قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 745|ئىنكاس: 5

مەن دەپ ئويلا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

3

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 12:10:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن دەپ ئويلا  
(   ھېكايە )
مۇھەممەتتۇرسۇن.ئابلېكىم



         بۈگۈن ياغقان يامغۇردىن  ھەممىسى خۇشالدەك كۆرۈنەتتى ، لېكىن يەنە كۈنلۈك كۆتۈرۋېلىشقان ئىدى.  پەقەت مەنلا كۈنلۈك ئالمىدىم ،چۈنكى مەن ھەرقانداق بىر تۇيغۇدىن  ھۇزۇرلىنىشنى بىلەتتىم. ئەتراپىمدا كۈنلۈك كۆتۈرۈپ ئالدىراش مېڭىۋاتقانلار كۆزۈمگە شۇنچىلىك بىچارە ھەم كۈلكىلىك كۆرىنەتتى .ئۇلار يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتىيۇ، يامغۇرنىڭ ئۆزلىرىنى سۆيۈۋېلىشىدىن قورقاتتى. ئۇلار ھەتتا قۇياش نۇرىدىنمۇ قورقۇپ كۈنلۈك كۆتۈرۋالاتتى. يامغۇرمۇ،  قۇياش نۇرىمۇ بولمىغان چاغلاردا  يېنىك نەپەس ئېلىشقاندەك قىلغان بىلەن  ، ناھايىتى تىزلا  ئادەم يەيدىغان بۇرۇقتۇمۇلۇق ئىچىگە چۆكۈپ كېتەتى .   بۇنداق چاغدا ئۇلارنىڭ خىياللىرى ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلاردەك تۇترۇقسىز ھەم بىچارە ئىدى.
       مەن يامغۇردىنمۇ ، قۇياش نۇرىدىنمۇ قورقمايتتىم . ھەر دائىم  دىلرەبانىڭ  ياشلىرىغا ئوخشايدىغان  يامغۇر تامچىللىرىنىڭ  يۈز كۆزلۈرۈمنى قانغۇچە  سۆيۈۋېلىشىغا يول قوياتتىم، ھەم ئۆزۈممۇ  ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان  ۋاقىتلىق ۋىسال شەربىتىنى قانغۇچە سۈمۈرەتتىم. بىر ئازدىن  كېيىنلا يامغۇر توختاپ قۇياشنىڭ ئادەمنى قۇرۇتۇپ قاقشال قىلىدىغان نۇرلىرى  بېشىمغا چۈشەتتى  ، ئاندىن باياملا ۋىسال شەربىتى بىلەن  ئازراق جان كىرگەن قەلبىمدىكى   ۋىسال يامغۇرنى تېز سۈرەت بىلەن پارغا ئايلاندۇرۇپ مېنى  چاڭقىتىپ قىينايتتى. لېكىن مەن يەنىلا كۈنلۈك سايىسىغا كىرىۋالماي قۇياشنىڭ قەلبىمنى چاڭقىتىشىدىن ھاسىل بولغان ھىجراننىڭ لەزىتىنى پۇخخادىن چىققۇچە  سۈرەتتىم.  
       ئۇلار سىم سىم يامغۇردا كۈنلۈكلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە ،  باشلىرىنى چاپان ئىچىگە تىقىشىپ قولاشمىغان قەدەملىرى بىلەن ئالدىراش مېڭىشاتتى . شۇ چاغدا بىنانىڭ ئۈستىدىكى ئاۋاز ياڭراتقۇدىن دېكتور قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.   بەلكىم ئۇ ھېسىيات بىلەن يامغۇر تۇغرۇلۇق ئاللىقانداقتۇر بىر مىسرالارنى ئوقۇۋاتقان  بولىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئاۋازىدىن ئايپاتەملەرگە خاس بىر خىل ياسالمىلىق ۋە بىچارىلىك چىقىپ تۇراتتى  . بىر ئازدىن كېيىن  ئاۋاز ياڭراتقۇدىن ناخشا ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى   

مەن دەپ ئويلا،  شاماللار يوقلاپ ئۆتسە

مەن دەپ ئويلا،  يامغۇرلار يۈزلەرىڭنى سۆيسە

   

       ئۇلار كىملىرىنىدۇر خىيال قىلغىنىچە ناخشىغا پەس ئاۋازدا ئەگىشەتتى.  لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا كۈنلۈك تۇراتتى، ئۇلارنىڭ يۈز كۆزلىرىنى سۈيۈش ئۈچۈن ئاسماندىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېتىلىپ چۈشكەن  يامغۇر تامچىللىرى رەزىل كۈنلۈككە زەرىب بىلەن ئۇرۇلاتتى ،ئاندىن كۈنلۈك ئۈستىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ باشقىلارنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدىكى  مەينەت لايلارغا قوشۇلۇپ كېتەتتى .
    بەلكىم   بۇلارنىڭ  خىيال قىلىۋاتقان كىشىللىرىمۇ كۈنلۈك ئاستىدا تۇرۇپ مۇشۇ ناخشىنى پەس ئاۋازدا ئېيتىۋاتقان  ھەم ئالدىمدا كېتىۋاتقان مۇشۇ   ئاي  پاتەملەرنى سېغىنىۋاتقان بولۇشى  مۇمكىن ئىدى.  لېكىن قايسىلا بولمىسۇن كۈنلۈكنى تاشلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى ، چۈنكى  يامغۇرنىڭ سۆيۈشلىرى توختسىلا ، ھىجراننىڭ قاقشال قىلغۇچى ئاپتىپى  ئاستىدا  قالىدىغانلىقى  ئۇلارغا ئايان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار مۇشۇنداق يا سۆيەلمەي يە سۆيۈلۈشكە ئېرىشەلمەي  بىچارە ھالەتتە ئۆتۈپ كېتىشكە رازى ئىدىكى ، ھىجراننىڭ قىززىق تەپتىدە قاقلىنىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى .        
   پەقەت مەنلا دىلرەبانىڭ كۆز ياشلىرىغا ئوخشايدىغان يامغۇر تامچىللىرىنىڭ مەڭزىمنى ، كۆزلىرىمنى سۈيۈشكە يول قۇياتتىم .  چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، ھەم مەندە ئاشۇ سۆيۈشلەرگە بەدەل تۆلۈيەلەيدىغان جۈرئەت بار ئىدى.   
     شۇ چاغدا دىلرەبا  نەچچە قەدەم  ئالدىمدا ناخشىغا  پەس ئاۋازدا ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى :  
                     

مەن دەپ ئويلا ،شاماللار يوقلاپ ئۆتسە

مەن دەپ ئويلا ، يامغۇرلار  يۈزلەرىڭنى سۆيسە .  



       قىززىق يېرى شۇكى ، ئۇمۇ كۈنلۈك كۆتۈرۋالغان ئىدى .   مەن قولىدىكى كۈنلۈكنى يىراقلارغا چۆرۈۋېتىپ ، ئۇنىڭ ياشلىرىغا ئوخشايدىغان يامغۇر تامچىللىرىغا  يۈزلەندىم.  ئۇ بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن ناخشىنى پەس ئاۋازدا ئېيتقاچ ،  مېنىڭ يۈرۈكۈمگە ئوخشايدىغان يامغۇر تامچىللىرىغا يۈرەكلىك ھالدا چىرايلىق يۈزلىرىنى،  چوڭ ھەم بۇلاقتەك كۆزلىرىنى  تەڭلىدى.  ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايلىق كۆزلىرىدىن   ئۈنچىدەك بەخىت ياشلىرى يامغۇر تامچىللىرى بىلەن قۇشۇلۇپ  مەڭزىنى سۈيۈپ ئۆتتى. لېكىن بۇ ياشلار يەرگە چۈشۈپ كەتمەستىن  ئاسماننىڭ قەھرىگە يول ئالدى ، ئاندىن يامغۇر بولۇپ قايتىپ چۈشۈپ  يۈزلىرىمدىن كۆزلىرىمدىن سىرغىپ ئۈتۈپ قەلبىمگە  سىڭىپ كەتتى.
       شۇ ئارىدا يامغۇر تۇيۇقسىز توختاپ قالدى . ئۇ ئۆكسۈپ تۇرۇپ:-   سەن ھامان  مۇشۇ يامغۇر تامچىللىرىغا ئوخشاش بۇ شەھەردە مېنى  يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ كېتىپ قالىسەن .  شۇڭا مەن ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك تەۋە بولمىغان سۆيۈشلەردىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىشقا ، بۇ بىردەملىك بەخىتىتىن يىراق تۇرۇپ، ساڭا كۆنۈپ قېلىشتىن پەيدا بولىدىغان ھىجراندىن پاناھلىنىشقا مەجبۇرمەن، دېدى .
       - ياق،- دېدىم مەن، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ،-   مەڭزىڭنى سۆيۈپ ئۆتكەن ھەربىر يامغۇر تامچىللىرىنى مەن دەپ ئويلا؛   چاچلىرىڭنى   شوخلۇق بىلەن ئوينىغان ، ئىشتىياق بىلەن پۇرىۋالغان مەيىن شامالنى مەن دەپ ئويلا؛  يۈزلۈرۈڭنى كۆيدۈرىدىغان، سېنى چاڭقىتىدىغان قۇياش نۇرىنى ھەم مەن دەپ ئويلا  .  مەن سېنى ھەرگىزمۇ بۇ شەھەردە  تاشلاپ كەتمەيمەن ، كۆپ ئۆتمەي  مەن  كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ بۇ  نەس باسقۇر شەھەردىن سېنى گۈزەل جەنۇپقا ئېلىپ كېتىمەن.  ئۇ يەردە سەن ياخشى كۆرىدىغان لالىلەر بىلەن تولغان باغلار ، ساڭا ئۇسسۇل ئوينىشىپ بېرىدىغان كېپىنەكلەر بار ، ئەڭ مۇھىمى مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئۆمۈرلۈك بەخىت بار .  ئاشۇ كۈنلەر ئۈچۈن مەنلا ئەمەس سەنمۇ قۇشۇلۇپ بەدەل تۆلۈشۈڭ، ھىجرانلارنىڭ قىيناشلىرىغا بەرداشلىق بېرىشىڭ ، مەن بىلەن تەقدىرنىڭ تەۋەككۈل ئېتىغا قورقماي قامچا سېلىشىڭ كېرەك.

دىلرەبا ئەمدى قولىغا كۈنلۈك ئالمايدۇ .
ئەمدى ئۇ ئەڭ بەخىتلىك
ئىنسانغا ئايلىنىدۇ .  

9

تېما

3

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 12:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مېنىڭ ئۆز ئەسىرىم،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

http://www.xjsahra.com

13

تېما

10

دوست

7481

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4249
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 2285
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 23:12:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، ھوزۇرلاندىم ھەم خىياللارغا چۆمدۈم.داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ ، بىزمۇ بەھىرلىنىپ تۇرايلى.
مەن تېىى‹‹ مەن دەپ ئويلا›› دېگەن قازاقچە ناخشىنى يوللىغانمىكىن دەپتىكەنمەن.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

5

دوست

1403

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26987
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 12:55:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagalip يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 12:11
بۇ مېنىڭ ئۆز ئەسىرىم،

بەكمۇ ياقتۇردۇم گۈزەل بىر ئەسمىلەر قوينىغا چۆكتۇم ئاندىن قايسىبىر شائىر يازغان -سېغىنمىساممۇ سېغىندۇرغان يامغۇر تامچىسى -دىگەن قۇرلارنى  يەنە بىر ئېسىمگە ئالدىم

11

تېما

3

دوست

2283

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 23:26:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېس -تۇيغۇلارغا تويۇنغان لېرىك تىللاردىن ھوزۇر ئالدىم....

ياخشى يېزىپسىز.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )