بىز نېمىشقا دوختۇرغا ئىشىنىمىز؟
دوختۇرلار بىلەن بىمارلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ھەر بىر ماجرا دوختۇرغا ئشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، يەنى بىمارلار دوختۇرلارنىڭ «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» ئىكەنلىكىگە، ئادەم قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا، سوۋغا قوبۇل قىلمايدىانلىقىغا، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرماسلىقىغا، مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشەنمەسلىكىنىڭ سەۋەبى بار، مەسىلەن: كۆپلىگەن دوختۇرلار ھەر ۋاقىت تەلەتىدىن مۇز ياغقان ھالەتتە تۇرىدۇ، ھازىرقى دوختۇرخانىلار ئاساسىي جەھەتتىن بازار ئەندىزىسى بويىچە باشقۇرىلىدۇ، لېكىن بۇ بازاردا بىمارلارنىڭ قىلچىلىك تاللاش پۇرسىتى يوق. دوختۇرلار «خۇدا»، بىمارلار «قوزا»، ئاغرىپ قالساڭلا ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشتۈڭ، دېگەن گەپ، يەنە مىسال ئالساق، ئىلگىرى نۇرغۇن دوختۇرلار سوۋغا قوبۇل قىلغان، ئەسلىدە ھېچكىم ئۇلارغا سوۋغا بېرىشنى خالىمايدۇ، لېكىن بەزىلەرنىڭ بەرگەنلىكىنى، بەزىلەرنىڭ ئالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلىدە دوختۇرغا سوۋغا بەرمىسە، كېسىلىنى ياخشى داۋالاپ قويمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، سوۋغا بەرگەندىن كېيىنلا كۆڭلى ئارامىغا چۈشىدۇ. داۋالاش ھادىسىسى سادىر قىلغان دوختۇرلارمۇ ئاز ئەمەس، كىچىككىنە ئاغرىق ياكى يارا سەۋەبىدىن دوختۇخانىغا كىرگەن كىشىلەرنىڭ نەچچە سائەت، نەچچە كۈن ئىچىدىلا جان ئۈزگەنلىكىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئارقىدىن ئالاقىدا بېكىتىش ئورۇنلىرى ئۇنى داۋالاش ھادىسىسى، دەپ بېكىتىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ دوختۇرنى قەستەن شۇنداق قىلدى، دېمەيمىز، لېكىن خاتا دىياگنوز قويۇش، خاتا داۋالاش بەزى دوختۇرخانىلاردا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. موشۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق، يەنە قانداقسىگە دوختۇرغا ئىشىنەلەيمىز؟ يۇقۇرىقى سۆزلىرىمنى دوختۇرلارغا ئېيتقان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى دەرد ۋە نادامىتىنىڭ بىزنىڭكىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم: بىرىنچى، «ۋەزىپە» دىن غەم يەيدۇ. دوختۇرخانا خادىملىرى كۆپەيگەنسېرى، ئەسلىھەلىرى قىممەتلەشكەنسېرى، ھۆكۈمەتنىڭ دوختۇرخانىغا ئاجرىتىدىغان پۇلى غارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن، دوختۇرخانىلار ئامالسىزلىقتىن «كىرىم قىلىش» ئۈچۈن دوختۇرلارغا بېسىم ئىشلەتكەن، «كىرىم» نىڭ قانچىلىك بولۇشىنى دوختۇرلارنىڭ شەخسىي كىرىمىگە باغلاپ قويغان. ئىككىنچى، «خاتا چۈشىنىش» تىن قاغۇرىدۇ. ھەممە ئادەم دوختۇرلارنى سوۋغا قوبۇل قىلىدۇ، دەيدۇ،لېكىن سوۋغا قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان دوختۇرلار ناھايىتى ئاز، لېكىن كۆپ ساندىكى دوختۇرلار ئاشۇنداق سوۋغا قوبۇل قىلىدىغان ئاز ساندىكى دوختۇرلارنىڭ پوقىغا تېيلىپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى، «ئارىلاشتۇرىۋېتىش» تىن غەزەپلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولغاچقا، كۆپلىگەن كىشى دوختۇرخانىنى پايدا ئالغىلى بولىدىغان ياخشى ئورۇن، دەپ قاراپ، ئامالنىڭ بارىچە قىسىلىپ كىرىۋالىدۇ. ھەر خىل سەۋىيەلىك، ئارىلىشىپ كەتكەن تولۇقلىما سانلارنىڭ دوختۇرلۇق تېخنىكىسى ۋە ئەخلاقى دائىم بىمارلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدۇ. تۆتىنچى، «ئىشەنچتىن قېلىش» تىن ئازابلىنىدۇ. ئىجتىمائىي سەمىمىيەت ئەسلىدە ئاممىۋىي ئەخلاق كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ. داۋالاش خىزمىتىنىڭ كەسپچانلىقى ۋە سىرلىقلىقى سەۋەبلىك، ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار كۈنسايىن سۇسلاپ بېرىۋاتقان سەمىمىيەتنىڭ قۇربانلىقى بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن دوختۇرلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزى خاتالىقلار قاتناش ھادىسىسىگە ئوخشاش تاسادىپىي يۈز بېرىدۇ. ئىشەنچ قەلبلەرنىڭ ئاچقۇچى، سەمىمىيەت يۈرەكلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك. ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك ھەر ئىككى تەرەپنى ئازابلايدۇ. جەمئىيەت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قالغانلارنىڭ ھەممسى تېگىشلىك بەدەل تۆلەيدۇ. دوختۇرخانىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئىسلاھات قىلىش كېرەك، كېسىلىنى ياخشى داۋالىتىش ئۈچۈن، بىمارلار دوختۇرلارغا ئىشىنىشى كېرەك.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى. (ئاسىيە سەمەت تەرجىمىسى) |