قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: bilgejan

(bilgejan) تەبئىي تۇغۇتمۇ ياكى ئوپراتسىيەمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

9

تېما

89

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1564
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 4958
توردىكى ۋاقتى: 1025
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 13:41:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەرەپتە ئاساسەن ئوپراتسىيە قىلىشقا زورلايدۇ ھەر خىل يوللار بىلەن قورقوتۇپ...
نىمە جاھان بولوپ كەتتى بۇ
uyghuray

1

تېما

0

دوست

4898

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6180
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1080
توردىكى ۋاقتى: 212
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 14:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ژورنالدىن «بىزدىكى ئۈچ غەلەت» ماۋزۇلۇق بىر ماقالىنى ئوقۇغان (ئۆزى تۇغۇش، ئېمىتىشنىڭ مۇھىملىقى ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈلگەن)، لېكىن كېيىن ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم. بۇ بىر ياخشى تېما بوپتۇ. رەھمەت سىزگە!
ئاپتورنىڭ تېخىمۇ كەڭ قوساق بولۇپ، بارلىق ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا قوشۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

2

تېما

0

دوست

2512

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25440
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 780
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 23:15:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ كۆچۇرۇپ تارقىتىش كىرەك  روخسەت قىلنىشى كىرەكقۇ تارقىتىشقا  تىما يازغۇچىمۇ شۇ كوپرەك كىشىلەر پايدىلانسۇن دەپ تەرجىمە قىلغان بولغىيتىڭىز   

62

تېما

54

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 215
تۆھپە : 3576
توردىكى ۋاقتى: 1147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 10:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
normal يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 23:15
مىنىڭچىمۇ كۆچۇرۇپ تارقىتىش كىرەك  روخسەت قىلنىشى كىرە ...

بۇ تېمىنى ئوقۇدىڭىزمىڭىن؟ ئاپتورى دەپ يېزىلغان كىشى مەن بولىمەن، بۇنى قانداقسىگە تەرجىمە قىلىنغان دەپ ئويلاپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم. بۇ ماقالە پۈتۈنلەي ئۆز بىلىمىم بىلەن يېزىپ چىقىلغان. مەن تارقاتسىڭىز بولمايدۇ دېمىدىم، مېنىڭ سەمىمگە سېلىپ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىڭ دېدىم. يازغان ماقالىلىرىمنى باشقىلار ئۆز نامىدا، ماقالەمنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىپ، قىسقارتىپ ياكى ئۇزارتىپ ئەسلى تېمىدىكى مۇددىئانى بۇراپ مەنبەسىنىمۇ ئەسكەرتمەي تارقاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم بايقىغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ بارلىق ماقالىلىرىمنى تارقاتقۇچىلارنى ئاۋۋال سەمىممگە سېلىشىنى ۋە مەن ئۆزۈم يوللىغان تور بەتلەرنى مەنبەسى دەپ ئەسكەرتىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بولمىسا ئەھۋال مۇنداق بولىدۇ:

http://bbs.izdinix.com/thread-57806-1-1.html
uyghuray

62

تېما

54

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى: 215
تۆھپە : 3576
توردىكى ۋاقتى: 1147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 12:12:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 14:29  

بوۋاقنى ئېمىتىش ياكى سۈت پاراشوكىدا بېقىش توغرىسىدا


تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

بۇ ماقالەمدە ئاۋۋال ئامېرىكىدا ئانا سۈتى ۋە سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىش توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بىرەى، ئاندىن ئانىنىڭ تۇغۇتلۇق ۋە ئەمدۈرۈش مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقىنىڭ مۇھىملىقى توغرىىسدا توختىلاي. ئاخىرىدا سۈت پاراشوكىدا بىقىشىنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى توغرىسىدىكى يۈزلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىر نەچچىنى مىسال ئىلىپ سۆزلەپ بىرەي.

ئامېرىكىدا ئىلگىرى سۈت پاراشوكىدا بوۋاقلارنى بېقىش ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا چوڭلار ۋە بالىلاردىكى سېمىزلىك كېسىلىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كىتىشى تۈپەيلى، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزدەشنى باشلىدى ۋە نۇرغۇن ئامىللارنى تىپىپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىدا بىقىلىشىمۇ سېمىزلىكنىڭ يامراپ كتىشىدىكى بىر ئامىل ئىكەنلىكى ئېنقلاپ چىقىلدى. بولۇپمۇ 2001-يىلى خارۋارد ئۇنىۋىرستىتىدىكى Metthew W. Gillman باشچىلىقىدىكى تەتقىقاتچىلار دۇنياغا داڭلىق مىدىتسنا ژورنىلى بولغان ئامېرىكا مىدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژورنىلى، Journal of American Medical Association, JAMA دا «بوۋاق مەزگىلىدە ئېمىتلىگەن ئۆسمۈرلەردىكى ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىش خەۋىپى، Risk of overweight among adolescents who were breastfed as infants » ماۋزۇسىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە سەزگۈرلىكى زور دەرىجىدە ئېشىشقا باشلىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېمىتلگەن بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېغىرلىق ئېشىپ كىتىش خەۋىپى سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بالىلاردىن مۇتلەق تۆۋەن بولغان. ئەگەر بىر مەزگىل ئېمىتىلىپ ئاندىن سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان ياكى باشتىن ئاخىر سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بالىلاردا ئېغىرلىق ئېشىپ كىتىش ۋە سېمىزلىك كېىسىلى نىسبىتى پەقەت ئېمىتىلگەن بالىلاردىن يۇقىرى بولغان. بۇ مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان قارىشىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان (1).
بۈگۈنگە كەلگەندە، ئامرىكىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئامال بار ئېمىتىشنى تاللايدۇ. ئادەتتە بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇلارنى ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر، كىينىچە ئايدا بىر دوختۇرغا تەكشۈرتۈش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، دوختۇر بالىنى قانداق ئوزۇقلارندۇرۇش توغرىسىدا تەپسلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. دەسلەپكى 6 ئايدا پەقەت ۋە پەقەت ئانا سۈتىلا بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. سېمىزلىك ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى سۈت كۆپ چىقمايدىغان ئاياللار ياكى ئېمىتىش ئىمكانىيىتى يوق ئاياللاردىن باشقىلارغا سۈپ پاراشوكى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بىلىشىمچە بىر قىسىم ئامېرىكىلىق ئانىلار قولايلىق بولۇشى تۈپەيلى يەنىلا سۈت پاراشوكى ئىشلىتىدۇ. ئامېرىكىدا بالىلار ئىشلەتسە بولىدىغان نەرسىلەرگە قاتتىق چەك قويۇپ ئىلغار سۈپەت ۋە ئەڭ بىخەتەر بولۇشى كۆپ قاتلاملىق نازارەت ئاستىدا بولغاچقا، ئنتايىن ئاز ساندا سۈت پاراشوكىغا مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر كۆرۈلىدۇ. ھەتتا تىرناق ئالغۇچتىن تارتىپ بەدەن سوپۇنى ۋە بارلىق يىمەكلىكلەر مەخسۇس بالىلار ئۈچۈنلا ئىشلەپچىقىرىلىپ سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەندىن كىيىن ئاندىن بازارغا سېلىنىدۇ. شۇڭا، بالىلار سۈت پاراشوكى ۋە باشقا بالىلار مەھسۇلاتلىرى بەكمۇ ئىشەنچلىك. لىكىن شۇنداقتىمۇ ئەڭ ياخشى سۈت پاراشوكىمۇ ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىغى قايتا-قايتىلاپ تەكىتلىنىپ بالىلارنىڭ ئېمىتىلىشىنى كۈچەپ تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردە كۆرسىتىلىشىچە دەسلەپكى 3-4 ئاي ئېمىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزگىلى بولۇپ، مۇشۇ مەزگىلدە ئېمىتلمىگەن بالىلارنىڭ ئومۇمىي تەن سالامەتلىكى ئېمىتىلگەن بالىلاردىن روشەن ناچارراق بولىدۇ.

ئانا سۈتىنى بوتۇلكىدا بېرىش بىلەن بوۋاقنىڭ ئېمىشى ئارىسىدىمۇ پەرقلەر مەۋجۇت. ئانا سۈتىنى بوتولكىدا بىرىش ئەلۋەتتە سۈت پاراشوكىدا باققاندىن كۆپ ئەۋزەل، لىكىن يەنىلا ئېمىتكەندەك ياخشى ئەمەس. ئامرىكىلا ئەمەس ئەنگىلىيە، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئالىملارمۇ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن ئاندىن ئوتتۇرىغا چىققان گەپ بۇ. مىنىڭ دىگەنلىرىم ھەرگىزمۇ نوقۇل ئامرىكىلىقلار ئارىسىدا مودا بولۇۋاتقان ئىش ياكى گەپ-سۆزلەر ئەمەس بەلكى ھەممىسى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانغا ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن گەپلەر. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى مۇنداق:

بالا ئېمىش جەريانىدا ئانا مىڭىسىدىكى ھىپوسالامۇس، hypothalamus دىگەن قىسىمدىن ئوكىستوسىن، oxytocin ياكى يەرلىك تىلدا مۇھەببەت ھورمۇنى، love hormone ۋە پرولاكتىن prolactin دەپ ئاتالغان سۈت كۆپەيتىدىغان ئىنتايىن مۇھىم روللارغا ئىگە ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىلىپ بالا ئېمىش جەريانىدا ئاندىن سۈتكە قوشۇلىدىغان بولغاچقا، ئانا كۆكرىكىنى مەلۇم ئەسۋابلار بىلەن غىدىقلاپ مىخانىكىلىق سىقىپ چىقىرىلغان سۈت بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ئانا كۆكسىنى شوراش جەريانىدا بالىنىڭمۇ مېڭە نىۋرونلىرى غىدىقلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ بالىنىڭ پىسخىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئانىلىرىمىز يىڭى ئانىلارغا دائىم دەيدىغۇ بالىنى ئېمىتكەندە بىشىنى سىلاپ بىرىڭ يۇمىلاق بولىدۇ دەپ، بۇ بەكلا دانا بىر ئىش، بەزىدە شۇلارنى ھەقىقىي ئالىممىكىن دەپ قالىمەن، چۈنكى باشىنىڭ يۇمىلاق بولۇشى باشقا گەپ، لىكىن بالىنىڭ بىشىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە بالىنىڭ كەينى مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

بەزى ئانىلار مەندىن سۈت چىقمىدى، شۇڭا ئامال يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەليەتتە، سۈت چىقمايدىغان ياكى يىتىشمەيدىغان ئاياللار باشقا جايلاردا ئەمەس ئافرىقىدىكى ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ئەڭ ناچار جايلاردىكى ئاياللاردىمۇ ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە بالىنى ئوپراتىسيە ئارقىلىق تۇغقان بولسا ئۇنىڭ ھۆكۈمى باشقا چۈنكى بالا تۇغۇلۇش جەريانىدا ھەر تولغاقتا سېگناللار مىڭىگە بىرىپ يەنە شۇ سۈت ئاجىرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمۇنلارنى سېنتىزلاش ۋە قانغا قويۇپ بىرىشكە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا تۇغۇشقا بىر كۈن قالغان ئايالنى باشقا بىر بىر نەچچە ياشلىق بالا ئەمسىمۇ، ساغسىمۇ ئالدىراپ سۈت چىقمايدۇ بەلكى بالا تۇغۇلغان دەقىقىدىن باشلاپلا كىچىككىنە نارسىدە كۈچسىز شورىسىمۇ سۈت ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ چىقىدۇ. دەل شۇ ئازاپلىق تولغاق جەريانىدا ئانا مېڭىسى ئانا مېھرىگە تويۇنىدۇ (مەسىلەن ئوكسىتوسىن، مۇھەببەت ھورمۇنىنىڭ مىقدارى نەچچە ئون ھەسسە ئاشىدۇ، بۇ ھورمۇن ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش جەريانىدىمۇ مىقدارى ئاشىدىغان بولغاچقا كىشىنى خۇشھال قىلىدۇ)، ۋە بالىنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ھاياتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تەييارلىقلارنى كۆرىدۇ. ئەگەر ئوپراتسىيە قىلىنسا، ناركوز تەركىبدىكى خېمىيىلىك ماددىلار دەل شۇ نىۋرونلارنى سەزمەس قىلىش ئارقىلىق ناركوزلاش مەقسىتىگە يىتىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئوپراتىسيە قىلىپ تۇغقان ئاياللارنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشى تەبىئىي تۇغقان ئاياللاردىن ئومۇمىي جەھەتتىن سەل ناچارراق بولىدۇ ھەم سۈت ئىشلەپچىقىرىش دەسلىپىدە سەل كېچىكىپ باشلىنىدۇ.

سۈت ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى بوۋاق بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدىكى چەكسىز ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا، يەنى بال ئەممىسە سۈت تىزلا كېسىلىدۇ، بالا قانچە كۆپ ئەمسە شۇنچە كۆپ سۈت ئىشلەپچىىقىرىلىدۇ، ئەگەر يىڭى ئانىلار دەسلىپىدە ئېمىتىشتە ئازراق قىينچىلىققا دۇچ كەلسىلا بەل قويۇۋىتىپ ئېمىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكى لازىم. ئامرىكىدا دوختۇرخانىدا چىقىش ئالدىدا ۋە چىققاندىن كىيىن مەخسۇس «ئېمىتىش مەسلىھەتچىلىرى» دەپ كەسىپ نامى بىلەن ئاتالغان سېستىرالار دوختۇرخانىدا ۋە ئۆيىڭىزگىچە كىلىپ ئانىلارغا توغرا ئۇسۇلدا بوۋاقنى ئېمىتىشنى مەشىق قىلدۇرىدۇ. ھەم تۇغۇتتىن بۇرۇن ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى مەيلى يىڭى ياكى كونا بولسۇن چوقۇم تۇغۇت تەييارلىقى ۋە بالا بېقىش دەرسىلىرىگە پۇل تۆلەپ دوختۇرخانىدا ئاز دىگەندە ئىككى ئاي (ھەپتىدە ئىككى سائەت) دەرسىكە قاتنىشىشى شەرت. مۇشۇ جەرياندا تۆرەلمىنىڭ يىتىلىشى ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق ۋە تۇغۇتتىن كىيىن ئۇچرايدىغان مەسلىلەر توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. قسقىسى، سېمىزلىك كېسىلى ۋە ھەددىن زىيادە قان ياكى ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كېسىللىكلىرىگە گېرىپتار بولمىغان، ئوپراتسىيە قىلىنمىغان ئاياللاردا سۈت يىتىشمەلىك دەيدىغان ئىش تىگى-تەكتىدىن مەۋجۇت ئەمەس. ئىلىم-پەندە بىر تۆرەلمىنى ئىنتايىن ماھارەتلىك بىر پارازىتقا ئوخشىتىدۇ (تۆرەلمە پارازىت دىمەكچى ئەمەسمەن، خاپا بولۇشماي گىپىمنى توغرا چۈشەنسەڭلار، پەقەت ياشاش ئۇسۇلىنى مىسال قىلىۋاتىمەن) چۈنكى تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ئانا بەدىنىگە سىلىروئىد ۋە باشقا تىپتىكى ھورمۇنلارنى قويۇپ بىرىش ۋە سېگناللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئانا بەدىنىدە بار ھەرقانداق ئوزۇقلۇقنى ئۆزىگە ئاۋۋال تەقسىم قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، گىلۇكوزا تۆرەلمە ئۆسۈشىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغاچقا ئۇ ئانا بەدىنى گىلۇكوزىنى ئۆز بەدىنىگە قوبۇل قىلىشتا مۇھىم بولغان ئىنسۇلىن دىگەن ھورمۇنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئانا قېنىدىكى گىلۇكوزىنى ئىمكانقەدەر تۆرەلمىگە كۆپلەپ يەتكۈزۈش مەقسىتىگە يىتىدۇ. بۇ جەرياندا ئاتىدىن كەلگەن گېنلار مۇھىم رول ئوينايدۇ. بوۋاقمۇ ھەم شۇنداق، بوۋاق كۆپلەپ ئىمىش ئارقىلىق ئانا بەدىنىدىكى ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بارلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئالالايدۇ. مەسىلەن، بالا چىش چىقىش جەريانىدا ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشتە كۆپلەپ كالتىسىيغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئۆزىگە لازىمىلىقىنى بىر ئاماللار بىلەن چوقۇم سۈتتىن سۈمۈرۈپ ئالىدۇ، ئەگەر ئانا بەدىنىدە كالتىسي ھەددىدىن زىيادە كەمچىل بولسا، ئانىنىڭ چىش ۋە سۆڭەكلىردىكى كالتىسىيمۇ پارچىلىنىپ بالىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدىمۇ بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، يەنى ئەگەر ئانا سۈت قاتارلىق كالتىسي مول يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلمىسا، تۆرەلمە ئانىنىڭ چىشىنى ئاغرىتىدىغان قىلپ قويالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئانىسىغا دىمەكچى بولغىنىنى (ماڭا كۆپلەپ ئوزۇقلۇق، كالتىسي ۋە ۋىتامىنلار لازىم دىگەننى) يەتكۈزىدۇ.شۇ مەزگىلدە چىشى ئاغرىپ قالغان ئاياللار ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك، بولمىسا يا ئۇ مەزگىلدە چىشىنى تارتىۋەتكىلى بولمايدۇ يا دورا يىيىشكە بولمايدۇ، بەكمۇ ئازاپلىق. بۇ ئادەملەرلا ئەمەس باشقا نۇرغۇن جانلىقلاردىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ساقلىنىپ قالغان. ھامىلە ۋە بوۋاق شۇنداق ئۆز ئېھتياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئانىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىسىنى بۇزۇش بەدىلىگە بولسىمۇ دىگىنىنى ئالىدۇكى، ئەكسىچە ئانا بەدىنىنى ھچقانداق پايدىلىق نەرسە بىلەن تەمىنىلىمەيدۇ، شۇنداق بولغاچقا بۇ مۇناسىۋەتنى پارازىتلىق مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.

ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قانچىلىك مىقداردا ۋە قانداق تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى تۆرەلمىنىڭ ساغلام يىتىلىشى ۋە بالىنىڭ دەسلەپكى ۋە بىر ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقى ئۈچۈن ئويلاپ يەتكۈسىز تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلەلەيدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى مەلۇم يىمەكلىككە سېزىك تۇتۇشمۇ تۆرەلمىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى بولىدۇ، شۇڭا يىگۈسى كەلگەن يىمەكلەرنى يىيىش مۇھىم. لىكىن ئادەتتە ئاقسىل مىقدارى كۆپ پۇرچاق، سۈت، گۆش، تۇخۇم ۋە تالا تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ۋە ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان مېۋە، كۆكتات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ھامىلە ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغانلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئەكسىچە يۇقىرى قەنىت، يۇقىرى ماي مىقدارى بار يىمەكلىكلەردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم.

ئامېرىكىدا بارلىق ھامىلدار ئاياللار قورساق كۆتۈرۈشتىن بۇرن، ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىللىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋىتامىن تولۇقلايدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە بۇ بەك ئومۇملاشقان. ھەم قان يىتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى بار ئانىلار چوقۇم تۆمۈر تولۇقلايدىغان دورىلارنىمۇ قوشۇم ئىستىمال قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كۆپ خىل ھامىلدارلىق ۋىتامىن تولۇقلىمىسنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر تىز سۈمۈرۈلىدىغان تىپتىكى تۆمۈر بولغاچقا، بەزى ئاياللاردا ئاشقازاننى بئارام قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاستا سۈمۈرۈلىدىغان تۆمۈر تولۇقلىمىسىنى ئىستىمال قىلسا ياخشىراق ھېس قىلىدۇ. مەخسۇس ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن ياسالغان كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولغان دورىلارنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر تۇرمۇشتا قېينچىلىقىڭىز بولسا، ئۇلار ھەقسىز شۇ خىل دورىلارنى تارقىتىپ بىرىدۇ. بەزى شىتاتلاردا كىرىمى سەل تۆۋەنرەك كىشىلەر ئۈچۈن يىمەكلىك كارتىسى تارقىتىپ بىرىدىغان بولۇپ، بەلگىلەنگەن يىمەكلىلەردىن بەلگۈلۈك مىقدرادا پۇل تۆلىمەي سېىتۋالغۇلى بولىدۇ.
ئاقسىل ۋە ئومۇمىي ئوزۇقلۇق يىتىشمەيدىغان ئانىلارنىڭ تۆرەلمىگە ئىلىپ كىلىدىغان يامان تەسىرلىرىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن، لىكىن شۇنىمۇ بىلىۋىلىش كىرەككى، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ياكى يۇقىرى ئېنرگىەلىك يىمەكلىكنىڭ تۆرەلمىگە بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن يامان. بولۇپمۇ بەدەن ئېغرلىقى نورمالدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئامال بار ئازاق يىيىشى كىرەك. چۈنكى، ئېشىپ كەتكەن ئوزۇقلۇق مىقدارى تۆرەلمىنڭ ئەزا ئورگانلىرىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، كەلگۈسىدە بالىنىڭ سېمىزلىك كېسىلى، ياغلىق جىگەر كېسىلى، 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئىېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.

ئەڭ مۇھىم بولغىنى بالىنى بىر ئاماللار بىلەن ئوغۇز سۈتى (بالا تۇغۇلغاندىن كىيىنكى 72 سائەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلدىغان قويۇقراق سۇس سارغۇچ سۈت) نى ئەمدۈرۈش كىرەك. چۈنكى ئوغۇز سۈتىدە كۆپ مىقداردا ئاتىبىيوتىك، كېسەلگە قارشى ئېلىمىنېتلار ۋە رېلاكسىن، relaxin قاتارلىق مۇھىم ھورمۇنلار بار بولغاچقا بالىنىڭ ساغلام بولۇشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بوۋاق پەقەت دەسلەپكى 48-72 سائەت ئىچىدىلا ئوغۇز سۈتى تەركىبىدىكى يۇقىرى مولىكۇلالىق ئىممۇنىت شارچىسىمان ئاقسىللىرىنى، Immunoglobulin شۇ پىتى قوبۇل قىلىش ئىقتدارىغا ئىگە. شۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە بوۋاق بەدىنىدىكى شۇ خىل سىستىما ئېتىلىپ قالىدۇ.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۆت ئايلىقتىن بۇرۇن ئانا سۈتىدىن باشقا يىمەكلىلەرنى ئىستىمال قىلغان بوۋاقلار كىيىن ساغلام بولمىغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى شەكىللەندۈرۋىلىشى ئېتىمالى يۇقىرى ئىكەن، ئەكسىچە دەسلەپكى ئۇچ ياكى تۆت ئايدا پۈتۈنلەي ئېىمىتلگەن بالىلارنىڭ يەسلى يىشىدا كۆكتاتلارنى ئېمىتىلمىگەن تەڭ ياشتىكى بالىلاردىن كۆپ ئىستىمال قىلىدىكەن (2). ئۇنىڭدىن باشقا ئېمىتلىگەن بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بوۋاقلارغا قارىغاندا ئىچ سۈرۈش، ئۈچەي ئىچكى دىۋار ياللۇغى ۋە 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى مۇتلەق تۆۋەن بولغان. ھەمدە ئېمىتىش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى (بىر ياشتىن بۇرۇن، چۈنكى 12-18 ئايدىن كىيىن ئېمىتىشنىڭ ئۈنۈمى زور ئەمەس) ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەن (3). سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىت سىستمىسىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرى ئىككىلەمچى (adaptive) ئىممۇنىت سىستىمىسى تەرەپكە ئېغىپ تەرەققىي قىلىدىكەن (4). شۇنداق بولغاچقا سۈت پاراشوكىدا باققان بالىلاردا دەسلەپكى ئىممۇنىت رىئاكسىيىسي ئىېمىتلگەن بوۋاقلاردەك كۈچلۈك بولمىغاچ ئاغرىپ قىلىش قېتىم سانى كۆپرەك بولىدىكەن. سېمىز بالىلار ئىچىدە، سۈت پاراشوكىدا بىقىلغانلىرىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېمىتىلگەن بالىلاردىن تۆۋەن بولۇپ، بۇنداق بالىلارنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش سېمىزلىكتىكى ئېمىتىلگەن بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان 2-تىپلىق دىئابىتقا گېرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن (5). يەنە سۈت پاراشوكى تەركىبىدە باشقا جانلىقلارنىڭ ئاقسىللىرى كۆپ بولغاچقا، سۈت پاراشوكىدا بىقىلغان بالىلار ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلىرىگە ئېمىتىلگەن بالىلاردىن يۇقىرى نىسبەتتە گىرىپتار بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك بولغانلىرىدىن 1 تىپلىق دىئابىت كېسىلى (ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان) مۇ بار ئىكەن (6). بۇلار مەن ئوقۇغان يۈزلىگەن مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىلار ئىچىدىكى ئاساسلىق بىر قانچىسىلا خالاس. دىمەك، سۈت پاراشوكىدا بىقىش بوۋاقنى ئېمىتكەنگە قارىغاندا نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلەرگە ئىگە. شۇڭا، مەن ئانىلارنىڭ ئىمكانقەدەر ئۆزى تەبىئىي تۇغۇشنى تاللىشىنى ۋە بالىنى ئۆزى سۈتىنى ئېىمىتىپ چوڭ قىلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.

ئانا ئوزۇقلۇقى مەيلى ھامىلە مەزگىلى ۋە ياكى ئېمىتىش مەزگىلىدە بولسۇن بالىنڭ ساغلاملىقىدا بەك زور رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئانا ئوزۇقلۇقى ھامىلە مۇھىتى ۋە نارسىدە يىتىلىش باسقۇچىدا ئېپىگىنتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى كونتىرول قىلالايدۇ ھەتتا بۇنى كىينىكى ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالدۇرالايدۇ. يىقىنىقى تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتلىشىچە، پەقەت ئانىنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىلا ئەمەس ئاتىنىڭ، ھەتتا بوۋا-مومىنىڭ ئوزۇقلۇنۇش ئەھۋالىمۇ بالىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. شۇڭا ساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە نورمال بەدەن ئېغرلىقىنى ساقلىشىمىز كىيىنكى ئەۋلادلار ساغلاملىقى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم.

ئۆزى تۇغقان ئاياللارنىڭ ناركوز دورىسى ئىشلىتىشىگە كەلسەك، ئادەتتە ئومۇرتقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇلۇنغا يىڭنە تىقىپ (يىڭنە تۇغۇت جەريانىدا باشتىن ئاخىر شۇ يەردە تۇرىدۇ) تۆۋەن بەدەننى مەس قىلىدىغان ئۇسۇلى ياكى ۋىنا تومۇرىغا ئۇرۇلىدىغان 5-10 مىنۇتلۇق ئاغرىق سەزدۈرمەيدىغان ئوكۇلنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇلارنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى ناركوز دورىلىرى ئادەتتە anesthetic (مۇسكۇللارنىڭ مىدىرلىيالماس قىلىدىغىنى) ياكى analgesic (نىرۋانى سەزمەس قىلىدىغىنى) دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئوپراتسىيەدە general anesthetic (ئومۇميۈزلۈك ناركوز) دەپ ئاتىلىدىغان ناركوز ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، چوڭ مېڭە پۈتۈنلەي سەزمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ناھايتى كۈچلۈك چوك مېڭىنى تورموزلىغۇچى ماددىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خېلى دەل تۇغۇت ئوپراتسىيىسى جەريانىدا قوللىنىلدىغان ئۇسۇل بولغاچقا مېڭە ھىچنىمىنى سەزمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپراتىسيە قىلىدىغان تۇغۇتتا، تولغاق باشلىنىشتىن بۇرۇن ياكى قىسمەن ئەھۋاللاردە تولغاق باشلىنىپ ئۇزۇن بولمايلا قورساقنى يېرىپ بالىنى ئالىدىغان بولغاچقا، مېڭە تەبئىي تۇغۇتتىكى تولغاقنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ.

چوڭلارنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرىنىڭ ھېكىمىتى بارلىقىغا ئىشىنىمەن، لىكىن بەزىلىرى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆزلىرى بالا ئۈچۈن نىمە ياخشى بولسا شۇنى قىلىمىز دەپ تۇرۇپ خاتا ھالدا بىلىپ-بىلمەي قىلىدىغان ئىلمىيلىكى يوق، پايدىسىز ئىشلارمۇ بار. بوۋاقنى تۇغۇلغاندىن كىيىنلا ئېغىزلاندۇرۇشنى ئىلمىي ئەمەس دەپ قارايمەن. بالىلارنىڭ ھەددىن زىيادە چوڭ ياكى كىچىك تۇغۇلۇشى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق، شۇنداقلا بوۋاق مەزگىلىدە ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولۇپ كىتىشىمۇ ياخشى ئەمەس. ئامرىكىدا ھەر قىتىم تەكشۈرۈتكىلى ئاپارغاندا بالىنىڭ تەڭ ياشتىكى بالىلار ئىچىدە ئېغىرلىقى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ قانچە پىرسەنىت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى دەپ بىرىدۇ ۋە ئانىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. ئەگەر بوۋاق ئېغىرلىقى 85% يۇقىرى بولۇپ كەتسە ياخشى ئەمەس چۈنكى مۇشۇ بالىلاردا كەلگۈسىدە كۆپلىگەن مىتابولىزىملىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

پايدىلىنىش ماتىرىيالى:

(1).        Gillman MW, Rifas-Shiman SL, Camargo CA et al. Risk of overweight among adolescents who were breastfed as infants. JAMA, 285(19), 2461-2467 (2001).


(2) Burnier D, Dubois L, Girard M. Exclusive breastfeeding duration and later intake of vegetables in preschool children. Eur J Clin Nutr, 65(2), 196-202 (2011).

(3) Le Huërou-Luron I, Blat S, Boudry G. Breast- v. formula-feeding: impacts on the digestive tract and immediate and long-term health effects. Nutr Res Rev, 23(1), 23-36 (2010).

(4) Andersson Y, Hammarström ML, Lönnerdal B, Graverholt G, Fält H, Hernell O. Formula feeding skews immune cell composition toward adaptive immunity compared to breastfeeding. J Immunol, 183(7), 4322-4328 (2009).

(5) Manco M, Alterio A, Bugianesi E et al. Insulin dynamics of breast- or formula-fed overweight and obese children. J Am Coll Nutr, 30(1), 29-38 (2011).

(6) Knip M, Virtanen SM, Akerblom HK. Infant feeding and the risk of type 1 diabetes. Am J Clin Nutr, 91(5), 1506S-1513S (2010).


ئاخىرىدا ھەر بىر ئانا ۋە بالىنىڭ ساغلام بولۇشىنى تىلەيمەن!





1

تېما

7

دوست

4385

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1286
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 14:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىلى ئوبلاسستلىق ئانا -بالىلار دوختۇرخانىسىدا ھەرخىل يوقىلاڭ مومكىنچىلىكلەرنى سەمىگە سېلىپ ئامال بار ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇشقا زورلايدۇ.

1

تېما

1

دوست

1106

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21233
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 18:20:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تىما بوپتۇ رەخمەت سىزگە ،مىنىڭ ئايالىممۇ يەڭگىش ئالدىدا تۇرىدۇ،ئۇنداقتا ئامال بار ئۇزى تۇغسا بولغىدەك،ئاللا تائالا ئاسانلىق بىرەر!

1

تېما

1

دوست

1106

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21233
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 18:45:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umudwar520 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 17:54
ھەممە ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ،تۇنجى بالام تۇغۇتتا ئۆلۈپ كە ...

ياخشىمۇسىز،تولغاق تۇتۇپ 18سائەتكىچە ئۆزى تۇغالايدۇ دىگەننىڭ ئاساسى بارمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )