- تىزىملاتقان
- 2014-4-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 301
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
0.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يادىكار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-26 03:22
ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى شارائىتتا ئاپپاق غوجىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان سەۋەپنىڭ بىرسى ئۇنىڭ سەئىدىيە خاندانلىقىنى قولىغا ئېلىۋېلىش نىيىتىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلىكى، بۈيۈك سەئىدىيە خاندانلىقىغا كۈچى يەتمىگەندىكىن، غالداننىڭ كۈچىگە تايىنىپ مەقسىدىگە يېتىش خامچوتىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ تارىخى موھىتتا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن باشقىچە ئۇسۇل قوللانمىسا بولمايدىغان شۇنداق بىر شاراھىتقا توغرا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈكى ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشنى ئويلىغان ۋە ئاخىرقى نىشان قىلغان گوروھ چوقۇم قان تۆكۈش، قۇربان بېرىش بەدىلىگە شۇ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بولىدۇ، مەسىلەن مۇڭغۇللارنىڭ باتۇرى چىڭگىزخاندىن باشلاپ، چىن خاندانلىقىنىڭ بىرىنچى پادىشاھى نۇرخاچ، گومىنداڭ ئېنقىلابىنىڭ ئاساسچىسى سۇن جۇڭشەن، جياڭ جېشى، جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ داھىسى ماۋ زېدۇڭغىچە، چەتئەللەرنىڭ ھۆكۈمىرانلىرىدىن تۈرك پېرزىنتى كامال تۈركتىن باشلاپ گىرمانىيە پېرزىنتى گىتلېر، ھەممىسى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ كاللىسىنى ئالغان، قان تۆككەن، ھەتتا نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە سەۋەپچى بولغان. دېمەك شۇ تارىخى شارائىتتا ئاپپاق غوجىدەك ھاكىمىيەت بەرپا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەرقانداق بىر سىنىپ ياكى گوروھ جاھالەت يولىدىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇڭا بىر بىر تارىخى كىشىلەرگە باھا بەرگەندە شۇ كىشىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تارىخى مۇھىت، سىياسى موھىتغا باغلاپ تەھلىل قىلغىنىمىز تۈزۈك، ئەلۋەتتە «خەلق» نىقابىغا كىرىۋالغانلارمۇ يوق ئەمەس، نادان خەلقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ باشقىچە مۇددىئاسىغا يېتىش ئۈچۈن خەلقنى كۈچكۈرتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس، ماتىرىياللاردىن ئەكىس ئېتىشىچە، ئاپپاق غوجا باشقا كۈچلۈك كۈچلارگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسىدىگە يېتىشىمۇ ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشتىكى بىر سىتىراتىگىسى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى گومىنداڭمۇ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئامىرىكىغا، كومپاتىيەمىزمۇ سۆۋېت ئىتىپاقىغا تايىنىپ نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلغان، قان تۆككەن، ھەتتا قارشى چىققانلارنى باسقان....مەسىلەن بىزنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ھەرىكىتىدىلا مەملىكەت بويىچە 2 مىلىيۇندىن ئوشۇق ئادەم ھەر خىل باھانە بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن...بۇ ھەقتە تەپسىلى مىساللارنى ئالمىساقمۇ تارىخ كىتاپلارنى ئۇقۇغان ئادەم چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ... |
|