- تىزىملاتقان
- 2012-7-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6347
- نادىر
- 0
- يازما
- 390
ئۆسۈش
26.94%
|
‹‹- ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىكلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن “خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى” تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن بىرىنچىدىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي شەكىلدە قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.
2-قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكلىرى ئۇيغۇرلارغىلا مەنسۇپ بولماستىن تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا تەۋە تارىخىي جاي ۋە بۇ نۇقتىدىن شەھەر خارابىلىكىنىڭ قوغدىلىنىشى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك.
3-بولۇپمۇ پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇر لار بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسىگە ۋە باشقا خەلقئارالىق مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقىلەرنى قوغداش جەمئىيەتلىرىگە ئىلتىماس قىلىش ۋە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر قوللىنىشىغا كۆۋرۈك بولۇشى زۆرۈر.
4-دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار بىر ئارىغا كېلىپ ئۆزلىرى تەشكىل قىلغان بىر كومىتېت قۇرۇپ چىقىش ۋە بۇ كومىتېت مەخسۇس قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىرىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇيغۇر مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقىللىرىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش ۋە تەدبىر كۆرۈش.
5-قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسىنى ئۇيغۇرنىڭ ئىككىنچى مەككىسىگە ئايلاندۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇرلارنى موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن ۋادىلىرىغا جۈملىدىن قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز تارىخىمىزنى بىلىش قىزغىنلىقى قوزغاش.
6-قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىكلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆز كىملىكىمىزنى تونۇش ۋە تارىخىمىزغا ئىگە بولۇش تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش.
7-ئۇيغۇر ۋەكىللىرى رەسمىي شەكىلدە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىرىنى ۋە موڭغۇلىيىدىكى باشقا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي جايلارنى قوغداش توغرىسىدا دىپلوماتىك قاناللار ئېچىپ قەرەللىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش.
8-بۇ مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى سودا-سانائەتچىلەر، ئىقتىسادى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر ساھەلەرنى تەشكىللەپ مەبلەغ يىغىش ۋە يىغىلغان مەبلەغلەرنى قارابالاساغۇن (ئوردۇ بالىق) شەھەر خارابىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەرنى، تارىخىي جايلارنى قوغداشقا سەرپ قىلىش.
يۇقىرىقى يەكۈنلەر بۇ قېتىم موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن بويلىرىدا ئېچىلغان “3- نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي خەلىقلىرى قۇرۇلتىيى .......” غا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى، رەسسام، تارىخچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئورتاق تونۇشى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن ئاممىۋى كۈچكە ئىگە مۇراجىئىتى بولۇپ، بۇ مۇراجىئەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى سۆيگەن، ئۇيغۇرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇمىغان، ئەجدادلىرى بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشلەرنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ تارىختىكى دۆلەتچىلىك مەيدانىدا تۇرۇپ بۈگۈنكى مىللىي مەدەنىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىستەكلىرىدە بولۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ۋەتەن سۆيەر ۋە مىللەت سۆيەرلىرىنىڭ جىددىي ئويلىنىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچىدم››
ئەلكۈن ئەپەندى،بۇ مەقسەتلەرنىڭ بىرسى بولسىمۇ ئورۇنلاندىمۇ ياكى پىلان بويچە قالدىمۇ؟ئۈچۈر بەرسىڭىز.بولسا بۇمەقسەتلەرنى ئورۇنلاشقا كۈچىسەك بولاتتى.ھازىرچە
‹‹ قارابالاساغۇن ››شەھرىگە بىر خاتىرە مۇنارى ياساشقا مەبلەغ توپلىساق.ئۆزىڭىزباش بولۇپ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلساق.قالغان كىينىكى ئىشلارنى قايتا ئويلاشسساق دىگەن ئۆمۈتتە مەن.
|
|