يەنە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ! غەيۇر (مىكرو ئوبزور)
ئىلاۋە:
بۇ مىكرو ئوبزور مېنىڭ بۇندىن 18 يىل بۇرۇن (20 نەچچە ياش ۋاقىتلىرىمدا) يازغان كىتاب ئۇقۇش تەسىراتىم بولۇپ، يېقىندا ماتىرىياللىرىم ئارىسىدىن بايقاپ قېلىپ، كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش، مۇلاھىزە قىلىپ بېقىش ئۈچۈن تورغا يوللاپ قويدۇم. بۇنى بىرى، 20 نەچچە ياشلىق ھىسسىياتى ئۇرغۇپ تۇغان بىر ياشنىڭ جۆيلىمىسى، يەنە بىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ مەھسۇلى دەپ بىلەرسىلەر.
شۇنداق،بىز كۆپسانلىق ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاق ۋە مىللى ئەنئەنە چۈشەنچىسىگە ئىگە كىتابخانىلار ھازىرغىچە سۈكۈت قىلىپ كەلدۇق، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتىمىزنى، ئەخلاق ئەنئەنىلىرىمىزنى، جۈملىدىن ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنى قوغدىغۇچى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى، يۈكسىلىشى ئۈچۈن توغرا يول كۆرسىتىپ بەرگۈچى، يېتەكچىلىك رول ئوينىغۇچى ئىقتىدارلىق قەلەمكەشلىرىمىزدىن، ئەدەبىي ئوبزورچى ۋە ئەدەبىيات نەزىرىيىچىلىرىمىزدىن ئۈمىد كۈتۈپ كەلدۇق. لېكىن، تا ھازىرغىچە ئۇلاردىن بۇ توغرىدا ھېچقانداق سادا چىقمىدى. ئەمما بىز يەنە سۈكۈت قىلىپ، ئۈمىد كۆزىمىزنى ئەشۇ قەلەمكەشلىرىمىزگىلا تىكىپ، ئىنكاس ساز يۈرىۋېرىدىغان بولساق، گەرچە زۇۋۇلىمىز قەلەمكەش-ئەدەبىياتچى بولۇپ ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، بىزگە ئەقىل ۋە ۋىىژدان بەرگەن خۇدا ئالدىدا، بىزگە ھەقىقىي ئىنسانلىق يولىنى تونۇتقان، پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئۆزگىچە ئۇزلىقى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان گۈزەل مەدەنىيىتىمىزنى، ئەخلاق-ئەنئەنىلىرىمىزنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بۈيۈك ئەجدادلىرىمىز ئالدىدا، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئەخلاق مىزانلىرىمىزنىڭ ۋارىسلىرى، يۈكسەلدۈرگۈچىلىرى بولغان ئۈمىدلىك، غايىلىك ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ كېتىمىز!
دەرۋەقە، يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ «ماڭا ئىجازەت بېرىڭلا» ناملىق كىچىككىنە كىتابچىسى توغرىسىدا ئەدەبىيات ساھەسىدە شۇنداق زور غۇلغۇلا، دە-تالاشلار بولۇپ ئۆتتى. بىرلىرى ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار «ئىنسان ماھىيىتىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئاشكارىلىنىشى»، «ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ كۈر قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى» دېسە، بىرلىرى ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق-ئەنئەنىلىرىمىزگە يات ئىشلار»، «بۇ پەقەت پارىژنىڭ ئەيشى-ئىشرەتلىك كوچا تۇرمۇشىنى كۆچۈرۈپ كەلگەنلىك» دەپ، ھەر خىل-ھەر رەڭدە باھالارنى بېرىشتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۇ كىتابچىدىكى مەزمۇنلارنى مەيلى بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە بولسۇن ياكى پارىژ جەمئىيىتىدە بولسۇن، ئىشقىلىپ مۇشۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي قالمىدى.
لېكىن، شۇنداق سەزگۈر، شۇنداق ئۆتكۈر پىكىرلىك قەلەمكەشلىرىمىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق-ئەنئەنىلىرىمىزگە تۈپتىن يات بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۇتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاق ۋە مۇھەببەت قارىشىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەزمۇنلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن، يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ھايات سىرى» ناملىق رومانى توغرىسىدا تا ھازىرغىچە بىرەر ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ باققىنى يوق!ئويلاپ بېقىڭلار! روماندىكى ئاۋۇدۇنباينىڭ ئۆز پۇشتى-پاناھىدىن بولغان ئوغلى ـــ كامالىدىن بايۋەچچىنىڭ، ئەشۇ ئۆز دادىسىنىڭ ھالال ئايالى بولغان گۈلچىھرە خېنىم بىلەن مۇھەببەتلىشىشى، گۈلچىھرە خېنىمنىڭمۇ پۈتۈن مەيلى- ئىختىيارىنى ئەشۇ ئۆز ئېرى ئاۋۇدۇنباينىڭ ئوغلى كامالىدىن بايۋەچچىگە تاپشۇرىشى ۋە ھەر خىل غەيرىي مۇناسىۋەتلەردە بولىشى، بۇ روماندا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان 40-يىللاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش قارىشى، مۇھەببەت قارىشى ۋە ئەخلاق-ئەنئەنە قارىشىغىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقى ئاڭ-ئەنئەنە كۆز قارىشى تەرەققىي قىلغان جەمئىيىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ئىددىيىسىگىمۇ سىغارمۇ! كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ۋە باشقا غەيرىي مۇناسىۋەتلەردە بولىشىدەك بۇنداق چاكىنا، پەسكەش مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ھازىرقى مۇشۇ جەمئىيىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى ئەشۇ ئەيشى-ئىشرەتلىك پارىژ كوچىلىرىدىنمۇ تېپىش مۇمكىن ئەمەس.
ماقۇل، مىڭ يىللار مابەينىدە بىزنىڭ ئىددىيىمىزگە، ئېڭىمىزغا، كۆز قارىشىمىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ئەقىدە-ئەھكانلىرىنى ئېغىزغا ئالماي تۇرۇپ، ئاپتۇرنىڭ ئىددىيىسى بويىچە ئۇ مەزمۇنلارنى فىئۇداللىق كونا مۇھەببەت قارىشى ۋە ئەخلاق قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق دەيلى. لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن مەزكۇر كىتابنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن گۈلچىھرە خېنىم بىلەن كامالىدىن بايۋەچچىنىڭ مۇناسىۋەت تەپسىلاتىدا، ھەقىقىي ۋە چىن مۇھەببەت تەسۋىرى ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ، ياكى يوق دېيەرلىك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت (ئەگەر مۇھەببەت دېيىلسە) ـــ شەخسىيەتچىلىك، شەھۋەتپەرەسلىك ۋە نوقۇل چىراي قوغلىشىش مەقسەت قىلىنغان بىئەخلاق، ناچار، مىشچانلارچە مۇھەببەتتىن ئىبارەت.
ئاپتۇرنىڭ مانا موشۇنداق مۇھەببەت قارىشى، ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇھەببەتلىشىشىدەك ئەشۇنداق چاكىنا، پەسكەش مۇھەببەت شەكلى ئارقىلىق فىئۇداللىق جەمئىيەتتىكى كونا ئەخلاق قارىشى ۋە مۇھەببەت ئەركىنسىزلىكىگە قارشى چىقىشى تولىمۇ بىمەنىلىكتۇر. نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن. بۇنى ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر چېكىنىش. گۈزەل ۋە يۈكسەك ئەخلاق-ئەنئەنىمىزلىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ياكى دەپسەندە قىلغانلىق دېمەي ئامال يوق.
يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، تارىخ تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن سۈپۈرۈپ تاشلانغان، ئادەملەرنىڭ قان قېرىنداش ئايرىماي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىشىدەك، ئۇنداق قالايمىقان جىنسىي تۇرمۇش شەكلىنى، ھازىرقى زامانغا سۆرەپ چىقىش ۋە ئۇنى فىئۇداللىق كونا ئەخلاق ئىسكەنجىسىدىكى مۇھەببەت ئەركىنسىزلىكىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق، دەپ جار سېلىش، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى، قىممىتىنى، گۈزەللىكىنى، ئۇزلىقىنى پۈچەكلەشتۈرىۋەتكەنلىك، پەسلەشتۈرىۋەتكەنلىك ! شۇنداقلا، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاق ئۆلچىمىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. بەلكىم ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئۆگەي بولغاندىكىن دەپ ئاقلايدىغانلار چىقىشى مۇمكىن. ئۇنداقلارغا شۇنى ئېيتىپ قويۇش كېرەككى ـــ ئۇلار بىر-بىرىگە ئۆگەي بولسىمۇ، بەرىبىر بىرى ـــ ئۆز دادىسىنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كېلىۋاتقان ھالال ئايالى. يەنە بىرى ـــ ئۆز ھالال ئېرىنىڭ پۇشتى-پاناھىدىن بولغان ئوغۇل-دە.
مەن ئەدەبىي تەنقىدچى ياكى ئەدەبىيات نەزىرىيىچىسى ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئادەتتىكى ئاددىي بىر كىتابخان. شۇڭا بۇ كىتابنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتىمنى تۈزلا بايان قىلدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئەسەرنى نەزەرىيىۋىي ۋە بەدئىيلىك جەھەتتىن شەرھىلەش، مۇھاكىمە قىلىش، باھا بېرىش ھەر قايسى قەلەمكەشلەرنىڭ، ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ ئىشى.
1996-يىلى 8-ماي مارالبېشى.
|