- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3254
- نادىر
- 0
- يازما
- 122
ئۆسۈش
41.8%
|
ئۇيقۇمنىڭ قازاسى سەنئەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىدىكى ئەزىزلەر ،ھەممىڭىزلەرگە ئاللاھنىڭ سالمى بولسۇن .
يازمامنىڭ تىمىسى << ئۇيقۇمنىڭ قازاسى سەنئەت >> دەپ سەل غەلىتە بولۇپ قالدى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا يازمىنىڭ باش تىمىسى يەنى ماۋزۇسى يازمىدىكى پۈتكۈل مەزمۇننى يورتۇپ بىرەلەيدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىگىنى بۈلۈپ تۇرساممۇ ، ئۆزۈم ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلقىنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغان بىر دىھقان بولغانلىقىم ئۈچۈن يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى ئانچە چۈشنۈپ كەتمەيمەن . شۇنداقتىمۇ يېزىشقا تىگىشلىكىنى مەيلى كىم ، قايسى ساھە قايسى كەسىپتە بولايلى چوقۇم يازماي بولمايدۇ دەپ ئويلۇدۇم . شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ تورداشلارنىڭ يازمامدىكى دىئالوگ دىگەندەك بەزى بىر خاتالىقلارنى توغرا چۈشۈنۈپ ، يازمامدىكى ئاساسى مەزمۇنغا دىققەت نەزرىڭلارنى ئاغدۇرشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن .
نىمسىنى دەي ؟ دىمىسىمۇ ھازىر شۇتاپتا يېرىم كىچە بوپ قاپتۇ . بىرمەيدان داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كىچىلىگى بىر كىچىلىك ئۇيقۇمدىن قويدى . بۈگۈن سىرىتتىكى ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ ئۆيگە كىرسەم 5 ياشقا كىرگەن قىزىمنىڭ كۆزلىرى ياش يۇقى ، ئۆيدە بالىلارغا تەنقىد تەربىيە بىردىغان ئىشلارنى ئۆزۈم قىلىپ كىلۋاتقان ئىدىم ، ئايال كىشى دىگەننىڭ باغرى يۇمشاق كىلدىكەن . ئايالىمغا باللىلارنى ئۆز يولىدا مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن ماختاشقا تىگىشلىك چاغدا ماختاپ ، ئەيىپلەشكە تىگىشلىك چاغدا ئەيىپلەپ ياخشى باشقۇرۇڭ دەپ تۇرساممۇ بالىلىرىمىزغا قاتتىقراق گەپمۇ قىلماييتتى . ھېچكىمنىڭمۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشقا يۈرگى چىدىمايدۇ ، شۇنداقتىمۇ بالنى بالىدەك تەربىيلىمەك ئۈچۈن ئۇنچىلىك ئىشلاردىنمۇ خالى بولماق تەس ئىكەن . قىزىمدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورسام ، كومپىيۇتۇردا ناخشا ئوقۇغان ئاچاشنىڭ كۆينىكىدەك كوينەك ئېلىپ بىرىڭ دىسەم ئاپام ماقۇل دىمىدى ! بۇلدى قىلىڭ قىزىم ، مەن ئەپ بىرەي شۇ كۆينەكنى ھە ؟ دىدىم مەن . قارسام خېلى بىر ۋاقىتقىچە تاماق يەۋېتىپمۇ شۇ كۆينەكنىڭ گىپى . خەت مەشقى قىلۋېتىپمۇ شۇ كۆينەكنىڭ گىپى . زادى ئېغزى بېسىقمىدى . ئانىسى ماڭا بىر كۆرسۈتۈڭلار شۇ كۆينەكنى قانداق كۆينەككەن زادى ئۇ دىسەم ،كومپىيوتۇرنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ قويدى بىر گومبا -گومباڭنى . شۇنداق قىلىپ ئۆيىمىزدە مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن ئەلكۈيى تورى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن . 2014 يىللىق يېڭى شىنجاڭ يېڭى كۈي تىمىسىدىكى چوڭ تىپلىق باھار بايرىمىلىق سەنئەت كىچىلىگى باشلىنىپ كەتتى . ناخشا موزىكىلارنى ئاز -ئازدىن ماڭدۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى قىزىمنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالغان كۆينەكلىك چولپان سىڭلىمىز ئكراندا كۆرىندى . ھە ......مۇشۇ كۆينەك دادا ، مۇشۇ كۆينەك ! دەپ قىزىم سەكرەپ كەتتى . قارسام ناخشا ئېيتقان سىڭلىمىزنىڭ ئۇ كۆينىگى تازا نۇرمال ئەمەسمۇ ياكى ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ ناخشىچى سىڭلىمىزنىڭ بىر تەرپى كۆينەك ئىچىدە يەنە بىر تەرپى سىرىتتا قاپتۇ . قىزىم ؟ قىز بالا دىگەن ئۇنداق كىيىم كىيسە بولمايدۇ . باشقىلار كۆرسە زاڭلىق قىلىدۇ . سىز دىگەن ............ ئۇ دىگەن ........................ دەپ بۇرمۇنچە گەپلەر بىلەن قايىل قىلىپ بېسىقتۇردۇم . بالىلار ئۇخلاپ قالدى يۇ ، بىردەم باقمىچىللىققا ئائىت تېخنىك فىلىم كۆرۋېتىپ بۇ كىچىلىكنىڭ تىمىسىدىكى << يېڭى شىنجاڭ يېڭى كۈي >> دىگەن دەپ دەبىلىك سۆزلەر مىنى شۇ يېڭى مەزمۇنلارنى بىر كۆرۈپ بېقىشقا ئۈندەيتتى . بوپتىلا ھېلىمۇ 5 يىل بوپ قاپتۇ ئۆيۈمدىن دىلبۇزۇرنى بايقۇت قىلغىلى . يېڭلىق ھەم ياخشى مەزمۇنلار بولسا قۇرۇق قالماي دەپلا كۆرۈشكە باشلاپ كەتتىم . باشلىنشىدىنلا رىياسەتچىللىچىلرىمىز ماددى ۋە ئىختىزادى جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلارنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى . ھە... بۇ كىچىلىكمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق كىچىلىك بولىدىكەن دە ؟ دىدىم ئىچىمدە . بوپتۇ كۆرۈپ باقاي كۆرگەنگە پۇل ئالمىغاندىكىن دەپلا داۋام ئەتتىم . كۆرۈرمەنلەرمۇ ئاز ئەمەس سەنئەتكارلىرىمىزمۇ كۆرۈرمەنلەرگە يىتىپ ئاشىدۇ . مەن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان چولپانلىرىمىز كۆپكەن ھەر ھالدا . شۇنىڭ ئۆزىمۇ يېڭلىقدە ؟ . موزىكا چىقۋاتىدۇ . ئوقۋاتىدۇ ناخشا دىگەننى . ئۇسۇلمۇ چالا قالماپتۇ . يامان يېرى تاماششىبىنلارنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن بىرەر ئىش بارمۇ قانداق ھەممىسى دىگىدەك ئورۇندۇققا مىخلاپ قويغاندەك كەيپىياتتا . ھەر ھالدا كىچىلىكنىڭ ئاخردا بولسىمۇ سۆيۈملۈك ئوغلانىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سەھنىگە چىقىپ تاماششىبىنلارغا سەل ئۆمۈد باغلىدى بولغاي . كىچىلىكنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ تۆۋەندىن چاۋاك ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى . ئابدۇللا ئاكامنىڭ مەن نەچچە قېتىم ئاڭلاپ قانمىغان << ئەزىز خەلقىم بار >> تىمىسىدىكى ناخشسى . ئۆزى بىلىپ -بىلمەي كۆزلىرىدىن تامچىغان ياشلار مىنى چوڭقۇر ئويلارغا غەرىق قىلدى . ھوشۇمنى يىغسام كىچىلىكمۇ تۈگەپ قاپتۇ . دەل شۇ پەيىتتە رىياسەتچى بىر سىڭلىمىزنىڭ مۇنۇ ئىككى ئېغىز گىپى مىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلارغا سالدى . << لىكىن بىزنىڭ كۈيلىرىمىز تۈگىمەيدۇ ئۆلمەيدۇ ،ئىرادىمىز بىلەن ، نەتىجىللىرىمىز بىلەن ، زاماننى زامانغا ، دەۋىرنى دەۋىرگە ئۇلايمىز !! >> . ھەي ... توختا توختا! ئۇيغۇر مللىتىمنىڭ مەدەنيەت تارىخى توغرىسىدىكى كىتاپلىرىم بولدىغان بىر قاراپ باقاي . مۇشۇ چولپان سىڭلىمىز دىگەندەك ناخشا ئۇسسۇل بىلەن زامان ھەم دەۋىر ھالقىپ كەتكىلى بولامدىغاندۇ ؟ بۇ نىمە ئانداق ھەرقانداق بىر ساھەدىن مۇشۇ بىزنىڭ سەنئىتىمىزگە مەبلەخ سالدىغان ، قوللايدىغان ئورۇنلارنى كۆپكىن دىسەم .ئەجىبا بىزنى دەۋىر ھالقىتىش ، زامان ھالقىتىش ئۈچۈن ھەممىسى سەنئىتىمىزگە ئولۇشۋالغانمىدۇ ؟ كىتاپلارنىمۇ خېلى ئۇزۇن ۋاراقلاپ كەتتىم . دادسى بۈگۈن ئۆيلەپ قويسا ئەتىسى بىر ئايالغا ئەر ، بىر ئۆينىڭ ئىگسى بولدىغان يىگىتلىرىمىز كىچىك بالىدەك سەكرەپ يۈرۈپ توۋلاۋاتقان ناخشا -قوشاقلار ،گۈمبىر كالاپ چىقۋاتقان مۇزىكىلارنى سەھنىدىكى قىزلىرىمىزنىڭ توۋلاۋاتقىنى ، كىيۋالغىنى ، بۇ قىز -يىگىت چولپانلىرىمىزنىڭ ناخشا ئۇسسۇللىرى ، كىيىم -كىچەكلىرى بىز مىللەتنىڭ قايسى بىر زامانىمىزدىكى سەنئەتلىرىمىزگە قايسى زاماندىكى كىيىم -كچەك مەدىنيىتىمىزگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ماتىريال تاپالمىدىم ، ياكى مەندىكى كىتاپلاردا يوقمۇ ئەمدى . بۇلار توۋلاۋاتقان بۇ ناخشىلاردا ناخشىغا خاس مۇڭ ، ناخشىغا خاس مەزمۇن -تىكىست دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق . ئۆزلىردىمۇ بىر سەنئەتكارغا خاس سالاپەتمۇ يوق .
بۇرۇن شۇنداق ناخشىللىرىمىز بولدىغان ، ئاھ خەلقىم ، ئاھ ئاتا-ئانام ، ئاھ دىھقان ! ھازىر ناخشا دىسە . مەن سىنى كۆرەلمىدىم . سۆيەلمىدىم ،ئۇنتالمىدىم ، ئۆلەر بولدۇم . سېغىندىم ، ئاق قىلدىم ، كۆك قىلدىم ، كۆيدۈم پىشتىم . سەل قايناپ قالدىم توغرا چۈشنىڭلار . كۆپىنچە شەھەرلىكلەر بىز دىھقانلارنى قالاق نادان دەپ چۈشىنىدۇ . ھەم مىىنمۇ شۇنداق دەپ ھاقارەتلىگەنلەرمۇ بولغان . شۇلارنىڭ شۇنداق دىيشىدە ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى باردۇر بەلكىم . بىز دىھقانلارنىڭ تونۇيدىغان بايلىرىمىزمۇ يوق . ئەگەر شۇ كىچلىكلىرىمىزگە مەبلەخ سېلۋاتقان بايلىرىمىزنى ، شىركەت خوجاينىلىرىنى تونۇيدىغانلار ئاراڭلاردا بولسا دەپ قويۇڭلار . بزنىڭ سەنئىتىمىز تەرەققى قىلىپ خېلى يەرلەرگە كىتىپ بوپتۇ . مىللى مائارىپىمىزنىڭ ھالى خەتەرلىك !! شۇ مەبلىغىنى مائارىپىمىزغا سالسۇن ! ئارىمىزدا ھەرخىل سەۋەپ ، ھەرخىل ئىھتىياج بىلەن قولدىكى ئالتۇن قوزۇق << يەر -زىمىن >>نى سېتىشقا مەجبۇر بولۋاتقانلار كۆپ . مۇشۇ ئىشتىمۇ زىيان تارتتمايدۇ ؟ ئۆز كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ ھەرخىل پەن- تەتقىقات كەشىپياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن دىھقان ھەم زىيالىلىرمىز چىقىپ تۇرۋاتىدۇ ، شۇلارغا ئىخدىساد يوق ، قوللايدىغان ئادەم يوق قىلغانلىرى پوقتىن قەدىرسىز بوپ قېلۋاتىدۇ . مەبلەخ سالار بولسا شۇلارغىمۇ سېلىپ قويسۇن . مۇشۇ زاماندىمۇ بىزدىن تەتقىقاتچى ئالىملار چىقىپ تۇرسا بىزگىمۇ يارشىدۇ ئالىملىق . مىللەتكىمۇ يارشىدۇ . پۇلىنى خەجلىگىنى يەر تاپالماي كىچىلىك ئۆتكۈزۋاتقانلار بولسا ، دەپ قويۇڭلار زۇكام ياكى باش ئاغرىق كىسلى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ كىتىپ كىسلىنى داۋالىتىشقا پۇل يوق يۈرەك كىسلى بىلەن قان يۇتۇپ چىقۋاتقان ھەم بىئەجەل كىتىپ بارغان قېرىنداشلىرىمىز كۆپ شۇلارغا ياردەم قىلسۇن . يەنە ئۇنداق قىلماي ھە دىسىلا سەنئىتىمىزنى يۆلەپ تەرەققى قىلدۇرۇپ تاشقى پىلانىتقا ئەپچىقىپ كەتسە بىزدەك قالاق ھەم نادان خەلىق قايسى زامانلاردا ئۆز سەنئىتىمىزگە يىتشپ بولىمىز؟ ئۇنىڭغىچە مۇشۇنداق سەنئەتنى تللاپ ئۆتۈپ كىتەمدۇق يە ؟ خەير تورداشلار . مانا ھازىر بامدات ناماز ۋاختى بولاي دەپ قاپتۇ . ئامان بولساق يەنە كۆرشەرمىز . كۆپ چېچلىپ قويدۇم خاپا بولماڭلار . ئەمدى شۇ بىزگىمۇ نە ئامال ؟ سىزنىڭ دەردىڭىزنى مەن ئاڭلايدىكەنمەن ، مىنىڭ دەردىمنى سىز ئاڭلايدىكەنسىز . قولىمىزدىن كىلدىغىنى شۇكەن ئۆز ئىشلىرىمىزنى ئۆزىمىز يۈرۈشتۈرگىدەك بولغىچە ئھ.... ياراتقان ئىگەم بار!!! دەپ ياشماي ئامال قانچە ؟ ئىگەم ئاللا ھەر بىر بەندىسىنى روھى مەھكۇملۇقتىن ، ئۆزگىگە مۇھتاجلىقتىن ساقلىغايسان .......................... |
|