قەغەزنى دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان
(Adem öger)
تۈركىيەنىڭ نېۋ شېھىر ئۇنۋېرىستېتىنىڭ دوكتۇرى Adem öger (ئادەم ئۆگەر) ئەپەندىم بۇ يىلنىڭ بېشىدا دىيارىمىزدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن جايلاردا ئېكىسكۇرسىيەلەردە بولۇپ، بەزى جايلاردا ئىلمى تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان.










بىز دۇنيادىكى قەغەزچىلىك كەشپىياتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتى ئىكەنلىگىنى، مىڭ يىللاردىن بۇرۇنقى قەغەز ئىجاتچىسىنىڭ خوتەنلىك سەيلۇن دېگەن بىر كىشى تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانلىقىنى بىلگەن بولساقمۇ ئۇ بۈگۈنگىچە ئۇ جايلارغا بېرىپ بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىمىز بولمىغان ئىدى.
بىز بۇ قېتىم «خوتەن قەغىزى يۇرتى» دەپ نام ئالغان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا خوتەن قەغىزىنىڭ 10- ئەۋلاد ۋارىسى توختى باقى بوۋاينى ئۇچراتتۇق. ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان توختى بوۋاي گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن 100 ياشقا كىرگەندەك قىلمايتتى. ئۇ يەڭگىل ھەرىكەتلىرى بىلەن نەق مەيداندا بىزگە ئۆز قولى بىلەن بىر ۋاراق خوتەن قەغىزى (ئۈژمە قەغىزىدىن ياسالغان قەغەز) ياساپ بەردى.
توختى بوۋىنىڭ ئايالى دەرۋازا يېنىدا سويۇپ كېلىنگەن ئۈژمە قوۋزىقىنىڭ ئىچكى قەۋىتىنى ئاجرىتىۋاتاتتى. بۇ بىر تېخنىكىلىق، نازۇك ئىش ئىدى، موماينىڭ قەلەمتىراچ تۇتقان قوللىرى ناھايىتى يېنىك بولۇپ، قەغەزگە كېرەكلىك ئىچكى قەۋىتى ئەپچىللىك بىلەن ئاجرىتىۋېلىنغان قوۋزاقلار بىردەمدىلا بىر دۆۋە بولۇپ كەتتى. دەرەختىن سويۇۋېلىنغان ئۈژمە قوۋزىقىنىڭ ئىچى تەرىپىدىكى بۇ سۇس يېشىل رەڭلىك يۇمران بىر قەۋەت دەل خوتەن قەغىزىنىڭ مۇھىم خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
ئەنئەنىۋى خوتەن قەغىزى — ئۈژمە قوۋزاقنىڭ ئىچكى قەۋىتىنى سويۇش، چىلاش، قازاندا دۈملەش، سوقۇش، ئېچىتىش، سۈزۈش، قېلىپقا سېلىش، ئاپتاپتا قۇرۇتۇش، يىرىك ئۇۋىتىش قاتارلىق توققۇز ئىش ھالقىسىدىن كېيىن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. قاراقاشنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق، تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى مول، ئۈژمە دەرىخىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلگەچكە، قەدىمدىن بۇيان يەرلىك كىشىلەر ھويلا- ئاراملىرى ۋە ئېتىز- ئېرىقلىرىغا ئۈژمە دەرىخى تىكىپ مېۋىسىنى يەيدىكەن. ئۈژمە دەرىخىنىڭ بۇنداق كۆپ بولۇشى خوتەن قەغىزىنى مول خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. خوتەن قەغىزى ئۈژمە قوۋزىقىنى خام ماتېرىيال قىلىپ ياسىلىدىغان بىر خىل قەغەز بولۇپ، غەربىي دىياردىكى ئەڭ قەدىمىي قەغەزلەرنىڭ بىرى، ئۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەچكە، يەنە «خەن سۇلالىسىدىكى تېرە قەغەز» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ قەغەزنىڭ ئىسمىدىنمۇ تارىخىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ قەغەزنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلار بارغانسېرى ئازىيىپ، قارىقاش ناھىيەسى بۇ قەغەزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋارس جايىغا ئايلىنىپ قالغان.
|