قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 793|ئىنكاس: 12

ئېسىڭىزدە بولسۇن، 23-ئاپرېل دۇنيا كىتاب ئۇقۇش كۈنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

11

دوست

3510

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 00:23:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«دۇنيا كىتاب ئۇقۇش كۈنى»  ھەققىدە پاراڭ

ئەكبەر قادىر


ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دۇر. بۇ كۈن ئىنسانلارنى كىتاب ئوقۇب بىلىمدىن تەڭ بەھىرلىنىشكە چاقىردىغان، تۇرمۇشنى، ھاياتنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ مەنلىك ئۆتكۈزۈشكە چاقىردىغان خاسىيەتلىك كۈندۇر. بۇ كۈن يەنە دۇنيادا «ئەدەبىياتقا سىمۋول قىلىنغان كۈن» دەپمۇ تەرىپلىندۇ. بۇ يىل 16-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. ئۇنداقتا بۈ كۈن قانداق بارلىققا كەلگەن؟بۇ كۈندە قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدۇ؟ بۇ كۈننىڭ ئەھمىيتى قانداق؟



  بىرىنچى: «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نىڭ بارلىققا كېلىشى.


  دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنىڭ تولۇق ئاتىلشى«دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى» بولۇپ ئادەتتە يەنە قىسقارتىلىپ «دۇنيا كىتاب كۈنى» دەپمۇ ئاتىلدۇ. بۇ ئاتالغۇنى ئەڭ دەسلەپ خەلئقارا نەشىرىيات سودىگەرلىرى ئويۇشمسى ئوتتۇرىغا قويغان. 1972-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت مەھەكمىسى پۈتۈن دۇنياغا «ئوقۇشچان جەمئىيەتكە يۈزلىنىش» چاقىرغىنى چىقارغان ھەم جەمئيەتتكى ھەر بىر ئادەمدىن كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشنى ئۆز تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1995-يىلى خەلقئارا نەشىرىيات سودىگەرلەر ئويۇشمىسىنىڭ 25-قېتىملىق يەر شارى خارەكتىرلىك قورۇلتىيىدا «دۇنيا كىتاب كۈنى» ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمتى تەرپىدىن بۇ پىلان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسىگە رەسمىي يوللانماقچى بولغان. كېيىن روسىيەنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن «دۇنيا كىتاب كۈنى» دىگەن نام «دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقوقى كۈنى» دىگەنگە كېڭەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت مەھكىمسىنىڭ 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە ئېچىلغان 28-قېتىملىق قورۇلتىيىدا قارار ماقۇللىنىپ ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىنى «دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى» قىلىپ بىكىتىش رەسمىي قارار قىلىنغان.«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»نى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى قىلىپ بېكىتىشنىڭ ئالاھىدە مەناسىمۇ بار. ئىسپانىيەنىڭ كاتايلۇنىيە دىگەن يېرىدىكى خەلىقلەر ئارسىدا ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر پارچە كىتاب سېتىۋالغان كىشىگە بىر تال ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلىشتەك ئەنئەنۋى پائالىيەت داۋام قىلىپ كەلگەن.رىۋايەت قىلىنىشىچە كاتايلونىيەدە جورجى ئىسىملىك بىر يىگىت بىر مەلىكىنى ۋەھشى ھايۋاننى ئۆلتۈرۈپ قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىكەن. رەھمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەلىكە يىگىتكە كۈچ ۋە بىلىمنىڭ سىمۇۋۇلى سۈپىتىدە بىر كىتاپ سوۋغا قىلىپتۇ. يىگىتمۇ مەلىكىگە بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىپتۇ. بۇ دەل 4- ئاينىڭ 23- كۉنى ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھەر يىلى مۇشۇ كۈن كەلگەندە قىز- ئاياللار يىگىتى ۋە يولدىشىغا كىتاپ تەقدىم قىلىپ، يىگىتلەر ۋە ئەرلەر قىز دوستى ۋە ئايالىغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىپ بۇ كۈننى خاتىرلەيدىغان بولۇپتۇ.


  بۇ ھال كېيىن شۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدە ئېلىپ باردىغان ئەنئەنۋى پائالىيتىگە ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچسى سىرۋانتېس(1616-1547) ۋاپات بولغان كۈن. ئىسپانىيەدىكى داڭلىق يازغۇچىلار بۇ كۈنى بىر يەرگە يىغلىپ سىرۋانتېسنىڭ «دونكىخوت» ناملىق روماننى ئىككى مىنۇتتىن ئۈنلۈك ئوقۇش پائالىيتىنى ئېلىپ باردىكەن. دەل مۇشۇ كۈنى يەنە دۇنيانىڭ يەنە بىر يېرىدە- ئەنگىليەدە مەشھۇر داراماتروگ شېكىسپىر خاتىرلىندۇ. شېكىسپىر 1564-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى توغۇلۇپ 1616-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان. ئەنگىليە خەلقى بۇ ئاجايىپ ئوخشاش كۈننى زور داغدۇغا بىلەن خاتىلەپ ئۆزلىرنىڭ شېكىسپىردىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىيات پىشۋاسىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرشىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت مەھكىمسىنىڭ بۇ كۈننى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى قىلىپ تاللشىمۇ بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى مەشھۇر يازغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت جەمئيتى ۋە مەدەنىيتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىلىرنى كىشلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ ياشلارغا، بالىلارغا كىتاب ئوقۇشتىن كېلدىغان خوشاللىقنى بايقۇغۇزۇش ئۈچۈن بولغان.


  ئىككىنچى، «كىتاب ئوقۇش كۈنى» دىكى پائالىيەتلەر.


  دۇنيادا كىتاب ئوقۇش كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ پائالىيەت يۈزدىن ئوشۇق دۆلەت ۋە رايۇنغا كېڭيىپ داغدۇغلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. ھەر يىلدىكى كىتاب ئوقۇش كۈنىدە بىر چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ شۇ چاقىرىق ئاستىدا ھەر قايسى چوڭ كىتابخانلار، ئاخبارات ۋاستىلىرى، نەشىرىياتلار، مەكتەپلەر، سودا سارايلار، ئىجتىمائىي رايۇنلار كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتاب ئوقۇش، ئويۇن قويۇش قاتارلىق مول-پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كىشلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ. 2009-يىلدىكى كىتاب ئوقۇش كۈننىڭ چاقىرغى «كىتاب ئوقۇب بىرلىكتە ئۆسەيلى» دىگەندىن ئىبارەت بولغان. 2010-يىلىدىكى چاقىرغى بولسا«كىتاب ئوقۇپ شاتلىنايلى» دىگەندىن ئىبارەت بولغان.


  نۆۋەتتە ئىلمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇنىدا كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيتى تەشكىللىك ھەم داغدۇغلۇق قانات يايدۇرۇلماقتا. دۆلىتىمىزدە 1997-يىلى تەشۋىقات مىنىستىرلىگى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىگى، دۆلەت مائارىپ كومتىتى، رادىئو مىنىستىرلىگى، ئاخبارات نەشىرىيات باش مەھكىمسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئىتپاق مەركىزىي كومتىتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇن بىرلىكتە «مەملىكەت بويىچە بىلىم قورلۇشى» نى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ھەققىدە ئۇختۇرۇش» نى تارقىتىپ «ئومۇمى خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ئوقۇشچان جەمئىيەت قورۇش» نى مەقسەت قىلغان «بىلىم ققورۇلش» نى تەشەببۇس قىلدى. 2000-يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك بىلىم قورلشى رەھبەرلىك گۇرپپۇسى ھەر يىلى 12-ئاينى ئېلمىزنىڭ «ئومۇمى خەلق كىتاب ئوقۇش ئېيى» قىلىپ بىكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 12-ئايدا ئېلمىزدە ھەر قايسى جايلاردا كىتاب ئوقۇپ بىلىم تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلدىغان بىر خىل پائالىيەت ئۆتكۈزلۈپ كېلىنمەكتە. مەملىكىتمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆگۈنۈش تىپىدىكى جەمئىيەت قورۇش، ئۆگۈنۈش تىپىدىكى ئورگان-تەشكىلات قۇرۇش ئۆگۈنۈش تىپىدىكى ئائىلە قورش قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرلۈپ دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈننىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيتىلدى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى.


  دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيتى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوخشىمغان دەرىجىدە ۋە ئوخشىمغان ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلدۇ. مەسلەن: ئەنگىليەنى ئالساق، ئەنگىليەدە كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيتى 3-ئايدىلا باشلىنىپ كېتىدۇ. مەكتەپلەر، كۈتپخانىلار، كىتاپخانلار ئويۇشتۇردىغان كىتاب ئەسەرلىردىكى پىرسۇناژلارنى دوراش موسابىقسى، چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ھېكايە سۆزلەش پائالىيتى، كىتاب كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىش، قىممىتى بىر فونسترلىڭلىك كىتابقا ئالماشتۇرۇلدىغان بىلەت تارقىتىش...قاتارلىق تۈرلۈك خاتىرلەش پائالىيەتلەر مىڭ خىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ.


  دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ئىسپانىيەدە تېخىمۇ قىززىپ كىتىدۇ. چۈنكى ئىسپانىيەدە كىتاب ئوقۇش كۈننى ئۆتكۈزۈش ناھايتى ئوزۇن يىلاردىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئەنئەنە. ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدە ھەر قايسى جايلاردا چوڭ-كىچىك كىتاب كۆرگەزمىلىرى ئېچىلدۇ. كوچىلاردىمۇ كىتاب يايمىلىرى ئېچىلىپ قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كىلدۇ. قىزىق يىرى شۇكى، بىر پارچە كىتاب سېتىۋالغان كىشىگە بىر تال ئەتتىرىگۈل سوۋغا قىلىندۇ. بۇ كۈنى كىتابلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن بىلەن ئەتتىرگۈلنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ.


  بۇ كۈندە ھەر يىلى مىكسىكىدا بولسا ئىسپان تىلدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەربويىچە خەلقىئارالىق كىتاب كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ كىلنىۋاتىدۇ.نەشىرىيات سودىگەرلىرى،ئەدەبىياتۋاستىچىللىرى،تەرجىمانلار،كۇتۇبخانا خادىملىرى بىريەرگە يىغىلىپ سودا خاراكتىلىك ياكى كەسپى خاراكتىرلىك ئالماشتۇرۇشلارنى ئىلىپ بارىدۇ.بۇ كۆرگەزمە 9 كۈن داۋام قىلىدۇ.كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى تەخمىنەن تۆت يۈز مڭغا يېقىنلىشىپ جەنۇبى ئامرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ،ئەڭ تەسىرى بار پائالىيەت بولۇپ قالىدۇ.


  ياپۇنيە ھۆكىمىتى كىتاپ ئوقۇش كۈنۈنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقتتا بۇكۇننى يەنى ياپۇنيەنىڭ‹‹بالىلاركىتاب ئوقۇش كۈنى›› قىلىپ بېكىتكەن.بۇنداق قىلشاتىكى مەقسەت بالىلار كىچكىدىن كىتاب ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىل،تەسەۋۋۇرقابىليىتىنى تەربىيەلەش شۇنىڭدەك كىشىلىك ھايات تەجرىبىللىرى بىلەن چوڭقۇرراق ئۇچراشتۇرۇش ئىكەن.كورىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى››خاتىرە ماركىسى تارقىتىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كورىيە باللىرىنىڭ ئوقۇغان كىتاب ۋە يازغان خەتلىرىنىڭ بۇ ماركا ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر-بىر يېرىگىچە يىتىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن.


  دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈ نىنى خاتىرلەش يۈزسىدن ئۆتكۈزىلدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى مول،شەكلى ھەرخىل بولۇپ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئۆزئالدىغا ئىلىپ بىرىلىدۇ.بۇ پائالىيەت ئاساسلىغى جەمىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ۋە يازغۇچىلار،نەشىرياتچىلار،ئوقۇتقۇچىلار،كۈتۈپخانىلار،ئاممىۋى تەشكىلاتلار،ئاخپارات تارقىتىش ۋاستىللىرى قاتارالىق تەرەپلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ۋە قوللىشى،قاتنىششى بىلەن قانات يايدۇرلىدۇ.بۇ كۇندە نەشىرياتچىلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن-مەدەنيەت مەھكىمسى تەرپىدىن بۇخاتىرە كۈنىگە ئاتاپ مەخسۇس لايھىلەنەن بەلگە چۈشۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى،بۇيۇملارنى سېتىش پائالىيتى ئېلىپ بارىدۇ.ئېقتىسادى قالاق رايۇنلارغا ۋە باشقا تۆۋەن قاتلام رايۇنلىرغا ،كۈتۈپخانلارغا كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار مەكتەبلەردە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىلىرىنىى تەشكىللەيدۇ.يازغۇچىلارنى،ئوقۇرمەنلەرنى،ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئاتا-ئانلارنى بىريەرگە يىغىپ ئەدەبىيات توغرىسىدا لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.ياش پىدائىلارنى تەشكىللەپ ياشانغانلار،ئەمالارنىڭ ئۆيلىرىگە،ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.ئاممىۋى ئاخبارات تارقىتش ۋاستىللىرى بولسا بۇ كۈندە گېزىت،‍ژۇرنال بەتلىرىگە كىتاب ئوقۇش،نەشىر ھوقۇقى دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردىكى ماقالىلەرنى باسىدۇ.رادىئو-تېلۋىزىيە ئېستانسىلىرى بولسا كىتاب ئوقۇش مەزمۇن قىلىغان مۇھاكىمە،زىيارەت،مۇسابىقلەرنى تەييارلاپ ئاڭلىتىدۇ ياكى كۆرسىتىدۇ.يېڭى يازغۇچى،شائىرلارنى،مۇزىكانتلارنى تونۇشتۇرىدۇ.يازغۇچى-شائىرلار كىتابخانلار بىلەن بىرلىكتە ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ.ئوقۇمۇشلۇق زادلار ئېقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىى،نەشىر ھوقۇقى قانۇنى،ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش ھەركىتى قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان ئەركىن مۇھاكىمە-مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. كۈتۈپخانلار بولسا بۇ كۈننى ئومۇمى خەلق كىتاب ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى توپلاپ ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىپ بىرىدۇ. تام گېزىتى، قار دوسكا چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن بۇ كۈننى خاتىرلەيدۇ.


  ئۈچۈنچى «كىتاب ئوقۇش كۈننى» دە كىتاب ئوقۇيلى.


  كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش توغىرسىدا داناللار، يازغۇچى-شائىرلار، ئالىملار ناھايتى كۆپ ھېكىمەتلەرنى قالدۇرغان. ئولۇغ پىرولتارىيات يازغۇچىسى گوركىي« كىتاب ئىنسانىيەتتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى پەلەمپەي» دىگەن. مەشھۇر دىراماتروگ شىكېسپىر« كىتاب دۇنيادىكى ئەڭ زور ئوزۇقلۇق» دىگەن. بىز ئاددەتتە كىتابنى تۈگمەس بۇلاققا ئوخشىتىمىز، كىتاب ئىنسانلار ئۈچۈن خوشاللىق بەخىش ئىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ، بىلمىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. كىتاب-ئۇ نۇرلۇق چىراغ، كىتاب-ئۇ پايانىي يوق دېڭىزدۇر. كىشى تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالىمەن دەيدىكەن كىتابقا مۇراجئەت قىلشى كېرەك! بىلىم ئېلىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئويلىسا كۆپ كىتاب ئوقۇشى كېرەك.


  جەمئيەتتە كىتاب ئوقۇماي ئالىم بولغان، كىتاب ئوقۇماي ياراملىق بولغان كىشى يوق. ئىنسانىيەت جەمىيتىنىڭ تەرەقىياتىغا ھەسسە قوشقان بارلىق ئىستىدات ئىگلىرى توختىماي كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇپ تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق يىتشىپ چىقان.


  بەزى كىشلەر ئۆزىنى كۆپ كىتاب ئوقۇغان دەپ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ. خۇددى دۇنيادىكى بارلىق بىلىملەرنى ئاشۇ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىلىپ بولغاندەك ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز بىلەن بىز ئوقۇيدىغان كىتاب تېخى كۆپ، كىتابنى قانچە ئوقۇساق شۇنچە ئازلىق قىلىدۇ. خۇددى دېڭىزنىڭ چېتى كۈرۈنمىگەندەك كىتاب ئوقۇشنىڭمۇ ئاداقى مەنزىلىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بىز كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇماسلىقىمىز كېرەك. كىتابنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇشققا ئەھمىيەت بىرىشمىز كېرەك. كىتاب ئىچىدىكى بىلملەرنى كالىمىزغا، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئىگەلىۋېلشىمىز لازىم. شۇنداق قىلالىساق، كىتاب بىز ئۈچۈن ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ بولغان بولدۇ.


  «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نىڭ بىز ئۈچۈن قىمىتتى ئىنتايىن زور. جەمئيتىمىز بىلىم ئىگلىكى جەمئىيتىگە قەدەم باسماقتا. ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. بىلىش ئەقلىلىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. بۇنداق جەمئيەتتە كىتاب ئوقۇشلا بىزنى جەمئىيەت بىلەن ماس قەدەمدە بىزنى ئالغا باستۇرىدۇ. بىز دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈندىن ئىبارەت مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈننى خاتىرلەشنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىنتىلىشتەك ئىسىل خىسلەتنى جارىي قىلدۇرشىمىز، ھەمەيلەننى كىتاب ئوقۇپ مەدەنىيەت ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشكە دەۋەت قىلشىمىز كېرەك. بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيتى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىك، مەڭگۈ كىتاب ئوقۇيدىغان پۇقرالاردىن بولۇشقا ئاساس سېلشىمىز كېرەك. مانا بۇ بىزنىڭ كىتاب ئوقۇش كۈنىدىكى نىشانىمىزدۇر.


  كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيتى شۇ يەردىكى بۇ بىزگە بىلىم بىرىپ روھىمىزنى مول، ھېسياتىمىزنى جۇشقۇن ئادەمگە ئايلاندىردۇ. بىزنىڭ دۇنياننى بىلشىمىزگە يول ئېچىپ بىرىدۇ. قەلبىمىزنى دۇنياننىڭ ھەر قايسى جايلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. بىز كىتاب ئارقىلىق دۇنيادىكى ئىنسانلار بىلەن سىردىشالايمىز. ئۇلارنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، نىمىلەرنى قىلۋاتقانلىقىنى، يەنە نىمە ئىشلارنى قىلماقچى ئىكەنلكىنى بىلەلەيمىز. بىز يەنە كىتاب ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيادىكى يېڭى-يېڭى ئىلىم-پەن ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز. كىتابنىڭ بۈەۈنكى كۈندە مەنىۋىي قىمىتىدىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي قىمىتىمۇ كۈنسايىن روشەنلەشمەكتە. نۆۋەتتە كىتابخانىلارغا قارايدىغان بولساق، يېزا-ئىگلىكى، چارۋىچىلىق ۋە باقمىچىلىققا، قول-ھۈنەرۋەنچىلىككە شۇنڭدەك تۈرلۈك ئىگلىك تىكلەش يولىرغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تونۇشتۇردىغان، چۈشەندىردىغان كىتابلارنىڭ كۆپلەپ نەشىر قىلىنۋاتقانلىقنى كۆرىمىز. بۇنداق كىتابلار نەق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارتىدىغان ۋە رىئاللقتا ئىگلىك تىكلەشكە ياردەم بىردىغان خارەكتىرى بىلەن ئۆزىنىڭ قىمىتىنى جارىي قىلدۇرماقتا.


  كىتاب كىشلەرنىڭ دۇنياننى توغرا بىلىشتىكى قۇرالى بولۇپلا قالماستىن يەنە، كىشلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى يېقىن ھەمراھىغا ئايلانماقتا. ئۇ كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ئەقىل كۆرسەتكۈچى، يول كۆرسەتكۈچلۈك رول ئوينىماقتا. دېھقانلار، چارۋىچىلار شۇنڭدەك، قول-ھۈنەرۋەنلەر ئۆز ساھاسىگە دائىر كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىقمۇ ئۆزلىرنىڭ ئىلمىي ئىش قىلىش سەۋىيتسىنى ئاشۇرىماقتا. نۆۋەتتە يېزا-كەنىتلەردە دېھقانلار ئۈچۈن قىرائەتخانىلار قورۇلۋاتىدۇ. دېھقان ئائىلىلىردىمۇ كىتاب بولۇش شەكىلىنۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەمىسى كىتابنىڭ ئىقتىسادىي قىمەت يارتىۋاتقانلىقنىڭ نەتىجىسدۇر.بىزدە كىتاب ئوقۇش زىيالىلارنىڭ قىلدىغان ئىشى دەپ قارىلدىغان بىر يامان ئادەت بار. بۇ ئادەتنىڭ تەسىرى ھازىرمۇ بەزى يەرلەردە ساقلانماقتا. ھەتتا بەزىدە«كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تۇيامدۇ؟» دەپمۇ قويمىز. بىزنىڭ خەلقىمىز ئۇزاق مەزگىل جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغىلىنىش جەريانىدا ئەقلى ئەمگەكنڭ رولىنى تەرك ئىتىشتەك ئادەتكە كۈنۈپ قالغان. ھەممە نەرسىنى قول سېلىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىقلا بەرپا قىلىپ كەلگەچكە ئەقلىي ئەمگەكنىڭ رولىغا بولغان چۈشەنچىسى سۇسلاپ كەتكەن. زىيالىلرمىز زىيالى پېتى، دېھقانلىرىمىز دېھقان پېتى ياشاۋىردىغان ھالەت ئىككى خىل ئەمگەكنىڭ ئۆز-ئارا سېڭشىشنى توسۇپ كەلگەن. كىشلىرمىز بۈگنكى كۈندە ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ قىمىتىنى باشقىدىن مۆلچەرلىمەكتە. كىتابنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشغا ئېلىپ كىلۋاتقان پايدىسنى تونۇپ يەتمەكتە. ئىلمىي تېرىقچلىق قىلىش، ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىش يولدا كىتاب تەمىنلىگەن بىلنلەرنى يىتەكچى قىلماقتا. ھازىرقى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا كىتاب ساقلاش، ئائىلە كۈتب‍خانىسى قىلىش شەھەرلەردىن يېزىلارغىمۇ كېڭىيۋاتىدۇ. بەزى دېھقانلارنىڭ ئلايىگە كېرسىڭىز يېزا-ئىگلىكىگە، يېڭى ئۇچۇرلارغا دائىر مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۈرەلەيسىز.


  كىتاب ئوقۇش جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەكتە. كىتاب ئوقۇش ئادەملەرنى ئۆزگەرتمەكتە. ئادەملەر ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەت، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيا توغىرسىدىكى بىلىشلىرنى كىتابقا پۈتمەكتە ھەم كىتابتىن ئالماقتا شۇڭا كىتاب ئوقۇيلى؟ كىتاب ئارقىلىق روھىي دۇنيارىمىزنى مول قىلايلى. روس مىللىتىنىڭ كىتابخۇمارلىقى ھەمەيلەنگە ئايان. روسىيە ئەينى يىلاردا ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغاندا روس خەلقى«ئۆيمىزدە بولكا بولمىسىمۇ كىتاب بار» دەپ كۆڭلىنى توق تۇتۇپ يۈرۈپتىكەن. مانا بۇ نىمدىگەن ئالىيجانابلىق ھە! روس خەلقىنىڭ شۇنچە زور ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردىن غالىب كىلىب، بۈەۈنكىدەك قايتا تەرەقىياتقا ئىرشەلىشىدە كىتابنىڭ ئۇلارغغا بېغىشلىغان روھىي كۈچۈ مۆلچەرلىگسىز بولدى. دېمەك، كىتاب بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۈچۈن مەنىۋىي ئوزۇق ھېسابلىندۇ. ئۇنىڭ روھىي قۇدىرىتى ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىنتىلشىدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن يەنە ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چۈشۈنشىدە، ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتپاق ياشىشىدىمۇ ئىپادىلىندۇ. ئۆز ھاياتىنى سۈيۈپ گۈزەلىك يارتىشى ئۈچۈن تىرشىشىدىمۇ ئىپادىلىندۇ.


  «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»ھەمەيلەنگە ئورتاق كۈن. بۇ كۈندە تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇيلى! تېخىمۇ كۆپ كىتابنى دوست تۇتايلى!





2. قۇشۇمچە مەزمۇن:

  "ئۇنتۇلىۋاتقان ئەنئەنىمىز-- كىتاب مەدەنىيىتى"

ئۇيغۇرلار قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، مىڭئۆي بۇددا سەنئىتى ۋە خەلق مەشرەپلىرى… ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىدۇر.
ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ قىزىقارلىق ئويۇن تۈرلىرىدىن باشقا يەنە ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش تەرتىپ–ئىنتىزاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كەڭ دائىرىدىكى ئەدەپ–ئەخلاق ۋە ئىلىم–مەرىپەت تەربىيەسى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ تۈرى ۋە مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ «گۈلخان مەشرىپى»، «قوغۇن مەشرىپى»، «توي مەشرىپى»، «ناماقۇللۇق مەشرىپى»، «قۇم سەيلىسى مەشرىپى»، «جۇۋان توي مەشرىپى»، «قارلىق مەشرىپى»، «نورۇز مەشرىپى»، «كىتاب مەشرىپى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ يۇقىرىقى مەشرەپلەر ئىچىدە «كىتاب مەشرىپى» بىر قىسىم كىشىلەرگە غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەجدادلىرىمىز سەنئەتنىلا ئەمەس، ئىلىم–پەننىمۇ قىزغىن سۆيۈپ كەلگەچكە، ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بېرى «كىتاب مەشرىپى»نى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «كىتاب مەشرىپى» باشقا مەشرەپلەرگە قارىغاندا، ئانچە تىلغا ئېلىنمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولدى. ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئىچىدە «كىتاب مەشرىپى»نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىزغا ئۇسسۇزلۇق بېرىدىغان ئەزىم دەريا.
كىتاب مەشرىپى ھەر قىشلىقى كىشىلەر بىكار بولۇپ قالغان چاغلاردا كۆپرەك ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەمما بارات ئېيى بىلەن رەببىيەل ئەۋۋەل ئېيىدا چوقۇم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەشرەپتە ئەرلەر بىر ئۆيگە يىغىلىدۇ، ئاياللار ئەرلەر يىغىلغان ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆيدە ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ ئولتۇرىدۇ. بىلىملىك كىشىلەر كىتاب ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرىدۇ. كۆپىنچە ھالدا ئەدەپ–ئەخلاق توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇيدۇ. بالىلارمۇ كىتاب مەشرىپىگە قاتنىشىدۇ. بالىلارغا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى ئاشۇرىدۇ. بەزىدە مەشرەپتە ساز چېلىنىپ، تارىخىي ناخشىلار ئېيتىلىدۇ. بەزىلەر مەشرەپ دېسە، ساز چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئورۇندايدىغان ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، دەپ بىلىدۇ. بىراق، قەشقەردە «قەشقەر كىتابخانلىق مەشرىپى»، قومۇل، ئاقسۇدا «كىتاب مەشرىپى»، دولانلىقلاردا «بېيىت–قوشاق ئېيتىشىش مەشرىپى» ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، كىتابنى ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى بارغانسېرى كۈچەيگەن. كىتاب بۇرۇنقىلارنىڭ ئەقىل–پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، بىلگە–دانىشمەنلەرنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى مىراسى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن–مەدەنىيەت ئورگىنى 1972– يىلى دۇنياغا «ئوقۇشچان جەمئىيەتكە يۈزلىنىش» چاقىرىقىنى چىقىرىپ، كىشىلەردىن كىتاب ئوقۇشنى تەلەپ قىلدى. كىتاب، گېزىت–ژۇرناللار تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر بۇيۇمىغا، كىتاب ئوقۇش ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلاندى. 1995– يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن–مەدەنىيەت ئورگىنى 4– ئاينىڭ 23– كۈنىنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دەپ جاكارلىدى. بۇ كۈن دەل ئىسپانىيەلىك بۈيۈك يازغۇچى سېرۋانتېس بىلەن ئەنگلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى شېكىسپىرنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىدۇر. «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» جاكارلانغاندىن بۇيان، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
بىر قىسىم ئەللەر ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق بولسىلا، باشقا مىللەت ۋە باشقا ئەللەردىن ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۆزىدە بار ياخشى ئادەت، ئۆزگىچىلىكلەرنى پائالىيەت، مۇراسىم ۋە بايرام شەكىللىرىدە قوللىنىۋاتىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بار بولغان، ئىجابىي قىممىتى زور مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان «كىتاب مەشرىپى»مىزنى داۋاملاشتۇرمايمىز؟
يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن مەشرەپ ئۆتكۈزۈلدى. ئەمما، بىرەر قېتىممۇ كىتاب مەشرىپى ئۆتكۈزۈلمىدى. بۇ نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنداقلا بايلىقىمىز بىلەن بارلىقىمىزنىڭ پەرقىنى ئېنىق بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، كىتاب مەشرىپىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز، كىتاب مەشرىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇش دولقۇنىغا ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇپ، كىتاب مەشرىپىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز لازىم.

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4221
توردىكى ۋاقتى: 4325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 13:09:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ‹‹قىرىق بىر يۈرەك›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى باشلىدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

2

دوست

2689

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 758
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 14:06:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ كۈننى بىلمەي ئۈتۈپتىمەن ،ئۆزۈمگە ئېچىندىم .......!

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 15:02:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە !ئەسىلدە بۇنداق خاسىيەتلىك كۈنمۇ باركەندە ؟توۋا مىنىڭ تېخىچە بىلمەي يۈرگۈنۈمنى قاراڭلار

0

تېما

0

دوست

1654

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28150
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 15:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ىسلام كىتاپلا سېتىلىدىغان تاۋباۋ ادىرسىنى دەپ بەرسەڭلار بوپــتىكەن،اي پەتتتە باش ا ھەرىپىنى قانداق يازىدۇ؟رەھمەت

2

تېما

1

دوست

4417

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10928
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 221
تۆھپە : 1193
توردىكى ۋاقتى: 380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 15:27:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە جەپ ئەھمىيەتلىك كۈن ئىكەن ،بۇنىمۇ بىلىۋالدىم .رەھمەت

0

تېما

0

دوست

385

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   42.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21949
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 17:34:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
teqwa يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 15:03
ماڭا ىسلام كىتاپلا سېتىلىدىغان تاۋباۋ ادىرسىنى دەپ بە ...

http://paraset.taobao.com/?spm=a1z10.5.0.0.vDzsvo

0

تېما

0

دوست

324

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25660
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 19:07:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
teqwa يوللىغان ۋاقتى  2014-4-23 15:03
ماڭا ىسلام كىتاپلا سېتىلىدىغان تاۋباۋ ادىرسىنى دەپ بە ...

ئا  ھەرىپى  ؟ف
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )