قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6511|ئىنكاس: 30

ئەلكۈن لوندون: سىز بۈيۈك بىرىتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4470

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1790
توردىكى ۋاقتى: 225
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 07:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-9 23:29  

سىز بۈيۈك بىرىتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن



مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلەر! مەن دوستلارنىڭ تەكلىپى بويىچە مۇندىن كېيىن بۈيۈك بىرىتانىيە توغرىسىدا ئۆزۈم ئىگىلىگەن مەنبەلەر ئاساسىدا بىر يۈرۈشلۈك سۈرەتلىك مەلۇماتلارنى ئوقۇشۇڭلارغا سۇنماقچى. بۈيۈك بىرىتانىيەنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ يازمىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئەنگلىيەنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلايمەن. مەن بۇ يازمىنى سىلەرنىڭ ئوقۇشۇڭلارغا ۋاقتىدا سۇنالىغانلىقىمدىن مەمنۇنىمەن. كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ۋە كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن ئەلكۈن دىن.



بۈيۈك بىرىتانىيە ئادەتتە بىرىتانىيە دەپ ئاتىلىدۇ، رەسمىي ئاتلىشى بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland) - غەربىي ياۋروپادىكى بۇ قەدىمىي دۆلەت ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇلغىنىنىڭ ئەڭ غەربىگە، ئاتلانتىك دېڭىزىنىڭ غەربىي – شىمالىي قىرغىقىدىكى بىرىتانىيە تاقىم ئاراللىردىن تەركىب تاپقان ئارال دۆلىتىدۇر. بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ 2013- يىلىدىكى نوپۇسى 63 مىليون. بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقنىڭ ئۆز زېمىنى 244،820 km بولۇپ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زېمىنى بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى زېمىنىدىن 7 ھەسسە چوڭ. ئەمما بۇ پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت سىرتىدا يەنە 1،727،570 km ئارتۇق زېمىنى بار.


بۈيۈك بىرىتانىيە خەلقىمىزگە ئەسلى ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان بىر دۆلەت. تارىختا بۈيۈك بىرىتانىيە 1873- يىلى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەمىرى بەدۆلەت ياقۇپبەگ بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ چىنباغدا بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەرىيىدە تۇرۇشلۇق رەسمى ئەلچىخانىسىنى تەسىس قىلغان. سىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تارىخ، جۇغراپىيە ۋە فىزىكا دەرسلىكلىرىدىمۇ بەلكىم نۇرغۇن قېتىملاپ بۇ دۆلەت توغرىسىدا “كۈن ئولتۇرماس ئىمپېرىيە”، “نيۇتوننىڭ ئالمىسى”، “ئەپيۈن ئۇرۇشى”، “ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى”، “شېكىسپىر”، “چېرچىل”، “ساچىر خانىم” دېگەندەك تۈرلۈك نام- ئاتالغۇلار ئارقىلىق ئۆگەنگەن بولغىدىڭىز. ئۇنداقتا بۇ “بۈيۈك بىرىتانىيە” بىلەن بىزگە ھازىر تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان ئىسىم “ئەنگلىيە” بىر ئۇقۇمممۇ؟ ياق، بۇ بىر ئۇقۇم ئەمەس! ئەنگلىيە بۈيۈك بىرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىغا تەۋە 4 كېنىزەكلىكنىڭ بىرسىدۇر. تارىختا ئەنگلىيە 1707- يىلى سىياسىي ئىتتىپاق تەشكىل قىلىپ “بۈيۈك بىرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى” نى قۇرغاندىن كېيىن كېيىن “ئەنگلىيە” ئىسمى رەسمى دۆلەت ئىسمى قاتارىدا قوللىنىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. گەرچە شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلارغا ئاساسەن دېگۈدەك “England” يەنى “ئېنگلىزلارنىڭ يېرى” دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن.


بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ئەنگلىيە (England)، ۋەلىس (Wales)، شوتلاندىيە (Scotland) ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە (Nothern Ireland) كىنەزلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈكسەك ئاپتونومىيىلىك دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ يۈكسەك ئاپتونومىيىلىك دۆلەتلەر يەنى كىنەزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل قانۇنى، دۆلەت بايرىقى، مائارىپى ۋە مىللىي مەجلىسى، ھۆكۈمىتى بار. ھەتتا شوتلاندىيەنىڭ ئايرىم پۇلى، پارلامېنتى، ئايرىم باشقۇرۇلىدىغان مائارىپى ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى بار. بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ ئېنگلىزچە رەسمىي دۆلەت ئىسمىنىڭ يېزىلىشى “United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland” - ئادەتتە “Britan” ، “GB - Great Britan” ياكى “UK” (بىرلەشمە پادىشاھلىق) دەپ ئاتىلىدۇ. بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى پارلامېنت دېموكراتىيىسى ۋە قانۇنلاشتۇرۇلغان پادىشاھلىق تۇزۇمدىكى دۆلەت بولۇپ، ئايال پادىشا  ئېلىزابېت 2 (Queen Elizabeth II) بۈيۈك برىتانىيەنىڭ دۆلەت باشلىق. ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت 2 يەنە دۇنيا بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ تەشكىلات – بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىپ تەشكىل قىلىنغان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىتتىپاقى (ئەنگلىيە ئىتتىپاقى - Commonwealth of Nations) تەشكىلاتىنىڭمۇ باشلىقىدۇر.ئايال پادىشا  ئېلىزابېت 2 يەنە بۈيۈك بىرىتانىيە، كانادا، ئاۋۇسترالىيە، يېڭىزېللاندىيە قاتارلىق بۈيۈك بىرىتانىيە ئىتتىپاقىغا تەۋە 16 مۇستەققىل دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى (پادىشاھى) ھېساپلىنىدۇ.  شۇڭە بۇ دۆلەتلەردە دۆلەت باشلىقى - پرېزىدېنت دەپ ئاتالماي، «باش ۋەزىر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۈيۈك بىرىتانىيە G7 (سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت) ئەزاسى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەڭگۈلۈك 5 ئەزاسىنىڭ بىرسىدۇر. بۈيۈك برىتانىيەنىڭ 2013- يىلىدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىشى GDP تىرىليون $2.490 ، بولۇپ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۈچى 6- ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى Per capita) $40،879) بولۇپ دۇنيادىكى ئورنى 25- رەتتە تۇرىدۇ.


بۈيۈك بىرتانىيەدە 2 مىللىيۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار بار، بۇلارنىڭ 80% بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە ئەنگلىيە كىنەزلىكىنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە ياشايدۇ.


ئەنگلىيە



ئەنگلىيە (England - ئېنگلىزلارنىڭ يېرى ) بۇ
بۈيۈك بىرىتانىيەنى تەشكىل قىلغان 4 كىنەزلىكلەر ئىچىدىكى ئېىنگلىز مىللىتى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم كىنەزلىك بولۇپ، بۈيۈك بىرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ ساھىبخان قۇرغۇچى كىنەزلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە كىنەزلىكىنىڭ نوپۇسى 53 مىليون، بۈيۈك بىرىتانىيە نوپۇسىنىڭ 84% نى ئىگىلەيدۇ. ئەنگلىيە ئىنگلىز قانىلى دېڭىزى ئارقىلىق شەرقتىكى قوشنىسى فىرانسىيەدىن 35 km ئارىلىق ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ ئەمما بۇ 35 km ئارىلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەر ئاستى يەر ئاستى پويىزى يوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان Eurotunnel دېڭىز ئاستى قوش لىنىيەلىك تومۇر يول ئارقىلىق لوندون بىلەن پارىژ تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتە بۇ دېڭىز ئاستى تومۇر يولى Eurostar  ئارقىلىق لوندوندىن پارىژغا بېرىشقا بېرىشقا 2 سائەت 15 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.


ئەنگلىيەنىڭ Birmingham, Leeds, Liverpool, Manchester, Sheffield, Bristol, Kambridge, Oxford, Kent قاتارلىق شەھەرلىرى بار. ئەنگلىيە كېنىزەكلىكىنىڭ زېمىنى  130، 410 km. ئاپرېل 23- كۇنى ئەنگلىيە
كىنەزلىكىنىڭ دۆلەت كۈنىدۇر.


بۈيۈك برىتانىيەنىڭ كومپۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئالىي مائارىپ، پۇل-مۇئامىلە ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، تېببىي ئىلىم، ھەربىي مۇداپىئە  قاتارلىق يۇقرى تېخنىكا سانائەتلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ ساھەلەردە دۇنيادا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئېنگلىز تىلى ئاساسىدكى باشلانغۇچ ۋە ئالى مائارىپىمۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ دولەتتىن ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كوپ. بۈيۈك بىرتانىيەدە چەتئەللىك بولۇپمۇ 3- دۇنيا ئەللىرىدىن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش پۇلى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا قىممەت توختايدۇ. 2013- يىلىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش ئۈچۈن تۆلەيدىغان تولۇق كۇرستىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ  000 ،10
£ يۇقىرى بولىدۇ (2013- يىللىق بەلگىلىمە). بۇ ياتاق ۋە تاماق قاتارلىق خۇسۇسىي ياشاش چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. .ئۇلۇغ برىتانىيەنىڭ ( Pound sterling ) پائۇند ستېرلىڭى 1£ ى 10،032 £  جۇڭگۇ يۇەن قىممىتىگە تەڭ كېلىدۇ. 2012 ۋە 2013- يىللىدىكى دۇنيادىكى ئوقۇتۇش سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دەپ باھالانغان 10 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 3 بۈيۈك بىرتانىيەدە. ئۇلار: Oxford university, Cambridge university ،Imperial College London .




سۇرەتلەر: لوندون ۋە بىرىتانىيە




ئەنگىلىيە 1908- يىلى ئىشلىگەن تەرەكتۇر





ئەنگىلىيە بانكىسىنىڭ بناسى





ئايال پادىشا ئېلىزابېت 2 نىڭ ئوردىسى - Buckingham_Palace






Canterbury Cathedral London






ئەنگىلىيە
كىنەزلىكىنىڭ بايرىقى







بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ تېرىلغۇ ئېتىز ۋە يايلاقلىرى






لوندوننىڭ كۆزى - London Eye







لوندون مەركىزىنىڭ كۆچا كۆرۇنىشى







London Trafalgar Square






London Westminster bridge - Parliament building






ئايال پادىشا ئېلىزابېت 2، ئۇ بۇ يىل 88 ياش.








Stone Age






دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم 1779- يىلى ياسسالغان تومۇر كوۋرۇك، بىرىتانىيە
The Iron Bridge The world's first cast iron bridge built by Abraham Darby III in 1779







The Mall, Buckingham Palace









بۇ يازمىنىڭ  كېيىنكى قىسمىدا بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە ئەنگىلىيە كىنەزلىكىنىڭ پايتەختى لوندون شەھرى سۈرەتلىك تونۇشتۇرلىدۇ. ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلار ۋە كۆرگىنىڭلار ئۇچۇن رەھمەت!









0

تېما

1

دوست

3074

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9837
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 396
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 11:14:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت .ئىسىل ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەپسىز. تىما ئىگىسگە سۇئال : بىزنىڭ ئادەتتە ئەنگىليە دەپ ئاتىغىنىمىز بىرتانيەنى كۆرسەتمەمدۇ؟ 2-ئاۋىسترالىيە ،يېڭى زىللاندىيە ،كانادا قاتارلىق ئەللەر بىرتانىيە پادىشالىققا بېقىنامدۇ ياكى ؟ مۇشۇنى تەپسىلىيراق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. رەخمەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

3045

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 261
تۆھپە : 725
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 12:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى great سۆزىنىڭ ئەسلى ئنگىلىزچە مەناسى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە ئۇلۇغ سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىشى جەھەتتىن بولسۇن، بۇنداق بىر تارىخىي تاجاۋۇزچى دۆلەتنى ئۇلۇغ بىرىتانىيە دەپ ئاتاش تۈپتىن خاتا.
ئەمىليەتتە ئەنگىلىيىلەلىكلەرنىڭ ئۆزىمۇ، ياكى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ يەردىكى great سۆزىنى چوڭ، يوغان دىگەن مەنىدە چۈشىنىشى مۇمكىن. لېكىن بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاتىلىشى خاتا.
گەرچە ئاپتورنىڭ ھازىرقى دۆلەت تەۋەلىكى شۇ يەر بولسىمۇ، پىكىرىمگە سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ بېرىشىنى سورايمەن.

2

تېما

24

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3423
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1019
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 12:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقساقاللىق قىلىپ تۈزىتىپ قوياي: كېنىزەكلىك ئەمەس، كېنەزلىك.

0

تېما

0

دوست

482

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26716
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 14:17:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر بىلىۋىلىشكە تىگىشلىك جۇغراپىيە ساۋادى ئىكەن.تىما ئىگىسىگە رەخمەت.بەزىلەر بۇنىڭدىن پۇتاق چىقىرىپ ئۇلگۇرۇپتۇ.گەپ قىلمىساڭ بىرسى سىنى گاچا دىمەيدۇ.پاخپاخلار.

1

تېما

2

دوست

3551

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 15:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ بىرىتانىيە ئەمەس،بۇيۇك بىرىتانىيە دەپ ئاتايدۇ.
بۇيۇك بىرىتانىيەنى تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭ.ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر كىنونى كۆرۇپلا ئامرىكىنى بەك چوڭ بىلىدۇ.ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى بىلەن ئامرىكىنىڭ دۇنياغا كۆسەتكەن تەسىرىنى سىلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،ئامرىكا كىچىك كەپقالىدۇ.سىياسىي ئىشلارنى دەپ يۇرمەي ،تۇرمۇشتىكى ئىشلارغا نەزەر سالساق شەھەرلىشىش تۇنجى بولۇپ ئەنگىلىيەدە بارلىققا كەلگەن،شەھەر باشقۇرۇش تۇزۇلمىسى،ئوت ئۆچۇرۇش ئىدارىسى،يەر ئاستى پويىز،تاشيول(ئەينى ۋاقىتتا ئىككى ئات ھارۋىسىنى ئۆزئارا ئۆتىشەلەيدىغان قىلىپ لاھىيەلەپتىكەن.)يول يۇرۇش قائىدىسى(پىيادىلەر ئوڭ قولنى بېسىپ ماڭىدۇ دىگەندەك،)يول چىرىغى،قاتناش ساقچىسى،خالا ئوچىقى،يۇندا يولى،سىېستىمىلىق مائارىپ تۇزۇلمىسى(باشلانغۇچ،تولۇقسىز،تولۇق،ئالىي مەكتەپ).ھەربىي فورما،ساقچى فورمىسى،ھەربىيچە سالام.سۆز ئەركىنلىكى،نەشىرىيات ھوقۇقى،پاتنىت ھوقۇقى،........ۋاھاكازالار.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 19:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم. مەن دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى سۆزلەنگەن يازمىلارنى  بەكلا سۆيۈپ ئوقۇيمەن.سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

8

تېما

25

دوست

4928

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1464
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 22:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى ئاشۇرۋەتمەپتۇ، مەيلى ئۇلۇق بىرىتانيە بولسۇن ياكى بۇيۇك بىرىتانيە بولسۇن بۇ شۇ برىتان ئىمپىراتورلىقىنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلىقى بىزنى قىزىقتۇرمايدۇ لىكىن ھەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىممىتى بىلەن قىممەتلەندۇردىغان مىللەت بولايلى. بىز ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى كۆزگە ئىلماي كەمسىتىدىغان مىللەت بولۇپ قالمايلى. برىتانيە ئىمپىريەسى باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلغان بولسا بۇ ئۇلارنىڭ ناچار مىللەتلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. تاجاۋۇز قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ چۇنكى بىز ياشاۋاتقان دۇنيا رىقابەت دۇنياسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )