانچە ئاپتورنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرىغا جۆر بولدۇم. بۇ ئەسەر ئەۋلاتنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبى نەدە، مەسئۇلىيەت زادى كىمدە، ئەمدى بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك، قاتارلىق مۇلاھىزىلىرىمنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى.
      گەرچە بۇ ژورنال مىنىڭ قولۇمغا كىچىكىپ، تولىمۇ كىچىكىپ چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما گۈلنىسا ئابلىزنىڭ «ئەي،قەدىردان ئەر» ناملىق نەسىرى مەن ئۈچۈن يەنىلا يېڭى تۇيۇلدى. نەسىرنىڭ مەزمۇنى بىزگە تونۇشلۇق «ئەر» توغرىسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئەسەر باشتىن-ئاخىر بىر ئايالنىڭ ئەرگە دەۋاتقان يۈرەك سۆزلىرى شەكلىدە بولۇپ، گەرچە سەھىپىسى قىسقا بولسىمۇ، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئادەمنى ئويغا سالىدىغان، گۇڭگا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. تىلى ئىخچام،چۈشىنىشلىك،راۋان ھەم نەسىرگە خاس ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، ئەسەر نەسىرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
      ئەسەر قارىماققا باشتىن-ئاخىر بىر ئايالنىڭ ئەرگە دەۋاتقان يۈرەك سۆزلىرىدەك كۆرۈنسىمۇ، لىكىن ماڭا بارلىق ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە بىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئەسەرنىڭ دەسلەپكى ئابزاسىدا «ئەي،قەدىردان ئەر! سەن تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋاكالەتچىسى، تەبىئەتكە ئەۋەتكەن باشقۇرغۇچىسى سەن! سېنىڭ مەرد-مەردانە قىياپىتىڭگە قاراپ،ھەر قانداق ئادەمنىڭ مەستلىكى كېلىدۇ؛زەبەردەست پالۋالارنىڭكىدەك شىجائىتىگە قاراپ،كىشىلەر ئاپىرىن ئېيىتماي تۇرالمايدۇ؛ئەركەكلەرگە خاس تىرىشچانلىقىڭ ۋە ساخاۋىتىڭگە قاراپ، ھەر قانداق كىشى تەسىرلەنمەي قالمايدۇ. شۇڭا دەيمەن؛ ئەي ئەر، سەن ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، ئاياللارنىڭ-ئاجىزلارنىڭ پاسىبانى، ئانىلارنىڭ تەۋەررۈكى، خەلقنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەن-مىللەتنىڭ بەختى!» دەپ يازغان. بۇ يەردە ئاپتۇرنىڭ ئەرلەرگە مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسكەرتىپ قويغانلىقى ۋە موئەييەنلەشتۈرگەنلىكى ناھايىتى جايىدا بولغان. ئەسەردە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدىيە، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، يەنى، ئاپتۇر «ئەرلەر مونداق بولۇڭلار،بىز سىلەردىن مۇنداق ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز» ياكى «ھەقىقىي ئەرلەر ئازلاپ كەتتى» دىگەندەك كونا ۋەزىندە يازماي، ئەرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى موئەييەنلەشتۈرگەن ئاساستا مەقسەتنى يوشۇرۇن ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ماڭا خېلى ياقتى. ئەمما، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى، كۈندۈزنىڭ كىچىسى، ئاينىڭ قاراڭغۇلۇقىمۇ بولغىنىدەك، ئەسەردە ئەرلەرگە بىرىلگەن بەزى سۈپەتلەر ئارتۇق كەتكەن، مەسىلەن: «زەبەردەست پالۋالارنىڭكىدەك شىجائىتىگە قاراپ،كىشىلەر ئاپىرىن ئېيىتماي تۇرالمايدۇ؛ ئەركەكلەرگە خاس تىرىشچانلىقىڭ ۋە ساخاۋىتىڭگە قاراپ، ھەر قانداق كىشى تەسىرلەنمەي قالمايدۇ» دىيىش بەكلا ئارتۇقچە. ئەرلەر زەبەردەست پالۋانلاردەك بولسا، مېنىڭچە، بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىش كەتمەيدۇ. ئەركەكلەرگە خاس تىرىشچانلىقى ۋە ساخاۋىتىگە قاراپ، ھەر قانداق كىشى تەسىرلەنمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. ئەر دىگەن ئەسلىدىنلا زەبەردەست، تىرىشچان، شىجائەتلىك بولۇشى كېرەك ئىدى، بىر مۆشۈك چاشقاندىن بىرنى تۇتۇپ يىسە، ئۇنى بەك زەبەردەست، تىرىشچان، شىجائەتلىك، باتۇر مۆشۈككەن دىيىش لازىممۇ؟! بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە مۆشۈك بىر خىل ئەرمەك ھايۋان، ھەتتا بالىسى ئورنىدا تۈجۈپىلەپ بېقىلىشى بىلەن، چاشقان تۇتۇپ يېيىشتەك ئۆزلۈكىنى يوقاتقان مۆشۈكلەر كۆپلەپ كەتكەن ماكاندا، بىرەر مۆشۈكنىڭ بىرەر ئۆلۈك چاشقاننى چىشلەپ قويۇشى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ تىرىشچان،شىجائەتلىك،باتۇر بولۇپ تۇيۇلىشىدىن ئەجەبلىنىشمۇ بىھودە ئىش بولسا كېرەك.
      ئۆتكەندە بىر دوستۇم بىلەن ئۇنىڭ تۇغقىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان مەلۇم قورۇغا باردۇق، بىنا ئالدىغا بارغاندا مەن پەستە ساقلاپ تۇرىدىغان، دوستۇم لازىملىق نەرسىنى ئېلىپ چۈشىدىغان بولۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇ پەلەمپەيگە چىقىشىغىلا ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازىغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، مەن يۇقىرىراق ئاۋازدا «ھەي،ئاداش! ئاۋۇ ئىتتەك قاۋىغان ئادەممىكەن يا راستىنلا ئىتمىكەن؟»دەپ سورىدىم، ئۇ ئىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقاچ يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى، ھايال ئۆتمەي بىرىنجى قەۋەتتىكى بىر ئۆينىڭ دەرىزىسى ئېچىلىپ:«قانداق سەھرالىق تومپاي ماۋۇ، نىمانداق ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئىتىمنى تىللايسەن؟» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، بۇ بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئاۋازى ئىدى. مەن ئاۋارىچىلىق بولۇشىنى خالىماي لام-جىم دىمەي چەتكىرەك بېرىپ دوستۇمنى ساقلىدىم، ئەگەر مەن گەپ قىلساملا ئاۋۇ ئايال دەرۋازىۋەننى چاقىراتتى، ئارقىدىلا ئۇ ۋە ئۇنداقلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن بار ئىدى... كىيىن سۈرۈشتۈرسەم ئۇ ئايال نازارەت دەرىجىلىك مەلۇم كەسپىي ئورۇندا ئىشلەيدىغان ئاجراشقان بويتاق ئايال بولۇپ، ئاۋۇ ئىتى ئۇنىڭ بالىچىلاپ باققان ئىتى ئىمىش.
      بۇ مىسالنى باشقا نۇقتىدىن ئۆزەڭلار تەھلىل قىلىۋېلىڭلار، ھازىر ئاۋۇ ئىتقا دېققەت قىلايلى، كونىلاردا «باغلاپ باققان ئىت ئوۋغا يارىمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار، مىنىڭ ئاۋۇ بىچارە ئىتقا ئىچىم ئاغرىپ قالدى... ئۇنىڭ ئورنىدا بىر ئەر، ئۆز قەۋمىدىن ئايرىپ موشۇنداق زىيادە غەمخورلۇقتا ياشاۋاتقان ئادەملەر بولسىچۇ؟ بۇلار ئۆزلۈكىنى نەدىن تاپسۇن؟! ئۇلارنىڭ كىملىكى زادى كىمنىڭ قولىدا؟! ئاۋۇ ئىتنىڭ سىرىتلاردا ئادەملەردىن قورقۇپ كىتىپ بىرەر ئادەمنى بىمەھەل چىشلەپ قويۇشىمۇ ئاۋۇ ئىگىسىگە بىر مۆجىزە بولۇپ تۇيۇلۇشى مومكىن...
      ئەر كىشىگە ھاياتىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي، جاپا-موشەققەتكە بەرداشلىق بەرمەي، ئۆز ئەھلى-ۋەتىنى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىماي نېمە كەپتۇ؟ ئەر دىگەن شۇنداق بولاتتىغۇ ئەسلى، ئۇنىڭ قولىدىكى ھۆكۈمەت فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن تارقاتقان كىملىك ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەرلىك كىملىكى ئەمەس. بەلكى مەسئۇلىيەتچان، زەبەردەست، تىرىشچان، شىجائەتلىك، باتۇر بولۇش قاتارلىق سۈپەتلەر ئەرنىڭ كىملىكى ئىدى...
      ئەسەرنىڭ بەشىنجى ئابزاسىدا مۇنداق يازىدۇ: «ۋاپادارلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتكە تويۇنغانسەن. شۇڭا، ئاياللىرىمىزغا ھەقىقىي كۆيۈنەلەيسەن؛ ئوغۇللىرىمىزنى زامانغا لايىق قىران بۈركۈتلەردىن قىلىپ تەربىيەلىيەلەيسەن؛ قىزلىرىمىزنى ھايالىق، پاراسەتلىك ساھىپجاماللاردىن قىلىپ يىتىشتۈرەلەيسەن؛ ياشانغانلانى تەۋەررۈك قاتارىدا ئەزىزلەيسەن؛ ئائىلىنى، يۇرت-مەھەللەڭنى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرەلەيسەن! مانا بۇ، دادىلىق مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ، ئەركەكلىك تۆھپىسى». نەقەدەر ئۇستىلىق بىلەن دىيىلگەن گەپلەر،  ئەي، قەدىردان ئەر، ماۋۇ گەپلەرنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ مانا مەن ئاڭلىدىم. مانا قارا، بىزنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىمىزنى بايان قىلىپتۇ، بىز ھېچبولمىغاندا موشۇلارنى ئادا قىلالىساقمۇ ئاياللار بىزدىن رازى بولار ئىكەن، ئەمما سەن بىلەن مەن يەپ چىقىرىشتىن باشقا يەنە نىمە ئىشىلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق؟ بىز يەنە نىمىلەرنى قىلالىشىمىز مومكىن؟...
      ماقالىنىڭ ئىككىنجى ئابزاسىدا تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ سەۋەبى نىمەدۇر؟ مۇھەممەد پەيغەمبەر مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەممىڭلار پادىچىغا ئوخشايسىلەر، پادىچى ئۆز پادىلىرى ھەققىدە سورالغاندەك سىلەرمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىڭلار ھەققىدە سورىلىسىلەر. ھاكىم گوياكى بىر پادىچى. ئۇ ئۆز پادىلىرىغا مەسئۇل، ئەرمۇ مىسالى بىر پادىچى، ئۇ ئۆز ئەھلى-ئايالىغا مەسئۇل. ئايالمۇ گويا بىر پادىچى. ئۇ ئىرىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىغا مەسئۇل».  مەن بۇ ئىشلارنىڭ بارلىق سەۋەبچىسى بىز — ئەرلەر، مەسئۇلىيەت بىزدە — ئەرلەردە دەپ قارايمەن. بىز يىرگەنگەن قىزنىڭ چوقۇمكى مەسئۇلىيەتسىز، لامزەللە، زەيپانە، دەيۈز دادىسى بولىدۇ، ۋە پەرۋاسىز، بىغەم ئاكا-ئۇكا، تۇغقىنى بولىدۇ. بىزنىڭ ئەخلاق قارىشىمىزغا يات ياسىنىپ كوچىغا چىقسا ئۇنى توسۇش ئۇياقتا قېلىپ، ئۇنىڭ «گۈزەللىك» ىدىن پايدىلىنىدىغان، «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلايدىغان» ماز پاينەك، لاتا غىلاپ يىگىتلەردىن نەچچە مىڭى بار بولغان بولىدۇ. ئايال بولغان بولسا ئۇنىڭ ئىنتايىن ئىلمىي، ھەر قانداق ئىشنى توغرا چۈشىنىدىغان، ئاجايىپ مۇلايىم «ئاڭلىق ئەر»ى بار بولىدۇ. ھېلىقى «قارىغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال» دىگەن گەپ بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئارتۇقچە. بىلىش كېرەككى، بۇ شەھەر — بۇ ماكان قانداقتۇر بىر قارىغۇنىڭ شەھىرى — ماكانى بولماستىن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ. شۇڭا بىز ئىككىلا كۆزىمىزنى ئېچىپ ھەقنى ئوچۇق، ئېنىق كۆرىمىز، سۆزلەشكە يارىتىلغان ئېغىزىمىزدا ھەقنى سۆزلەيمىز. ئېگە بولىغىلى بولىدىغانلىكى  مۇناسىۋەت چەمبىكىمىزدىكى ئادەملىرىمىزگە ياخشى ئىگە بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىمىز. ئىگە بولالمايدىغان، گېپىمىزنى ئۆتكۈزەلمەيدىغانلارغا ئارتۇقچە كۈچىمەيمىز ھەم كۈچىيەلمەيمىز. گېزى كەلسە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ، شۇڭا ئىتتىپاقىلقنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارغا سۈكۈت بىلەن موئامىلىدە بولىمىز، ئۇلارنىڭمۇ يامان يوللار بىلەن يامان ئاقىۋەتكە ئېرىشىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. ئەمما، سۈكۈت قىلغانلىقىمىز بىزنىڭ يول قويغانلىقىمىز ئەمەس. بىز ھەق تەرەپتە تۇرىمىز، ھەقنى ياقلايمىز، ئەگەردە ھەقنى ياقلاش ئىمكانىيىتىمىز بولمىسا، ھېچبولمىغاندا ناھەققە چاۋاك چالمايمىز. بۇ يەردە مۇھىمى ياماندىن توسۇپ، ياخشىغا بۇيرۇشتا بىزنىڭ ھەممە ئادەمنى خۇش قىلىدىغانغا قەرزىمىز يوق ھەم مەسئۇلىيىتىمىزمۇ ھەم يوق. خەقنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش قىلىشقىمۇ ھەم بۇيرۇلغان ئەمەسمىز، ئۆزىنى ئۆزى ئايىمىغانلارنى ئاياپ ئولتۇرۇشتىنمۇ ھاماقەتلىك بولمىسا كېرەك.
      بىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ياشىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر. تۇرسۇن مەخمۇت «يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيۇۋاتقان ئەر» ناملىق ھىكايىسىدە، «يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت» نىڭ يۈرىكىدىن «كىر يۇيۇۋاتقان ئەر» نىڭ تۇرقىغىچە بولغان جەرياننى بەدىئىي نۇقتىدا تۇرۇپ تەسۋىرلەپ بەرگەن بولۇپ، بۇ نۇقتىنى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن. خوتۇن-قىزلارنىڭ ساقلىقى، پاكلىقى، ئاقلىقى ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ تۈزەلمىكى، كۈچلەنمىكى، ئۆزلىرىنى تەن، ئەقىل، ئەقىدىدە كامىل يىتىشتۈرۈپ چىقمىقى ھەقىقەتتۇر. بىزدە « خوتۇن ئالساڭ كوچىدىن ئال، ئادەم قىلىش ئۆزۈڭدىن» دەيدىغان ھىكمەت بار. مىنىڭ بۇ يەردە ئاياللارغا دەيدىغان گېپىم يوق، ئاپتۇر نەسىرنىڭ ئاخىرقى ئابزاسىدا «ئەي، ئەر! مەن سېنىڭ يېنىڭدا، يەنى لاتاپەتلىك، نازاكەتلىك، مەرھەمەتلىك بىر ئايال(ئانا) سېنىڭ يېنىڭدا. ئىللىق باغرىم، چەكسىز مېھرىم بىلەن ساڭا ھەمدەم بولىمەن. ئۆزۈڭگە ئىشەن، قەددىڭنى رۇسلا، كۈچ-قۇدرەتكە تول، يىراقلارغا نەزەر سال. مەن سېنىڭ تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائىتىڭگە يەنە ئاپىرىن ئېيتاي؛ سېنىڭ ئەجىر مىھنىتىڭ بىلەن جەننەت ھوزۇرىغا ئىرىشكۈچىلەر ساڭا ئاپىرىن ئېيتسۇن!» دەپ يېزىپ ئاياللارنىڭ ئائىلىۋىي رولىنى ئەسكەرتكەن. ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن رەنجىشكە پەقەتلا ئاساسىي يوق، ئەرلەر ئاياللار ۋە بالىلارنى باشلامچىسى. ئاياللاردىن خاپا بولۇش، خۇددى كىچىك بالىلاردىن خاپا بولغاندەكلا بىر ئىش. ھەتتا بىر ئايالنى ئىتائىتىگە ئالالماي، خاپا بولغانلىق، مەن يارىماس، مەن كارغا كەلمەس دەپ جار سالغانلىق. ئەلۋەتتە، ئەر ھەقىقەتەن ياراملىق بولۇپ يەنىلا كۆمەچ پىشمىسا ئايالنى ئۆزى ئىنتىلگەن ئەركىنلىككە قويۇۋىتىشنىمۇ ئويلىشىپ قويماي بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ تاللىشىغىمۇ ھەم ھۆرمەت قىلماي بولمايدۇ-دە.
      خوش، ئەسەردە ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە بىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق بولدى، ئەمدى بىز قانداق قىلغاندا بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ياخشى ئادا قىلىپ گۈلنىسا ئابلىز ۋە موشۇنداق ئاياللار كۈيلەۋاتقان ئەرلەردىن بولالايمىز؟
      ھەقىقىي ئەر بولماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ سانائەتلىشىشى ئەرلەرنى ھەقىقەتەن ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى، بۇ ۋەھىمە «ئۆي ئالايمۇ، ئۆيلىنەيمۇ، ئۆلۈۋالايمۇ» ۋە موشۇ شېئىرغا جاۋاپنامە بولغان «ئۆلسەڭ ئۆلىۋال» ناملىق شېئىرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا كېرەك. موشۇلارنى ئويلىغان ۋاقتىمىزدا، ھەر قايسى جايلاردا، ھەر ساھە، ھەر كەسپتە ئۇتۇق قازىنىپ، مىللەت، جەمئىيەت، ئاتا-ئانا، ئائىلە ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ھالاللىق بىلەن ئادا قىلىۋاتقان يىگىتلەر؛ تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، تىجارەت ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقان ئەرلىرىمىز... كۆز ئالدىمغا كەلدى. بۇنداق بىزگە ئۈلگە بولىدىغان ئەرلىرىمىز جەمئىيىتىمىزدە ناھايىتى كۆپ، ماقالىمىزدا موشۇ تۈرگە كىرەلمىگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەرلەر توغرىسىدا قىسىقىچە توختالدۇق.
      ھەممىمىز ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمىز، نۆۋەتتە، خەلقىمىز مەۋجۇت بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئەنئەنە ۋە مىللىي خاسلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە خىلمۇ خىل، قاتمۇ-قات خىرىسقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ، ئەڭ موھىمى ۋە خەۋپلىك بولۇۋاتقىنى ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىكى يىمىرلىشتۇر. مەن يۇقارقى يوقىتىشنىڭ تۈگۈنىنى كەلگۈسى دادىلار، ئانىلار تۇغۇلۇپ، چوڭ بولىدىغان ئورۇن — ئائىلىگە يۈكلەيمەن. يەنى ئائىلە مەدەنىيىتى، پەرزەنت تەربىيىسىنى مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن.
      ئالدى بىلەن ئائىلىنىڭ دەسلەپكى ئىلمىنتى بولمىش ئەر بىلەن ئايال پەزىلەتلىك بولۇشى، يەنى، ياخشى-يامان، ھەق-ناھەق، ھالال-ھاراملارنى ئايرىيدىغان تۇيغۇسى ساق بولۇشى، يۇقارقىلارنى ئۆلچەيدىغان تارازىسىنىڭ سىتىرىلكىسى ساق، چوكىلىرىنىڭ شىكالىلىرى ئۆچۈپ كەتمىگەن ( نەدە قويسا شۇ يەردە كىلىدىغان، چىكىتى يوق «چوكىلىق تارازا» لار كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، سىزىمچان، ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك. پەرزەنتىگە ئۈلگە بولالىغۇدەك ئەخلاق-پەزىلەتكە ئىگە، قىسقىسى،ھېچبولمىغاندا 95-يىللاردا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تاملارغا ئېسىلىپ مودا بولغان «تۆت»تە گۈزەل①،«بەش»بولۇشنى② چۈشىنىدىغان بولۇشى كېرەك. پەرزەنت تۇغۇلدىمۇ، دەرھال ئويغىنىش كېرەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك پەيلاسوپ ئالىملىرىمىز ئەسەرلىرىدە:


(4504) تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلا بول.

(4506) ئوغۇل-قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ
بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيالىق نەپ.

      

       دېگىنىدەك، تەربىيەنى ئۆزىمىز قىلىشىمىز، ئەڭ موھىمى پەرزەنتلەرنىڭ كىملىكىنى ئۆزىمىز بېرىشىمىز، ئۇلارنى مۇستەقىل قاراشقا، ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە ئادەم قىلىپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىشىمىز لازىم. ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ،  ياخشى بولغان ئائىلە مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، مېھىر-شەپقەتتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان ساددا، ئاق كۆڭۈل ئاتا- ئانا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، بالىلارنى ساختا شان-شەرەپ تۇيغۇسىدىن، ساختا كىملىكنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، توغرا دۇنيا قاراش، توغرا ئەقىدە سۈيىدە سۇغۇرۇپ، ئۇلار ئۇچۇرما بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى تۇتقۇزىشىمىز كېرەك.
      ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ دۆلەت كادىرى سۈپىتىدە ئۆمۈرۋايەت مائاشتىن بەھرىمان بولىدىغان خادىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، بالىلارنى كىچىكىدىنلا ئۆزلىرىدىن ئايرىپ، مەخسۇس تەربىيەلەيدۇ، پەرزەنتلەر 3-4 يېشىدىن باشلاپلا تاكى ئالىي مەكتەپنى تاماملىغۇچە، بەزىلىرى ئىچكىرىي ئۆلكىلەردە، بەزىلىرى چەتئەللەردە ئوقۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا بولالمايدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت غېمى، ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن، جىددىي خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرگەن بۇ توك چۈجىلىرى ئۆزىنىڭ ئەقىدىۋىي كىملىكىنى بىجىرىشكە چولىسى تەگمەيدۇ. توي قىلىدۇ... شۇنىڭ بىلەن «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق» بولۇپ، موشۇ بويىچە مىڭىپ ئاخىرى ئەۋلاتلار ئەنئەنىدىن، ئەقىدىدىن ياتلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. بۇنىغۇ تىرىكچىلىكنىڭ ئىھتىياجى دەپ تۇرايلى، تۆۋەندىكىگە نېمە دەيمىز؟
      مىنىڭ بىر تونۇشۇم بار، ئۆزى دۆلەت كادىرى، ياخشى-ياماننى ئىستىخىيلىك ھالدا بولسىمۇ، ھەر ھالدا چۈشىنىدۇ. بىز پات-پات مۇڭدىشىپ قالىمىز. بىر كۈنى ماشىنىدا كىتىۋاتقاچ مەلۇم كۆڭۈل ئېچىش، سۇغا چۆمۈلۈش، ئارام ئېلىشنى بىر گەۋدە قىلغان 24 سائەت تاقالمايدىغان بىر بەزمىخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدۇق.  ئۇ ئاكىسىنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنى دائىم موشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويۇپ (بالىغا قاراشقا ۋاقتى يەتمەي)، ئۆزى ۋە ئايالى ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش ئولتۇرۇشلىرىغا بارىدىغانلىقىنى، ئاكىسىنىڭچە، مۇنداق بولغاندا بالىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇمۇ ئۇھسىندى، مەنمۇ ھەم. بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟ ھېچبولمىسا بەزى ئاتا- ئانىلاردەك بىرەر تەربىلەش كۇرسىغا تىزىملىتىپ قويسا بولاتتىغۇ. (ئاز ساندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قارىغىلى چولىسى يوق بالىسىنى بىرەر كۇرىستا تىزىملىتىپ قويۇشى نەزەردە تۇتۇلدى).
      ئادىمىيلىك تەربىيىسى ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئەخلاقىي قىممەت قارىشى، غايە، ئېتىقاد مايىللىقى، تەپەككۇر ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئائىلىدە يىتىلدۈرۈشكە سەل قارىماسلىق، شارائىتى يار بەرگەن ئائىلىلەردىكى تەربىيە كۆرگەن ئانىلار مائاشنى كۆزلەپ قىلغان كەسپى خىزمىتىدىن پەرزەنت تەربىيەسىنى ئەلا بىلىشى، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئىدىتلىق، پىلانلىق، نىشانلىق تەربىيە شارائىتىنى بەرپا قىلىشى، ئىقتىسادىي ھەلەكچىلىكتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇستاز تەكلىپ قىلىشنى، ھەتتا ئانىلار ئاممىۋىي خىزمەتتىن توختاپ پەرزەنتى ۋە ئىرى ئۈچۈن خۇسۇسىي خىزمەتنى قىلىشنى ئىككىلەنمەستىن ئويىلىشىشى لازىم. ئەلۋەتتە، ئۇلار خىزمەتكە قاتناشماستىمۇ نورمال يۈرۈشكەن ئەشۇ خىزمەتلەر، ئۇلار بولمىغانغا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالمايدۇ. شۇنى بىلمەي بولمايدۇكى، ئايالنىڭ ئائىلىدە خۇسۇسىي خىزمەتچى بولۇشى، شۇ ئايالغىمۇ، ئەرگىمۇ بەخت ھەم ھوزۇر. پادىدىن ھېساب ئېلىنغاندا ھېساۋاتى ھەم ئاسان بولغۇسى.
      ئەمما يۇقارقى ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قۇرۇق ھاياجان ئاقمايدۇ، كۆپۈپ سۆزلەشلەر ھەم ئۆتمەيدۇ. بىزنىڭ كۆپ سانلىقىمىز يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇدىن ئىبارەت تۆۋەن قاتلاملىق تۇرمۇش ئىھتىياجىنىمۇ قامدىيالمايمىز. بىر بىجىرىم، تەندۇرۇس ئەر كىشى ھەرقانچە تىرىشىپ ئىشلەپمۇ ئەشۇ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى، نورمال ئىنساندا بولۇشقا تىگىشلىك زۆرۈرىيەتلەرنىمۇ قامدىيالمايۋاتقان، ھەتتا ئەر – ئايال تەڭ ئىشلەپمۇ قامدىيالمىغان بۈگۈنكى كۈندە بىز يەنە نىمىلەرنى دىيەلەيمىز؟! ئاتقان ئوشۇقى سىيا چۈشكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا-ئەلۋەتتە! (چۈنكى بۇنداقلار مىللەتكە نىسبەتەن بەك ئاز)، كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسىدە «ئاياللارمۇ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش، باراۋەر، ئۇلارمۇ باراۋەر ئىشلىشى كېرەك» دەيدىغان ئاتالمىش «باراۋەرلىك» شۇئارى، سولفات كىسلاتاسى بىلەن يۇسىمۇ چىرىپ ئاجرىمغۇدەك شۇنداق چىڭ ، مۇستەھكەم ئورناشقان، ئاياللارنىڭ سىرىتلاردا ئەرلەردەك، ھەتتا ئەرلەردىنمۇ بەكرەك ئىشلىشى تولىمۇ نورمال تۇيۇلىدىغان، خۇددى شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك، شۇنداق ۋەزىپىسى باردەك ھىس قىلىدىغان بوپ كەتكەن، ھەتتا توققۇزى تەل ئاياللارمۇ (ھېچ بولمىغاندا مەخسۇس كۇرسنى تۈگەتكەن، ئىشلەش ئىمكانىتى بار ئاياللار كۆزدە تۇتۇلدى) سىرىتلاردا ئىشلىمىسە، ئۆزلىرىنى قاراڭغۇ زىندانغا سولانغان مەھبۇستەك، ئەركىنلىكلىرى بوغۇلغاندەك تۇيغۇلاردا يۈرگەن ھازىرقى  زاماندا يەنە نىمە دىگىلى بولار؟ شۇڭا كۆپ سانلىق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتىنى مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرۇشىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەبئىي تاللىشى دىيشكە بولمايدۇ. ئەمما شارائىتىمىز يار بەرگەن ئاساستا ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن، كىتاب بىلىم بۇلىقى، ئائىلىلەردە توغرا ئەقىدىدىكى كىتابلارنى كەم قىلماسلىقىمىز، ئائىلە كۇتۇپخانىسى قۇرۇپ، پەرزەنتىمىزنىڭ ئەتراپلىق، توغرا بىلىملەرنى ئىگەللىشىگە شارائىت يارىتىپ بىرىشىمىز لازىم.
      يۇقارقى ئىھتىياجلار تولۇق قامدالغاندىلا ئاندىن يۇقارقى لايىھەنى ئويلىشىش مۇمكىن. ئەمسە قانداق قىلغاندا ئىھتىياجلار تولۇق قامدىلىشى مومكىن؟ بىزدە زادى نېمە ئەڭ كەم؟ پەدازلىرىنى يۇيىۋىتىپ، ئوچۇقىنىلا ئېيىتقاندا، ئەڭ كەم نەرسە ئىقتىساد. ( بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان ئىقتىساد، قانداقتۇر تۆت-بەش يۈرۈش ئۆي ۋە ياكى ئاللىقانداق بىرەر كورپۇس بىنا ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئازغىنا مال بولماستىن، ئۈستىقۇرۇلمىغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك، كۆپ مىقداردىكى ماددىي بايلىقنى كۆرسىتىدۇ ) يەنى، ئەخلاق، ئەقىل ۋە بىلىمگە يانداشقان ماددىي بايلىق! دىققەت قىلىدىغان بولساق، ماركىس «كاپىتال» نى يازدى، ئەمما، ئۇنىڭدا ئەڭ كەم بولىۋاتقىنى  باشقا بىر نەرسە بولماستىن، دەل كاپىتال ئىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ نەگە بېرىپ، نەدە توختىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. ئەمەلىيەتتە ئادەملەر كاپىتالدىن ئىبارەت قوزۇقنى چۆرىدەپ، دۇنيا خامىنىنى چىڭدايدۇ. بىۋاستە بولمىغانلىرىمۇ بىلىپ-بىلمەي،  ۋاستىلىق ھالدا كاپىتال ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھېچبولمىغاندا ھايات پاراۋۇزىنى كاپىتالىسىتلارنىڭ ئالدىنئالا ياساپ قويغان رىلىسىدا ئىستىخىيلىق ۋە ياكى مەجبۇرىي يۇسۇندا ھەيدەپ تۈگىتىپ قويىشىدۇ. ئەمىسە، ئىقتىساد، كاپىتال نەدە، نەدىن كېلىدۇ، ئۇنى قانداق قولغا كەلتۈرىمىز؟ ئۇ ئاسماندىمۇ، ئاسماندىن چۈشەمدۇ؟ ئۇ باشقىلارنىڭ چاڭگىلىدا ۋە «مەن» نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان «بىز» نىڭ قولىمىزدا. ئۇنى سوراپ، دوراپ ياكى بۇلاپ ئالغىلى بولماس. ئۇنى شۇنداق قولغا كىرگۈزۈش كېرەككى: ئەقىل، بىلىم، پەم – پاراسەت بىلەن ئاۋايلاپ قولغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئەقىل، بىلىم، پەم – پاراسەت بولسا، ھېچبولمىغاندا ئۆزىمىزنىڭكىنى «مېنىڭ» دەپ پۇت دەسسەپ تۇرۇش مۇمكىن.
      خوش، بىزدە ئەقىل، بىلىم، پەم – پاراسەت ھەم ئىقتىساد كەم ئىكەن، ئەمسە بىز نىمە قىلالايمىز؟ ھاياجانلىنالايمىز، كۆپۈپ سۆزلىيەلەيمىز... يۇقارقىدەك مۇلاھىزىلەرنى قىلالايمىز. ئەمما ئەمەلىيەتتىچۇ؟ ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ قىلالىغىنىمىز شۇ بولغانىكەن، ھېچنىمە بولدى. ئەمما بىر نەرسە ئىنىقكى، ھاياجانلىنىپ بىر نەچچە كۈندىلا ئىقتىساد تاپقىلى بولمىغىلى بىلەن، شۇ ھاياجان بىلەن سۇنماس ئىرادىگە كەلگىلى بولىدۇ.  ئىلىم ئۆگىنىپ، بىلىم، پەم - پاراسەت تاپقىلى، شۇ ئارقىلىق مەقسەتكە يەتكىلى بولۇش مۇمكىن. ئۆزىمىز قىلالايدىغاننى ئەمەلىيەتتە قىلايلى، دەرھال ھەرىكەتكە كېلەيلى. قۇرۇق ھاياجان بىلەن ئاجايىپ فانتازىيەلىك خىياللارنى سۈرگىلى، ئۇخلاپ ئاجايىپ شىرىن چۈشلەرنى كۆرگىلىلا بولىدۇ. ئەمەلىي ھەرىكەت، ئەقىل، بىلىم ۋە پەم – پاراسەت بولغاندىلا ئەشۇ خىيال، چۈشلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئەمەلىي ھەرىكەت بولمىسا ئارزۇ ئارزۇلۇقتا، ھاياجان ھاياجانلىقتا قېلىپ ھاياتىمىزدا ئۆزگىرىش ياسىغىلى بولمايدۇ. ئاخىرىدا سۆزلىرىمنىڭ قاناتلىرىنى تۆۋەندىكى «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئالغان ئۈزۈندە بىلەن بوغۇشلايمەن.


ئەقىل قايدا بولسا،ئۇلۇغلۇق بولۇر،
بىلىم كىمدە بولسا،بۈيۈكلۈك تاپۇر.
ئەقىللىق ئۇقار ئول،بىلىملىك بىلۇر،
بىلىملىك،ئەقىللىق تىلەككە يېتۇر.

      
       ئەي، قەدىردان ئەر! قارا سېنىڭ تاپشۇرۇقلىرىڭغا، ئورۇنلىيالايدىغاندەك قىلامسەن؟ قارا سەن، مەن، ئۇ، ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچى ئاددىي ئەمەس. ئەر دىمەك مەسئۇلىيەت دىمەكتۇر. گېزى كەلسە ئۆزىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇت-سىكونت ۋاقتىمىزدىن ھىساب بىرىمىز. قېنى دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ، ساختا شان-شەرەپ تۇيغۇسىدىن، ساختا غالىبىيەت بويۇنتۇرۇقىدىن بوشىنىپ چىقىپ،بىزدە كەم نەرسىنى تونۇپ، ئۆزىمىزدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، بىزگە قاراشلىق ئاشۇ خوتۇن- قىزلىرىمىزنىڭ روھى پۈتۈن، شەرمى-ھايالىق، ئوغۇللىرىمىزنىڭ يىلىكى تولۇق، ئىرادىلىك، جاسارەتلىك، بەردەم بولۇشى ئۈچۈن تىرىشايلى. خوتۇن-بالىلىرىمىز بىزنىڭ ئائىلىمىزنى يايلىسا بېغى، بىزنى يىقىلسا تېغى دەپ بىلىپ، بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرسۇن. دۇنيانىڭ، خوتۇن-قىزلارنىڭ، بالىلارنىڭ كۆزىدىن ياش، بېشىدىن غەم قۇرۇسۇن. ھەممىمىزگە، بولۇپمۇ بارلىق ئەرلىرىمىزگە غايە، غەيرەت، شىجائەت مەڭگۈ يار بولسۇن!

   پايدىلانمىلار:
   
      1. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ياخشى ئادەم: ئائىلە تەربىيەسىگە قايتىش» [J]، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 4-سان.
      2. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك» [J]، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 2-سان.
      3.نەزىرە مۇھەممەد سالىھ: «ئايالدىن باشلانغان قىسمەت» [J]، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 4-سان.
      4.يالقۇن روزى: «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك»[J] ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 4-سان.
      5.خالىدە ئىسرائىل: «بىزگە قانداق يىگىتلەر كېرەك» [M]، ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006-يىل نەشرى.
      6.نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن: «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر»[M]، ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006-يىل نەشرى.
      ئىزاھ①: «تۆت» تە گۈزەل بولۇش — تىلى گۈزەل بولۇش، قەلبى گۈزەل بولۇش، ھەركىتى گۈزەل بولۇش، موھىتى گۈزەل بولۇش.
      ئىزاھ②: «بەش» بولۇش — ئەدەبلىك بولۇش، ئەخلاقلىق بولۇش، غايىلىك بولۇش، مەدەنىيەتلىك بولۇش، ئىنتىزامچان بولۇش.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم

0

تېما

3

دوست

2128

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1125
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 651
توردىكى ۋاقتى: 315
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 00:25:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەي، قەدىردان ئەر! قارا سېنىڭ تاپشۇرۇقلىرىڭغا، ئورۇنلىيالايدىغاندەك قىلامسەن؟ قارا سەن، مەن، ئۇ، ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچى ئاددىي ئەمەس. ئەر دىمەك مەسئۇلىيەت دىمەكتۇر. گېزى كەلسە ئۆزىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇت-سىكونت ۋاقتىمىزدىن ھىساب بىرىمىز. قېنى دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ، ساختا شان-شەرەپ تۇيغۇسىدىن، ساختا غالىبىيەت بويۇنتۇرۇقىدىن بوشىنىپ چىقىپ،بىزدە كەم نەرسىنى تونۇپ، ئۆزىمىزدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، بىزگە قاراشلىق ئاشۇ خوتۇن- قىزلىرىمىزنىڭ روھى پۈتۈن، شەرمى-ھايالىق، ئوغۇللىرىمىزنىڭ يىلىكى تولۇق، ئىرادىلىك، جاسارەتلىك، بەردەم بولۇشى ئۈچۈن تىرىشايلى. خوتۇن-بالىلىرىمىز بىزنىڭ ئائىلىمىزنى يايلىسا بېغى، بىزنى يىقىلسا تېغى دەپ بىلىپ، بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرسۇن. دۇنيانىڭ، خوتۇن-قىزلارنىڭ، بالىلارنىڭ كۆزىدىن ياش، بېشىدىن غەم قۇرۇسۇن. ھەممىمىزگە، بولۇپمۇ بارلىق ئەرلىرىمىزگە غايە، غەيرەت، شىجائەت مەڭگۈ يار بولسۇن!

بىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ياشىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر
ۋاپادارلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتكە تويۇنغانسەن. شۇڭا، ئاياللىرىمىزغا ھەقىقىي كۆيۈنەلەيسەن؛ ئوغۇللىرىمىزنى زامانغا لايىق قىران بۈركۈتلەردىن قىلىپ تەربىيەلىيەلەيسەن؛ قىزلىرىمىزنى ھايالىق، پاراسەتلىك ساھىپجاماللاردىن قىلىپ يىتىشتۈرەلەيسەن؛ ياشانغانلانى تەۋەررۈك قاتارىدا ئەزىزلەيسەن؛ ئائىلىنى، يۇرت-مەھەللەڭنى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرەلەيسەن! مانا بۇ، دادىلىق مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ، ئەركەكلىك تۆھپىسى». نەقەدەر ئۇستىلىق بىلەن دىيىلگەن گەپلەر。
   كارامەت!!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

19

دوست

3669

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6506
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 1131
توردىكى ۋاقتى: 494
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 01:44:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قول قويدۇم

2

تېما

0

دوست

1863

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25440
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 566
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 03:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا   ياخشى ئەسەر كەن
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4362
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 09:53:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى گۆش-پولو يەپ بالىسىغا بىر نان تۇتقۇزۇپ قۇيىدىغانلارنى ئاڭلىغان ئىدىم، تىخى ‹‹ئۇمۇ تىپىپ يىسۇن›› دىگۈدەك...

4

تېما

3

دوست

2964

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16783
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 858
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 10:11:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدىكى قىززىق نوقتا ئەرلەر بولغۇدەكتە جەمئىيتىمىزدە، قىززىق  .....

19

تېما

4

دوست

7423

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1495
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 11:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ،بارىكاللا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )