پىلانىتلار ھەققىدەچۈشەنچە (ئىنتىلگۈچى)
ئاددىي قىلىپ ئېيتقانداپىلانىت(Planet) ئۆزدىن نۇر چىقىرالمايدىغان بەلگىلىك ماسسىسى بولغان، يۇلتۇزغائوخشاش ئاتوم رىئاكسىيە يۇز بەرمايدىغان، مەلۇم يۇلتۇزنى(بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان يۇلتۇزلار قۇياشقا ئوخشاش نۇرمال يۇلتۇزلار،يەنى تۇرغۇن يۇلتۇزلار.) ئوربىتا قىلىپ ئايلىنىدىغان بىرخىل ئاسمان جىسمى. 2006-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى خەلقارالىق ئاستىرونوم بىرلەشمە جەمئىيىتى پىلانىتنى ئېنىقلايدىغان ئۇچ مۇھىم شەرتنى ئوتتۇرغاقۇيۇپ بىكىتتى، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1،چۇقۇم يۇلتۇزنى ئوربىتا قلىپ ئايلانغان بولۇشى كېرەك. 2،يىتەرلىك ماسسىسى بولۇشى ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتكى شارسىمان تۇزلىشى بولۇشى كېرەك 3،ئۆزنىڭ ئوربىتائەتىراپى پاكىز ۋە ئۆز ئوربىتا رايۇنىدا ئۆزدىن چوڭ بولغان باشقا ئاسمان جىسمى بولماسلىقى كېرەك. پىلانىتلارنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە بىرقانچە خىل قاراشلار بار. ھارىر بىرقەدەر ئۇمۇملاشقان قاراشمۇنداق: يۇلتۇز تۇمىنى ياكى مولكۇللا تۇمىنى تارتىش كۈچى(gravity) سەۋەبلىك يىغلىدۇ ۋە تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتۇپ پىلانىتنى شەكىللەندۈردۇ، ئۇلارئايرىم-ئايرىم ھالدا:1،پىلانىت ئۇرۇقچىسى شەكىللىنىش جەريانى(planetisimalformation)، بۇنىڭدا تۇمان(nebula) سوۋۇپ قاتتىق ئۇيشۇش ھالىتىدىكى گازسىمان جىسمىلار
(condensationof gaseous material) قاتتىق توپ ئۇرۇقچىغا ئايلىنىدۇ(1-رەسىمگە ئوخشاش)، بۇجەريانغا 100يىلدىن 10000يىلغىچە ۋاقت كىتىدۇ. 2،ئۇرۇقچىلار ئۆز-ئارا سوقلۇپ بىرلشىپ بىرقەدەر چوڭ بولغان بۇۋاق ھالەتتىكى پىلانىتنى(protoplanet) ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئەتتىراپىدا گاز تەخسىسى(gas disk) بۇلىدۇ(2- رەسىمگە ئوخشاش)، بۇ جەريانغا يۈزمىڭ يىلدىن بىرمىليونغىچە ۋاقت كىتىدۇ. 3، گاز تەخسىسى بىلەن بۇۋاق ھالەتتىكى پىلانت ئۆز-ئارا تەسىرلىشىپ بىرقاتار فىزىكىلىق ھادسلەرنى باشتىن كەچۈردۇ، بۇ جەرياندا بۇۋاق ھالەتتىكى پىلانىت تەخسىدىن گاز سۈمۈرۈپ ماسسىسى ئېشىشى مۈمكىن، بۇ جەريانغا ئون مىليونچە ۋاقت كىتىدۇ 4، گاز تەخسىسى بارا-بارا يوقاپ پىلانىت بارلىققا كىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر قۇياش سېستىمىسى سىرتتىدا 750دىن ئارتۇق پىلانىت بايقالغان، كىپلىر (Kepler) ئالەملىك تىلىسكوپى مەخسۇس پىلانىت ئىزدەيدىغان تىلىسكوپ بۇلۇپ، بۇساھەدە تۆھپىسى ئەڭ ياخشى. قۇياشسېستىمىسىدا 8 پىلانىت بار، ئۇلار قۇياش تەرەپتىن سىرتىغا تۆۋەندىكىچە:مىركورى(Mercury)، ۋىنرا(Venus)، يەرشارى(Earth)، مارىس(Mars)، يۇپىتىر(Jupiter)،ساتۇرىن(Saturn)، ئۇران(Uranus)، نىپتۇن(Niptune)
، 3-رەسىمگە قاراڭ.پىلاتو(Pluto) قۇياشنى ئوربىتا قىلىپ ئايلىنىدىغان پىلانىت شەرتنى تۇلۇق قانائەتلەندۇرمىگەچكە قۇياشسېستىمىسىدىكى پىلانىت ئەمەس دەپ بىكتىلگەن. كەسپى ئاتالغۇلارنى ئۆزەمنىڭ كەسپى بىلىمگە ئاساسەن ئالدىم. نەنجىڭ. پايدىلانغانماتېرىياللار: Kant (1755)، Laplace(1799)، Barshey and Lewis (1976)، Greenzwig and Lissuaer (1990).
|