قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 546|ئىنكاس: 2

NASA: «يەر شارى كۈنى» پائالىيىتىگە تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 09:25:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناسا سىزنى «يەر شارى كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ


بىلىمخۇمار

2014-يىلى 22-ئاپرېل



      «بىرلەشكەن دولەتلەر مائارىپ، ئىلىم-پەن، ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى» (ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ «UNESCO» دەپ يېزىلىدۇ) 1970-يىلى قارار ئېلىپ، ھەر يىلى 22-ئاپرېل كۈنىنى «خەلقئارا يەر شارى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.  شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلنىڭ 22-ئاپرېلدىكى «يەر شارى كۈنى» خاتىرلىنىپ كەلىۋاتقان بولۇپ،  ھازىر بۇ پائالىيەتكە جەمى 192 دۆلەت قاتنىشىدۇ.  

2014-يىللىق «يەر شارى كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ناسا « #GlobalSelfie » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالاھىدە پائالىيەت  ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، سىزنى شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا بارلىق كىشىلەرنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە، بۇ پائالىيەتكە سىزنىڭمۇ قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

2014-يىلى ناسا نىڭ يەر شارى ئىلمى ئۈچۈن بىر ئىنتايىن مۇھىم يىل بولۇپ، بىزنىڭ ئانا پلانەتىمىزغا ئائىت ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلارنى يىغىش ئۈچۈن،  بۇ يىل ناسا جەمى 5 دانە ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدۇ.  ناسا بۇ مۇھىم يىلنى «ھازىرقى يەر شارى» (Earth Right Now) دەپ ئاتىلىدىغان بىر پائالىيەت بىلەن خاتىرلىمەكچى.  بۈگۈن بىزنىڭ ئىدارە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 22-ئاپرېل «يەر شارى كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ناسا سۈنئى ھەمرالىرى ئالەم بوشلىغىدا تۇرۇپ، يەر شارىغا ھەر ۋاقىت قاراپ تۇرىدۇ.   شۇنداق بولسىمۇ، بۇ قېتىم ناسا سىزدىن يەر شارىنىڭ قايەرىدە بولسىڭىز، شۇ يەردە تۇرۇپ ئۆزىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان يەرنى رەسىمگە ئېلىپ، ئۇنى « #GlobalSelfie » دېگەن بەلگە بىلەن تۆۋەندىكى 5 ئىجتىمائىي مېدىئالارنىڭ بىرىگە چىقىرىپ قويىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىدۇ.  بۇ يىل 5-ئايدا ناسا ئاشۇ رەسىملەرنى يىغىپ، شۇلارنى ئىشلىتىپ، يەر شارىنىڭ بىر پارچە موزايكا رەسىمىنى ياساپ چىقىدۇ ( The indiwidual piktures tagged #globalselfie will be used to kreate a mosaik image of earth -- a new "blue marble" built bit by bit with your photos).  بۇ رەسىم «كۆك رەڭلىك مار مار تېشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى مۇنداق:


(1)تۆۋەندىكى تور بېتىگە كىرسىڭىز:
http://www.nasa.gov/content/goddard/globalselfie/#.U1bEJRBjtVA
ئۇ يەردە تۆۋەندىكى 1-رەسىمگە ئوخشاش بېسىپ چىقارغىلى بولىدىغان بىر پارچە رەسىم بار.  ئۇنى بېسىپ چىقىرىڭ.

(2) ئۇ رەسىمدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا سىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئىسمىنى يېڭىز.

(3) سىز ئاشۇ رەسىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، سىز تۇرىۋاتقان يەرنىڭ تەبىئەت مەنزىرىسى بىلەن بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈڭ.  ئۇ رەسىم تۆۋەندىكى 2-رەسىمگە ئوخشىسۇن.

(4) رەسىمنىڭ ئىسمىغا«#GlobalSelfie»  دېگەن سۆزنى قوشۇپ، بۇ رەسىمنى تۆۋەندىكى 5 ئىجتىمائىي مەدىئالارنىڭ بىرىگە چىقىرىڭ:

1)Twitter
2) Instagram
3) Google+
4) #GlobalSelfie event page on Facebook <https://www.facebook.com/events/233952006809533/>
<https://www.facebook.com/events/233952006809533/>
5) #GlobalSelfie group on Flickr <https://www.flickr.com/groups/nasa_globalselfie/>
<https://plus.google.com/events/co1tb2grr0msu375580rh2v6fg8>

ھازىرغىچە بىر قانچە مىڭ تاشقىي پلانېتىلار بايقالدى.  ئەمما، ناسا ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ يەر شارىنى تەتقىق قىلغاندەك تەتقىق قىلمايدۇ.  ھازىر ناسا نىڭ يەر شارىنى تەكشۈرىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇرلىرىدىن 17 سى بار بولۇپ، ئۇلار توختىماي يەر شارىنىڭ يەر يۈزى، دېڭىزى ۋە ئاپموسفراسىنى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار بىلەن تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.  ئاشۇ تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق يىغىلغان ئۇچۇرلار يەر شارىنىڭ بىر كۆرىنىشىنى، يەنى ئىلىم-پەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۈزەتكەندىكى كۆرىنىشىنى نامايان قىلىدۇ.  بۈگۈنكى «يەر شارى كۈنى» دە ناسا يەر شارىنىڭ باشقا بىر يېڭى كۆرىنىشىنى، يەنى يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ رەسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان كۆرىنىشى ياساپ، شۇ ئارقىلىق بىر «كۆك رەڭلىك مار-مار تېشى» رەسىمىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى.

ئەگەر سىز بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ قالسىڭىز، سىز تەييارلىغان رەسىمنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغان بولسىڭىز.  رەھمەت.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

[1] Make a #GlobalSelfie with NASA on Earth Day
<http://www.nasa.gov/content/godd ... e/#.U1bv7hBjtVC>

[2] <http://en.wikipedia.org/wiki/Earth_Day>

رەسىملەر:

1-رەسىم: رەسىمگە چۈشكەندە قولىڭىزدا كۆتىرىۋالىدىغان، سىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئىسمى يېزىلغان قەغەز

2-رەسىم: باشقىلار تارتقان رەسىمدىن بىر مىسال

3- ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەسىملەر:  2014-يلى 22-ئاپرېل كۈنى ناسا مەركىزى ج پ ل دە ئۆتكۈزۈلگەن «يەر شارى كۈنى» دىن بىر قانچە كۆرىنىشلەر.  بۇ رەسىمدىكى ماشىنىلار ھېچ قانداق ئىس چىقارمايدىغان قىلىپ لاھىيىلەنگەن ئىكەن.


3-رەسىم

3-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم

5-رەسىم

5-رەسىم

6-رەسىم

6-رەسىم

7-رەسىم

7-رەسىم

1

تېما

1

دوست

1419

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 15:50:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە يېزىپ يوللىساقمۇ بولسا مانى كۆرۈپ بىقىڭلار رەسىمنى تولۇق چۈشۈرسىڭىز ئاندىن پۈتۈن رەسىم كۆرنىدۇ..رەسىمگە قاراپلا ئىملاسى خاتادەك تۇيغۇ بىرىدىكەن..رەسمنى چۈشۈرسىڭىز ئاندىن تولۇق كۆرنىدىكەن.

ئۇيغۇرچىسى

ئۇيغۇرچىسى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

1945

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25749
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-24 03:56:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەركىن سىدىق ئاكا.سىزنىڭ سايىڭىزدە تەكلىماكانغا دۈملىنىپ دۇنيادىن ئايرىلغان بىر قەۋىم ھەنىم بولسا دۇنيادا قانداق يىڭىلىقلار بولىۋاتىدۇ ۋاقىپ بولۇپ تۇرىۋاتىمىز. بۇ دۇنيانى تەرىك ئىتىپ ئۇدۇنياغا ئىشتىياق باغلىغانلار ئۈچۈن بۇ ھىچقانچە قىممىتى يوق بولىشى مۇمكىن.ئەمما مەن ۋە مەندەكلەر ئۈچۈن بۇ بىر تىپىۋالغۇسىز .ئۇچۇر ئىكەن.ھىچ بولمىغاندا دۇنيانى س س ت ۋ دا ئەمەس سىزنىڭ كۆزىڭىزدە كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىۋاتىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )