- تىزىملاتقان
- 2013-5-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 540
- نادىر
- 0
- يازما
- 30
ئۆسۈش
8%
|
arkim يوللىغان ۋاقتى 2014-4-25 17:46
ئاپپاق خوجا خەلقنى قىرغىن قىلدى، دىننى بۇرمىلىدى، ئۆز ...
سىز شۇ دەۋرگە بېرىپ باققانمۇ ياكى بىرنەچچە پارچە روماندىن مىڭىڭىز يۇيۇلدىمۇ ؟
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەپ ھىساپلىسىڭىز باشقىلارغا بەرگەن باھا ئەگەر ئاساسسىز ياكى يالغان بولۇپ چىقسا نەقەدەر ئېغىر گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز شۇنداقمۇ يىگىت ؟
ئەگەر ئەھۋال سىز بۇ يەردە تىل ياغدۇرغاندەك بولماي چىقسا قانداق قىلىسىز ؟
مەسىلەن ئاددى ئىككى مىسال كەلتۈرەي ، ئاپپاق غوجىنىڭ دادىسى مەخدۇم ئەزەم ئۆمرىدە 150 پارچە كىتاپ يازغان ئۆز زامانىسىنىڭ چوڭ ئالىمى ، سىزنىڭچە ئاپپاق خوجا ئۆز دادىسىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆيدىرەمدۇ ؟
ئەمىلىيەتتە ئاپپاق خوجا كۆيدۈرگەنلىرى ئاماننىسا خېنىم قىدىرخان يەركەندى دىگەندەك ناخشا- ئۇسۇل مىللىتى پېشىۋالىرىنىڭ ئىشر- مۇھەببەت تەسۋىرلىنىدىغان ، كىشىنى ئىرادىسىزلىققا باشلايدىغان مۇشۇ تۈردىكى كىتاپلارنى كۆيدىرىۋەتكەن .
باشقىسى ئەگەر جۇڭغارىيەلىك تۆمۈر تاپان غالدان بەرىبىر يۇتىۋېتىمەن دەپ چىشىنى بىلەپ تۇرغان ، ئاشلىق سېڭى ھىساپلانغان قەشقەرىيەگە 300مىڭ موڭغۇل ئەسكىرىنى باشلاپ ئىستىلا قىلغان بولسا ، ئاپپاق خوجىنىڭ دىپلوماتىيە تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ۋاستىلىق رول ئوينىمىغان بولسا سىز بىلەن بىز بۇ كومپىيوتېردا ئۇيغۇرچە خەت ئەمەس ، موڭغۇلچە خەت چېكىپ ئولتىرار بولغىيتتۇقئەمەسمۇ ؟ بۇ ئاپپاق خوجىنىڭ ۋاستىلىق رولى بىلەن ئىگىمىز ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان رەھمىتى ئەمەسمۇ ؟
ئاپپاق خوجا مەسىلىسىدە گۇمانلىق نۇقتىلار بەك جىق ، كۆپرەك مىسال يازاي دىگەن ، لېكىن بۇ مۇنبەرگە بەكلا قارا قوساق تورداشلار يىغىلغان ئىكەن ، بۇنى ئالدىنقى تېمىلاردىن بىلدىم ، شۇنداق بولسىمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلغىم كەلدى : بىر تارىخى شەخسكە قانداق باھا بېرىمىز ؟ قارىسىغا تىللىساق ياكى ئاساسسىز ئىككى رومانغا تايىنىپلا تىلىساق بولامدۇ ؟ زۇلۇم بولۇپ قالسا كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا جاۋاپ بېرىدىغان ئىش بولۇپ قالمامدۇ ؟
دىگەن مەسىلىلەرنى ئويلىنىپ كۆرەيلى .
سىز بەلكىم كاللىڭىز ھاياجانغا توشقان ، لېكىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ باقمىغان بىر نادان ، ئەخمەق ، باشقىلار دۇتتار چېلىپ بەرسە بېشىڭىز قېيىپ يىقىلىپ چۈشكىچە توختىماي ئۇسۇل ئويناپ بېرىدىغان پاتتىڭى تۈز قىپقىزىل تىپىك ئۇيغۇر يىگىتى بولىشىڭىز مۈمكىن .
لېكىن ئىزدەنسىڭىز يۇيۇلغان مىڭىڭىز ئەسلىگە كېلىدۇ ، نادانلىقىڭىزنىڭ ئورنىنى مەرىپەت باسىدۇ ، ئاساسسىز گەپ قىلمايدىغان مەدىنىيەتلىك سالاپەتلىك مۇسۇلمان ئۇيغۇر يىگىتى بولۇپ غۇرۇرلۇق ياشايسىز ...
ئاللاھ ئىگىمىز ئوقى دىگەن ، لېكىن غەيۋەت قىلساڭ ئورنۇڭ دوزاق دەپ ئېنىق ئەسكەرتكەن ئىكەن بىز بۇنىڭدىن قورقۇپ كۆپرەك ئوقۇشىمىز ئەقەللى يول .
|
|