ئاق خالاتلىق سىڭلىمغا (باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتىگە قاتناشتۇرىمەن) سەندىن سۆيۈنۈپ سىڭلىم ،پەخىرلىنىپ كۈلەتتىم،
ئاق خالاتلىق تۇرقۇڭنى، بىر كۆرسەم دەپ يۈرەتتىم.
ماڭغىنىڭدا كەينىڭدىن، ھەۋەس بىلەن قارايتتىم،
نەزىرىمدە سېنى ئاق، نىلۇپەر دەپ سانايتتىم،
سەندىن سىڭلىم كۆپ ئارزۇ، ئۈمۈتلەرنى كۈتەتتىم.
ئەسۇس، كېبېر قار سايە، تاشلاپتۇ ئاق يۈزۈڭگە،
ئالدىراپلا تەمەننا،قويىۋاپسەن ئۆزۈڭگە.
ھەممە ئىشتا سەركە بولۇپ كۆندۈرۈپسەن سۆزۆڭگە،
قانات-قۇيرۇقۇڭ چىقىپ، سىغمىدىقمۇ كۆزۈڭگە،
ئىزلىرىڭدىن گۈل ئۈنسۇن، دەپ ساڭا قۇت تىلەيتتىم.
بارغانسىرى ئەي سىڭلىم، ناتۇنۇشتەك بىلىندىڭ،
يوقلاپ كىرسەم ئالدىڭغا، كۆرۆشۈشكە ئېرىندىڭ.
ھالىڭ نىچۈك؟ دىيىشنى، ئاي-يىل ئۆتۈپ بىلمىدىڭ ،
بۇنداق خەستە مىجەزنى، قاچانلاردا ئۆگەندىڭ،
بىلەمسەن شۇ چاغلاردا، ئەلەم يۈتۈپ چىقكەتتىم.
چوڭ دەرەخ تۈپ-تۈز تۇرار،شۇڭى ھەريان ئىگىلىپ،
سەن نىتەي شۇ شۇڭچىلىك، بولالمىدىڭ غادىيىپ.
زەپمۇ خۇش چاغ قىز ئىدىڭ ،ئەمدى كەتتىڭ ئۆزگىرىپ،
ھەي نادان!! ئەجدادىڭغا، ئەمەسمۇ بۇ مۇخالىپ،
سىڭلىم بارغۇ دەپ كىرىپ، قېشىڭدېن يىغلاپ قايتتىم
سېرتلاردا خۇش چىرايىڭ بىزنى كۆرسەڭ ئۆچەمدۇ؟
دوختور دەپ سىنى ھەممە، خوش-خوش ئىتىپ كۈتەمدۇ؟!
قېرىنداشلىق مېھرىسىز، ھەممە ئىشىڭ پۈتەمدۇ؟! ،
بېشىڭغا كۈن كەلسە گەر، خىزمەت، پۇل ئەسقاتامدۇ؟!
دېمەي دېسەم ئىچىمگە ،پاتماي ئاخىر دەۋەتتىم.
ياخشى خۇلۇق كىشىنى، ھەقىقى ئۇز قىلمامدۇ،
نۇر بولمىسا گىياھلار، كۈنگە بېقىپ ئۆسمەمدۇ.
ھۆرمەت قىلساڭ ئۆزگىنى نام شۆھرىتىڭ ئاشمامدۇ،
پەرىشتە، دەپ خالايىق، سىنى باشقا ئالمامدۇ،
قەلبىڭمۇ ئۆزۈڭدەك ئاق بولسىچۇ دەپ ئۆكۆندۈم....
2011.6.24
مەنبە- ئۆز قەلىمىم
غۇلجا شەھرى دادامتۇ يېزا بۇلاق كەنت رەيھانگۈل ئىسمايىل
|