مارت خاتىرلىرىمنىڭ داۋامى
بۇ ئۈندىدار خاتىرلىرىم ھەققىدە ئازراق چۈشەندۈرۈش بەرگۈم كەلدى.
بۇلارنى زىرىكىشتىن يىزىۋاتقىنىم يوق، زىرىكىشتىن يازماق بولغان نەرسىگە ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ، لىكىن بۇ قىسقا جۈملىلەر كاللامغا چاقماقتەك كىلىپ قالغان ئوي -خىياللارىمنىڭ چاقنىشىدۇر...نە ۋاقىت كەتمەيدۇ، نە كۆپ ئويلىنىش.....ئەمدى ئوقۇرمەنلەرنى كۆرۈپ باقسۇن دىدىمغۇ ...
****************************************************************************************************************
(27-مارت يىرىم كىچە)
7 ياش ۋە 70 ياش ھەققىدە
******************
ئامىرىكا، كانادا، ياپونىيە ۋە ۋەتەندىكى جاۋاپ قايتۇرغان دوستلارنىڭ ھەممىسى بىردەك 7 ياشلىق بالىنى قۇتقۇزۇش كىرەك دىيىشتى.
ياپونىيەدىن كەلگەن جاۋاپ ئۆزگىچە:
"ئاۋال ئالىمنى قۇتقۇزۇپ ئاندىن ئالىمنىڭ ئەقلىدىن پايدىلىنىپ بالىنى قۇتقۇزۇش كىرەك".
نورمال شارائىت ئاستىدا ئەلۋەتتە مەن 7 ياشلىق بالىنى قۇتقۇزۇش كىرەك دەيمەن. ئىنسانى ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا ئىنساندىكى ھېس-تۇيغۇ بۇنى شەرتسىز قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا (ئۇرۇش ياكى ئەجەللىك يۇقۇملۇق كىسەل...) ئالىمنى ساقلاپ قىلىشقا توغرا كەلسە رىئاللىقنىڭ قىستىشى بىلەن كىشىلەر ئالىمنى قۇتقۇزۇشنى زۆرۇر دەپ قارىشى مۇمكىن.
تېگى-تەكتىدىن ئىيتقاندا ئادەمنى دىلىغۇل قىلىدىغان سۇئال بۇ!
ئۈندىدارغا قاراپ ئېلان سەنئەت كۆرۈپ ئويناپ ئولتۇرغاندىن ئازراق ئويلاپ ئولتۇرغان ياخشى، قانداق دەيسىلەر بۇ گىپىمنى ئاخۇنۇم، ھەمشىرىلىرىم؟....:)
(28-مارت سەھەر)
شارائىتنى ئۆزگەرتمىسەڭ، شارائىتقا قۇل بولىسەن.
مەرتلىكنىڭ مۇكاپاتى -ئەلنىڭ ھۆرمىتىدۇر، ياشىسۇن ئەل ئۈچۈن ئازاپ چەككەنلەر!
(28-مارت چۈشتىن كىيىن)
ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولۇشمۇ قابىليەتلىكنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى بۇ تۇيغۇسى كەمچىل ئادەم- يىراقنى كۆرمەي بۈگۈننىلا كۆرىدىغان ئادەم.
يىراقنى كۆرمەيدىغان ئادەمنى قابىليەتلىك دىگىلى بولامدۇ؟....
بىر مىللەت نامراتلىقتىن يوقالمايدۇ، ئەخلاقسىزلىغىدىن ۋەيران بولىدۇ!
(28-مارت كەچقۇرۇن)
مەن ئالى مەكتەپكە كەلگەن بىرىنجى يىلى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا بىر جورنالدىن مۇھەببەت ھەققىدە بىر شىئېر ئوقۇغان ئىدىم، ئەمما بىرىنجى مىسرا ئېسىمدە قالماپتۇ:
........................،
مۇھەببەتتىن مۇھەببەتكە كۆچكەنلەر.
مۇھەببەتنىڭ سىنىغىدىن ئۆتەلمەي،
ھول ئوتۇندەك چالا كۆيۈپ ئۆچكەنلەر!
ھە دوستلار، بۇ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بىرىنجى مىسرا زادى قانداقتۇ سىلەرچە؟
ياكى قانداق بولسا تازا كەلگەن بولىدۇ؟
توقۇپ باقامسىلەر؟...قېنى بەھۇزۇر!
(29- مارت)
......................................................
(30-مارت)
ماڭا كەچ بولدى، ساڭا تاڭ ئاتتى،
كۆرەي چۈشۈمدە دوستۇم مەن سىنى.
دوستلۇق رىشتىسى چىگىلىدۇ چىڭ،
ئويلاپ تۇرۇشتىن - ئەسلەپ قوي مىنى!
(31-مارت سەھەر)
مەرھۇم ئەركىن خاتىرىسىگە
( قىز ساۋاقدىشىمنىڭ يولدىشى ئەركىننىڭ قازا قىلغانلىق شۇم خەۋىرىنى ئاڭلاپلا...)
ياش ئىدىڭ، ياخشى ئىدىڭ، مەزمۇت ئىدىڭ،
دۇنيادىن بەكلا بۇرۇن كىتىپ قالدىڭ.
ئاللاھدىن ساڭا بېھىش تىلەي ئەركىن،
كۆزۈمگە كەلدى شۇ تاپ قىياپىتىڭ!
(31-مارت يىرىم كىچىگە ئاز قالغاندا)
باھار بوپ كۈلۈپ كەلسەڭ،
كۆكلەم بوپ زوق ئاتا قىلىمەن................
|