قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1818|ئىنكاس: 24

ئاشىق دېگەن مۇنداق بولسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 16:00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئاشىق دېگەن مۇنداق بولسا

  (ساتىرىك ھېكايە)
مۇھەممەتتۇرسۇن.ئابلېكىم(بەگ ئالىپ)





         مۇشۇ كۈنلەردە بىرنەرسە يازماقمۇ تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، نۇرۇز كۈنى يېنىمدا ئولتۇرغان گۆش تاغىرى ئۆتكەندە يازغان ھېكايەمنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئاچچىقى بەكلا كەلگەنمۇ يولدا ئالدىمنى قاراقچىدەكلا توستى ،ھەرنىمە بولسا نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا تەنتەربىيەدە ئۇقۇيدىغان بىر قىز بىلەن يۈرىۋاپتىكەنمەن ، ئەگەر ئۇ يېنىمدا تۇرۇپ مېنى باتۇرلۇق بىلەن قوغداپ قالمىغان بولسا ھېلىغىچە ئۆزىمنى دوختۇرخانىنىڭ تېڭىق بۆلىمىدە ئۇرۇشتا يارلانغان ئەسكەردەك باش كۆزىم تېڭىلغان ھالەتتە كۆرەتتىم .
- يازىدىغان نەرسەڭنى يېزىۋەر، - دېدى قىز دوستۇم،-مەن تۇرغىچىدا كىم ساڭا چېقىلالايدۇ؟ شۇنداق قىلىپ يۈرىكىم ئازراق ئۈستىگە چىقىپ يەنە بىر ھېكايىگە تۇتۇش قىلدىم.
       سىنىپتا بىرقىز بار ،قاچان قارىسا تىلفۇنغا قاراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان، باشقىلاردەك سۈرىتىنى ئۇرۇقلىتىپ يۈرەمدىكىن دېسە ئۇنداق ئەمەس،لېكىن دەرىستە بۇلامدۇ،  يولدا بۇلامدۇ،  ھەتتا ئەتتىگەنلىك يۈگىرەشتمۇ قۇلىغىغا تىڭشىغۇچنى تىقىۋېلىپ تىلفۇنغا قارىغاچ يۈگۈرىدۇ . بىر كۈنى ئاشخانىدا تاماق يەۋەتىپتىكەن ، تېلفۇنغا قاراپ ئولتۇرۇپ قۇشۇقنى بۇرنىغا تەڭلەۋاتىىدۇ، قاراپ كۆڭلىم ئېلىشىپ ئېغىزىمغا كىرىپ بولغان تاماقنىيان دۇرىۋەتكىلى  قىل قالدىم . يەنە بىر قېتىم بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ قاپتىكەنمەن ،تىلفۇنغا قاراپ بىكارغىلا قاقاپلاپ كۈلۈپ كېتىپ بارىدۇ ،كۈلگەندىمۇ سىنىپنى ئېچىۋەتكۈدەك  كۈلدى ،قورقۇپ كەتتىميۇ يەنىلا ئورنىمدا ئولتىرىۋەردىم ،بىردەمدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا ھۆڭرەپ يىغلىغان پېتى مېنى ئۇرۇپلا كەتتى ،بۇ قېتىم رەسمىي قورقتۇم ،دېمىسىمۇ ساراڭغا سوت يوق تۇرسا ،ئالىمادىس قۇلۇقۇمنى كاپلا تۇتۇپ يۇلۇۋەتسە قانداق قىلغىلۇق. ھەرنىمە بولسا مۇئەللىم كېلىپ مېنى تىنىمسىز تېگىۋاتقان تاياق ئاستىدىن قۇتقۇزىۋالدى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ قىزدىن نىم بولغانتى دەپ سورىسام لىيىڭزەي مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى دەيدۇ، مەن تېخى لىيىڭزەي دېگىنى بىرەر خەنزۇ دوستى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ؛-ئايرىلىپ كەتكەن بولسا ھېچقىسى يوق ، مەن چىرايلىق خەنزۇ قىزلاردىن نەچچسى بىلەن ئوبدان تۇنۇش . بىرەسىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويىمەن دەپ تەسەللى بېرىپ كېتىپتىمەن .كېيىن ئۇقسام لىيىڭزەي دېگىنى كورىيەنىڭ كىنوسىدا چىقىدىغان بىر سولتەككەن .   ئۆتكەندە قىز دوستۇم بىلەن كېتىۋاتسام يېنىمدىن ئېگىز ھەم مودا بىر قىز ئۆتۈپ قالدى،  مەن بېشىمنى 180 گىردۇس قايرىپ ئۇ مودا قىزغا  قاراپلا قاپتىمەن ، شۇ چاغدا ئۇ ساۋاقدىشىم تېلفۇنغا قاراپ مېڭىپتىكەن ، مېنى بىرنى سۇقىۋېدى ئارقىمغا ئۇچۇپلا چۈشتۈم .  ئەگەر مەن قىز دوستۇمنىڭ قۇلىغا ئېسىلىپ تۇرىۋالمىغان بولسام ئاشۇ پەيلىدە بىچارە  ساۋاقدىشىمنى ئۇرۇپ يەرگە چاپلىۋەتكەن بۇلاتتى.
     ئۇ ساۋاقدىشىمنىڭ تېلفۇنى كېسەكتەك چوڭلىقتا بولۇپ تېخى تىلفۇننىڭ كەينىگە توك قاچىلىغۇچتىن بىرنى تېڭىۋالغان ئىدى، تېلفۇن ئالبومىدا ساپلا چېچى كۆزىگە چۈشىدىغان بىرىنىڭ سۈرەتلىرى تۇراتتى ،(ھە قاچان لىيىڭزەي دېگىنى شۇ ئوخشايدۇ ) بىر كۈنى ئولتۇرسام ئۇ قىز ماڭا كەچتە ئايرىم كۆرىشەيلى دەيدۇ، ماڭا كۆڭلى بار ئوخشايدۇ دەپ خوشلىقىمدىن ئېغىزىمنى يۇمالمايلا قالدىم . ئۆزىغۇ شوخ ،ئۇچۇق يۇرۇق ، چىراي دېسىمۇ يەتكۈچە بار قىز ئىدى . لېكىن بۇمۇ قاملاشمايدىغاندەك تۇراتتى ، ھازىرقى تەنتەربىيەدە ئۇقۇيدىغان قىز دوستۇم بۇرۇنقىللىرىغا ئوخشاش يېڭىسىنى تەييارلاپ بولۇپلا ئايرىلىپ كېتەيلى دېسەم ماڭىقسىنى ئېقىتىپ يىغلاپلا بولدى قىلمايتتى ،خائىنلىق قىلغىنىمنى بىلىپلا قالدىمۇ مېنى مەكتەپتىكى كۆلگە تاشلىۋېتىشتىن يانمايتتى . لېكىن ئىشلار كۈتكىنىمدەك بولماي قالدى ؛ بۇ ساۋاقدىشىم  ئەسلى مېنى توردىن لىيىڭزەينىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى تېپىپ بېرىڭ دەپ ئىزدەپتىكەن . ئۆتكەندە بىر قېتىم سورىغانتى ئېغىزىم قىچىشىپ توردا بامىكىن دەپ قويۇپتىكەنمەن.  ئۆزۈمغۇ بەكلا كۆڭىلچەك بالا ؛ ئاغىنىللىرىمنىڭ ھاجىتى چۈشسە باھانە تاپالىغىنىم بىلەن قىزلارقۇلۇمدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى تاپشۇرسىمۇ ئېغىزىم ئۆزىنى تۇيمالا ماقۇلغا كېتىپ قالىدۇ . شۇنداق قىلىپ مەيدەمگە مۇشلاپ تۇرۇپ ئىشلىرنى بىر قوللۇق بىجىرۈپ بېرىشكە ۋەدە بەردىم ،لېكىن ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي دەۋاغا دەپ ئالدىرتىپلا كەتتى ، كۈندە قاق سەردە چىرايلىق قىزلار بىلەن سەيلە قىلىپ كۆرگەن چۈشلىرمنى بۇزۇپ  مەن دېگەن نۇمۇرنى تاپتىڭىزمۇ دەپ تىلفۇن قىلىدۇ .ئىزدەۋاتىمەن دەپلا قۇتلىمەن ،كېيىن بۇ چارىمۇ ئاقماس بولدى ،سىنىپتا نەدە ئولتۇرسام يېنىمغىلا كېلىدۇ ، يا دەرىس ئاڭلىغىلى قويمىغان. ئاخىرى كورىيەچىنى ئۆگەنسىڭىز ئاندىن كۆرىشەلىگۈدەكسىز دەپ قويدۇم، لېكىن ئۇ يەنە ئېسلىۋېلىپ كورىيەچىنى ئۆگىنىدىغان نەرسە تېپىپ بېرىڭ دېدى. توردىن ئىزدەپ يۇرۇپ ئۈچ-تۆت يىلدا ئاران ئۆگۈنۈپ بولالىغىدەك  بىر پاتمان نەرسە چۈشۈرۈپ بەردىم ، قۇلاقمۇ نەچچە ئاي تىنجىغان بولدى .توۋا ، مۇھاببەتنىڭ كۈچ قۇدىرىتى راسلا بەكلا ئۇلۇغ ئوخشايدۇ ؛ ئېنگىلىز تىلىنى دەرىجە ئالمىساڭ دېپلۇم ، ئۇنۋان بەرمەيمىز دېسە پەرۋايىدا يوق يۈرگەن قىز ،لىيىڭزەينى دەپلا كورىيەچىنى نەچچە ئايدىلا خېلى بىر يەرگە ئاپىرىپ بوپتۇ ئۇ يەنە بېشىمنى ئاغرىتىشقا باشلىدى.  نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئۇرغان تېلفۇنى قىز دوستۇمنىڭكى بىلەن بىرلا ۋاقىتقا ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ ، قۇلۇقۇم قىز دوستۇمنىڭ قولىغا چىقىپ تازا سوراققا چۈشتۈم. ئاخىرى بىر كۈنى كېچىچە ئۇخلىماي ،توردىن لىيىڭزەي دەپلا ئىسىملىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇمۇرىنى تېپىپ بەردىم . لېكىن ھېچ قايسسىسى ئۇ ئىزدىگەن لىيىڭزەي بولۇپ چىقماپتۇ ، بۇ ساۋاقدېشىم شۇنىڭدىن كېيىنلا جۈدەپلا كەتتى ، ياتاقتىكى بالىلاردىن سورىسام ياتاقققا پۈتۈن دېگۈدەك لىيىڭزەينىڭ سۈرەتلىرىنى چاپلىۋاپتۇ ،كۈندە دېگۈدەك ئوتتۇرا كېچىدە لىيىڭزەي دەپ توۋلاپ ياتاقتىكىلەرنىڭ ئۇيقىسىنى ھارام قىلىدىىكەن. شۇنداق قىلىپ بىچارە قىز مەۋسۇملۇق ئىنتاھاندا خېلى كۆپ پەنلەردىن قېلىپ قالدى .  ئىنتاھاننىغۇ خېلى كەڭرى ئالغان ،مەنمۇ جېنىمدا ئىنتاھان مەيدانىغا بىرمۇنچە قەغەز پارچىسى ئەكىرىپ، ئۈستەل  ئۈستىگە كۆچۈرۈپ دېگەندەك قىلىپ  ھەممىدە 85 تىن يۇقۇرى ئېلىپتىكەنمەن .لېكىن دەل ئىنتاھان ئالغان كۈنى لىيڭىزەينىڭ يېڭى كىنوسى چىققانمىش ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ساۋاقدىشىم  ئۆزىنىڭ ئىنتاھان مەيدانىدا ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كىنو كۆرىشكە چۈشۈپ كېتىپتۇ . ئاقىۋەت ؛ بىچارە قىز سىنىپ قېلىپ قالدى .
         كېيىن ئۇقسام كورىيەگە بېرىپ لىيىڭزەينى ئىزدەيمەن دەپ يۇقاپ كېتىپ نەچچە ئايدىن كېيىن ئېلىشىپ قېلىپ قايتىپ كەپتۇ . ئىلگىرى مۇھەببەتنى دەپ ئېلىشىپ قالىدىغانلارنى كىنودا كۆرسەم كۈلگۈم كېلەتتى ،پەرھاد-  شېرىن دېگەنلەرنىمۇ بەكلا ئەخمەق دەپ ھېساپلايتتىم،لېكىن ما قىزغا قاراپ رەسمىي قايىل بولدۇم،ئىسىت لىيىڭزەي دېگەن گۇيغا بۇنداق ساراڭدەك كۆيۈپ ئاشىقسىز مەشۇق بولۇپ يۈرگىچە ماڭا مۇشۇنداق كۆيسىچۇ ، ئۇ چاغدا مەنمۇ ئايدا بىر قىزنى ئالماشتۇرۇمەن دەپ ئولتۇرغىچە ئاشۇ قىز بىلەنلا ئۆمۈرلۈك بولۇپ كەتمەسمىدىم.
      ئۇنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغىنىنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىغا يوقلاپ باردىم ،مېنى كۆرۈپلا لىيىڭزەي دەپ كەينىمدىن قوغلاپلا كەتتى ،مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا نايناقشىپ يولنىمۇ ئوڭلاپ ماڭالمايدىغان قىز ما قېتىم جېنىمنىڭ بارىچە يۈگۈرسەممۇ كەينىمدىن يېتىشىۋېلىپ پېشىمگە ئېسىلىپ تۇرۇپ مەن چۈشەنمەيدىغان بىر تىلد سۆزلەپلا كەتتى(سۆزلىگەنى ھە قاچان كورىيەچە بولسا كېرەك ) ،قارىسام بۇ يەردىكى ساراڭلارغا قۇيۇپ بەرگەن ئويۇنىمىز بەك يېقىپ كەتتىمۇ چاۋاك چېلىپ كېتىپ بارىدۇ ، ھەتتانەچچىسى  تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپمۇ ئۈلگەرۈپتۇ . شۇنداق قىلىپ كونا ساۋاقدېشىمنى يوقلاپ بارىمەن دەپ تۆتىنچى دوختۇرخانىدىكىلەرگە قىززىق دارامما ئويناپ بېرىپ ساۋاپتىن بىر تاغار يۈدۈپ يېنىپ كەلدىم .  
       ئىشلانىڭ يامىنى كېيىن يۈز بەردى ؛ سىنىپتىكى باشقا قىزلاردىمۇ بىنورماللىق كۆرىلىشكە باشلىدى .لوپ ئەينەك تاقايدىغان ئۈگۈنۈش باشلىقىدىن تارتىپ ھەممە قىزلار ئاشۇ ئېلىشىپ قالغان قىزدەك دەرىس ۋاقتىدا بېشىنى ئۈستەلنىڭ تارتمىسغا تىقىپ قۇلۇقىغا تىڭشىغۇچنى قىستۇرۇپ لىيىڭزەينىڭ كىنولىرىنى كۆرىدىغان بولۇۋالدى.كىچىك ۋاقتىمدا يەنە بىر كۆرسەم دەپ بىر كىنو بولىدىغان، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان مۇماممۇ نامىزىنى قازا قىلىپ تۇرۇپ كۆرەتتى ، تېخى مەلىنىڭ دوقمۇشىدا بىر مۇنچە مۇمايلا بىر يەرگە كېلىپ مۇشۇ كىنو توغرۇلۇق سۆزلىشىپ كۈننى كەچ قىلىدىغانمۇ بولغان ئىدى . ھازىرمۇ شۇنداق بولۇۋاتاتتى؛ تەنەپپۇستىن چۈشتىمۇ ،ھەممە قىزلار  گۈررىدە بىر يەرگە يىغىلاتتىدە كېچىدىن ئۇخلىماي كۆرگەن كىنودىكى لىيىڭزەينى مۇلاھىزە قىلىشىپ كېتەتتى .  كېيىن ئىشلارنىڭ تېخىمۇ يوغىنى چىققىلى تۇردى؛ سىنىپتا بىر نەچچە جۈپ ئاشىق مەشۇق بارئىدى ، ئۇلارمۇ لىيىڭزەينىڭ سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى ، كېيىن قېرىشقاندەك قىز دوستۇممۇ لىيىڭزەيگە ئاشىق بولۇپ قالدى ، تاماق يېسەكمۇ شۇنىڭ گېپى ،ھەتتا يولدىمۇ كىنو كۆرگەچ ماڭاتتى  ، ئەمدى ئۇ نەزەرمۇفىتى ئەھمەد شاھ قاراقاشىغا سوۋغا قىلغان بىزەڭ قىرچاڭغۇنىڭ ئۆزلا بولغان ئىدى: بىر قېتىم  تىلفۇنغا قاراپ مېڭىپ يولنىڭ بۇيىدىكى زىننەت چىرىغى ئېسىپ قويۇلغان كىچىك سىتولبىغا ئۈسسۈپ  چىراقلانى چېقىپ ،  باشقا قىزلارنى مېھمان قىلارمەن دەپ يىمەي -ئىچمەي يىغقان  بىر مۇنچە پۇلۇمنى  جەرىمانە قىلىپ تۈلەتكىلى سالدى . نەچچە قېتىم يولدا ماڭغانلارنى سوقۇپ _ ئۇچۇرۇپ باش كۆزلىرىنى ياردى، ھەممىدىن يامىنى تىلفۇنغا قاراپ مېڭىپ يول بويىدا جىم تۇرغان دەرەخلەەرگە  تولا كاللا  قۇيۇپ  قاش قاپقلىرىنى يېرىۋالدى.، يېرىلغان يەرلەرنى چوڭىنى تۆت بەش يىپتا كىچىكلىرىنى بىر نەچچە يىپتا  تاغار يامىغاندەك ئۈستى ئۈستىلەپ تىكىۋەرگەچكە   ئاخىرىدا يۈزىنى تاتۇق _ قورۇق بېسىپ يۈز ياشلىق مۇمايغىلا ئوخشاپ قالدى. لېكىن يەنىلا تاشلاپ  كەتكىلى بولمايتتى، چۈنكى يۈز -كۆزلىرى مۇمايغا ئوخشاپ قالغان بىلەن پۇت قولىدا رامبودەك كۈچ بار ئىدى، چىشىغا تەگسەملا مېنى ئۇرۇپ دەسسەپ خېمىر قىلىۋېتىشتىن يانماتتى.   شۇڭا ئامالسىز  ئۇنىڭ تىلفۇنغا قاراپ مېڭىپ  يەنە بىر نەرسىگە ئۈسسىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىرقولىدىىن يېتىلەپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم .  ئۇزاق ئۆتمەي ئۇمۇ كىنوغا قاراپ بىردە يىغلاپ بىردە ساراڭدەك كۈلۈپ كېتىدىغان بۇلىۋالدى . بۇلىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ئۇنىڭمۇ ئاز ئۆتمەي بۇ بىچارىنىڭمۇ  تۆتىنچى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدىغىنىغا كۆزىم يېتىپ خېيىم -خەتەردىن قورقماي  نىمە كۆرسەم كۆرەرمەن دەپ  خېتىنى بېرىۋەتتىم.
       بىزنىڭ سىنىپتا قىزلارنىڭ سانى ئوغۇللارنىڭ ئون ھەسسىگە تەڭ كېلپ قالاتتى ، شۇڭىمۇ ھەممەيلەن بېشىنى ئۈستەل تارمىسىغا تىقىپ كىنو كۆرۈپ ئولتۇرغاچقا سىنىپتا دەرىس ئاڭلايدىغانلار قالمىدى .شۇنداق قىلىپ باشقا قىزلارمۇ لىيىڭزەينىڭ دەردىدە ئىنتاھاندىن قېلىش ھەتتا مەكتەپتىن ھەيدىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. بۇنداق بولسا قانداق بولغىنى ، سىنىپتا مەن چاق -چاق قىلىپ چىشىغا تېگىدىغان ، چاچلىرىنى چۇۋۇپ تېرۈكتىرىدىغان ، دادامنىڭ مىڭ جاپادا تاپقان پۇلغا ئاشخانىلارغا  غادايغىنىمچە ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ مېھمان قىلىدىغان  ئاشۇ قىزلار بولمىسا مېنىڭ بۇ مەكتەپتە قانداق ئوقۇغۇم كېلىدۇ  ، شۇڭا ئۇلارغا نەسىھەت بولسۇن دەپ بۇ ھېكايىنى يازدىم ، بەلكىم بۇنى كۆرسە لىيىڭزەينىڭ جىنى چاپلاشقان قىزلار ھوشىنى تېپىپ قالار .

1

تېما

2

دوست

1455

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21391
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 18:35:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستاق پۇرلا قىرىندىشىم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

613

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25568
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 19:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا ھا.ئالامەت.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 22:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ئاشۇرۋەتىڭلىمۇ قانداق يىگىتلەر ؟ئۇنچىلىكمۇ ئېغىر ئەمەستۇ ؟سەل چەكتىن ئېشىپ كىتىپ قالدىمۇ قانداق ؟

0

تېما

0

دوست

183

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28076
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 22:51:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئى ئاللاھ   بەندىلىرىڭگە ئىنساپ ،ھىدايەت ئاتا قىلغىن ! ئامىن !

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 22:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0999guzel يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 22:46
بەكلا ئاشۇرۋەتىڭلىمۇ قانداق يىگىتلەر ؟ئۇنچىلىكمۇ  ...

ھە ئە سەل مۇبالىغە بولۇپ قالدى، لېكىن تۈركىيە كورىيە فىلىمرىنىڭ بىزنى ۋاقتىمىزنى ئېلىۋاتقانلىقى ، بىكار تەلەت، غايىسىز قىلىپ قويۇۋاتقانلىقى، ھەتتا قۇرۇق خام ىىياللارغا ئەسىر قىلىۋاتقىنى راست، شۇڭا مۇشۇنداق مۇبالىغا قىلىنغان ئاچچىق كىنايە ئىشلىتىشنى ئويلاپ قالدىم

0

تېما

3

دوست

1300

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27920
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 11:25:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرىڭىزغا بارىكاللا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )