قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1257|ئىنكاس: 12

تىجارەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

267

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25717
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 13:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تىجارەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش توغرىسىدا

تىجارەت قىلىش بىر خىل ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسى ناھايىتىمۇ كەڭ، مول ھەم چوڭقۇر. ئۇ كىشلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. قارىماققا ئۇ ناھايىتى بىر ئاددىي ئۇقۇمدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاجايىپ مۇرەككەپ ھەرىكەت ۋە مەزمۇن بىلەن بىرىكىپ، كىم قىلسا بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، ئەمگەك ھەرىكەت پائالىيىتىنى يىتەكچى قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ، ئۇ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە، ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، باشقا پەنلەرگە ئوخشاش مۇستەھكەم، مۇكەممەل پەن بولۇپ شەكىللەنگەن ھەم ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا پەيدا بولغان ۋە مۇكەممەللىشىپ بارغان. يېقىنقى زامان تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، بازار ئىگىلىكى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجى قاتارلىقلار تەبئىي رەۋىشتە ئۇنى پەن قىلىپ تونۇتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇشنى قامداش، تەرەققىياتقا ماسلىشىش جەريانىدا، تىجارەت قىلىشنىڭ كىشلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم كەسىپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ بىر پەن بولۇپ شەكىللەنگەن ئىكەن، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنە شۇندىلا، تىجارەت پائالىيىتىدە، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى ۋە ھەقىقىي تىجارەت قىلىش توغرا يولىنى تاپقىلى بولىدۇ.
تىجارەتتە مەخسۇس كەسپىي تەربىيلەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرغاندا، تىجارەتتە بىر قەدەر ئوڭاي نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.

1. تىجارەت قىلىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگىنىش كېرەك
بەزىلەر تىجارەت قىلىشنىمۇ مەخسۇس ئۆگىنىش كېتەمدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ مەكتەپ تەربىيەسى بېرىشىڭىز، ھۈنەر-كەسىپ ئۆگىتىشىڭىز، مەخسۇس بىرەر ئۇستامغا ھۈنەرگە تۇتۇپ بېرىشىڭىزنىڭ ئۆزى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، تىجارەت قىلىشنى ئۆگىنىشكە بەرگەنلىكىڭىز بولۇپ، قانداقتۇر ھۈنەر-كەسىپنى ئۆگىتىپ قويۇشلا ئەمەس. ئۇنى ئەستايدىللىق بىلەن تەھلىل قىلسىڭىز، ئۇنىڭ تىجارەت پائالىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋۈلالايسىز. چۈنكى، شۇ ھۈنەرنى ئۆگەنگەن كىشى ئۆزى ئىشلەپچىقارغا، ياسىغان بىر ياكى بىر قانچە خىل مەھسۇلاتىنى ئاخىرقى ھېسابتا پۇلغا ساتىدۇ ياكى باشقا نەرسىلەرگە تېگىشىپ ئىستىمال قىلىدۇ.
بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئانچە-مۇنچە تىجارەتكە يىتەكلەشنىڭ پايدىسى كۆپ، شۇنداقلا بالىلارنى تىجارەتكە كۆندۈرۈشنىڭ يوللىرىمۇ كۆپ. مەسىلەن، بالىلارنى ئادەتتىكى تۇرمۇش بويۇملىرىنى، كۆكتاتلارنى، مېۋە-چىۋە، تۈرلۈك سورۇنلارنىڭ بېلەتلىرىنى، ئەزالىق كارتىلىرىنى سېتىۋېلىشقا، ئەرزان، ئۆزى ئاددىي، تۇرمۇشتا دائىم ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىشقا سېلىش كېرەك. بۇنداق ئىشلارنى بالىلارنىڭ تەتىل، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇش، زىيادە زورلىماسلىق، مەجبۇرلىماسلىق كېرەك. بىرەر ماددىي نەرسىنى ئۇزۇن مۇددەت سېتىپ كۆنسە، بالىلاردا تىجارەت ئېڭى يېتىلىدۇ، مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ. بۇ خىل تىجارەت پائالىيىتى بالىلارغا تىجارەتنىڭ تۇنجى ئالتۇن ئاچقۇچىنى تۇتقۇزىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى چوڭ-كىچىك تىجارىتى ئۈچۈن ئۇل سالغىلى بولىدۇ.

2. بىرەر تۈرنى نۇقتىلىق تۇتۇش كېرەك
مەيلى چوڭلار بولسۇن، مەيلى كىچىكلەر بولسۇن، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى نىيەت قىلسا، ئۆگىنىشكە كىرىشسە، تىجارەتنىڭ بىرەر تۈرىنى نۇقتىلىق تۇتۇشى كېرەك. تىجارەتنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئۇنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆگىنىپ ۋە بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تىجارەت قىلىشنى دەسلەپتە ئۆگەنگەندە، شۇنىڭ ئىچىدىن بىر تۈرنى تاللاپ، شۇنى مۇھىم قائىدە قىلىپ، قانۇنىيەتلىرىنى ئىگەللەپ، شۇ تۈرگە نىسبەتەن بىر قەدەر مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش كېرەك. بۇنىڭ تىجارەت يولىنى بىلىش ۋە تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە رولى ئىنتايىن چوڭ. ئەتراپىڭىزغا قارايدىغان بولسىڭىز، تىجارەت قىلىپ بېيىغان كىشلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە تىجارەتنىڭ مەلۇم بىر تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بارا-بارا باشقا تۈرگە كېڭەيگەنلىكىدەك پاكىتلارنى تۈركۈملەپ دەلىللەپ بەرگىلى بولىدۇ. بىر قانچە يىللار ئىلگىرى تۇخۇم پىشۇرۇپ ساتقانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھازىر توخۇ فېرمىسى، قوي-كالا فېرمىسى قۇرغانلىقىنى، قوماچ قورۇپ ساتقانلارنىڭ ھازىر پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قۇرغانلىقىنى، ئويۇنچۇق ساتقانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھازىر ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى سېتىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا، تىجارەتنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەندە بىرەر ئاددىي سودا-سېتىق ئىشىنى قىلىش، تەدرىجى يول تېپىش ـــ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

3. چوڭلاردىن ئۆگىنىش كېرەك
بىزدە بىرەر كەسىپنى باشقىلاردىن، بولۇپمۇ چوڭلاردىن ئۆگىنىدىغان ئادەت بار، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. تىجارەت قىلىشنى ئۆگىنىشتىمۇ تىجارەت قىلىپ كۆنگەن ۋە تىجارەتتە مەلۇم نەتىجىسى بار، تىجارەت قىلىش تەجرىبىسى مول ۋە ئۆزىگە خاس تىجارەت قىلىش ئۇسۇلى، ئەنئەنىسى بار كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىش كېرەك. ئۇلاردىن ئۆگەنگەندە، سوراش بىلەن بىللە ئەمەلىي تىجارەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، تىجارەت قىلىش ئۇسۇلى، تەدبىرى، تۇتقان يولى، ئىلغار كۆزقارىشى، ھەر بىر تىجارەت تۈرىگە تۇتقان مۇئامىلىسى، كىشلەر بىلەن بولغان ئېلىم-سېتىمدىكى پوزىتسىيەسى، مەسىلىگە يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەكلىكى، نەق-نېسىگە قانداق قارايدىغانلىقى، ئاكتىپ ئىستىمالغا قانداق قاراش، پاسسىپ ئىستىمالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئەستايدىل ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

4. تىجارەتنىڭ ئاددىي نۇقتىلىرىغا سەل قارىماسلىق
تىجارەتنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ھەممىنى، ھەتتا بىر نەچچىنى قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىپ كەتكىلى، ئۆزلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن ئاددىي نۇقتىلىرىدىن باشلاپ ئەستايدىل ئۆگىنىش كېرەك. ئاددىي نۇقتا دېگىنىمىز، مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە تۈرنىڭ يۈزەكى خۇسۇسىيىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنى ياخشى ئىگەللىگەندىلا، باشقا تۈرلەرنى تەدرىجىي قوبۇل قىلىشقا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرساق، تىجارەتتە بىرەر ئاددىي نۇقتىنى تولۇق ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش باشقا تۈردىكى تىجارەت تۈرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. تىجارەتنىڭ ئاددىي نۇقتىلىرىنى بىلمەي تۇرۇپلا، تىجارەت قىلىمەن دېيىش بىر خىيالپەرەسلىك بولىدۇ. تىجارەتتىكى ئاددىي نۇقتا ھەربىر خىل تىجارەت تۈرىدە، ھەر بىر مەھسۇلاتتا بولىدۇ. مەسىلەن، گەزمال تىجارىتى، چەرچىنمال تىجارىتى، يىمەك-ئىچمەك تىجارىتى، قول ھۈنەر تىجارىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىردىن تۈر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاددىي، مۇرەككەپ نۇقتىلىرى بولىدۇ. ئەگەر سىز يەنە بۇنىڭ ئىچىدىن يەنىمۇ كىچىك تۈرلەرنى ئايرىپ چىقىمەن دېسىڭىز، ئۇ ھالدا يىمەك-ئىچمەك تىجارىتىدىن ناۋايلىق، ئاشپەزلىك، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تۈرلەرنى ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ. بىلىش كېرەككى، بۇ تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنىيىتى، خۇسۇسىيىتى، تەلەپ-ئېھتىياجى بولىدۇ. بىرسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ھالىتى يەنە بىرسىگە قىلچە ئوخشىمايدۇ. ۋاقىت، تەلەپ، ئورۇن قاتارلىقلارمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىرەر تۈرنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتىنى تولۇق ئىگەللەپ بولغاندىلا، باشقا تۈردىكى مۇناسىپ كېلىدىغان يەنە بىر تۈرگە يۈرۈش قىلسا، ئاندىن باشقا تۈردىكى تىجارەت ئۈچۈن يول ھازىرلاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

1

تېما

0

دوست

1560

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27706
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 502
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 19:01:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ ، ئەتراپلىق يېزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3241
توردىكى ۋاقتى: 834
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 20:24:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك دۇكانچى بولاپ قالساڭ پۇل تاپمىقىڭ بەك تەسكەن.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )