- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4905
- نادىر
- 1
- يازما
- 299
ئۆسۈش
96.83%
|
ئالدىنقى ئىنكاستا مەسىلە بار ئىكەن ، ئۇنى ئۆچۈرىۋېتىشىڭلارنى بۇ ئىنكاسنى قوبۇل قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كۆپتىن – كۆپ ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىندىشىم!
ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. ئېغىر تاش ئاستىدا قالغان قۇش شۇ تاشنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن نەپەس ئالغاندەك يىنىكلەپ قالدىم. جەنابىي ئاللاھ سىزدىن مىڭ مەرتىبە رازى بولغاي، ئامىن!
مەنمۇ بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ ماقالىلىرىنى ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقىغان ئىدىم، ئەمما ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدىم. چۈنكى، دىنىي مەسىلىدە ئاغىزىمىزغا كەلگىنىچە سۆزلەپ ھۆكۈم چىقىرىش ئاخىرقى ھېساپتا ئىمان – ئېتىقاتتا خاتالىققا يول ئاچىدۇ. خۇسۇسەن « ئالىم » نامىدا تۇنۇلغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى، كىشىلەر : «ئۇ كىىشى كاتتا ئالىم ، ئاقىلانە سۆزلەيدۇ.» دەپ قىلغانلىكى گەپ – سۆزلىرىگە ئىشىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە بىلىپ بىلمەي خاتالىق سادىر قىلىدۇ. بۇ ھال ئاخىرقى ھېساپتا شۇ كىشىنىڭ باقى ئالەملىك تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.
رۇشەنكى بۇ ئىنتايىن نازۇك مەسىلە . شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن مانا شۇ جەھەتلەردە ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قوياي دېسەم ، بەزىلەر تەرىپىدىن «ساتمىدىكىنى سارايغا ئەچىقىپتۇ» دېگەن ياسىما مۇڭگۈزنى تاقىۋېلىشتىن، شۇنداقلا ھۆرمەتلىك ئالىمىمىزنىڭ تېخىمۇ خاتا چۈشۇنۈپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلىگەچكە ۋە قولۇمدىكى كىتاپنىڭ نەشرگە تەييارلىنىش جىددىيىتى سەۋەپلىك «جىمغورلۇق» بىلەن يۈرۈپ كەلدىم . ئەمما ئىچىم بەكمۇ ئاچچىق بولۇپ كەتتى.
ئەمدى نىمىلا بولمىسۇن بۇ يازمىڭىز ماڭا نىسپەتەن ۋە ماڭا ئوخشاش باشقىلارغىمۇ «شىپاگەر مەلھەم» بولغانلىغى ئۈچۈن كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن ، ھۆرمەتلىك ئالىمىمىزنىڭ بىر ماقالىسىدىكى : « كۆپۈنچە كىشىلەر دىنىمىز ھەققىدە ئىزدىنىشنى قۇرئاننى قولىغا ئېلىپ، بىر باشتىن ئوقۇشتىن باشلايدۇ. ئەمما، ئۇنداق قىلغاندا، قۇرئاندىكى جۈملىلەر بىر-بىرى بىلەن باغلاشمىغاندەك، ۋە مەزمۇنلارمۇ ئۆز-ئارا تۇتاشمىغاندەك تۇيۇلۇپ، ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىش ئۆزى بۇرۇن ئويلىغان يەردىن چىقماي قېلىشى مۇمكىن. » (بىلىمخۇمار: دىن ۋە زامانىۋىلىق) (http://bbs.misranim.com/thread-120798-1-1.html) دېگەن سۆزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن ۋە بۇنىڭدىكى ئېغىر خاتالىقنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
بۇ يەردە كىشىنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان خاتالىق مەۋجۇت. يەنى «... قۇرئاندىكى جۈملىلەر بىر-بىرى بىلەن باغلاشمىغاندەك، ۋە مەزمۇنلارمۇ ئۆز-ئارا تۇتاشمىغاندەك تۇيۇلۇپ، ...» دېگەنلىك ـــــ ئاللاھ گەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ. گەپ قىلسىمۇ مەنتىقىلىق گەپ قىلالمايدۇ، دېگەنلىك. بىزنىڭ ئالىمىمىز بۇنداق گەپنى قىلىشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلالىغاندۇ؟ بۇ ئادەتتىكى گەپ ئەمەسقۇ؟
مېنىڭچە ، ئالىمىمىز كامىل تاھارەت ئېلىپ ئاللاھتىن يىغلاپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىشى كېرەك(؟)
ھازىرچە شۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي، ئىنشا ئاللاھ يەنە داۋاملاشتۇرارمەن.....
|
|