خوش ئۇنداقتا، بالىلىرىمىزنى مەكتەپتىن بىزار قىلىۋەتكەن سەۋەبلەر نېمە؟
بۇنىڭغا چوقۇم زور كۆپچىلىكىمىز، تاپشۇرۇقنىڭ كۆپ بولۇشى دەپ جاۋاب بېرىمىزغۇ دەيمەن.
شۇنداق، بالىلارغا تاپشۇرۇق ئىشلىتىدىغان بۇ قېيىن دەقىقىلەر ئوقۇش باشلىنىش بىلەن تەڭ يەنە باشلاندى.
بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى قانداق ئىشلىتىمىز، قانداق قىلغاندا بىز ئۈندىمىسەكمۇ ئۆزلىكىدىن ئىشلەيدىغان بولىدۇ، قانداق قىلغاندا بالىلار سۆيۈنۈش ھەم خۇشاللىق بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەپ تۈگىتىدۇ.
بەلكىم بەزىلىرىمىز :« ھازىر دېگەن بالىلارنىڭ ئوينايدىغان، بېسىمسىز ياشايدىغان مەزگىلى ، شۇڭا مەكتەپلەر تاپشۇۇرق بەرمەسلىكى كېرەك» دېيىشىمىز مۇمكىن، توغرا ھازىر بالىلارنىڭ بېسىمسىز ياشايدىغان مەزگىلى، ئەمما بىز مەكتەپلەردىن بېرىلىدىغان تاپشۇرۇقنى ئازايتىشقا قادىر بولالمىغانكەنمىز، ئۇنداقتا بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز تاپشۇرۇق ئىشلەشنى كۆڭۈللۈك بىر ئارام ئېلىش ھەم ئويۇن مۇھىتىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
چۈنكى ھەركۈنى بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئەستايىدىل ئىشلەش ئادىتى داۋاملاشقانسىرى بالىدا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ.
ئاتا ئانىلار بالىلىرىمىزغا ئىچىمىز ئاغرىپ، تاپشۇرۇقنى ئىشلەتمىسەك ياكى ئورنىغا قەلەمنى سول قولىمىزغا ئېلىپ مايماق سۇيماق ھالدا ئۆزىمىزلا ۋاكالىتەن ئىشلەپ تۈگەتسەك، بالىدا تايىنىۋىلىش ۋە پىسەنت قىلماسلىق ئىدىيىسى كۈچيىپ كېتىدۇ.
بەزىدە بالامنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە 3 سائەتتەك ۋاقىت كېتىدۇ، ئەسلىدە بۇلار 3 سائەتتە ئىشلىگۈدەك ئۇنچە ئېغىر تاپشۇرۇقلار ئەمەس، مەسىلەن : رەقەملەرنى بىر ۋاراق ياز، بىر ئىككى جۈملە تۈز، پالانى نەرسىنى سىز دېگەندەك ئەسلىدە ئۇلارغا بىر خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان ۋە بۇنى ئىشلەش جەريانىدا بىز ئاتا ئانىلاردىن ئۇنى بۇنى سوراپ كۆپ نەرسىلەرنى سورىۋالىدىغان ياخشى بىر ئىش بولىشى كېرەك ئىدى.
ئەمما قىزىمنىڭ بىر قانچە قۇر خەتنى يېزىپلا ھېلى قورسىقى ئېچىپ كېتىدۇ ھېلى سۇ ئىچكىسى كېلىپ كېتىدۇ ۋە ياكى ھاجەت قىلغۇسى كەپ كېتىدۇ، ۋە ياكى قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ئۆيدىكى باشقا ئىشلارغا ئارىلاشقۇسى كېلىپ كېتىدۇ.ئىشقىلىپ ئەنە شۇنداق بىر قاتار ئىش ھەركەتلەردىن كېيىن بۇ كىچىككىنە تاپشۇرۇقلارنى تۈگىتىش سائەتلەرگە سوزۇلىدۇ.
بەزىدە قىزىم تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقاندا ئويلاپ قالىمەن :
-بالام مۇشۇ يېزىۋاتقانلىرىنى، سىزىۋاتقانلىرىنى چۈشىنىۋاتامدىغاندۇ، بىلىۋاتامدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ بىلىۋاتقانلىقىنى مەن قانداق بىلىدىغاندىمەن ؟
بلوگىمىز ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدە مەندەك ھېسياتقا كەپ قالغانلار بارمۇ ؟
بەزىدە كىچىككىنە بالىلىرىمىزغا چۈشەندىڭمۇ دەپ سوراپ كېتىدىكەنمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ چۈشىنىش دېگەن سۆزنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىدىغان چۈشەنمەيدىغانلىقىنى خىيالىمىزغا ئەكىلىپ باقمايدىكەنمىز.
بىز بالىلارغا بىر نەرسە ئۆگىتىشكە تىرىشىدىكەنمىز، ئۆگىتىدىكەنمىز، ئەمما ئۇلار دېگەنلىرىمىزنىڭ قانچىلىكىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلىپ چۈشەندى، قانچىلىكىنى چۈشەنمەي، كۆز ئالدىغا ئەكىلىشكىمۇ ئاجىزلىق قىلدى؟ ئەنە شۇ ئۇلار كاللىسىغا ئەكىرمىگەن نەرسىلەر بىز ئاتا ئانىلارنى بەكرەك بىسەرەمجان قىلسا كېرەك.
ئانىلارنىڭ ۋە دادىلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە چۈشەندۈرۈش، قالغىنى بالىلاردىكى مەسىلە.
كىمدۇر بىرىنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار : بالىلارنى كەلگۈسىدە مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈردىغىنى، سىلەرنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ بەرگىنىڭلار ئەمەس، ئۇلارغا ئۆزى قىلىشنى ئۆگەتكىنىڭلار!
ئۆزى قىلىشنى ئۆگىتىش؟! ھەببەللى، توغرا دەيدۇ، ھەركۈنى قىزىمغا يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىتىمەن، ھاجەتخانىغا ئۆزى كىرىش، سۇنى ئۆزى چۈشۈرۈش، چىشىنى چوتكىلاش، ئورنىنى يىغىش دېگەندەك…
يىغىپ ئېيتسام، مۇستەقىل بىر ئىش قىلىشنى ياخشى ئادەم بولۇشنى، توغرا، دۇرست بولۇشنى ئۆگىتىشكە تىرىشىۋاتىمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن.
تاپشۇرۇقنى مەن ئۈچۈن ،مۇئەللىم ئۈچۈن ئەمەس ئۆزى ئۈچۈن كەلگۈسى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىشكە ،ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمەن، ئىنشائاللاھ بۇنىمۇ بىر كۈن چۈشىنىپ قالار.