قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1235|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇرمەدەنىيەت ئاسمىنىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز-خانىش ئاماننىساخان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28061
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 21:38:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۇيغۇرمەدەنىيەت ئاسمىنىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز-خانىش ئاماننىساخان


(مەمەتجان ئابدۇللا)

شەرق مۇزىكىسىنىڭ گۈلتاجى دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ رەتلىگۈچىسى خانىش ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى قۇتلۇقلاپ!

ئۇيغۇركۈلتۈرۈلگە نۇرلۇق چوبان،

خىسلىتىڭگە ئايمۇ ھەمراھ بىزمۇ ھەم.

سەن تاراتقان مۇقام كۈيى بىرلە،

لەززەت ھەم ئىززەت تاپۇر ئۇشبۇ تەن.

    مىلادىيە 1534-يىلى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاسمىنىغا بىر نۇرلۇق چوبان ئاپىرىدە قىلىندى. بۇنۇرلۇق يۇلتۇزنىڭ ئاپىرىدە قىلىنىشى، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى شۇنداقلا ئۇيغۇرمەدەنىيەت تارىخىدا زور يۈكسىلىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مەدەنىيلىشىشى، گۈللىنىشى، يۈكسىلىشىگە ئاساسىي ئۇل ھازىرلاپ بەردى.

    بۇنداق تارىخىي خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈشنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدە تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرۇشىغا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ رەتلىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقۇچى، «ئىشرەت ئەنگىز‹ھاياتنى جانلاندۇرغۇچى›»مۇقامىنىڭ ئىجادچىسى، «دىۋان نەفىسىي ‹شېئىرلار توپلىمى›»، «ئەخلاقى جەمىلە- گۈزەل ئەخلاق»، «شۇرۇھۇل قۇلۇب- قەلبلەر شەرھلىرى» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى، يەركەن-سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى-ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى-خانىش ئاماننىساخاندۇر.

  ئۇيغۇرمەدەنىيەت گۈلشىنىنىڭ خۇشپۇراقلىق گۈلى، مەشھۇر شائىرە، مۇزىكانت، مۇقامشۇنا سخانىش ئاماننىساخان تەخمىنەن مىلادىيە 1534-يىلى تەۋەللۇت تاپقان، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا شېئىر ۋە مۇزىكىغا ھېرىسمەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇزىكىغا ھېرىسمەنلىكى ۋەتەبئىي ئىشتىياقىنى تۆۋەندىكى پارچىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؛

  بوۋاقنى ڭبىر ئىشى مىرزا مەھمۇد بىلەن گۈلجەمىلە ئاغىچىنى ھەيران قالدۇرغانىدى، يەنى، قاتتىق قىرقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاق مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىسا دەرھال توختايتتى، ھەم قارا قاقتەك كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككىنىچە خۇددى مۇزىكىغا ئەسىر بولۇپ زوق ئېلىۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشاش جىمىپ كەتتى. بۇ ئىش ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.(كۈيلەر خانىشى-مەلىكە ئاماننىساخان، ياسىنجان سادىق چوغلانى11-بەت).

  ئاماننىسا قېلىن ئالقاتلار ئارىسىدا ناخشا ئېيتقاچ ئالقات تېرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىداجەرەن بالىسى بوينىدىكى قوڭغۇراقنى جىرىڭلىتىپ سەكرەپ ئويناپ يۈرەتتى. پۈتكۈل ئالقاتزارلىقتىكى قۇش-قاناتلارمۇ ئاماننىساغا جۆر بولۇپ ئورمانلىقنى چاڭ كەلتۈرۈپ سايرىشاتتى.(مەلىكە ئاماننىساخان-تۇرسۇن يۇنۇس، 16-بەت).

ئۇ سەككىز يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئەلشىر نەۋائىيدىن قالسىلا كىچىك تۇرۇپلا شېئىر يېزىش نۆۋىتى بويىچە ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ (ئەلشىر نەۋائىي يەتتە يېشىدىن باشلاپلا شېئىرئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ).

  تارىختا ئۆتكەن لۇتفي، ئەلشىر نەۋائىي، ئابدۇراھمان جامى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىر ۋارىسى بولغان خانىش ئاماننىساخان، كىچىكىدىنلا تالانتلىق بولۇپ چالغۇ-ئەسۋابلاردىن قالۇن، دۇتار، ساتار، تەمبۇر قاتارلىقلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدىغان، بىر نەچچە يىللىق مەكتەپ ھاياتى ۋە دادىسى مىرزا مەھمۇدنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇش نەتىجىسىدە مەنتىق، پەلسەپە، ھېساب ئىلمى، ئىلاھىيەت، تارىخ قاتارلىق پەنلەرنى چوڭقۇر ئۆگەنگەندىن سىرت يەنە ھۆسىنخەت، شېئىرىيەت، مۇزىكا بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن. مىلادىيە 1547-يىلى ئۇ خانىدانلىققا كىرىپ كەلگەن (يەنى ئاماننىساخان 13 ياشقا كىرگەن ۋاقتى). ئۇ ئوردىغا كىرگەندىن باشلاپ مۇقامنى رەتلەشكە رەسمىي يۇسۇندا كىرىشكەن بولۇپ، سۇلتان ئابدۇرەشدخان، ئۇستازى قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىق مۇقام سۆيەر كىشىلەرنىڭ ئىلھامى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى ئۇنىڭ مۇقام رەتلىشىگە تېخىمۇ ياخشى بولغان شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن. ئۆزىنىڭ مۇقامغا بولغان چەكسىز ئىشتىياقى، سۆيگۈسى، كۆڭۈل گۈلشەنىنىڭ ئۈلپەتدىشى بولغان، مۇقام دېڭىزى ۋە مۇزىكا دۇنياسىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگەن. ئۇ يېشى كىچىك تۇرۇپلاشۇ ۋاقىتتىكى تارىختا تالاي-تالاي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، مۇقام رەتلەشتىن قىلچىمۇ باش تارتمىغان، سان-ساناقسىز دۈشمەنلەرنىڭ ھەر تەرەپتىن خىرس قىلىشى ۋە يۇشۇرۇن قەست قىلىشىدىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ سەركىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇلىقى بولغان، ئۆزى ۋە ئەلشىر نەۋائىي، نەۋبەتىي،مەھزۇن، ھافىز شىرازىي، مەشھۇرىي، زىيائىي، ئايازىي، مەزھەرىي، زەلىلي، ھافىزخارەزىمىي، سەئىدىي، ھۈسەينىيى، نىزارىي، ناقىسسىي، رەشىدىي، گەدائى قاتارلىق مەشھۇرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئون ئىككى مۇقام.

   ئاماننىساخان، ئۇستازى قەدىرخان ياركەندى، مەھمۇد ئۇستاز قاتارلىقلارسىستېمىلىق ھالدا رەتلىگەن ۋە تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن مۇقام تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:


1. راك مۇقامى (ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش) چوڭ نەغمە قىسمى236 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 97 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 38 مىسراجەمئىي بولۇپ 368 مىسرا


2. چەببەيات مۇقامى (ياد ئېتىش، ئەسلەش) چوڭ نەغمە قىسمى 178 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 74 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 50مىسرا جەمئىي بولۇپ 302 مىسرا


3. سەگاھ مۇقامى (بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى-پەسىللىك مۇقامى) چوڭ نەغمە قىسمى 158 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 64 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 42 مىسرا جەمئىي بولۇپ 264مىسرا


4. چەھارگاھ مۇقامى (خەلقنىڭ ئاسايىشلىققا، تاڭغا،گۈزەل ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشى) چوڭ نەغمە قىسمى 148 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچداستان 56 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 34 مىسرا جەمئىي بولۇپ 238 مىسرا


5. پەنجگاھ مۇقامى (مۇكەممەللىك، توققۇزى تەللىك،بۈيۈك شادلىق) چوڭ نەغمە قىسمى 216 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 72 مىسرا،مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 34 مىسرا جەمئىي بولۇپ 322 مىسرا


6. ئۆزھال مۇقامى (كۆجەك مۇقامى-كىچىك پېئىللىق،ئۆزىنىڭ ھالى) چوڭ نەغمە قىسمى 154 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 88 مىسرا، مەشرەب قسمى ئىككى مەشرەب 52 مىسراجەمئىي بولۇپ 294 مىسرا


7. ئەجەم مۇقامى (غەيرىي ئەرەب، ئەرەب بولمىغان) چوڭنەغمە قىسمى 152 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 42 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئۈچ مەشرەب

30 مىسرا جەمئىي بولۇپ 224 مىسرا


8. ئوششاق مۇقامى (ئاشىق، ئاشىقلار، ئاشىقلارساداسى) چوڭ نەغمە قىسمى 202 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 62 مىسرا، مەشرەبقىسمى ئىككى مەشرەب 48 مىسرا جەمئىي بولۇپ 312 مىسرا


9. بايات مۇقامى (يادىغا ئېلىش، ئەسلەش، سېغىنىش) چوڭنەغمە قىسمى 147 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 72 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 54 مىسرا جەمئىي بولۇپ 273 مىسرا


10. نەۋا مۇقامى (جاسارەت، كۈچ-قۇۋەت) چوڭ نەغمەقىسمى 110 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 94 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 40مىسرا بولۇپ جەمئىي 244 مىسرا


11. مۇشاۋەرەك مۇقامى (خاتىمە قىسمىدىكى ھاياجان،تۈگەنچى قىسمىدىكى شوخلۇق) چوڭ نەغمە قىسمى 162 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 62مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 30 مىسرا جەمئىي بولۇپ 254 مىسرا


12. ئىراق مۇقامى (چۆلى ئىراق، ئىراق چۆلى) چوڭنەغمە قىسمى 186 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 76 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئۈچ مەشرەب 60 مىسرا جەمئىي بولۇپ 322 مىسرا

جەمئىي «ئون ئىككى مۇقام»، چوڭ نەغمە قىسمى 2049مىسرا، داستان قىسمى 46 داستان 859 مىسرا، مەشرەب قىسمى 512 مىسرا، جەمئىي بولۇپ3417 مىسرا.

     خانىش ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ تۆھپىسىگە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىدىن باھا بىرىش مۇمكىن؛

  بىرىنچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىقياسىدا جۇلالىنىشى:

2005-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا«ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكىي ئىجادىيىتى ۋە غەيرىي ماددىي-مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلىشى، ئۇيغۇرئون ئىككى مۇقامىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىقياسىدا جۇلالىنىشى، پۈتۈن دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئېتراپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپل اقالماستىن، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلىگۈچىلەردىن بىرى بولغان خانىش ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بوشلۇقنىڭ ئون ئىككى مۇقام ئارقىلىق تۇلۇقلىنىشى، تېخىمۇ بېيىشى، بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە مەرھۇم خانىش ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

     ئىككىنچى، ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىقى ۋە ناخشامۇزىكىلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى نوقتىسىدىن؛

     تارىختىن بۇيان تاكى ئۆز زامانىسىدا ئەلشىرنەۋائىي، لۇتفىي، ئابرۇراھمان جامى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلىرىمىز تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان غەزەللەرنىڭ ئاھاڭغا سېلىنىپ ئوقۇلۇشى، ئاماننىساخاننىڭ مۇقامنى رەتلىشىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، مۇقامنىڭ سىستېمىلىق ھالدا بىر گەۋدە سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشى، ئۆزلۈكسىز بېيىشى ۋە مەزمۇن جەھەتتە يېڭىلىنىشى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشا-مۇزىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، سەنئەت ساھەسى سېپىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار داڭلىق سەنئەتكار ۋە مۇقامچىلارنىڭ، ئەدەبىيات سېپىدە داڭلىق شائىر، يازغۇچى ئەدىبلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىگە كىرىپ كېلىشىگىچە شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىپ  ۋە ئۇنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ بۈگۈنكىدەك مۇكەممەل، سىستېمىلىق ھالەتكە كېلىشىدە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

  ئۈچىنچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋارىسلىقىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە روناق تېپىشى؛

     16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاماننىساخان باشلىق كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ مۇزىكا، شېئىر ئىجادىيىتىگە شۇنداقلا پەلسەپە، تارىخ ئاسترونومىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەمۇنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش، يەنى ئاماننىساخاننىڭ دادىسى مىرزا مەھمۇدنىڭ ئاسترونومىيەگە بولغان زور ئىشتىياقى ۋە قېدىرىپ تەتقىق قىلىش، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن داڭلىق ئەل-نەغمىچىلەرنىڭ ۋەبىر قىسىم پەن-تېخنىكا ئالىملىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغىچە، دۇنيا مەدەنىيەت،ئىلىم-پەن، سەنئەت ساھەسىدە بىر قاتار ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر دېسە دۇنيا كۆزىنى يوغان ئېچىپ قارايدىغان ھالەتكە كېلىشىنى ئەلۋەتتە شۇئۇلۇغلىرىمىزنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولماس.

  تۆتىنچى،ناخشا-مۇزىكىغا بولغان ئېھتىياجدىن چالغۇ-ئەسۋاب ۋە ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز كەشىپ قىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە داۋاملىشىشى؛

  ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئىجاد قىلىنىشتىن تارتىپ تاكى رەتلەنگۈچە، رەتلىنىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىشىگىچە ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىجاد قىلىنىشى،چالغۇ-ئەسۋابلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى. شۇ سەۋەبلىك كۆپلىگەن چالغۇ-ئەسۋابلار ۋە ھەرخىل ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆپلەپ ياسالدى، مەسىلەن بۇ چالغۇلار: قوبۇز ، غېجەك ، ساتار ، تەمبۈر ، راۋاب ، چاڭ ، داپ ، ناغرا ، سۇناي، نەي ، بالمان قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەڭ خەلق ئىچىدە ئۇمۇملاشتى. بۇ خىل ھالەت ئۇيغۇر چالغۇ-ئەسۋابلىرى ۋە ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بەشىنچى،يېڭىچە مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى؛

ئاماننىساخان زامانى يەنى يەركەن-سەئىدىيە خانلىقى زامانىدا تەركىدۇنياچىلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغان، قارىغۇلارچە چوقۇنۇش،خۇراپاتلىق ئىدىيىسى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، شۇ دەۋردىكى مەدەنىيەت مۇھىتى ئىنتايىن قالاق ۋە چۈشكۈن ئىدى. ئاماننىساخاننىڭ مۇقامنى رەتلىشى ۋە مۇقامنىڭ كەڭ خەلق ئارىسىغا تارقىلىشى كىشىلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن بىر ئاز بولسىمۇ ئويغۇنۇشقا، خۇراپاتلىق ئىدىيەلەرنىڭ يۇقۇلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۈچىنى كۆرسەتكەن. يەنى يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ «مەلىكە ئاماننىساخان» ناملىق تارىخى رومانىدا بۇنىڭغا ئائىت مۇنداق قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز؛

  كۈنلەرئۆتتى، ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، ئىلىم-پەن مائارىپنىڭ گۈللىنىشى بىلەن خانىدانلىقمۇ گۈللەندى، ئەل-ئۇلۇس باياشاتلىشىپ شەھىرى-سەھرالارمۇ ئاۋاتلاشتى،يېزا-قىشلاقلاردا كەچكۈزدىن ئەتىيازغىچە ئۆيمۇ-ئۆي نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بارىدىغان قاتار مەشرەپلەر، ئوغلاق تارتىش ئويۇنلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ خىل مەشرەپلەردە نۇرغۇنلىغان يېڭى مۇقام ئاھاڭلىرى ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئەل ئىچىدە قەدىرخان ۋە ئاماننىساغا ئوخشاش مۇقام ئىخلاسمەنلىرى ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس مۇسىقى خەزىنىسى بارلىققا كەلدى. ئاماننىسا ئۆز  زامانىسىنىڭ ئۇمۇمىي قىياپىتىنى مەدھىيلەپ:

نەگە بارسام كۈي-غەزەل ياڭرايدۇ قەلئە باغدا ھەم،

ھەممە ياقتا داپ ئۇسسۇل، سەھرايۇ قىشلاق تاغدا ھەم.

دەپ باشلانغان غەزەلنى يېزىپ ئاھاڭلىرى بىلەن ئەل ئىچىگە تاراتتى.(تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ مەلىكە ئاماننىساخان رومانى 65-بەت)

  خانىش ئاماننىساخاننىڭ ھۆسىنخەت، شېئىرىيەت، مۇزىكا جەھەتلەردىن بىلىمىنى پۇختىلىشى ۋە پەلسەپە، تارىخ، ھېساب ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇشى، شۇ جەمئىيەت مۇھىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلگىسىگە ئايلانغان، بۇ تەسىرنىڭ نەتىجىسىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەر جەھەتتىن تەلىم-تەربىيە ئېلىش، بىلىم ئىگەللەش ئىشلىرى ئەۋج ئېلىپ، شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ جۈملىدىن ئاياللارنىڭ ئورنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن.

خانىش ئاماننىساخان رەتلىگەن ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى بۈيۈك بەدىئىي قامۇس، ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى بىباھا گۆھەر، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ يارقىن ، ئەڭ كۈچلۈك ۋە مىللىي خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتنى ، مىللىي ئىستېتىك پىسخىلوگىيىسىنى نامايەن قىلغان بىباھاگۆھەر. ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئەنگۈشتىرىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا ، ئىجتىمائىي ھاياتىغا ، پىسخىلوگىيىسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئىجتىمائىي ھاياتىنى بېيىتىدىغان ، مىللىي غۇرۇرىنى ، ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان ، سەنئەت ھۇزۇرىنى ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ئۇزۇق بولۇپ كەلمەكتە،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خانىش ئاماننىساخاننىڭ مۇقامنى رەتلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشتا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى مەدھىيلەنمەكتە ۋە مەڭگۈ ياد ئېتىلگۈسى!


1

تېما

0

دوست

808

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10831
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 127
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 11:41:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

26

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28132
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 23:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاماننىساخاننى بەك ۋاي دەپ كەتمەيمەن ، چۈنكى ، مەن ئويلايمەن بەخىتسىز سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شۇ دەۋىردىكى سۇلتانى ئابدۇلراشىتخان ئوننەچچە يىل ۋاقىتنى مۇشۇ خوتۇننىڭ گېپى بىلەن مۇقام يانا مۇقام دەپ قۇرۇق ناخشا ساز بىلەن ئۆتكۈزمەي ، ئالتۇندەك ۋاختىنى زېھنىنى ئەلنىڭ مۇھىم ئىشلېرىغا يەنى مائارىپ (چەتئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈش )بولۇپمۇ دەل مۇشۇ مائارىپقا كۆپرك كۆڭۈل بۆلگەن بولسا ،دۆلەت مۇداپىئەسى ، سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ،ئەل ئىچىدىكى تەپرىقىچىلىكلەرنى تۈزەش ، دىگەندەك خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىشلىق مۇھىم ئىشلارغا قاراتقان بولسا بەلكىم تارىخ  باشقىچە يېزىلغان بولاتتى . ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ھەقىقەتەن شەرق مۇزىكىسىنىڭ گۈلتاجى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قلماقچى ئەمەسمەن .لېكىن مۇقامنى نىمە قىلغىلى بولىدۇ ؟ شۇنچە ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ خەلقىمىزنىڭ ئىلىم ھېكمېتىنى ،مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ كەلگەن مۇقام ، ئاماننىسا خان ۋە سۇلتان ئابدۇلرەشىتخان رەتلىمىگەنگە يوقاپ كېتىشى ناتايىن ئىدى.خەلق نادانلىقتا قېلىپ خاراپلاشمىغان بولسا مۇقاممۇ ئۆزلىگىدىن تەبىئىلا تېخىمۇ بېيىپ ماڭاتتى ،خەلىقمۇ زاۋاللىققا يزلەنمەيتى ، ھەتتا يىللاردىن يىللارغا 12 مۇقام ئەمەس 120 مۇقام ئىجات قىلىنىشىمۇ مۇمكىن ئىدى . شۇ مۇقامنى بارلىققا كەلتۈرگەن خەلىق زاۋاللىققا يۈزلەنسە، خانىدانلىق تاجاۋۇزچىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ ،تاقابىل تۇرغىدەك ئىقتىدارى يوق ھەتتا يوقاپ كىتىش گىردابىغا كېلىپ قالسا ، بۇ مۇقامنىڭ نىمە پايدىسى ؟
شۇدەۋىرلەردىكى جادۇگەر خوجىلارنىڭ خەلقنى ئارقىمۇ ئارقا سېھىرلەپ ، خانىدانلىققا تەپرىقىچىلىك بۆلۈنمىچىلىك تارقىتىپ ، نادانلىق ،ئەشەددى خۇراپىيلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ بالايى ئاپەتلەرنى باشلاپ كېلىۋاتسا ، شۇ ئەلنىڭ سۇلتانى بولغان ئابدۇلرەشىتخاننىڭ دادىسىنىڭ دانالىقىغا ئىزباسار بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن نەدىكى بىر جاڭگالدا قۇيۇن ئەپكەتكەن بىر خوتۇنغا ئاشىق بولۇپ شۇنىڭ بىلەن مۇقام مۇقام دەپ مۇقام رەتلەپ يۈرسە ماختىغۇدەك نەرى بولماقچى . ئۇيغۇر 12 مۇقامىمىز ھەقىقەتەن بىر نۇرلۇق گۆھەر ، ئەمما ناخشا مۇزىكىغا بەك ھېرىس بوپكەتسە ئادەم زاۋال تاپماي قالمايدۇ . قۇتادغۇبىلىك ، تۈركي تىللار دىۋانى قاتارلىق گۆھەرلېرىمىز دىن ھەقىقى پەخىرلەنسەك ، كۆپرەك ئوقۇپ شۇ گۆھەرلەرنى تولۇق چۈشەنسەك ئاندىن ياخشىراق .
كۆپ سۆزلىۋەتتىممۇ نىمە ؟رەنجىمىگەيسىلەر ، ئۆزۈمنىڭ ئويلىغان كۆزقارىشىمنى سۆزلەپ قويدۇم .
بەخىتكە يارىشا دەۋرىمىزگە كەلگەندە، ئازاتلىقتىن كىيىن پارتىيە ھۆكىمەتنىڭ دانا رەھبەرلىكى ۋە خەلقنى ئىلىم پەنگە يىتەكلىشى نەتىجىسىدە خەلقىمىز خۇراپاتلىق نادانلىقتىن كۈنسىرى يىراقلىشىپ خاتىرجەم كۈنلېرىمىز داۋام ئەتمەكتە .

0

تېما

0

دوست

26

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28132
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 23:08:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىسىمنى يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىردىم ، بۇرۇن تىزىملاتقان ئىسمىم    ‹‹ sahar.››           ئىدى . مەخپى نۇمۇرۇم نى خاتا كىرگۈزدۈممىكىن  ئۇ ئىسىم بىلەن پەقەتلا كىرەلمىدىم . شۇڭا بۇ ئىسىمنى تىزىملاتتىم .

3

تېما

1

دوست

1755

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 493
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 17:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئايالنىڭ دەستىدىنغۇ بىز ناخشىچى مىللەت دەپ ئاتالغان ! ھەي شورى قۇرىغۇر مىللەت

0

تېما

0

دوست

849

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22565
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 08:30:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنىم  بولسا مۇشۇ خانىش بولۇپ قاپتىكەن بولمىسا، چالىدىغان داپمۇ يوق، ئۆزەڭلارنىڭ يۇزىگە چاۋاكلاپ ئولتۇرا بولغۇيتىڭلا!

12

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2025
تۆھپە : 2143
توردىكى ۋاقتى: 473
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 11:43:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jighan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 08:30
ھەنىم  بولسا مۇشۇ خانىش بولۇپ قاپتىكەن بولمىسا، چالىدى ...

سىز ئۈچۈن سەنئەت ھەممىدىن مۇھىم ئوخشىمامدۇ ، سەنئىتى يوق خەلقلەرمۇ يۈرۈيدىغۇ بىر چىرايلىق تەرەققى قىلىپ . تورداشلارمۇ ئاماننىساخاننى بىراقلا ئىنكار قىلىۋەتمەپتۇغۇ .

1

تېما

2

دوست

3563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1078
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 15:35:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akbar926 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 23:01
مەن ئاماننىساخاننى بەك ۋاي دەپ كەتمەيمەن ، چۈنكى ، مەن  ...

تارىخى ماتىرىياللارنى كۆپرەك كۆرگەن بولسىڭىز بۇ گېپىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭمۇ كۇلگۇسى كىلەتتى.
ئابدۇرىشىتخان 1530-يىلىدىن 1560يىلىغىچە دەۋىر سۇردى.ئابدۇرىشىتخان دەۋرى 160يىلدىن ئارتۇق دەۋىر سۇگەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئەڭ گۇللەنگەن ۋاقتى.سەئىدىيە خاندانلىقى ئابدۇرىشىتخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن يەنە 90نەچچە يىل ھۆكۇم سۇردى.ئابدۇرىشىتخان تەخىتكە چىققان ۋاقىتتا سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ زېمىنى قەشقەر،خوتەن،ۋە يەكەن ئىدى.ئابدۇرىشىتخان تاغىسى باشقۇرىۋاتقان تۇرپان قۇمۇلغا قوشۇن تارتىپ سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ زېمىنىنى بىر ھەسسە كېڭەيتتى،ھەم سەئىدىيە خانلىقىنى بىرلىككە كەلتۇردى.غەرىپتە شاھبىكخان،جەنۇپتا نەۋرە تۇققىنى بولغان بابۇرخاننىڭ ئەۋلاتلىرى باشقۇرۋاتقان ھىندىستان،شەرقتە چىن(يەنى مىڭ سۇلالىسى)،شىمالدا موڭغۇللار بار.
ئۇ ۋاقىت ئەرەپ ئىمپىرىيەسىدىن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ گۇللەنگەن دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.يەنى بابۇر ھىندىستاننى پەتىھ قىلغان،ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ سۇلتانى سۇلايمانخان(100يىل دىگەن كىنودىكى خوتۇنپەرەس،ئەمەلىيەتتە خوتۇنپەرەس ئەمەس. )رىمنى پەتىھ قىلىمىزدەپ ياۋروپالىقلارنى سۇرتوقاي قىلىۋاتقان ۋاقىت بولۇپ،شۇ دەۋىردىكى ئەڭ كۇچلۇك دۆلەتلەر ئىدى.
ئۇ ۋاقىتتا مىڭ سۇلالىسى ئاجىزلىغان،روسلار بولسا تىخىچە بىر شەھەرنى بىر دۆلەت ھىساپلايدىغان كىنەزلىك دۆلەت ئىدى.ئىتالىيەدە بولسا ‹مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۇللىنىشى›ئەمدىلا بىخ سۇرگەن،كولومبو ئامرىكا قىتئەسىنى ئەمدىلا بايقىغان ۋاقىت تۇرسا ئابدۇرىشىتخان نەگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ؟ئۇ ۋاقىتتىكى ياۋروپا سەئىدىيە خاندانلىقىدىن ئاجىز ئىدى.
ئابدۇرىشىتخان مائارىپقا ناھايتى كۆڭۇل بۆلگەن.سەئىدىيە خاندانلىقىدىكى ساجىيە مەدرىسىنى ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق مەدرىستى(داڭلىق ئۇۋىرسىت دەپ چۇشەنسەكمۇ بولىدۇ)ئەرەپ،پارس تىلىدىن باشقا يەنە ھىساپ(ماتىماتىكا)،مۇنەججىملىك(ئاستىرنومىيە)،دورىگەرلىك قاتارلىق بىلىملەر  ئۇگىتىلەتتى.
ئويلاپ بىقىڭ ئاماننىساخاندەك بىر ئوتۇنچىنىڭ قىزىمۇ ئۇيغۇر،ئەرەپ پارس تىلىدا شىئىر يازالايدىغان سەۋىيەدە تۇرسا سىزنىڭچە سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ مائارىپى تەرەققىي قىلماپتۇما.
ئاماننىساخاننىڭ 12مۇقامنى ئابدۇرىشىتخان زامانىدا رەتلىشى  ئالتۇن ئۈزەككە ياقۇت قويغاندەك بىر ئىش.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )