- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2465
- نادىر
- 0
- يازما
- 140
ئۆسۈش
15.5%
|
غىچىرلىمايدىغان بۆشۈك
(ھىكايە)
ياسىن ناۋاينىڭ كىلنى ئايپاشاخان ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كەلسىلا بالىسىنى بېقىپ بىرىۋاتقان مىھىربانگۈلغا سېسىق گەپ قىلاتتى. بۇلۇپمۇ بالىسىنى بۆلەيدىغان بۆشۈكنىڭ غىچىرلىغىننى، بالىسى ئەزمەتنىڭ يىغىسىنى، سىيىپ-چىچىپ قويۇشلىرىنى بانا قىلىپ غۇدرايىتتى. مىھىربانگۈلمۇ ئايپاشاخاننىڭ سېسىق گەپلىرىگە پىسەنىت قىلماي << ئىت قاۋايدۇ،ھايان قەلەندەرنىڭ >> دىگەندەك << بالنى يېغلىدى، بۆشۈكنى غىچىرلىدى دىسە بالا ئۆزنىڭ، بۆشۈكمۇ ئۆزنىڭ، ماڭا بەرىبىر>> دەپ ئۆزنىڭ ئىشىنى قىلىۋىرەتتى. مانا بۈگۈنمۇ ئايپاشاخان ئۆيگە كىرىپلا كونا ئادىتى بويىچە :
- ھوي مىھىربانگۈل ھەدە بالنىڭ سېيىپ قويغان گىپىنى دىسەم كۆزىڭىزنى ئالايتىسىز، بۆشۈكنى غىچىرلىدى دىسەم قۇشۇمىڭىزنى تۈرىسىز، گەپ-سۆز قىلمىسام ئادەمنى زاڭلىق قىلغاندەك سىڭايان قاراپ كۈلسىز، بەلكىم بالاڭنى بېقىپ بىرىۋاتمەن دەپ شۇنداق مۇئاملە قىلىۋاتامسىز ؟ ئاڭلاپ تۇرۇڭ! بالامنى بېقىپ بەرگەن ھەققىڭىز ئۈچۈن پۇل ئالسىز، پۇل . - ئايپاشاخان بالىسى ئەزمەتنى ئېمىتكەچ ئۆينىڭ تۇرۇسلىرىغا قاراشقا باشلىدى.
ئايپاشاخان ياسىن ناۋاينىڭ چوڭ ئوغلى ئارمانجاننىڭ ئايالى ئىدى. مىھىربانگۈل ئايپاشاخاننىڭ بالىسىنى بېقىپ بىرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان بالا باققۇچى ئىدى.
ياسىن ناۋاي ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ناۋايلىق كەسپىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوردا ئالدى بازىردا خېلى نام چىقارغان، ھەتتا ئوغلى ئارمانجاننىمۇ ناۋايلىق كەسپىدە ياخشى تەربىيلەپ ئارمان نانلىرى دىسە قەشقەر شەھىرى ئىچىدىلا ئەمەس، شەھەر سىرتى ۋە ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەرمۇ ئالايىتەندە سۈرۈشتە قىلىپ كىلىپ نانلارنىڭ ھەرخىل تۈرلىردىن ئېلشاتتى. ھەتتا چەتئەللەرگىمۇ ئېلىپ چىقىپ كىتشەتتى. ياسىن ناۋاينىڭ كىلىنى ئايپاشاخانمۇ كەتمەن بازىرنىڭ دوقمىشىدىن ئارمان نانلىرنى ئالغىلى كىلىپ ئارمانجان بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان. ئايپاشاخان ھازىر ناۋايخانغىمۇ يېقىن، كەتمەن بازىرغىمۇ يېقىن ئارلىقتىكى ساقىيە داۋالاش پونكىتىدا سىستىرالىق قىلىدۇ. ئايپاشاخاننىڭ كەسپى سىستىرا بولغاچقا بەزىدە كىچىدە بەزىدە كۈندۈزى ئىشلەيدۇ.
ياسىن ناۋاينىڭ ئوردا ئالدى بازىردىكى بۇ ئۆيى دادىسىدىن قالغان ئۆي، ئورنى تۆت كوچىنىڭ دوقمىشىدا بولۇپ ناۋايلىق كەسپىگە بەك ماس كىلەتتى. شۇنداق بولغاچقا ياسىن ناۋاي بۇ ئۆيدىن ھەم ناۋايخانا، نان ساتىدىغان دۇككان، ئۇن-ياغ،ئۇتان-ياغاچ، ئۆينىڭ مال مۈلۈكلىرنى ساقلايدىغان ئامبار ھەم ئۆي ئورنىدا پايدىلنىپ كەلگەن ئالاھىدە ئۆي ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ياسىن ناۋاينىڭ بۇ ئۆيگە بولغان مىھرى-مۇھاببىتى بەك چۇڭقۇر ئىدى. كىلنى ئايپاشاخان بالىسنى ئىمىتكەچ ئۆينىڭ تام تۇرۇسلىرغا قاراشلىردىن، ھازىرقى زاماندىكى بىنا ئۆيگە چىققۇسى بارلىقىنى چۈشەنگىلى بۇلاتتى.
- دادىكا! باشقا گەپنى قويۇپ تۇرايلى، ھېچ بولمىغاندا ئەزىمەتنى بۆلەيدىغان بۆشۈكنى يېڭلاپ بەرسىلە، تەۋرەتسە غىچىر-غىچ،غىچىر-غىچ قىلىۋەرسە ئۇخلىيالمايدىكەنمەن. ؛-دىدى تەنە قىلغاندەك تەلەپپۇزدا. ئۆتكەن قېتىمدىمۇ يولدېشى ئارمانجانغا شۇ بۆشۈك توغرىىسىدا ئازراق سۆزلەپ قالغان ئىدى.
ياسىن ناۋاي نەۋرىسى ئەزىمەتنى قولىغا ئېلىپ ئوينىتىپ تۇرۇپ:
- بولىدۇ بالام، بولىدۇ. يېڭى بۆشۈكتىن بىرنى ئېلىپ بىرەي:دىدى-دە ئەزىمەتنى مىھىربانگۈلغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
ياسىن ناۋاي خام بازىرنىڭ دوقمۇشىدىكى تاللا بازىردىن ئون مىتىر سۇلياۋ تانا سېتۋېلىپ كىرىپ ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا بۆلەنچۈكتىن بىرنى قۇراشتۇرۇپ، غىچىرلايدىغان بۆشۈكنىڭ مەسلىسنى ئاسانلا ھەل قىلغان ئىدى.
ئايپاشاخان ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كەلسە ئەزىمەت ئاجايىپ يېڭى بۆشۈككە بۆلەپ قويۇلغان، مىھىربانگۈلمۇ يېڭى بۆشۈكنى لېڭىشىتىپ ئولتۇرغان. ئايپاشاخان ئەزىمەتنى يېڭى بۆشۈكتىن يەشمەي ئازراق تاماق يىگۈزۈپ، بازاردىن سېتۋالغان ئالا ئېنەكنىڭ سورتلىق سۈتىدىن ئېمىتىپ، ئاندىن بالا باققۇچىغا تاپشۇرۇپ بىرىپ ئۆزنىڭ كارۋىتىدا ئۇخلاپ قالدى.
ئاجايىپ، مانا بۈگۈن بالمۇ يىغلىمىدى، بۆشۈكمۇ غىچىرلىمىدى، ئايپاشاخانمۇ ئوبدان ئارام ئېلىپ ئۇخلىدى.
ئەتىگەندە ئايپاشاخان ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئەزىمەتنى ئىمىتىۋىتىپ ماڭاي دەپ يېڭى بۆشۈكتىن يەشتى بولغاي، كىم بىلىدۇ مۇنداق بولۇشنى،ئايپاشاخاننىڭ سىستىرالىق كىيىملىرى پوق بىلەن بويلاپلا كەتتى. ئەزىمەتنى يۆگىگەن ئەديال،كۆرپىلەرمۇ پوققا مىلنىپ كەتكەن ، ھەتتا ئەزىمەتنىڭ بەدىنىمۇ پوق بۇراپ كەتكەن ئىدى .
ياسىن ناۋاي بىر قولدا بۇرنىنى توسۇپ تۇرۇپ، خۇددى كىلنى ئايپاشاخان قارغاندەك تورۇسقا قاراپ تۇرۇپ ئاجايىپ بىر ئىشنى ئويلىدى. << غىچىرلايدىغان ھېلقى بۆشۈك-كونا بۆشۈك- دادمدىن مىراس قالغان بۆشۈك، تارىخى مەدىنىيىتىنى ئەسلىتىدىغان بۆشۈك. بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتلىشىگە ماس كىلدىغان بۆشۈك، قاراڭ ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىغا،جاك، شۈمەكلىرگە ئۆلچەملىك قويۇلغان تاختاي ۋە دىيەكلىرگە، ھەي، سەن نىمە ئۈچۈن غىچىرلايدىغان بولۇپ قالدىڭ، بەلكىم غىچىرلىشىڭدىمۇ ئۆزگىچە بىر مەنا بولسا كىرەك. ئەنە قاراڭ، ئاۋۇ غىچىرلىمايدىغان بۆشۈك ،ھەي غىچىرلىمايدىغان بۆشۈك قانداق بولۇپ سەن نەۋرەم ئەزىمەتنىڭ بۆشۈكى بولۇپ قالدىڭ.... >> ياسىن ناۋاي نەۋرىسى ئەزىمەت پوق پۇراپ تۇرغان بولسىمۇ باغرىغا چىڭ بېسىپ ئىتتىك قەدەم بىلەن تۇنۇر بېشىغا چىقىپ كەتتى.
مەخەت ئابدۇرھيىم
|
|