قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 826|ئىنكاس: 5

ئەركيار:شەرق پەلسەپىسىىنىڭ باشلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 14:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


شەرق پەلسەپىسىنىڭ باشلىنىشى

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى

    شەرقتىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرمىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا قۇللۇق دەۋىرگە كىرگەن بولۇپ،ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپە ئىدىيسى بارلىققا كەلگەن ئىدى. شەرق پەلسەپىسىنىڭ باشلىنىشى دېگەندە،نېرسى يىراق قەدىم زامانغا بېرسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.بۇ دەۋىرلەردە،مىسىر ۋە بابىلوندا ئەڭ دەسلەپكى پەلسەپە شەكىللىنىپ،دۇنيانىڭ مەنبەسى،ھاياتلىق قائىدىلىرى ھەققىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرلەر بارلىققا كېلىپ،دىنى مۇقەددەسلىككە گۇمان بىلەن قارايدىغان ئىدىيلەر بىخ سۈرگەن.ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن«ۋېدا نوملار توپلىمى» ۋە «ئۇپانىشاد»ناملىق كىتابلاردا سانخيا(ئىپتىدائى ھىندى دىنىدىكى بىرخىل نەزەرىيە)،ۋايشېشىكا(ئىپتىدائى بۇددا دىنىدىكى بىرخىل مەزھەپ)،ۋېدانتا(پەلسەپىدىكى 6مەزھەپ ئىچىدە ئەڭ تەسىرچان مەزھەپ)پەلسەپە ئىدىيلىرى ئەكىس ئېتەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا،چىنا دىنى،بۇددا دىنى،جاھاندارچىلىق نەزەرىيسى قاتارلىق ئەڭ دەسلەپكى پەلسەپە ئېقىملىرى بارلىققا كەلدى.جۇڭگودا،دىننىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا «مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر»،«بەش ئاناسىر»، تەلىماتلىرى، ئەمىنىيە يىغىلىق دەۋرىگەكەلگەندەكۇڭزىچىلىق(كۇڭزى،مېڭزى،شۇنزى)،موزىچىلىق(موزى)،تويىنزم(تەرىقەتچىلىك.ۋەكىللىرى:لاۋزى،جۇاڭزى)،قانۇنچىلار ۋەكىللىكىدىكى تۈرلۈك ئىلىم ئېقىملىرى بارلىققا كېلىپ پەلسەپىدە«ھەممە بەس-بەستە سايراش»تەك گۈللىنىش ۋەزىيتى شەكىللەندى.

  قەدىمكى مىسىر،بابىلون پەلسەپىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى
(يىراق قەدىم دەۋىردىن ــــ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگىچە)

    مىسىر شىمالى ئافرىقىدىكى نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى قەدىمكى زامان مىللەتلىرى توپلىشىپ ياشىغان رايۇن بولۇپ،كونا تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىنى ياراتقان.تەخمىنەن 10مىڭ يىل بۇرۇن،مۇز ئېرا قايتىشىدا شىمالى ئافرىقىنىڭ كېلىماتى بارغانسېرى قۇرغاقلىشىپ،پايانسىز قۇملۇقلار باش كۆتەردى.شۇنىڭ بىلەن نىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى  قەدىمكى مىسىر ئاھالىلىرى  جان ساقلايدىغان بەخىت قۇچىقىغا ئايلاندى.مىلادىدىن بۇرۇنقى 3100-يىللار ئەتراپىدا،مىسىردا بىرلىككە كەلگەن قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇلۇپ،تۇنجى پادىشاھلىقتىن تولېمې سۇلالىسىگىچە بەش دەۋىر،31سۇلالىنى باشتىن كەچۈردى. مىلادىدىن بۇرۇنقى30-يىللاردا مىسىر تولېمې پادىشاھلىقى رۇملۇقلار تەرىپىدىن يوقىتىلىپ،رۇم ئېمپىرىيسىنىڭ بىر مەمۇرى ئۆلكىسى قىلىندى.مىلادى650-يىلى،ئىسلام دىنى مىسىرغا تارقالدى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىسىر ئەرەب دۇنياسىنىڭ تەشكىلى قىسمىغا ئايلاندى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارا-بارا ئىپتىدائى جەمئىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزدى.
    مىسىر نىل دەرياسى بىلەن زىچ باغلانغان.ھەر يىلى نىل دەرياسىدا تاشقىن كۆرۈلىدۇ.سۇ ئورنىنىڭ كۆتۈرىلىپ چۈشۈشى ۋە يەر ئۆلچەش قاتارلىقلار ئېھتىياجى سەۋەبلىك مىسىردا ئەڭ دەسلەپكى ماتېماتىكا،ئالگېبرا،يېزا ئىگىلىك ئېھتىياجى بىلەن ئەڭ قەدىمكى ئاسترونومىيە بارلىققا كەلگەن.مومىيالاش تىبابەت ۋە ئاناتومىيەنىڭ تەرەققىياتىغا شارائىت تەمىنلىدى.مىسىر خەلقى قۇياشنى ۋە نىل دەرياسىنى مەدھىيلەش،  چۇقۇنۇشتىن سىرت دۇنيانىڭ مەنبەسى مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.كىشىلىك ئالاقىنىڭ قۇيۇقلىشىشىغا،مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ ئەخلاق ئىدىيلىرى بارلىققا كېلىپ،ھېدونىزم (ھاياتنىڭ نىشانى خۇشاللىق ئىزدەش دەيدىغان تەلىمات) ۋە پېسسىمىزم(يوقلۇق،ئازاپ تەلىماتى)پەلسەپىسى  شەكىلەندى.مىسىرنىڭ ئىلىم-پەن،دىن ۋە پەلسەپىسى قەدىمكى شەرق ۋە يۇنان،(رىم)رۇمغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى.
    قەدىمكى غەربى ئاسىيانىڭ تارىخىمۇ ئەڭ قەدىمكى تارىخ.بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى بابىلونىيە ۋە پەلەستىننىڭ تارىخى.ئەرمىنىيە ئېگىزلىكىدىن باشلانغان تىگىر دەرياسى ۋە ئېفرات دەرياسى غەربى شىمالدىن غەربى جەنۇپقا قاراپ ئېقىپ پارىس قولتۇقىغا قويۇلىدۇ.ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىم رايۇنلىرى قەدىمكى يۇنانلىقلار تەرىپىدىن«مىسسوپوتامىيە»دەپ ئاتالغان،مەنىسى «ئىككى دەريا ئارىسى»دېگەنلىك بولۇپ،«كىشىلەر ئىككى دەريا ۋادىسى»دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن.ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالى ئاسسىرىيە(ئاسسۇرىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ)،جەنۇبى بابىلونىيە دېيىلىدۇ.بابىلونىيەنىڭ شىمالى ئاككاد،جەنۇبى سۇمېر دەپ ئاتالغان.مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا يېزىق شەكىللىنىپ 2400كۋادراتمېتىرلىق غايەت زور كۆلەمدىكى مۇنار-ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشلىرى بارلىققا كەلدى. سىنىپلارنىڭ ئايرىلىشى ۋە سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ سۇمېردۆلىتى شەكىللەندى.سۇمېرلار ئىجاد قىلغان مىخ يېزىقنى ئىككى دەريا ۋادىسىدا ياشىغان ئاردلار،بابىلونلار،ئاسسۇرىلار،خىتتىلار،سۈرىيانلار ۋە قەدىمكى پارىسلار تەرىپىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماتېماتىكا،ئاسترونومىيە،تىبابەت قاتارلىق ئەڭ قەدىمكى پەنلەر شەكىللەندى.قەدىمكى غەربى ئاسىيادا تارقىلىپ كەلگەن كىشىلىك ھەقىقىتىگە تولغان ئۆلۈپ قايتا تىرىلىش،توپان بالاسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر،دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر قاتارلىق گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەر شۇنىڭدىن باشلاپ يەنە قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتى.كېيىنچە بۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەر يەھۇدى دىنى،خىرىستىئان دىنى مۇقەددەس دەستۇرلىرىغا سىڭدۈرۈلۈپ پۈتۈن دۇنيادا غايەت زور تەسىرگە ئىگە بولدى.ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى دىنى ئەپسانە-رىۋايەتلەر  يەنە نۇرغۇن مۇقەددەسلىكتىن گۇمانلىنىش،ئىدراكقا مۇراجەت قىلىش،ياخشى-ياماننى ئايرىش، بەخىت ئىزدەش ئىدىيلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ،بۇلار دەل قەدىمكى غەربى ئاسىيادىكى پەلسەپە بىخلىرى ئىدى.
تېما مەنبەسى:
رېن خوكۈي،لوجوڭشۇلار بىرلىشىپ تۈزگەن «شەرق پەلسەپىسىدىن بايان» سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى1991-يىلى نەشىرى.
ئەسكەرتىش: پايدىلانغاندا ئەسلى كىتاب ئۇچۇرى، تەرجىمان  ۋە تېما مەنبەسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ!
داۋامى بار...

0

تېما

0

دوست

1260

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23855
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 21:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەپلەنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىنكى ئالىملىرى توغرىسىدا ئازراخ بىرنىمە دەپ بىرەمسىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

1463

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-10 22:00:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   4032 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 22:17  

ئۇتتۇرا شەرىق ھەقىقىتەنمۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەدىنىيەت بۇشىگى دۇر،ئەھلى كىتاپلار(يەھۇدى،ۋە خىرىستىئان دىنى)شۇنداقلا دۇنيادا تەسىرى ئەڭ كۇچلۇك، گۇزەل ئىسلام دىنىمۇ مۇشۇ رايۇندا بارلىققا كەلگەن،(قالغان دىنلار باتىل دىنلار بۇلۇپ تىلغا ئىلشقا ئەرزىمەيدۇ) تىمىدا ئەكىس ئەتكەن ئەپسانە-رىۋايەتلەر دەل دۇنيانىڭ تارىغ مەنبەسىدۇر،شۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەر بۇلمىغان بۇلسا مايمۇن تەدىرجى-تەرەقىقى قىلىپ ئادەمگە ئۇزگەرگەن دەپ نادانلارچە خۇلاسىگە كىلىش مۇمكىن ئىدى، مايمۇننىڭ تەدىرىجى تەرەققى قىلىپ ئادەمگە ئۇزگەرگەن دىگەن پەلسەپە ھازىر ئالىملارنىڭ تەجىربە قىلىش ئارقىلىق مۇمكىن بۇلمايدىغانلىغىنى ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلاپ بۇلدى،تارىغ يەنىلا ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمدىن كىلىدۇ،قۇرئاننى ئۇقۇيلى،تەتقىق قىلايلى دۇسلا، مانا شۇ ھەقىقى تارىغ، ھەقىقى پەلسەپە،تىما ئىگىسگە رەھمەت ئىيتىمەن،مۇشۇنداق تارىغى ئەسەرلەرنى كۇپرەك تەرجىمە قىلىپ ئۇرتاقلىشايلى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

2

دوست

1463

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 06:54:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   4032 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 08:32  
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 00:08
1-بەزى كىشىلەر ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ چىكىنىشىگە ئىسلام د ...

تارىغقا قارايدىغان بۇلساق ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىين ئۇز مەدىننىيتىنى تىخمۇ ۋايىغا يەتكۇزگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان كىين مەخمۇت قەشقەرى،يۇسۇپخاس ھاجىپ قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئالىملار مەيدانغا كەلگەن. ئۇيغۇر مەدىنيتىنىڭ ئۇرنىنى ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيتى ئالغان،مەخمۇت قەشقەرى،يۇسۇپخاس ھاجىپ ئەسەرلىردىمۇ مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ھىكمەتلىرى(ھەدىسلىرى)تەشەببۇسلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغ كىتابى بۇلغان قۇرئان كەرىمدىكى بەزى تىمىلەر ئاساسىدا ئۇز ئەسىرىنىڭ سىھرى كۇچىنى ئاشۇرغان،ئالىمىمىزنىڭ بۇنداق دۇنياغا مەشھۇر ئەسەرلىرىنى رۇياپقا چىقىشىغا ئىسلام دىنى يىتەكچى بۇلغان، مەخمۇت قەشقەرى،يۇسۇپخاس ھاجىپ ئىنىقلا ئۇز زامانىسىدىكى دىننى ئۇلىمالاردىندۇر،قۇرئانغۇ شۇنداق ئىسىل كىتاپ (مەڭگۇ ئۇز قۇدىرتىنى گۇزەللىكىنى نامايەن قىلغۇسى)ھەتتاكى قۇرئاندىكى تىمىلارنى ئاساس قىلىپ يازغان  ئەسەرلەرمۇ دۇنيادە ئەزىزلىنىپ تا ھازىرغچە تەتقىق قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئۇنداقدا ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا يۇزلەندۇرۇشكە دۇنياغا تۇنۇتۇشقا تۇرتكلىق رۇل ئۇينىغان ئەسەرلەردە ئىسلام دىنى ئەقىدە پەلسەپەلىرى قەدەمدە ئۇچىرايدۇ، ياكى شۇ تەرەپكە باشلاپ ماڭىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنڭ چىكىنىشىگە ئىسلام دىنى سەۋەپچى بۇلغان دىگەن قارشى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ،ئۇيغۇر مەدىنيتى ئەمەس، ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيتى مەزگىللەردە رۇياپقا چىققان ھازىر بىزگە يتىپ كەلگەن ئەسەرلەرگە قارايدىغان بۇلساق بۇنى بىلىش تەس ئەمەس،مەخمۇت قەشقەرى،يۇسۇپخاس ھاجىپ،ئەلشىر ناۋايى قاتارلىق مۇتەپەككۇر ئالىملىرمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە باش تىمىلارغا <<ناھايتى شەپقەتلىك ۋەمىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن>> دەپ ئالغان ۋە شۇ ئىسلام ئەقىدە پەلسەپە ئەخلاقلىرى ئەكىس ئەتكەندۇر،
2.ئسىلام دىندىكى مەزھەپ ئۇرۇشلىرىغا قاراپ  ئىسلام دىنىنىڭ مۇكەممەل مۇكەممەل ئەمەسلىكىگە باھا بەرگەن بۇلسىڭىز خاتالاشقان بۇلىسىز ، دۇنيادىكى قايسى دىن مەزھەپتىن خالى بۇلغان نەقىل كەلتۇرۇپ بىقىڭا قىنى؟ مۇھەممەت ئەلەيسھىسسالام ئاللا بۇرۇن ھايان ۋاقتىدا چۇڭ چۇڭ  كاتتا ساھابىلىرنىڭ مىجەز خارىكتىرلىرغا قاراپ سىلەر كىين پىقھە پىقھە مەزھەپلەرگە بۇلنىپ كىتىسىلەر سىلەر73پىقھە، پەقەت 1پىقھە تۇغرا يۇلدۇر دىگەن،مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام سىلەر <<قۇرئاننى ۋە سۇنئەتلەرنى ئىغىش چىشىڭلاردا مەھكەم چىشلەڭلار>>  دەپ نەسىھەت قىلغان،قارايدىغان بۇلساق ئىسلام دىندا قانچىلىق مەزھەپ بۇلسۇن ئۇلار ھەممىسى قۇرئان كىرىمنى ئاساس قىلىدۇ ،قۇرئاندىن چەتنىمەيدۇ،قۇرئان كەرىمدىمۇ ئاللاھ تائاللا <<سىلارنىڭ دىنىڭلارنى مۇكەممەل قىلدىم>> دىگەن.
مەن بىر دىننى ئالىممۇ ئەمەس، پەننى ئالىممۇ ئەمەس،  شۇڭا بەزى سۇزلىرىم باغلاشماي ياكى دەلىللەرنى جايىدا ئالالمىغان بۇلۇشۇم تەبىئى قىرىنداشلارنىڭ تۇغرا چۇشۇنىشىنى سۇرايمەن،  سىز تىلغا ئالغان <<بەزىلەر>> 1. ئۇيغۇرلار تارىغىنى ،ئۇيغۇر ئىسلام تارىغىنى،ئۇقۇغانمۇ؟ قانچىلىق ئۇقۇغان؟ئۇيغۇر مەدىنىيتى ئۇستىدە دۇپپىسىنى يەرگە ئىلىپ قۇيۇپ ئەقلى مۇلاھىزە يۇرگۇزگەنمۇ؟ 2. دىننى كىتىپلارنى ئۇقۇغانمۇ قانچىلىك ئۇقۇغان ؟دىننى بىلىمى زادى قانچىلىك؟ ؟؟؟؟؟ بىلمىگەنىنىڭ پىكىر قىلىش ھۇقۇقى يۇق، ھەممىز تىرىشايلى، تارىغ ئۇقۇيلى،مەن ئالدىدا ئەسكەرتىپ ئۇتكەن مەن دىننى ۋە پەننى ئالىممۇ ئەمەس ،دىن جەھەتتىن مەن تىخى 5ۋاخ نامازنىمۇ تازا ياخشى ئۇزلەشتۇرۇۇپ بۇلالمىغان.يىزىقچىلىق جەھەتتە بۇلسا مەن بۇرۇن پەقەت رۇخسەت سۇراش خىتىلا يىزىپ باققان، بۇ يەردە ئۇتتۇرغا قۇيغان چۇشەنچەم يەنىلا بەكلا كالتا،ۋە چۇۋالچاق دەپ قارايمەن ،دۇسلارنىڭ تۇغرا چۇشۇنىشىنى يەنە بىر قىتىم تەكىتلەيمەن،
خى خى خى

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 12:34:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرق غەربكە قارىتا ئوتتۇرىغا چىققان گەپ ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى دېگەنلىك بولۇپ، ئاسىيا ھەمدە شىمالى ئافرىقا"شەرق دۇنياسى"دەپ قارىلىدۇ. ياۋرۇپا،ئامېرىكا"غەرب"دەپ قارىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )