1982-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات ساھىبى ماركۇز ۋاپات بولدى
فىرانسىيەئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1982- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭساھىبى، كولومبىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى، مۇخبىر گابرىيېل گارسىيا ماركۇز 2014- يىلى4- ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەردە مېكسىكىدا 87 يېشىدا ۋاپات بولدى. گارسىيا ماركۇز1927- يىلى كولومبىيەدە تۇغۇلغان، ھاياتىدا يەنە مۇخبىرلىقمۇ قىلغان. 1982- يىلىنوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «يۈز يىل غېرىبلىق» سېھرىيرىيالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان تىپىك ئەسەر. 4- ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋەرلەردە گارسىيە ماركۇزنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن. مېكسىكائاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گارسىيا ماركۇزنىڭ 1999- يىلى راك كېسىلىگەگىرىپتار بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئامېرىكىدا خىمىيەلىك داۋالانغاندىن كېيىنبەدىنىدىكى ئۆسمە كىچىكلىگەن. بۇ يىل 3- ئايدا گارسىيا ماركۇزنىڭ ئۆپكىسى ۋەسۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىپ قېلىپ، مېكسىكىدا داۋالانغان. دوختۇر ئۇنى قايتاتەكشۈرگەندە بەدىنىدىكى راكنىڭ ئۆپكە، جىگەرلىرىگە كېڭەيگەنلىكىنى بايقىغان. 4-ئاينىڭ 8- كۈنى گارسىيا ماركۇز دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە داۋالانغان. گارسىياماركۇزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق» (غۇپۇر نۇرىدىن تەرجىمە قىلغان) ناملىق رومانى، «پولكوۋنىكقاھېچكىم خەت يازمايدۇ»، «ئالدىنئالا پۇر كەتكەن قاتىللىق دېلوسى» (زۇلپىقار باراتئۆزباش تەرجىمە قىلغان)، «ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمەقىلغان) قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە خېلى كۆپ ھېكايىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمەقىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە يەنەبىر مەشھۇر رومانى «خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت» ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلىدىكىگۈلجەننەت ئىسمايىل ھەدىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرگەتاپشۇرۇلدى، رومان مۇشۇ يىل ئىچىدە نەشردىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يەنە 2011-يىلى نەشردىن چىققان «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ناملىق كىتابىنى قۇدرەت باراتتەرجىمە قىلىپ نەشرگە تاپشۇردى. «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلىكەلمىگەن» ناملىق بۇ كىتابنىڭ تۇنجى نەشرىگەگارسىيا ماركۇزنىڭ 22 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسىئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى: يەنى ئۇنىڭ 1944-يىلى 17 يېشىدا گىپاگىرا ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرىدىغان چېغىدا ساۋاقداشلىرىبىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن تارتىپ، 2007- يىلى 80 ياشقا تولغانچېغىدا ئىسپانىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدە پادىشاھ ۋە خانىشنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەننۇتۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گارسىياماركۇز «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ كىتابىدا: «مېنىڭنەزەرىمدە نۇتۇق سۆزلەش ــ ئىنسانىيەتكە ۋەدە قىلىنغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش. مەنشۇنچە يۈكسەك شۆھرەت تۈۋرۈكىگە باغلىنىپ قېلىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟» دەپ سوئالقويغان. ئۇكىتابىدىكى ئىككىنچى ماقالىسى ـــ «مەن يېزىقچىلىققا قانداق كىرىشىمەن» دە ئۆزنۇتۇقىنى ئاڭلاۋاتقان تاماشىبىنلارغا: «مەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە سەھىنىگەچىقىشقا مەجبۇرلانغان چېغىمدىكىدەك تۇيغۇدا بولىمەن» دەپ يازغان. ئۇ1970- يىلى «يۈز يىل غېرىبلىق» ناملىق رومانى بىلەن مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلانغان.يەنە مۇشۇ ئەسىرى بىلەن 1972- يىللىق رومۇلو گاللېگوس (Rómulo Gallegos)خەلقئارارومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ: «مەن بۇرۇن ئۆزۈمگە بىرى، ھەرقانداق مۇكاپاتنى رەتقىلىمەن؛ يەنە بىرى، مەڭگۈ نۇتۇق سۆزلىمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن» دېگەنىدى. لېكىن،ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسى 10 يىلدىن كېيىن ئۆزگەرگەن. ئۇ نوبېل ئەدەبىياتىنى تاپشۇرۇۋېلىشمۇراسىمىدا چوقۇم نۇتۇق سۆزلىمىسە بولمايتتى. نەتىجىدە «لاتىن ئامېرىكىسىجەمئىيىتى» دە سۆزلىگەن نۇتۇقى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىگە ئايلانغان. نۇتۇق سۆزلەشــ كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭبۇ كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان. گارسىياماركۇز چېچىلىپ ياتقان ياكى ئاللىبۇرۇن ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ ماقالىلىرىنىئوقۇغاندا: « بۇ نۇتۇقلىرىمنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەكشۆھرەتلىك يازغۇچىغا ئايلانغانلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم» دېگەن. بلوگىمىزداگارسىيا ماركوزنىڭ «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ» (زۇلپىقار بارات ئۆزباشتەرجىمە قىلغان)، «ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمەقىلغان) ناملىق ئىككى پارچە پوۋېستى ئېلان قىلىنغان. پولكوۋنىكقاھېچكىم خەت يازمايدۇ ئېلوندىرا ۋەئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى
|