قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 12

ئاماننىساخاننىڭ ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىقىغا قوشقان تۆھپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

318

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28050
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 19:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibrahimjan2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 12:56  



ئاماننىساخاننىڭ ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىقى ۋە ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى

(ئۇستاز مۇقامشۇناس، شائىرە ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقنى قۇتلۇقلايمەن!)

ئىبراھىمجان ساۋۇت

         شەرق مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر- ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقاملىرى توغرىسىدا گەپ بولغىنىدا، خەلق ئارىسىدا پارچە-پارچە ئاھاڭ، ناخشا سۈپىتىدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى، سوپى-ئىشانلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىدا ئوينىتىپ، ئىلىم-مەرىپەت،مەدەنىيەت-سەنئەتنى دەپسەندە قىلۋاتقان جاھالەتلىك يىللىرىدىن ئامان-ئېسەن ساقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەۋىرىمىزگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان مۆھتىرەم بىر زات-ئۇستازمۇقامشۇناس، شائىرە ئاماننىساخان نەفىسىينى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە.
         ئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى خانى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئەتىۋارلىق خانىشى ھەم سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابى بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىدا ئاياللارئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئۇستاز، ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ زۇلمەتلىك كۆكىدە پارلىغان يېگانە يۇلتۇز.
           شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مۇقام- مۇزىكا تارىخىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە ساھەلىرىنى ئاماننىساخانسىز شەرھلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
             بۇ ھەقتە، پەقەت 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى خوتەندە ئۆتكەن تارىخچى موللا ئىسمەتۇللا ئىبنى موللا نېمەتۇللا مۆئجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدىلا قىسقىغىنا مەلۇمات بېرىلىدۇ.ئەمما، بۇ مەلۇمات ئاماننىساخاننىڭ پۈتۈن ھاياتى پائالىيىتىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ.
            تۇرسۇن يۇنۇس قەلىمىدىكى تارىخىي رومان «مەلىكە ئاماننىساخان» بولسا، ئۇستاز مۇقامشۇناس ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى پائالىيىتىگە بېغىشلانغان ئەسەردۇر. بۇ روماندا، تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا چىنلىق بىلەن بەدئىيلىك ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، رېئال تارىخىي ۋەقە، ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە ئاممىباب تىل ئارقىلىق مۇكەممەل پىرسوناژ ئوبرازى يارىتىلىپ، ئۇستاز مۇقامشۇناس، ئاتاقلىق شائىرە ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ ئۆمۈر بويى ئىلىم ئۆگىنىشنى تاشلىماي، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقاملىرىنى يىغىش، رەتلەش، تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتەك بۈيۈك ئىشلىرى  ھەمدە «دىۋان نەفىسىي»،«ئەخلاقى جەمىيلە» (گۈزەل ئەخلاق)، «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلىبلەرشەرھلىرى) قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ، خەلقىمىزنى ئىلىم-مەرىپەت، ئەدەپ-ئەخلاققا يېتەكلەشكە بېغىشلىغان شانلىق ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
            بۇ روماندا بايان قىلىنىشىچە، ئاماننىساخان ئەسلىدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىدىكى مەكىت ناھىيەسىنىڭ قومۇشلۇق مەھەللىسىدە ياشايدىغان مەھمۇد ئىسىملىك ئوتۇنچىنىڭ قىزى بولۇپ، ئاتىسىنىڭ تەسىرى، ئۆزىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكى سەۋەبلىك، كېچىكىدىن تارتىپلا شېئىرىيەت، ھۆسىنخەت يېزىش، تەمبۇر چېلىش ۋە مۇقام ئېيتىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، سەككىز يېشىدىلا نەفىسىي تەخەللۇسىنى قوللىنىپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان.
         ئاماننىساخان13 ياشقا كىرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، شىكار قىلىۋاتقان ئابدۇرەشىدخان مۇقام ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە مېڭىپ، مەھمۇد ئاكىنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ ۋە تامغا ئېسىلغان تەمبۇرنى كۆرۈپ، ئاماننىساخاندىن مۇقام ئېيتىپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ. نەتىجىدە، ئاماننىساخاننىڭ ئېيتقان مۇقاملىرىدىن ھاياجانلانغان ئابدۇرەشىدخان ئۇنىڭ بىلەن مۇشائىرە قىلىپ، ئاماننىساخاننىڭ يالغۇز مۇقام ئېيتىشلا ئەمەس، شېئىرىيەت، ھۆسىنخەت ۋە ئەدەب-ئەخلاق بابىدا كامالەتكە يەتكەن بىر ئېستىدات ئىگىسى ئىكەنلكىنى بايقاپ، ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېتىدۇ.
  ئاماننىساخان ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن قەدىرخان ياركەندىي، ئايازىي قاتارلىق ئۇستازلاردىن بىلىم ئالسا، بىر تەرەپتىن ئوردا كۈتۇپخانىسىدىكى نەۋائىي ، فارابىي ، سەئىدىدىن كاشغەرى ۋە ئابدۇرەھمان جامى قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ، شېئىرىيەت جەھەتتىكى ئىلىمىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرىدۇ.
          كېيىنچە، ئابدۇرەشىدخان ئاماننىساخاننىڭ خەلق ئارسىدا چېچىلىپ يۈرگەن مۇقام ئاھاڭلىرىنى توپلاپ، رەتلەش ئارزۇسىنى ئاڭلاپ ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ ھەمدە ئۇنى قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىق ئۇستازلار بىلەن بىرگە چەت-ياقا يېزىلارغا بېرىپ، ئاۋام ئارسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇقام ئاھاڭلىرىنى توپلاشقا ئەۋەتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىش ئوردىدىكى خان ئايىم ھەبىبە سۇلتان خېنىم ھەمدە سوپى ئىشانلارنىڭ باشچىسى بولمىش خوجا پەخىردىن، ئىشان خوجا ئابدۇرېھىم قاتارلىق مۇتەئەسسىپلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. لېكىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ توسقۇنلۇقى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.
          ئاماننىساخان ۋە قەدىرخان باشچىلىقىدىكى مۇقاملارنى توپلاپ رەتلەش ئەترىتى ئەل ئارىسىدىكى مۇقاملارنى توپلاش ئۈچۈن تارىم ئويمانلىقىنى بويلاپ يۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان چۆل-جەزىرىلەردىن ئۆتۈپ، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، كۆپ رىيازەتلەرنى چېكىدۇ. قەدىرخان ئۇستازنىڭ مۇقامچى شاگىرتلىرى ئىچىدە، ئاماننىساخان كۈي يازمىسى ۋە مۇقام ئاھاڭلىرىنى خاتىرىلەشكە ئەڭ ماھىر بولۇپ، مۇقام توپلاشتىن ئىبارەت بۇ سەپەردە ئۇ بولمىسا بولمايتتى. ناۋادا ئۇ ئاغرىپ قالسا، قەدىرخان ئۇستاز قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولىدىغان بىر قابىل ياردەمچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، ھەتتا ئىشى توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بەخىتكە يارىشا، ئاماننىساخاننىڭ مۇقامغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتى ۋە ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسى ئۇنىڭغا چەكسىز كۈچ ئاتا قېلىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
         ئۇلار مۇقام توپلاش سەپىرىدە، قەشقەر، خوتەن، كۇچا، قۇمۇل، قاتارلىق يۇرتلارنى كېزىپ، ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ مەشرەپلىرنى كۆرىدۇ، نۇرغۇنلىغان قەدىمي ئاھاڭلارنى توپلايدۇ.
        ئاماننىساخان ئوردىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن يۇرت-يۇرتلاردىن توپلىغان ئاھاڭلارنى رەتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئاھاڭلارغا نەۋائىي، مەشرەپ قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىر-غەزەللىرىنى سالىدۇ. كېيىنچە، قەدىمىي كۈسەن ئاھاڭلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، بۇلبۇل ناۋاسىغا تەقلىد قىلىپ، كىشىنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىدىغان ئاھاڭلارنى ئىجاد قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئاھاڭلارغا ئۆزىنىڭ شېئىر-غەزەللىرىنى سېلىپ يېڭى بىر مۇقام ئىجاد قىلىدۇ. سۇلتان ئابدۇرىشىدخان بۇ مۇقامغا «ئىشرەت ئەنگىز» دەپ نام بېرىدۇ.
        ئاماننىساخان مۇقام رەتلەشتىن سىرت، يەنە «دىۋان نەفىسىي»، «ئەخلاقى جەمىيلە» (گۈزەل ئەخلاق)، «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلىبلەر شەرھلىرى) قاتارلىق كىتابلارنى يازىدۇ. بۇ كىتابلار تاش باسمىدا بېسىلىپ، پۈتكۈل خاندانلىق تەۋەسىدە تارقىتىلىدۇ. بۇ توغرىسىدا موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» ناملىق بۇ قىممەتلىك ئەسىرىدە: «خۇدايىتائالا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. «دىۋان نەفىسى» نى يازدى، خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا «ئەخلاقى -جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتابنى يازدى، «شورۇھۇلقۇلۇب» (قەلبلەر شەرھلىرى) ناملىق بىر رىسالە يازدى، شائىرلىق، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز. «ئىشرەت ئەنگىز» (ھاياتنى جانلاندۇرغۇچى) ناملىق بۇ مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى. كۈچلۈك رەشك سەۋەبىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ۋە شۇ بويىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگىتىلگەن، دىيلىدۇ.» دەپ يازىدۇ. بۇنىڭدىن ئاماننىساخاننىڭ يالغۇز مۇقام ساھەسىدىلا ئەمەس، شېئىرىيەت، خەتتاتلىق ۋە ئەخلاق-پەزىلەت بابىدىمۇ كامالەتكە يەتكەن ئىستىدات ئىگىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگىمۇ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
         ھالبۇكى، ئاماننىساخاننىڭ بۇ ئېسل ئەمگەكلىرى خوجا پەخىرىدىن باشلىق سوپى-ئىشانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ نۇرغۇنلىغان كىتابلىرى كۆيدۈرۋىتىلىدۇ. لېكىن ئاماننىساخان ئۆزىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتكە، جۈملىدىن مۇقامغا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتى، ئۆز ھاياتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا بېغىشلاشتەك پىداكار، جەسۇر روھى بىلەن بۇ قېيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، ياشلىق گۈللىرى ئەمدىلا پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان ئاماننىساخان34 يېشىدا (تەخمىنەن 1534-1567 يىلىغىچە ياشىغان) تۇغۇت ئۈستىدە بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ.
ئاماننىساخان ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىنى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقاملىرىنى يېغىش، رەتلەش، تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىغا سەرپ قىلدى. بۇ جەرياندا، ئۇ  ئوردىدىكى ئېسىلزادىلەرنىڭ كەمسىتىشى، سوغۇق مۇئامىلىسى ۋە خەلقىمىزنى جاھالەت پاتقىقىغا پاتۇرۇۋاتقان مۇتئەسسىپ سوپى-ئىشانلارنىڭ قارشىلىقلىرىغا باش ئەگمەي، ئۆزىنىڭ بىر ئاجىز مەزلۇم بولۇشىغا قارىماستىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۆزى سۆيگەن مۇقامنى قوغداش يولىدا بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلدى. ئول ئىجادىي ئەمگەكنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئەڭ مۇھىمى، بۇ مۇبارەك زاتنىڭ قولىدا رەتلەنگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېراق ئۆتمۈشىنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە تا بۈگۈنگىچە ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمىغا ئايلاندى. ئۇستاز مۇقامشۇناس ئاماننىساخانمۇ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.
        ئۇستاز ئاماننىساخاننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بېغىشلاشتەك پىداكار روھى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش يولىمىزدا نۇرلۇق مەشئەل بولغۇسى!

                                                                 2014-يىلى4-ئاينىڭ 15-كۈنى (سەيشەنبە)، بېيجىڭ.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

  1. «مەلىكە ئاماننىساخان»، تۇرسۇن يۇنۇس، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى. 1996-يىلى 9-ئاي، 1-نەشىرى.
  2. «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى، 1997-يىلى 4-ئاي نەشىرى.
  3. «تەۋارىخى مۇسقىيۇن»، موللا ئسمەتۇللا ئىبنى نېمەتۇللا مۆئجىزى، مىللەتلەرنەشرىياتى، 1982-يىل نەشرى.

  ئەسكەرتىش: رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ،ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ!

2

تېما

3

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27329
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 13:47:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

820

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13551
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 187
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 14:50:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاماننىساخان دىگەن ئايال دۇتتار بىلەن ناخشا ئىيتىدىغان ئايال شۇمۇ. شۇ ۋاقىتلاردا سەنئەت جەھەتتىن ئەمەس -ئىلىم پەن تۇغۇرلۇق ئىزدەنگەن بۇلسا ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسى بىر بالداق يۇقۇرى بۇلاتتى. ...

2

تېما

0

دوست

820

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13551
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 187
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 14:59:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسۇل ئۇينايدىغانلار، ناخشا ئىيتىدىغانلار جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن. ئالىم،سىياسىيۇنلار، ..... نۇرلىغان نەرسىلەر بىزدە يۇق. بىراق باشقىلاردا يۇق نەرسە بىزدە بار. بۇ نىمانداق تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ.  بىز خەق مۇشۇنداق سەنئەتلەرگە بىرىلىپ كىتىدىغان بۇلساق بالىرىمىز كەلگۇسى قاراڭغۇ بۇلىدۇ.

7

تېما

5

دوست

3250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 797
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 11:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ روماندا بايان قىلىنىشىچە، ئاماننىساخان ئەسلىدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىدىكى مەكىت ناھىيەسىنىڭ قومۇشلۇق مەھەللىسىدە ياشايدىغان مەھمۇد ئىسىملىك ئوتۇنچىنىڭ قىزى بولۇپ، ئاتىسىنىڭ تەسىرى، ئۆزىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكى سەۋەبلىك، كېچىكىدىن تارتىپلا شېئىرىيەت، ھۆسىنخەت يېزىش، تەمبۇر چېلىش ۋە مۇقام ئېيتىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، سەككىز يېشىدىلا نەفىسىي تەخەللۇسىنى قوللىنىپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان.

..........
ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى خاتا بولۇپ قاپتۇ، سىز ئۇنى روماندىن پايدىلىنىپ ئەمەس ، تارىخىي ئەسەرۋە ئىلمىي ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ ئىزدەنسىڭىز توغرا چىقىدۇ.

0

تېما

0

دوست

318

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28050
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 12:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى خاتا بولۇپ قاپتۇ
مۆئجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدىمۇ مۇشۇنداق قەيىت قىلىنغان. بۇ رومانمۇ «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» نى مەنبە قىلغان.

0

تېما

0

دوست

318

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28050
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 12:42:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاماننىساخان دىگەن ئايال دۇتتار بىلەن ناخشا ئىيتىدىغان ئايال
بۇ ئۇستازنىڭ باشقا خانىشلاردەك ئوردا مەئىشەتلىرى بىلەن بولۇپ، راھەت سۈرمەستىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان، بىز ھازىر پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئېيىتىدىغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنى رەتلىگىنىنىڭ ئۆزى ئالەمشۇمۇل ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ.

0

تېما

0

دوست

318

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28050
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 12:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسۇل ئۇينايدىغانلار، ناخشا ئىيتىدىغانلار

  ئاماننىساخان توغۇرلۇق كۆپرەك ئېزدەنسىڭىز ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغىمۇ نۇرغۇنلىغان تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى بايقايسىز. ئۇنىڭدەك بىر مەزلۇمەنىڭ شۇ دەۋر شارائىتىدا ئەسەردە بايان قىلىنغاندەك ئەمگەكلەرنى قىلغانلىقى ھەقىقەتەن تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ.
  ئۇ ھېچ بولمىسا بىزدەك قۇرۇق گەپ قىلماستىن، ئۇيغۇر مىللىتىگە تۆھپە قوشقان. بىز بىر كىشىنى ئۇنداق-بۇنداق دىيىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزگە بىر قارىۋىتىپ، ئاندىن گەپ قىلىشىمىز لازىمدۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )