- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9523
- نادىر
- 17
- يازما
- 322
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-21 14:47
57 ياشلىق ئوقۇغۇچىم
تاشپولات روزى
مەن 4-ئاينىڭ 19-كۈنى يەنە شەنبە بىر كۈن دېگۈدەك بېغىمنىڭ ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 6 ئەتراپىدا، ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىم دەۋىدنىڭ ئۆيىگە ئوغلۇم بىلەن بىرگە باردىم. ئۇنۇڭ ئۆيى بىلەن مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 32 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ھازىر 57 ياشتا بولۇپ بىزنىڭ مەكتەپتە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ. مېنىڭ دەۋىدنىڭ ئۆيىگە بېرىشىم بىرىنچى قېتىم بولۇپ، ئۇنۇڭ قورۇسىنىڭ چوڭلۇقى 16،187 كۋادرات مېتىر ئىكەن. ئۇ ھازىر ئاپىسى ھەم ئايالى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان بولۇپ 3 ئېتى، بىر ئىتى، 3 قورالى، بىر كىنوخانا ئويى، 2 پاراخوتى بار ئىكەن. ئۇ تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئېتىراپى ئەپيۈن گۈللەر بىلەن ئورالغان بولۇپ تاغنىڭ باغرىسىغا توغرا كېلىدىكەن. ئالدىنقى ھەپتە ئۇ ماڭا ئۆيۈمگە كېلىپ ئات مىنىپ ئويناپ كەتكىن دەپ تەكلىپ قىلىپ قويغان ئىدى. مېنىڭ ئات مىنمىگىنىمگە 40 يىلدەك بوپتۇ. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئات مىنىشنى بىلەتتىم. مەن باشلانغۇچ ۋاقتىمدا تۇلۇق ئاتقا مىنىپ بۇغداي سوققان ئىدىم. 40 يىلدەك ئۆتۈپمۇ ئات مىنىشنى ئۇنتۇپ قالمامتىم! بۈگۈن ئوغلۇم ئات مىنىپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتى!
دەۋىد ھازىر لوس ئانجېلېس شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى مۇھىت تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ بىزنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتغا باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە مەكتىپىمىزگە كەم دېگەندە 30،000 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدۇ. دەۋىدنىڭ خىزمەت ئورىنىمۇ مۇقىم بولۇپ تۇرمۇشتا ھېچقانداق قىيىنچىلىقى يوق بىر ئامېرىكالىق. ئۇنۇڭ تۇرمۇشى شۇنچە ياخشى تۇرۇپ 57 ياشقا كىرگەندە نېمە ئۈچۈن باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىردى؟
مەن بۇ سوئالنى ئۇ مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلاشقا كىرگەن بىرىنچى كۈنىلا سورىغان ئىدىم. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىققان ئىدىم. خىزمەت بىلەن بولۇپ باكالاۋرلىق ئوقۇش پۇرسىتى بولمىدى. مەن باكالاۋرلىق ئوقۇمىغانلىقىمغا ھەر ۋاقىت پۇشايمان قىلىپ كەلدىم. بولۇپمۇ بالىلىرىمنىڭ ئالدىدا بەكمۇ خىجىل بولىمەن. ئۆزۈڭدە بىلىم بولماي بالىلىرىڭنى ۋاي ياخشى ئوقۇغىن ياخشى ئوقۇساڭ ئۆزەڭگە ياخشى ھەم دۆلىتىڭگە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشىسەن دېسەڭ خىجىل بولىدىكەنسەن. بالىلىرىم كىچىك ۋاقىتلىرىدا دادا نېمە ئۈچۈن يۇقىرىلاپ ئوقۇمىدىڭ دەپ سوراپ قالاتتى بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ خىجىل بولاتتىم. ھازىر مەندىن ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ بىراق باكالاۋرلىق ئۇنۋانى مەندىن تېپىلمايدۇ."
دەۋىد سىنىپىمدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئېلىنغان بىر ئىمتىھانىدا سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولدى. ئۇ تاپشۇرۇقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئىشلەيدۇ. سىنىپقا بىرەر قېتىم كېچىكىپ كەلمىدى. مەن ئوغلۇم بىلەن ئۇنۇڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ئۇ ئەتىدىكى ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنۇڭ شەنبە كۈنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ مېنىڭ ماتېماتىكا دەرس ئىمتىھانىمغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم.
دەۋىد كۈندۈزى ئىشلەپ كېچىسى ئوقۇيدىغان سىنىپتا بولۇپ مەكتەپنىڭ كەچلىك دەرسى چۈشتىن كېيىن 5 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ كەچ سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلىشىدۇ. مەن ئۇنۇڭغا ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم دەرس بېرىمەن دەرس ۋاقتى 5 يېرىمدىن7 گىچە بولىدۇ. بىراق دەۋىد باشقا دەرسلەرنى ئاڭلاپ كەچ سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ. دەۋىدنىڭ دېيىشىچە ئۇ ھەر كۈنى 5 سائەتلا ئۇخلىيالايدىكەن. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرىدىكەن. بۇنداق بۆلىشى ئويى بىلەن خىزمەت ئورنىنىڭ ئارىلىقى ماشىنا بىلەن 1 يېرىم سائەتتەك كېتىدىكەن. ئۇ خىزمەتتىن ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 يېرىمدا چۈشۈپ مەكتەپكە سائەت 5 دىن ئۆتكەندە كېلىپ بولىدىكەن. مۇشۇنداق ۋاقىتنىڭ تەكرارلىنىشى ھەر ھەپتە دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە بولىدىكەن.
مەن دەۋىدتىن سەن ھەر كۈنى بەكمۇ زىچ ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ئىش قىلىدىكەنسەن چارچاپمۇ كەتكەنسەن دەپ سورىسام چارچاشنىغۇ چارچايدىكەنمىز بىراق ھازىر كۆنۈپ قالدىم تېخى دوكتورلۇقنىمۇ ئوقۇيمىكىن دەيدۇ! مەن مۇنۇ دوكتورلۇقنىمۇ ئوقۇيمىكىن دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئۇنۇڭدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. مېنىڭچە قىلماقچى بولغان ئىشقا بەل باغلىسىڭىز ياش چەكلىمىسى سىزنىڭ يولىڭىزنى توسالمايدۇ. يېقىندا بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم ئۇنۇڭدا دېيىلىشىچە ئىنساننىڭ ئەقلى تەپەككۇرى ياش بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. ئەلۋەتتە مۇمكىن بولسا ياش ۋاقتىدا ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ. بىراق يېشىم چوڭىيىپ كەتتى دەپ ئۆز مەخسەتلىرىڭىزدىن ۋاز كېچىش ئاقىلانە يول ئەمەس. مەن ئامېرىكىغا كەلگەن ۋاقتىمدا 38 ياش ئىدىم. خېلى كوپ ئاغىنىلەر يېشىڭمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ئەڭ ياخشىسى ئىنگلىزچە ئوقۇيمەن دېمەي ھازىرقى ئىنگلىزچە سەۋىيەڭ بىلەن بىرەر ئادەتتىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانساڭ بولامدىكىن دېگەن ئىدى. بىراق ياشقا قارىماي تىرىشىپ ئاخىرى ئويلىغان مەقسىتىم ئوقۇتقۇچى ،مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، ماتېماتىكا پروفېسسور بولۇپتىمەن. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا نىسبەتەن پروفېسسور دېگەن بۇ نام ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئويلىسام ئامېرىكادا 38 ياش، 40 ياش، 50 ياش دېگەنلەر قېرىغا كىرمەيدىكەن!
مەن ياشلارنىڭ بولۇپمۇ يېشى چوڭىيىپ ئۆز مەخسەتلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەۋىدنى ئۈلگە قىلىپ ئۆز مەقسەتلىرىدىن ۋاز كەچمەي تىنىمسىز تىرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئۆتۈپلا كېرىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم! بەلنى ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا بوشىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئوز مەقسەتلىرىڭىز ئۈچۈن تىنماي تىرىشىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە سىزگە مەنسۇپ!
|
|