قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1308|ئىنكاس: 7

شىۋە تەتقىقاتىدا تىل ماتېرىياللىرىنىڭ توپلىنىش ئۇسۇللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

0

دوست

2305

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3368
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 254
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 15:31:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayding تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 15:49  


       شىۋە تەتقىقاتىدا تىلماتېرىياللىرىنىڭ  توپلىنىش ئۇسۇللىرى
     ئاپتورى: نۇرەتتىن دەمىر (باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى)
   ( دىلئارام ۋەلى تەرجىمىسى )





       بۇ ماقالە ئاپتورنىڭ « Ağız Araştırmalarında Derleme Teknikleri » دېگەن ماقالىسىنىڭ باش قىسىمىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. ئەسلى ماقالە مۇكەممەل ئىلىمىي ماقالە. تورداشلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامىمىباب قىسىملىرى تەرجىمە قىلىندى. بۇ ماقالىدىن ئۈزۈندە ئالماقچى بولغانلارنىڭ ماقالىنىڭ ئەسلىسىدىن  پايدىلىنىشىنى  تەۋسىيە قىلىمىز. ـ تەرجىماندىن

كۆپ يۆنىلىشلىك تىل ماتېرىياللىرى توپلاش
       نەزەرىيىۋى تىلشۇناسلىقتا ئۆز ئانا تىلىنى سۆزلەيدىغان كىشى شۇ تىلنىڭ بىر  مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ.   بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئۆزى بىلىدىغان بىر دىيالېكتنى تەكشۈرىدىغان تەتقىقاتچى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ دىيالېكتنىڭ بىر مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ ۋە تىل مىساللىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغان- قىلىنمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.   بۇنداق ئەھۋالدا ھەممە مىساللارنى چوقۇم تاۋۇش تەمىنلىگۈچى بەرگەن مىساللاردىن ئېلىش زۆرۈر ئەمەس، تەتقىقاتچى بۇ دىيالېكت ھەققىدە ئۆزى ئىگە بولغان ئۇچۇرلاردىن خۇلاسە چىقارسىمۇ بولىدۇ.   مەسىلەن ئالايلۇق، ئالانيا دىيالېكتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلىرىم جەريانىدا، بۇ جاينىڭ دىيالېكتى ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ تەبئىي بىلىملىرىدىن پايدىلانغان ۋە تەتقىقاتقا ئاساس بولغان پۈتكۈل  تىل ماتېرىياللىرىدىن قايىل قىلارلىق خۇلاسەچىقىرىش يولىدا ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدىغان شەكىللەر ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم.   لېكىن بىز بۇ ئۇسۇلنى دىيالېكت  تەتقىقاتىدا ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۇسۇل دېيەلمەيمىز.   چۈنكى كۆپ ۋاقىتتا تىل تەكشۈرگۈچى ئۆزى تەكشۈرۈۋاتقان دىيالېكتقا ناتونۇش بولىدۇ.   تونۇش بولدى دېگەندىمۇ، شۇ رايوندىكى بارلىق دىيالكېتلارنىڭ ھەممىسىنى تەبئىي ھالدا سۆزلىيەلىشى ناتايىن.   ئەمما تەجرىبەلىرىمىز  شۇنى كۆرسەتتىكى، تەتقىقاتچىلار تەكشۈرگەن دىيالېكتلارنى خاتىرىلەپ يېزىققا ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى بارا- بارا چۈشىنش ئارقىلىق شۇ دىيالېكتقا نىسبەتەن شەكىللەنگەن بىر تەبىئىي تۇيغۇغا ئېرىشەلەيدۇ.   

       تەتقىقات تۈرى دائىرىسىدە، ئەنقەرە دىيالېكتى ئۈسىتىدە كۆپ تەرەپلىك ۋە  كۆپ مەقسەتلىك ماتېرىياللىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلماقتا.   ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان تىل تەكشۈرۈشىلىرىمىزدە  مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ دىيالېكتلىرىدىكى ئۆزىگە خاس سۆزلەر، تۇراقلىق بىرىكمىلەر، ماقال- تەمسىل قاتارلىق قىسقا شەكىللەر يېزىققا ئېلىندى.   بولۇپمۇ نۆۋەتتە يېزىقلىق  خاتىرىلەنگەن ماتېرىياللارنى تەكرارلاتقۇزۇش بىلەن ئاۋازلىق قىلىپ خاتىرىلەشكە تىرشىۋاتىمىز.   
دىيالېكت تىل ماتېرىياللىرى ئامبىرى دېگەندە، كاللىمىزغا تەبىئي ھالدىلا تاۋۇش خاتىرىسى ۋە تاۋۇشلارنىڭ يېزىققا ئېلىنىشى كېلىدۇ.   ئەنقەرە دىيالېكت تىل ماتېرىياللىرى ئامبىرى ( ANADOK ) مۇ دەسلەپتە ئاۋازلىق خاتىرىلەر بىلەن قۇرۇلغانىدى.   ئاۋازلىق خاتىرىلەشتە بەش تۈرلۈك خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىلىدۇ.   ئەلۋەتتە بۇ بەش ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەممىسى بىر ۋاقىتتىكى پاراڭنى خاتىرىلەشتە قوللىنىلمايدۇ.   بولۇپمۇ بىز شۇ ۋاقىتتا پەرقلىق تاۋۇش بەرگۈچىلەر بولغان ئەھۋالدا بىردىن جىق خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتتۇق.   قولىمىزدا تىل تەكشۈرۈش مەقسىىتىدە بارغان جايلارنىڭ ھەممىسىدىن يىغقان ئوخشاش تىپتىكى ماتېرىياللار بار.   يەنە تىل ماتېرىياللىرى توپلاش جەريانىدا ئادەتتە ئىككى ئۈسكۈنىدىن پايدىلاندۇق.   ۋىدىيولۇق خاتىرلەش ھەر ۋاقىت تاۋۇشلۇق خاتىرىلەش بىلەن تەك ئېلىپ بېرىلدى.   ئىشلەنگەن خاتىرىلەر ئېنىق سان- سىپىرلار بىلەن  ئوخشىمىغان ھۆججەتلەردە ساقلاندى.   ئەگەر لازىم بولسا، تاۋۇش خاتىرىلىرىنىڭ ترانسكىرىپىسىيەنى قىلىش جەريانىدا، ھەر ئىككى خاتىرە تەڭ كۆرسىتىلدى.   بولۇپمۇ تاۋۇش بەرگۈچىلەر يىراق جايدا بولغان ئەھۋالدا، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئوخشاش تىپىتىكى خاتىرىلەرگە مۇراجەت قىلىشقا بولىدۇ.   
         ئاۋازلىق ۋە ۋىدىيولۇق خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلىرىمىز بىلەن توپلىغان ماتېرىياللار مەقسىتىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك بولدى.   چوڭ- كىچىكلىك جەھەتتە بەك كىچىك  بولغان ئاۋاز خاتىرىلەش ئۈسكۈنىمىز بىلەن نەچچە سائەتلىك ئاۋازنى ئۈنگە ئالغىلى بولىدۇ.   شۇڭلاشقا تەكشۈرۈشكە بارغان جايلاردىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار ھەققىدىكى سۆزلەر، سالاملىشىش، ھال- ئەھۋال سوراش سۆزلىرىنى توپلاش ئۈچۈن خاتىرىلەش ئۈسكۈنىلىرىمىزنى ئېچىپ قويدۇق.   مۇشۇنداق قىلىپ بەزى رايونلاردا دىيالېكت تەتقىقاتىدا ئۇزۇن ھېسابلىنىدىغان  تىل ماتېرىياللىرىغا ئېرىشەكمۇ بولىدۇ.   مەسىلەن، بىز بەي پازارغا قارايدىغان ئۇرۇش دېگەن  بازاردا ئىككى دانە ئاۋاز خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى، ئىككى دانە سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىسى بىلەن 20  ئاز كەم سائەتلىك ماتېرىيالنى خاتىرىلىگەنىدۇق.   ترانسكىرپىسىيە قىلغاندا، ئادەتتە، ماتېرىياللارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگىلىرىنى ئىشلىتىمىز.   شۇ چاغقىچە بولغان بارلىق ماتېرىياللىرىمىز ھازىرغىچە ساقلانماقتا.   لېكىن خاتىرىلەنگەن ماتېرىياللار كۆپەيگەنسېرى، ئۇلارنى تاللاش- شاللاشقا مەجبۇر بولىمىز.   
        خاتىرىلەش جەريانىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ بېشىغا جىق كەلگەن توكنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشى، خاتىرىلەش ئۈسكۈنلىرىنىڭ ئىشلىمەي قېتىپ قېلىشى ياكى بۇزۇلۇپ كېتىشى، كۇنۇپكىلارنى خاتا بېسىپ سېلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تىل ماتېرىيالىنىڭ خاتىرىلەنمەي قېلىشى ۋە توك مەنبەسى بولماسلىققا ئوخشاش كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋاز خاتىرىلىگەندە بىردىن ئارتۇق خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش تولىمۇ ئاقىلانىلىكتۇر.  ئۇنىڭدىن باشقا توك ۋە باتارىيەنىڭ تۈگەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈشكە چىقىشتىن بۇرۇن باتارىيەلەرنىڭ توكىنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشمىز، يېنىمىزدا يېتەرلىك زاپاس باتارىيە ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك.   
       ئاۋازلىق ۋە ۋىدىيولۇق خاتىرلەشتە، شۇ جايغا خاس بولغان ماددىي مەدەنىيەت تەركىبلىرى، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقىلار ھەققىدە مەلۇم ساندا شۇلارنىڭ رەسىملىرى تارتىلىدى.   رەسىملەر بىۋاستە تىل ماتېرىياللىرى ئەمەس، لېكىن بۇلارنىڭ تىل ماتېرىياللىرىنى تونۇتۇش ۋە چۈشەندۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رولى بار.   سۈرەت تارتىش ئۈسكۈنلىرىمىزنىڭ بىرىنى ناچار ھاۋا سارائىتىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.   ئۇلار سوقۇلۇشقا ۋە تەۋرەشكە چىداملىق.   باشقىلىرى تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە تېخىمۇ سۈپەتلىك شەكىللەرنى تارتىشقا ماس كېلىدۇ شۇنداقلا رەقەملىك تارتىلغان رەسىمىلەرگە ئاۋازلىق ئىزاھلارنى قوشۇلايدىغان ئىقىتىدارنىمۇ ھازىرلىغان.   نۆۋەتتە دىيالېكت تەتقىقاتىدا ئەڭ مۇھىمى ئاۋازلىق خاتىرىلەش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋاز ۋە ۋىدىيو خاتىرىلەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئچىدىكى  سۈرەت ئاپپاراتىدىن بىرىنىڭ مەخسۇس ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان ئىقتىدارىمۇ بار.   
       ھازىرقى ئاۋازغا ئېلىش ۋە ساقلاش تېخىنىكىلىرى دىيالېكت تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ كەڭ ئىمكانلارغا ئىگە قىلىۋاتىدۇ.   خاتىرىلەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كىچىك بولۇشى تاۋۇش بەرگۈچىلەرنىڭ مىكروفۇننىڭ ئالدىدا جىددىيىلىشش، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا غەلتە بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تۈگىتىشكە قولايلىق ياراتماقتا ۋە خاتىرىلەش سىغىمىدىكى كەڭرىلىك كاتتا بوشلۇق بىلەن تەمىنلىمەكتە.   ئەلۋەتتە، توپلىغان تىل ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى يېزىققا ئېلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق ھەم بۇ مۇمكىنمۇ ئەمەس بۇنداق بىر ئىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.    پەقەت بۇ ئۇزۇن خاتىرىلەر باشقىلارنىڭمۇ پايدىلىنالايدىغان بىر شەكلىگە كېلىپ، تىلدىن تاشقىرى پەنلەردىمۇ پايدىلىنىلىدىغان مول بىر ماتېرىيال ئامبىرى بولىدۇ.   ھازىرغىچە يىققان ماتېرىياللىرىمىزنى، ئەڭ جىق بولغاندا سىغىمى 500GB كېلىدىغان دېسكىلاردا ساقلاۋاتىمىز.   توپلىغان ماتېرىياللىرىمىز جىقايغانچە، تېخىمۇ چوڭ سىغىملىق دېسكىلارغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىمىز.  
دالا تەكشۈرۈشكە چىققاندا توپلىغان ماتېرىياللىرىمىز  خاتىرىلىگەن شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە كوپىيوتېرغا كۆچۈرۈۋاتىمىز ۋە زاپاس ساقلاۋاتىمىز.   يىغىلغان ماتېرىياللارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى مۇشۇنداق ئېلىۋاتىمىز.   

كۆپ مەقسەتلىك تىل ماتېرىيال توپلاش
     ھېچقانداق ساھە ئۈچۈن چەكسىز تەكشۈرۈش مەنبەلىرى بولمايدۇ،بۇ  ئىجتىمائىي بىلىملەر، بولۇپمۇ تۈركولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.   بۇنداق بولغاچقا، دالا تەكشۈرۈشلەر پەقەت  تەكشۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان دىيالېكت ئۈچۈنلا بولمايدۇ، ھەم ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك.   دالا تەكشۈرۈش يولى بىلەن فولكلور، خەلق ئەدەبىياتى، ماددىي مەدەنىيەت، سوتسولوگىيە، خەلق تىبابىتى، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ- ئادەتلەر، ئاغزاكى تارىخقا ئوخشاش نۇرغۇن ساھەدە ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىياللىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.   تەتقىقات مەنبەلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ،دالا تەكشۈرۈش بىلەن قولغاكەلگەن ماتېرىياللارنى باشقا ئىلىم ساھەسىلىرىدە ئىشلەتلىكى بولىدىغان قىلىپ خاتىرىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەييارلاش بەك مۇھىم ئىشتۇر.   ئەنقەرە دىيالېكت تىل ماتېرىياللىرى ئامبىرى ( ANADOK ) تەتقىقات تۈرى دائىرىسىدە، تىل تەتقىقاتىدا مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئاۋۋال ئاڭلىق قىلىنغان پاراڭلار توپلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە يوقىرىدا پارىڭى چىققان تېمىلار ھەققىدىدىمۇ ماتېرىياللار توپلىنىۋاتىدۇ.   بۇ مەقسەت بىلەن ئۆسۈملۈك،  ئۆي سايمانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېرمونولوگىيە ئاتالغۇلىرى، يەنە ئەپسانە، چۆچەك، خەلق ھېكايىلىرى، خەلق ئېتىقادىلىرى، ئاغزاكى تارىخ، خەلق تېبابىتى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ ماتېرىيال توپلانماقتا.   مەسىلەن ئالايلۇق، ئەنقەرەدىكى چۇبۇق تۇپرىقنىڭ قىزىللىقى ئەنقەرە ئۇرۇشىدا قاننىڭ بەك كۆپ ئېقىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئېيتلىدىغان ئاياشتىكى ئامىنەم قوشىقى، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۆي سايمانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەكلا جەلپ قىلارلىق ماتېرىياللار خاتىرىلەندى.   بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ، لېكىن ماقالىنىڭ مەقسىتى بۇ ئەمەس.   


تاۋۇش بەرگۈچىلەر ۋە تىل ماتېرىياللىرى توپلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇللار
          دىيالېكت تەتقىقاتىدا ئەر تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا تىل ماتېرىياللىرىنى توپلاشتا قىيىنچىلىققا جىقراق دۇچ كېلىدىغىنى تىلغا ئېلىنغانىدى.   ( جافەر ئوغلىنىڭ 1941- يىلىدىكى ماقالىسى، گەمالمازنىڭ 1978- يىلىدىكى ماقالىسىگە قاراڭ).   ئېنىقكى، بۇ تەكشۈرۈلگەن جاينىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.  جىنس نۇقتىسدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بېكىك دائىرىلەردە بىر ناتونۇش ئادەمنىڭ تىل ماتېرىياللىرىنى توپلىشى ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىش ۋە قىيىنلىقى ئۆزىدىنلا بىلىنىپ تۇرىدۇ.   يەنە بېكىك بولمىغان يەرلەدە ئوخشىمىغان جىنىسلارنىڭ بەزى تېمىلار ھەققىدە پاراڭلىشىشىنىڭ قىيىنلىقىمۇ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرىدۇ.   بۇنداق بولغاچقا ئەنقەرەدە تەتقىقات ئېلىپ باردىغان گۇرۇپپىدا ئايال تەتقىقاتچىلارنىڭ بولۇشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنگەنىدى.   شۇنداقتقمۇ ھازىرغىچىلىك قىلغان تەكشۈرۈشلىرىمىزدە جىنىس پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي مەسىلىلەرگە يولۇقمىدۇق.   زىيارەتكە بارغان يېزىلاردا تا ھازىرغىچە شۇنداق قىزغىن قارشى ئېلىندۇق.   ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان بەزى يېزىلاردا مەقسىتىمىزنى ياخشى چۈشەنگەن بەزى ياشانغانلار بىزنى ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئەتتى.   ئوخشىمىغان جىستىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا جىددىي پېشكەلچىلىككىمۇ ئۇچرىمىدۇق.   بۇ يەردە دالا تەكشۈرۈش جەريانىدا تونۇش كىشىلەرنىڭ جىق ياردىمىگە ئېرىشتۇق ۋە ئايال تىل تەكشۈرگىچىلەرنىڭمۇ جىق پايدىسى بولدى.   يېزىلاردا تونۇشلىرىمىزنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، بۇ سۈپەتلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن،ھېچ بولمىغاندىمۇ بۇنچە قولايلىق بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى.   


رەببىم دۈشمىنىمى قۇدىرەتلىك قى

11

تېما

1

دوست

4256

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6474
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 702
تۆھپە : 811
توردىكى ۋاقتى: 141
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 17:39:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماترىيال ئىكەن، تەرجىمانغا رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

141

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27719
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 22:09:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى  قەيەردە؟

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 11:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى يازما ئىكەن.

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-4-13 03:52:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنىڭ كەلگۇسىگە يېققىندىن كۆڭۇل بۆلىۋاتقان بىر تورداش بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن بۇ ماقالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم .

ماقالىنىڭ بېشىدا تىل تەكشۇرگۇچى ئۆزى ئاشۇ مىللەتتىن بولسا ئۇھالدا ئۆزىنى ئۆزى تەكشۇرەپمۇ نۇرغۇن ئاساسلارغا ئېرىشەلەيدۇ دىگەن قاراشقا قىزىقىپ قالدىم ،
بۇگەپتىن كۆرە ئەگەر قىزىقسىلا ھەربىر ئۇيغۇر تىل تەكشۇرگۇچى بولالايدۇ ، تىلىمىز كىرزىسقا پاتقان بۇ كۇنلەردە ئانا تىلىمىزنى تىل تەكشۇرگۇچىلەرگىلا ، تىل تەتقىقات جەميەتلىرىمىزگىلا تاشلاپ قۇلاقنى يوپۇرۇپ يۇرۇش ئىنتايىن  چوڭ بىپەرۋالىق ،

ئەكسىچە ھەر بىر ئۇيغۇر جۇملىدىن تورغا چىقىۋاتقان تورداشلار ئانا تىل دائىرسىدە تىل تەكشۇرگۇچى تىل توپلىغۇچى بولسا ، ئۇنداقتا مەخسۇس موشۇ تەتقىقاتنى كەسىپ قىلىپ تۇتقانلارغا تېخىمۇ زور قولايلىق ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارايمەن ،


توردىن تىل شىۋە ئىزلەش تەكشۇرۇش بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنماپتۇ ، مېنىڭچە تورمۇ بىر كەڭ سەينا ئەلۋەتتە .


تىلنىڭ كۈچى ، تەسىرلەندۇرۇش ، توڭلاپ قالغان قېتىپ قالغان يوقۇرى ئىنىرگىيىلىك گىنلىرىمىزنى قوزغۇتۇش رولى  قېلىپىشىپ قالغان سۆزلەردە ئەمەس بەلكى مانا موشۇنداق يەرلىك شىۋىلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى مۇمكىن ،

بىر خىل غالجىر تىل بىلەن خەلقىمىزدىكى قاننىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى قوزغۇتۇپ ئىرادە ۋە جوش پەيدا قىلىش  مەن ئويلىنىۋاتقان ئىزلىنىۋاتقان بىر نۇقتا ،

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-4-13 03:54:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خىل غالجىر تىل بىلەن خەلقىمىزدىكى قاننىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى قوزغۇتۇپ ئىرادە ۋە جوش پەيدا قىلىش  مەن ئويلىنىۋاتقان ئىزلىنىۋاتقان بىر نۇقتا ،

بۇنىڭدا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزەمگە تەدبىقلاپ باقىمەن ئەلۋەتتە ،

9

تېما

0

دوست

2305

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3368
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 254
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 01:21:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
birnixan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-11 22:09
باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى  قەيەردە؟

باشكەنت  ئۇنىۋېرسېتىتى تۈركىيەنىڭ باشكەنتى (پايتەختى)  ئەنقەرەدە بولۇپ، 1994-يىلى 13-يانۋارسا پىروفېسور دوكتور مەھمەت خابەرالى تەرىپىدىن  قۇرۇلغان ۋەخپە ئۇنىۋېرسېتىلاردىن بىرى. بۇ مەكتەپ تۈركىيەدىكى ئىلمىي  كىتابلىرىنى چىقىرىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

9

تېما

0

دوست

2305

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3368
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 254
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 01:24:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-4-13 03:52
ئانا تىلىمىزنىڭ كەلگۇسىگە يېققىندىن كۆڭۇل بۆلىۋاتقان  ...

ئۆزى قىزىققان ۋە بايقىغان نۇقتىلاردا تەتقىقات قىلىپ باقسا ھەقىقەتەن مەنىلىك بولىدۇ.
تۈركىيەدە ئارغۇ سۆزلۈكى دەپ بىر لۇغەت بار. ىسزنىڭ دەۋاتقان غالجىر تىلمۇ بىر نۇقتىدىن مۇشۇنداق ئەدەبىي تىلدىكى مەنىسىدىن باشقا مەنىدە كونتېكىستا قوللىنىلىدىغان بىر تىل ئېلېمىنتلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقسىڭىز ئەرزىگۈدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )