مارت ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
ئۇندىدار خاتىرىلىرىم - مارت ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى ئىزنالىرىم
*****************************************************************
قارلۇق شىركىتى ياساپ چىققان "خاتىرەم" ئەمىلى قوللىنىىدىغان مەھسۇلاتقا رەخمەت. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەر كۇنى خىيالىمغا كىلىپ قالغان پىكىرلىرىمنى يىزىپ قويىدىغان بوپ قالدىم ھەمدە ئۇدۇللۇق ئۇلارنى يىزىلغان كۈن تەرتىۋى بويىچە ئىجتىمائى ئالاقە تاراتقۇلىرىدا تارقىتىپ قويىدىغان بولدۇم. يازغانلىرىم - قىزىق بولسا كۈلۈپ، تەسىرلىك بولسا يىغلاپ، ياقمىسا تىللاپ (ئورۇنسىز تىللىساڭلار گۇناھىمنى يەيسىلەر، ئارتۇق كەتسە يانىدۇ ئۆزەڭلىگە جۇمائائائا)، مەنىلىك بولسا ئويلاپ، بەك تەملىك بولسا، "يەنە بارمىدۇ؟" دەپ ئىز قوغلاپ...... قويارسىلەر! ۋاقتىڭلار بولمىسا ئوقۇمىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەنجىمەيمەن يەنە كىلىپ!
(22-مارت)
مەن مۇنداق ئۈچ خىل كىشىلەردىن بىزار: ئۆز ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋالغانلار؛ بۇلاردىن پۇرسەتپەرەسلىك پۇراپ تۇرىدۇ. دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋالغانلار؛ بۇلاردىن نومۇسسىزلىق ۋە غۇرۇرسىزلىق ماراپ تۇرىدۇ. ئۆز ئىتىقادىنى ئۆزگەرتىۋالغانلار؛ بۇلاردىن مۇناپىقلىق ۋە روھى گادايلىقنىڭ سېسىقلىرى تاراپ تۇرىدۇ.
(23-مارت)
مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە توردا بىرسىنىڭ مۇنداق يازغىنىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە:
"ئاز بىر تۈركۈم ئادەملەر بولىدىكەن، ئۇلار ھەق ئۈچۈن كۆپنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشاپ ئۆزى ۋە ئائىلىسى بويىچە رىيازەت چىكىدىكەن. بۇ كىشىلەر تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئىش -ئىزلىرى روھى بايلىق بوپ قالىدىكەن.
يەنە بىر تۈرلۈك ئادەملەر بولىدىكەن. ئۇلار ھەرقانداق شارائىتتا نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر راھەت قوغلىشىپ ياشايدىكەن ۋە ياشىيالايدىكەن!".
بۇنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم، ئەمدى سىزمۇ ئوقۇدىڭىز، خوش قېنى....
(24-مارت سەھەر)
يا پەرۋەردىگار، ماۋۇ بوستوننىڭ قىشى ھەجەپ ئۇزۇن بولدى-يا!
بۇ سەھەر: -
قۇياش پارلاپ تۇرغىنى بىلەن، سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتىدۇ. ياكى مەن نىپىز كىيىندىم، ياشلىق ھەم بىپەرۋالىق قىلىپياكى سوغۇق راستىنلا قاتتىق، رەھىمسىزلىك قىلىپ!
(24-مارت، چۇشتىن كىيىن)
نورۇز كىلىپ بەدەشقان قۇرۇپ بولغىلى خىلى بولدى-يۇ، ئەمما باھار ئىللىق چايمۇ قۇياي دىمەيدۇ. تەبىئەت ئانا، باھار قىزنى بەكلا خەسىس چوڭ قىپتا...؟ھەجەپ تەلپۇندى باھارغا كۆڭۈل، سىلەرمۇ تەلپۈندۈڭلارمۇ؟...ياكى پەرۋايىڭلار پەلەكمۇ؟...
(25-مارت سەھەر)
ماۋۇ گەپنى سوقرات دىگەنمىدى؟
"ئايالىڭ مۇلايىم بولسا، بەختلىك بولىسەن!، ئايالىڭ بىشەم بولسا پەيلاسوپ!".
ئۆز زامانىسىنىڭ ئاشقۇنى ئىكەنغۇ ئۇ زات!
ئايال كىشى ئاز-تولا بىشەم بولمىسا ئەر كىشى ئايالىم يوق دەپ كوچىغا چىقىۋالمامدۇ؟
ئەر كىشىدە ئاز-تولا پەيلاسوپلارچە پىكىر قىلىدىغان كاللا بولمىسا ئايال كىشى "كالىغا تەگدىممۇ نىمە؟" دەپ بۇرۇختۇم بوپ قالمامدۇ؟
ماۋۇ سۈزۈم چەك باستىمۇ ياكى ئوسەيگە كەتتىمۇ؟
(25-مارت كەچ)
سەن بار يەردە مەن يوق، ئەمما خىيالىڭدىمەن!
خىيالىمدىسەن، چۈنكى "سىنىڭ خىيالىڭدىمەن" دەپ ئويلايمەن مەن!
مانا بۇ مىنىڭ نەزىرىمدىكى دوستلۇق! سەن قانداق ئويلايسەن؟ خوش ئەمدى سىزچۇ؟
(26-مارت)
ئامەتلىك چاغلىرىڭدا كەمتەر بول!
تەلەيسىز چاغلىرىڭدا ئۈمىتۋار!
بۇ سۆز مىنىڭ ئەمەس، 96 ياشقا كىرىپمۇ ساغلام تۇرغان بىر ئامىرىكىلىق بوۋاينىڭ.
"ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا!
بۇ سۆزمۇ مىنىڭ ئەمەس، بۇ سۆز خەلقنىڭ!
ياخشى-ياماننىڭ ئارىسىدا، ئاق بىلەن قارىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنى كۈلرەڭلىكتە ياشاپ قالىمىز تولا چاغلاردا!
"ھۇشيار بول ۋە قەتئى بول شۇنداق ۋاقىتلاردا!، يامانغا يانتاياق بولماا، ياخشىغا ئۇۋال قىلما!"
مانا بۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى مىنىڭ سۆزۈم!
ئەمدى ھەرقايسىلىرى بى دوسقانغا تۆكۈپ باقماملا غۇجۇلۇرۇرۇممم، خانلىرىم ئۆزلىرىڭ پەلسەپىۋى گەپلىرىنى!
(26-مارت چۇشتىن كىيىن)
ئۈندىداردا دوست بولايلى دىدىڭ، ماقۇل دىدىم. توپقا قوشتۇم. نەچچە كۈن كۇتتۇم سالاملىرىڭنى!ياكى پاشىدەك پىجىلداپ قويمىدىڭ ياكى ئۆپكە توبىركلۇزدەك يۆتۈلۈپ! بۇلبۇلدەك سايراپ بىرىشىڭنىغۇ كۈتمىگەن ئىدىم ۋە ياكى خورازدەك چىللاپ بىرىشىڭنى....سالامىڭ بولمىسىمۇ ئاۋازىڭ كۇپايە! دوستلار مەۋجۇتلۇغۇڭنى بىلسۈن. شۇنداق قىلىپ دوستلۇق دىگەن تەشەببۇسكارلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. سەن بەرمىسەڭ مەن بىرەي ئۇ سالامنى:
- ھە ھوشۇر قارىي تىج تۇردۇڭلىما، تىجلىقمائائا، تىج تۇدۇڭلا، تىجلىق؟
- ھوي ھاشىگۇل با مىسىز يا؟ يوقاپ كەتمىسىلە دەيتمەن ماشىنيلىرى ئىيىققا چۈپ كەنكەنتمىتىيا!
- ماڭەۋا جەرۇللا كۆيەنماي كەتتاڭ، نە ۋاداڭ!
(27 - مارت سەھەر)
ئىككى بىمار بار:
بىرى - 70 ياشلىق دۇنياۋى ئالىم، يەنە بىرى 7 ياشلىق ئۆسمۈر. ئەمما بىر تاللا شىپالىق ئوكۇل بار. بىرسىنى قۇتقازسىڭىز يەنە بىرسى كىتىپ قالىدۇ. ئەگەر سىز شۇ ئوكۇلنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، كىمنى قۇتقۇزاتتىڭىز؟...
نېرۋاڭلارنى غىدىقلاپ قوياي دىدىمغۇ....
(28 - مارت كەچ)
كۈلگەن چاغلىرىڭدا ئويلىما مىنى، ئىزدە لىكىن ياش تۆكۈپ قالساڭ....
|